شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى ئۈمىد غېنى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ئالدى بىلەن شىركىتىمىز ۋە تورىمىز نامىدىن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر سالىمىمىزنى يوللايمىز ،ئەزىز تېنىڭلارنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىچىدە ئۆتىشىگە ھەمدە ئەلكۈيى تور بېكىتىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ چوڭقۇر مەنالارغا تولۇشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز.
ئىزدىنىش، تىرىشىچانلىق شۇنداقلا كەسىپكە بولغان ئوتتەك مىھىر - مۇھەببەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھەربىر ئېكران ئىشتىراكچىسىدىن كۈتىدىغان تەلىۋى . خەلىق تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئارىمىزدىن بىر تۈركۈم تالانتلىق ياش رىياسەتچىلەر ئارقا -ئارقىدىن مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى،رىياسەتچىلىك خىزمىتى چوڭقۇر كەسپى ساپا،مول بىلىم سەۋىيەسى شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز تېرىشىش تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەت.يېقىندا "كۆڭۈلدىكى سۆز "پىروگىراممىسى بىلەن خەلىققە تونۇلغان، ، بېيجىڭدا ئىلىم - تەھسىل قىلىش سەۋەبىلىك بىز بىلەن تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا ئىككى يىل يۈز كۆرۈشمىگەن تالانتلىق رىياسەتچىمىز ئۈمىد غېنى بېيجىڭدىكى ئىككى يىللىق ئوقىشىنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>نىڭ بۈگۈنكى يېڭى سانىغا بىز ئۆزىنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى،كەسىپكە بولغان ئوتتەك مىھىر - مۇھەببىتى، يۇمۇرلۇق سۆزلىرى ،كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى قايىل قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال بىلىمى بىلەن تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكنى سەنئەت مۇقامىغا يەتكۈزگەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى ئۈمىد غېنىنى تورىمىزنىڭ تارقىتىش ئۆيىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ،ئۈمىد غەنىنىڭ كەسپىي ھاياتى شۇنداقلا ئۇنىڭ كەسىپتىكى تەجرىبىلىرىدىن ئىگىلىگەن رىياسەتچىلىك سەنئىتىگە ئائىت مەزمۇنلاردىن بىر مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئويۇشتۇرۇپ<<تالانتلىق رىياسەتچى ئۈمىد غېنى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت>> نامىدىكى فىلىمىمىزنى كەڭ ئەلكۈيىداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. زىيارەت جەريانىدا قانداق قىلغاندا ياراملىق بىر رىياسەتچى بولۇپ يىتىشىپ چىققىلى بولىدۇ؟ رىياسەتچىلىك سەنئىتى دېگەن نېمە ؟ يېڭىدىن يىتىشىۋاتقان رىياسەتچىلەر نېمىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك؟ خەلق رىياسەتچىلەردىن نىمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى<< ئەلكۈيى ئېكرانى>> پروگراممىسىنىڭ تەرەقىقىياتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ...دېگەنگە ئوخشاش ئوخشىمىغان نوقتىلاردىكى مەزمۇنلار ئەركىن ئازادە سۆھبەت تەرىقىسىدە سۆزلەپ ئۆتۈلدى. ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان،ئۇيغۇر رىياسەتچىلىرىنىڭ كەسپى سەۋىيىسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت فىلىمىمىزنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
زىيارەت فىلىمىنىڭ ئېنىقلىقى يوقىرى نۇسخىسى ۋە بىر قىسىم رەسىملەر جىددىي تورغا يوللىنىۋاتىدۇ.. ئۈمىد غېنى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەر
تالانتلىق رىياسەتچى ئۈمىد غېنى ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك جەريانىدىكى ئىشلىرى ھەققىدە ئەركىن ئازادە سۆزلەپ بەرمەكتە
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى ئۈمىد غەنى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن بىرگە
ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان مۇھەممەدتۇرسۇن ئۈمىدۋار، تالانتلىق رىياسەتچى ئۈمىد غېنى، ئەلكۈيى تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى قۇربان مۇھەممەتتۇرسۇن قاتارلىقلار بىرگە
ئەلكۈيى تورنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار،تالانتلىق رىياسەتچى ئۈمىد غېنى ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەتلەر بىرگە شىركىتىمىزدىكى بىر قىسىم خىزمەتچى - خادىملار ئۈمىد غېنى بىلەن بىرگە ئۈمىد غېنىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى ئۈمىدغەنى 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاربوز يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا قىزىققاچقا ، نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ، مەكتەپ ۋە ئۆز دائىرىسىدە مۇئەييەن ئىنكاسلارنى قوزغىغان . 1991-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى فاكولتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان، 1996-يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-قانىلىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .  ئۈمىد غەنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ، ئۆزى قىزىققان دائىرىدە قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن ھەم ئىزدەنگەن . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كەلگەندىن كېيىن ، تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرۇگراممىلىرىنىڭ ھەربىر ئۆتكىلىدە ئەستايىدىل ئىشلەپ ، ئەڭ ئاخىرى رىياسەتچىلىك سەھنىسىگە قەدەم قويغان . ئون نەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدا 80پارچىغا يېقىن ئەسىرى مەملىكەتلىك باھالاشلاردا 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . 2001-يىلى «مەملىكەتلىك 100مۇنەۋۋەر رىياسەتچى »نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان . 2004-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەتتىن تەركىب تاپقان 40قا يېقىن ئەر رىياسەتچى ئارىسىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە ئون مۇنەۋۋەر رىياسەتچى»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بىردىنبىر ئەر رىياسەتچى شەرىپىگە ئېرىشكەن. تالانتلىق رىياسەتچى ئۈمىد غەنى ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك كەسپى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي يەنە، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىشى بويىچە 200پارچىدىن ئارتۇق يېڭى ئۇسلۇبتىكى شېئىر ، ھىكايە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . شۇ سەۋەبلىك «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى »تەرىپىدىن ئاڭلىتىلغان بىر نەچچە ھىكايىسى جەمئىيەتتىكى ئەدەبىيات ئاۋانگارتلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ ، تەشكىللەپ يولغا قويغان «كۆڭۈلدىكى سۆز » پرۇگراممىسىدا سەككىز يىل رىياسەتچىلىك ھەم فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن ، 2009-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تەربىيلەش تۈرى بويىچە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئېنىستىتوتىدا ئۈن – سىن رېژىسسورلۇقى كەسپى بويىچە ئىككى يىل تەربىيلىنىپ ، يېقىندا قايتىپ كەلدى.
ئاخىرىدا شىركىتىمىز ۋە تورىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار،تورداشلار نامىدىن ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئىشلىرى،ئۇيغۇر رىياسەتچىلىك سەنئىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن،كەسپىگە ئوتتەك مۇھەببەت باغلىغان تالانتلىق رىياسەتچىمىز ئۈمىد غېنىنىڭ ئائىلىسگە ئوتۇق ۋە ئامەت تىلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز كەسپىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ ئېكران ئارقىلىق كەڭ قېرىنداشلارغا يۇقىرى سەۋىيەلىك ،مەزمۇنلۇق يېڭى - يېڭى پروگراممىلارنى سۇنىشىغا،بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ زور بولغان شان - شەرەپلەرگە ئېگە بۇلىشىغا چىن دىلىمىزدىن چوڭقۇر تېلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى |