رەسىمسىز مۇنازىرە: [--
مايلامچى بالا (ئەدەبىي خاتىرە)
--]
ئەلكۈيى مۇنبىرى
->
[تەرمىلەر]
->
مايلامچى بالا (ئەدەبىي خاتىرە)
[بېسىپ چىقىرىش]
كىرىش
->
ئەزا بولۇش
->
ئىنكاس يوللاش
->
تېما يوللاش
nursima
2011-07-30 13:12
مايلامچى بالا
(ئەدەبى خاتىرە)
2009_يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرى،سوغۇق ئېقىم بىلەن ئىسسىق ئېقىمنىڭ تىركىشىشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ،نەۋ باھارنىڭ كۆكلەم ھىدى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،قىشنىڭ ئاخرقى سوغۇقى نەشتەردەك سانجىلاتتى. شۇكۈنلەردە بانكىمىزنىڭ كۈندىلىك خىزمەت تەرتىپى بويىچەدوختۇرخانىنىڭ غەللىسىنى يىغىش ئۈچۈنكاسسىر خدىمنى قوغداپ،دوختۇرخانىغا ماڭدىم.دوختۇرخانا بىلەن بانكىمىزنىڭ ئارىلىقى يۈز مىتىرچە بولغاچقا،پىيادە باردۇق.
دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا يېقىنلاپ كەلگىنىمدە،دوختۇرخانىنىڭ تۈمۈر رىشاتكىسى يېنىدا ئاياغ مايلاۋاتقان ئالتە_يەتتە ياشلار دىكى بىر بالا دىققىتىمنى تارتتى.ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختىدىم.بالىنىڭ ئككى تەرىپدە بىر نەچچە مىتىردىن ئارلىق تاشلاپ ئولتۇرغان ئوتتۇزنەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ -تۆت مايلامچىلار گېزىت قەغىزىگە ئورىغان موخۇركىلىرىنى ئاچچىق شورىشپ،،خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرشاتتى.مەن خىزمەتدىشىمغا دوختۇرخانىغا كىرىپ تۇرۇشنى ئىشارە قىلىپ قۇيۇپ،بىر ئاز قاراپ تۇردۇم.ئۇنىڭ توڭلىغانلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئورۇق قوللىرى قولاشماي قالغان ئىدى.ئۇ ئالدىدىكى خېرىدارنىڭ يوغان ئايىغىنى ئاخىرى مايلاپ بولدى_دە،خېرىدارنىڭ<<كېلەر قېتىم بىكارغا مايلاپ قويارسەن_ھە،پىستەك....ھى....ھى...>>دېگىنىچە يېقىمسىز ھىجىيىپ تۇرۇپ بەرگەن بىر سوم پۇلىنى <<چاتاق يوق ئاكا،يەنە كىلىپ تۇرارسىز،رەھمەت سىزگە>>دەپ ئېلىپ،بوينىغا ئېسىۋالغان بوخچىسىغا سالدى-دە،يېنىدىكى ئوتى ئۆچۈپ قالغان چېلەك مەشتىكى كۆمۈر داشقىلىغا قوللىرىنى قاقلىدى.ئەمما،ئىسسىق چىقمىغانلىقىنى ھىېس قىلىپ،ئېغىزىغا ئاپىرىپ،ھورداش ئارقىلىق ئازراق ئسىنىۋالغاندىن كىېيىن،مېنى ئەمدىلا كۆرگەندەك:
_كېلىڭ ئاكا،ئايىغىڭىزنى بىر پارقىرىتىۋېتەي،بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ،_دېدى قۇيۇق كىرپىكلىك بوتا كۆزلىرى بىلەن ماڭا تەلمۈرۈپ.
_نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟_دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
_ئون كۈندىن كېيىن يەتتىگە كىرىمەن.
_مەكتەپتە ئوقۇمامسىز؟
_مېنىڭغۇ بەك ئوقۇ غۇم بارئىدى.لېكىن،ئاتام<<جىگدە ياغىچى بادرا بولماس،دېھقان بالىسى كادىر بولماس>
دېگەن گەپ بار،بالام،ئەتە -ئۆگۈن تاغاڭنىڭ بالىلىرىدىن تەلىم ئېلىپ،ساۋاتىڭنى چىقىرىۋالارسەن.مەكتەپتە ئوقۇساڭ پۇل كېتىدىغان گەپ،ئۇنىڭدىن كۆرە مەن بىلەن بىللە مايلامچىلىق قىلىپ پۇل تاپقىن،قۇرامىڭغا يەتكەندە تەلىيىڭ ئوڭدىن كېلىپ، ئامەت قۇچساڭ،بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتارسەن.ئوقۇمايمۇ پۇل تاپقان بايلار جىققۇ،دەپ ئوقۇشقا بەرمىدى.مېنىڭغۇ ياخشى ئوقۇپ ئايرۇپىلان ياساشنى ئۆگەنگۈم بارئىدى....>>
ئۇنىڭ قوڭغىراقتەك جاراڭلىق ئاۋازى بىردىنلا پەسلەپ،بوغۇزىغا بىرنىمە كەپلىشىپ قالغاندەك زېرەكلىكى ۋە تۈرگۈنلىكى چىقىپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلىرىدە ئەلەملىك ياش تامچىلىرى يالتىرىدى.
_خاتىرجەم بۇلۇڭ ئىنىم،سىز چۇقۇم مەكتەپكە كىرىسىز.ئوقۇمىسىڭىز زادى بولمايدۇ!ئاتىڭىز نەدە،مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەي!
_مەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئەپەندىم،بىر ئىشىڭىز بارمىدى؟_دېدى بالىنىڭ چاقىرىشى بىلەن يېتىپ كەلگەن بىرەيلەن.
_ئەلۋەتتە ئىشىم بار،بالىنى نىمىشقا مەكتەپكە بەرمەيسىز؟بالىنى ھازىرلا مەكتەپكە ئېلىپ بېرىڭ.رەسمىيەتنى مانا مەن ئۆتەپ بىرىمەن.خاتىرجەم بولۇڭ،ئەگەر پۇل تۆلەيدىغان ھەرقانداق ئىش بولسا ،مەن تۆلەيمەن،_دېدىم بىر خىل كەسكىن تەلەپپۇزدا.
_ئوقۇسىغۇ بولاتتى،ئەمدى شۇ تېرىكچىلىك يولىنى ئۆگىتەي دەپ قارىسىلا...._ئۇبىردىنلى بوينىدىكى بوخچىنى ئېلىپ،ئىچىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن پۇللارنى ساناشقا باشلىدى.ئاندىن ھىجىيىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،_مانا قارىسىلا ئەتىگەندىن ھازىرغىچە21كوي تېپىپتۇ.ھى...ھى..مايلامچىلىقتا مەندىن ئېشىپ كەتتى بۇ كاساپەت....
_قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ تىزرەك جاۋاپ بىرىڭ،_دېدىم مەن بىر خىل تاقەتسىزلىك بىلەن،_بالىنى ئوقۇتامسىز _يوق؟بولمىسا مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدىكىبەلگىلىمە بويىچە سىزگە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىلىدۇ!
_سىز ساقچىمۇ،ئەپەندىم<_دېدى ياندىكى بىرەيلەن ماڭا قاراپ.
_راسىت ساقچىكەن،قاراڭلار قولىدىكى توك كالتەككە،_دېدى يەنە بىرەيلەن.
نېمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ قالغان بالىنىڭ ئاتىسى تامدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى.
_ئاكا،ئاتامنى تۇتۇپ كەتمەڭ،ئۇ مېنى چۇقۇم ئوقۇتىدۇ،شۇنداقمۇ ئاتا؟
بالا ئىلتىجالىق كۆز يېشى بىلەن ئالدىمدا تىزلاندى.بالىغا قاراپ ئىختىيارسىز ھالدا مېنىڭمۇ كۆزۈمگە ياش كەلدى.مەن ئۇنى ئاستا يۆلەپ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتتۈم.
_مەن بالامنى ئوقۇتاي ئەپەندىم،_دېدى ھېلىقى كىشى بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ.ئۇ ئكزىنىڭ باشقا يۇرتلۇق ئىكەنلىگىنى،ئايالىنىڭ كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەنلىگىنى،يۇرتتىكى قاتتىقچىلىق تۈپەيلى تېرىكچىلىك غېمىدە دۇنيالىقتىكى مۇشۇ بىر جېگىرىنى ئېلىپ ئىش_ئوقەت ئىزلەپ كەلگەنلىگىنى،ئەمما،تۈزۈكرەكئىش تاپالماي،ئاتا_بالا بىرگە مايلامچىلىق قىلىپ جان ساقلاۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭمۇ مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ،بالىنى چۇقۇم ئوقۇتۇش ئۈچۈن ماڭا قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى.
مەن دوختۇرخانىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ قايتىپ چىققىنىمدا،ئۇلار كۆرۈنمىدى.كېيىن مەن خېلى ۋاقىتلارغىچە ھېلىقى بالىنى مەكتەپكە كىرگەنمىدۇ ياكى باشقا جايلاردا مايلامچىلىق كىلىپ يۈرەمدىغانمىدۇ،دەپ ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم ۋە گاھىدا ۋاقىت چىقىرىپ،شەھەرنىڭ ھەرقايسى كوچىلىرىنى ئىزدەپمۇ كۆردۈم.ئەمما،ئۇلارنى زادى ئۇچرىتالمىدىم.
سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شەھەرلىك 5_ باشلانغۇچ مەكتەپكەمەكتەپ مۇدىرىنى ئىزلەپ كىرىۋېتىپ،مەكتەپ بىناسىنىڭ كارىدورىدا كونىراق جىلتە ئاسقان ھېلىقى بالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇ:
_رەھمەت ئاكا،سىز بولغاچقىلا مەن ئوقۇدۇم،_دېدى ئالدىمغا يۈگرۈپ كېلىپ.
مەنمۇ ئۇنى ئىختىيارسىز باغرىمغا باستىم ۋە:
_ياخشى ئوقۇ.كېلەچەكنىڭ خوجايىنى بول،ئوغلۇم!_ دېدىم.
بۇ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىشتىن سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدىم.ئەمما،بۇ سۆيۈنۈشۈم ئۇزۇنغا بارمىدى.چۈنكى،مەن قايتىپ كېتىۋېتىپ ئەنسىزلىك بىلەن ئويلاپ قالدىم:بۈگۈنكى كۈندە يەنە قانچىلىغان بالىلار نادان،قاششاق،بۇرنىنىڭ ئۇچىدىنيىراقنى كۆرمەيدىغان ئاتىلارنىڭ قولىدا ئىشسىز قېلىۋاتقاندۇ>ئەي ئادەملەر،بىزنىڭ چىقىش يولىمىز_ مائارىپ!مائارىپ_بايلىق!مائارىپ_ئەڭگۈشتەر!مائارىپ_مەڭگۈ_مەڭگۈخورىماس ھەم تۈگىمەس خەزىنە!!!!!
ئەنۋەر ئەختەرى
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى
watandax
2011-07-31 01:55
مەكتەپكە كېرىش ھېچنىمىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ.
مېنىڭ ئىككى نەۋرە ئېنىم بار: بىرى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن، ھازىر نەدىلىكى ئېنىق ئەمەس، تاغامنىڭ ئۆيىنى قۇرۇقداپ قويۇپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى.
يەنە بىرى باشلانغۇچنى ئاران پۈتتۈرگەن، ئۆيىدىكىلەر ناۋاي، ھازىر ئۇستا ناۋاي بولۇپ كەتتى.
مۇشۇ ئوقوش توغرىسىدا گەپ بولغاندا ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مائارىپ ئەسلى جان باققۇچىلارنىڭ كەسىپى ئەمەس ئىدى، بىراق ھازىر جان باققۇچىلارنىڭ قۇرغىنىغا ئايلىنىپ قالدى.
مەكتەپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئالىم تەربىيلەش ئەمەس، ئادەم تەربىيلەش. شۇڭلاشقا ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىغا قويىدىغان تەلەپنى كۈچەيتىشى كىرەك ئىدى.
يەنە بىرسى ھەر قانداق بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان مائارىپ ئىدىيەسى بولىدۇ، بۇ كەسىپ مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى يەنە قانداق ياشاش، قانداق ئادەم بولۇش مەسىلىسى، دەل مۇشۇ نوقتىدا ھازىر خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى بىلەن مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىسىدە توقونۇش يۈز بېرىۋاتىدۇ.
خەلقىمىز ھەرگىز ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنمەيدىغان دۆتلەردىن ئەمەس، ئۇلار مەكتەپتە ئوقوغان بالىلارنىڭ ساۋات چىقىرىشتىن باشقا ماھىيەتلىك كەسىپىي بىلىم ياكى ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يىتىلدۈرگەنلىكىنى كۆرەلىسە، جاپا تارتسىمۇ ھەرگىز ئۇلارنى مەكتەپتىن قويمايدۇ.
istami
2011-07-31 16:33
بۇ بالىنىڭ ئوقۇيالماسلىقىنى .ئاتا ئانىسىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، جەمئىيەت شۇنداق.ئەسلى بۇبالىنىڭ مەھەللىسىدە ۋىجدانلىق كىشىلەر بولسا ئۇنداق بولمايتى.ھەممىمىز نۇمۇس قىلساق بۇ .ىشلار تۈزىلەتتى .
hokumran
2011-07-31 23:46
مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن بالىلارنى چوقۇم ئوقۇتۇش كېرەك . ئوقۇتۇشتىكى مەقسەت نوقۇل ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ئىلىنىپ مائاشلىق بولۇشنى كۆزلەش ئەمەس ، بەلكى شۇ بالىنىڭ رىقابەتكە تولغان كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك .
sakuragi
2011-08-01 15:29
مەكتتەپ ياخشى بولمىسا، مەكتاپنڭ بىلمى ياخشى .
شۇڭا شاكىلنى تاشلاپ ،مېغىزنى يىيىشنى بڭلشىكېرەكتە.
ئادەم بولغىاندىكىن سىرتقى تەسىر گە ئۇچۇرماي كامايدۇ، خۇددى باكتىريە ۋىروسىدەك.
شۇڭا ئىمۇنىت كۇچىنى دورا يىگەنگە ئوخشاش، بالغا ئاتا قاتتىق تەربىيە ئېغىر بولغاندا ۋىروسنى قاتتىق چارلەرنى قولىنىشقا توغرا كىلدۇەلۋەتە.
ئېغىر كېسەلىك بىمھر ئازاپ تارتقاندەك، بالمۇ سەلبەدەل تۇلەپ ئۇزدىكى ناچار ئەخلاخ سىزلىقلارنى تازلىيالاي دۇدە! ئويلۇنۇپ بېقىڭلا دوسلا .....
zirakxah001
2011-08-01 17:27
بۇ بالىنىڭ ئكزى كىچىك بولسېمۇ ئارزۇسى چوڭكەندە!!!!!!!!!!!!!!!!!
zirakxah001
2011-08-01 17:29
ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلىغان ئادەم ھامان ئارزۇسىغا يەتمەي قالمايدۇ.
otyak
2011-08-02 17:08
بايلامچى بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالسا ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ، ھەم تەسىرلەندۇرىدۇ.
ھەي تۇرمۇشنىڭ غىمى...
gullala
2011-08-03 12:42
yahxi asar ikan,,,,
jiuxing
2011-08-03 12:56
ئەمەلىيەت يېزىلغان تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن....
unqamarjan
2011-08-15 10:31
يېزىشنغۇ تازا يېزىپتۇ، لېكىن ئەمىلى ياردىمىچۇ، بىر كويچەنچەنگە ئاياق مايلاتماي قۇرۇق گەپ ساتقىچە
nursima
2011-09-19 20:54
بۇ ئەسەر ئەسلى ئەلكۈيى مۇنبىرىگە مەنسۇپ ئىدى،ئەمما بەزىلەرنومۇس قىلماي رۇخسەتسىز ،ئۆزنامىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ئەدەبىيات-سەنئەت سەھىپىسىگە يوللاپتۇ .باشقىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىڭ نومۇسسىز alnoor024
hacker253
2011-09-19 21:02
جەمىئەت تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ بۇ ئىشلامۇ ئەتە ئۆگۈن ماشىنا ئارقىلىق بىرتەرەپ بولدىغان بولۇپ كىتىدۇ.ئەنە شۇچاغدا باللىرنى ئوقۇتمىغان شۇنداق(مايلامچىلار) مۇ باللىرىنى يا مەكتەپكە بىرىدۇ ياكى بىرە رىمۇتچىغا ئەكىرىپ بىرىدۇ. ئىشنى قىلىپ بۇنداق ئىشلا ئۇزۇنغا بامايدۇ.
رەسىمسىز مۇنازىرە: [--
مايلامچى بالا (ئەدەبىي خاتىرە)
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.5
Code © 2003-08
Guldiyar
Time 0.031527 second(s),query:3 Gzip disabled
You can
contact us