<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئەلكۈيى زىيارىتى
ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى ئەزىز تورداشلار ياز ئايلىرىنىڭ بەرىكەتلىك كۈنلىرىدە ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ۋە ئوتۇق تىلەيمىز شۇنداقلا توردىكى ھەر بىر مىنۇتىڭلارغا ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق مول مەنىۋى ئوزۇق ئالالىشىڭلارغا ئىجتىمائىي شارائىت ھازىرلاپ بىرىپ، سىلەر ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەلنىڭ يولىدا باسقان قەدەملىرىمىز ئاداققىچە توختاپ قالمايدۇ.  بىر قانچە كۈن بورۇن سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كەڭ ياشلارغا سابادا سۆزلىگەن لىكسىيەسى ھەققىدە فىلىم ئىشلەپ ھۇزۇرىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق، مۇشۇ قۇتلۇق كۈننىڭ ئەتىسى يەنى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت بەش بىلەن ئەل سۆيگەن تالانتلىق ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم باشچىلىقىدا قورۇلغان <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى>>تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كۈلكىگە تولغان بىر خۇشاللىق كۈننى كۈتىۋالدى؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ خاسىيىتى بىلەن شۇ كۈنى كۆپلىگەن كىشىلەر كۈلكىدىن ئوزۇق ئالدى. 11-ئىيۇل ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى>> يازلىق تەتىللىك كۇرس باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش،يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتىدە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان <<شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4 سەنئەت رادىيوسى<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش ئالاھىدە پروگراممىسىنى ئۆتكۈزدى.  <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتى تولۇق ئەھۋالى ۋە ئەلكۈيى زىيارىتى ھەققىدىكى فىلىم بۇ قېتىمقى <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>پروگراممىسىغا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم،تىلى تاتلىق رىياسەتچى زۆھرە كېرەملەر رىياسەتچىلىك قىلدى،تالانتلىق كومپىزوتور ئابلەت ئابلىكىم،ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ياش ناخشىچى رەنا رۇزى قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىز رىياسەتچى ۋە تاماششىبىنلار بىلەن بىرلىكتە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇپ،ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ۋە تاماششىبىنلارغا تەقدىم ئەتتى.سابادا كۈلكە ئاۋازى،خۇشاللىق ھىسياتى بىردەممۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى.
ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش پائالىيتىگە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رەھبەرلىرى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(ئەلكۈيى تورى)، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى،مۇخبىرلىرى ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان 500دىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيدان ئاڭلىتىشىغا قاتناشتى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى تەرىپىدىن <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى>>دە بىۋاستە ئاڭلىتىلغان بۇ پروگرامما تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى مىڭلىغان قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى.ئەلكۈيى تورى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىملىق <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش ئالاھىدە پروگراممىسىنىڭ قاينام تاشقىنلىق نەق مەيدان ئەھۋالىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ۋە بۇ ھەقتە زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ كەڭ تورداشلارنى پائالىيەتنىڭ تولۇق ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش،<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>غا كەڭ ئەلكۈيىداشلار بىلەن جەم بولۇش مەقسىتىدە <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى ئەلكۈيى ئېكرانىدا>> نامىدىكى بىر قېتىملىق ئەركىن - ئازادە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ ھەممىڭلارغا سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدۇق.
بۇ ھەقتىكى زىيارەتنىڭ ئېنىقلىرى يۇقىرى نۇسخىسى شۇ كۈندىكى نەق مەيدان ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ..
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
ئاتاقلىق كومپىزىتور ئابلەت ئابلىكىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا ئاتاقلىق كومپىزوتۇر،تالانتلىق ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئوغلى جەسۇر ئابلەت <<بالا نەسىردىن >>ناملىق ناخشىنى تاماششىبىنلارغا ئۇرۇنداپ بەرمەكتە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەم ئەلكۈيى تورىدىكىلەرگە بۇ قېتىملىق ئاڭلىتىش ھەققىدە سۆز قىلماقتا
ئەل سۆيگەن ناخشىچى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە
<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش ئاڭلىتىشى جەريانىدىكى رەسىملەر داۋاملىق كىرگۈزىلىۋاتىدۇ.. ئاتاقلىق ناخشىچى،تالانتلىق كومپزىتور ئابلەت ئابلىكىم سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى ھەققىدە سۆزلىمەكتە 
يىتىشۋاتقان ناخشىچى رەنا رۇزى ئابلەت ئابلىكىم ۋە ئوغلى جەسۇر ئابلەت ئاخىرىدا شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملار ۋە تور بېكەت ئەزالىرىمىز يەنىمۇ تىرىشىپ، كەڭ ئەلكۈيىداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەلكۈيى تورىدىكى پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ مەنىلىك مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ۋە ئەلنىڭ يولىدا باسقان قەدىمىمىزنىڭ كەڭ خەلقىمىز بىلەن ئاداققىچە بىرگە داۋاملىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە،ئىلىم مەرىپەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، تىل- مەدەنىيەت ئۈگىنىشتە ئەدەپ - ئەخلاقنى،مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلغان،كەڭ ياشلارغا بىلىم ئۈگىتىشنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك نىشانى قىلغان سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مائارىپ يولىدىكى قەدەملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئوتۇقلارغا ئىگە بولىشىنى خەلقىمىزنىڭ سۈيۈملۈك ئوغلانى مۆمىنجان ئابلىكىم باشچىلىقىدا قورۇلغان سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ بونىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا زور ئوتۇقلارنى تېلەيمىز.مەرىپەت يولىدىكى قەدەملىرىڭلاردىن گۈل ئۈنگەي!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى |