رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكىستان سەھنىسىدە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> گۈلىستاندىن -گۈلدەستە -> مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكىستان سەھنىسىدە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

umidwar 2011-07-16 23:45

ئەل سۆيگەن تالانتلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم
 ئۆزبىكىستان سەھنىسىدە

 
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى ھەممىڭلارنىڭ ئارام كۈنلىرىدىكى پائالىيتىڭلارغا تورىمىز نامىدىن ئۆزگىچە مەنالارنى تىلەش بىلەن بىرگە بۈگۈن تورداشلارغا شۇنداق بىر خۇشاللىق سوۋغىسىنى سۇنۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.
ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىز قوغلاپ ئىگىلىشىچە، يېقىندا خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك كۈيچىسى،تالانتلىق ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكىستان دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرىلىدىغان،ئۆزبىكىستاننىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى ئازادبىك نەزەربېكوف نامىدىكى <<ئازادشوۋ>> پروگراممىسىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،ئۆزىنىڭ <<سىنى ئۇنۇتالماسمەن>>ناملىق ئەڭ يېڭى ناخشىسىنى تەقدىم ئەتتى.
ئۆزبىكىستان دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرەپتىن قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ پروگرامما بولسا،ئۆزبىكىستاندىكى تەسىرى بىر قەدەر زور، ئىناۋىتى يۇقىرى بولغان پروگرامما بولۇپ،چوڭ - كىچىك ھەممە بىردەك ئىتىراپ قىلغان مەشھۇر چولپانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۇمۇر كۆرسىتىدىغان سەھنە پروگراممىسى.
بىز بۇ گۈزەل مىنۇتلاردىن ئەلكۈيى تورىدىكى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش مەقسىتىدە تالانتلىق ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ رايۇنىمىزدىن تۇنجى بولۇپ ئۆزبىكىستاندىكى تەسىرى زور بولغان <<ئازادشوۋ>> سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشقان نەق مەيدان ئەھۋالىنى ھەممىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە ئۇلىشىپ،ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن سوققان يۈرىكىنىڭ بىزگە ئەڭ يېڭى ئىجادىيەتلەرنى سوۋغا قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!

كامالى ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى

دوپپام 2011-07-17 00:18
ئەجەپ ياخشى فىلىمدىن بىرنى يوللاپسىلەر،ئەلكۈيى تورىنىڭ باسقان قەدىمىدىن گۈل ئۈنگەي.
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆزبىك رىياسەتچىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرچە سۆزلەۋىرەي ھە دېگەن سۆزلىرىدىن باشلاپ  باشقىچە روھلىنىپ كەتتىم،ئەقلى تەپەككۇررىنىڭ موللىقى،بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مۇشۇنداق ئەمەلى ئېكرانغا،نۇرغۇنلىغان تاماششىبىنلارغا يۈزلەنگەن پروگراممىلاردا يەنە كىلىپ دۆلەت ھالقىغان تېلىۋىزىيە ئىكرانلىرىدا بەكرەك كۆرىنىدۇ،مۆمىنجان ئابلىكىمنى بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر سەنئەتكار دىسەك بولغۇدەك،تىرىشىڭ مۆمىنجان پۈتكۈل خەلقىمىزنى ھاياجانلاندۇرىدىغان،خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى جىق قىلىۋاتىسىز،بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىپ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆچىسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن ئىجادىيەتكە تىنىمسىز تىرىشىۋېتىپسىز،يېڭى ناخشىڭىزنى ئۆزبىكلەر ئېكرانى ئارقىلىق ئاۋال چەتئەلدىكىلەر ئاڭلىغان بولسا مانا بۈگۈن ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق تورداشلار ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمىز،سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىمىز ،ئاكىڭىز ئابدۇللانىڭ ئىزىدىن ئۆزگىچە يول تۇتۇپ مېڭىۋاتقانلىقىڭىز ھەممەيلەننى خۇشال قىلىدۇ،خەلقىمىز سىزنى چىن سەمىمىي نىيەتلىرى بىلەن ئىلھاملاندۇرىدۇ.

sarsanyax 2011-07-17 01:25
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، مۆمىنجان. زەپەر قۇچۇڭ.

samat 2011-07-17 02:13
سىزنى  قوللايىمىز   سىز  بىزنڭ  پەخىرلىك ئوغىلانىمىز  بولۇشقا لايىق  ياشاپ كىـتڭ  ئائىلڭىزگە  تىنچ  ئامانىلىق  مەڭگۇ  يار  بولسۇن  ئشلىرىڭىز  ئوڭۇشلۇق  بولسۇن

.lazzat 2011-07-17 09:10
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىدوپپام يوللىغان 2011-07-17 00:18 غا قارتىلغان  :
ئەجەپ ياخشى فىلىمدىن بىرنى يوللاپسىلەر،ئەلكۈيى تورىنىڭ باسقان قەدىمىدىن گۈل ئۈنگەي.
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆزبىك رىياسەتچىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرچە سۆزلەۋىرەي ھە دېگەن سۆزلىرىدىن باشلاپ  باشقىچە روھلىنىپ كەتتىم،ئەقلى تەپەككۇررىنىڭ موللىقى،بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مۇشۇنداق ئەمەلى ئېكرانغا،نۇرغۇنلىغان تاماششىبىنلارغا يۈزلەنگەن پروگراممىلاردا يەنە كىلىپ دۆلەت ھالقىغان تېلىۋىزىيە ئىكرانلىرىدا بەكرەك كۆرىنىدۇ،مۆمىنجان ئابلىكىمنى بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر سەنئەتكار دىسەك بولغۇدەك،تىرىشىڭ مۆمىنجان پۈتكۈل خەلقىمىزنى ھاياجانلاندۇرىدىغان،خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى جىق قىلىۋاتىسىز،بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىپ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆچىسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن ئىجادىيەتكە تىنىمسىز تىرىشىۋېتىپسىز،يېڭى ناخشىڭىزنى ئۆزبىكلەر ئېكرانى ئارقىلىق ئاۋال چەتئەلدىكىلەر ئاڭلىغان بولسا مانا بۈگۈن ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق تورداشلار ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمىز،سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىمىز ،ئاكىڭىز ئابدۇللانىڭ ئىزىدىن ئۆزگىچە يول تۇتۇپ مېڭىۋاتقانلىقىڭىز ھەممەيلەننى خۇشال قىلىدۇ،خەلقىمىز سىزنى چىن سەمىمىي نىيەتلىرى بىلەن ئىلھاملاندۇرىدۇ.

تۇنجى ئىنكاس بەك  ئەتراپلىق ياخشى چۈشۈپتۇ،مەنمۇ مۇشۇ توردىشىمىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا.
مۆمۈنجان ئابلىكىم،ھەقىقەتەن  بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تالانلىق ئۇيغۇر ئوغلانى،مۇشۇنداق ئىسىل سەنئەتكارىمىز بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز.

jahankezdi 2011-07-17 12:20
مۆمىنجان بىزگە سوۋغا قىلغان <<ئۇنتالماسمەن >> ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ مەندە خۇشاللىقىم  بەك بەلەن بولدى  
ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزبىكىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ناخشىچى ئازادبېك تەرىپىدىن مۇشۇنچىلىك ئېتىراپ قىلىنىشى بىزگە نىسبەتەن زور خۇشاللىق دىيشكە بولىدۇ،مۆمىنجان ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئۆزبىكچە ئۇسلۇبتىن ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئېيتىپ ياشلارنىڭ ھەمدە چوڭلارنىڭ قوللىشىغا ،ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن بىر ياخشى ناخشىچىمىز،كەلگۈسىدە ئۇنىڭ تاغىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئورنىنى ئېلىشىدا گەپ  يوق.سىز ئۈچۈن خۇشال بۇلىمەن ھەم مىللىتىمىزگە ياراملىق بىر پەرزەنتنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن ئابلىكىم ئاكا ئائىلىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.يېقىندا مەكتىپىڭىز توغرىلىق ئىشلەنگەن فىلىمنى كۆرگەن ئىدىم،بۈگۈن چەتئەل سەھنىسىدىكى مۆمىنجاننى كۆرۈپتىمەن.ئاڭلىسام ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىكەنسىز،بىلەتنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەڭ   بىزدەك ئىقتىسادى ئاز كىشىلەر كىرەلمەي قالىدۇ،مىنىڭ يېڭى ناخشىلىرىڭىزنى ئوتتەك ئاڭلىغۇم بار.

javir 2011-07-17 12:23
گۈل ئۈزەلىگەنلەر بەخىتلىك ئەمەس ، گۈل ئۈندۈرەگەنلەر بەخىتلىك ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا سەرخىل گۈللەرنى سوۋغاقىلىۋاتقان ياش تالانىتلىق ناخشىچىمىزنى بۈگۈن ئۆزبېكىستان سەھنىسىدە كۈرۈپ تۇلىمۇ ھاياجانلاندىم ،ھاياجاندىىن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم ، ناخشىچىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى باسقان ھەربىر قەدىمىنڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ، شۇنداقلا بۇندىن كىيىنمۇ خەلقىمىزگە سەرخىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن رەخمەت .

ئەلكۈينىڭ بۇندىن كىيىنمۇ خەلقىمىزنى كۈيچىسى بۇلۇپ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمەت .

huxnut 2011-07-17 14:27
سىزنى قوللايمىز.تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىڭ ...بىزنىڭ پەخىرلىق ئوغلانىمىز...ئۆز تىلىمىزدا سۆزلىگىنىڭىزگە رەخمەت.....

salam234 2011-07-17 14:52
تالانتلىق ناخشىچىمىز  مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭب  تىخىمۇ  زور  مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىرىشىشىگە  تىلەكداشمەن ،بۇ  خۇش  خەۋەرنى  ئاڭلاپ  ئىنتايىن  خۇشال بولدۇم ،  ھەم سۆيۈندۇم  ،
  سىزنىڭ تىنىڭىزگە  سالامەتلىك ھەم  كىيىنكى قەدەملىرىڭىزگە  ئۇتۇق    تىلەيمەن.

ataman-- 2011-07-17 15:32
راسلام ياخشى ئىش بوپتۇ....

javir 2011-07-17 16:10
ئازادبېك نەزەربېكوفنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مەركىىزى ئۈرۈمچىدە 5-ئايدا بىر مەيدان كونسىرىت  ئۆتكۈزمەكچى بوپتىكەن بۇ كونسىرىتقا  ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز  مۆمىنجان ئابلىكىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۇمۇر ئورۇنلايدۇ دىگەن  ئۇچۇرنى قايسى بر ئۇيغۇرچە تور بىكەتتىن كۆرگەن  بۇ توغرىسىدىكى گەپ شۇ پېتى جىمىقىپ كەتتىمۇ ياكى  بۇ كونسىرىت ئۆتكۈزلۈپ بولدىمۇ  مۇشۇ ھەقتە بىلدىغانلار بولسا  خەۋىرىنى ئۇقۇپ باققۇم باتى ....

kalgen 2011-07-17 17:33
ئەسسالامۇئەليكۇم؛
                       بىرگەماھىر كوپكەقادىر ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي.

sadakatguli 2011-07-17 17:40
رىياسەتچىنىڭ <ئۆزبىك ناخشلىرىدىن ئىككى قاتار ئېيتىپ بېرىڭ>دېيىشى ۋە كەينىدىن مۆمىنجان ئېيتقان ناخشغا <ئون بەش مىنۇت ئېيتقانلارمۇ بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرشىمىگەن>دېگەن سۆزلىرى مېنى شۇنچلىك ھاياجانغا چۆمۈلدۈردى.مۆمىنجان خەلىقنىڭ ئوغلانى،باسقان قەدەملرىڭىزدىن گۈل ئۈنسىۇن..سىزنىڭ ناخشا كېچلىكىڭىزنىڭ تەتلىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى شۇنچلىك ئۈمىد قىلاتتىم.

yalghuz 2011-07-17 17:44
سىنى ئۇنۇتالماسمەن...... تولىمۇ مۇڭلۇق ئېيتىپ قۇيۇپسىز مۆمىنجان،ناخشىلىرىڭىزدىكى مۇھاببەت چەشمىلىرى ياش ۋە ياشانغانلارنىمۇ خېلى ئىلھاملاندۇرىدۇ روھلاندۇرىدۇ دەپ قارايمەن،تىرىشىڭ،سىزنىڭ غەلبڭىز بىزنىڭ غەلبىمىز.
ئازادبىك ئەپەندىم سىزگە قايىللىقىنى بىلدۈرگەنلىكى كۆرۈپ، سىزنىڭ ئۆزبىك دىيارىدىمۇ قانچىلىك يۈزىڭىز بارلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم.

zilnur 2011-07-17 19:03
مۆمىنجاننىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىمىغىلى ئوزۇن بوپتىكەن . مانا  سېغىنغان يۈرەكنىڭ  دەل جايىغا باردى .ئەلكۈيىنىڭ بىزگە تەمىنلىگەن مول مەزمۇنلۇق سەنئەت ۋە باشقا نومۇرلىرىغا رەھمەت.

kuwwat 2011-07-17 19:45
سىزگە قۇتلۇق بولسۇن مۆمىنجان !!!!!!!!!   تېخىمۇ  كۆكلەڭ
يەنە بىر سۇئال:  ئۆزبېكىستاندىمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىسى ئالقىشلىنامدۇ؟  
كىمنىڭ ناخشىلىرى بەكىرەك ئالقىشلىنىپ باقتى!!!

haliktash 2011-07-17 20:24
بۇگۈن بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ خۇشاللىنارلىق خەۋەر ئىكەن.... مۆمىنجاننىڭ تىرىشچانلىقىغا ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق، ئىشلىرىغا مىڭ مەرتىۋە ئوڭۇشلۇقلار تىلەيمەن... ئەلكۈيى تىخىمۇ كۆكلىسۇن................

ak~ok 2011-07-17 21:09
مۆمىنجان ئاكا  .   .ئېشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق تىلەيمەن .      شىنجاڭدا  بىكىنىۋىلىپ ئۆز ئالدىغا چولپان بولىۋالغان ،  خەلىكلىرىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئوغۇرلاۋاتقانلارنىڭ سىزدىن ئۈلگە ئېلىشىنى ئۇمىد قىلاتتىم    

jawlan22 2011-07-17 21:43
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىjavir يوللىغان 2011-07-17 16:10 غا قارتىلغان  :
ئازادبېك نەزەربېكوفنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مەركىىزى ئۈرۈمچىدە 5-ئايدا بىر مەيدان كونسىرىت  ئۆتكۈزمەكچى بوپتىكەن بۇ كونسىرىتقا  ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز  مۆمىنجان ئابلىكىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۇمۇر ئورۇنلايدۇ دىگەن  ئۇچۇرنى قايسى بر ئۇيغۇرچە تور بىكەتتىن كۆرگەن  بۇ توغرىسىدىكى گەپ شۇ پېتى جىمىقىپ كەتتىمۇ ياكى  بۇ كونسىرىت ئۆتكۈزلۈپ بولدىمۇ  مۇشۇ ھەقتە بىلدىغانلار بولسا  خەۋىرىنى ئۇقۇپ باققۇم باتى ....



بۇ كونسىرىت 2010-يىلنىڭ ئاخرىدا قىشتا ئۈرۈمچى قزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى...مۆمىنجانمۇ ھەم قاتناشتى.ئەمما بۇ كېچىلىكنىڭ پىلاستىنكىسى تېخى كىرىشتۈرلۈپ بازارغا سېلىنمىدى...

kalbidax 2011-07-18 00:39
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ زور بەركەت تىلەيمەن،ئىشلىرىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن

javir 2011-07-18 01:15
نەقىل
بۇ 18قەۋەتتىكىjawlan22 يوللىغان 2011-07-17 21:43 غا قارتىلغان  :



بۇ كونسىرىت 2010-يىلنىڭ ئاخرىدا قىشتا ئۈرۈمچى قزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى...مۆمىنجانمۇ ھەم قاتناشتى.ئەمما بۇ كېچىلىكنىڭ پىلاستىنكىسى تېخى كىرىشتۈرلۈپ بازارغا سېلىنمىدى...

رەخمەت ئازاتبېك نەزەربىكوفنىڭ كونىسىرتى جاھانگىر بىلەن زىيادە نىڭكىدەك  داغدۇغا بولمىغان بولسا كىرەك بەزى تەپسىلاتلادىن خەۋەرسىز  قالدۇق ،،،،بۇئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.

jasur971 2011-07-18 13:01
ھەقىقەتەن خەلقنىڭ ئوغلانى بولۇشقا لايىق!!!    ياشاپ كىتىڭ خەلىق كۈيچىسى!!!

javir 2011-07-18 15:10
OZOD SHOU  نىڭ پۇتۇن كىچىلىكىنى ئىمكانىيەت بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا  بوپتىكەن  ، بۇلۇپمۇ  مۆمىىنجان قاتناشقان سانىنى .  

guzalaslima 2011-07-18 16:20
مەن مۆمىنجاننىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.مۆمىنجاننىڭ ئىشلىرىغا مىڭ مەرتىۋە ئوڭۇشلۇقلار نى تىلەيمەن!

مۇبارەك 2011-07-18 17:05
«جانانىم كەلسە» دېگەن ناخشىنى ئېيتقان چاغلىرىدا ئاۋازى بۇنچىلىك سۈزۈك ئەمەس ئىدى. ھاززىر بارغانسېرى ئادەمنىڭ ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسى كەلگۈدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆزبىكىستاندىن ئەكىرگەن ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمىمۇ خېلى بولىدىكەن قارىغاندا.

ئالدىنقى قېتىم ئۆزبىكىستانغا بارغاندا سەھنىدە كەيگەن كىيىمىگە قارىغاندا، ماۋۇ كىيىمى بەكرەك يارىشىپتۇ مەنچە.

«گۈللەرگە گۈل ئوخشايدۇ، يارنىڭ گۈلى باشقىچە...» مۇشۇ مىسرالارنى شوخ-شوخ توۋلىۋەتمەي

motorola 2011-07-19 00:33
مۆمىنجان ئابدۇللانىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ...
ئالدىنقى قېتىمقى ئازادبېك بىلەن مۆمىنجاننىڭ كېچىلىكى قىزىلتاغدا ئەمەس يېڭى سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى ، ئەسلى ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كېچىلىك بېلەت باھاسىنىڭ قىممەتلىكى سەۋەبىدىن جىق سېتىلماي ئازادبېك ئاران كېتىۋالدى ، ئاۋۋالقى زىيادە جاھانگىر دېگەنلەرگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ئازادبېك ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىدى ، كېچىلىككە قاتناشقان كىشىلەر تولىراق مۇشۇ سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بولدى ، ئازادبېكنىڭ ھەقىقىي سەنئەت كېچىلىكى كۆرۈپ بىرنەرسىلەر ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن بولسا كېرەك ...ئارىلىقتا مۆمىنجان ئازادبېكنىڭ ، ئازادبېك مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىنى باشلاپ ئارقىدىن بىرلىكتە ئېيتىشىپ كەيپىياتنى خېلى كۆتۈردى ، لېكىن كۆتۈرىدىغان يەرگە كەلگەندە مۆمىنجان ھەقىقەتەن بەك كۈچەپ كەتتى ، ئاۋازى تاس قالدى يەتمەي قالغىلى

crystal 2011-07-19 03:42
خەلقىمىزدىن مۇشۇنداق ئاتاقلىق سەنئەتكارلارىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. ياشاڭ مۆمىنجان ! باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!!!  ئەلكۈيىنىڭ مۇشۇنداق قىززىق نۇقتىلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت! ئىشلىرىمىز تەڭ روناق تاپقۇسى!

娜紫拉 2011-07-19 12:25
مۆمىنجان تىنىڭىزگە  سالامەتلىك ھەم  كىيىنكى قەدەملىرىڭىزگە  ئۇتۇق    تىلەيمەن.

sairam 2011-07-20 19:28
پەخرلەنگذدەك ظش بوپتذ جذمذ.

enqa 2011-07-21 03:55
OZOD SHOU دىكى   SHOU نىڭ مەنىسى نىمە ؟ سەنئەت بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

enqa 2011-07-21 04:03
نەقىل
بۇ 15قەۋەتتىكىkuwwat يوللىغان 2011-07-17 19:45 غا قارتىلغان  :
سىزگە قۇتلۇق بولسۇن مۆمىنجان !!!!!!!!!   تېخىمۇ  كۆكلەڭ
يەنە بىر سۇئال:  ئۆزبېكىستاندىمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىسى ئالقىشلىنامدۇ؟  
كىمنىڭ ناخشىلىرى بەكىرەك ئالقىشلىنىپ باقتى!!!

مەن ئۆزبېكلەرنىڭ تورلىرىنى كېزىپ باقتىم، بىز خەقتىن ئەسەرمۇ يوق، ئىككى يىل ئىلگىرى sb.uz تورىدا مۆمىنجان كۆرۈنگەندىن بۇيان باشقا ئۇيغۇر زاتىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇلارنىڭ مۇنبىرىنىڭ "جاھان يۇلدۇزلىرى" سەھىپىسىگە ئابدۇللانىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويسام ئەزالىق نامىمدىن تارتىپ ئۆچۈرۈپ تاشلىدى، مەنمۇ نىمىشقىلىقىنى بىلەلمىدىم.
ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ بىلىك كۇلۇبىدىكى "ئۆزبېكىستانغا سەپەر" ناملىق يازمىسىدىمۇ پىلاستىنكا دۇكىنىدا ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىلارنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن (بەلكىم بار بولىشى مومكىن)، يەنە بىرسى ئۇ جايدا پىلاستىنكىلارنى قانۇنسىز كۆپەيتىش ئىشى يوقكەن، توردىن چۈشۈرۈپلا ئويۇپ ساتىدىغان ئىش تېخىمۇ يوقمىش.

kumuray 2011-07-21 12:56
ئاللاھ ئىشلىرىنى تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!

唯一爱情 2011-07-21 13:10
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى بۇپتۇ  بۇنۇڭدىن كىيىن تىىخىمۇ كۇپلەپ ياخشى تىمىلارنى يۇللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد كىلىمەن.

zimandax 2011-07-21 13:23
راسلام ياخشى ئىش بوپتۇ....

winra 2011-07-21 13:26
بۇندىن كىيىنمۇ تىخمۇكۇپ نەتىجە قازنشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن،

kaysar007 2011-07-22 15:49
ماۋۇ يەردە بىر تورداشنىڭ ئىنكاسى ئىچىمنى ئىلەشتۈرۈپ قويدى.موتورولا نامىدىكى بۇرادەر ئىسمىڭىزغا لايىق موتورولا ئېكەنسىز،چەتئەللىكلەر بۇ ماركىنى ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسى بىلگەن بىلەن بىز بۇ گەپنى ئېغىز تىلىمىزدە ئەخلەت كېشىلەرگە بەك موتورولا ئېكەنسەپ دەپ قوللىنىمىز،ئىسمىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەخلاقىغا تەڭ ھالەتتە قوللىنىپ تېزىملىتىپ كىرىپسىز ئەمەسمۇ.
بۇ يەردە ھېكىم مۆمىنجاننى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورنىنى باسىدۇ دېگىنى يوق ھەم سىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئۇنداق دىيىشىڭىزنى ئاساسىمۇ يوق ئەلۋەتتە.سىز بارغان ئۇ كېچىلىكە مەنمۇ بارغان،ئازادبىك ئاران كىتىۋالدىمۇ ياكى ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بوپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بوپ كىتىۋالدىمۇ ئۆزى ياخشى بىلىدۇ ،ئاندىن كىيىن شۇ مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزگەنلەر بىلىدۇ،مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئازادبىكنىڭ بىرگە ئېيتىشقان ناخشىلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ چېلىنغان چاۋاكلارنى سىزنىڭچە بولغاندا زالدىكى ئاۋاز كانىيى يالغاندىن قويغان ئوخشىمامدۇ،بەك كۆرەلمەس بالىكەنسىز،پىتنىخورلۇق قىلمىسىڭىز قانداق،تۈشۈك تامدىن مۆشۈك قوپقاندەك توردا نەدىن پەيدا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۇشۇنداق ناكەس تورداشلار بۇ يەرنى غەيۋەت ، جىدەل مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ زادى...
مۆمىنجان ئابلىكىم ئۇنىڭ ئورنى باسالمايدۇ،بۇنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ دەپ خەققە تون تىكمەيلى،ھېچكىمدە ئۇنداق ھوقۇق يوق ئەلۋەتتە.2009-يىلىدى مۆمىنجان ناخشا كېچىلىكىدە مۆمىنجان ئابلىكىم ئېنىق قىلىپ ئاكام مىنىڭ ئاكاملا بولماستىن ئۇ مىنىڭ ئۇستازىم كىچىكىمدىن باشلاپ نىمىنى قىلىش،نىمىنى قىلماسلىق ، قانداق قىلىش قانداق قىلماسلىق ھەققىدە ئەتراپلىق تەربىيە بىرىپ كەلگەن بىر ئولۇغ سۈپەت ئىنسان دەپ ئۆزىنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا بولغان ھۆرمىتىنى ، قەلب ئىزھارىنى كە تاماششىبىنلار ئارىسىدا ئېنىق بىلدۈرگەن ھەمدە شۇ چاغدا ھەممەيلەننى خۇشال قىلغان ئىدى.ئەمدى قوپۇپ بىز بۇ يەردە مۆمىنجان ئابدۇللانىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،باسالايدۇ دېگەندەك پۈچەك گەپلەر بىلەن ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي،بىر ئوبدان ناخشا ئېيتسا ئاۋازى يىتىشمەي قويدى دەپ گەپ ساتماي،ئۆزىمىز ئىككى ئىلىك گەپ قىلىپ باقايلى،قەستەن ئۆسەك سۆز يازماي جىم ئولتۇرساق ئەلكۈيىدە گەپ قىلمىغانلارنى گاچا دەيدىغان قائىدىمۇ يوق،بىزمۇ جىم ئولتۇرۇپ كۆرىمىز،ئوقۇيمىز ھېچكىم بىزنى گاچا دەپ باقمىدى.

qinturk 2011-07-22 17:41
   مىللەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان ئەرزىيدۇ.

zawayi 2011-07-22 23:30
مۆمنجانغا ئۇتۇق نەتىجە يار بولسۇن ، بۇ تىمىنى يوللىغان قىرىندىشىمىزغا رەخمەت .

dilhux2 2011-07-23 01:12
پەخىر لىك ئوغلانىمىز مومىنجاننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق. ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن!
تىخىمۇ ئالغا!

uygar 2011-07-23 05:25
  مۆمىنجان ئابلېكىم مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىش جەھەتتە ھەقىقەتەن تالانتقا ئىگە .ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ناخشىلىرىنىڭ ياختۇرۇپ ئاڭلىنىدىغانلىقىنى شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم .

danyar814 2011-07-23 18:44
مۆمنجان ئابلېكىم تېخىمۇ زەپەر قۇچۇڭ !!!

muyunqur 2011-07-26 18:10
پاھ...ياشاپ كەت مۆمىنجان ،  بىز سەنئەت جەھەتتە ئۇزۇندىن بىرى كۆڭۈلچىەكلىك قىلىپ باشقلارنىڭكىنى ئاڭلاپ كەلگەن ،جۈملىدىن ئۆزبىكلەرنىڭكىنى ،باشقىلارمۇ بىزنىڭكىنى ئاڭلاپ باقسۇن .

ghaljir 2011-07-27 12:59
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆزبىكىستاندا تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا نامايەن بولۇشى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ ئىش سەۋەبلىك پەيدا بولغان ھاياجىنىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سەھنىدە بولۇۋاتقان ئەھۋاللارغا ۋە مۆمىنجاننىڭ سەھنىدىكى ئىپادىسىگە سوغۇققانلىق بىلەن قارىغىنىمىزدا بۇ ھەقتىكى ھاياجنىمىزغا يانداشتۇرغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز تەنقىد بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىمىز. مۆمىنجان بۇ يەردە (ۋەتەندە) پەقەت ئۆزىگىلا __ مۆمىنجان ئابلىكىمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەمما ئۇ چېگرا ھالقىپ باشقا بىر ئەل سەھنىسىدە مەيدانغا چىققانىكەن، ئۇنىڭ كىملىكىدە تۈپكى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇ يەككە ئادەم سۈپىتىدىكى مۆمىنجان ئابلىكىمدىن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆمىنجان ئابلىكىمگە ئايلىنىدۇ. دېمەك، سەھنىدە ئۇنىڭ سۆز، ھەرىكىتى، ئىپادىسى ئۇيغۇرلۇقنى چىقىش قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىمۋۇللۇق بەلگىلەرنى ئىپادىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، مۆمىنجاننىڭ سەھنىگە چىقىش جەريانىنىڭ تۇنجى قەدىمىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەدناسى سەھنىدە ئۇيغۇرچە "ئەسسالامۇئەلەيكۇم" دېگەن سالامنى بېرەلمىگەنلىكى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ سەھنىدە قىلىۋاتقان سالىمى ئۈرۈمچى كوچىسىدا كېتىۋاتقان مەلۇم بىر تونۇشىغا بېشىنى لىڭشىتىپ بەرگەن سالىمىدىن پەرقلەنمەيدۇ. دېمەك، تۇنجى قەدەمدە ئۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ بەلگىسى بولغان ئۇيغۇرچە سالامنى ئادا قىلالمىغان. بۇ نۇقتىدا سالام- ساھەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۆزبىكلەر ئارىسىدا قارشى ئېلىندىمۇ ياكى مەسخىرىگە قالدىمۇ؟! بۇنىسى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ ئىپادىسىز چىرايىدىن ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى پەرەز قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبىك تىلىنىڭ ئارىسىدا ئانچە- مۇنچە تەلەپپۇز پەرقىنىڭ بولغانلىقىىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چوڭ پەرق يوق، دېمەك، بىر ئۆزبىكنىڭ گېپىنى بىر ئۇيغۇر چۈشەنگىنىدەك، بىر ئۇيغۇرنىڭ گېپىنىمۇ ھەرقانداق بىر ئۆزبىك بىمالال چۈشىنەلەيدۇ. مۆمىنجاننىڭ سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىمەي، ئۇيغۇرچە گەپكە ئۆزبىكچىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىپ سۆزلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزبىكچە سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ بىلىملىك كۆرسىتىشكە تىرىشىپ ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈنمۇ؟ مۆمىنجان مانا مۇشۇ نۇقتىدىمۇ خاتالاشقان. ئەلۋەتتە، بۇ خاتالىق يالغۇز مۆمىنجانغىلا خاس ئەمەس، ئۆزبىكىستانغا چىقىپ كىرگەن كۆپلىگەن ناخشىچى ياكى سازەندە بالىلار قايتىپ كەلگەندىن بىر مەزگىل ئۆزبىكچىنى دورۇپ گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.  يەنە بىر مەسىلە، مۆمىنجان ئاشۇ سەھنىدە ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى توغرىلىق ئىككى كەلىمە مىغىزلىق گەپ قىلسا تامامەن بولاتتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكولتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇغان بۇ ناخشىچى نېمە ئۈچۈن يات ئەلنىڭ سەھنىسىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا تەستە كېلىدىغان پۇرسەتتە ئۇيغۇرنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلماي، ھەممە ئۆزبىك بىلىدىغان، ھەتتا مىللىي كىملىكىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىۋالىدىغان نەسىردىن ئەپەندىنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ؟ مۆمىنجاندىن ئۇيغۇرچە بىر ناخشا ئوقۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا ئۇ نېمە ئۈچۈن ساپ ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇماي، ئۆزبىكچە ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسقىسىنى ئوقۇپ بېرىپ، خەقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ناخشا ئوغرىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ يۈرىدۇ؟..... دېمەك، مەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، ھاياجانلانماي، ئەكسىچە سەل ئويلىنىپ قالدىم ۋە ئەپسۇسلاندىم. مۆمىنجان ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى ئىچىدىكى ساپاسى خېلى يۇقىرى، ئانچە- مۇنچە تارىخ، مەدەنىيەت بىلىمى بار بىرى. لېكىن، ئۇنىڭ سەھنىدە ھەتتا باشقىلار تەرىپىدىن چېلىنىشى (ئاۋۇ رىياسەتچىنىڭ مۆمىنجاننىڭ گېپىنى خالىغانچە بۆلۈۋەتكەنلىكىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ سەھنىىدە چېلىنۋاتقانلىقىدۇر، بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆز گېپىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېتىلىشىدىن ئارتۇق ھۆرمەتسىزلىك بولمىسا كېرەك) بىزنى نۇرغۇن ئەپسۇسلۇق سوئال قوينىغا باشلايدۇ. مۆمىنجانغا ئانچە مۇنچە بىلىم ئىگىلەپ قويۇش، ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈش، پىسخىك ساپا يېتىلدۈرۈش، سوغۇققان پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئىككى ئېغىز تەكلىپ بەرگىم كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، مۆمىنجاننىڭ چېنىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇيغۇر جەمئىتىيتىدىكى ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنىلا ئاڭلاپ، ئۇنى ناخشىسى ئارقىلىق كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە باشقا مۇھىتتا ئىپادىلەيدىغان كىملىك تۇيغۇسىغا قارىتا ھېچقانداق تەلەپ قويماسلىقتىن ئىبارەت پاسسىپ ئىجتىمائىي خاھىشنىڭ گەۋدىلىك بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەمئىيەتتىكى مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىغا بولغان زوقمەنلىك كاللىسىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا نۇرمال بىر ئۇنىۋېرسال ساپا تەلىپىنى قويالمىغان، ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق بارغانسىرى تەنتەكلەشتۈرۈۋېتىپ بارغان ناخشا زوقمەنلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  بىز ناخشىچلارنىڭ ناخشىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۇلارنى ھەدىسە كۆككە كۆتۈرىۋەرمەي، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى دادىللىق بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئۇنىۋېرسال ساپا تەلىپى، ئىجادچانلىق تەلىپى قويايلى قېرىنداشلار. بىر قولىمىزدا ماختاش، پەخرلىنىش بولسا، يەنە بىر قولىمىزدا تەنقىد، قاتتىق تەلەپ قويۇش بولسۇن. بولمىسا مۆمىنجاندەك ناخشىچىلىرىمىزنى بىر قارشى ئالساقمۇ، خەقلەر داۋاملىق مەسخىرە قىلىدۇ. ئىشلارغا دىئالىكتىكىلىق نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلغۇلۇق ئەمەسمۇ؟!

abm165 2011-07-27 13:41
   بىر يىعىنىڭ   بىر كۇلكىسى باردۇر دەپ  مانا  بۇ  چاپلىمىنى  كورۇپ   حەستە  كوڭلۇم   حىلى  ئىچىلىپ قالدى .  

abm165 2011-07-27 14:06
20 يىلدىن بۇيان توخىتماي ناخشا ئوغرىلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ئىجادچانلىقنى ھالاك قىلىش بەدىلىگە ئۆزىگە نوپوز تىكلىگەن ئابدۇللا ئابدۇرىھىمدەك "ئەل سۆيگەن" ناخشىچىلار مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، جەمئىيەتكە مۇۋاپىق جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىز ناخشىچلارنىڭ ناخشىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۇلارنى ھەدىسە كۆككە كۆتۈرىۋەرمەي، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى دادىللىق بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئۇنىۋېرسال ساپا تەلىپى، ئىجادچانلىق تەلىپى قويايلى قېرىنداشلار. بىر قولىمىزدا ماختاش، پەخرلىنىش بولسا، يەنە بىر قولىمىزدا تەنقىد، قاتتىق تەلەپ قويۇش بولسۇن. بولمىسا مۆمىنجاندەك ناخشىچىلىرىمىزنى بىر قارشى ئالساقمۇ، خەقلەر داۋاملىق مەسخىرە قىلىدۇ. ئىشلارغا دىئالىكتىكىلىق نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلغۇلۇق ئەمەسمۇ؟!

      يۇقۇردىكى تورداش ،مۇشۇنداق ئىپلاس گەپلەر  ئىعىزىڭىزدىن قانداق چىقتى ، بۇ سىزنىڭ ئىشلارعا دىيالىكتىك نوقتىدىن  مۇئامىلە قىلعىنىڭىزمۇ ؟  سىز دەۋاتقان  قاتتىق تەلەپنى   پۇتۇن حەلقىمىز  ئىتىراپ قىلعان  بىر سەنئەتكارنى  ئوعرى دەپ  تىللىمايمۇ  قويعىلى بۇلىدىعۇ ؟.  ئە جبا  سىزنىڭ كوزىڭىز  پۇتۇن حەلقىمىزنىڭ كوزىدىنمۇ ئوتكۇرمۇ ؟  ئەگەر  ئابدۇللاعا  ئوچىڭىز بولسا  ئوزىگىلا  دىسىڭىز بولمامدۇ ؟   حەقنىڭ  بالىلىرى  ئوزى تىرىشىپ  شۇنچىلىك مۇۋاپپەقىيەتلەرگە  ئىرىشىۋاتىدۇ ،   قىنى  سىزمۇ بىر ئادەم  بۇلۇش سۇپىتىڭىز بىلەن دەپ بىقىڭچۇ؟  سىز  ئۇيعۇرنى  دۇنياعا تۇنۇتىمەن  دەپ  تەر ئاققۇزىۋاتقان  ئاشۇ سەنئەتكارلىمىزعا  لالما  قانچۇقتەك  قاۋاشتىن باشقا نىمە قىلالىدىڭىز ؟ ، راست گەپنى ئىيتقانداسىزدەك تەنقىتچىدىن ھاجەتحانىنىڭ  پۇرقىنى تازىلايدىعان سىسىق چىۋىن ياحشى .

bayanqur 2011-07-27 14:24
مىنىڭچە يۇقارقى دوسىتىمىزنىڭ بەرگەن تەكلىپلىرىنى ۋە تەنقىدىنى ھەممەيلەن سۇغۇق قانلىق بىلەن ئويلىمىقىمىز زۈرۈر. مەن گەرچە يۇقارقى دوستىمىنىڭ تەنقىدىنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق شۇنداق دەپ كەتمىسەممۇ بەزى تەخىرسىز پىكىرلىرىنى راستىنلا ئويلىشىپ بىقىش مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى تەنقىد ئاڭلىماققا ئاچچىق بولغىنى  بىلەن ئۇنىڭ نەتىجسى ئۇنداق ئاچچىق بولمايدۇ. مەسىلەن مەن مۇشۇ پېروگىراممىنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان ئۆزبىكىستان خەلق ئارتىسى ئازادبېك نەزەربىكنىڭ سەنئەت ھاياتىغا يىقىندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان بىر كۈرۈرمەن. ئۇ سۈزىدە ۋە سەنئەت ھاياتىدا ئۈزىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قۇيغان بىر سەنئەتكار ، مەسىلەن بۇ كىشى مۇشۇ پېروگىراممىنىڭ مۇشۇ يىللىق يىڭى يىللىق سانىدا بىر يىىلىقنى تەبىرىكلەۋاتقان پەيىتتە ، بىر ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئازاد شۇۋ پىروگىراممىسىنى كۈرۈشكە كەلگەن ئەزىز مىھمانلار دىگەن جۈملىنى ساق بىريىرىم سائەت يەنى 90مىنۇت مەشىق قىلىپ ئاۋازغا ئالغىنىنى ئەسكەرتىدۇ.يەنە ھەر قانداق بىر يۇرىتقا بارسا ئەڭ ئاۋۋال شۇ يۇرىتنىڭ ئازىراق تارىخى بىلەن مەدىنيىتى توغىرسىدا ھەقىقەتەن قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك ئەسكەرىتمىنى بەرگەندىن كىيىن ناخشىلىرىنى باشلايدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇخارا ئوبلاستىدا ئۇيۇن قۇيۇشتىن بۇرۇن ئېيىتقان  مۇنداق بىر سۆزى بۇلۇپ،بۇخارا تارىختا ، دۇنيانىڭ ئەڭ كاتتا مەدىنيەت مەركىزىگە ئايلانغان بىر يۇرىت بۇلىشى بىلەن بىرگە ئۆزبىكىمنىڭ پەخىرى بۇلىقىنى شەكىللەندۈرگەن بۇلاق مەنبەسى  دەپ سالام ئېيتىدۇ. يەنە بىرجەھەتتىن بۇ كىشىنىڭ ناخشا مەزمۇنلىرى بىلەن مېلودىيىسىگە قويغان تەلىۋى ھەم يۇقىرى . يەنى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ۋەتەنگە ، ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ پەخىرلىنىشىگە كىرەك بولغان بارچە ئېسىل تەرىپىگە چېتىشلىق ناخشىلىرى ناھايتى كۆپ . دىمەك لازىمكى مۇشۇنداق بىر ئىسىل سەنئەتكار بىلەن دوسلۇق رىشتىسى ئورناتقان مۆمىنجان ئابلىكىم بىزنىڭ راستىنلا  ئىسىل سەنئەتكارغا لايىق بەزى ئەمىليەتلەرنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلساق بۇلىدۇ. ئەمما مۇشۇ قىتىملىق ئۆزبىكىستان سەھنىسىدىكى بەزى سۆز پىكىرلىرى ھەم بۇ پىكىرنىڭ نۇقۇل بىرخىل مەنتىقىلىق ھەمدە شۇ قىرىنداش مىللەتلىرىمىز ئالدىدا ئۈزىنى تۇتۇتىۋالغان ،ساپاسىنىڭ ئۈستۈن بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈزىگە خاس ساپاسى بىلەن يەنىلا مەركىزى ئاسىيادىكى قىرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا راستىنلا ناھايتى كۆزگە كۈرۈنگەن مەدىنيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىدىن ئىبارەت ئىزگۈ تەلەپ  بىرمىنىڭ ياكى باشقا بىر قانچە شەخىسنىڭ ئۈمىدى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مۆمىنجاننىڭ ئۈزى شۇنداقلا ئۇنىڭ مەنىۋى ئۇستازى سۈيۈملۈك ئەل سەنئەتكارى ئابدۇللا ئاكىمىز ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىرىنداشلىرى شۇنداقلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدى . بۇنى ھەر قانداق ئادەم چۈشىنىشى زۈرۈر. مىنىڭمۇ كەيپىمنى ئۇچۇرغان ئەڭ قاملاشمىغا ئىشتىن بىرى ھىلىقى رىياسەتچىنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزدىن بىزنىڭ كەيپىياتىمىز بەلەن بولدى. ھەم كەيپى كۈتۈرلدى دىگەن گەپ مەس بۇپ قالدى دىگەن سۆز . گىپىڭىزنى بۆلگەنلىكىمدىن ئۈزىرە سۇرايمەن. دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشقا ئالدىرۋاتقانلىقى يەنە شۇنداقلا ئۆزبىكچە ناخشدىن ئېيتىپ بىرەمسىز دىگەندەك ئارتۇقچە  تەلەپ بىلەن سەمەرقەنىتنىڭ نېنىنىچۇ دىگەندەك سۆزلەرنى قىسقىغىنە ۋاقىتتا ياغدۇرۋىتىشى ئادەمنىڭ سەل غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ. ئەمدى بىز خاتالىقنىڭ ھەممىسنى مۆمىنجانغا يۈكلىسەكمۇ سەل قاملاشمايدۇ. ئەمما تەكلىپ بىرىمىزكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالدا چۈشكەن پىكىرىنى كۆرگەن  مۆمىنجان سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىپ ئەشۇنداق بىر پۈتۈن خەلق نامىدىن پائالىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم بولغاندا دىمەكچى بولغان سۆزلىرىنى قاتتىق دەڭسەپ كۈرىشى ، پۇختا تەييارلىق قىلىشى .ئۈزى دۇچ كىلىدىغان بارچە ئەھۋاللارنى ناھايتى مۇكەممەل ھالەتتە ئويلىشىپ تەمكىن ۋە سۇغۇققان، كەم سۆز پەزىلەتنى يىتىدۈرىشى لازىم. شۇنداقلا ئەشۇنداق يۇمۇرىستىك سۆزلەر بۇلىندىدىغان پەيىتلەردىكى  ئىنكاسى تىز ۋە جايىغا چۈشۈش زۈرۈر. شۇنداق بىر خىل تەمكىن ۋە سۇغۇققان  بۇلۇش كىرەككى بۇنى كۆرگەن كىشى چۇقۇم داڭ قالغۇدەك تەسىرىنى بىرىش تەخىرسىز. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا يۇقارقى دوستىمىز دىگەندەك ئونۋېرسال ساپا شۇنداقلا كۆپ بىلىم ئىگىلەش ، ھەر قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئۆزىدىن خەلقنى ئالدىنقى قاتارغا قۇيۇش شۇنداقلا ئۆز خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مەدىنيەت، تارىخ، ئۆرىپ ئادەت ۋە ئىتىقاد قاتارلىق مۇھىم ئامىللاردىكى ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىنىق بىلىشكە ھەرىكەت قىلىشى ئىنتىلىشى ۋە تىرشىشى زۈرۈر. ئىشقىلىپ بۇقىتىمقى پائالىيەت تۇنجى قېتىملىق بولغاچقا بۇ بىزگە نۇرغۇنلىغان تەجىربە ساۋاقلارنى بىرىدۇ. شۇڭا مۆمىنجاننىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە تىلەكلداشلىق بىلدۈرۈپ سۆزىمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.

musafir 2011-07-27 17:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ، مەن ئۈزىنى غالجىر ئسىمى بىلەن ناملاپ ھاپىلا شاپىلا تىزىملىتىپ مۇنبەرگە كىرىپ ئىنكاس يېزېپ ئولتۇرغان بۇ يولداشقا ئازرراق گەپ قىلىپ قۈيۈشنى لايىق تاپتىم . بۇ كىشى ئالدى بىلەن بىزگە ئەسسلام دەپ سالاممۇ قىلماستىن مۆمىنجانغا پىكىر بىرىشنى باشلىغان . قارىماققا بىلىملىكتەك كۈرۈنگەن بىلەن ئىش كۆرمىگەن بالىلىغى مانا مەن دەپلا چىقىپ قاپتۇ .  مۆمىنجاننىڭ سەھنىدە قانداق سالاملار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىغى ، ۋەتەندىكى ھەممەيلەنگە ئايان .    ۋاقىت چەكلىمىسى بىلەن ئۆلچىندىغان تىلىۋۈزۈر پىىراگراممىسىغا نىسبىتەن  ئەيىتقاندا ئۇنىڭ سالامنى قانداق بەرگەنلىگى شۇ نەخ مەيداندىكىلەرگە ئايان . كوپ ھاللاردا  ت ۋ. پىروگىراممىللىرى كىسىپ قىسقارتىلىپ سۆزلەر ئاستىن ئۈستۈن بوپ كىتىدۈ . ئاندىن مۆمىنجاننىڭمۇ بۈ يەردە تارىخ سۆزلەپ ئولتۈرىشنىڭ نە قەدەر قىيىن ئىكەنلىگىنى سىز پەقەت ۋەتەن سىرىتىغا چىققاندىلا بىلىسىز . يۈلدۈز. ئوسمانىۋا  ئۈزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى قەيىت قىلىش سەۋۈپلىك ئزبىكىستانغا پاتۇرماي چىقىرۋەتكەن ئۆزبىكلەر ئەلۋەتتە سەھنىگە چىقىشتىن ئاۋال مومىنجاننىڭ قانات قۈيرىغىنى  يىغىشتۈرۈپ ئاندىن ئەچىقىدۇ،. ئاڭلىشىمچە ئۆزبىكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۆمىنجاندىن ئىنتايىن خوشالىكەن . چۈنكى يېقىندى بۇيان ئۆزبىك تىلبۋىزىسىدە ئۇيغۇر كىملىگى بىلەن ئوتتورغا چىقىش مەننى قىلىنغان..ن.....  ئۈنىڭ نىمە ناخشا ئەيتىشى ئالدى بىلەن قاتتىق تەكشۈرىلدۈ . ئۇ بۇ قېتىم ئەيىتقان ناخشا يىڭى ئىجادى ناخشا ئىكەن . ئۆزبەك مۇزىكانىتلار تەڭكەش قىلسا ھىلىغۇ ئىجادى ناخشا كەن مۇقام بولسىمۇ ئۆزبىكچە چىقىپ قالىدۈ . شۇڭا بۇ ھەقتە سىزنىڭ باھا بىرىشىڭىزنىڭ زورورىيتي يوق . مۆمىنجان شۇلارنىڭ ئالدىدا شۇ ناخشىنىڭ ئىگىسى.   ئۇنداق بولمىسا ئۇمۇ بۇ ناخشىنى ئەيىتمايتى .

^  

دوپپام 2011-07-27 19:03
مۇشۇ  مۇنبەرلەرگە ناگان - ناگاندا پەيدا بوپ قالىدىغان <<كالتەك>>چى تورداشلارنى كۆرگىنىمدە سەت خۇيۇم تۇتۇپ كىتىدۇ جۇمۇ،ماۋۇ غالجىر ناملىق تورداش  تېخىمۇ غالجىركەن،ئەقلى بار ھەرقانداق بىر تورداش ياكى ئوقۇرمەن ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرسە تەبىئىيلا ئۇنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە مۆمىنجانلارنى كۆرەلمەيدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.غالجىر سىز ئۇيغۇرغا نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز؟ مۆمىنجان ئەسسالامۇئەلەيكوم دېمىدى دەپ تەنقىتلەپ كىتىپسىز،ھېلىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەيمۇ ياكى ئۆزبىكچىمۇ دەپ ئۇلار جاۋاب بەرمەستىنلا ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋىرەي دەپ ئۇيغۇرچىدا سۆزلەپ كەتتى،ئۇدۇللۇق ئۇيغۇرچە ئاھاڭدا سۆزلىسە قىسمەن تاماششىبىنلار چۈشىنەلمەيدۇ دەپ ئۆزبىك ئاھاڭىدا سۆزلەپ بەرسە نىمە بوپتۇ،ئۆزبىكلەرنىڭ ئاۋۇ رىياسەتچىسى تۇلا گەپ تارتىۋېلىپ ،ئۇ بۇ چاقچاق قىلىشلىرىنى مۆمىنجاندىن كۆرمەي رىياسەتچىنىڭ ساپاسى شۇنچىلىك ئىكەن دەپ كۆرسەك تامامەن توغرا بۇلىدۇ،ئېشىڭىز ئوخشىمىغا ئەكەپ قازىنىڭىزنى چېقىۋەتمەي ئۇستام نىىمىشقا تاماقنى ياخشى ئەتمىدى دەپ كۆرۈپ باققۇلۇق،مۆمىنجاننىڭ بۇ سىنى ئۇنتالماسمەن دېگەن ناخشىسى مەن بىلىشىمچە ئۆزبىكىستاندىمۇ خېلى مودا بولغان،ئەلكۈيى تورىدا ئاڭلىتىلغاندىن كىيىن يېقىن يۇرقلىرىم شۇنداقلا خىزمەتداشلىرىم دائىم ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىنىڭ بىرى بوپ قالدى،خەق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تېلىۋىزىيەسىگە چىقىپ يېرىم يالىڭاچ سۆزلەپ،باشقا تىلدا سۆزلەپ ...قىلىپ كەتسە ھاياجانىڭىز تۇتمايدىكەنيۇ،پەخىرلىك ئوغلان مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر نامى بىلەن دۆلەت ئاتلىغان بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا سۆزلەپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 10 نەچچە مىنۇتلۇق پۇرسىتىدە ئۇلارغا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ئۇيغۇرچە ئىجادىيتىنى سۇنسا<<غۇرۇرىڭىز>>تۇتۇپ كىتىپتۇ،نوچى بولسىڭىز تام تۈۋىدىن ھۇشۇر قوپقاندەك تۇيۇقسىز پەيدا بوپ گەپ قىلىپ قويماي گىپىڭىزگە ئىگە بۇلۇڭ،مۇھىمى <<ھېزىم كالتەك>>دېگەن قارا - قۇيۇق تەنقىتلەشنى ئۆزىڭىزگە <<بۇرچ>>قىلماي،گەپنى ئىلمىي - ئاساسىڭىز بىلەن قىلىڭ،خەلقىمىز ھازىر سىزدەك شۇئارچىلاردىن بەكرەك ئەمەلىي ئىش قىلغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ،نوچى بولسىڭىز مەكتەپ ئېچىڭ،مەكتەپ ئاچالمىسىڭىز بىر ئادەمگە پايدىلىق بولسىمۇ تېما ئىنكاس يېزىڭ،ناخشىچى بولسىڭىز خەلقىمىز ياقتۇرغۇدەك ناخشىلارنى ئېيتىپ ئابدۇللادەك،مۆمىنجاندەك ئەل سۆيگەن ناخشىچىلاردىن بۇلۇڭ،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈل - تاجىسى ئۇنى بۇ يەرگە سۆرىگەنلىكىڭىزدىن قانچىلىك پىتنىخور،ساپاسىز ئىكەنلىكىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ قاپتۇ.
گەرچە تەنقىدلىرىڭىزدە ئىلمىي ئاساسلار يوق دىگىلى بولمىسىمۇ،ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۋېتىش (گۈلەننىڭ گىپى بويىچە بولغاندا تەنقىد ئاشقۇنلىقى)سىزدە بەك ئەكىس ئىتىپتۇ،سىزنىڭچە مۆمىنجان ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ،سەن ئۇنى دېدىڭ،مەن بۇنى دىدىم دىسە بۇلامتى،ئۇ يەردە بىزدە 12 مۇقام بار دەپ سۆزلەپ 10 مىنۇتنى نەزىريە بىلەن سۆزلەپ بەرسە بۇلامتى،بۇ پروگرامما سەنئەت پروگراممىسى ، ئۇ تارىخنى ئەمەس بەكرەك سەنئەتنى تەلەپ قىلىدۇ،ھېلىمۇ پروگراممىنى تولۇق كۆرگەنلەر ئۇنىڭ ئادىل مىجىت ،ئابدۇكېرەم ئابلىز،ھېسام قۇربانلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىنى ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە پۇرسەت بولسا سۆزلىگەنلىكىنى ، ئاخىرىدا ئۆزبىكلەرگە ئۇيغۇرچە ئېسىل ناخشىدىن بىرنى ئۇرۇنداپ سورۇننى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

adwukat100 2011-07-28 09:51
ماۋۇ دوقمۇشتا بىردەم ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئالغاچ كېيىنكى ئىنكاسلارنى كۈزىتەي. 2009-يىلى مۇرات ناسىروۋ ئۈستىدە بولۇنغان گەپ سۆزلەردەك جىدەل بۈگۈن ئەلكۈيىدە ئوينىلىدىغان ئوخشايدۇ

sabaaa 2011-07-28 12:25
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!
ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆزبىكىستاندا ئېيىتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز بارىكاللا ئېيىتتىۇق. ئەمما، ئاشۇ بارىكاللىنى ئېيتىۋاتقىنىمدا مەنمۇ بەزى مەسىلىلەرنى ئويلاپ قالدىم.  مېنىڭ نەزەرىمدىكى مۆمىنجان ئابلىكىم خۇش پېئىل، تىرىشچان، زامانغا ماس ھالدا ئىنتىلىش روھىغا باي بىر ناخشىچى. ئۇندىن باشقا ئۇ كەسىپ ئاتلاپ چىققان، ئاتلاپ چىققان كەسپىدە مەلۇم نەتىجە ياراتقان بىر شەخس، ئۇنىڭ كۆپلىگەن لىرىك ناخشىلىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان تاماشابىنلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان، نۇرغۇنلىغان تاماشابىنلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك ياش.
ئەمما ئۇنىڭ «ئازاد شوۋ» پىروگراممىسىدىكى ئىپادىسى ئۇنىڭ يەنىمۇ تىرىشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. مەسىلەن: ئۇنىڭدا تېخى «ۋەزىن» يېتىلمىگەن. ئۇنىۋېرسال ساپا قۇرۇلمىغان. بۇنى ئۇنىڭ سەھنىدىكى ئىپادىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، قىزىق يېرى شۇكى، «نەسرىدىن ئەپەندى»دىن ئىبارەت خەلقنىڭ ئومۇمىي ئەقلىي مۇجەسسەملەنگەن بىر دانىشمەن پىروروتىپنى ئۇيغۇرلارنىڭ چاقچاقچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. «ئادىل مىجىت»، «ئابدۇكېرىم ئابلىز»لاردەك ئىتوتچىلىرىمىزنى شۇ قاتارغا قوشۇۋەتكەن. بىزددە يۈرۈشلەشكەن چاچچاق ھەم ئەقىللىق ھازىرجاۋاب چاچچاقچىلىرىمىز كۇرمىڭ. بۇنى مۆمىنجان بىلىشى كېرەك. مۆمىنجان تارىختا ئوقۇغان، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى تارىخ سۆزلەشكە مەجبۇر قىلمايدۇ. ئەمما، تارىخ ئوقۇش مەدەنىيەتنى نەدە قانداق سۆزلەشكە يېتىپ ئاشىدۇ.
مۆمىنجان مەن سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما ئۆزبىكىستان تېلېۋېزىيە پىروگراممىسىدىكى ئىپادىڭىز مېنى ھەيران قالدۇردى.  سىزگە بۇ گەپلەرنى دېيىشىم سىزنىڭ ئاممىۋىي شەخس بولغانلىقىڭىز  ۋە ئاممىۋىي شەخس سۈپىتىڭىز بىلەن ئاممىغا ۋەكىل بولغانلىقىڭىز ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ ئىنكاسنى يازمىغان بولاتتىم. سىز ياش  مېنىڭچە بۇ جەھەتتە بارغانسېرى پىشىپ يىتىلىسىز، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.
يەنە بىرگە توردىشىمىز musapir نىڭ «ئۆزبېك مۇزىكانتلار چالغان مۇزىكىدىن ئۆزبېكچە پۇراق چىقمامدۇ» دېگەن گېپىگە قوشۇلالمايمەن. بۇ شۇ مۇزىكانتلىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت، يەنە بىرى « ئۆزبېكلەر ئەلۋەتتە  سەھنىگە چىقىشتىن ئاۋۋال مۆمىنجاننىڭ قانات قۇيرىقىنى يىغىشتۇرۇپ ئاندىن ئاچىقىدۇ» دەپسىز. بۇ يەردە سىز مۆمىنجاننى ماختاۋاتامسىز ياكى ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىۋاتامسىز؟ «قانات - قۇيرۇق»لىرى يىغىشتۇرۇۋېتىلسىمۇ يەنە سەھنىگە چىقىشقا مۆمىنجان ازى بولارمۇ؟ ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قۇدرەتلىك ۋەتەن رازى بولارمۇ؟
مۆمىنجان كەسپىڭىزگە ھەم ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكىستان سەھنىسىدە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042068 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us