ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت
ئەسسالامۇئەلەيكوم مۆھتىرەم ئەلكۈيى تورى ئىشتىراكچىلىرى ،ئالدى بىلەن شىركىتىمىز ۋە تورىمىز نامىدىن سىلەرگە چوڭقۇر سالاملارنى يوللاش ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئەزىز تېنىڭلارنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى،توردىكى ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىڭلارنىڭ مەنىلىك ئۈتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە توختىماي تىرىشىپ سىلەر ئۈچۈن رازى بولغۇدەك خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بىرىمىز. ئەلكۈيى تورى توختىماي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەلنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەۋەردار قىلىش،ئۆزىدە ياخشى بولغان مۇنازىرە مەيدانى،ئەدەبىيات - سەنئەت سەيناسى ھازىرلاش،ئابۇنتلارغا قۇلايلىق شارائىت يارىتىش،خەلقىمىز نېمىنى ياقتۇرسا ئۆزىدە شۇنى ھازىرلاش،تورداشلارغا مەنىۋى بىلىم ئاتا قىلىشقا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى قاراپ كەلدى. 10-ئىيۇل چۈشتىن كىيىن تالانتلىق ناخشىچىمىز،ئەڭ سۆيگەن ئوغلان مۆمىنجان ئابلىكىم باشچىلىقىدا قورۇلغىنىغا ئالتە ئاي بولغان <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى>> شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ،ئۇستاز ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ،كەڭ ياشلارغا بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتى ئۇيۇشتۇردى ۋە لىكسىيە قاتناشقۇچىلىرىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئەركىن ئازادە سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان،خەۋەر تاپقان نۇرغۇن كىشىلەر <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى>>نىڭ يىغىن زالىغا يىغىلىپ لىكسىيە ئاڭلاش ۋە ئەركىن -ئازادە سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى،بۇ لىكسىيە ئاڭلاش يىغىنىغا يەنە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى،ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلار بىلەن بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالىدىن ، ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى>>نىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە بۇ قېتىم لىكسىيە ئاڭلاشقا كەلگەن كىشىلەر بىلەن <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>ئارقىلىق كەڭ كۇشادە بىر مەيدان سۆھبەت ئويۇشتۇرۇپ كەڭ تورداشلارغا ئېلىپ كەلدۇق،پائالىيەتكە قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار <<ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت>>نامىدىكى زىيارەت فىلىمىدە بولسۇن! بۇ ئېنىقلىقى يۇقىرى سۈزۈك نۇسخىدىكى زىيارەت فىلىمى،مۇشۇنى كۆرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز
56 تو بوشلۇقىدىن كۆرۈش(ئېنىقلىق سۈپىتى تۆۋەن نۇسخىسى)
زىيارەت جەريانىدىكى ۋە لىكسىيە مەيدانىدىكى رەسىملەر كىرگۈزىلىۋاتىدۇ....
لىكسىيە سۆزلەشتىن بورۇن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئابدۇقادىر جالالىدىن سابا تىل تەربىيلەش مەركىزىگە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۈزىنى بايان قىلماقتا
ئەل سۆيگەن ناخشىچى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلاۋاتقانلار
لىكسىيە نەق مەيدانىدىن ئارىيەلەر
ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ئابدۇقادىر جالالىدىندىن ئۆزىنىڭ ناخشا تىكىستى يېزىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن تىل ئىپادىلەش جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۇئال سورىماقتا لىكسىيە ئاڭلاۋاتقانلار
لىكسىيە داۋامىدا ئوقوغۇچىلار ۋە لىكسىيە ئاڭلاشقا كەلگەن كىشىلەر ئابدۇقادىر مۇئەللىمدىن ئۆزىنىڭ دۇچ كەلگەن بىر قىسىم مەسىلىلىرى ھەققىدە سۇئال سوراپ چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى
لىكسىيە داۋامىدا يەنە لىكسىيە ئاڭلاشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر ئەزىز مېھمان يەنى ئالدىنقى ھەپتە ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا تونۇشتۇرۇلغان 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا 150 نومۇرغا ئېرىشكەن پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى پەخرىيەگە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى ھەم بۇنىڭدىن كىيىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بىر دەستە گۈلنى پەخرىيەگە ھۆرمەت بىلەن تەقدىم ئەتتى
لىكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەلكۈيى تورى بىر قىسىم لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار ۋە سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى
ئەلكۈيى تورىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن بىرگە بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار ۋە شىركىتىمىزدىكى ھەر بىر خىزمەتچى شۇنداقلا ئەلكۈيى تورى نامىدىن پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئەل سۆيگەن ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم باشچىلىقىدا قورۇلغان <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى>>نىڭ تېخىمۇ مەرىپەتلىك ماكان بۇلىشىنى ،خەلقىمىزگەمەنىۋى بىلىم بىرىش قەدىمىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! ئىزاھات:ئۇستاز ئابدۇقادىر جالىدىننىڭ بۇ قېتىملىق نەق مەيدان لىكسىيەسىدىكى مەزمۇنلار نۆۋەتتە تورىمىز تەرىپىدىن جىددىي كىرىشتۈرىلىۋاتىدۇ،بىر قانچە كۈن ئىچىدە لىكسىيە فىلىمى ئەلكۈيى تورى تەرىپىدىن ھوزۇرىڭلاردا بولىدۇ.
كامالى ئېھتىرام بىلەن: ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تورى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى |