رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئانا تىلىم جان تىلىم] -> ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulen 2011-07-06 14:31

ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار!
        
   مەركىزىمىزدە ئىنگىلىز، ياپۇن ۋە تۈرك تىلىدىن تەربىيىلەشنى ھەمدە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۇرسىنى يولغا قويدۇق. دەرسكە ئامېرىكا كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدا تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغان، تۈركىيەدە تەتقىقاتتا بولغان، ئون نەچچە يىللىق تىل ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەكلىپ قىلىندى. مەركىزىمىز يەنە" ئۆگىنىش خۇشاللىقتا، مېھرىۋانلىقتا، باراۋەرلىكتە داۋاملاشسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ" دېگەن چۈشەنچە بويىچە "ئانا-دادا بىللە ئۆگىنەيلى!" ناملىق ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىش پروگراممىسى ۋە پەرزەنت تەربيىىسى ھەققىدە يۈرۈشلۈك لېكسىيەنى يولغا قويماقچى. ھەر ساھەدىكى ئىلىم تەلەپكارلىرى، ئاتا-ئانىلار، ئېنى سىڭىللەر ۋە سۆيۈملۈك پەرزەنتلەرنىڭ دەرسخانىمىزغا مەرھەمەت قىلىشىنى كۈتىمىز. دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:




كەمبرىج ئىنگىلىز تىلى 1- قىسىم    ھەر كۈنى كەچ ۋە شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى

    ئانا تىلدىن ساۋات چىقىرىش                  شەنبە يەكشەنبە

    كەمبىرىج 2-قىسىم     شەنبە يەكشەنبە ۋە ھەر كۈنى كەچ

  گۆدەكلەرگە راھەتباغ (3 - 6 ياشقىچە)    ئەتىگەن سائەت 7:30 دىن 5:30   ھەركۈنى

 يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى 1-قىسىم      ھەر كۈنى كەچ ۋە شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى

     تۈركچە:   ھەر كۈنى كەچ ۋە شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى
   
يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى 2-قىسىم   ھەر كۈنى كەچ ۋە شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى

  ياپۇنچە:    ھەر كۈنى كەچ 7:30-6:00  

 تولۇقسىز ئوتتۇرا پەنلەردىن كۈچەيتىش سىنىپى     ھەر كۈنى كەچ 7:30-6:00  
تولۇق ئوتتۇرا پەنلەردىن كۈچەيتىش سىنىپى        ھەر كۈنى كەچ
باشلانغۇچ پەنلەردىن كۈچەيتىش                     شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى
ئالى مەكتەپ تەكرار سىنىپى                            ھەر كۈنى


" ئانا-دادا بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!"  بالىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە قاتارلىق تىللاردىن بىرنى تاللاپ ئۆگىنىسىز. "گۆدەكلەر راھەتباغ"دا ئېگىلىزچە، خەنزۇچە ئۆگىتىمىز.
پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە يۈرۈشلۈك ھەقسىز لېكسىيە ۋە ئەمەلىيەت. يەكشەنبە  14:00-16:30

دەرس 9-ئاينىڭ 2، 5، 20-كۈنلىرى باشلىنىدۇ. ئوقۇش پۇلى بىراقلا تاپشۇرۇلىدۇ.
ئورنى: قەشقەر شەھرى پەن تېخنىكا سارىيى 4- قەۋەت نۇرخان تەربىيىلەش مەركىزى.
ئىبراھىم مۇئەللىم 13899141964 ، ئابدۇۋەلى مۇئەللىم 15199300236، مېھرىگۈل مۇئەللىم 15352587782

wali0998 2011-07-06 15:10
باشقا ناھىيەلەردىن كەلگەنلەرگە ياتاق ئورۇنلاشتۇرامسىلەر

aginimalika 2011-07-06 15:32
ئۈرۈمچىدىمۇ بولسىچۇ بۇ كۇرس، مەن ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېنگىلىس تىلى كۇرسىغا تىزىملاتماقچى ئىدىم.

kadirlik 2011-07-06 15:36
پىچاندا بۇلسىچۇ ؟ بۇ جايدىمۇ بىرنى قۇرۇڭلار مەن ئالدى بىلەن ئۆگىنىىمەن .

kumarajiwa 2011-07-06 15:56
گۅلەن ئەپەندى،قەشقەرگە قايتىپ كەلدىڭىزما؟
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نى تولۇقلاپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرۇپ،خەلقىمىزگە سۇنغايسىز.

zilnur 2011-07-06 17:28
ھەي..... بۇ كورسنى ئۈرۈمچىدىلا ئاچماپىسىز !!!!!!!!!!!!!! مەنمۇ قاتنىشاتتىم ئەمەسمۇ؟

vmid219 2011-07-06 17:29
مېنىڭ بەكمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى, لېكىن مەن ئۈرۈمچىدە。 ئەمدى ئۈچ ئادەم تىزىمغا ئالدۇرغىنى بەك قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ。 شۇنداق ياخشى پۇرسەت تۇرسا。 مۇمكىن بولسا,ئۈرۈمچىدىمۇ شۆبىسىدىن بىرنى ئاچساڭارغۇ,مەن بىرىنچى بولۇپ تىزىملىتاتتىم。

guzalaslima 2011-07-06 17:57
بۇ كورىسنى ئۈرۈمچىدە ئاچقان بولسىڭىزچۇ؟ مەنمۇ ئوغلۇم بىلەن قاتنىشاركەنمەن....

xamal625 2011-07-06 18:12
بەلكىم ئۈگەنگۈسى بارلار خەۋەر تاپمىغان ۋەياكى گۇلەن ئەپەندىمنى بىلمەسلىكى مۇمكىن(تورغا چىقمايدىغانلارنى دىمەكچى).خەۋەر تاپمىغان قەشقەر شەھىرىدىكى تۇنۇش-بىلىش دوستلىرىمىزغا خەۋەر يەتكۈزۈپ قويايلى.مىنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى،كەچتىلا تېلىفۇن قىلىمەن.

rena617 2011-07-06 18:17
مەن  دوسلۇرۇمغا ،ئۇرۇق-تۇققان ،تونۇش-بىلىشلەرگە خەۋەر  قىلاي،ھەجەپمۇ  خۇش  بولدۇم.

biqarabiz 2011-07-06 18:30
توۋۋا شۇنچىۋالا چوڭ  قەشقەردە ئاران 3  ئادەم تىزىملىتىپتۇ، غۇلجىغا ئاچسىڭىزمۇ بوپتىكەن

wolqan321 2011-07-06 18:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئابدۇۋەلى ئاكا ئۈرۈمچىدە ئاچقان بولسىڭىز ئىنشائاللاھ ئۆزۈم قاتناشقان بولاتتىم سىزنىڭ كۇرىسىڭىزغا، بۇتەرەپلەرگە ئىچىپ قالسىڭىز ئۆھۆ دەۋىتىڭ بىرىپ لىكسىيەلىرىڭىزنى، دەرىسلىرىڭىزنى ئاڭلايمەن.
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن!

barkatjan 2011-07-06 19:03
مىنىڭمۇ شۇنداق بارغىم بار لىكىن ئارلىقىمىز 200 كىلومىتىركەن ئەمەسمۇ.توردىلا ئاچامسىز يە بۇكۇرىسنى....شۇندا ھەممىز قاتنىشالايتۇق.........

mizanim@ 2011-07-06 19:16
گۈلەن ئەپەندىم  ، قەشقەرگە كەلدىمۇ بۇمەن ئۈچۈن ۋە مەندەك ئۇنىڭ نادىر تىمىلىرىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ، بىر زور خوشاللىق،مىنىڭ ئۇنىڭ مول مەزمۇنلۇق لىكسىيەلىرىنى ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار.مۇمكىن بولسا نىمدىگەن ياخشى ؟

gulen 2011-07-06 20:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دوستلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت. باشقۇرغۇچىلارغا تېمىنى تەستىقلىماستىمۇ دەپ قويغان. بۇ ئەسلى بىر جەدىۋەللىك بىلدۈرگۈ ئېدى. جەدىۋەلنى چىقىرالماي قالدىم، مەزمۇنمۇ تولۇق چىقمىدى. ئاندىن قايتا يوللۇدۇم. باشقۇرغۇچى رەنجىمەي تولۇقراق نۇسقىسىنى يوللاپ قويغان بولسا. مەم ئىككى قېتىم يوللىغان.
مەسىلەن، ئانا تىلدىن ساۋاد چىقىرىش سىنىپى چىقماي قاپتۇ.

~tilsim~ 2011-07-06 21:02
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىbiqarabiz يوللىغان 2011-07-06 18:30 غا قارتىلغان :
توۋۋا شۇنچىۋالا چوڭ  قەشقەردە ئاران 3  ئادەم تىزىملىتىپتۇ، غۇلجىغا ئاچسىڭىزمۇ بوپتىكەن

قەشقەردە ئۈگىنىش قىزغىنلىقى بار كىشلەر بەك كۇپ،بەلكىم تۇلۇق خەۋەردار بۇلۇپ بۇلالمىغان ئوخشايدۇ،مەنچە بۇلسا تەشۋىقاتنى داۋاملىك ئىلىپ بارسا بۇلغۇدەك.
دۇنيادا مۇشۇنداق دادا تەربىيسى كۆرمىگەن ئاقنانچىلار قاچانمۇ تۆگە دەيمەن!

gulhan 2011-07-07 00:26
يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى 2-قىسىم    3:35-2:00    180    تۈركچە    7:30-6:00    180

مۇشۇنىڭدا مېنىڭ قىزىم ئوقۇماقچى ، ئىككى كۈندىن سەل جىددىيچىلىك بولۇپ قالدى ئائىلىدە، شۇڭا ھازىرچە مۇشۇ جايدا تىزىملىتىپ تۇراي. مەن باشقا تور بەتلەرگىمۇ يوتكەپ قويدۇم.

albax 2011-07-07 10:48
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۇلەن ئەپەندى ، " ئامرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار " نى توپلام قىلىپ چىقارسىڭىز ؟!

altunhas 2011-07-07 14:00
ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا بەك جىق تىزىملىتاركەنمىز ، ئەپسۇس...

aytolun 2011-07-07 16:49
yahxi boptu,kirindaxlirim eytkandak urumqidimu aqsanglar boptikan.mining bala tarbiyilaxtiki liksiyeringlarni kizginlik bilan angligim bar idi.apsus...................

sarsan12 2011-07-08 04:21
ئاپالا مىنىڭ تەتىلىك پىلانىم ئىنگلىز چە كۇرۇستا ئوقۇش ئىدى  ،   لىكىن ، مەن بارغاچە باشلاپ بولدىكەنسىلە ئەمەسمۇ .............  قانداق قىلسام بولا ر ...........

aexa 2011-07-08 13:39
بۇ كورىسنى ە ئاچقان بولسىڭىزچۇ؟

patima502 2011-07-08 17:51
ئەجەپ  ياخشى  پۇرسەتكەنتۇق ،  ئەپسۇس  ئۈرۈمچىدە  ئەمەسكەن  . بۇ  يەردە  ئىچىلغان  بولسا  مەنمۇ  4  ياشلىق  بالام  بىلەن  بىللە  تىل  ئۆگىنەرمەنكەن  .  ئۈرۈمچىدىمۇ  شۆبىسى  ئىچىلغان  بولسا  بەك  ياخشى  بۇلاتتى ،  بىزدەك  تىل  ئۆگەنگۈسى  بار  لىكىن  بالسغا  قارايدىغان  ئادەم  يوق  كىشىلەرگە بالىسىنى  بىللە  ئىلىپ  بىرىپ  خاتىرجەم  ئۈگىنىدىغان ياخشى  ئۈگىنىش  مۇھىتى   ئىكەنتۇق  .  بولسا   بۇ  خىل  تۈرنى  ھەر  قايسى  يەرلەردىكى  تىل  تەربىيلەش  مەركەزلىرىمۇ  سىناپ  باقسا  بولغىدەك  .

kalbidax 2011-07-08 23:26
بۇ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەن،مەنمۇ دوستلىرىمغا خەۋەر قىلىمەن

uighur-jan 2011-07-09 15:01
turk tili kursi bolgan bolsa man katnixattim ....

nursima 2011-07-10 20:07
مەن تۇرۇكچە ئۈگۈنۈشكە قىزىقاتتىم...........ئاقسۇدا ئېچلسىچۇ؟!........مىڭلارچە ئەپسۇس...................

gulen 2011-07-12 12:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دوستلارنىڭ قوللىغىنىغا كۆپ تەشەككۈر. 10-ئىيۇل تۇنجى لېكسىيەنى غەلبىلىك تاماملىدۇق. قەشقەردىكى قېرىنداشلار كۆپ يارىدەمدە بولدى. ئاللاھ بارلىق يار يۆلەكتە بولغان دوستلاردىن رازى بولسۇن.

yultuz520 2011-07-12 15:58
بۇ كۇرۇسنى ئىچىپ بەك ياخشى قىپسىز! بۇرۇنراق ئاچقان بولسىڭىزچۇ؟
مىنىڭ ھەدەم ئىنگىلىزتىلنى ئۈگۈنىمەن دەپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ،ئۆيدىكىلەرگە <<مەن ئۈرۈمچىگە كۆنۇپ قالدىم،ئەمدى قەشقەرگە كەتمەيمەن >>دەپ تۇرىۋاپبارىدۇ.

abdulla78 2011-07-12 16:52
 

abdulla78 2011-07-12 16:56
خوتەندىمۇ ئۇگىنىدىغانلار بارئىدى.

gulbike 2011-07-19 18:34
مەنمۇ ئۆزلىكىمدىن تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم، ئاقسۇدا ئېچىلغان بولسىچۇ، قاتنىشار ئىكەنمەن...

haliktash 2011-07-19 19:58
مەن 17 چىسلا گۈلەن ئەپەندىنىڭ <بىزلەردىكى پەرزەنىت قارشى > تىمىسىدىكى لىكسىيەسنى ئاڭلىدىم. گۈلەن ئەپەندىنىڭ چۇڭقۇر مەنىلىك لىكسىيەسىدىن كىيىن قاتناشقۇچلار تۇشمۇتۇش ئۆزنىڭ قاراش ۋە يولۇققان مەسىللىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتى. ئوماق پەرىزەنتلەر گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئىلھاملاندۇرشى ئارقىسىدا ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئۆزىنىڭ تالانتىلىرىنى كۆزسەتتى. لىكسىيە ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىلىپ بىرىلدى.....................

imkan 2011-07-19 20:54
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، گۈلەن ئاكا !
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، ھارماڭ!
بۇنداق ئەلگە نەپ تېگىدىغان ئىشنى باشلاپ بەرسىڭىزلا ھە-ھۇ دېيىشىدىغانلار ھامان چىقىدۇ. يۇرتتىكى ئارام كۈنلىرىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتكەي!

enqa 2011-07-21 04:08
نەقىل
بۇ gulenقەۋەتتىكى 2011-07-06 14:31يوللىغاندىكىگە ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار :
ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار!
        
   مەركىزىمىزدە ئىنگىلىز ۋە تۈرك تىلىدىن تەربىيىلەشنى ھەمدە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۇرسىنى يولغا قويدۇق. دەرسكە ئامېرىكا كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدا تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغان، تۈركىيەدە تەتقىقاتتا بولغان، ئون نەچچە يىللىق تىل ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەكلىپ قىلىندى. مەركىزىمىز يەنە" ئۆگىنىش خۇشاللىقتا، مېھرىۋانلىقتا، باراۋەرلىكتە داۋاملاشسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ" دېگەن چۈشەنچە بويىچە "ئانا-دادا بىللە ئۆگىنەيلى!" ناملىق ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىش پروگراممىسى ۋە پەرزەنت تەربيىىسى ھەققىدە يۈرۈشلۈك لېكسىيەنى يولغا قويماقچى. ھەر ساھەدىكى ئىلىم تەلەپكارلىرى، ئاتا-ئانىلار، ئېنى سىڭىللەر ۋە سۆيۈملۈك پەرزەنتلەرنىڭ دەرسخانىمىزغا مەرھەمەت قىلىشىنى كۈتىمىز. دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:

دەرس    ۋاقتى    پۇلى (ئايلىق)    دەرس    ۋاقتى    پۇلى (ئايلىق)
.......

ما تېمىنى يازغۇچى گۈلەن ئەپەندى ئەمەسما؟ ياكى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى گۈلەن ئەمەسمۇ؟ قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ....

nimjan 2011-07-21 08:27
ھۈرمىتى زىيادە گۈلەن ئىنىم، كاشغەردە بولغىنىغۇ ياخشى بوپتۇ، ماۋۇ ئۈرۈمچىدە يوقمۇ؟  تۈركچە ئۆگەنمەك ئۈچۈن ئوغلانلىرىمىز جېدەل قىلىۋاتىدۇ!

ھەق 2011-08-02 15:15
بۇ كۇرۇس ھەقىقەتەن ياخشىكەن

oguzpuxti 2011-08-02 17:30
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىkumarajiwa يوللىغان 2011-07-06 15:56 غا قارتىلغان  :
گۅلەن ئەپەندى،قەشقەرگە قايتىپ كەلدىڭىزما؟
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نى تولۇقلاپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرۇپ،خەلقىمىزگە سۇنغايسىز.

بۇنىڭدىن قارىغاندا گولەن ئەپەندى ئابدۇۋەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزىكەندە !!!!!!!!

oguzpuxti 2011-08-02 17:43
مەن ئابدۇۋەلى مۇئەللىمنى قەشقەردىكى كۆكنۇر كىتابخانىسىدا كۆرگەن . ئۇ شۇچاغدا كۇرسقا تىزىملاتقان بىر ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپتىكەن ، مەن ئۇنىڭ پاساھەتلىك ھەم يېقىشلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىرىلىپ كىتىپ ، خېلى بىر چاغقىچە كىتاب ئوقۇغان بولۇپ كىتابىانىدا تۇرغان ئىدىم . ئابدۇۋەلى مۇئەللىم ھەقىقەتەن بەلەن ئادەم . ئۇنىڭ قولىدا ئازراقلا تەربىيەلەنگەن ئادەمنىڭمۇ زور مەنپەئەتكە ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل            

merve 2011-08-13 15:49
ئۇرۇمچىدە ئۇقۇيدىغانلار بولسا تۇركچە كۇرۇس باغۇ.
  دەرىسنى شۇنداق ياخشى ئۇتىدۇ.

turakjan 2011-08-13 17:43

我希望这个培训班万事如意、工作顺利!

mr.blue 2011-08-14 00:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىزگە ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق سۇئال سوراپ ئۇچۇر يازسام جاۋاب يوققۇ؟ ئالدىراشمۇ سىز؟

gulen 2011-08-14 13:11
نەقىل
بۇ 40قەۋەتتىكىmr.blue يوللىغان 2011-08-14 00:17 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىزگە ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق سۇئال سوراپ ئۇچۇر يازسام جاۋاب يوققۇ؟ ئالدىراشمۇ سىز؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئۇچۇر قوبۇل قىلالماس بولغىلى ئۈچ تۆرت ئاي بولدىغۇ دەيمەن. شۇڭا ئىمكان بولسا خەت يازارسىز.

mr.blue 2011-08-14 16:32
ھە مۇنداق دەڭ! بىلمەپتىمەن، رەھمەت ! مەن دېمەكچى ،ئۆتكەندە سىلەر تۈرك تىلى كۇرسىغا تىزىملاتقاندا مەن قەشقەردە بولمىغاچ تىزىملىتالمىغان ،ھازىر قەشقەردە ، شۇڭا ھازىر تىزىملاتساممۇ بولامدۇ؟ قايسى دەرسلىك ئۆتىلىدۇ؟ ھەممىمىز بىلىمىز بۇ جەھەتتە تۈزۈك دەرسلىك يوق !؟

gulen 2011-08-14 18:50
تېلفون قىلسىڭىز، ياكى تىزىملاتقىلى كەلسىڭىز كىتاپ، دەرس دېگەن مەسىلىنى بىز ھەل قىلدۇق، سىزدە بولمىسا بىزدە بار.

gulen 2011-08-17 15:35
قايتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى. بىر مەۋسۈملۈك ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خەنسۇچە ۋە ھەرقايسى پەنلەردىن كۈچەيتىش سىنىپلىرىغا داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

bardam 2011-08-17 15:45
گەرچە ئۆزەم تىزىملىتىپ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان بولساممۇ مەن تەۋسىيە قىلغان قىزنىڭ تىزىملىتىپ ئوقۇۋاتقىنىدىن ئازراق كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى،دوسلارمۇ كۆپرەك تەۋسىيە قىلىڭلا

gulen 2011-08-20 18:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەتە يەنى 21- ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى توقۇزاق يولى، ۋىلايەتلىك سوتنىڭ ئالدىدىكى ئۆمۈر سۇغۇرتا شىركىتى زالىدا لېكسىيە ۋە مۇكاپات پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى قىزىققۇچىلارنىڭ قاتنىشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

gulen 2011-08-20 19:26
لېكسىيەدىن كېيىن داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ۋە يېڭىدىن ئېچىلىدىغان كۇرسلار ھەققىدە ئاتا-ئانىلاردىن تەكلىپ ئېلىنىدۇ. شۇڭا تەبىيىلەش پىلانىمىز ھەققىدە بىزدىن ئۇچۇر ئاڭلىماقچى بولغانلار، كېلىپ قاتنىشىپ بەرسە بولىدۇ.

gulen 2011-08-30 19:22
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى
بۇ بىلدۈرگىنىڭ مەزمۇنى يېڭىلاندى. بىر مەۋسۈملۈك پىلان ئېلان قىلىندى. بولسا كۆرۈنمە يۈزدىكى ۋاقىتنى ۋە مەزمۇننى تەڭشەپ بەرسەڭلار.

otyurakohlan 2011-09-01 11:06
ھەي يېقىنراق بولغان بولسا مەنمۇ بېرىپ ئۈگۈنەركەنمەن


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.050191 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us