ئاپا، مەن ئەسكىمۇ؟
(ھېكايە)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
يازنىڭ تۇنۇر تەپتىدەك ئىسسىق بىر كۇنى ئانامغا ئەگىشىپ، يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۈككىدە يېشىل كارىدۇر ھاسىل قىلغان تال بارىڭى ئاستىدىكى توپا يول گويا غايەت زور يىلاندەك سۇزۇلۇپ ياتاتتى. قۇيۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان كەنت، مەھەللىلەر شۇ قەدەر گۈزەل ئىدىكى، ئادەمنىڭ قارىغانسېرى قارىغۇسى كېلەتتى. ئەتراپتىن ئۇرۇلغان نەمخۇش، ساپ ھاۋا دىماققا گۈپپىدە ئۇرلاتتى.
-ئاپا، ئاۋۇ نېمە؟
-ياڭاق دەرىخى.
-ئاۋۇچۇ؟
-چىلان دەرىخى...
بەش ياشلىق ئىنىم ئېلى مەردان ئاپامدىن توختىماي سۇئال سوراتتى. ئاپاممۇ ئېرىنمەي جاۋاپ بىرەتتى. بىز ئەنە شۇنداق قىزىقىش، شاد-خوراملىق ئىچىدە ھامماملارنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.
ئەتىسى تۇققانلارنىڭ بالىلىرىغا قۇشۇلۇپ، مېھماندارچىلىق ئوينى ئويناۋاتاتتۇق. ئىنىم ئۇيۇننى بۇزۇپ، بىزگە پەقەت ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى. مەن:
-ئېلى مەردان ھاي، ئۇنداق قىلما!،- دەيتتىم. ئەمما ئۇ گاس ئادەمدەك گەپ ئاڭلاي دېمەيتتى. بىردەمدىن كېيىن يانچۇقىدىن كەمپۈت، شاكىلات دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ يىيىكە باشلىدى ۋە قۇلىدىكى ئەخلەتنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتتى. مەن ئۇنىڭغا بىر نېمە دەي دەپ بولغۇچە، ھاممامنىڭ كىچىك قىزى:
- پەپىت،- دەپ ئۇنىڭ قولىدىكى كەمپۈتنى تالاشتى. ئىنىم :
-ياق، بەمەيمەن،-دەپ كەمپۈتنى ئارقىسىغا تىقىۋالدى. مەن:
-ئۇكام، ئۇنىڭغا بىرتال بەرگىن،-دېدىم يالۋۇرۇپ. ئۇ قەتئى ئۇنىمىدى. ئىنىم كەمپۈتنى بەرمىگەنسېرى ئۇ توپا قوللىرنى ياش يۇقى كۆزىگە سۇۋاپ تېخىمۇ يىغلايتتى...
كەچكە يېقىن تۇققانلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوت ئالدۇق. قولىمىز سىمىز ئوت، يۆگۈمەچ ئوت دېگەندەك...ھەرخىل ئوتلارنىڭ دېغى بىلەن قارىداپ كەتكەن ئىدى. ئالقىنىمغا قاراپ بىر قىسملا بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەمما قويلارنىڭ ئوتلارنى تالىشىپ يىگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم لىپپىدە كۆتىرلىپ كەتتى. بۇلۇپمۇ ئۇماق پاقلانلارنىڭ بېشىنى پات-پات سىلكىپ قۇيۇپ، ئوت-چۆپ يىيىشى ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۇرەتتى. لېكىن بىر پۇتى سۇنۇپ كەتكەن قۇزىنىڭ توكۇر كىشىدەك ئاقساپ مېڭىشىنى كۆرگۈنىمدە، ئىختىيارسىز ئىچ ئاغرىتىپ قالدىم. قېرىشقاندەك ئىنىم ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ، ئورنىدا ياتقىلى قويمىدى. بىچارە تاياقتىن قورقۇپ، ئورنىدىن تەس تۇراتتى. ئازراقلا مېڭىپ، يەنە يېتىۋالاتتى. ئىنىم يەنە ئۇرۇپ، ئارامىنى قويماتتى.
-بولدى قىل!-دەپ تاياقنى ئېلىۋالدىم ئۇنىڭ قولىدىن. ئۇ ئۆزىنى تۇپىغا ئېتىۋېتىپ، يىغلاشقا باشلىدى.
-گەپ ئاڭلىمايدىغان ئەسكى،-دېدىم ئۇنى قۇپۇرالماي. بۇ چاغدا ھاممامنىڭ بالىلىرى قوزىلارغا قولىدا ئوت بېرىۋاتاتتى. ئانام بىلەن ھاممام باغ تەرەپتىن قىزغىن پاراڭلاشقىنىچە يېنىمىزغا يىتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قولىدا ھۈل-ھۈل پىشقان ساپسېرىق شاپتۇللار تۇراتتى. ھەممىمىزگە بىر قانچىدىن بەردى. بىراق نەۋرە ئاچام ئۆزىگە تەككەن شاپتۇلدىن بىرنىلا ئېلىپ قېلىپ، قالدىسىنى بىزگە بېرىۋەتتى، مەن:
-ئۆزەڭ يە،-دەپ ئالغىلى ئۇنىمىدىم. ئۇ:
-سەن دېگەن مېھمان،-دەپ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قۇلۇمغا تۇقۇزۇپ قويدى. ئىنىم بىزگە قاراپ ھەيران بولغان ھالدا سورىدى:
-ئاچا، بۇ نېمە قىيغىنىڭلار؟
- دەپپاقە، نېمە قىپتۇق؟
- نېمىشكا بىي-بىيىڭلار ئايغىلى ئۇنىمايسىلەر؟ قويىڭدىكى شاپتۇينى يىگىلى بويمامدا؟
- يىگىلى بولىدۇ بالام، بۇلار بىر-بىرىگە كۈيۈنۈۋاتىدۇ،-دەپ جاۋاپ بەردى ئانام.
-كۈيۈنۈش دېگەن قايداق بولىدۇ؟-دەپ سورىدى ئىنىم ھېچنىمىنى چۈشەنمەي.
-بالىلار بىر-بىرىدىن نەرسە تالاشمىسا، يۇۋاشنى بۇزەك ئەتمىسە، چوڭلار كىچىكلەرنى ئاسرىسا، كىچىلكەر چوڭلارنى ھۆرمەت قىلسا كۈيۈنىش بولىدۇ. بىز بۇنداق بالىلارنى ياخشى بالا دەيمىز. بولمىسا ئەسكى بالا دەيمىز. -دېدى ئانام تۇلىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن.
-مەن قۇزىنى ئۇيدۇم. ئۇيداقتا، مەن ئەسكىما؟
-مۇبادا شۇنداق قىلغان بولساڭ ئەسكى ھېساپلىنىسەن،-دېدى ئانام ئېلى مەرداننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
ئىنىم ئۇياق، بۇياققا قاراپ ئاقساق قۇزىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ خۇددى ئېغىر كېسەل تارتقان بالىدەك تۆگۈلۈپ ياتاتتى. ئىنىمنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، بېشىنى ئېرىنچىكلىك بىلەن ئاستا كۆتۈرىدى. بۇ چاغدا ياڭاق غازىڭىدەك ئىككى ئۇزۇن قۇلىقى مىدىرلاپ كەتكەنىدى. ئىنىم قۇلىدىكى سۇيى ئېقىپ تۇرىدىغان شاپتۇلنى ئۇنىڭ ئېغزىغا ئاستا تەڭلىدى. قۇزا ئۇنى بىردەم پۇراپ بېقىپ، بىر-بىرلەپ يىيىشكە باشلىدى. بىز ئىنىمنىڭ قىلىقىغا قاراپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتۇق. ئىنىممۇ بىزگە قاراپ، پىسسىڭڭىدە كۈلدى ۋە:
-ئاپا، مەن ئەمدى ئەسكىما؟-دەپ سورىدى.
-ياق، سەن دېگەن كۈيۈمچان بالا. چۈنكى، سەن ئاجىز قوزىغا كۈيۈندۈڭ!-دېدى ئانام ئىنىمنىڭ توغاچتەك مەڭزىگە سۈيۈپ تۇرۇپ.
مەنبە: «ئەخلەت يەيدىغان كۈچۈك» ناملىق بالىلار كىتابىمدىن
|