رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

umidwar 2011-07-01 08:01

ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن شىركىتىمىز ۋە تورىمىز نامىدىن ھەر بىر كۈنۈڭلارنىڭ خۇشال -خوراملىق ئىچىدە ئۈتىشىگە،توردىكى مەنىۋى ھاياتىڭلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە يارقىنلىق بۇلىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز.ھەممەيلەننىڭ ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق ئەلنىڭ ئارزۇسىغا ئاداققىچە ھەمدەم بۇلىشىمىزنى،تىرىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
جەسۇرلۇق ۋە باتۇرلۇق،قەيسەرلىك ۋە ئەقىل - پاراسەت،تىرىشچانلىق ۋە يىڭىلمەس روھ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز تۇرمۇشىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئارىمىزدا تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان قەھرىمانلار،ئىپتىخارلىق ئوغلانلار،پەخىرلىك قىزلار مەيدانغا كەلگەن بۇلۇپ،ئۇلار ئۆزىدىكى جەسۇرانە روھى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە ۋە مەدەت بولۇپ كەلگەن.
ھالا بۈگۈنكى كەلگەندە بىز دە  بۇنداق ئىپتىخارلىق،پەخىرلىك ئىشلار ھەرگىزمۇ توختاپ قالغىنى يوق،يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 150 نومۇر يەنى تولۇق نومۇر ئېلىشتەك تارىخى رىكورتنى ھەمدە ئومۇمىي نومۇردا 711 نومۇرغا ئىرىشىپ  ئادەمنىڭ ھاياجىنىنى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدىغان،ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىلھام، مەدەت ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل مىنۇتلارنى،پەخىرلىك ھېس -تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، 1984-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئېلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى تۇنجى تەبئىي پەن ماتېماتىكىسىدا تولۇق نومۇرغا ئېرىشكۈچى بولۇش شەرىپىگە ۋە  2011-يىللىق تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئەلىيۇلئەلالىق شەرىپىگە ئىرىشىپ،خەلقىمىزگە كاتتا شان - شەرەپ ئېلىپ كەلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى ئەلىيۇلئەلا پەخرىيە ئەشرەپنى شىركىتىمىزگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ <<ئەلكۈيى ئېكرانى>> پروگراممىسى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ پەخرىيە بىلەن كەڭ -كۇشادە سىردىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىش، پەخرىيەگە بولغان كۆڭۈل ئىزھارىنى بايان قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ مۇشۇنداق زور شان - شەرەپكە ئېرىشىشتىكى جەسۇرانە روھىنى خەلقىمىزگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە <<پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت>>ناملىق زىيارەت فىلىمىنى ئىشلەپ كەڭ خەلقىمىزگە سۇندۇق.
ئەلكۈيى تورىدىن زىيارەتنىڭ FLVشەكلىنى كۆرۈش
 

چۈشۈرۈپ كۆرۈش ئادرېسى

زىيارەت جەريانىدىكى بىر قىسىم رەسىملەردىن ئارىيەلەر

پەخرىيە ئۆزىنىڭ ماتىماتىكىدا 150 نومۇر ئالغانلىقىنى بىلگەندىكى خۇشاللىق مىنۇتلارنى سۆزلەپ بەرمەكتە
پەخرىيە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>زىيارىتىدە
پەخرىيە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>زىيارىتىدە
پەخرىيە ئەشرەپ ئەلكۈيى رىياسەتچىسىنىڭ سۇئالىنى زەن سېلىپ ئاڭلاۋاتىدۇ
زىيارەت داۋامىدا  ئەلكۈيى شىركىتىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچى-خادىملار پەخىريە ئەشرەپ بىلەن  خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى





زىيارەت جەريانىدا بىز پەخرىيەنىڭ ماتىماتىكىدىلا ئەمەس بەلكى ،ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يېشىغا ماس بولمىغان ھالدا يوقىرىلىقىنى، مىجەزىنىڭ ئوچۇق - يورۇق،كەمتەر ۋە ئېغىر -بېسىق ھەمدە پائالىيەتچانلىقى كۈچلۈك،دادىل قىز ئېكەنلىكىنى بايقىدۇق،ھەمدە قەلبىمىزدە  ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئۇلغايدى.
پەخرىيەنىڭ نەتىجىسى بىزگە ئۈزلۈكسىز تىرىشىش،قەتئىي بەل قۇيىۋەتمەسلىك،ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە چىدام غەيرەتلا بولىدىكەن،ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بولىدىغانلىقىنى،ئەتراپلىق بىلىم ئېلىش،مۇۋاپىق روھىي ھالەتنى ساقلاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن بۇنىڭدىن كىيىن ئارىمىزدىن پەخرىيەگە ئوخشاش ياراملىق ئىزباسارلارنىڭ جىقراق چىقىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە پەخرىيەنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ۋە غەلبىلەرگە ئىچىدە ئۆتىشىنى ،ئۆز ئارزۇسى بويىچە كەلگۈسىدە بىر ياراملىق دوختۇر بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
<<ئەلكۈيى ئېكرانى>> پروگرامما بۆلۈمى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30 كۈنى

dil-naz 2011-07-01 09:07
ئەلكۈيى تورىنىڭ پەخىرلىك قىزىمىز بىلەن مانا مۇشۇنداق دەل ۋاقتىدا سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىزگە سۇنغانلىقىدىن خۇشال بولۋاتىمەن!!!رەھمەت سىلەرگە!!!
كۆرىۋىتىپ كۆزىمدىن ئىختىيارسىز ياش ئەگىدى. مەنمۇ شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ تۇرۇپتىمەن.خۇدى ئۆز سىڭلىمدەك سۆيىنىپ كەتتىم .دېمىسىمۇ ھەممىمىزنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك تىرىشچان ،ئەقىللىق قىزكەن.
راستىنلا تېرىشچانلىق ئەڭ موھىمكەن .ئۇ قىزمۇ توغرا دېدى.ئىنتاھان نەتىجىسى چىقىش ئالدىنقى بىر باشلىنىش. كېيىنكى باشلىنىش بولسا ئۇ قىزنىڭ ئۇزال يوللاردىكى ئوقۇش ھاياتى!!!
ئىشنىمىزكى سىڭلىمىز پەخىريەنىڭ ئاشۇنداق تىرىشچانلىقى ،ئەقىللىقىلىقى، بىلەن كيېنكى قەدەملىرىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بىسىلغۇسى !!!!
ياشاپ كېتىڭ پەخىرلىق قىز!!! اللاھ تىنىڭىزنى سالامەت ، ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلغۇسى!!!!

arman03 2011-07-01 09:55
.ئەقىللىق قىز ئىكەن، كارامەت نەتىجە قازىنىپتۇ. بېشىغا دوپپا كىيگەن سۈرىتى  بىلەن تېخىمۇ جۇلالىنىپتۇ.

parixta799 2011-07-01 11:18
ياشاپ  كېتىڭ  پەخرىيە!سىزنى  تەربىيەلەپ  ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىڭىزغا  ئالەمچە  تەشەككۈر!
بۇندىن  كېيىنكى  قەدەملىرىڭىزگە  زور  ئۇتۇقلار  يار  بولسۇن!
سىزنىڭ  ئەلكۈيى  ئېكرانى زىيارىتىدە  دىگەن  گەپلىرىڭىزنى  ئاڭلاپ  ئولتۇرۇپ،
ئىختىيارسىز  كۆزلىرىمدىن  ياشلار  تۈكۈلدى،سىزدىن  تولىمۇ  پەخىرلەندىم،ھەتتا
خىزمەتداشلىرىمغا  :قاراڭلار،بىزنىڭ  مىللىتىمىزدىن  مۇشۇنداق  قىز  چىقىدۇ!
دەپ توۋلاپ كەتتىم.ئۇلارمۇ  ئاغزىنى  ئېچىپلا  قېلىشتى.....

tagnur 2011-07-01 11:27
كۈلدى ئەل،ئاپرىن ئوقوپ،ئاختى دەريا،شاۋقۇن ئورۇپ ،
پەخىريە ئۇيغۇر قىزى ، خۇشال بۈگۈن ، شەرەپ قۇچۇپ .

ياغدى ئەلدىن ، تالاي ئالقىش ،ئۇيغۇر ئۈچۈن غەزەل قېتىپ ،
قۇشلار ئارا ، بەيگە قىلىپ ،تاپسۇن شەرەپ ، قانات قېقىپ .

ئەل ئۈچۈن ، مىللەت ئۈچۈن ، تۆھپە قوشۇپ ، سۈيىدە ئېقىپ ،
مىھىر بېرىڭ ،زەمزەم بولۇپ، قۇياش كەبى ، نۇرلار چېچىپ .

بىلىم ئېلىپ ، باغلاپ ئىمان ، ھەقنى كۆزلەپ ، ئەلنى كېزىپ ،
خۇشال قىلىڭ، ساپ ئەجىردە، مىللەت ئۈچۈن ، دەستە تىزىپ .

كەلسە تۆھمەت  ، ئۆسەك توقۇپ ، ھەق يولىنى ، تار قىلىپ ،
يەكسان قىلىڭ ،يەر چىشلىتىپ ،پەن - بىلىمنى ، خەنجەر قىلىپ .

ھايات سەرخىل ، قىسمەت تولا ، سىناپ تۇرار ، پۇرسەت بېرىپ .
كەلسە ئامەت ، كەلسە ئاپەت ،مەزمۇت تۇرۇڭ ،كەتمەي ئېزىپ .

مەنبە---- ،‹ تاڭنۇر ›

pakzad 2011-07-01 11:45
بۇ قىزنىڭ زىيارىتىنى باشقا تورلادىن كۆرگەن ئىدىم ،ئاخىرى بىر ئۇيغۇرچە توردا ئۆز تىلىمىزدا زىيارىتىنى ئاڭلاپ ئۆلتۇرۇپتىمەن .<<ئەلكۈيى ئېكرانى>> پروگرامما بۆلۈمىدىكىلەر يارايسىلەر .مۇشۇنداق قىزىق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلدىڭلار .
ئالىي مەكتەپ ماتىماتكا ئىمتىھانى ھازىرغىچە مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا قىيىن بولۋاتقان بىر نوقتا ئىدى ،شۇڭا نومۇر چىكى تۇرغۇزغاندا ماتىماتكىغا ئايرىم ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىكى بىكىتىلەتتى .
بۇ پەخىرلىك سىڭلىمىز بۇ نوقتىغا باشقىچە ئىنىقلىما بەردى ،ئەسلى ماتىماتىكا مىللي ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاجىز نوقتىسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ،تىرىشسا يەنىلا ئۇمىت بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ، ياشاپ كىتىڭ ،سىز كىيىنكى قارارلىق ئۇكا سىڭىللىرىڭىزغا بىر مەدەت بولدىڭىز .

armanlirim 2011-07-01 11:50
پەخرىيەنىڭ غەلبىسى بىزگە زور ئۈمىد-ئارزۇلارنى ئېلىپ كەلدى،زىيارەتنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم،ئادەتتە تەبىئىي پەنگە ياخشى بالىلار سەل كەم سۆز كۆرىنەتتى،بىراق بىزنىڭ پەخرىيە بىز پەخىرلەنگۈدەك،ھاياجانلانغۇدەك قىز ئىكەن.ئۇنىڭ يېزىقچىلىققا قىززىقىدىغانلىقى،دوختۇرلۇق كەسپىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە كەلگۈسىدە تەتقىقاتلاردا بۇلىدىغان،دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تىببىي مەكتەپلەردە دوكتور ئاشتىلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشىدىغان پەخرىيە ئەشرەپ كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ.
سىڭلىم تولىمۇ  توغرا ئېيتتىڭىز،سىزدىكى كەمتەرلىكنى ھازىرقى نەتىجەم پەقەت بىر باشلىنىش دېگەن  جۈملىگە يېغىنچاقلىساق ئېسىل پەزىلىتىڭىزنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس ئىكەن.ئەمدى ئالدىڭىزدا سىزنى تېخىمۇ چوڭ غەلبىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ،سىزنىڭ خەلقىڭىز قوللايدۇ،سىز ئۇيغۇرغا بىر شانلىق تارىخ ياراتتىڭىز.سىزدىن ھازىرمۇ سۆيۈنىمەن،ئۆز ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندە مەن 20نەچچە نومۇرنى ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئاران ئالغان ئىدىم،يۈزلىرىم قىزاردى،ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمدىمۇ ئالىي ماتىماتىكىنى شۇنداق تىرىشىپ ئۆگىنىپمۇ ئاران نەچچە قېتىمدا لاياقەتلىك بولغان ئىدىم،سىزدىكى تالانت ۋە تىرىشچانلىق ئۆزىڭىزدىكى پەزىلەتلەرگە بىلەن تېخىمۇ لاۋۇلداپتۇ.

durak 2011-07-01 11:53
   نۇرغۇن بىشارەتلەر ، شەپىلەر ، ھادىسىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت - تەپەككۇر جەھەتتە تارىخىي مىقياستا  قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم  قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈۋاتامدۇ  قانداق... پەخرلىك سىڭلىمىز پەخرىيە !

  بۈيۈك  ئاللاھ ، مىللىتىمىز  ئەزالىرىغا ئەقىل ، زېھىن  ئاتا  قىلىش  بىلەن  بىرگە مۇستەھكەم  ئىمان - ئېتىقاتمۇ ئاتا  قىلغايلا ( ئامىين ! )

مۇبارەك 2011-07-01 12:14
نومۇر ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنلىرى مەكتەپداشلار تورىدا قايسىدۇر بىرى يېزىپتىكەن قىسقىلا قىلىپ. ھەيران قالغانتىم. ئارقىدىنلا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى، شۇ ماقالىدىن ئېنىق تەپسىلاتىنى ئوقۇغانتىم، خەنزۇ مۇخبىر يېزىپتىكەنغۇ دەيمەن.

711نومۇر! ماتېماتىكىدا 150! نېمە دېگەن نوچى-ھە!
ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدا ئالغان نومۇرىنى دېيىشتىنمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن. ماتېماتىكىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ يۈرۈپ 65 نومۇرنى ئاران ئالغانتىم. شۇ نومۇرلىرىمغىمۇ دادام كۆتۈرۈپ پىقىرتىۋەتكەنىدى خۇشاللىقتىن. پەخرىيەنى پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپتۇ ئاتا-ئانىسى. ئەلۋەتتە، ئۇنداق ياخشى نومۇرغا سۆيۈپ قويىدۇ-دە، مەنمۇ سۆيۈپ قوياتتىم قېشىدا بولغان بولسام.

ئىشقىلىپ، خېلى كۆپ تىرىشچانلىق، كېچىكىدىن يېتىلدۈرگەن ياخشى ئادەتلەرنىڭ مىۋىسى دەپ قارايمەن. شۇنىڭدەك مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىسى، مەكتىپىنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش تەجرىبىسىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پەخرىيە تېخى ئەمدى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن كىچىك قىز بالا بولسىمۇ، بىراق شۇنداق ئۆزىنى تۇتىۋالغان، چىقىۋاتقان گەپلىرى ئورۇنلۇقكەن. بۇنىڭدىن ئەتراپلىق تەربىيىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئوقۇغان كىتابىنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلىۋالماق تەس ئەمەس. ئەمما پەخرىيەنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىغانلىقىغا سەل ھەيران قالدىم. مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش تېخنىلوگىيىسى، بىناكارلىق، قاتناش قۇرۇلۇشى...دېگەندەك كەسىپلەرنى نېمىشقا تاللىمىغاندۇ...دەپ. بەلكىم بوۋىسىنىڭ ئۈمىدى ھەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسى شۇنداق بولسا كېرەك. (بۇ يەردە دوختۇرلۇق كەسپىنى تۆۋەن كۆرۈپ ئىنكاس يېزىلىۋاتقىنى يوق جۇمۇ)

قوشۇمچە: بۇ قىز مېنىڭ تۇرپانلىق بىر ساۋاقدىشىمغا بەك ئوخشايدىكەن.

karakurum 2011-07-01 13:15
يارايسىز،پەخرىيە،ھەقىقەتەن ئىسمىڭىزغا لايىق قىزكەنسىز. ئۇلۇق ئاللا  بۇندىن كېيىنكى يولىڭىزنى تېخىمۇ يورۇق،داغدام قىلسۇن.تېنىڭىز نى ساق،ئەقلىڭىز نى سۈزۈك،ئىمان ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەم،ئىرادىڭىزنى سۇنماس  قىلسۇن.كۆز ئالدىمدا كەلگۈسىدىكى دۇنياۋى بىر ئالىمەنىڭ  يارقىن سىماسى نامايەن بولماقتا.داۋاملڭق تىرىشىڭ،خەلقىڭىز سىزدىن  زور ئۈمىتلەرنى كۈتىدۇ .

mahliya0999 2011-07-01 13:54
بارىكاللا سىڭلىم ... ئەقلىڭىز تىخىمۇ زىيادە بولسۇن !!

taranqi 2011-07-01 13:56
بارىكاللا ... !  سىڭلىم تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالەمچە غەلبە قازىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .... !

sarsan@roh 2011-07-01 14:04
ھەقىقەتەن تالانتلىق قىز... يۈز تۇرانە زىيارەتنى كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن...

oomph 2011-07-01 14:21
   سىڭلىمىز پەخرىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى تۈنجى كۈنى باشقا تورىدىن كۆرۈپ بەك خوش بولغانلىقىمدىن ئىدارەمدىكى يولداشلارغىمۇ كۆرسەتتىم. " قاراڭلار بىر ئۇيغۇر قىزى ماتېماتېكىدىن تولۇق نومۇر ئاپتۇ... " بەك پەخىرلىنىپ كەتتىم. بولۇپمۇ بۇ قىزنىڭ ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىشى مېنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى.
بۇ پارتلاش خاراكتېرىدىكى خەۋەرنى ئۆيگە بېرىپ ئايالىمغا ئېيتتىم ، ئۇمۇ ماڭا مەنمۇ بۇگۈن چۈشتىن ئاۋال ئىدارىدە بۇ خەۋەرنى ئۇقتۇم  ۋە ئىدارەمدىكىلەرگە كۆرسىتىپ شۇنداق پەخىرلەندىم دىدى .
قانداق ئاتا-ئانا تەربىيىلىگەن قىزدۇر بۇ ؟ نىمەدىگەن مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلار ، شۇ قىزنى تۇغقان ئانىسىغا مىڭ تەشەككۈر . شۇ قىزنى جاپالىق تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىسىغىمۇ رەھمەت دىيشتۇق.
ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدا 90-نەچچىنچى يىلىدىكى 150 نومۇرلۇق ماتېماتېكا ئىمتىھانىدا 30 نومۇر ئالغانلىقىمدىن بەك نومۇس قىلدىم . گەرچە ئۇ چاغدا مەن ئەدەبىياتتا 145 نومۇر ئېلىپ مەكتەپ بويىچە ئەدەبىياتتا 147 نومۇر ئالغان قىزنىڭ كەينىدە 2- ئورۇندا تۇرغان ۋە بۇ نەتىجەمدىن   خوش بولغان بولساممۇ ، ئىزچىل كاللامدا ئەزەلدىن ئۇدۇمدەك بولۇپ ئورناپ كەتكەن ماتېماتىكىدا يۇقۇرى نومۇر ئېلىش تەس دىگەن ئۇقۇم ئۆز رولىنى كۆرسەتكەنمۇ ئاخىرى ماتېماتىكىدا يۇقۇر نومۇر ئالالمىغان ئىدىم.
بۇ قىز ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا قاتتىق بىر سىگنال چالدى، يەنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالالايدۇ... دىمەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەبىئى پەندە مەڭگۈ ئاساسى ئاجىز دەپ قارىلىۋەرمەيدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا كىشىلەرگە خۇددى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغاندەك تۇيۇلۇپ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە قاتتىق ئۆتكەل بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئۇقۇملار كۆپىنچە پەخرىيەدەك يېڭىلمەس، ئىرادىلىك كىشلەر تەرىپىدىن شۇ ئۆتكەل بۇزۇلغىچە ئۇ ئۆزىنىڭ سىرلىق قىياپىتىنى ساقلايدۇ.
ئەمدى پەخرىيە قىزىمىز بىزگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تەبىئى پەندە يۇقۇر نومۇر ئېلىش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۆمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس دەپ ئۆز نەتىجىسى ئارقىلىق جاكارلىدى.
نەتىجە تىرىشقان كىشىلەرگە مەنسۇپ ! نەتىجە ئىرادىلىك كىشىلەرگە مەنسۇپ ! نەتىجە باتۇرلارغا مەنسۇپ ! نەتىجە ئىچكى كەيپىياتى تۇراقلىق ، پىسخىك ساپاسى نورمال كىشىلەرگە مەنسۇپ !!!

维医医生 2011-07-01 14:31
پەخرىيە باشقا سۆزلەرنى دىيىش ھاجەتسىز . سىز راستىنلا مىلللىتىمىزنىڭ ،يۇرتۇمىز شىنجاڭنىڭ پەخىرلىك قىزى بولدىڭىز . بارىكاللا ئوماق سىڭلىم ،ھەممىمىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز . ئۈمۈدىم: يات بىر مىللەت ،يات بىر يۇرتقا كىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز ، سىزدىن كۈتىدىغىنىمىز : يات مىللەت ئارىسىدا ياخشى تەسىرىڭىز قالسۇنكى ،ھەرگىزمۇ يات مەدىنىيەت ،يات ئللەتنى يوقتۇرۋالماڭ ؛چۈنكى بىز تەكىتلەيدىغىنىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ -ئەخلاق مەدەنىيتى . يۇرتىڭىزغا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندە مەن بىر ئەخلاقلىق ئۇيغۇر قىزى دەپ بېشىڭىزنى تىك كۈتۇرۈپ يۈرەلەيدىغان بولۇڭ.مانا بۇبىزنىڭ ئۈمۈدىمىز

dolataogli 2011-07-01 15:38
ياشاپ كەت سىڭلىم پەخرىيە، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن، داۋالىق تىرىشىڭ!

kogunqi 2011-07-01 17:10
مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭ قىزكەن قىزىممۇ بۇ يىل ئېمتاھان بەرگەن .بۇ قىزنىڭ  نەتىنجىسىنى ئاڭلاپ خۇدى ئوز قىزىم شۇنداق نۇمۇر ئالغاندەك بەكلا ھاياجانلاندىم چۇنكى ھەمىسى بىزنىڭ پەخرىمىز ئوگۇيى يوق .شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورداشلارنڭ ئېنكاسلىرىنى كۇرۇپ بىر دادا بۇلۇش سۇپۇتۇم بىلەن كۇزۇمدىن ياش قۇرۇمىدى مەن خېلە قەيسەر ئادەمتىم لىكىن بىلمىدىم بۇ مەنزىرنى كۇرۇپ شۇنداق ھاجانلىنىپ قالدىم، بارىكالا  قىزىم  بۇ بۇندىن كىيىنكى ئوقۇغۇچىلا ئۇچۇنمۇ بىر ئېلھام بولدى .بىز قايسى ئېشنى قىلمايلى بەل قۇيۇۋەتمەي قىيدېماي تىېرىشساقلا نەتىنجىنى باشقىلارمۇ كۇرەلەيدۇ چۇنكى ئالتۇن پوققا چۇشۇپ كەتسىمۇ ھامان ئالتۇن  جۇلاسىنى يوقاتمايدۇ

zilnur 2011-07-01 17:14
ئەلكۈيى تورىنىڭ، بۇ قىز نىڭ ئۇتۇقلىرىنى  جەمىيەتكە تونۇشتۇرغانلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى ئالى مەكتەپكە ئېمىتھان بېرىدىغانلار  ئۈچۈن ياخشى بىر يىتەكلەش بولغىدەك.

hizmatqi 2011-07-01 17:24
پەخرىيەنىڭ 150نومۇرنى قولغا كەلتۈرىشى بىزگە ماتىماتىكىدا 25 -30  دەپ نومۇر چېكى بەلگىلەپ بەرمىسىمۇ،بىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۇنداق نومۇر چەكلىمىسىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۈتەلەيدىغانلىقىمىزنى،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسلى قانداق ئېكەنلىكىنى بىر قېتىم كۈچلۈپ ئىسپاتلاپ بەردى.مېنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىن پەخرىيە ئەمدى ئىمتىھان بىرىدىغانلارغا،بەرمەكچى بولغانلارغا شۇنداقلا جەمىئەتتىكى باشقا ئاتا-ئانىلارغا پەخىرلىنىش،ئۇنىڭدىن ئۈگىنىش،نىمىنىڭ تىرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويىدۇغۇ دەيمەن.
ئەلكۈيى تورىنىڭ پەخرىيەگە سوۋغا قىلغان بادام دوپپىسى خۇيمۇ چىرايلىق يارىشىپتۇ.ئىككى دوپپا كىيگەن زىيارەتچى ۋە زىيابرەت ئوبىكتى كۆزلىرىمگە چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ لاتاپىتىنى بىر قېتىم نامايەندە قىلدى.

پەخرىيەنىڭ زىيارەت جەريانىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنىڭ تىل قابىلىيتىنىڭ  ناھايتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەسكەن،ئۇنىڭ ئۈگىنىش ئۇسۇلى.غەلبىسى مېنىڭچە بىر قېتىملىق تەتقىق قىلىنىشقا ،مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ كەڭ ياشلارغا ئۈلگە قىلىشىغا مۇھتاج ئىكەن.باشتىن ئاخىرى ئۇ توغرىلىق خەۋەر ۋە مەزمۇنلارنى ، ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتىنى كۆرۈپ ھىس قىلغىنىم شۇكى: پەخرىيەنىڭ مۇشۇنداق چوڭ غەلبىگە ئېرىشىشىگە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى،ئەشرەپ مۇئەللىم،زىياخان مۇئەللىم قىزى ئۈچۈن نىمىنىڭ غەلبە،نىمىنىڭ ئۈگىنىش ئىكەنلىكىنى،بالىغا بېسىم ئەمەس،ئالدى بىلەن ئۆزىنى يىڭىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق بىدۈرۈپتۇ،ئائىلىدىكى كۈنلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.ياخشى تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغان پەخرىيە ئۆزىنىڭ ئەقىلنىڭ تەكەپپۇرىنىڭ قانات يېيىشى بىلەن مەن چۇقۇم غەلبە قىلىمەن دېگەن نىيەتتە ئۈگىنىپتۇ دەپ قارىدىم،دىمىسىمۇ ئۇ غەلبە قىلدى.ئۇلا ئەمەس ھەممەيلەن غەلبە قىلدۇق.پەخرىيەگە ئوخشاش پەخىرلىك ئوغلانلار،قىزلار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىدۇر.

ramizani 2011-07-01 18:22
كۆپچىللىك ئىملاغا دىققەت قىلايلى، بولۇپمۇ ئىسىمغا، باشقىلارنىڭ ئىسمىنى قالايمىقان ئاتاش ھەقىقەتەن بەك ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ جۇمۇ! پەخرىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

abduhgeni 2011-07-01 18:27
مەن تېخى دادا بولمىغان بولساممۇ ،لىكىن ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ نەتىجىسىنى كۇرۇپ قانچىلىك ھاياجانلانغان دادا ۋە ئانىنىڭ سماسى كۆز ئالدىمىغا كەلدى ،كۆزلىرىدىن پەخىرلىنىش يېشى چىقىپ كەتكەن مەنلام ئوخشايمەن دەپ ئىنكاسلارنى ئوقۇپ باقسام مەن يالغۇز ئەمەسكەنمەن ، بۇ قىزدىن ھەممىىز  پەخىرلاندۇق ، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق بىزنى پەخىرلەندۇرگۇسى !!!
مەن بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم بۇ قىز نىمىشقا چىڭخۇا ئۇنۋىرىستىتىنى تاللىمىغان بولغىيتى دەپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە چىڭخۇا ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇغانلار بەك كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن ،بولدىلا ئەمدى ئاللىقاچان ئارزۇنى تولدۇرۇپ بۇلاپتۇ ، تىببى ساھادە كۆزگە كۇرۇنگەن "ئۇيغۇر قىزى "بۇلۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمىز !!!

yidayat 2011-07-01 19:32
مۇبارەك بولسۇن. بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ مۇشۇنداق نەتىجە قازىنىشىغا  تىلەكداشمەن.

sezgu 2011-07-01 19:44
مۇبارەك بولسۇن،پەخرىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

entelguqy 2011-07-01 20:44
ياشاپ كېتىڭ!!!!!! مەن بۇ خەۋەرنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىغىنىمدا ھاياجاندىن بېشىم پىقىراپ كەتكەنىدى. بۈگۈن بۇ زىيارەتنى كۆرۈپ، گەرچە بىر ئەر بولساممۇ، ئۆزەمنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشساممۇ، ياشلىرىم ئۆزلىكىدىن توكۈلۈپ، توختىماي يىغلىنىپ كەتتى. بارىكاللا! بارىكاللا!بارىكاللا...........!!!!!!!!!! ھەممىگە قادىر زات ئاللاھ ئاتا-ئانىڭىزنى،سىزنى شۇنداقلا سىزگە ئەركىلەپ چوڭ بولغان ئىنىڭىزنى ئامان ئېسەن قىلسۇن!!! بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

korgu 2011-07-01 21:28
پەخىرلىنىڭ پەخىرىيە ،بىز سىزدەك ئەقىللىق بالىلاردىن پەخىرلىنىمىز، ئۆزىگىزگە ئېشىنىپ ،تىخىمىۇ تىرىشىپ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشتا تۆھپە قوشۇڭ ، دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئەقىللىق مىللەت ئىكەنلىكىنى تىخىمۇ تونىسۇن .......

alzat123 2011-07-01 21:59
پاھ،نمدىگەن ئېسل قىز ھە، مەنغۇ ئالى مەكتەپ ئھمتاھانى بىرىپ باقمىغان،لېكن مەن باشقىلاردىن ئالى مەكتەپ ماتېماتكا ئھمتاھانى بەكمۇ تەس دەپ ئاڭلاپ،ئاشۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن،راستىنلا ئۇيغۇر بولغان ھەرقانداق كېشىنڭ ھەۋسنى،دىقتېنى قوزغايدىغان بىر ئىش بوپتۇ.مەن سىزگە راستىنلا قايىل بولدۇم. ئىنسان قانداق تەربيە ئالسا،قانداق ئۈگنىش قىلسا بولدىغانلىقنى،تىرشساقلا ھەر قانداق قىينچىقلارنى يڭىپ،ياخشى نەتىجگە ئىرشەلەيدىغانلقمىزنى ئاشۇ ئوماق قىز بىزگە كۆرسىتپ بەردى.سىزگە ئاپرىن،ئاللاھ ئىشلىرىىڭىزنى ئۈتۇقلۇق،ئائىلڭىزنى بەختلىك قىلسۇن،ئاتا-ئانىڭىز شەرەپلەر قۇچسۇن،ئۆمىرىنڭ ئاخىرغىچە ساغلام بولسۇن. مەن يەنە بىر ئىشقا بەكمۇ ھەيران قالدىم،پەخرىيە ئۇرۇمچىدە چوڭ بۇلۇپ ئۇرۇمچدىكى مەكتەپلەردە ئوقوپ ئاشۇنداق نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرۇپتۇ. ئەمما باشقا ئۇرۇمچىلك قىرىنداشلارچۇ، بۇ شەدە نورغۇن قىزلار،ئوغۇللار ھەرۋەڭ،سەرۋەڭ يۈرۇيدىكەن، پەقەتلا تەربىيە كۆرمىگەندەكلا. لېكن سىز پەخرىيە پۇتكۇل ئۇيغۇر قىرىنداشلارنڭ ئۈلگىسى ئىكەنسىز. مەن سىزدىن ئۈگىنىمەن،ئىنى-سېڭلرىمغا سىزدىن ئۈگۈنشكە دەۋەت قىلمەن.سىزگە زور ئۈتۇقللارنى تىلەيمەن.

javir 2011-07-01 22:34
ئىنسان مەنىۋى مەۋجۇدات. ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قىممىتى ئۇنىڭ قۇرۇق گەۋىدىسى ، گەپدانلىقى ۋە رەڭگى -قىياپىتىدە بولماستىن بەلكى روھىيەت دۇنياسىغا -تەپەككۈر ئىقتىدارى ، ئەقىل - ھوشى ۋە مەنىۋىيىتىگە مەركەزلەشكەن بۇلىدۇ .

سىڭلىم پەخرىيە خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىزگە كەلتۈرگەن شەرىپىڭىزدىن ھەممە ئالەمچە سۈيۈندۇق ، بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق ، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك ، سىزنى يىتىشتۈرگەن ئاتا -ئانىڭىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، ئايىلەڭلارغا بەخىت ئامەت يار بولسۇن .  

ئاللاھ  بۇندىن كىيىكى ئۇقۇش ھاياتىڭىزدا خەلقىمىزگە -مىللىتىمىزگە تېخىمۇ زور شان شەرەپ كەلتۇرشىڭىزگە  ، بۇندىن كىيىنكى ماڭغان يۇىڭىزنى ئۇچۇق قلسۇن ، ئامىن .

aysultan 2011-07-02 00:14
مېنىڭ بىر نەۋرە ئۇكاممۇ بۇ قېتىنقى ئالى مەكتەپ ئىمتانىدا ماتېماتىكىدا 80 نومۇر ئاپتىكەن ياخشى نومۇر ئاپتۇ دەپ ھەممىز خوشال بولغان ئىدۇق، مانا بۇ سىڭلىمىز  تولۇق نومۇر ئاپتۇ ئەمەسمۇ. سىزگە ئاپرىن قىزچاق! داۋاملىق تىرىشىڭ!

Murat 2011-07-02 00:35
ياشاپ كېتىڭ سىڭلىم! سىزنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىڭىزغا چەكسىز ھۆرمەتلەر بولسۇن. نەچچە كۈن ئىلگىرى( نەتىجە چىققان كۈنى) چ چ توپىغا بىرسى سىزنىڭ يەككە پەنلەردىكى نەتىجىڭىز ۋە ئومۇمىي نەتىجىڭىزنى كېسىپ يوللاپتىكەن، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇرغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ۋە ئومۇمىي نەتىجىڭىزنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولغانتىم ھەم ھاياجاندىن نومۇرىڭىزنى ياتاقتىكى يولداشلارغا كۆرسەتسەم ئۇلارمۇ بەكلا ھەيران قېلىشقانىدى...ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق پەخىرلىك قىز ئىكەنسىز،ئالىي مەكتەپكە ئېلىنغان تۇنجى قەدەمنى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق باستىڭىز،ئىشىنىمەن،ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزنى چوقۇم تېخىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرۇپ،تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز....سىزنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ھەم ماڭا زور بىر ئىلھام ئېلىپ كەلدىڭىز ،چۈنكى مېنىڭمۇ كەسپىم داۋالاش، بەزىدە دەرسلەرنىڭ قىيىنلىقىدىن باش كۆتۈرەلمەي،نىمىشقىمۇ بۇ كەسىپنى تاللىغان بولغىيتىم، مۇشۇ تىرىشچانلىق بىلەن باشقا كەسىپتە ئوقۇغان بولسام تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ياراتماسمىدىم دەپ قاقشاپ قوياتتىم...لېكىن ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا پراكتىكىغا بارغاندا، كىسەللەرنىڭ دوختۇرلارغا ئىلتىجالىق نەزىرى بىلەن بېقىۋاتقان نۇرسىز كۆزلىرىدىكى ئاخىرقى ئۇچقۇنلارنى كۆرگىنىمدە  يەنە ئىرادەم چىڭىپ،كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق دوختۇر بولىمەن، بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلىدىغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولىمەن دەپ قايتىدىن غەيرەتكە كېلەتتىم، سىزنىڭ ھەم بۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك كەسىپنى تاللىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم سىڭلىم،ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزنى باشلاڭ ،جاپالىق سىناقلار سىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ،لېكىن ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ سىز چوقۇم يېڭەلەيسىز، چۈنكى  پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى سىز دىن پەخىرلىنىپ،سىزنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىڭىزگە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن مەدەت بەرمەكتە.ئەلنىڭ دۇئاسى ئادەمنى كۆكلىتىدۇ...سىز شۇنداق كۆكلەپ،خەلقىمىزگە ئەڭ ئېسىل مېۋىلىرىڭىزنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئالغا قاراپ،دادىل قەدەملىرىڭىز بىلەن ئىلگىرلەڭ!

بېيجىڭنى يازماي شاڭخەيدىكى مەكتەپنى يازغان بولسىڭىز مەكتەپداش بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىكەن     شۇنداقتىمۇ كەلگۈسىدىكى كەسىپداش سىڭلىمدىن ئالەمچە پەخىرلەندىم.

borankuxi 2011-07-02 01:51
باشقىسىنى دېمەيلا قوياي، گەپ-سۆزلىرى ساپ ئۇيغۇرچە، مەن چېغىمدا تولۇق بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىق دېگەننى گاۋيى، گاۋئېر دەيمەن   خەنزۇچە بىلمىسەممۇ،  
بۇ سىڭلىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىگىنىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.
ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم

牙生江 2011-07-02 02:53
ئاپىڭىز -دادىڭىزنىڭ شۇ دەمدىكى قۇچاقلاشلىرىدا  سىزدىن پەخىرلەنگەن ھەممىمىز بار....
تىرىشىڭ سىڭلىم ، داۋانلىرىڭىزدا مەدەتكارمىز.....

lukqvn 2011-07-02 04:20
سىڭلىمىزغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن .

yalghuz 2011-07-02 06:18
ئەنقا ناملىق بىر تورداش  بۇ غەزەلنى پەخرىيە ئەشرەپكە ئاتاپ يېزىپ ئايرىم تېما شەكلىدە يوللاپتىكەن،مۇشۇ تېمىغا ماس كەلگەچكە ئىنكاس شەكلىدە تەستىقلاندى.


پەخرىيە ئەشرەب قىزى

(غەزەل)



بىرلا ئاللاھ قۇدرىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى،

يىلتىزى قۇت نۇسرىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



ئول «تۇمارس»، «ئايخاقان»دا پاكىزە، ئەۋزەل ئۇدۇم،

سۈت- «ئوغۇز»نىڭ خىسلىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



ئىچمىشى كەۋسەرى-ئىرپان، دىن، ئىلىمدۇر ئىككى يان،

ئەقلى ئىمان خىلۋىتىدە پەخرىيە ئەشرەپ قىزى.



كىم سېنى مەزلۇم دېگەي جەھلىڭدە پەيمان ئۇرغىسا،

ئەقلى ئارتۇق نىسبىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



ئىپتىخار غەمخورىدا، ھەيرانى-ھەس شۇ ھويلىدا...

رەشكىسىزنىڭ ھۆرمىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



قىسمىتى تۈگمەن تېشىدەك باسسىمۇ ئىقبالىنى،

ئەجرى ئالتۇن فۇرقىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.



كۈلمىشىڭ ئەتە ۋەيا ئۆگۈن مۇقەررەر خەيرىيەت،

بەيگى تۇلپار سۆلىتىدە پەخرىيە ئەشرەب قىزى.


مەنبە: ئەنقا ئىلھامى

otkax 2011-07-02 08:38
پەخرىيە يارايسىز  ،ئەلگە ئاتا -ئانىڭىزغا ئىسىل سوغىدىن بىرنى ھەدىيە قىلدىڭىز.  سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىڭىزغا رەخمەت.
ئۇلۇغ ئاللا  ئۇلارغا ئامەت، بەخىت،  سالامەتچىلىك ،خاتىرجەملىكنى ھەر ۋاقىت يار قىلغاي.

begana 2011-07-02 09:30
سالام سىڭلىم پەخرىيە ،رەھمەت سىزگە سىزنىڭ بۇ شانلىق نەتىجىڭىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە ئۇستازلىرىڭىزغا.ئاتا -ئانىڭىزغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن .
كۇرۇپ تۇرۇپسىز گەرچە مەۋھۇم دۇنيادا غايىبانە سالام يوللىساقمۇ تىيانشاننىڭ جەنۇبى شىمالدىكى تالاي ئاتىلار پىشانىڭىزگە سۈيدى مىھرىبان ئانىلار سىزنى قۇچاقلىدى ئو ت يۇرەك ئاكىلار سىزنى سىڭىلىم دەپ ئاتاپ مىھرلىك باقتى تالاي ئۇكا -سىڭىللىرىڭىز سىزنى ئاچا قىلدى .بۇ خەلقىنىڭ ئەجىرىڭىزگە قايتۇرغىنى ...بۇ كۇنلەردە بىزگە مۇشۇنداق خۇشاللىقىنىڭ نىسىپ بولغىنغا ئاللاغا رەھمەت .ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

ankar214 2011-07-02 10:25
يارايسز پەخىرىيە سىز راسلا بىر ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر پەخىرلىك قىزكەنسىز سىزنى تەربىيلىگەن ئاتا ئانىڭىزغا ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت مەڭگۈ مۇشۇنداق يىڭى ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن  شۇنداق سۈيۈندۈم سىزدىن خۇشال ياشاڭ مىللىتىمىزنىڭ پەخىرى ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن

nilupar521 2011-07-02 14:14
ياشاپ كېتىڭ پەخرىيە، ئىسمىڭىز جىسمىڭىزغا لايىق پەخرىيەكەنسىز، بۇندىن كېيىنكى ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشمەن.

tvrkizat 2011-07-02 22:37
                                                                                                                                    قانداقلا بولمىسۇن مېنڭ دوستۇمدە ئۇ راسلا بەك ئەقىللىق    

tamkin221 2011-07-02 22:47
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  سىڭلىم ، نەتىجىڭىزدىن ھەممىمىز سۆيۈندۇق .  ئالدىڭىزدا  سىز ئاشىدىغان داۋان تېخى ئۇزۇن . تۈرلۈك قېيىنچىلىق، مۇشكۇلاتلارغا  دۇچ كېلىسز . شۇ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئىگىپ قالماسلىقىڭىزنى،  نەتىجىڭىزدىن  مەغرورلىنىپ، بىر ئىزدا  تۇرۇپ قالماسلىقىڭىزنى  چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .  ئۆزىڭىزگە  ئىمان ، ھايانى ، ئەدەپ - ئەخلاقنى  دوست تۇتۇڭ .  داۋاملىق تېرىشىپ، ئاچا - سىڭىللىرىمىزغا  ئۈلگە بولۇڭ ..  ئاللاھ  ئىشلىرىڭىزنى  ئاسان قىلغاي  ،،  ئامىن ..

gulhan 2011-07-02 22:50
مۇبارەك بولسۇن!

ipar 2011-07-02 23:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەخىرلىك سىڭلىم پەخرىيە،بىر ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن سىزدىن شۇنچىلىك سويۇنىۋاتىمەن.سىز ماتىماتىكا پىنىدىن نومۇر ئالغىلى بولمايدۇ دىگەن ساۋاقداشلارغابىر سىگنال بەردىڭىز.سىزگە بارىكاللا .تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،بۇندىن كىيىنكى ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

nataxa 2011-07-03 00:06
بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز ، پەخىريە ، ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق قىزكەنسىز ، ئاللا سىزنى ئامان قىلسۇن . داۋاملىق تىرشىڭ سىڭلىم .

taranchi 2011-07-03 03:04
ئەينى چاغدا مەن ماتېماتىكىدىن ئاران 10 نومۇر ئالغان، ئۇ چاغدا 100 نومۇرلۇق سوئال چىقاتتى، بەك تەس ئىدى،  نۆل ئالمىسىلا بولاتتى، تولۇق نومۇر ئېلىش دېگەن نېمە گەپ. بىر ئاڭلىسا رىۋايەتتەك، چۈشتەك. ئەمما ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە بۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپتۇ، باققان ئاتا-ئانىسىغا ئاپىرىن!  

matu 2011-07-03 13:38
نومۇر كارتىلىرىنى تىزىپ ئويناۋاتقان ئۈچ يېرىم ياشلىق قىزىمغا پەخرىيە ھەدىسىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم.بىللە ئولتۇرۇپ كۆردى.ئەر كىشى بولساممۇ خىجىل بولماي دەپ قوياي،كۆزلىرىمگە جىممىدە ياش كەلدى....سىزگە ئاپىرىن پەخرىيە سىڭلىم!
دۇراكنىڭ سۆزىگە قوشۇلىمەن،ئۇيغۇرلار بۈيۈك گۈللىنىشنىڭ بوسۇغىسىدا،ھەممىمىز تىرىشايلى قېرىنداشلار!

turditohti 2011-07-03 13:51
بۇ پەخىرلىك سىڭلىمىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكۇدەك نەتىچىگە ئىرىشتى،مەن بەكلا سۈيۈندۇم،سىڭلىمىزنىڭ كىينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن!

marhaba802 2011-07-03 15:15
بارىكاللا پەخىرلىك پاخرىيە خوشاللىغىمدىن ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتىمەن كۈز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم رەھمەت سىزگە اللا سىزگە چەكسىز بەخت ئاتا قىلغاي

nimixqa 2011-07-03 18:03
پەخرىيەنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىنتايىن قايىل بولدۇم.
ئەلكۈيى تورىنىڭ تىرىشچانلىقىغىمۇ رەھمەت.
ھىمىمىز تىڭ تىرىشايلى، ئورتاق قۇدرەت تاپايلى!

lopnuri 2011-07-03 19:29
بۇ ئەزىز سىڭلىمىز شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسېنتى كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزات ئەپەندىنىڭ قىزى بولمىسۇن يەنە. كىمنىڭلا قىزى بولۇڭ سىزگە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم.كەلگۈسىدە ئۇتۇقلار سىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.ئىسمى جىسمىغا لايىق پەخىرلىك قىز بولۇش ئۈچۈن ھارمىغايسىز.

appakhoja 2011-07-03 20:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم پەخىريە مەن مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزۋاتقان مىنۇتلاردا سىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىم جىسمىمنى چۇلغىۋالدى...ئاللانىڭ بۈيۈك بىشىرەتلىرى بىزنىڭ يېڭى بىر دەۋرىنى باشلىشىمىزدىن دېرەك بەرمەكتە.سۇنغان  ۋە سۇندۇرۇلغان غۇرورلىرىمىز سىز ،ئابدۇ بارى قاتارلىق ياشلارنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن ئۇيغانماقتا ،كىچىككەن ئۇتۇقلارمۇ بىزلەرگە ئالەمشۇمۇل خوشاللىق ئېلىپ كېلۋاتققان مىنۇتلاردا،سىزنىڭ ئاجايىپ زور ئەقىلى نۈسرىتىڭىز ، بىزنىڭ مۇسىبەتلىك دىلىرىمىزغا مەلھەم بولۇپ ،بىزنىڭ كۆزياشلىرىمىزنى سۈرتتى.سىزنىڭ بۇ نەتىجىڭىزدىن مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىششەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
سىزگە ،سىزنى تەربىلىگەن ئاتا-ئانىڭىزغا،ئۇستازلىرىڭىزغا كۆپتىن -كۆپ دۇئايى سالاملار بولسۇن.

delnar 2011-07-03 22:26
بىز بۇ خوش -خەۋەرنى گېزىتتىكى قىسقىنە تۇنۇشتۇرۇشتىن كۆرۈپ ،پۈتۈن ئىشخانىدىكلەر  ئولتۇرساق قوپساق ،پەخرىيە توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدۇق....بۈگۈن ئەلكۈيى ئېكرانىدا پەخرىيەنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۆگنىشكە ھېرىسمەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،تېخىمۇ پەخىرلەندىم ھەم بىزنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا كەم بولغان ئۆزلىگىدىن ئۆگىنش قابىليىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040655 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us