رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> ھەرخىل ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى ۋە يېڭىلىقلار -> ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

alkuyi.com 2011-06-28 16:56

ئەلكۈيى تورىنىڭ 28-ئىيوندىكى مائارىپ خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومتېتى ئىشخانىسى 28-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئىككىدە 2011-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى شىنجاڭ رايونىدا ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:


ئەسلى مەنبە: ئەلكۈيى تورى خەۋەرلەر قانىلى
http://news.alkuyi.com/show.php?mid=9034
ئەلكۈيى تورى بارلىق ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ھەمدە ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ،ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ئەلكۈيىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

erki 2011-06-28 17:36
بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇتۇق يار بولسۇن.

muhtaj 2011-06-28 17:56
ئىمتىھان بىرىپ، ئۆزنىڭ تىگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،ئوقۇتىش سۈپىتىنى 1-ئورۇنغا قويىدغان مەكتەپلەردە تەربىيىلىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىنە_ سىڭىللارغا  ئامەتلەر يار بولسۇن!

tahirbeg 2011-06-28 18:30
بىز بەرگەن چاغدىكىدىن چۈشۈپ كىتىپتۇ ....مىللىي تىل يىزىقتا ئىمتىھان بەرگەن ،  تەبىئىي پەن بىرىنجى تۈركۈم 374  ئىككىنجى تۈركۈم( 347 غۇ دەيمەن) بولغان ....

babur0802 2011-06-28 18:37
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز.
ئەلكۇيى مۇنبىرىنىڭ نامىنى مەن خېلىدىن بېرى كۆپ ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۇممۇ زىيارەتمۇ قىلدىم . مانا تۇنۇگۇن تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ تېما يوللىسام تەستىقلىماپتۇ. مۇشۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسىمنىمۇ ئۆچۇرۋېتىپتۇ. ئۆچۇرۋەتسىمۇ مەيلى تەستىقلىمىسىمۇ مەيلى لىكىن بىرەر چۇشەندۇرۇش بەرمەپتۇ.  يا ئۇچۇر يوللىماپتۇ؟     بۇ قانداق ئىش؟   نەدە بۇنداق مۇنبەر قائىدىسى باركەن؟

mutepekkur 2011-06-28 18:53
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر بېرىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم.  ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپلا ئۆز ئىتىقادىنى ئۇنتۇپ، يات مەدەنىيەتلەرنى سىڭدۈرىۋالىدىغان نادانلاردىن بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىbabur0802 يوللىغان 2011-06-28 18:37 غا قارتىلغان  :
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز.
ئەلكۇيى مۇنبىرىنىڭ نامىنى مەن خېلىدىن بېرى كۆپ ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۇممۇ زىيارەتمۇ قىلدىم . مانا تۇنۇگۇن تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ تېما يوللىسام تەستىقلىماپتۇ. مۇشۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسىمنىمۇ ئۆچۇرۋېتىپتۇ. ئۆچۇرۋەتسىمۇ مەيلى تەستىقلىمىسىمۇ مەيلى لىكىن بىرەر چۇشەندۇرۇش بەرمەپتۇ.  يا ئۇچۇر يوللىماپتۇ؟     بۇ قانداق ئىش؟   نەدە بۇنداق مۇنبەر قائىدىسى باركەن؟


ئۆزۈم ئەلكۈيىگە ئىككى ئاي ئىلگىرى ئورۇنلاشتىم. ئەلكۈيىدىكى ئەسەرلەرنى ئارىلاش ئارقىلىق، ئۇشبۇ ئورۇندىكى ئەسەرلەرنىڭ ئۆزگە ئورۇنلاردىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئاز ئەمما ئېسىل ئىكەنلىكىنى،ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلارنىڭمۇ ئانچە ئارتۇق ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئۇقىۋالدىم.     ئەلكۈيىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئورۇنسىز ئەسەرلەرنى ئىكران ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرمايدىكەن. ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلارنىمۇ ئېگىسىگە ئېيتماستىنلا ئۆچۈرەلەيدىكەن. ئىشقىلىپ، ئەلكۈيى ئۆزگە ئەدەبىيات ئورۇنلىرىغا ئوخشىمايدىكەن، ئەمەلدارلىرىمۇ ئوخشىمايدىكەن.     ئەلكۈيىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن.  ئەزالار ئاز ئەمەس، ئونمىڭدىن ئارتۇق.  ئەمما ئۇلار ئەسەرنى ئىنتايىن ئاز ئېۋەتىدىكەن، ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ئىنتايىن ئوبدان ئىكەن.  

atex 2011-06-29 12:33
بۇ يىل ئىككى نەۋرە سىڭلىم(ئاپا تەرەپ)،بىر نەۋرە ئىنىم(ئاتا تەرەپ)ئىمتىھان بەرگەن.ھەممىسىنىڭلا نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس،بىر نەۋرە سىڭلىمنىڭ نەتىجىسى ئاران ئىككىنچى تۈركۈم تۇلۇق كۇرۇسقا توشۇپتۇ،قالغان ئىككىسىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمگىمۇ توشماپتۇ.

omukom 2011-07-03 19:41
مەن بەرگەن ۋاقىتتىن سەل چۈشكەندەك قىلامدۇ.

akburkut 2011-07-29 14:57
ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگەن بالىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىششىنى ئۈمىد قىلمەن!


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.041513 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us