رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تۈركىيە كىنو چولپىنى - پولات ئەلەمدار --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> گۈلىستاندىن -گۈلدەستە -> تۈركىيە كىنو چولپىنى - پولات ئەلەمدار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

arman03 2011-06-21 20:49

تۈركىيە كىنو چولپىنى - پولات ئەلەمدار
2006-يىل تۈركىيە سۇقۇش فىلىمى«ئىراقتىكى ئالۋاستى» (ئۇيغۇرچى تەرجىمىسى شۇنداق بولدى،، كىيىن «بۈرىلەرۋادىسى»،«كوردلارۋادىسى-ئىراق»مۇ دىيىلدى) بىزبىلەن يۈز كۈرۈشتى. فىلىمىنى كۈرۈپ بۇلۇپ، مۇستەبىتچىلەرگە غەزەپلەنگەن بولساق، باش قەھرىمانغا يۈكسەك ھۆرمىتىمىز قوزغالدى. شۇنىڭدىن كىيىن پۇلات ئەلەمدار باش رول ئالغان بىرقاتار ئىسىل فىلىملەرنى، مەسلىلەن:«كوردلارۋادىسى پوسو»«كوردلارۋادىسى پەلەستىن» قاتارلىق فىلىملارنى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ قەيسەرلىكى، ئەقىل-پاراسىتى، چىۋەرلىكى... بىزگە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۇرۇن ئالدى. ھازىر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇشبۇ باش قەھرىماننىڭ سۈرىتىنى باش سۈرەت قىلىپ مۇنبەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دوستلار خېلى كۆپ، بۇقەھرىمان بىزنىڭ چۇقۇنغۇچىمىزغا ئايلانغانىدى. ئۇنداقتا بۇ باش قەھرىمان كىم؟ تۇنۇشۇپ چىققايسىز.

بىزتۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تۈركىيە كىنوچولپىنى- پۇلات ئەلەمدار بۇلىدۇ.

پولات ئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، ھەقىقى ئىسمى مۇھەممەت نىجاتى شاشماز. 1971- يىلى 15- دىكابىردا تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامىرىكىدا 6 يىل ئىشلىگەن2001- يىلى ئائىلىسنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، قايتىش بېلىتىنى 11- سىنتەبىرگە ئالىدۇ. دەل 11- سىنتەبىر كۈنى ئامىرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايرۇپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىشتەك دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «11-سىنتەبىر» ۋەقەسى يۈزبەرگەن كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقە سەۋەپلىك شۇ كۈنكى ئامىرىكا ئايرۇپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېىين ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىن ۋاز كىچىدۇ. نىجاتى شاشماز كېيىنىكى ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدە سوغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنو سىنارىيە رىژىسورى بىلەن كۆرىشىدۇ. ئوسمان سىناۋ ئۆزى رىژىسورلۇق قىلماقچى بولغانبۆرىلەر ۋادىسى”(يەنى يۇقۇردا بىزتىلغا ئالغان «ئىراقتىكى ئالۋاستى») فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باش رولچى بۇلۇشقا ئەڭ ياخشى نامىزات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدە باش رولچى بۇلۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نىجاتى شاشماز بىر ئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى بىلەن ئۆمىرىنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.

نىجاتى شاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشماز دەپ ئىككى قېرىندىشى بار. راجى شاشماز بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى سىنارىيەسىنىڭ يازغۇچىللىرىدىن بىرىدۇر. نىجاتى شاشمازنىىڭ 20 يېشىدا يازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىق دەۋىرىدىكى ئاشقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن “ئاشىق” ئىسىملىك بىر شىئىر كىتابى بۇلۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. نىجاتى شاشمازنىڭ بۇ شىئىر كىتابىدا ئاشقنىڭ نۆۋىتى، سەن ۋە تىكەن، بېلىقلارنىڭ ھىدى، ئاۋازىڭ قاتارلىق شىئىرلەر بار.

بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدار تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ كاتىبېشى مەمەت قاراخانلىقنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپى ئادىمى بۇلۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. كېيىنكى 3 يىلدا تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، مەمەت قاراخانلىق قاتارلىق قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنى تازىلاپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ئالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىن ھۇشىيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر – يىنىك قۇرۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ئەرەپچە، كوردچە ۋە رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.

پولات ئەلەمدار ھىسياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بۇلۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مىھىر – مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشقىغا بولغان ئىشقىدەك چۇڭقۇردۇر. پولات ئەلەمدار بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدە ماماتى، ئابدۇلەي، ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋە قابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگە قاھشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. پولات ئەلەمدار زامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋۇلى، قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق بولسا، پۇلات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ 5 يىلدىن بويان رول ئالغان بۆرىلەر ۋادىسى، بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق، بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن ۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىملىرى تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايۇنلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇگۈنكى كۈنلەردە، پولات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن خەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانى بۇلۇپ قالدى.

مەنبە: « ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى» تورىدىن ئىجادى رەتلەندى. سۈرەتلەر ئىنتىرنىت تورىدىن ئېلىندى.






كوردلارۋادىسى ئىراق فىلىمىدىكى قەھرىمان قىزنىڭ سۈرىتى





qumulam 2011-06-22 04:18
مەن بۇكىنونى ئازرا ق كوردۇم  ئەمما تەپسىلى كۇرۇپ باقمىدىم.شۇڭا كوپ سوزلەش ھۇقۇقۇم يۇق دەپ قارايمەن .

sinisoyiman 2011-06-22 10:28
مەن  پولات ئەلەمدەر گە بەك ئامراق كىنولىرىنى بەك ياقتۇرۇپ كۇرىمەن  

11282 2011-06-22 10:51
كوردلار ۋادىسى-پەلەستىن دىگەن فىلىمىنى كۈرۈپ چىقتىم، خېلى ئۇبدان ئىشلەپتۇ. مەن ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىن-ئسىرائلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كىنودا تەسىۋىرلەنگەن سىياسى ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىم.

taxbalik 2011-06-22 17:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن تۈركىينىڭ كىنولىرغا پەقەت قىزىقمايدقكەنمەن . بۇنداق دىسەم تورداشلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قويشۇم مۇمكىن . 2006-يىلى كوروتلار ۋادىسىنى بر دوستۇم بەك ياخشى دەپ تونۇشتۇرۇپ كنوسىنىمۇ(تۈرۈكچىسنى) توردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئىدى . لىكىن قارسام ھەركەتلىرى بەك ئاددى ئىكەن ھەم بەش مىنوتلۇق ۋەقەلىكنىمۇ 1قىسىم قىلىپ شۇنڭدىمۇ ئاياغلاشتۇرمايدىكەن . كىيىن قارسام تۈركىيە كىنوسىنى كۆرۈش دولقونى دىيارىمىزدا ئەۋجىگە چىقىپ يەنە دوستلۇرۇمنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئادانالىق چاكىر دىگەن كىنونىمۇ بىرقىسىم كۆرسەم يەنىلام 20مىنوتتا بىرقىسىم تۈگەيدىكەن 20مىنوتلۇق كىنودا تولۇق بىر ۋەقەلىكمۇ يوق ، 85-95-قىسمى بۈگۈنكى يڭىسى دەپ ئىزدىشىپ كۆرشىپ كىتىدۇ دوستلىرىم يىغىپ كەلسە 2 قىسىملىق ھىكايە فىلىمدەك مەزمۇننى ھىس قىلغىلى بولمايدۇ . قارسام كىنو ئەمەس ئىلاندەكلام ھىس قىپ قالمەن بەزىدە ... بۇ مىنىڭ شەخسى كۆزقارشىم .

alyarjan 2011-06-22 18:43
ئۈستىنكى قەۋەتتىكى تاشبالىق دوستۇمنىڭ دەل ئەكىسىچە، مەن تۇركىيە فېلىملىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن. بۇلۇپمۇ شابان رول ئالغان يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كومدىيىلىك فېلىملەر ئادەمنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ. يېزا تۇرمۇشىغا قارىسڭىز ئۇلارمۇ خۇددى ئۇيغۇرلاردەكلا. شەھەر تۇرمۇشىنى كۆرسىڭىز ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە قانچىلىك زور دەرىجىدە ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرىۋالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە كورىتلار ۋادىسىدىكى پولات ئەلەمدار، ئادانالىق رازۋىتچىك دىگەن فېلىمدىكى مەرەز ئەلى قاتارلىق پىرسۇناژلار ھەقىقەتەن باللىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى قەھىرىمانلارنىڭ ئوبرازى بۇلۇپ قالدى.

alzat123 2011-06-22 20:33
ئوخو...بىز ئۇيغۇرلارمۇ نىمشقا ئشلمەيدىغاندۇ ئاشۇنداق كىنولارنى.ئەجەپپى بوپ قالدىما...مەن.

barkatjan 2011-06-23 02:50
مىنڭچە بەك ياخشى كىنوئىكەن كۈرتلار ۋادىسى فىلىمى قانچە قىتىم كۆرگىنىمنى ئۆزۇممۇ ئۇقمايمەن   دوسلارغا تەۋسىيە.تۈرىكچىسىنى كۆرسەڭلار تىلنى ئانچە چۇشەنگىلىبولمايدىكەن
ئەڭ ياخشىسى  گوگىل ياكى بەيدۇدىن كورىلارۋادىسى ئۆزبىك دەپ باسساڭلار .بارلىق قىسىمىلىرىنىڭ ئۆزبىكچىسى.تولۇق چىقىدىكەن. سۆزلىرىنىمۇ تولۇق چۇشىنەلەيدىكەنمىز.
ھەممە قىسمىنىڭ ئۆزبىكچىسىنى تولۇق چۇشۇرىۋالدىم.......
پۇتكۇل دۇنيادا كۆپقىسىملىق كىنو .ئىشلەش دولقۇننى قوزغىغان كىنو ئۇ..........

arginakun 2011-06-23 03:28
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكى11282 يوللىغان 2011-06-22 10:51 غا قارتىلغان :
كوردلار ۋادىسى-پەلەستىن دىگەن فىلىمىنى كۈرۈپ چىقتىم، خېلى ئۇبدان ئىشلەپتۇ. مەن ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىن-ئسىرائلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كىنودا تەسىۋىرلەنگەن سىياسى ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىم.

بۇ ئىنكاسقا قاراپ تولوق ئوتتورا مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرسىدىكى  ۋەقەلىكلەرگە بەرگەن
تەھلىلىم يادىمدىن كەچتى.

arginakun 2011-06-23 03:30
گەرچە تۈركىيەنىڭ ھەممە كىنۇسىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ
بۆرىلەر ماكانى ئىراق
بۆرىلەر ماكانى پەلەستىن
بۆرىلەر ۋادىسى لارىكنى
ۋە يىقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچىغا تەرجىما قىلىنغان كىنۇلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆرۈپ قويۇشقا
ئەرزىيدۇ

axikjan 2011-06-23 10:30
           نىجادى شاشماز، ( شاشماز- قورقماس دىگەن مەنىدە) 2003 يىلىدىن باشلاپ كۇرتلار ۋادىسى kurtlar vadisi ( كۈرت دىگىنى تۈرىكچىدە بۆرە دىگەن مەنىدە كىلىدۇ ) نى ئىشلەشكە باشلىغان ، 2006- يىلى ئېراق ئۇرۇشىغا، ھەم ئىراقتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئىزىلىشلىرىگە قارىتا، تۈرك خەلقنىڭ ئامىرىكا جاھانگىرلىرىگە بولغان قاتتىق غەزەپ- نەپرىتىنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن kurtlar vadisi irak ( كۇرىتلار ۋادىسى ئىراق ) فىلىمىنى ئىشلەپ چىقتى، كۇرتلار ۋادىسى تىلىۋىزىيە تىياتىرى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىشلىگەن kurtlar vadisi teror كۇرتلار ۋادىسى تىرور فىلىمىدە ، تۈرك خەلقىنىڭ بېشىغا بالا بولىۋاتقان تۈركىيەدىكى تىرۇرلىققا قارشى ئۇرۇش قىلىش نىيىتىگە كەلگەن ھەمدە كۇرتلار ۋادىسى  پۇسۇ kurtlar vadisi pusu ( پۇسۇ سۆزى تۈرىكچىدە قىلتاق، پىستىرما  دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ ) ناملىق تىلىۋىزيە تىياتىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى، بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ، پەلەستىنگە ياردەم قىلىش ئۇچۇن ماددى ئەشىيا ئەكىتىۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرىنى ئىسرائىليە ئارمىيسى تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن كۈننى ئۇنۇتماسلىق، ھەم تىلىۋىيزە تىياتىرى ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە، ھەم ئىسرائىليە دۆلىتىگە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ- نەپرىتىنى، ئىزىلىشكە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلىدۇرۇش ئۇچۇن kurtlar vadisi filistin فىلىمىنى ئىشلىدى، كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ تىلىۋىزيە تىياتىرىنىڭ قاچان ئاخىرلشىدىغانلىقى توغرىسىدا نىجات ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېنىق بىر نەرسە دىمىدى، مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن.

axikjan 2011-06-23 10:33
مايماق كەتكىنى بۇ

axikjan 2011-06-23 10:38
مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم چەكلىك، بىلىدىغانلار بولساڭلار ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يازساڭلار بولىدۇ. ئاندىن ئۇستىدىكى بەزى قېرىنداشلىرىمغا دەپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم، چەتئەلدىن كىرگۈزۇلگەن ھەر قانداق بىر كىنو، ياكى تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى بىزنىڭ تەرجىمە قىلىدىغان ناشىكەرلەرنىڭ قولىغا چۇشكەندىن كىيىن بىر قىسمى ئاز بولسا ئۈچكە بولۇنىدۇ. شۇڭا 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە بىر قىسىم دەپلا چىقىۋىرىدۇ، تۈركىيەنىڭ ئۈستدىكى دوسىتلار دەۋاتقان فىلىملىرىنىڭ ھەممىسىلا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر قىسمى 90 مىنۇت چىقىدىغان كىنولار ئىدى، ھەم كۇرتلار ۋادىسى فىلىمىنىڭ ئۈزبېكچىسىنىمۇ مۇشۇلارمۇ، ياكى باشقىلارمۇ بىلمىدىم ئىنتايىن قىسقارتىۋەتكەن، بىر يەرلىرى بىلەن بىر يەرلىرى باغلاشمايدۇ. بىلمىسەڭلەرمۇ تۈرىكچىسىنى كۈرۇڭلار دىمەكچى مەن خالاس.....

altun 2011-06-23 13:48
ئارتىس بۇلا ئاشۇنداق بۇلا كىنونىڭ ھەممىسىدە يالغان ئارلاشقان بىراق كورتلار ۋادىسىدا ئادەم قايمۇقىدۇ خۇددى راس بولغان ۋەقەگە گۇۋاھ بولغاندەك. بۇ كىنۇ بىر سىياسىي ئىدىلوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك .

kalbidax 2011-06-23 17:17
پولات ئەلەمدارنىڭ رول ئېلىش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن يۇقۇرى،مەن ئۇ رول ئالغان كىنولارنى  ياقتۇرۇپ كۆرىمەن

patima_0997 2011-06-23 20:26
نەقىل
بۇ 7قەۋەتتىكىbarkatjan يوللىغان 2011-06-23 02:50 غا قارتىلغان :
مىنڭچە بەك ياخشى كىنوئىكەن كۈرتلار ۋادىسى فىلىمى قانچە قىتىم كۆرگىنىمنى ئۆزۇممۇ ئۇقمايمەن   دوسلارغا تەۋسىيە.تۈرىكچىسىنى كۆرسەڭلار تىلنى ئانچە چۇشەنگىلىبولمايدىكەن
ئەڭ ياخشىسى  گوگىل ياكى بەيدۇدىن كورىلارۋادىسى ئۆزبىك دەپ باسساڭلار .بارلىق قىسىمىلىرىنىڭ ئۆزبىكچىسى.تولۇق چىقىدىكەن. سۆزلىرىنىمۇ تولۇق چۇشىنەلەيدىكەنمىز.
ھەممە قىسمىنىڭ ئۆزبىكچىسىنى تولۇق چۇشۇرىۋالدىم.......
پۇتكۇل دۇنيادا كۆپقىسىملىق كىنو .ئىشلەش دولقۇننى قوزغىغان كىنو ئۇ..........
قېرىندىشىم تەپسىلىرەك دەپ بەرگەن بولسىڭىز

kilixkan 2011-06-23 23:05
مەنمۇ ئازراق كۆرگەن ئۇ كىنونى خىلى ياخشى كىنو ئۇ .
لىكىن كۆپ قىسىملىق كىنولىرىنى ياختۇرمايمەن تۈركىيەنىڭ.
بىكار ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىققۇ ئۇ،.

aypare 2011-06-23 23:52
كورتلار ۋادىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا تەمىنلەپ بەرسەڭلار.رەھمەت.

javir 2011-06-24 00:16
مەن دىمەكچى بولغاننى ئاشىقجان دەپ بوپتۇ ،   ئىش قىلىپ تۈركىيەنىڭ  ئادانالىق ، ئاچچىق ھايات ، قاشقۇن ئاشىقلا دىگەن كىنولىرىغا ۋاقىت ئىسراپ قىلماي   كۇرىتلار ۋادىسىنى كۆرسە بولدى . بۇ مىنىڭ شەخشى كۆز قارشىم .

qoqas 2011-06-24 00:16
سىلەرمۇ ئاغىزىڭلارغا كەلگەننى جويلىمەي ئاۋال بىر كۇرۇپ بېقىپ ئاندىن گەپ قىلمامسىلە

kanaat 2011-06-24 08:15
تەپسىلىي كۆرمەي تۇرۇپ ،يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىنكاس يازماڭلار ،كىنونى ئەڭ ئاز كۆرىدىغان تاللاپ كۆرىدىغانلارنىڭ بىرىمەن ،كۇردلار ۋادىسى فىلىمى (كۇردلار ۋادىسى پۇسۇ فىلىمى ئەمەس ،بۇنىڭ ئالدىنقى 5قىسمى ئالماشقان چىراي نامىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ،باشقا قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق)نىڭ ئۆزبېكچىسىنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم ،ھەم كۆرگەن كىنولار ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى ھىسابلىدىم بۇ فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان باشقا تۈرك فىلىملىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ، تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ،ۋەتەن نېمە؟ مىللەت نېمە؟ ئادالەت نېمە؟ ....توغرىسدا تەربىيۋى ئەھمىيتى بەك ياخشى ،چۈنكى بۇ كىنودا تەسۋىرلىمەكچى بولغىنى باشقا كىنولاردەك مىشچان مۇھەببەت ھېكايىسى ئەمەس ،ئەگەر بۇ كىنىونى كۆرمىگەن بولسىڭىز مەڭگۈ كىنو كۆرگىنىڭىزنىڭ ئەھمىيتى يوق.

kanaat 2011-06-24 08:21
ئادرېسى :http://www.soku.com/search_video/q_KORTLAR_orderby_1_page_3
  بۇنىڭدا ۋەتەن ،مىللەت،ئادالەت ئالدىدا شەخسى ئوغۇل قىزلار ئوتتۇرىسىكى مۇھەببەتىىن ۋاز كېچەلەيدىغان مەردانە روھ بار

orbita 2011-06-24 11:07
نەقىل:
ئوخو...بىز ئۇيغۇرلارمۇ نىمشقا ئشلمەيدىغاندۇ ئاشۇنداق كىنولارنى.ئەجەپپى بوپ قالدىما...مەن.

كۇردلار ۋادىسى ئېراق فىلىمىغىلا 10مىليون دوللار مەبلەغ سىلىنغان ئىكەن. بىزدە ئۇنچە كۆپ مەبلەغ سالىدىغان سودىگەر چىقماسمىكىن.شۇڭا ئۇنداق كىنولارمۇ چىقماسمىكىن.

zilnur 2011-06-24 11:19
   بىر كۆرىۋىتەي دىسەم ،مىنىڭكىدە ئەجەپ چېقىمىدىغۇ؟

jawlankari 2011-06-24 13:53
بىزدە ئۇنداق كىنوغا دەسمى سالسىمۇ مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كىلەلمەيدۇ.چۇنكى ئۇن - سىن بازىرمىز ئاللاقاچان ئۈلگەن.ھەي ......... قانۇنسىز كۇپەيتكۇچلەر،
ھەي ...........نەپسانيەتچى بازارباشقۇرغۇچى خادىملار،
ھەي..........ئۇنۇمسىز قانۇن ،

jawlankari 2011-06-24 13:58
ئۇزبىكچىسى ،ئەسلى ئاۋازنى  قانداخ يۇقىتىدۇ؟

gheril 2011-06-24 14:56
  بىزدە ئۇنچىلىك مەبلەغ سالىدىغانلار چىقسىمۇ ئۇنچىلىك ئىشلىيەلەيدىغانلار چىقمايدۇ، راۋرۇس رىژىسورنىڭ تايىنى يوك، ئاكتىيورلارمۇ تايىنلىق، ئىشلىگەن بىلەن سېتىۋېلىپ كۆرىدىغانلارمۇ ئاز، چۈنكى پۇلىمىزنى بەزمە، توي تۆكۇن، كىيىم - كىچەككە خەجلەيمىز.

jawlankari 2011-06-24 15:41
  سىزنىڭ سۇزىڭىزنىڭ چەك باسدىغان يىرى پەقەت يوقكەن .سىز ئۇيغۇرسىز،ئەجبا سىزگە تەسىر قىلغۇدەك بىرە كىنو  ،سىز ئىتراپ قىلغۇدەك بىرەرئارتىس ،ئاكتىيور يوقما.،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بولدى ،گەپ قىلماي ، نۇرغۇن گەپلىرىم باتى ئەسلىدە،،،،         

fany 2011-06-24 16:38
ماڭا ئاغىنلىرىم  كۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغانىدى ،كۆرمىدىم .كىيىن يەنە بىر مۇشۇ توغرۇلۇق گەپ بۇلۇپ ،بىر ئاغىنەم ،بۇ ئەركىشى  كۈرىدىغان كىنو دەپ  چاخچاق قىلدى .كۆردۈم .بىراقلا بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم .بۇرۇن ئامرىكىنىڭ "قەيسەر يۈرەك "كىنوسى بىلەن كورىيەنىڭ "شامال ئوغلى"(باش پىرسۇناژ ۋەتەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاكا ،قىز دوستى ....قاتارلىق ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كىچىدۇ .)دەيدىغان بىر كۆپ قىسىملىق كىنوسىنى ئەڭ ئېسىل دەپ  ھىسابلايتىم .

   قىسقىسى كىنودا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك ،پىرسۇناژلار تىلى   قەلبىمنى لەرزىگە سالىدۇ .ئۆمەر بوۋاينىڭ تىلى ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ دىنىي كۆزقارىشىنى ئىپادىلىسە ،پۇلات ئارقىلىق دوست ،مۇھەببەت ،ۋەتەن  ،ئائىلە ،مىللەت توغرىسىدا ئادەمنى ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. بىر ئەركىشىنىڭ بېشىغا  پۇلاتنىڭكىدەك  كۈن كەلسە  قانداق قىلىش كىرەك ،قايسىنى تاللاش كىرەك ؟.
دۇران ئېمىينىڭ ئۆلىدىغان  چاغدا ئارسلان بەگ ئۆلىسەن دەۋاتسىمۇ :ۋەتەن ئامان بولسۇن،بىز ھەرقاچان ۋەتەن  تەرەپتە تۇرىمىز ،مىڭ جېنىمىز بولسىمى ۋەتەن ئۈچۈن  قۇربان بۇلۇشنى  خالايمىز  دىگەن يەرلىرىنى كۈرۈپ كۈزۈمگە ياش كەلدى .بۇ قانداق كىشى ؟قانداق روھ ؟مۇشۇنداق كىشىلەر راستىنلا  مەۋجۇتمىدۇ دەپ ئۈزەمگە سۇئال قويدۇم.

پۇلاتنىڭ  دوستلىرىغا بولغان مىھىرى -مۇھەببىتىدىن  تەسىرلىنىمەن .بىگۇناھ كىشىلەرنى ،مەيلى كىم بولسۇن  ئاددى كىشىلەرنى قىزغىن سۈيىشىدىن  سۈيىنىمەن ،ئەقىل پاراسىتى،زىرەكلىكىگە قايىل بولىمەن ......

كىنونىڭ پۈتۈن  ۋەقەلىكىدىن تۈركىيە شەھەر تۇرمۇشى  ۋە شەھەر تۇرمۇشىنى ھىس قىلىمىز ؛
يەنە تۈركىيە سىياسىسىنىڭ  ئارقا كۈرنىشىنى ،ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنىڭ  ئەھۋالىنىمۇ ئازرا ھىس  قىلالايمىز

intil007 2011-06-24 18:00
ئالامەت كىنو جۇما ؟ كورسەڭلا بولىدۇ باللا !  ھەم تىل  ئۆگەنگىلى ھەم خۇشال بولغىلى بولىدىغان!

anwar425 2011-06-25 01:14
مەنمۇ بۇ كىنۇغا دەھشەت ئامراق جۇمۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن كىنۇ بۇ  بۇ كىنۇنى كۆرگەن ئادەم باشقا كىنۇلارنى كۆرسە كۆرگەندەك بۇلمايدۇ ئادەم  !!!

.lazzat 2011-06-25 12:42
مەن بۇ ئارتىسنىڭ رول ئىلىشىغا بەكمۇ قايىل.

maxal20 2011-06-25 12:48
ئارسلانبەگ ئىككى ئادەم بىلگەن سىر سىر ئەمەس دەپ قۇردىشىنى ئېتىۋەتكەندە بۇ سۆز ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلىپ كېتىپتىكەن.
كۇرتلار ۋادىسىنىغۇ كۆرۈپ بولدۇم، پۇسۇنى بۇ ىېتىم قايتقاندا تۈركچە ئۆگەنگەچ كۆرەي ئەمدى...

barkatjan 2011-06-25 18:32
ماڭا بۇئۆمرۇمدە ئەڭ ياقتۇرغان ئىككى كۆپ قىسىملىق كىنو بار ........بىرسى ئامرىكىنىڭ يىلتىز دىگەن فىلىمى......يەنەبىرسى كۇرتلار ۋادىسى فىلىمى .

batur0997 2011-06-25 18:45
مەنغۇ تۇلۇق كورگىنىم بولسا ئىراقتىكى ئالۋاستى  دىگەن فىلىم بولدى ئۇ كىنو ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلەنگەن كىنو كوروشكە ئەرزىيدۇ

javir 2011-06-25 22:38
كۇرىتلار ۋادىسى پۇسۇ  1- بۈلۈم نەچچە قىسىم  تۇلۇق  بولسا ؟  مەن بىرىنچن بۈلۈمىنىڭ  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان 5 قىسمغۇ دەيمەن ئالماشقان چىراينى كۈرۈپلا بۇ  كىنوغا قىزىقىپ قالغان  دەي دۇكانلىرىدا  بىرىنچى بۈلۈمنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسى باكەن 96قىسىم  لىكىن پۈتكۈل فىلىمدىكى پىرسۇناژلاغا 5لا ئادەم ئاۋاز بىرىپتۇ پەقەت كۆگۈم كەلمىدى ،ھەم ۋەقەلىكنى بەكلا قىسقارتىۋىتىپتۇ . بىلدىغانلار بولسا بىرىنچى بۈلۈمنىڭ تۈرۈكچىسنى نەدىن تاپقىلى بۇلدىغان لىغىنى بىلسە  ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن .

gherip 2011-06-26 15:09
مەن بەك ياقتۇرىمەن پولاتنىڭ فىلىملىرىنى...

adila01 2011-06-26 17:00
كىنودىكى پىكىر پايدىلنىشقا ئەرزىيىدۇ ،.

abdullahasan 2011-06-26 19:33
纽约五尖塔ni korup bikiglar kirindaxlar!

fany 2011-06-26 21:22
سىنارىستىنىڭ تىل ئىشلىتىشىمۇ كارامەت ،تۈرك تىلىنىڭ گۈزەللىكنى ھىس  قىلدۇرىدۇ كىشىگە،پاساھەت ھەم بار

taxbalik 2011-06-26 22:56
ۋەتەن نېمە؟ مىللەت نېمە؟ ئادالەت نېمە؟ ....توغرىسدا تەربىيۋى ئەھمىيتى بەك ياخشى ،چۈنكى بۇ كىنودا تەسۋىرلىمەكچى بولغىنى باشقا كىنولاردەك مىشچان مۇھەببەت ھېكايىسى ئەمەس ،ئەگەر بۇ كىنىونى كۆرمىگەن بولسىڭىز مەڭگۈ كىنو كۆرگىنىڭىزنىڭ ئەھمىيتى يوق.
كانات بۇرادەر سىزدە راستىنلام ئاشقۇنلۇق كىسلى پەيدا بولۇپتۇ . كوروتلار ۋادىسى دىگەن كىنونى كۆرمىگەنگە مەڭگۈ كىنو كۆرگەننىڭ ئەھمىيتى يوقما . سىز ئۆزىڭىزنىڭ قارشىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىدىغان سىز كىمتىڭىز . ھەممە ئادەم خالىسا كۆرىدۇ خالىمىسا باشقىسنى كۆرىدۇ ، كىشلەرن قايسى كىنونى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ سىزدىن مەسلەھەت ئىلىش كىرەكما . ئۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ . مەن سىزگە دىسەم كوروتلار ۋادىسىدىنمۇ نەچچە مىڭ ھەسسە ياخشى كىنولار بار ، ۋاختى كەلگەندە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي تۈركىينىڭ كىنوچىلقى ھازىر  تىخى ئەمدى گۈللەنىشكە قاراپ مىڭۋاتىدۇ . 100~101قىسمىغۇ دەيمەن ھوللىۋوتتىن مەبلەغ سىلىپ ئىشلىگەن شۇ قىسمى خلى ياخشى ئىشلەنگەن . (قالغانلىرىمۇ ياخشى ئەمەس دىگىلى بولمىسىمۇ، بەك ماختاپ كەتكۈچىلكى يوق) تۈركىيە كىنو ئىشلەشتە تىخى ياپۇن، كوريەنى دىمەي تۇرلى دۆلتىمىزنىڭ كىنوچىلقىغىمۇ سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ ... شۇ بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزگە يىقىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە ياخشى تۇيلىشى تەبئى .

barkatjan 2011-06-27 15:07
نادان بىلەن گەپ تالاشقان ئۆزى ناداندۇر دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە.....................

kanaat 2011-06-27 16:46
نەقىل
بۇ 40قەۋەتتىكىtaxbalik يوللىغان 2011-06-26 22:56 غا قارتىلغان  :
ۋەتەن نېمە؟ مىللەت نېمە؟ ئادالەت نېمە؟ ....توغرىسدا تەربىيۋى ئەھمىيتى بەك ياخشى ،چۈنكى بۇ كىنودا تەسۋىرلىمەكچى بولغىنى باشقا كىنولاردەك مىشچان مۇھەببەت ھېكايىسى ئەمەس ،ئەگەر بۇ كىنىونى كۆرمىگەن بولسىڭىز مەڭگۈ كىنو كۆرگىنىڭىزنىڭ ئەھمىيتى يوق.
كانات بۇرادەر سىزدە راستىنلام ئاشقۇنلۇق كىسلى پەيدا بولۇپتۇ . كوروتلار ۋادىسى دىگەن كىنونى كۆرمىگەنگە مەڭگۈ كىنو كۆرگەننىڭ ئەھمىيتى يوقما . سىز ئۆزىڭىزنىڭ قارشىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىدىغان سىز كىمتىڭىز . ھەممە ئادەم خالىسا كۆرىدۇ خالىمىسا باشقىسنى كۆرىدۇ ، كىشلەرن قايسى كىنونى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ سىزدىن مەسلەھەت ئىلىش كىرەكما . ئۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ . مەن سىزگە دىسەم كوروتلار ۋادىسىدىنمۇ نەچچە مىڭ ھەسسە ياخشى كىنولار بار ، ۋاختى كەلگەندە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي تۈركىينىڭ كىنوچىلقى ھازىر  تىخى ئەمدى گۈللەنىشكە قاراپ مىڭۋاتىدۇ . 100~101قىسمىغۇ دەيمەن ھوللىۋوتتىن مەبلەغ سىلىپ ئىشلىگەن شۇ قىسمى خلى ياخشى ئىشلەنگەن . (قالغانلىرىمۇ ياخشى ئەمەس دىگىلى بولمىسىمۇ، بەك ماختاپ كەتكۈچىلكى يوق) تۈركىيە كىنو ئىشلەشتە تىخى ياپۇن، كوريەنى دىمەي تۇرلى دۆلتىمىزنىڭ كىنوچىلقىغىمۇ سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ ... شۇ بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزگە يىقىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە ياخشى تۇيلىشى تەبئى .
،بۇ كۆزقاراشنى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ئىختىيارىڭىز ،مۇنبەر دېگەن ھەممە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان جاي، "ئاشقۇنلۇق " دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ يېقىندا بازار تېپىۋاتقىنىدىن خەۋىرىم بار ئەمما "ئاشقۇنلۇق" نىڭ ئېنىق چىگرىسى بولمايدۇ................................مۇشۇنداق قوپاللىق بىلەن ئىنكاس يېزىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى ،مۇنازىرە دېگەن ئىلمىي يۇسۇندا بولسىمۇ بولىدىغۇ ،ئەگەر كۆز قارىشىڭىزنىڭ ئاساسىغا ئىشەنچىڭىز بولسا مۇنداق قوپال گەپنىڭ ھاجىتى بارمۇ، قوپاللىق دېگەننى مۇنازىرىگە تاھارەت بوش كەلگەندە قىلىدىغان نەرسىغۇ................،بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز كىنونىڭ قانداقۇ سەۋىيدە بولىشىدىن بەكرەك نېمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدا ئىپادىلدرمىكىن دەپ قارايمەن ،ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇنىڭدا ھېچقانداق مەجبۇرلاش تەرىپى يوققۇ دەيمەن.

kanaat 2011-06-27 17:40
  تاشبالىق ئەپەندى( ئەگەر ئايال بولسىڭىز خانىم) ،شىرىننى كۆرەر بولساڭ پەرھاتنىڭ كۆزى بولغىن دەيدىغان گەپ بار ،ئاشقۇنلۇققا تۆۋەندىكى تەرەپلەرمۇ كىرىدىغۇ دەيمەن،« باشقىلارنىڭ ئىلغارلىقىنىمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى سەۋەبلىك يوققا چىقىرىش ، توغرا تەرەپلەرنىمۇ جاھىللىق بىلەن قۇبۇل قىلماسلىق، مۇنازىرىدە ئىلمىي بولماي مەجبۇرلاپ قارشى تۇرۇش »،مۇنازىرە مۇنبىرىمۇ خۇددى ئاممىۋى يولغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭغا ھەر قاتلام ،ھەر قانداق سەۋىيدىكى ئادەم ئەدەپ قائىدە ئىچىدە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ،سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا زىت كەلگەنلەرنى بىر تىپىك بىلەن دۈشمەن قاتارىغا چىقىرۋەتسىڭىز بولماس ،مەسىللەرگە قاراشتا ئەتراپلىق ،سۇغۇققان بولغىنىمىز ياخشى ،بەلكىم ھاياجانلىنىپ كەتكەندىمەن، ھەممە كىشى ئۆز ئىدىيسى تەرەپتىن مۇئەييەنلەشتۈرگەن نەرسىلەرگە بىلىپ،بىلمەي ھاياجانلىنىپ قالىدۇ، بىزنىڭ مۇنازىرە تېمىمىز ،كىنوچىلىقنىڭ سەۋىيسى ئەمەس ،مېنىڭ  كىنوچىلىق ئىلمىدىن خەۋىرىم يوق ئەمما كىنو نېمە دېمەكچى دېگەن گەپكە كىنو كۆرگەن ھەممە ئادەم پىكىر قاتناشتۇرسا بولار دەپ ئويلايمەن.

javir 2011-06-27 22:12
taxbalik
دوستۇم  كاللىڭىز ھەققىقەتەن ئىشلەيدىكەن باشقىلار تېخى ئويلاپ يىتەلمىگەن ھەم ئويلۇنۇشقا تىىگىشلىك بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز  بولسا  ئىنكاسىڭىزنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭراق ھەجىملىك بىر تىما يوللىسىڭىز  سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ئورتاقلاشساق قانداق

mizanim 2011-06-28 14:18
پولات ئەلەمدار {يەنى نىجاتى شاشماس}نى بەلكى ، ئوتتۇرا شەرقتىكى  دۆلەتلەر ،ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەر بەكىرەك تونىيدۇ،بىزلەرمۇ  خىللا تەپسىلى تونىمىز ، ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىكىران ھاياتىغا ، مۇۋاپىقىيەت، غەلبە تىلەيمەن.

kanaat 2011-06-28 20:41
taxbalikباشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىن مىسال ئالغاندا نېمىشقا نەقىل ئۇسۇلى بىلەن ئالمايسىز ،خۇددى مېنىڭ ئىنكاسىمنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالغاندەك ،باشقىلار مېنىڭ ئىنكاسىمنى سىزنىڭ دەپ ئويلاپ قالسا ،سىزنىڭ قارىشىڭىز بويىچە بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتمەمدۇ، ئىنكاسىڭىزدىن قارىغاندا مۇنداق بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايسىزغۇ ،دەيمەن.

dolataogli 2011-07-01 15:58
كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

mollabilal 2011-07-01 16:40
بەزى بالىلار بەكلا نادان جۇمۇ..
ھىچ ئۇيالمايلا  چەتنىڭ ئارتىسلىرىنى ئۈزىگە باش سۈرەت قىلىۋېلىشلىرىچۇ تېخى .. ئىسىت..

taxbalik 2011-07-02 13:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كانات تورداش مەن بۇ ئىنكاسنى ئىلمى ئۇسۇلدا قىلىشقا تىرشىۋاتىمەن مەن ھىچقاچان سىز دىگەندەك  باشقىلارنى مەجبۇرى كۆرسەن دىگەن گەپنى قىلمىدىم . لىكىن سىزنىڭ مۇنۇ گىپىڭىزنىڭ مەجبۇرلاش خارەكتىرى بارمۇ-يۇومۇ چۈشەندۈرۈپ بىقىڭا ؟
(ۋەتەن نېمە؟ مىللەت نېمە؟ ئادالەت نېمە؟ ....توغرىسدا تەربىيۋى ئەھمىيتى بەك ياخشى ،چۈنكى بۇ كىنودا تەسۋىرلىمەكچى بولغىنى باشقا كىنولاردەك مىشچان مۇھەببەت ھېكايىسى ئەمەس ،ئەگەر بۇ كىنىونى كۆرمىگەن بولسىڭىز مەڭگۈ كىنو كۆرگىنىڭىزنىڭ ئەھمىيتى يوق.)
سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ھىسياتىنى باشقىلارغا تاڭماقچى بولسىز . مۇشۇ سۆزنى مەن يازمىدىم دىمەكچىمۇ سىز . بىز مۇشۇ كىنونى كۆرمىگگنلىكىمىز ئۈچۈنلام مەڭگەۈ كىنو كۆرمىگەنلىكنىڭ ئەھمىيتى يوقما . توغرا مەن باشتىلام تۈركىينىڭ كىنولىرنى مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن لىكىن بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم دەپ ئىنكاس يازغان ، بىلشىمچە سىز شۇ ئىنكاسقا قارتا ئۆز ھىسياتىڭىزنى ماڭا بىلدۈردىڭىز بۇنى بىلىپ تۇرمەن . ھازىرمۇ دەيمەن مىنىڭ تەرىتىم بوش كىلىپ قوپال گەپ قىلغىنىم يوق ، مۇنبەردە بولسىمۇ چىرايلىق ، ئىلمى پىكىرلىشىپ ئۆتىلى دەپ ئولىغانلىقىم ئۈچۈن . ئەسلى بۇ تىمىنىڭ مەزمۇنى پەقەت نىجات شاشمازنىنىڭ تەرجىمالى ئىدى ، مۇنازىرە مەزمۇنى باشقچە بولۇپ كەتتى ، مىنىڭ سىزدىن كۈتۈدىغىنىم (ۋەتەن نېمە؟ مىللەت نېمە؟ ئادالەت نېمە؟ ....توغرىسدا تەربىيۋى ئەھمىيتى بەك ياخشى ،چۈنكى بۇ كىنودا تەسۋىرلىمەكچى بولغىنى باشقا كىنولاردەك مىشچان مۇھەببەت ھېكايىسى ئەمەس ،ئەگەر بۇ كىنىونى كۆرمىگەن بولسىڭىز مەڭگۈ كىنو كۆرگىنىڭىزنىڭ ئەھمىيتى يوق.) مۇشۇ سۆزڭىزنىڭ نىمە مەخسەتتە ، نىمە ئۈچۈن يازغانلقىڭىزنى ماڭا ۋاختىڭىز بولسا چۈشەندۈرۈپ قويشىڭىزنى كۈتىمەن


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تۈركىيە كىنو چولپىنى - پولات ئەلەمدار --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043397 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us