ئەسسلامۇئەلەيكوم! مۆھتىرەم ئەلكۈيى ئەھلى ھەممىڭلارنىڭ تېنىغا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە ئەلكۈيى تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ھەم خۇشاللىق ئىچىدە چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە تورىمىز ۋە شىركىتىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچى - خادىملار نامىدىن سىلەرگە چوڭقۇر سالام يوللايمىز! تورىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىشى،قاپلىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ بىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ئەلكۈيى تورىغا بولغان مىھىر - مۇھەببىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تورىمىزدىكى ھەر بىر تورداشنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە ئارزۇسىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغايغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورىدىكى ھەر بىر خىزمەتچى ۋە ئەزالار مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئۇيغۇر تورچىقىلىدا تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە تېخىمۇ يارقىن بولغان تور مۇھىتى يارىتىش مەقسىتىدە بۈگۈن ئەلكۈيى تورىدا <<ئۇيغۇرچە نادىر رومانلار>> ناملىق سەھىپىمىز ئېچىلدى. سەھىپىگە يوللانغان رومانلار ئالدى بىلەن شىركىتىمىزنىڭ رومان ئاپتورى ۋە رومان ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىكى شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ تولۇق رۇخسىتىنى ئېلىشى بىلەن تورغا يوللىنىدۇ ھەمدە توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئەلكۈيى تورىدا بۇلىدۇ،ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىگە،كۆچۈرۈپ ئۆز تور بېكەتلىرىدە، بلوگلىرىدا ئېلان قىلىشىغا،ئېلكىتاپ قىلىپ تارقىتىشىغا قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ،ئەگەر يۇقارقىدەك قىلمىشلارنىڭ خالىغان بىرى بايقىلىپ قالسا،بۇ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقى شىركىتىمىز تەرىپىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملىرى بويىچە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
<<ئۇيغۇرچە نادىر رومانلار>>سەھىپىمىزنىڭ تۇنجى سانىدا تالانتلىق ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ئىككى قىسىملىق تارىخى رومانى<<جاللات خىنىم>>يېزىقچە ھالەتتە شىركىتىمىز تەرىپىدىن ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10 بەتتىن مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىنىدۇ.رومان مەزمۇنىنىڭ باشقا ئىنكاسلارنىڭ چۈشىشى بىلەن ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن قايسىسى رومان قايسى ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر تېما ۋاقتىنچە ئىنكاس قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلدى.ئەگەردە مۇنازىرە قىلىشنى خالايدىغانلاربولسا، رومان ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايدىغانلار ئەلكۈيى تورىغا تېما يوللاپ تورداشلاربىلەن ئەركىن ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ. كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تورى ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى كوللىگىيەسى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئىككى قىسىملىق تارىخى رومان جاللات خېنىم ئاپتورى: ياسىنجان سادىق چوغلان
ئاپتور ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ- ئېلېكتىر تېخنىك مەكتەپنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان؛ 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا ئورۇنلاشقان، ھازىرغىچە مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ياسىنجان سادىق چوغلان 1988- يىلى 4- ئايدا«يەكەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاددىي- ساددا باشلىق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بويان تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيەتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ«ئېھ، سەھرا»، «ئەتە يەنە پوچتاليون كېلىدۇ»،«قاغا»، «چىلان تۇپراق»، «بېلىقچى ھەققىدە ھىكايە»،«كالا»،«چاشقان ئاپىتى»،«قارا قۇمچاق»،«ئېچىل پاختام»،«تاز ۋە چىۋېن» قاتارلىق ھېكايىلىرى؛ «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»،«قۇملۇق»،«كاككۇك بالىسى»،«سۆيگۈ قېرىمايدۇ» قاتارلىق پوۋېستلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ «ئىھ سەھرا» ناملىق ھېكايىسى 1994-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 6- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى 1999-يىلى مەملىكەتلىك 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا، «قۇملۇق» ناملىق پوۋېستى،«تارىم مۇكاپاتى»، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»ناملىق پوۋېستى 2001-يىلى «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «يۈرۈكۈم يىغلايدۇ»(ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى)، «ئاي مۆككەن كېچە» (ھېكايىلار توپلىمى)، «جانانغا يېزىلغان خەت»(پوۋېستلار توپلىمى)، «كاككۇك بالىسى»(ھېكايىلەر توپلىمى)، «سۈكۈتتىكى زېمىن»(پوۋىست-ھېكايىلەر توپلىمى)، «داۋان»(رومان)،«كۈيلەر خانىشى ــ ئاماننىساخان»(بالىلار پوۋېسىتى)،«ئادالەت ھامىيىسى ـــ سەئىدىخان»(بالىلار پوۋېسىتى)،«ئاتەش قەلىپ، ساخاۋەتلىك زىمىن»(ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات)،«يوللار ئېسىڭدە بولسۇن»(ئەدەبىي ئاخبىرات توپلىمى) قاتارلىق كىتابلىرى ھەرقايسى نەشىرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.«شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە»،«ئاق يۆگەك»،«يۈرەكسىز سۆيگۈ»،«قەشقەردە توي»،«ئۇيغۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانمىلار»، «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» قاتارلىق كىتابلارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ياسىنجان سادىق چوغلان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. قولىڭىزدىكى «جاللات خېنىم» ناملىق بۇ ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان ياش قەلەم ساھىبىنىڭ ئون بەش يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى تەرىققىي قىلدۇرۇش يولىدا تىنىمسىز، مىننەتسىز، تەمەسىز ھالدا ئۈن- تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان بۇ تۆھپىكار ياش يازغۇچىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بەخت، ئىجادىيىتىگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمىز.
مۇندەرىجە
بىرىنچى قىسىم
بىرىنجى باب - شاھ قىلىچى قانسىرىغان ئىككىنچى باب - مەزھەپ توپانى ئۈچۈنچى باب - تەخت غوۋغاسى تۆتىنچى باب - تىترىگەن زېمىن بەشىنچى باب - پاجىئەلىك قىسمەتلەر ئالتىنچى باب - سۈلۈك تۇمانلىرى يەتتىنچى باب - تۈندىكى قىساسخورلار
ئىككىنچى قىسىم
سەككىزىنچى باب - ئەمەلگە ئاشمىغان سۇيىقەست توققۇزىنچى باب - داغ ئونىنچى باب - مۇھەممەممەد ئىمىن باھادىرخان ئون بىرىنچى باب -شەيتان ئەلچىسى ئون ئىككىنچى باب - قىساسكار خېنىم خاتىمە ئورنىدا
بىرىنچى باب
شاھ قىلىچى قانسىرىغان 1 مىلادىيە 1666 _ يىلى تومۇز ئايلىرى، چىڭقىچۈش.
قۇياش كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرىنى گويا مۇشۇ زېمىنغىلا چېچىۋاتقاندەك يەر _ جاھان تونۇردەك قىزىپ كەتكەنىدى. سۇسىز چۆلنىڭ كۆز يېتىم دائىرىسىدە سەراپ كۆل سۆيىدەك زاھىر بولۇپ، ئەينەكتەك جۇلالىناتتى. تاش _ داڭگاللار گۆش قويسا كاۋاب بولغۇدەك قىزىپ كەتكەنىدى. باھار يامغۇرىدا كۆكەرگەن قومۇش، يانتاق، قامغاق، ئازغان، چاكاندىلار تومۇزنىڭ كۆيۈك ئاپتىپىدا سارغىيىپ قورۇشقا باشلىغانىدى. قىپقىزىل يۇلغۇن چېچەكلىرى خۇددى كۆيۈۋاتقاندەك قىزغۇچ يالقۇن چاچاتتى. زىمىندىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق شامال ئادەمنىڭ نەپىسىنى بوغاتتى. بەئەينى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدەك مۇدھىش تىمتاسلىققا چۆمگەن بۇ سايىنىڭ جىمجىتلىقىنى يىراقتىن ئاڭلانغان تۇچ كولدۇرمىنىڭ يېقىملىق جىرىڭلاشلىرى بۇزۇۋەتتى. شۇ ھامان يۇلغۇن سايىسىدە زىمىننىڭ ھارارىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەي گاھ ئالدى ئوڭ پۇتى بىلەن ئارقا سول پۇتىنى كۆتۈرۋېلىپ، ئالدى سول پۇتى بىلەن ئارقا ئوڭ پۇتىدا يەر دەسسەپ، گاھ ئالدى سول پۇتى بىلەن ئارقا ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرېلىپ، ئالدى ئوڭ پۇتى بىلەن ئارقا سول پۇتىدا يەر دەسسەپ تۇرغان پاتمىچۇق، كەسلەنچۈكلەر چۆچۈشكىنىچە بوغۇم _ بوغۇم قاسىراقلىق قۇيرۇقلىرىنى تىك كۆتۈرۈشكىنىچە يەر بېغىرلاپ قېچىشقا باشلىدى. قومۇشلارنىڭ سايىسىدە مۆكۈنۈپ ياتقان تورغايلار پۇررىدە ئۇچۇپ يەنە بىر قومۇشلۇقتىكى يۇلغۇنلارنىڭ ئارىسىغا شۇڭغۇدى. ئىككىدىن خىل ئات قېتىلغان بەش مەپە ئاستانە تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى. بامدات ۋاقتى بىلەن يېڭىسار قەلئەسىدىن يولغا چىققان بۇ ئاتلار تېخى ھېرىپ قالمىغان بولسىمۇ، سايىنىڭ ئاتەشلىك ھارارىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئېزىلىپ _ ئېزىلىپ قۇشقۇن تارتاتتى. ئاتلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئېگەر _ جابدۇقلىرىغا، مەپىنىڭ ئوقىغا ئېسىپ قويۇلغان مىس قوڭغۇراقلارمۇ ئاتلارنىڭ مېڭىشىغا ماسلىشىپ جانسىز جىرىڭلايتتى. مەپىنىڭ شادىلىق يوغان چاقلىرى گويا بۇ سايدىن، چۆل ئاپتىپىدىن زارلانغاندەك نالىلىك غىچىرلايتتى. مەپىلەرنىڭ ئالدىدا جەدە ئارغىماققا مىنگەن، دۇبۇلغا _ ساۋۇت كېيىپ، يېنىغا قېلىچ، بوينىغا ئوقيا ئاسقان يول باشلىغۇچى سەركەردىمۇ، مەپىگە يۆلىنىپ پۇتلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان مەپىكەشلەرمۇ ۋە مەپىلەرنىڭ كەينىدىن قۇرۇقداپ ماڭغان، دۇبۇلغا _ ساۋۇت كېيىىپ، جەڭ قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللانغان ئەللىككە يېقىن ئاتلىق سەرۋازلارمۇ يۇلۇپ تاشلىۋەتكەن گىياھتەك سولىشىپ قالغانىدى. مەپىنىڭ قۇببە شەكىللىك سايىۋىنى كۆك مەخمەل بىلەن قاپلانغان بولۇپ، چۆرىسىگە تەتىللادىن جىيەك تۇتۇلۇپ، رەڭلىك چۇچا، چىلتەكلەر بىلەن بېزەلگەنىدى. سايىۋەننىڭ ئالدى ۋە ئوڭ _ سول ئىككى يېنىدىن باش پاتقۇدەك چوڭلۇقتا كۆزنەك ئېچىلىپ، ئالتۇن رەڭ تاۋار پەردا تارتىلغانىدى. بۇ كۆزنەكلەردىن مەپىدە ئولتۇرغۇچىلار ھەم سىرتىنى كۆزىتىش، ھەم ھاۋا ئۆتكۈزۈپ شامالداش ئۈچۈن پايدىلىناتتى. شۇ تاپتا مەپىلەرنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ھاۋادىننىڭ پەردىلىرى قايرىۋېتىلگەنىدى. _ سەركەردە، ھەي سەركەردە! باشتىكى مەپىدىن ئاڭلانغان ئايال كىشىنىڭ زىل ئاۋازى مەپىكەشنىڭ مۈگدىشىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغان سەركەردىنى چۆچۈتتى. ئۇ چاقماق تېزلىكىدە قەددىنى رۇسلىدى. ئوڭ قولى يېنىغا ئېسىۋالغان قېلىچىنىڭ سېپىغا، سول قولى ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا يۈگۈردى. تاي چېغىدىن تارتىىپ كۆڭۈل قويۇپ كۆندۈرۈلگەن، ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىملىق جەڭلەرگە قاتناشقان جەدە ئايغىر چۇلۋۇرىنىڭ يەڭگىل سىلكىنىشىدىن چىپپىدە توختىدى. سەركەردە بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا چاققانلىق بىلەن تەكشى نەزەر تاشلىغاندىن كېيىن، ئاتنىڭ بېشىنى مەپە تەرەپكە بۇرىدى _ دە، مەپىدىن بىر قەدەم نېرىدا توختاپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ سورىدى: _ لەببەي، خان ئاغىچا خېنىم. سايىۋەننىڭ ھاۋادىنىدىن يۈزىنى ھىلھىلە رومال بىلەن يېرىم يۆگىۋالغان ئوتتۇز نەچچە ياشلاردىكى جۇۋاننىڭ تۈجۈپلەپ قويغان ئوسمىسى سىڭىپ ئىچكەن قىياقتەك قېشى، سۈرمە سۈرۈلگەن قايرىما كىرپىكلىك شەھلا كۆزلىرى كۆرۈندى. _ سالقىنراق جاي تېپىپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ بىردەم شامالدىساق بولاتتى. _ خوش، ئاغچا خېنىم، _ سەركەردە قولىنى پېشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ ئالدى تەرەپكە نەزەر تاشلىدى _ دە، يەنە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى، _ ئالدىمىز تەرەپتە دەل _ دەرەخلىك كۆرۈنگەندەك قىلىدۇ. شۇ يەرگە بېرىپ سالقىندىساق قانداق بولۇر؟ _ مەيلى، _ دېدى ئاغىچا خېنىم، _ مەلىكىنىڭ مەپىسىگە قاراپ باقسىلا، ئۇسساپ قالدىمىكىن؟ _ خوش. سەركەردە ئېتىنىڭ بېشىنى ئىككىنچى مەپىگە بۇرىدى ۋە ھاۋاداندىن مەپە ئىچىگە نەزەر تاشلىدى. مەلىكە شېرىن سۈت ئويقۇسىغا كەتكەنىدى. ئۇششاق ئۆرۈلگەن كۇكۇلا چاچلىرى يولدا ئوقۇپ كەلگەن كىتابىنىڭ ئۇچۇق بەتلىرىدە يېيىلىپ ياتاتتى. مەلىكىنىڭ ئىككى كېنىزىكىمۇ بىرىنىڭ ساغرىسىغا بىرى بېشىنى قويۇپ، مەپىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئۇخلاپ قېلىشقانىدى. سەركەردە باشتىكى مەپىنىڭ قېشىغا كېلىپ جاۋاب بەردى: _ ئاغچا خېنىمغا مەلۇم بولغاي، مەلىكە مەھلىيا خېنىم ئۇخلاپ قاپتۇ، ئويغىتىشقا پېتىنالمىدىم. مەپە ئىچىدىن سادا چىقمىدى. سەركەردە بىر نەچچە دەقىقە جاۋاب كۈتكەندىن كېيىن يەنە سورىدى: _ مېڭىشقا ئىجازەتمىكىن، ئاغىچا خېنىم! _ ئىجازەت، مەلىكە ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىنىپ كەتمىسۇن، مەپىنى سىلىقراق ھەيدەڭلار. _ خوش، ئاغىچا خېنىم. بىر چۆگۈن چاي قاينىمى يول ماڭغاندىن كېيىن سەركەردىنىڭ كۆز ئالدىدا ياپيېشىل بىر بوستانلىق نامايەن بولدى. تاپتاقىر سايلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى بىر پارچە يېشىل كىمخاپنى تاشلاپ قويغاندەك تاسادىپىي ۋە ئاجايىپ يېقىملىق تۇيغۇلارنى قوزغاتقۇچى توغراق، تاغ تېرىكى، سۇۋادان، جىگدە ۋە سۆگەتلەر بىلەن بېزەلگەن بوستانلىقنىڭ نېرىقى چېتى مەھەللىگە تۇتىشاتتى. يول مۇشۇ بوستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتەتتى. كۈنپېتىش تەرەپتىكى كۆيۈك تاغلاردىن ئېقىپ كەلگەن، ئىككى تاش تۈگمەن چۆرگىلەتكۈدەك بىر ئېقىن مۇشۇ بوستانلىققا كەلگەندە يېيىلىپ، تاراملارغا بۆلۈنۈپ ئاقاتتى. ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن سەركەردە ئېقىن بويىدىكى قۇچاق يەتكۈسىز ئىككى تۈپ سۆگەتنىڭ سايىسى چۈشكەن تۆت پارچە كىگىز ئورنىدەك چىملىقنى مولجالىدى _ دە، كەينىدىن دەمبەس قەدەم ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن سەرۋازغا بۇيرۇق قىلدى: _ زىلچا _ كۆرپىلەرنى ئاشۇ سۆگەتنىڭ سايىسىگە سېلىڭلار. چاققان بولۇڭلار، ئاغچا خېنىم ساقلاپ قالمىسۇن. سەرۋازلار قاتار كېلىپ توختىغان مەپىلەرنىڭ تۆتىنچىسىدىن ئىككى پارچە گىلەمنى ئېلىپ سايىدىكى چىملىققا سالدى. ئۇنىڭغىچە ئۈچىنچى مەپىدىن ئون يەتتە _ ئون سەككىز ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ كېنىزەك بىلەن قىرىق ياشلار چامىسىدىكى قاۋۇل بىر خىزمەتكار ئايال چۈشۈپ بىرىنچى مەپىنىڭ قېشىغا كەلدى _ دە، مەپىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىشىكنى ئاچتى. قىزلاردىن بىرى قولىدىكى تۆت پۇتلۇق دەسسىگۈچنى مەپىنىڭ لېۋىگە توغىرلاپ قويدى. يەنە بىر قىز مەپىدىن چۈشۈش ئۈچۈن تەمشەلگەن ئاغچا خېنىمنىڭ قوش _ قوش ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك سېلىنغان ئىنچىكە بارماقلىرىدىن ئاۋايلاپ تۇتتى. ئاغىچا خېنىم مەرۋايىت ۋە ھەرخىل رەڭدار تاشلاردىن بېزەك قويۇپ تىكىلگەن قىزىل رەڭلىك ئاياغ كىيگەن پۇتىنى مەپىنىڭ لېۋىگە توغىرلاپ قويۇلغان دەسسىگۈچكە پەم بىلەن قويدى ھەمدە ئىككى كېنىزەكنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ ياردەم بېرىشى بىلەن ئاۋايلاپ يەرگە چۈشتى. ئۇ مەپىنىڭ ئىچىدىكى دىمىق ھاۋادا خېلىلا تەرلەپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئالتۇن ئۈزۈكلەرگە تولۇپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن مايسا رەڭ شايى كۆڭلىكىنىڭ كۆنجىكىدىن چىمداپ تۇتۇپ، ئۆزىنى يەلپۈشكە باشلىدى. بوستانلىقنىڭ سالقىن غۇر _ غۇر شامىلى شايى كۆڭلەكنىڭ ئېتىكىنى يەلپۈيتتى. _ ئۇھ، شۈكرى خۇدايىم، ئەجەپ بىر راھەتكە چىقتىما، _ ئاغچا خېنىم شۇنداق دېگەچ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى _ دە، ئىككىنچى مەپىدىن چۈشۈپ قاراپ تۇرغان ئىككى كېنىزەكتىن سورىدى، _ مەلىكىنى نېمىشقا مەپىدىن چۈشۈرمەيسىلەر؟ ئىككى كېنىزەك دەرھال قول قوشتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جاۋاب بەردى. _ مەلىكە تېخىچە ئويغانمىدى، ئاغىچا خېنىم. _ ئويغىتىڭلار، سەگىدەپ بىردەم ئوينىۋالسۇن، يەنە ئۇخلىۋالىدۇ تېخى، _ ئاغچا خېنىم ئەمدى يېنىدىكى كېنىزەكلەرگە قارىدى، _ خالىيراق بىر جايغا باشلاڭلار. بىر كېنىزەك ئالدىدا يول باشلاپ، ئىككى كېنىزەك ئاغىچا خېنىم يېقىلىپ چۈشسە ھازىرلا يۆلىۋېلىشقا تەييار تۇرغان ھالەتتە ئىككى يېنىدا مېڭىپ، ھاجەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. خىزمەتكار ئايال ئاغىچا خېنىمنىڭ مەپىسىدىن ئىككى تەتىللا كۆرپىنى ئالدى _ دە، سەرۋازلار سالغان زىلچىنىڭ تۆت تەرىپىگە قوشلاپ سالدى. ئاندىن مەپىدىن يەنە ئىككى پەي ياستۇقنى ئېلىپ ئاغچا خېنىمنىڭ يۆلىنىپ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن كۆرپىنىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ جايلاشتۇردى. ئۇنىڭغىچە سەرۋازلار تۆتىنچى مەپىدىن سوغۇق ساقلاش ئۈچۈن بۇيا _ بېدىلەر بىلەن مەھكەم چۆمكەلگەن قوغۇن _ تاۋۇز، توغاچ _ ئالۇچىلارنى، ساپال كومزەكتىكى قېتىق، مىس كومزەكلەردىكى ھەرخىل شەربەت _ مۇراببالارنى، قاتلىما، گۆشنان، سوغۇق گۆشلەرنى ئەكىلىپ داستىخانغا تىزدى. ئاغىچا خېنىم كېنىزەكلەر مىس ئاپتۇۋىدا قويۇپ بەرگەن سۇدا قولىنىڭ ئۇچىنى _ خېنە قويغان تىرناقلىرىنى دېگۈدەك چايقىدى _ دە، داستىخاندا ئولتۇرۇش ئۈچۈن بىر قەدەم چامداپلا، باراقسان ئۆسكەن ئىككى تۈپ سۆگەتكە ئەيمىنىپ قارىدى. سۆگەتلەردىن بىرى يوغىناپ پۇرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پورى تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكتىن قارنى ئېچىلىپ، ئادەم پاتقۇدەك كاۋاك بولۇپ قالغانىدى. يەنە بىر تۈپ سۆگەتنىڭ ئادەم بويى بىلەن تەڭ يېرىدە ئادەم بېشىدەك ۋە قوش مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا بىرنەچچە پوقىقى ساڭگىلاپ تۇراتتى. سۆگەتنىڭ شاخلىرىغا قاغا _ قوزغۇنلار ئۇۋا سالغان بولۇپ، نېمە سەۋەبتىندۇر بىراۋلار ئېسىپ قويغان قاپاقلار سەلكىن چۆل شامىلىدا تىنىمسىز پۇلاڭلاپ تۇراتتى، شۇنداقلا قارىغان كىشىگە بۇ قاپاقلار خۇددى ئىكى _ ئۈچ ياشلىق بالىلارنى بوينىدىن ئېسىپ قويغاندەك ۋەھىمىلىك تۇيغۇ بېرەتتى. _ ئانامەي، _ دېدى ئاغىچا خېنىم ھۇدۇققان ھالدا، _ ئادەمنىڭ تېنى ئەيمىنگۈدەك سۆگەتكەنغۇ بۇ، داستىخاننى دەرھال باشقا يەرگە يۆتكەڭلار. _ بۇ سۆگەتلەرنىڭ سايىسى بەلەنتى، ئاغچا خېنىم، _ دېدى سەركەردە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ. _ ئالۋاستى ئۇۋىسىدەك بۇ يەردە قانداقمۇ خاتىرجەم ئارام ئالغىلى بولسۇن، دەرھال يۆتكەڭلار، _ دېدى ئاغىچا خېنىم قەتئىيلىك بىلەن قولىنى سىلكىپ، _ قېرى سۆگەتلەرگە، بولۇپمۇ مۇشۇنداق چۆلدىكى پورلىشىپ كەتكەن قارنى يوق سۆگەتلەرگە ئالۋاستى ئۇۋىلىۋالىدۇ. بۇنداق خالىي ئەمەس جايدا ئارام ئالساق ئالۋاستى چېپىلىۋالمىسۇن يەنە. سۆگەتنىڭ سايىسىگە چىدىمىسىلا سەرۋازلار بىلەن ئۆزلىرى ئارام ئالسىلا. زىلچا، كۆرپە، داستىخانلار قول _ قولچە يۆتكەلدى. _ توشقان! ئەنە قاچتى. ئەكە ئوقيانى، ئىلدام بول... ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن مەلىكىنىڭ كەپسىزلىك بىلەن چوقان سېلىشى ئاغىچا خېنىمنىڭ دىققىتىنى بۆلدى. مەلىكىنىڭ يېنىدىكى كېنىزەك يۈگۈرۈپ بېرىپ مەپىدىن چاققانغىنە بىر ئوقيا بىلەن لىق ئوق قاچىلانغان، زەر يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن ئوقداننى ئەكەلدى. ئاغىچا خېنىم مەلىكىنىڭ كەپسىزلىكىنى ياقتۇرمىغان ھالدا تاقەتسىزلىنىپ ۋارقىرىدى: _ مەلىكەم، ھاي مۆھتىرەم مەلىكەم، كەلسىلە، سەكرەپ يۈرمەي مۇزدەك شەربەتتىن بىر ئوتلام ئىچىۋالسىلا. ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن يەنە. _ ئۇسسىمىدىم، سەل تۇرۇپ ئىچىمەن. مەلىكە جاۋابەن شۇنداق دېدى _ دە، ئوقداندىن بىر تال ئوقنى ئېلىپ، يانىڭ كىرىچىگە بەتلىگىنىچە توشقان قېچىپ كەتكەن توغراقلىققا يۈگۈردى. ئۇنىڭ بېلىدىكى ئالتۇن توقىلىق كەمىرىگە ئېسىۋالغان ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى خەنجىرى تېنىمسىز پۇلاڭلاپ تۇراتتى. خەنجەرنىڭ كۆمۈش غىلىپىغا قۇيۇلغان جاۋاھىر كۆزلەر قوياش نۇرىدا يالتىرايتتى. مەلىكىنىڭ كەينىدىن ئۇسساپ ھالىدىن كەتكەن ئىككى كېنىزىكى بىلەن ئون نەچچە سەرۋازمۇ جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈشتى. _ ئەتىگەندىن بېرى ھارۋىدا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ زېرىكىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، _ دېدى ئاغچا خېنىم مەلىكىنىڭ شۇخلۇقىدىن سۆيۈنگەن ھالدا ۋە نېرىراقتا تۇرغان سەركەردىگە بۇيرۇق قىلدى، _ سەركەردە، سىلى بېرىپ مەلىكىنى قايتۇرۇپ كەلسىلە، شۇنچە ئۇزۇن يولنى تىنچ _ ئامان بېسىپ كەلدۇق. ئەمدى ئاستانىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغاندا بىرەر پېشكەللىككە يولۇقۇپ قالمايلى يەنە. _ خوش، ئاغچا خېنىم. _ ئاستانىگە چاپارمەن ماڭدۇرۋەتسىلە، خان ئالىيلىرىغا كەلگەنلىكىمىزدىن خەۋەر بېرىۋەتكەي. _ خوش ئاغىچا خېنىم. سەركەردە ئون سەرۋازنى ئۈستى مەھكەم چۆمكەلگەن بەشىنچى مەپىدىن نېرى بولماسلىققا تاپىلىدى. چۈنكى، بۇ مەپىدە تۇرپاننىڭ نائىب ئەمىرى سەئىد باباخاننىڭ ئاكىسى خاقان ئابدۇلاخانغا ئەۋەتكەن شاھانە سوۋغا _ سالاملىرى بار ئىدى. قالغان سەرۋازلارنى ئاغىچا خېنىمدىن قىرىق _ ئەللىك قەدەم نېرىدا چۆرگىلىتىپ كۆزەتتە تۇرغۇزدى _ دە، ئىككى سەرۋازنى ئەگەشتۈرۈپ مەلىكىنىڭ كەينىدىن ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. خىزمەتكار ئايال ساپال كومزەكتىكى قېتىقتىن ئالتۇن جامغا بەش _ ئالتە قوشۇق بۆلۈپ، ئۈستىگە ناۋات شىرنىسىدىن قۇيۇپ، قوشۇق بىلەن قوچۇدى. ئاندىن مەخسۇس ئاغىچا خېنىم بىلەن مەلىكىگە ئاتاپ ئېلىۋالغان ساپال كوزىدىكى مۇزدەك بۇلاق سۈيىدىن تۆكۈپ دوغ قىلدى _ دە، ئالتۇن جامىنى ئاغىچا خېنىمغا ئىككى قوللاپ تۇتتى: _ ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋالسىلا، ئاغىچا خېنىم. ئاغىچا خېنىم ئالتۇن جامنى قولىغا ئالدى _ دە، ئەتراپىدىكى كۆزەتتە تۇرىۋاتقان سەرۋازلارنىڭ باشقا تەرەپكە قاراپ تۇرۇشقىنى كۆرۈپ، يۈزىگە يېرىم تارتىۋالغان ھىلھىلە چۈمبىلىنى ئېلىۋەتتى. ئويماقتەك كىچىك، چىلاندەك قىزىل لەۋلىرىنى ئالتۇن جامغا تەگكۈزۈپ مۇزدەك دوغنى ئاستا سۈمۈردى. شۇ ئەسنادا ئىككى كېنىزەك توز پېيىدە ياسالغان يەلپۈگۈچ بىلەن ئاغىچا خېنىمنى ئىككى تەرەپتىن ئاستا يەلپۈشكە باشلىدى.
2
تۈمەنلىگەن ئالماسلارنى چېچىۋەتكەندەك چاراقلاپ كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغان كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلار بىلەن ساھىبجامال ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قېشىنى ئەسلىتىدىغان ئالتە كۈنلۈك ئەگىم ئاي سۇس نۇرىنى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قەدىمكى شەھەر يەكەننىڭ ھەممە يېرىگە تەكشى چاچاتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ ئۈستىدىكى قاراۋۇلخانىلاردا، ئوردا سېپىلىنىڭ كۈنگۈرە _ مۇنارلىرىدا كۆزەتتە تۇرغان لەشكەر _ ياساۋۇللارنىڭ قولىدىكى قىلىچ _ نەيزىلەر سۇس ئاي نۇرىدا سوغۇق يالتىرايتتى. ھەرەمدىكى ھەشەمەتلىك قەسىر _ راۋاقلارنىڭ، ھەيۋەتلىك خان سارىيىنىڭ گۈمبەز _ قۇببىلىرىدىكى رەڭدار كاھىشلار بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ سەلتەنىتىنى كۆز _ كۆز قىلىۋاتقاندەك ھەشەمەت بىلەن پارقىرايتتى. ئاستانە رەستىلىرىدە كەچكى بازار قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى. قىسمەن دەڭ _ سارايلار، ئاشخانىلار، كاۋاپچىلار، ھېسىپچىلار، غالتەك گۆشى ساتقۇچىلار، نامازشام بازىرىدىكى ھاجەتمەن ئېلىپساتارلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، باققاللار، ھۆپىگەرلەر تېخىچە دۇكانلىرىنى يىغىشمىغانىدى. شەھەرنىڭ چىلتەنلىرىم، ھەزرىتى پىر مازارلىرى ۋە خانىقا دەرۋازىسى تەرەپلەردىن ئاڭلانغان قەلەندەرلەر، سوپى _ دەرۋىشلەرنىڭ «ھۇ _ ھۇ»، «ھۆم ئاللاھ، ھەق دوست» دەپ زىكرى قىلىشلىرى شەھەردىكى قىزغىن ھايات شاۋقۇنلىرىغا ماسلاشمىغان ھالدا خۇددى شەھەرگە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر توپ يىرتقۇچلارنىڭ ھۇۋلاشلىرىدەك ۋەھىملىك تۇيغۇ بېرەتتى ۋە ئاشۇ مازار _ خانىقالارغا قانداقتۇر بىر ئىلاھىي كۈچ بەخىش ئېتىپ، سىرلىق ھەم مۇدىھىش كۆرسىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالتۇنلۇقۇم مازىرىدىكى خانلار قەبرىستانلىقىدە تىلاۋەت قىلىۋاتقان قارىيىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىنى كېچىنىڭ غۇر _ غۇر شامىلى ئۇچۇرۇپ كېلەتتى. مۇڭلۇق كۈيگە ئوخشاش بۇ ئاۋاز گويا ئېچىنىشلىق بىر نالە _ پەريادتەك ئادەمنىڭ يۈرەك _ باغرىنى ئېزەتتى. شەھەرنىڭ قايسىبىر چېتىدىن ئاڭلانغان ساتارغا تەڭكەش قىلىنغان بۇ مۇقام ئاۋازى ئاستا _ ئاستا ئەۋجىگە چىقىپ، سوپى _ دەرۋىشلەرنىڭ ۋەھىملىك «ھۇ _ ھۇ» لىرىنىمۇ، قارىينىڭ نالىلىك قىرائىتىنىمۇ بېسىپ چۈشتى. نامەلۇم مۇقامچىنىڭ تاغ سۇلىرىدەك سۈزۈك ۋە جاراڭلىق، سېھىرلىك ئاۋازى ئاستانە ئاسمىنىدا جاراڭلايتتى. شۇ دەقىقىدە خان سارىيى گۆرىستان جىمجىتلىقىغا چۆككەنىدى. ساراي ئەتراپىدىكى مۇھاپىزەتچى ياساۋۇللاردىن تارتىپ، ساراي خىزمەتكارلىرىغىچە، شاھىنشىدىكى ۋەزىر _ ۋۇزۇرالاردىن تارتىپ ھۆدەيچى _ ئىشكىباقارلارغىچە گويا چوڭراق نەپەس ئالسا دەرھاللا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك ۋەھىمە بىلەن سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. بارلىق ئوردا ئەركانلىرىنىڭ بېشى مەيدىسىگە ساڭگىلىغان، كۆزلىرى پۇتىنىڭ ئۇچىغا تىكىلگەن بولۇپ، شاھىنشىنىنىڭ نەقىشلىك تام _ تورۇسلىرىغا ئېسىلغان كۆمۈش شامدانلاردىكى يۇلتۇزدەك يېنىپ كەتكەن شاملارنىڭ يورۇقىدا چىرايلىرىدىكى يۇشۇرالمىغان ۋەھىملىك ئىپادىلەر مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تۆردىكى ئۈچ گەز ئېگىزلىكتە مەرمەردىن ياسالغان توققۇز پايىلىك شاھ سۇپىسىنىڭ ئۈستىدىكى چوغدەك خوتەن گېلىمىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان، تۇتقۇچ ۋە قۇببىلىرى قۇيما ئالتۇندىن ياسىلىپ، ھەرخىل رەڭدىكى ئالماس، ياقۇت، قاشتېشىدىن كۆز قويۇپ بېزەلگەن ھەشەمەتلىك تەخىتتە دۆلەتپاناھ سۇلتان ئابدۇللاخان غەزەپلىك ئەلپازدا سەلتەنەت بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چوڭ _ چوڭ سۈرلۈك قوي كۆزلىرى تۆۋەندىكى ئوردا ئەركانلىرىغا گۇمانخورلۇق بىلەن تىكىلگەنىدى. شاھىنشىن ئىچىدە قاتتىق ئىزتىراپتا قالغان چوڭ _ كىچىك ئەمىرلەرنىڭ ۋەھىمە ئىلىكىدىكى پۇشۇلداپ تىنىشلىرى ۋە يۈرەكلىرىنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمايتتى. ئالياتقۇ مەھەلدە خاننىڭ تۇيۇقسىز كېڭەشكە چاقىرتقانلىقىدىن تەئەججۈپلىنىپ، تۈرلۈك ئوي _ خىياللار بىلەن شاھىنشىنىغا ئالدىراپ _ تىنەپ جەم بولغان بۇ ئوردا ئەركانلىرى ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، خاننىڭ چىرايىدىكى غەزەپتىن ئەس _ ھوشلىرىنى يوقىتىشىپ، ئەركىنرەك تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي قول قوۋۇشتۇرغىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇشاتتى. بارلىق ئەمىرلەرنىڭ تولۇق كېلىپ بولغانلىقىغا كۆزى يەتكەن دىۋانبىگى تەخىتكە يېقىنراق كېلىپ سۇلتان ئابدۇللاخانغا مۇراجىئەت قىلدى: _ ئادالەتپاناھ ئانھەزرىتىمگە مەلۇم بولغاي، كېلىشكە تېگىشلىك ئوردا ئەئيانلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولدى. سۇلتان ئابدۇللاخان تەخىتنىڭ ئالتۇن قۇببىسىگە يۆلەنگەن سېمىز گەۋدىسىنى سەل رۇسلىدى _ دە، تۆۋەندە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئەمىرلىرىگە بىر قېتىم تېز _ تېز نەزىرىنى يۈگۈرتكەندىن كېيىن، جاۋاب كۈتۈپ تۇرغان دىۋانبېگىگە قول ئىشارىسى قىلدى. خاننىڭ قول ئىشارىسىنى كۆرگەن دىۋانبېگى ئەمىرلەرگە يۈزلىنىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا پەرمان يەتكۈزدى: _ خان ئالىيلىرى ئەمىرلەرنى ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى. _ ئانھەزرىتىمنىڭ شەپقىتىگە ھەشقاللا! ئەمىرلەر بىردەك خانغا تەشەككۈر ئېيتىشىپ، يەڭگىل تىن ئېلىشتى _ دە، ئەمەل مەرتىۋىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى تېپىپ ئولتۇرۇشتى. قىسقىغىنە ئۆرىتۆپىدىن كېيىن شاھىنشىن يەنە ئىلگىرىكىدەك تىمتاس ھالىتىگە كەلدى. كۇرسلارغا جايلىشىپ ئولتۇرۋالغان ئەمىرلەر يەر تېگىدىن خانغا ئېھتىيات بىلەن قارىشىپ، يەنە بېشىنى تۆۋەن سېلىشتى. نېمىگىدۇر ئاچچىقلىنىپ قالغان خاننىڭ قاپىقى تېخىچىلا تۈرۈك بولۇپ، قوشۇمىلىرى كىرىشىپ كەتكەنىدى. سۇلتان ئابدۇللاخان كۆنگەن ئادىتى بويىچە گېلىنى ئىككى قېتىم قىرىۋەتكەندىن كېيىن سۆز باشلىدى: _ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەردىكى بىر قىسىم مۇناپىق رىياكارلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن شاھزادە يولۋاسخان خۇتبىنى ئۆزىنىڭ نامىغا ئوقۇتۇپتۇدەك، ئەلۋەتتە شاھزادىنى ئاق دېمەكچى ئەمەسمەن. ئول نائىنساپ شاھزادىنىڭ نىيەت _ ئىقبالى بىزگە خېلى بۇرۇنلا ئايان بولغان. ئەمما، سەلتەنىتىمىزنىڭ بىر قىسىم يۇشۇرۇن ئەغيارلىرى شاھزادىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، پەرزەنتىنى پەدەرگە قېلىچ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتمەكتە. ئۇزۇندىن بېرى خانلىقىمىزنىڭ تۇزىنى يەۋەتقان بىر قىسىم ئەمىر _ بەگلىرىمىز تۇزكۇرلۇق قىلىپ، بىزدىن يۈز ئۆرۈپ، شاھزادىگە مايىل بولماقتا. مەن قەشقەر ئەمىر _ بەگلىرىنىڭ مۇناپىقلىق قىلغىنىغا ئىشەنمىسەممۇ، لېكىن ئوردامدىكى ئەمىرلەردىن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغانلار چىقار دەپ زىنھار ئويلىمىغان. مانا بۈگۈن ئوردىمىزنىڭ يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ئالىي ئىنئاملىرىغا ئۇزۇندىن بېرى نائىل بولۇپ كەلگەن بىر ئاسىي ئەمىر ئۆزىنى ئاشكارلىدى. خاننىڭ سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شاھىنشىنىدىكى بارلىق ئەمىرلەر خانغا يەر تېگىدىن خۇدۇكسىرەپ، بىر _ بىرىگە گۇمانسىراپ قارىشىۋالدى _ دە، ئولتۇرغان ئورۇنلىرىدا ئىختىيارسىز قىمىرلاشتى. قانداقتۇر بىر قورقۇنچتىن يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقۇپ كىمخاپ تونغا قىمدالغان ۋۇجۇدلىرىنى سوغۇق تەر باستى. شاھزادە يولۋاسخانننىڭ دادىسىدىن خانلىق تەخىتنى تارتىۋىلىش نىيتى ئاشكارىلانغان بىر نەچچە يىلدىن بېرى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن قاتتىق رەنجىپ، گۇمانخور، ئاسان غەزەپ قىلىدىغان، رەھىمسىز، چېچىلغاق بولۇپ قالغانلىقى بارلىق ئەمىرلەرگە ئايان ئىدى. خان غەزەپلەندىمۇ، بولدى، بىرەر كىمنىڭ كاللىسىنى ئالماي بولدى قىلمايدۇ. ئاھ تەڭرىم! بۈگۈن قايسى شور پېشانە ئەمىرنىڭ ئەجىلى توشتىكىن؟! خان ئالىيلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئۆزۈڭ ئىنساپ _ تەۋپىق بەرگەيسەن... سۇلتان ئابدۇللاخان ۋەھىمىدىن كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتكەن ئەمىرلىرىگە سوغۇق نەزەر تاشلاپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى: _ بىر ھەپتىدىن بېرى ئوۋ قىلغاچ لەشكەرلىرىمنى مەشىق قىلدۇرىمەن دەپ ئاستانىدىن چىقىپ كەتكەن مۇناپىق، ئاسىي ئەمىر مىرزا يۈسۈببەگ ئىككى مىڭ لەشكىرى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ شاھزادىدىن پاناھلىق تىلەپتۇ... بۇ يېڭى شۇم خەۋەردىن ئەمدىلا خەۋەر تاپقان ئەمىرلەرنىڭ كىمخاپ، بەقەسەم تونلارغا ئورالغان گەۋدىلىرى يەنە قايتىدىن قىمىرلاشقا باشلىدى. ئەمىر مىرزا يۈسۈببەگ بىلەن يېقىن بۇرادەرچىلىك قىلىپ ئۆتكەن بىر قانچە ئەمىرلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خائىنغا چېتىلىپ قېلىپ، خاننىڭ غەزىپىگە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى شۇنداق قاتتىق ئاغدىكى، پەيلىرى سىرقىراپ، پۇت _ قوللىرىدا جان قالمىدى. پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قارا تەر بېسىپ ئەس _ ھوشىنى يوقىتىپلا قويۇشتى. ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگ بىلەن چىقىشالماي ئاداۋەتلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خانغا بىر قانچە قېتىم ئەرىز قىلىشقان ئەمىرلەر بولسا، ئۇشۇقى سىيا چۈشكەن قىمارۋازلاردەك شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىكى، خاندىن تېخىمۇ چوڭراق مەنسەپ، كاتتا ئىنئامغا ئېرىشىش تەمەسىدە شۆلگەيلىرى ئېقىپ مەست بولۇپ كەتتى. _ خۇدا بۇيرۇسا بۇ رىياكار ئەمىرلەرنىڭ ئەدىپىنى پات يېقىندا بەرگەيمىز، _ ئابدۇللاخان تەخىتكە يېقىنراق جايدا ئالدىدىكى شىرەگە قەغەز، قومۇش قەلەم، سىياھ تەييارلاپ يارلىق يېزىشقا ھازىر بولۇپ ئولتۇرغان سەرمۇنىشىغا قاراپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى، _ مىرزا بەگە دەرھال يارلىق پۈتۈك تەييارلىغاي. قاغىلىق، پوسكام، مەكىت بەگلىرى ئۆزىگە قاراشلىق نۆكەرلەرنى يىغىپ، ئۇزۇق _ تۈلۈك، قورال _ ياراغلارنى تەق قىلىپ، پەرمان كۈتكەي. ئاستانىدىكى سىپاھبەگلەر مېنىڭ رۇخسىتىمسىز لەشكەرلىرى بىلەن ئاستانىدىن ئايرىلمىغاي. شەھەرگە كىرىپ _ چىققۇچىلار قاتتىق تەكشۈرۈلگەي. پەرمانغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ. ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگنىڭ يەتتە ئەۋلادىغىچە قىرىپ تاشلانغاي. مال _ مۈلكى خەزىنىگە ئېلىنىپ، تۇرالغۇسى كۆيدۈرۈلگەي. سۇلتان ئابدۇللاخان پەرماننى بېرىپ بولۇپ تەخىتنىڭ ئالتۇن تۇتقۇچىغا تايانغىنىچە ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭغا بارلىق ئەمىرلەر دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشۇپ قول باغلاشقىنىچە خانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. خان ئەمىرلەرگە كۆز قىرىنىمۇ سالماستىن خاس ئېلىنغان يان ئىشىك ئارقىلىق شاھىنشىنىدىن چىقىپ كەتتى. _ ئەمىرلەرنىڭ قايتىشىغا ئىجازەت. دىۋانبىگىنىڭ يېقىملىق، بوم ئاۋازى بىلەن تەڭ بارلىق ئەمىرلەر يەڭگىل تىن ئېلىشقىنىچە ئاللاغا شۈكرى _ سانا ئېيتىشتى. يۈرەكلى قاتتىق مۇجۇلۇپ كەتكەن ئەمىرلەرنىڭ بايامقى ۋەھىمىسى تېخى تارقىلىپ كەتمىگەنىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ شاھىنشىنىدا بىرەر _ ئىككى ئېغىز ئۆزئارا گەپ قىلىشقىمۇ رايى بارماي، شاھىنشىنىدىن جىم _ جىملا چىقىپ كېتىشكە ئالدىراشتى. 3 شاھىنشىنىدىن يېنىپ چىققان ئابدۇللاخاننىڭ نېمە ئۈچۈندۇر ھەرەمگە كىرىشكە كۆڭلى تارتمىدى. ئۇ ئوردا بېغىدا يانداش سېلىنغان ھەرەمدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئايال كىشىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىغا بىر پەس قۇلاق سالدى _ دە، ئوردا بېغىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى قەسىرگە قاراپ ماڭدى. ئوردا سېپىلىنىڭ توققۇز دەرۋازىسىنىڭ ھەربىرىنى ئۈچ يۈزدىن ياساۋۇل بىردىن سەركەردىنىڭ باشچىلىقىدا قوغدىغاندىن سىرت، ئوردا ئىچىنىڭ ھەممە يېرىدە ھەر ئون _ يىگىرمە قەدەمدە بىردىن نۆكەر قاراۋۇللۇق قىلاتتى، سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نۆكەرلەر قەددىنى رۇسلاپ خانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. خاندىن ئىككى _ ئۈچ قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ ئەلەم ماھارىتى ۋە ساداقەتمەنلىكتە ئىشەنچكە ئېرىشىپ تاللانغان بەستىلىك كەلگەن تۆت نەپەر خاس يېگىت سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ دىققىتىنى چاچماسلىققا تىرىشىپ، خاندىن ئىككى _ ئۈچ قەدەم ئارىلىق قالدرۇۇپ، ئەتراپنى ھوشىيارلىق بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلاردىن يەنە تۆت _ بەش قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ دىۋانبېگى، ھەرەمئاغىسى ۋە بىكاۋۇلبەگ بىر قانچە مۇلازىمنىڭ ھەمراھلىقىدە پايپاسلاپ كېلىشمەكتە ئىدى. ئابدۇللاخان قەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئون مو چوڭلۇقتىكى كۆلنىڭ قارامتۇل پارقىراپ تۇرغان سۈيىگە خىيالچانلىق بىلەن نەزەر تاشلىدى. سۇ بېتىدە ساناقسىز يۇلتۇزلار خانغا قاراپ غەمكىن كۆز قىسىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرە خاننىڭ دىلخەستەلىكىنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرۋەتتى. «لالىزار راۋاق» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەسىر خاننىڭ تومۇز پەسلىدە ئارام ئالىدىغان، بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنى بولۇپ، بىر مو كەلگۈدەك دائىرىدىكى مەرمەر سۇپىنىڭ تۆت تەرىپىگە گېلەم ئورنىدەك چوڭلۇقتا شاھ سۇپا چىقىرىلىپ، ئارقىسى ۋە ئىككى يېنى ياغاچ سالاسۇنلار بىلەن توسۇلۇپ، ئۈستى مېھراب شەكلىدە گۈلدار نەقىش چىقىرىلىپ يېپىلغان، شاھ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتقاشتەك قىزىل زىلچا، قات _ قات تەتىللا كۆرپە ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن پەي ياستۇقلار تاشلاپ قويۇلغانىدى. مەرمەر سۇپىنىڭ قالغان يېرىگىمۇ گېلەملەر سېلىنىپ، چۆرگىتىلىپ يېكەندازلار جايلاشتۇرۇلغانىدى. قەسىرنىڭ تۆت ئەتراپى خارەت ۋە مىمارلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىشى بىلەن ئالتە بۈرجەكلىك، ئۈستى قۇببە شەكىللىك تال بارىڭى ياسالغان بولۇپ، ئوردا باغۋەنلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشى بىلەن پۈتكۈل خانلىق تەۋەسىدە بار ئۈزۈم خىللىرىدىن بىر كۆتەكتىن سېلىپ تۈجۈپىلەپ باراڭغا ئېلىنغانىدى، ئۈزۈم تاللار پۈتكۈل باراڭنى تولۇق چۆمكىگەنىدى. ياغاچچىلىق، مىمارچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك سەنئىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بۇ تال باراڭلىق سورۇن ھەرقانداق كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. سورۇننىڭ ئالدى تەرىپىگە كولانغان ئون مو كۆلەمدىكى كۆل پۈتۈنلەي مەرمەر تاشلار بىلەن سۇ سىڭشمەيدىغان قىلىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ئوردىنىڭ غەربىدىكى ھەيدار باغنىڭ ئىچىدىكى چوڭ كۆلدە ئالاھىدە سۈزۈلدۈرۈپ ئاندىن بۇ كۆلگە باشلاپ كېلىنگەنلىكى ئۈچۈن كۆل سۈيى ئەينەكتەك سۈزۈك ئىدى. كۆلنىڭ تېگىگە ياتقۇزۇپ قويۇلغان ھەر خىل رەڭلىك تاشلار ئەينەك كۆرۈنۈپ، كۈندۈزى قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ رەڭدار جۇلالايتتى. ئادەم بويى سۇ تولدۇرۇلغان بۇ كۆلگە، ئابدۇللاخان تومۇز ئايلىرىنىڭ دىمىق كېچىلىرىدە پات _ پات چۈشۈپ سەگىدەپ تۇراتتى. گاھى ۋاقىتلاردا بىر نەچچە كېنىزەكلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ بىللە چۆمۈلۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى. ئوردا بىلەن ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ ئوردا بېغىدا يۇقىرىقى «لالىزار راۋاق» ناملىق يازلىق سورۇندىن باشقا، «ھۇزۇرى ساباھ» ناملىق كۈزلۈك سورۇن، « ھوزۇرى ناۋا» ناملىق قىشلىق سورۇن بار ئىدى. باھار ۋە كۈز پەسىللىك سورۇنلار بەئەينى كاتتا قەسىرلەرنىڭ شەكلىدە ياسىلىپ، تورۇسلىرى ھەرخىل رەڭدار گۈل نۇسخىلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك يېپىلغان بولۇپ، قەسىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىنى بىمالال كۆرۈش ئۈچۈن تۆت تېمىغا ھەرخىل شەكىل چىقىرىپ توقۇلغان ياغاچ پەنجىر ئورنىتىلغان؛ سوغۇقتىن، شامالدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن پەنجىرنىڭ ئىچى تەرىپىگە ئەينەك ئورنىتىلغانىدى. «ھوزۇرى نورۇز» ناملىق سورۇننىڭ ئەتراپىغا باھار پەسلىدە ئەڭ ئاۋۋال بىخلىنىدىغان، نورۇز ئايەم كۈنى چېچەكلەپ ئېچىلىدىغان، يۇپۇرماق چىقىرىدىغان ھەرخىل گۈل _ گىياھلار، دەل _ دەرەخلەر تىكىلگەن بولۇپ، ھەريىلى نورۇز ئايەم كۈنى سۇلتان ئابدۇللاخان خانلىق تەۋەسىدىكى داڭلىق شائىرلارنى، ئاتاقلىق سەنئەتكارلارنى، مۇقامچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، مۇشائىرە _ بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ بېرەتتى ۋە ئۇلارغا ھەميان _ ھەميانلاپ ئىنئاملارنى بېرەتتى. شائىرلارنىڭ تۈرلۈك تېمىدىكى مەسنەۋى، غەزەل، رۇبائىي، قەسىدىلىرىدىن ھوزۇرلىناتتى. «ھۇزۇرى ساباھ» نىڭ ئەتراپىغا يازنىڭ ئاخىرىدىن تاكى كەچ كۈز پەسلىگىچە مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ كەتمەي تۇرىدىغان ئالما، ئانار، ئامۇت... قاتارلىق ھەرخىل مىۋىلىك دەرەخلەر، غازىڭى ئاسان سارغىيىپ تۈكۈلۈپ كەتمەيدىغان مەنزىرە دەرەخلىرى تىكىلگەن بولۇپ، ئابدۇللاخان بۇ يەردە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا توقال _ كېنىزەكلىرى بىلەن مەيخورلۇق قىلغاچ قونۇپ قالاتتى. «ھۇزۇرى ناۋا» ناملىق قىشلىق سورۇنخانا سوغۇقتىن دالدىلانغۇدەك پۇختا سېلىنغان بىر ئېغىز ساراي، ئۈچ ئېغىز قازناق خاس ئۆيدىن تۈزۈلگەن قەسىر بولۇپ، بۇنىڭدا خان قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى گاھى بەزمە _ مەشرەپ بىلەن، گاھى ۋائىز _ مەدداھلارغا جەڭنامىلەرنى سۆزلىتىپ ئاڭلاش بىلەن، گاھى كىتاب _ دىۋانلارنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاش بىلەن تاڭ ئاتقۇزاتتى. بۈگۈنكى كېچە ھاۋاسى تولىمۇ تىنچىق بولۇپ، دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنى مىدىرلاتقۇدەك شامالمۇ يوق ئىدى. باغدىكى تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرىنى، پاقىلارنىڭ كوركىراشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا «لالىزار راۋاق» نىڭ ئەتراپى گۆرىستان جىمجىتلىقىغا چۆككەنىدى. كۆلگە بىر ھازا قاراپ تۇرغان سۇلتان ئابدۇللاخان كۆل سۈيىدە يۇيۇنۇپ، بىر ئاز سەگىدىمەكچى بولدى _ دە، شاھانە تون _ سەرپايىلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. بۇتتەك قېتىپ تۇرغان ئىككى نۆكەر خاننىڭ يېشىنمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ياردەملەشتى. تامبالدىن باشقا كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىغان خان مەرمەر پەشتاق ئارقىلىق كۆلگە ئاستا _ ئاستا كىرىشكە باشلىدى. قۇيۇق دەل _ دەرەخلەر بىلەن قورشالغان كۆل سۈيى خېلىلا سالقىن ئىدى. سۇلتان ئابدۇللاخان كۆل سۈيىگە بىر قانچە قېتىم چۆمۈلگەندىن كېيىن نۆكەرلىرى تاشلاپ بەرگەن يارىيار ھارىۋىنىڭ چاقىدەك يوغانلىقتىكى تولۇمنىڭ ئارتىلىپ سۇغا چىلىشىپ تۇراتتى. ئۇ قولى بىلەن سۇنى چايقىغاچ ئاستا _ ئاستا خىيالغا كەتتى. «پارچىلىنىپ تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى جەنناتماكان پەدەرۇ بۈزۈرۈكۈم سۇلتان ئابدۇرەھىمخاننىڭ ۋەسىيىتى ۋە دۇئالىرىنىڭ بەراكاتى بىلەن قايتىدىن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ بابائى بۈزۈرۈكلىرىم سۇلتان سەئىدىخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىدخانلارنىڭ زامانىسىدىكى كاتتا سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم. گەرچە قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئۇششاق يېغىلىقلار بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىمدا غەلىبە _ نۇسرەت بىز تەرەپتە بولدى. ئىچكى جەھەتتە ئانچىكىم نىزالارنى ۋە قىرغىز بەگىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەل _ رەئىيەت تىنچ _ خاتىرجەملىككە ئېرىشتى. ئەمدى ئېلى تەرەپلەرگە بېسىپ كىرگەن جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوشۇنىنى قوغلاپ چىقىرىپ، قومۇل، تۇرپان تەرەپلەردىكى ئاۋامنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرسەم بارلىق ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. ئەپسۇس، خۇدا ماڭا ئوغۇل بەرگەن بىلەن ئىنساپ _ دىيانىتىنى، ئەخلاق _ پەزىلىتىنى ئاياپتۇ. شاھزادە يولۋاسخاننىڭ خانلىق تەخىتكە كۆز تىكىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى. ئۇ بۇ نىيىتىدىن يېنىش تۈگۈل ماڭا _ سەلتەنەتكە قارشى لەشكەر جۇغلاۋاتىدۇ. ئوردىدىكى بىر قىسىم رىياكار ئەمىرلەر بىلەن خۇپيانە تىل بىرىكتۈرۈۋاتىدۇ. ئوتتۇرانچى شاھزادەم نۇردۇنخان ئەلەم ماھىرىتىگە ماھىر بولغان بىلەن زىيادە مەمەدان ۋە شارابخور، قەلەم ماھارىتىگە ئېپى يوق. ئۇنىڭ سەلتەنەتكە ۋارسلىق قىلىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. شاھزادە ئابدۇمۆمىنجان بولسا ئەلەم ۋە قەلەم ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن شاھزادىلەرنىڭ كىچىكى بولغاچقا ئۇنى ۋەلىئەھدى قىلسام ئىككى ئاكىسى ھەرگىز قايىل بولمايدۇ. بەلكىم ئاغا _ ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخىت ماجراسى پەيدا بولۇپ، سەلتەنەت ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا قېلىشى مۇمكىن. شاھزادا يولۋاسخان بۇنچە ئالدىراپ كەتمىسىمۇ بۇ تەخىت شۇنىڭكى ئىدىغۇ! ئاتا بىلەن بالا تەخىت تالىشىپتۇ دېسەل ئەل _ رەئىيەت نېمە دەيدۇ؟ ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسى سۇسلاپ قالمامدۇ؟ تەسەررۇپىمىزدا پىتنە _ پاسات پەيدا بولمامدۇ؟ بىزگە ئىتائەت قىلىپ ئولپان تاپشۇرۇۋاتقان خانلىقلار ئىتائەتتىن باش تارتمامدۇ؟ بىزگە دۈشمەن خانلىقلار ئارىدىن پايدىلىنىپ كەتمەمدۇ؟ ... يولۋاستەك غەيۇر، باھادىر، مەرد ئادەم بولسۇن، ئاتا ئىزىنى بېسىپ خانلىقنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزسۇن دەپ، ئىسمىنى يولۋاس قويۇپ يېگەن شۇنچە ئارمانلىرىم، سۆيۈنگەنلىرىم قېنى؟ ئارزۇلىغان پۇشتۇمنىڭ بەرگەن جاۋابى شۇ بولدىمۇ؟...» سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كۆز ئالدىدىن بۇندىڭدىن ئۈچ يىل ئاۋۋالقى بىر ئىش غىل _ پال قىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. پەرغانە، بەدەخشان يۈرۈشلىرىنىڭ نۇسرىتى ۋە ئۇيراتلار بىلەن بولغان بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىدىن كېيىنكى ئۈچ _ تۆت يىلدا پۈتكۈل خانلىقتا تىنىچلىق، ئاسايىشلىق ئەسلىگە كېلىپ، خەلىقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغانىدى. سۇلتان ئابدۇللاخان مۇشۇنداق بىر تىنچ شارائىتتا ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، ئىچكى دۈشمەنلىرىدىن تازا خاتىرجەم بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېلىۋاتقان ھەج تاۋاپ قىلىش ئارزۇسىنى يەنە ئېسىگە ئالدى _ دە، ئوردا ئەركانلىرىنىڭ مەسلىھىتىگە سالدى. _ ئۇزۇندىن بېرى بەيتۇل مۇبارەككە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. تۈرلۈك ئىچكى _ تاشقى نىزالار سەۋەبىدىن بۇل ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۈشمەنلىرىمىز بىزگە كۆز تىكەلمەس بولۇپ، ئەل ئاسايىشلىققا يۈزلەندى. بۇنى ئول مۇقەددەس مۇددىئايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىدىم. بۇ ھەقتە جانابىي ئەمىرلىرىمدىن بىرەر مەسلىھەت ئاڭلاپ باقاي دېگەن ئۈمىدتە مەن. خاننىڭ مەقسىتىنى بىلگەن ئەمىرلەر ئاغزى _ ئاغزىغا تەگمەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. _ ئەينى مۇددىئا، شاھىمىزنىڭ بەيتۇل مۇقەددەسكە بېرىشى ئاجايىپ كاتتا ساۋاب ئىشتۇر. _ ئانھەزرىتىمنىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىدىن ۋاقتىنچە پارىغ بولۇپ، بۇ ساۋابلىق سەپەردە رىيازەت چېكىشنى نىيەت قىلغان ھىممىتىگە مىڭ _ مىڭ تەسەننا. _ ئۇلۇغ خۇداۋەندە كەرىم سەلتەنەتلىرىنى تېخىمۇ كاتتا قىلغاي، دۆلەتپاناھىم. سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ كۈنى بىر قانچە ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ھەج تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە چىقىشنى قارار قىلىپ، سەپەر تەييارلىقى قىلىشنى بۇيرۇدى. خاننىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشقا ماڭىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يىراق _ يېقىندىكى ئەمىر _ بەگلەر نۇرغۇن قىممەت باھا سوۋغا _ سالاملارنى ئەكېلىپ خان بىلەن خوشلاشتى. ئىككىنچى شاھزادە، ئاقسۇنىڭ نائىب ئەمىرى نۇردۇنخان، نەۋرىسى، خوتەننىڭ نائىپ ئەمىرى ئەبەيدۇللا سۇلتان ( بۇ شاھزادە يولۋاسخاننىڭ ئوغلى ) لارمۇ ئالايىتەن كېلىپ، خاننىڭ سەپىرىگە ئاقيوللۇق تىلىدى. لېكىن سەپەرگە چىقىش ۋاقتى قىستاپ قالغان بولسىمۇ چوڭ شاھزادە، قەشقەرنىڭ نائىب ئەمىرى يولۋاسخان تېخىچىلا كەلمەيۋاتاتتى. سۇلتان ئابدۇللاخان بەلگىلەنگەن سەپەرگە چىقىش ۋاقتى توشقان كۈنى ئوغلى يولۋاسخان بىلەن دىدار _ مۇلاقەتتە بولۇپ، خوشلىشالمىغىنىغا كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ھىندىستانغا قاراپ ماڭدى. شاھزادە يولۋاسخان بىلەن بىر قىسىم قەشقەر ئەمىرلىرى، سۇلتان ئابدۇللاخاننى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئاستانىگە كەلگەندە، خان ئاللىبۇرۇن يولغا چىقىپ بولغانىدى. شاھزادە يولۋاسخاننىڭ كۈتكىنىمۇ شۇ ئىدى. ئۇ قەشقەردە ئەمىرلىرى بىلەن قىلغان مەسلىھەتى بويىچە ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سوزۇپ، ئاستانىگە كېچىكىپ كەلدى، ئۇ ئۆزىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا ئىستىقبالغا چىققان ئوردا ئەمىرلىرىنى باشلاپ ئوردىغا كىردى _ دە، ئۇدۇل شاھىنشىنغا كىرىپ بەخىرامان ھالدا تەخىتتە ئولتۇردى. شاھزادىنىڭ قاپ يۈرەكلىك بىلەن قىلغان بۇ قىلىقى ئوردا ئەمىرلىرىنى قاتتىق چۆچۈتتى. چۈنكى، خاندىن ئىجازەتسىز تەخىتتە ئولتۇرۇش كاللا كېتىدىغان ئېغىر گۇناھ ئىدى. بۇ شاھزادىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا تەتبىقلىناتتى. شاھزادە يولۋاسخان ئۆزىگە تەئەججۇپ ئىلىكىدە قاراۋاتقان ئوردا ئەمىرلىرىگە قاراپ چوڭچىلىق بىلەن كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى: _ سەلتەنەتتە خان بولمىسا بولمايدۇ. ھەزرىتى پەدەرۇ بۈزرۈك ھەج سەپىرىدىن قايتىپ كەلگۈچە مەن تەخىتتە ئولتۇرۇپ سەلتەنەت ئىشلىرىنى باشقۇرغاچ تۇرىمەن. _ ئەينى مۇددىئا، _ دەپ شاھزادىنىڭ پۇتىغا ھۆل خىش قويدى قەشقەردىن بىللە كەلگەن ئاتالىقى خىرقىراپ سۆزلەپ، _ شاھزادەم ئاستانىگە كېلىپ بولغىچە مۆھتەرەم ئانھەزرىتىم يولغا چىقىپ بوپتۇ. بولمىغان بولسا قىبلىگاھىمىز شاھزادەمنى ئۆز قولى بىلەن تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، خاتىرجەم ھىجرەتكە ماڭغان بولاتتى. _ شۇنداق، شاھزادەم دېگەن ۋەلىئەھدىدۇر، _ دەپ سۆز قاتتى يەنە بىر قەشقەر ئەمىرى، _ ۋەلىئەھدىنىڭ خان يوق ۋاقتىدا تەخىتتە ئولتۇرۇپ سەلتەنەتكە پاسىبان بولمىقى بەرھەقتۇر. ئەمىرلەر شاھزادىدىن ئەيمىنىپ جىم _ جىملا تۇرۇشاتتى. بۇ ئىشتىن بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئوردا باش مىرزىسى گۇمانلانغان ھالدا تەخىتتە گېدىيىپ ئولتۇرغان شاھزادىگە مۇراجىئەت قىلدى. _ بۇ ھەقتە خان ئالىيلىرىنىڭ ھېچقانداق پەرمانى يوق ئىدىغۇ، _ شاھزادەم؟! ئەجەبا... _ مانا مەن ھازىر پەرمان بېرىمەن، _ شاھزادە يولۋاسخان تەخىتتىن چاچراپ ئورنىدىن تۇردى _ دە، باش مىرزىنى سۆزلەشكىمۇ يول قويماي، غەزەپ بىلەن قول شىلتىدى، _ كېلىڭلار! مۇنۇ باش مىرزىنىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار! شۇ ھامان بەستىلىك كەلگەن ئىككى جاللات يۈگۈرۈپ كىردى _ دە، داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان باش مىرزىنى قولتۇقىدىن سۆرىگىنىچە شاھىنشىنىدىن ئاچىقىپ كەتتى. ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ئەمىرلەرنى سۈر باستى، ۋەھىمىدىن تىللىرى كالۋالاشقان ھالدا قېتىپ قېلىشتى. _ ھە، يەنە قايسى ئەمىرنىڭ گېپى بار؟ شاھزادىنىڭ چوڭچىلىق بىلەن سورىغان سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ، بارلىق ئەمىرلەر دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشتى _ دە، قول باغلاشقىنىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى، تىترەك ئاۋازلىرى بىلەن شاھزادىنى قۇتلۇقلاشتى. _ ماشائاللا، شاھزادىمىز تەخىتتە بەرقارار بولغاي! _ مۇبارەك بولغاي، ئانھەزرىتىم! _ ئادالەتپاناھىمىزنىڭ دۆلىتى تېخىمۇ زىيادە بولغاي! شاھزادە خاس خانلارغا مەنسۇپ بولغان «ئانھەزرىتىم»، «ئادالەتپاناھ» دېگەن سۆزلەردىن مەست بولۇپ، بايامقى پەيلىدىن بىر ئاز ياندى _ دە، ئەمىرلىرىنىڭ يۈرىكى پوك _ پوك، ئۇلار يېڭىلا تەخىتتە ئولتۇرغان بۇ خاقان قايسىمىزنىڭ مەنسەپ _ مەرتىۋىمىزنى ئېلىۋېتىپ، قايسىمىزنى جازاغا بۇيراركىن دەپ، سۇلتان ئابدۇللاخاننى ھەج تاۋاپ قىلىشقا زىيادە قىزىقتۇرۇپ قويۇشقانلىرىدىن پۇشايمان يىيىشمەكتە ئىدى. باش ئۈستىدە ئەگىۋاتقان ئەجەل، بالا _ قازا سايىسىدىن ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى مۇزلىماقتا. شاھزادىگە ئەگىشىپ كەلگەن قەشقەر ئەمىرلىرى بولسا، ئوردىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپ _ مەرتىۋىلىرىنى تەمە قىلىشىپ، قىزغىنىشىپ، بىر _ بىرىگە ئاداۋەت بىلەن قاراشماقتا. شاھزادىنىڭ ئىلتىپات، ئىنئامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چىرايلىرىغا كۈلكە _ تەبەسسۇم پەيدا قىلىپ ھىجىيىشماقتا... ئەپسۇسكى، شاھزادە يولۋاسخان نېمە سەۋەبتىندۇر، ئوردا ئەمىرلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەنسەپ _ مەرتىۋىسىنى ئېلىپ تاشلىمىدى ياكى جازالىمىدى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ئاستانىگە بىللە كەلگەن، بېرىپلا تەختتە ئولتۇرۇش مەسلىھەتىنى بەرگەن ئەمىرلەرنىڭ بىرىگىمۇ ئىلتىپات كۆرسەتمىدى. ئۇ چەكسىز تەمە ۋە ھۇدۇقۇش ئىلىكىدە تۇرغان ئەمىرلەرنى بىر قۇر ئۆڭىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، خەزىنىچىبەگكە پەرمان قىلدى: _ بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننىڭ شەرىپى ئۈچۈن بارلىق ئەمىرلەرگە بىر ھەمياندىن تىللا ئىنئام قىلىنسۇن! بىر ھەمياندىن تىللانى قويۇنلىرىغا سېلىشقان ئەمىرلەرنىڭ ۋۇجۇدىددىكى ۋەھىمە خېلىلا بېسىقتى. گاھى ئەمىرلەر شاھزادىنىنىڭ تەختتە ئولتۇرغىنىغا چىن كۆڭلىدىن خۇشمۇ بولۇشتى. قەشقەر بىلەن ئاستانە ئارىلىقىدىكى يول شاھزادىگە خېلىلا ھاردۇق يەتكۈزگەنىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئەمىرلەرگە قايتىشقا ئىجازەت بېرىپ، ئۆزى ئارام ئېلىش ئۈچۈن شاھىنشىنىدىن چىقىپ كەتتى. شاھزادە يولۋاسخاننىڭ دادىسى ئابدۇللاخاننىڭ ئىجازىتىسىزلا تەخىتكە ئولتۇرۋالغانلىقىغا قايىل بولمىغان ھىندىقۇش مىرزا، مىرزا تىنبەگ، مىرزا نەقىبەگ، مىرزا پولاتبەگ، مىرزا شاھبەگ، مىرزا فازىلبەگ، مىرزا ئابدۇللا خوجا، پالۋان قازى، زامان خوجا... قاتارلىق بىر قانچە ئەمىرلەر، ئاستانە ئەمىرى، قوشۇمچە ئاستانە مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى مىرزا باباقبەگنىڭ قەسىرىگە جۇغلاشتى _ دە، خاس خانىدا قىسقىلا مەسلىھەت قىلىشتى. بىرلىككە كەلگەن مەسلىھەت بويىچە ئوردىدىكى بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى تەپسىلىي يېزىپ، چەۋەنداز ئارقىلىق سۇلتان ئابدۇللاخاننى ۋاقىپلاندۇرۇش ۋە خاننىڭ پەرمانى بويىچە تەدبىر قوللىنىش بەلگىلەندى. ئىككى چەۋەنداز يول بويى ئۆتەڭ _ لەڭگەردە ئات يەڭگۈشلەپ مېڭىپ، ئۈچ كۈندە سۇلتان ئابدۇللاخانغا يېتىشىۋالدى ۋە ھىندىقۇش مىرزا، مىرزا باباقبەگ قاتارلىق ئەمىرلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ يازغان جىددى مەلۇماتىنى تاپشۇردى. سۇلتان ئابدۇللاخان مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تېىپىپ، شاھزادە يولۋاسخاننىڭ باشباشتاقلىقىغا شۇنچىلىك غەزەپلەندىكى، سەپەرداشلىرىغا بۇ جىددىي مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىنى ئېيتىشقا ئالدىراپ، ئۇلارنى ئاستانىگە دەرھال قايتىشقا پەرمان بەردى _ دە، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىۋالغان قۇرۇقچى يېگىتلەرنى باشلاپ ئاستانىگە قاراپ ئات سالدى. دادىسى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قايتىپ كېلىشىنى زىنھار خىيالىغا كەلتۈرمىگەن شاھزادە يولۋاسخان خاتىرجەم ھالدا تەخىتتە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى مۇبارەكلەپ كەلگەن ئەمىر _ بەگلەرنى قوبۇل قىلىپ، زىياپەت _ بەزمە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەڭ كېچىلەرگىچە شارابخورلۇق قىلىپ، كەيىپ _ ساپا سۈرمەكتە ئىدى. ھېلىقى ئىككى چەۋەنداز ئۈچ كۈندە باسقان يولنى سۇلتان ئابدۇللاخان بارلىق نۆكەرلىرى بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ئات يەڭگۈشلەپ، كېچىلىرىمۇ تۈزۈك ئارام ئالماي ئىككى كۈندە بېسىپ تۈگەتتى _ دە، بامداد نامىزىنى زىلچاق ئۆستەڭ بويىدا ئوقۇپ، ئاشۋاقتى بىلەن ئاستانىگە يېتىپ كەلدى. خانىغا دەرۋازىسى قوۋۇقىدا كۆزەتتە تۇرغان سەركەردە _ لەشكەرلەر خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا تۇرۇپلا قالدى، دەرۋازۇ ئۇچۇق ئىدى. ئابدۇللاخان نۆكەرلىرى بىلەن توختىماي ئات چاپقىنىچە شەھەر ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى _ دە، ئۇدۇل ئوردا دەرۋازىسىنى نىشانلاپ ئات سالدى. شەھەر كوچىلىرىنى ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازىدىن چىققان دۈپۈر _ دۈپۈرلەر بىر ئالدى، ھېچنىمىدىن بىخەۋەر ئاستانە ئاھالىسى شەھەرگە كۈچلۈك ياغى باستۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈشتى _ دە، ئىشىك _ دېرىزىلىرىنى مەھكەم تاقاشتى. ھۈنەرۋەن، كاسىپ، تىجارەتچى، دۇكاندارلار ئەمدىلا ئېچىشقا باشلىغان دۇكان _ يايمىلارنى يىغىشتۇرۇپ تاقاشقا باشلىدى. سۇلتان ئابدۇللاخان ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى _ دە، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى قاراۋۇلخانىدا ھودۇقۇپ تەمتىرەپ تۇرغان لەشكەر بېشىغا قەھىر _ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى: _ شاھزادە ھازىر نەدە؟ سۇلتان ئابدۇللاخاننى تونۇخان لەشكەر بېشى شۇنداق قاتتىق چۆچۈدىكى، ئالدىغا مۈدۈرۈپ كېتىپ، سېپىل ئۈستىدىن يەرگە ئۇچۇپ چۈشكىلى قىل قالدى _ دە، چىرايىدا قان قالمىغان ھالدا ئاران جاۋاب بەردى: _ ئانھەزرىتىمگە مەلۇم بولغاي، شاھزادە ئالىيلىرى ھەرقاچان شاھىنشىنىدىمىكىن... سۇلتان ئابدۇللاخان لەشكەر بېشىنىڭ جاۋابىنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەستىنلا يەنە ۋارقىرىدى: _ ھاڭقىيىپ تۇرماي ئاچ دەرۋازىنى، بەنبەخت! ئوردا سېپىلىنىڭ قۇيما تۆمۈر دەرۋازىسى نالىلىك غىچىرلاپ ئېچىلدى. سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ ھامان ئوردىغا قاراپ ئات سالدى _ دە، ئۇدۇل شاھىنشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. سىرتتىكى ۋەھىمىلىك دۈپۈر _ دۈپۈردىن قانداقتۇر بىر خەۋىپنى سېزىپ، يۈرىكى ئاغقاندەك قىلغان شاھزادە يولۋاسخان نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا مۇلازىم چىقارتىپ بولغىچە، شاھىنشىنىنىڭ بوسۇغىسىدىن قەھر _ غەزەپ بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقان دادىسى _ سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر خىل ۋەھىمە ئىلىكىدە تەخىتتتىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى _ دە، ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى يەتمىدىمۇ ياكى مۈدۈرۈپ كەتتىمۇ، ئەيتاۋۇر پۇلاڭڭىدە قىلىپ شاھ سۇپىسىنىڭ توققۇز پايىلىك پەلەمپىيىدىن يۇملىنىپ چۈشۈپ، يېقىلغان ئورنىدا يۈكۈنۈپلا ئولتۇردى. سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ ھاڭ _ تاڭ قېلىشقان بىر قىسىم ئەمىرلەر بولسا قېتىپلا قېلىشقانىدى. _ نېمە بولدى سىزگە شاھزادەم؟ _ دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان شاھزادىگە سوغۇق نەزەر تاشلاپ كىنايە قىلغان ھالدا، _ تەخىت دېگەندە راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ، راۋۇرۇس تۇرۇش كېرەك. بولمىسا مۇشۇنداق مۈدۈرۈپ كېتىدىغان، يىقىلىپ چۈشىدىغان گەپ. ۋەھىمىدىن پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قارا تەر باسقان شاھزادە يولۋاسخان لەۋلىرىنى قىمىرلاتقىنىچە مىڭ تەستە زۇۋانغا كەلدى. ئۇنىڭ يارىشىملىق قاپقارا بۇرۇتلىرىغا ماسلاشقان، يىگىتلىك سۇمباتىنى نامايەن قىلىپ تۇرغان گىردە ناندەك مەڭزىنىڭ قېنى قاچقان بولۇپ، بەئەينى مۇردىدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى: _ مى... مى..مېنى ... كە... كەچۈرسىلە، خان ئاتا، ئا... ئالدىلىرىدا گۇناھىمنى تىلەيمەن. مە... مەن ئالدىنىپتىمەن... شاھزادىنىڭ بىچارىلىك بىلەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان چوڭ _ چوڭ قوي كۆزلىرىگە قاراپ سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ بىردىنلا ئاتىلىق مېھرى قوزغالدى _ دە، دەسلەپكى پەيلىدىن بىر ئاز ياندى. خاننىڭ كۆزلىرىدىكى مېھىر _ شەپقەت ئۇچقۇنلىرىدىن پۇت _ قولىغا ئازىراق ماغدۇر كەلگەن شاھزادە بىردىنلا ئەقلىنى ئىشقا سالدى _ دە، بارلىق گۇناھلىرىنى قەشقەردىن بىللە كەلگەن ئەمىرلىرىگە يۈكلەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: _ مېنى ئاشۇ تۇزكور ئەمىرلىرىم ئازدۇرۇپتۇ، خان ئتا. مەن ئۇلارنىڭ ناشۈكۈر مەسلىھەتىگە كىرىپ... شاھزادىنىڭ قارايۈزلۈك بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قەشقەر ئەمىرلىرى تويۇقسىز يىلان چېقىۋالغاندەك قاتتىق چۆچۈشتى _ دە، تۇرغان جايىدىلا موككىدە تىزلانغىنىچە دات _ پەرياد كۆتۈرۈشتى: _ شاھزادەم، خۇدانىڭ ھەققىدە بولسىمۇ بىزنى ئوتقا تاشلىمىسىلا. _ خان ئالىيلىرى شەپقەتلىكتۇر. شاھزادەم قورقۇپ كېتىپ قالايمىقان سۆزلەۋاتىدۇ. _ بىز گۇناھسىزدۇرمىز، خان ئالىيلىرى. سۇلتان ئابدۇللاخان بۇ نالە _ پەريادلارغا پەرۋا قىلماستىن ۋارقىرىدى: _ مىرغەزەپ! _ لەببەي، قىبلىگاھىم! _ مۇنۇ تۇزكۇر، مۇناپىق ئەمىرلەرنىڭ دەرھال كاللىسى ئېلىنسۇن! شۇ ھامان شاھىنشىن بوسۇغىسىدا پەرمان كۈتۈپ تۇرغان نۆكەرلەر ئاللا _ توۋا سېلىشقىنىچە «ئۇۋال بولدى!» دەپ توۋلاۋاتقان مۇھەممەد رەئۇپب خوجا، ئاخۇن خوجا، مىرزا ئابدۇسەمەتبەگ، مىرزا ئەرەببەگ، ئاخون نەسىر بەگ... قاتارلىق قەشقەرلىك بەگ _ تۆرىلەرگە قاپلاندەك تاشلاندى _ دە، قولتۇقلىرىدىن دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە شاھىنشىنىدىن ئاچىقىپ كەتتى. بىردەملىك ئۆرىتۆپىدىن كېيىنكى شاھىنشىن ئىچى يەنە چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا چۆمدى. ئەمما، ئەس ھوشىنى يوقىتىشىپ بۇتتەك قېتىپ تۇرۇشقان ئەمىرلەرنىڭ سەزگۈلىرى بولسا خۇددى ۋەھىمىلىك قاينامغا كىرىپ قالغاندەك، نائۈمىد ئازابلار ئىلىكىدە تىنچسىز ئىدى. قەشقەردىن بىللە ئەكەلگەن ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى كۆرگەن شاھزادىنىڭ ۋۇجۇدى قورقۇنچتىن بوشىشىپلا كەتكەنىدى. شاھزادىنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ بىر ئاز پۇخادىن چىققاندەك بولغان سۇلتان ئابدۇللاخان تەخت ئالدىدا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتكەن ئوغلىغا قاراپ بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىپ قالدى. ئوتتۇز ياشتىن ھالقىغان شاھزادىنى ئەمىرلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ دەپ، گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ كەچۈرۈم قىلسا، ئوردا ئەركانلىرى غىڭ قىلالمىغىنى بىلەن كۆڭلىدە ھەرگىز قايىل بولمايدۇ. خاننىڭ ئادالىتىدىن، سەلتەنەت قانۇنىنىڭ باراۋەرلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۆزىنى پۈتكۈل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئادالەتپاناھى، ئادىل خانلار سۇلتانى دەپ ھېسابلىغان سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ تاپتا ئوردا ئەھكاملىرىغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان شاھزادىنى ئەڭ ئاۋۋال جازالىشى، ئۆلۈمگە بۇيرۇشى كېرەك. لېكىن، قايسىبىر ئاتىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆز ئوغلىنى ئۆلۈمگە بويرۇشقا تىلى بارسۇن؟ ئاھ، تەڭرىم! شۇ تاپتا شاھزادىنى ئۆلۈمگە بويرۇمايمۇ ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلغىلى، شۇ ئارقىلىق ئەمىرلەرنى قايىل قىلغىلى بولسا ئىدى كاشكى... كاللىسىغا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئەقىلدىن سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كۆڭلى ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى. قەلبىدە ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمىد شامى قايتىدىن يۇرىدى: «توغرا، شۇنداق قىلىش كېرەك. شاھزادىنىمۇ ئۆلۈمگە بۇيرۇش كېرەك. ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان شاھزادىنى ئوردا ئەركانلىرى تىلىۋالماي قالمايدۇ. ئۇ چاغدا مەن ئەمىرلەرنىڭ يۈزىنى قىلغان بولىمەن _ دە، مۇشۇ يول ئارقىلىق شاھزادىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالىمەن. بۇنداق قىلسام بىر تەرەپتىن نائىنساپ، ۋاپاسىز شاھزادىنى قاتتىق چۆچۈتۈپ، تەخىتكە كۆز تىكمەس قىلىۋېتىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئوردا ئەركانلىرىغا، ئەل _ يۇرتقا ئۆزۈمنىڭ ئادالەتلىك خان ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن...» سۇلتان ئابدۇللاخان خىيالىنى شۇ يەردە يىغىشتۇردى _ دە، غەزەپ بىلەن ۋارقىردى: _ كېلىڭلار، مۇنۇ بەتبەخت، ناشۇكۈر شاھزادىنىمۇ ئاچىقىپ كاللىسىنى ئېلىڭلار! سۇلتان ئابدۇللاخان پەرماننى جاكارلاپ بولۇپلا، يۈرىكى خۇددى خەنجەر ئۇرغاندەك سىرقىراپ كەتتى! _ ئاتا!!... شاھزادە جانسىز ئىڭرىدى _ دە، سۇلتان ئابدۇللاخانغا قاراش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن بېشى لەسسىدە چۈشۈپ كەتتى. قاتتىق قورقۇپ كەتكەن شاھزادە ھوشىدىن كەتكەنىدى. شۇ دەقىقىدە سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ تەخىتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئوغلىنى يۆلىگۈسى، بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ پېشانىسىگە سۆيگۈسى كېلىپ كەتتىيۇ، لېكىن چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ تەخىتتە خۇددى چوغ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك پۇچىلىنىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن شاھىنشىنىغا كىرىپ كەلگەن ئىككى نۆكەر تەخت ئالدىدىكى گىلەم ئۈستىدە ھوشسىز ياتقان شاھزادىنىڭ قولتۇقىدىن تۇتۇپ سىرتقا سۆرەپ مېڭىشقا باشلىدى. شۇ دەقىقىدە سۇلتان ئابدۇللاخانمۇ كۈچلۈك بىر قول يۈرىكىنى بېغىشىدىن ئۈزۈۋالماقچى بولۇپ تارتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ، تەڭداشسىز بىر ئازاب ئىلىكىدە قىينالدى. خاننىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مۇددىئاسىنى چۈشەنمىگەن ئەمىرلەر تېخىمۇ قاتتىق ۋەھىمىگە پېتىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىشقىنىچە بۇتتەك قېتىپ تۇرۇشاتتى. خان ئۆلۈمگە كېتىۋاتقان ئوغلىغا قاراپ پەرمانىدىن يېنىۋېلىشتىن ئۆزىنى ئاران _ ئاران تۇتۇپ ئولتۇراتتى. ئاھ، تەڭرىم، بىر ئەلنىڭ خاقانىنىڭ چۈشۈرۈپ بولغان پەرمانىدىن سەۋەبسىزلا يېنىۋېلىشىدىنمۇ شەرمەندە ئىش بارمۇ جاھاندا؟! بارلىق ئۈمىدى يوققا چىقىپ، ئامالسىز قالغان سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كۆزىگە مۆللىدە ياش كەلدى. ئەمىرلەرنىڭ كۆزىگە يىلىنىش، ئىلتىجا ئىلىكىدە تەلمۈردى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد شامى جانسىز پىلدىرلاپ نىدا قىلاتتى: «تېزرەك ئەقىلىڭلارنى تېپىڭلار، سۆيۈملۈك ئەمىرلىرىم. ئانچىكىم ئەمىرلەرنىڭ گۇناھىنىمۇ تىلەيتتىڭلارغۇ؟! بۈگۈن نېمە بولدى سىلەرگە؟ خۇدا ھەققى، مەندىن تېزرەك شاھزادىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەڭلار...» سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرى ئەمىر كەبىر ھىندىقۇش مىرزا بىلەن ئاستانە ئەمىرى مىرزا باباقبەگنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئاخىرى توقۇنۇشتى. خاننىڭ كۆز چانىقىدا تاشاي _ تاشاي دەپ لىغىرلاپ تۇرغان ئاچچىق ياشنى كۆرۈپ، بۇ ئىككى ئەمىر خاننىڭ يۈرەك نىداسىنى ئاڭلىغاندەك بولدى. ئۇلار بىردىنلا ئەقىل تاپتى. شاھزادىنى شاھىنسىننىڭ ئېگىز بوسۇغىسىدىن سۆرەپ ئاچچىقىۋاتقان ئىككى نۆكەرگە قاراپ ۋارقىرىدى: _ توختاڭلار! ئىككى نۆكەر جايىدىلا چىپپىدە توختىدى. سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قەلبىدە پىلىلداپ قالغان ئۈمىد شامى يەنە قايتىدىن ياندى، خاتىرجەملىك بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئالدى، يۈرىكىنىڭ ئەنسىز سوقۇشى بىر ئاز رېتىمغا چۈشتى. ھىندىقۇش مىرزا بىلەن مىرزا باباقبەگ قول باغلاپ تۇرۇپ سۇلتان ئابدۇللاخانغا يېلىندى: _ مەلۇم بولغاي، ئادالەتپاناھىم، شاھزادىنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كەچكەيلا. شاھزادەم راستىنلا گۇناھسىزدۇر. ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ رىياكار ئەمىرلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغاندۇر. باشقا ئەمىرلەرمۇ ئالمان _ تالمان خانغا ئىلتىجا قىلدى: _ شاھزادىنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كەچكەيلا، ئانھەزرىتىم! چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ بارغان ئادەم بىر تال شاخ _ شۇمبىغا قولى ئىلىشىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن سۇلتان ئابدۇللاخان ئارتۇقچە تىركىشىپ تۇرمايلا ئەمىرلىرىنىڭ «يۈزىنى قىلىپ» شاھزادىنىڭ گۇناھىدىن كەچتى. ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ گۇناھىنى تىلىگەن شاھزادىگە سۇلتان ئابدۇللاخان نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلىپ، ۋاقتى كەلگەندە سەئىدىيە سەلتەنىتىنىڭ بۇ تەخىتىنى چوقۇم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى يەنىلا قەشقەرنىڭ نائىب ئەمىرلىك مەنسىپىگە تەيىنلەپ يولغا سالغانىدى. ئەپسۇس، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتە _ ئۆتمەي شاھزادە يەنە ئاسىيلىق قىلىپ دادىسى سۇلتان ئابدۇللاخانغا بايقۇت قىلدى. بايقۇت قىلغاندىمۇ قايسىبىر قارانىيەت، سۇيىقەستىچى مۇناپىقنىڭ مەسلىھەت بېرىشى، يول كۆرسىتىشى، ئەقىل ئۆگىتىشى بىلەن پۇختا تەييارلىق قىلىپ قىلىچ يالىڭاچلاپ تەختىكە خىرىس قىلىۋاتاتتى... قاياقتىندۇر پەيدا بولغان بىر توپ پاشا _ كۇمۇتىلار سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى چېقىشقا باشلىدى. خان پاشىلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، تۇلۇمدىن ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. ھەددىدىن ئاشقان پاشا _ كۇمۇتىلار خاننىڭ باش ئۈستىدە بېزەڭلىك بىلەن ۋىڭىلدايتتى. سۇلتان ئابدۇللاخان ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ قېتىم چۆمۈلدى _ دە، سۇدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كۆلنىڭ لىۋىگە قاراپ ئۈزدى. نۆكەرلەر ئاپئاق يىپەك رومال بىلەن خاننىڭ بەدىنىنى سۈرتۈۋاتقاندا، بىكاۋۇلبەگ خاننىڭ قېشىغا يېقىنراق كېلىپ سورىدى: _ ئانھەزىرىتىمنىڭ ئىشتىھاسى نېمىگە تارتىدىكىن؟ _ شاراپ ئىچەيلى، داستىخاننى لالىزار راۋاققىلا راسلاڭلار. مېنى ھىچكىم ئاۋارە قىلمىسۇن. ماڭا دىۋانبىگى بىلەن ئىككىلىرى ئۈلپەت بولسىلا. _ سازاندىلەرنىمۇ چاقىرىمىزمۇ؟ بىكاۋۇلبەگ ھايال ئۆتمەيلا لالىزار راۋاقنىڭ شاھ سۇپىسىغا داستىخان راسلىدى. ئادەتتە سۇلتان ئابدۇللاخان شارابنى دۈملەپ پىشۇرۇلغان سوغۇق قوزا گۆشى بىلەن ئىچەتتى. قوغۇنغا ئالاھىدە ئامراق ئىدى. داستىخان سۇلتان ياخشى كۆرىدىغان نازۇ _ نېمەتلەر بىلەن تولدۇرۇلدى. سېھىرلىك مۇقام كۈيلىرى ياڭراۋاتقان تەمبۇرنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان سۇلتان ئابدۇللاخان خۇددى يۈرىكىگە ناخۇن ئۇرۇلۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا چوڭقۇر مۇڭغا چۆمگەنىدى. تەمبۇرچى يىگىتنىڭ سۈزۈك، مۇڭلۇق ئاۋازى لالىزار راۋاقتىن كۆتۈرۈلۈپ، كېچە قۇچىقىغا سىڭىپ كېتىپ باراتتى.
يامان يولۋاس يولدا ياتىپ شىرغا يول بەرمەس، ئاتا _ ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگەرى كەلمەس. ..... تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ ياڭراۋاتقان ناخشا بايا سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كۆڭلىدىن بىردەملىك كۆتۈرۈلگەن ۋاپاسىز ئوغلى شاھزادە يولۋاسخان ھەققىدىكى ئازابلىق خىياللىرىنى قايتا قوزغاپ قويدى. خان ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ _ كىچىك تىندى _ دە، ئەپىيۇن چىلانغان كۈچلۈك شارابتىن قاشتېشى جامدا ئارقىمۇ ئارقا ئۈچنى ئىچىۋەتتى.
4 ناشتىدىن كېيىن شاھىنشىنىغا كىرىپ كەلگەن سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ، خېلىدىن بېرى خاننىڭ ئەتىگەنلىك قوبۇلىنى كۈتۈپ تۇرغان بارلىق چوڭ _ كىچىك ئوردا ئەركانلىرى دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، سالام بېرىشكىنىچە خاندىن ئېسەنلىك سوراشتى. ئاخشام شارابنى كۆپ ئىچىۋەتكەنلىكتىنمۇ، سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قاپاقلىرى ئىشىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. يۈرەكلىرى پۇكۇلداپ تۇرغان ئەمىرلەرگە خاننىڭ بۇ كۆزلىرى غەزەپتىن قان قۇيۇلغاندەك تويۇلۇپ، ئىختىيارسىز شۈركۈنۈپ كېتىشتى ۋە ئاخشامقى ئۆلۈم ۋەھىمىسى يەنە پەيدا بولدى. خان ئەمىرلەرگە سالقىن نەزەر تاشلاپ ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. _ ئانھەزىرىتمگە مەلۇم بولغاي، _ دېدى ھۆدەيچىبەگ سەپنىڭ ئالدىغىراق چىقىپ، _ تۇرپاننىڭ نائىب ئەمىرى سۇلتان سەئىد باباخان ئالىيلىرىنىڭ خان ئاغىچىسى شەمشىبانۇ مەلىكە قىزى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنى ئېلىپ ئاستانىگە قاراپ كېلىۋېتىپتۇ. _ ئۇلار ھازىر قەيەردە ئىكەن؟ _ سورىدى سۇلتان ئابدۇللاخان بۇ خەۋەرگە كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا. _ ئاخشام كەلگەن چاپارمەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، _ دېدى ھۆدەيچىبەگ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، _ تۈنۈگۈن كەچ خانلەڭگەردىكى ئاۋۇت بەگنىڭ ھويلىسىغا چۈشكۈن قىلىپتۇ. بۈگۈن چۈش _ ئاشۋاقتىغىچە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. سۇلتان ئابدۇللاخان شاھزادە يولۋاسخاننىڭ ئاشۇ يىلدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشىنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن، زىيادە گۇمانخورلۇق قىلىپ، بىر قىسىم يېقىن ئەمىرلىرىنى جازالاپ ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىۋېتىش بىلەن بولدى قىلماي، بىر تۇغقان ئىنىلىرى شاھزادە ئىسمائىلخان بىلەن شاھزادە ئىبراھىمخاننىمۇ ھاكىميەتتىن، ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇلارنى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى تولا پاراكەندىچىلىك سالىدىغان، پات _ پات ئۇرۇش _ توپىلاڭ بولۇپ تۇرىدىغان ئۈچتۇرپان بىلەن چالىشىنىڭ نائىب ئەمىرلىرىكىگە تەيىنلەپ، يىراققا ئەۋەتىۋەتكەن ۋە ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى ئۆزىنىڭ ئوغول _ نەۋرىلىرىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىۋەتكەنىدى. بۇ ئىش ئىنىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئاكا _ ئۇكىلار خېلى ئوبدانلا سوغۇقلىشىپ قالغانىدى. ھازىر ئۆز ئوغلى تەخىتكە خىرىس قىلىپ تۇرغان مۇشۇنداق جىددىي پەيىتتە، ئىنىلىرى بىلەن گىن _ ئاداۋەتنى يۇيۇپ، مۇناسىۋەتنى بىر ئامال قىلىپ ياخشىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان سۇلتان ئابدۇللاخانغا ئىنىسى سۇلتان سەئىد باباخانىنىڭ ئاغىچىسى بىلەن مەلىكىسىنى ئاستانىگە مېھماندارچىلىققا ئەۋەتىشى بىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ تۇيۇلماقتى ئىدى. يىراق يۇرتلاردىكى ئىنىلىرىنىڭ لەشكىرىي ياردىمىسىزمۇ ئۆزىنى قوللاپ ھەمدەمدە بولۇپ تۇرۇشى ھازىرقىدەك ھالقىلىق پەيىتتە سەلتەنەت ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ياردەم ئىكەنلىكىنى سۇلتان ئابدۇللاخان ناھايتىمۇ ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئىنىلىرىنىڭ خان ئاغىچىلىرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن خانىشقا بىر قانچە ئەمىرلەرنى ھەمراھ قىلىپ كۆتۈۋالىدىغان ئوردا قائىدىسىنى بۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى ئىستىقبالغا چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى _ دە، ھۆدەيچىبەگكە پەرمان قىلدى: _ ھەرەمگە خەۋەر قىلىنسۇن. تۇرپاندىن كەلگەن يەڭگە خان ئاغىچىنى بارلىق خانىش _ شاھبانۇلار ئاستانە ئەمىرى مىرزا باباقبەگنىڭ ھەمراھلىقىدا خانكۆۋرۈككىچە ئىستىقبالغا چىقىپ كۈتۈۋالغاي. مەن باشقا ئەمىرلەر بىلەن شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدا ئىستىقبالغا چىقىمەن. مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا بارلىق ئەمىرلەر ئاغچىلىرىنى بىللە ئېلىپ چىققان. خاندىن پەرمان ئالغان ھۆدەيچىبەگ قۇللۇق بىلدۈرۈپ شاھىنشىنىدىن يېنىپ چىقتى. سۇلتان ئابدۇللاخان يەنە ئىش بارمۇ دەپ ئەمىرلىرىگە قارىدى. ئەمىرلىرىدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن ئاستانە ئەمىرى مىرزا باباقبەگدىن سورىدى: _ ئاسىي ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگنىڭ جەددى _ جەمەتى قىرىپ تاشلاندىمۇ؟ _ ئانھەزىرىتىمگە مەلۇم بولغاي، ئاسىي ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگنىڭ خوتۇن _ بالىلىرى ئالدىنقى كۈنىلا ئاستانىدىن چىقىپ كېتىپتىكەن. مال _ مۈلكى خەزىنىگە ئېلىنىپ، ھويلا _ ئاراملىرى كۆيدۈرۋېتىلدى. ھەرقايسى بەگلىك، ئۆتەڭ _ لەڭگەر، كەنت _ قىشلاقلارغا قاچقۇنلارنى تۇتۇش توغۇرلۇق ئالاقە ئەۋەتىلدى. ئىزدەپ تۇتۇش ئۈچۈن ياراملىق ئىزچىلار، پايلاقچى _ يايىلار يولغا سېلىندى. مىرزا باباقبەگنىڭ جاۋابىدىن سۇلتان ئابدۇللاخان ئانچە رازى بولمىدى. _ دېمىدىممۇ ئوردىدا ساتقۇن بار دەپ، _ سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ تەڭدىن تولىسى ئاقىرىشقا باشلىغان، قىسقا قۇيۇۋالغان ساقىلى غەزەپتىن تىترىدى. سۇۋارى ئالتۇن قاپلىغان چىشلىرى غۇچۇرلىدى، _ قاچقۇنلارغا ئايغاقچىلار ئالدىن خەۋەر بېرىۋەتكەن گەپ. سۇلتان ئابدۇللاخان گېپىنى توختىتىپ، ئاسىي ئەمىرلەرنى تونۇۋالماقچى بولغاندەك قول باغلاپ تۇرغان ئوردا ئەركانلىرىغا نەشتەردەك تىكىلدى. شاھىنشىنىنى يەنە ۋەھىمە تۇمانلىرى باستى. شۇ ئەسنادا بايا پەرمان يەتكۈزۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ھۆدەيچىبەگ بىر پارچە مەكتۇپ سېلىنغان پەتنۇسنى كۆتۈرگىنىچە شاھىنشىنىغا كىرىپ كەلدى. _ مەلۇم بولغاي، ئانھەزىرىتىمگە شاھزادە يولۋاسخان مەكتۇپ يوللاپتۇ. شۇ ھامان بارلىق ئەمىرلەرنىڭ نەزىرى پەتنۇستىكى مەكتۇپقا تىكىلدى. سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ چىرايىنى قىزىقىش، گۇمان ۋە ئىزتىراپ ئارىلاشقان مۇرەككەپ تۇيغۇ چىرمىۋالدى. مەكتۇپنى قائىدە بويىچە باش مىرزا ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى _ دە، خانغا ئېھتىرام بىلەن ئۇزاتتى. خان مەكتۇپنى ئېچىپ شۇنداقلا نەزىرىنى ئاغدۇردى _ دە، يەنە باش مىرزىغا قايتۇرۇپ بەردى. ئادەتتە جەڭ مەزگىللىرىدە يوللانغان مۇھىم، مەخپىي خەت _ ئالاقىلەردىن باشقىلىرىنى سۇلتان ئوقۇمايتتى. باش مىرزا مەكتۇپنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جانابىي دۆلەتپاناھ پەدەرۇ بۇزرۈك ئانھەزىرىتىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، دۆلەت _ سەلتەنىتىنىڭ زىيادە بولۇشىنى تىلەپ ئۇشبۇ مەكتۇپنى يېزىشىمدىكى مۇددىئايىمىز شۇكى، بىزلەركىم نادان پەرزەنتلىرىنىڭ قىبلىگاھى بولمىش جانابىي خان ئاتىمىز ئوردىدىكى بىر قىسىم سۇخەنچى، پىتنىخور ئەمىرلەرنىڭ يالغان _ ياۋىداق سۆزلىرى ۋە تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ، ئاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلىغان ئوخشايلا. مۆھتەرەم پەدەرىمنىڭ مەندەك پۇشتىغا ئىشەنمەي ياتلارنىڭ پىتنىسىگە ئىشىنىپ قالغىنىدىن تولىمۇ ھەيرەتتە قالدىم. ئول سۇخەنچىلەرنىڭ مۇددىئاسى پەدەرنى پەرزەنتىگە دۈشمەن قىلىپ، ئارىنى بۇزۇپ، قالايمىقانچىلىق، ياغى پەيدا قىلىپ تەخت سەلتەنىتىنى تارتىۋېلىشتۇر. پەدەرىمنى ئول چېقىمچىلار ئەينى يىلى بىر قىسىم رىياكار ئەمىرلىرىمنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپ، جانابىي قىبلىگاھىمدىن بىسوراق تەخىتتە ئولتۇرۇپ قالغان ئادەپسىزلىكىمنى مىسال كەلتۈرۈپ ئىشەندۈرمەكچى بولۇشقاندۇر. ئول چاغدا خام، ساددا، نادان، ئەقىلسىز ئىكەنمەن. ھازىر شۇ ئىشلارنى ھەر ئويلىسام قاتتىق ئۇيىلىمەن. مەن ھەرگىزمۇ پەدەرگە قېلىچ تەڭلەيدىغان، پەدەرنىڭ تەخت _ سەلتەنىتىگە خىرس قىلىدىغان تۇزكور پەرزەنت ئەمەسمەن. ئۆز نۆۋىتىدە خان ئاتامغا شۇ ئىشمۇ ئاشكارا بولغايكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئاستانىگە ئاياغ باسمىغانلىقىم ھەرگىزمۇ جانابىي پەدەرۇ بۇزۇرۇكۋارىمدىن رەنجىگەنلىكىم، تاجۇ تەخىت تەمەسىدە باتنىغانلىقىم ئەمەس. ئانھەزىرىتىمگە قاراڭغۇ، ئەتراپلىرىنى، ئوردىنى نەچچە ئونلاپ تۇزكور، ھارام تاماق، يىلان _ چايان مەسەللىك رىياكار ئەمىرلەر ئورىۋالغاندۇر. گەرچە قىبلىگاھىمىزنىڭ نەزىرى كائىناتتەك كەڭرى، كۆزى بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر، مەرھەمىتى ئاپتاپتىن زىيادە، ۋۇجۇدى تەڭداشسىز ئىلىم _ پاراسەتكە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىدىكى ئول تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر خوشامەتچى ئەمىرلەرنىڭ يالغان _ ياۋىداق بىلجىرلاشلىرى ساداسىدە ياخشى _ ياماننى ئىلغا قىلالمايۋاتىدىلا. شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ساداقەتمەن، ئىستىداتلىق ئەمىرلەر، بەگ _ سىپاھلار ئېتىبارسىز قارىلىپ خارلىنىۋاتىدۇ. گەرچە مەن جانابىي پەدەرىمنىڭ ئاپتاپتەك جامالىغا، زىيادە مېھرىگە بىر قېنىۋېلىشنى كېچە _ كۈندۈز ئارزۇ قىلساممۇ، لېكىن ئاشۇ يىلان _ چايان مەسەللىك ئەمىرلەرنىڭ تۇيدۇرماي نەشتەر سېلىپ قويۇشىدىن ۋايىم يەپ، بىئىلاجلىق پىغانىغا غەرق بولۇپ، ھەسرەت _ نادامەت ياشلىرىدا كۆزۈمنى سۇلاپ، جانابىي ئاللادىن پەدەرىمنىڭ مۇبارەك ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك تىلەپ ئولتۇرماقتىمەن. ئەقىلسىز پەرزەنتىنىڭ ساداقىتىدىن مۆھتەرەم پەدەرىم زىنھار گۇمانلانمىغاي. مېنىڭ بېلىشىمچە، جانابىي پەدەرىمگە يىگىرمە ئالتە _ يىگىرمە يەتتە يېشىدىلا خانلىق سەلتەنەت تەختىدە بەرقارار بولۇش نىسىپ بولغانىكەن. مانا مەن ھازىر ئوتتۇز ئالتە _ ئوتتۇز ياشقا يېقىنلاشتىم. ئاز كەم ئوتتۇز يىل قەشقەرنىڭ نائىب ئەمىرلىك تىزگىنىنى تۇتۇپ، يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا خېلىلا پىشتىم. سەلتەنىتىمىزنىڭ يۇرتدارچىلىق ئىشلىرى خان ئاتامنى كۆپ ھاردۇرۇۋەتتى. مېنىڭچە، پەدەرۇبۈزۈرۈكۈم ئەمدى كۆپرەك ھاردۇق ئېلىپ خانلىقىمىزنىڭ ئۇششاق _ چۈششەك يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەي، مۇبارەك تېنىنى ئاسىراپ، تەخىتتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بەرسە، يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىنى بىزلەركىم پەرزەنتلىرى قەشقەردە تۇرۇپ دۆلەتپاناھىمغا ۋاكالىتەن ئاقتۇرسام دېگەن مۇددىئادىمەن. يەنە بىر ئىش: ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگ جانابىي ئانھەزىرىتىمدىن رەنجىپ ئەمەس، بەلكىم ئوردىدىكى چوڭ مەنسەپلەرنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان بىر قىسىم ھارام تاماق، ناكەس ئەمىرلەرنىڭ يەكلىشىدىن، پىتنە _ پاساتلىرىدىن رەنجىپ بۇل دەرگاھىمىزغا كەلگەنىكەن. ئۇنىڭغا كۆ نەسىھەتلەرنى قىلدىم. خۇدا خالىسا پات يېقىندا ئالدىلىرىغا لەشكەرلىرى بىلەن قايتۇرىمەن. ئاداۋەت تۇتماي ياخشى مۇئامىلە قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. ئەڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈپ قىلىدىغان ئىلتىماسىم شۇكى، ئوردىغا يۇشۇرۇنۇۋالغان رىياكار ئەمىرلەرنى تازىلاش ئۈچۈن، جانابىي قىبلىگاھىمغا ئەڭ ساداقەتمەن بولسان، ئەلەم ۋە قەلەم ماھارىتىدە كامالەتكە يەتكەن مىرزا غەنىبەگ بىلەن مىرزا نەجىبەگكە يۇقىرى مەنسەپ ئىنئام قىلىپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مىرزا غەنىبەگنى ئاستانە ئەمىرلىكىگە، مىرزا نەجىببەگنى ئوردا ئىشىكئاغلىق مەنسىپىگە كۆتۈرۈشلىرىنى ئىلتىجا قىلىمەن...» _ بولدى، بەس!!! خاننىڭ غەزەپلىك ئاۋازى ئەمىرلەرنى خۇددى بېشىغا توقماق تەگكەندەك چۆچۈتىۋەتتى. باش مىرزا مەكتۇپنى تۇتقىنىچە قېتىپلا قالدى. ئاستانە ئەمىرى مىرزا باباقبەگ بىلەن ئوردا ئىشىكئاغىسى مىرزا تەڭرىبەردىبەگنىڭ مەنسەپلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىدە ئاداۋەت ۋە قىزغىنىش تۇيغۇلىرى چىرمىۋالغان يۈرىكى قىسىلىپ ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى. ئۇلار شۇ تۇرقىدا شاھزادىنىڭ بۇل مەكتۇپىغا خاننىڭ ئىشەنمەسلىكىنى خۇدادىن توختىماي تىلىشەتتى. شاھزادە ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ يۇقىرى مەنسەپكە تەۋسىيە قىلغان مىرزا غەنىبەگ بىلەن مىرزا نەجىبەگنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن شۇ تاپتا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەك تولىمۇ تەس ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدا ھاياجانلىنىش تۇيغۇلىرىدىن كۆرە، ئەجەبلىنىش تۇيغۇسى كۆپرەك ئىدى. خاننىڭ تۇيۇقسىز غەزەپكە كەلگىنىنى كۆرۈپ، ۋۇجۇدلىرىنى مۇزدەك تىترەك باستى. شۇ تۇرقىدا خاننىڭ نېمە سەۋەبتىن غەزەبلەنگىنى بارلىق ئەمىرلەرگە قاراڭغۇ ئىدى. _ ئەقلىڭىزگە بارىكاللا، شاھزادەم، _ دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىسى بىلەن گەپ باشلاپ، _ بىزلەركىم خان ئاتىڭىزغا كۆرسەتكەن ۋاپادارلىقىڭىزغا تەشەككۈر! مەن ئۇششاق _ چۈششەك يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا ئۆزۈمنى ئۇپراتماي تەخىتتە خاتىرجەم ئولتۇرۇمىشمەنۇ، ئول بولسا قەشقەردە تۇرۇپ يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرارئىمىش. بۇ مەندىن ئوپئۇچۇق تەخت تالاشقىنى بولماي نېمە؟ ئاپىرىن! ئاپىرىن! ھىيلىگەرلىكتە كەمەك ھەيياردىن ئېشىپ كېتىپسىز، شاھزادەم. ئۆگەتمىسىڭىزمۇ قايسى ئەمىرنى قايسى مەنسەپكە قويۇشنى ئوبدان بىلىمەن. شۇ كۈنلەردە ئوردىدىكى ساتقۇن، ئاسىي ئەمىرلەرنى بىلەلمەي يۈرەتتىم. مانا، قۇۋ تۈلكە تومشۇقىدىن ئىلىنار دەپ، شاھزادەم ئول رىياكارلارنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئاشكارىلاپ بەردى ئەمەسمۇ! _ سۇلتان ئابدۇللاخان شۇنداق دېدى _ دە، قنول باغلاپ تۇرغان مىرزا غەنىبەگ بىلەن مىرزا نەجىببەگكە نەپرەت بىلەن ئالايدى. شۇ ھامان بۇرنىغا ئۆلۈم پۇراشقا باشلىغان بۇ ئىككى شور پىشانە ئەمىرنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ، پۇت _ قوللىرىدا جان قالمىدى. _ كېلىڭلار! _ دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان قولىنى غەزەپ بىلەن شىلتىپ، _ ساتقۇن ئەمىر غەنىبەگ بىلەن نەجىببەگنى دەرھال زىندانغا تاشلاڭلار! ياساۋۇللارنىڭ چاڭگىلىدا توشقاندەك تىپىرلاۋاتقان ئىككى ئەمىر «ئاھ، ناھەقچىلىك! ئادالەت» دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. خاننىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ كەتكەن باشقا ئەمىلەر ئۇ ئىككى ئەمىرىنىڭ گۇناھىنى تىلەش تۈگۈل چوڭراق نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىدى. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ كۆزىگە شاھىنشىننىڭ تام _ تۇرۇسلىرىدىكى ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان نەپىس گۈل نۇسخىلىرى، نەقىش _ ئۆرنەكلەر خۇددى تام _ تۇرۇستىن مىڭلىغان يىلان _ چايانلار لۆمۈلدەپ چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ۋۇجۇدىغا ھەسسىلەپ دەھشەت سالاتتى. ئاستانىنىڭ ئەمىرلىك مەنسىپى بىلەن ئوردا ئىشىكئاغىلىق مەنسىپى ئوردىدىكى بارلىق ئەمىرلەرنىڭ كۆزى قىزىرىدىغان، قولغا كىرگۈزۈشنى كېچە _ كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان مەنسەپلەردىن ئىدى. چۈنكى، ئاستانىگە ھاكىم بولغان كىشى قوشۇمچە تۈمەن كىشىلىك ئاستانە قورۇقچى لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانلىقىنى، ئوردا ئىشىكئاغىسى بولغان كىشى خىللانغان ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەمىرلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيتتى. بۇ مەنسەپلەر ۋاپاسىز، تۇزكور شاھزادە يولساۋخانغا سېتىلغان ئەمىرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، سۇلتان ئابندۇللاخاننىڭ ھېچنىمىگە كۈچى يەتمەيدىغان ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى بىردەملىك ئىش ئىدى. شاھزادىنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنغا مەكتۇپ ئارقىلىق باشقا ئەمىرلەرنى قويۇشقا تەۋسىيە قىلىشى شۇ تاپتا گۇمانخور خاننى ھازىرلار ئەسىرگە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قاتتىق غەزەپلەندۈرگەنىدى. مىرزا غەنىبەگ بىلەن مىرزا نەجىببەگنىڭ ھەر ئىككىلىسى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئەنتىۋارلىشىغا نائىل بولغان ئەمىرلەردىن ئىدى. يېقىن ئەمىرلىرىنىڭمۇ شاھزادىگە سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ئابدۇللاخاننىڭ گۇمانخورلۇقى شۇنچىلىك چېكىگە يەتتىكى، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا بارلىق ئەمىرلىرىنى زىندانغا مەھكۇم قىلىشتىن ئۆزىنى ئاران _ ئاران تۇتۇۋالدى. _ ئانھەزرىتىمگە مەلۇم بولغاي، _ ئالدىغىراق چىقتى باياتىن بېرى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان مىرزا ھاجىم ياتىشبېگى ئېگىلگىنىچە قوللۇق بىلدۈرۈپ. خان ياتىشبېگىنىڭ قاپقارا، كوسا چىرايىغا شۇنداق قاراپ قويۇپ ئىجازەت بەردى. ئادەتتە ياتىشبېگىنىڭ شۇم خەۋەردىن ئۆزىگە مەلۇمات يوللىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان ئەمىرلەر ئۆزلىرىنى يەنە ئاللىقانداق پالاكەتنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىدىن ۋايىم يەپ يۈرەكلىرى سۇ بولدى _ دە، بارلىق سەزگۈلىرىنى قۇلاققا ئايلاندۇرۇشتى. _ ئانھەزرىتىمنىڭ كېچىلىك مۇھاپىزەتنى، چارلاشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پەرمانىغا بىنائەن شەھەرنىڭ بارلىق چوڭ _ كىچىك كوچا، دەڭ _ راباتلىرىغا پايلاقچى _ خۇپىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانىدۇق. كېچە ئېغىر ئەلياتقۇ مەھەلدە گۆر باغدا تىمسىقلاپ يۈرگەن قەلەندەر سىياقىدىكى بىر ساياق گۇمانىمىزنى قوزغاپ قويدى. تەكشۈرۈپ ئاختۇرساق، يېنىدىن شاھزادە يولۋاسخاننىڭ يازغان مۇنۇ مەكتۇپى تېپىلدى. شاھزادىنىڭ نامى بىلەن چېتىشلىق مەخپىي مەكتۇپنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن ئەمىرلەرنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. سۇلتان ئابدۇللاخان بولسا قىزىققان ھالدا تەخىتكە يۆلەنگە گەۋدىسىنى رۇسلىدى. باش مىرزا ياتىشبەگنىڭ قولىدىكى قاتلانغان بىر ۋاراق خوتەن قەغىزىنى ئېلىپ خانغا ئۇزاتتى. خان كىرلىشىپ كەتكەن قەغەزگە شۇنداقلا نەزىرىنى ئاغدۇردى _ دە، باش مىرزىنى ئوقۇشقا بۇيرۇدى. باش مىرزا گېلىنى قىرىپ مەكتۇپنى ئوقۇشقا باشلىدى: «زالىم خاننىڭ دەرگاھىدا ئىتىبارسىز قارىلىپ خارلىنىۋاتقان، ئەدلۇ ئادالەت ئىزدەپ كېچە _ كۈندۈز ئاللاغا نالە قىلىۋاتقان مۆھتەرەم مىرزا غەنىبەگ، مىرزا نەجىببەگ، ئەمىر ئەييۇپ، مىرزا يامغۇچىبەگ، مىرزخەلىلىبەگ، مىرزا سەيپۇللابەگ، مىرزا شاھبەگ، مىرزا نەۋرۇزدىۋان قاتارلىق ئەمىرلەرگە يېتىپ مەلۇم بولغايكى، سىزلەركىم ساداقەتمەن يارۇ بۇرادەرلەرنىڭ دەردۇ ئەھۋالىڭىزلارنى ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگ جانابلىرىدىن ئاڭلاپ خەۋەر تاپتۇق. شۇنداقلا ساداقىتىڭىزلارنى بىلدۈرۈپ ئەۋەتكەن مەكتۇپ، قىممەتلىك سوۋغا _ سالاملىرىڭلارنىمۇ تاپشۇرۋالدۇق. مۆھتەرەم جانابلار، ئول قارا كۈنلەرنىڭ يوقالمىقىغا ئاز قالدى. پات يېقىندا ئاستانە ئاسمىنىدا ئادەلەت قىلىچى جەۋلان قىلىپ، ناھەقچىلىق، زالىملىق مەھشەرگاھقا ئۇزىتىلىدۇ. سىلەر شۇنىڭغىچە قانچىكى خورلۇق تارتساڭلارمۇ يەنىلا تەخىر قىلغايسىلەر. خۇدا خالىسا پات يېقىندا ئەمىر مىرزا يۈسۈپبەگنى لەشكەرلىرى بىلەن ئاستانىگە يولغا سالىمەن. ئۇنىڭغىچە قەشقەرگە جەمئىي بولغان ھەق _ ئادالەت غازاتچىلىرىمۇ ئاستانىگە يېتىپ بارىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مىرزا يۈسۈببەگ بىلەن ئىچىدىن ماسلىشىپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنى ئىگىلىسەڭلەر، بىز تېشىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىچى _ تېشىدىن ماسلىشىپ ئاستانىنى پەتىھ قىلغايمىز. سىر ئاشكارىلانمىغاي، نامە ئوقۇپ بولۇنغاندىن كېيىن كۆيدۈرۋېتىلگەي. جانابىي ئەمىرلەردىن كۆپ ئۈمىدۋارمەن. خانۇ خاقان يولۋاسخان سۇلتاندىن دەپ بىلۇرسىلەر» خەت ئوقۇلۇپ تاماملىنىشى ھامانلا، شاھىنشىنىنى داد _ پەرياد قاپلىدى. شاھزادە يولۋاسخاننىڭ مەخپىي خېتىدە تىلغا ئېلىنغان ئەمىرلەرنىڭ شاھزدىنى تۆھمەتخورلۇقتا ئەيىبلەپ قاقشايتى. ئۆزلىرىنىڭ خانغا، سەلتەنەتكە ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشۈپ زارلىشاتتى. ئامان قالغان ئەمىرلەر بولسا خۇداغا مىڭ _ مىڭ قەتلە شۈكرى ئېيتىشىپ، سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن بالا _ قازانى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىشاتتى. بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدە ئارقىمۇ ئارقا يۈز بەرگەن بۇ دىشىۋارچىلىقتىن نېمىندۇر سېزىپ، گۇمانىي تۇيغۇلارغا ئەسىر بولغان بىر قىسىم ئەمىرلەر خىيالىدىن كەچكەنلىرىنى خانغا ئېيتىشقا بىر قانچە قېتىم تەمشىلىشتىيۇ، خاننىڭ دەھشەتلىك ئەلپازىغا قاراپ ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ كېلىشمەسلىككە چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار خاننىڭ قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋاقتىدا ھېچكىمنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشەتتى. قەھر _ غەزىپى چېكىگە يەتكەن سۇلتان ئابدۇللاخان ھېلىقى بەختى قارا ئەمىرلىرىنىڭ نالە _ پەريادلىرىغا، يېلىنىش _ يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاقمۇ سالماستىن ھەممىسىنى زىندانغا بۇيرۇدى _ دە، تۇرپاننىڭ نائىب ئەمىرى _ ئىنىسى سەئىد باباخان سۇلتاننىڭ ئاغىچىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كىيىم ئالماشتۇرماقچى بولۇپ، شاھىنشىنىدىن چىقىپ كەتتى. ئامان قالغان ئەمىرلەر «ئۇھ» دەپ يەڭگىل تىن ئېلىشتى _ دە، خاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن، تۇرپاندىن كەلگەن خان ئاغىچىنىڭ ئىستىقبالىغا بىللە ئاچىقىدىغان ئاغىچا _ ئايىملىرىنى جابدۇش ئۈچۈن ئوردىدىن چىقىپ، ئۇدۇل قەسىرلىرىگە يۈگۈرۈشتى.
5 مەلىكە شەمشىبانۇ ئاغىچىدىن ھاردۇق سوراپ سېلىنغان شاھانە داستىخان ئوردا بېغىدىكى لالىزار راۋاقتا ھازىرلاندى. سۇلتان ئابدۇللاخان ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىپ شەمشىبانۇ مەلىكە بىلەن ئون ياشلىق قىزى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا ئوڭ يېنىدىن ئۇرۇن بەرگەنىدى. خاننىڭ سول تەرىپىدە چوڭ خانىشتىن تارتىپ تۆتىنچى خانىشقىچە تەرتىپ بويىچە ئورۇن ئېلىشتى. باشقا ئمىرلەرمۇ ئاغىچىلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ جايدىن ئورۇن ئېلىشتى. مېھمانلار بىلەن ساھىبخانا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشۈپ قىسقىلا پاتىھە قىلىشتى _ دە، قايتىدىن تىنچلىق _ ئامانلىق سوراشتى. سۇلتان ئابدۇللاخان، شەمشىبانۇ مەلىكىدىن ئىنىسى سەئىد باباخان سۇلتاننىڭ ئەھۋالىنى قايتىدىن سورىدى ۋە ئىنىسىنى سېغىنغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلىكە شەمشىبانۇ خان ئاغچىمۇ خانغا ئېرى سەئىد باباخان سۇلتاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە ئەۋەتكەن مەكتۇپىنى، ئالغاچ كەلگەن سوۋغا _ سالاملارنى تاپشۇردى. بىر قاتار رەسمىيەت _ يوسۇنلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، داستىخانغا سىنچاينىڭ ئورنىدا ئالتۇن _ قاشتىشى جاملاردا مۇزدەك ساقلانغان شەربەتلەر كەلتۈرۈلدى. قوغۇن _ تاۋۇز، ئۆرۈك _ شاپتۇل، ئەينۇلا... قاتارلىق مېۋىلەر تىزىلدى. _ قېنى، قوغۇنغا باقسىلا، _ دېدى چوڭ خانىش، يەڭگە ئاغىچىغا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، _ ئاستانىنىڭ قوغۇنلىرى تۇرپاننىڭ قوغۇنلىرىدەك تەملىك ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. _ ئاستانىنىڭ قوغۇنلىرىمۇ تىلىنى يارغۇدەك شېرىن ئىكەن، _ دېدى شەمشىبانۇ ئاغىچا قولىغا ئالغان بىر تىلىم قوغۇنغا ئۇنچىدەك چىشلىرىنى نازاكەت بىلەن پاتۇرۇپ. _ تەمى تۇرپاننىڭ قوغۇنلىرىغا يەتمەيدۇ، _ دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان سۆز قىستۇرۇپ، _ كىچىك ۋاقتىمىزدا يېگەن قوغۇنلارنىڭ تەمى ھازىرغىچە ئاغزىمدا بار. ھازىرغىچە ئۇنچىلىك شېرىن قوغۇن يەپ باقماپتىمەن. سۇلتان ئابدۇللاخان شۇنداق دېگەن تۇرپاندا ئۆتكەن بالىلىق دەۋرىنى ئىختىيارسىز ئېسىگە ئالدى. شۇ زامانلاردا تۇرپان ، قومۇللارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان دادىسى ئابدۇرەھىمخاننى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. _ جەننەتماكان پەدەرىمىز ئابدۇرەھىمخان ھەزرەتلىرى قوغۇنغا ئاجايىپ ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ قىشمۇ ياز قوغۇن يېگىنىنىلا كۆرەتتىم. شۇل سەۋەبتىنمۇ قومۇل _ تۇرپان دىيارىنىڭ دېھقانچىلىرىنىڭ قوغۇن پەرۋىش قىلىشقا بۆلەكچە ئېپى بار. ياراتقان ئىگەم پەدەرىمىزگە جەننەتتىمۇ ئاشۇ جەننەت نېمەتلىرىنى تېتىشقا نېسىپ قىلغاي ئىلاھىم! مېھمان بىلەن كۆرۈشۈپ سولتان ئابدۇللاخاننىڭ ئەتىگەنكى كۆڭۈل غەشلىكى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ داستىخاندا بۆلەكچە ئېچىلىپ ئولتۇردى. سورۇن ئەھلىگە قۇمۇل، تۇرپاندا ئۆتكەن بالىلىقى ھەققىدە بىر قىسىم ئەسلىمىلىرىنى، ئىنىلىرى بىلەن قىلغان كۈلكىلىك، بەڭۋاش قىلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرۋەتتى. مەلىكە شاھبانۇ ئاغىچىنىڭ قېشىدا خۇددى چوڭ كىشىلەردەك تارتىنماي ئولتۇرغان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا كۆزى چۈشكەن خاننىڭ دىققىتى بۇ جىيەن قىزىغا مەركەزلەشتى. ئۇزۇن تال _ تال كىرپىكلىرى، توغاچتەك مەڭزىگە سايە تاشلاپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆز، ئىلىپتەك تۈز، ناچىدەك نۇقسانسىز بۇرۇن، بىر تال گىلاسنى پاتۇرۇپ قويغاندەك ئويماقتەك ئېغىز ۋە نىپىز لەۋلەر ئارىسىدىن ماراپ تۇرغان گۈرۈچتەك چىشلار... قىز ھەقىقەتەنمۇ داڭلىق رەسسامنىڭ قولىدىن پۈتكەن يېگانە گۈزەل سۈرەتكە ئوخشايتتى. سەپەرنىڭ ھاردۇقىدىنمۇ ياكى كۆڭلى تارتمىدىمۇ مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ھېچىمە يېمىگەنىدى. سۇلتان ئابدۇللاخان قىزدىن ئىچ كۆيەرلىك بىلەن سورىدى: _ مەلىكەمگە قوغۇن تېتىمىدىمۇ، قانداق؟ مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم خانغا قاراپ تاتلىققىنا كۈلدى _ دە، تارتنمايلا جاۋاب بەردى: _ قوغۇنغا تېخى ئېغىز تەگمىگەن تۇرسام، تەمىنىڭ قانداقلىقىنى نەدىن بىلەي، خان ئاتا؟! _ ئەمسە تېتىپ بېقىڭ، مەلىكەم. مەلىكە ئالدىدىكى بىر كاسا كۆكچىنى ئىشارە قىلىپ جاۋاب بەردى: _ ئۇيۇپ يەي دىسەم پىچاق يوق. سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ چاغدىلا بارلىق كاسا قىلىنغان قوغۇنلارغا پىچاق سانجىپ قويۇلمىغانلىقىنى سەزدى _ دە، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى: _ ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، بايامنىڭزى مەلىكەمنى نېمىگە تۇرۇپ قالدىكىن دېسەم، كاسا قىلىنغان قوغۇنلارنى ئاستانىدە نېمە بىلەن يەيدىغان بولغىيتتىكى دەپ ئويلىنىپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ؟! خاننىڭ قىزىقچىلىق قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇ ئارىدا بىكاۋۇلبەگ مۇلازىملارنى جورۇپ ئەپچىلگىنە قەلەمتىراشلارنى كەلتۈردى ۋە بىر تال قەلەمتىراشنى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا ھۆرمەت _ ئېھتىرام بىلەن ئۇزاتتى. مەلىكە قەلەمتىراشقا شۇنداقلا قاراپ ياراتمىغان ھالدا سورىدى: _ نىمانداق كىچىك بەكە بۇ، چوڭراق پىچاقلار يوقمۇ؟ مىسالەن خەنجەر دېگەندەك. _ بۇ... بۇ... بىكاۋۇلبەگ مەلىكىنىڭ بۇ غەلىتە سوئالىدىن بىر نەچچە دەقىقە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى _ دە، بىردىنلا ئىسىنى يىغىپ جاۋاب بەردى: _ مەلىكەمگە چوڭراق پىچاق لازىم بولسا، ھازىرلار ئەكەلدۈرەي. _ بولدى، ھاجەتسىز، _ دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم بىكاۋۇلبەگكە نەزەر كۆزىنى سېلىپمۇ قويماستىن گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، _ ماڭا لازىملىق پىچاق مۇشۇ يەردە بار. مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم شۇنداق دېدى _ دە، دەس ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىگە قىزىقىپ قاراپ تۇرغان سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قېشىغا كېلىپ، خان يېنىغا ئېسىۋالغان ھەرخىل دۇر، ئالماس، ياقۇتلاردىن كۆز قويۇپ ياسالغان غىلاپتىن چىقىپ تۇرغان ئالتۇن ساپلىق خەنجەرگە قول ئۇزاتتى. بۇ خەنجەرنى ئابدۇللاخانغا پەرغانە خانى يىللىق تاپشۇرىدىغان ئولپانلار قاتارىدا شەخسىي نامىدىن سوۋغا قىلغان بولۇپ، ئاجايىپ ھۈنەر بىلەن ياسالغان بۇ خەنجەرنى خان تولىمۇ ئەتىۋارلاپ يېنىدىن ئايرىمايتتى. _ مەلىكە، ئەدەپسىزلىك قىلماي جايىڭىزدا ئولتۇرۇڭ، _ دېدى شەمشىبانۇ ئاغىچا قىزىنىڭ كەپسىزلىكىدىن خىجىل بولغان ھالدا. سۇلتان ئابدۇللاخان بولسا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ غىلاپتىن خەنجەرنى ئېلىشىغا يول قويدى. مەلىكە خەنجەرنى قولىغا ئېلىپ زوقلانغان ھالدا بىر نەچچە دەقىقە قارىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىغا قايتىپ كەلدى _ دە، خەنجەرنىڭ ئۇچى بىلەن قوغۇندىن بىر چىشلەم ئويۇپ ئاغزىغا سالدى. _ قوغۇننىڭ تەمى قانداقراقكىن، مەلىكەم؟ _ سوردى ئابدۇللاخان مەلىكىنى گەپكە سالماقچى بولۇپ. _ تاتلىق ئىكەن، _ دېدى مەلىكە تەمكىنلىك بىلەن، _ قوغۇندىن كۆرە مۇنۇ خەنجەر تېخىمۇ تاتلىق ئىكەن. خان ئاتام ئىجازەت بەرسە بۇ خەنجەرنىمۇ يەۋەتسەم دەيمەن. سۇلتان ئابدۇللاخان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ تولىمۇ چېچەنلىك بىلەن خەنجەرنى ئۆزىدىن سوراۋاتقانلىقىنى بىلىپ، قىزنىڭ ئەقلىگە ۋە سۆز ماھارىتىگە شۇنداق قايىل بولدىكى، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئەڭ ئەتىۋار بويۇملىرى قاتارىدا ساقلايدىغان خەنجىرىنى مەلىكىگە سوۋغا قىلىۋەتتى. _ مەلىكەمگە ئىجازەت، _ دېدى ئابدۇللاخان ئالتۇن توقىلىق كەمىرىگە ئېسىۋالغان غىلاپنى يېشىۋېلىپ مەلىكىگە تەڭلەپ تۇرۇپ، _ ئېلىڭ، مەلىكەم، ئول خەنجەرنى مۇنۇ غىلاپقا سېلىپ ساقلاپ، ئالدىرىماي يەۋېىلىڭ. خان بىلەن مەلىكە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ سۆز ئويۇنىدىن سورۇندىكىلەر ھوزۇرلىنىپ كۈلۈشتى. مەلىكە خاننىڭ ئالدىغا كېلىپ غىلاپنى ئىككى قوللاپ تەۋازۇ بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ ئالدى _ دە، خەنجەرنى غىلاپقا سېلىپ، غىلاپنىڭ بېغىنى قاشتېشى كەمىرىگە ئۆتكۈزۈپ يېنىغا ئېسىۋالدى. _ خان ئاتامنىڭ ئىلتىپاتىغا ھەشقاللا، بۇ خەنجەر ۋاقتى كەلگەندە سەلتەنىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ كۆكرىكىگە ئەجەل تىغى بولۇپ ئۇرۇلغاي! _ تەشەككۈر، تەشەككۈر، _ دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان ھاياجانلىنىپ، _ ئەقىل _ پاراسىتىڭىز، غەيرەت _ شىجائىتىڭىز زىيادە ئىكەن. ئىنىم سەئىد باباخان سۇلتانى سىزنى قىز بالا دەپ ئولتۇرماي ئەر ھىممەتلىك قىلىپ تەربىيلىگەن ئوخشايدۇ. باھادىر مەلىكە بولغايسىز. _ سۇلتان ئالىيلىرى تولا رايىغا بېقىپ ئەركە كۆندۈرۈپ قويدى، _ ددى مەلىكەشەمشىبانۇ ئاغىچا سۇلتان ئابدۇللاخانغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، _ نېمىشقىكىنتاڭ، مەلىكىنىڭ تەڭ دېمەتلىكلىرى كەشتە تىكىش، قونچاق، تاشتەرمەك ئويناشقا ئامراقۇ، مەلىكەم بولسا ياراغقا ئامراق، خەنجەر _ پىچاققا ئالاھىدە ئىشتىياقى بار. تۇرپاندىكى ھۇجرىسىدا يىغىپ ساقلىغان خەنجەرلىرى ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ. تېخى جانبازلىققا زوقمەنلىكىنى دىمەيلا. _ نېمە؟ جانبازلىققىمۇ زوقى بارمۇ مەلىكەمنىڭ؟ _ دېدى چوڭ خانىش ھەم ھەيران بولغان، ھەم ياراتمىغان بىر خىل تەرزدە، ھەممەيلەننى ئاڭلىسۇن دېگەندەك ئاۋازىنى ئۈنلۈكرەك چىقىرىشقا تىرىشىپ. _ شۇنداق، شاھبانۇ ئالىيلىرى، _ دېدى مەلىكە شەمشىبانۇ ئاغىچا، چوڭ خانىشقا قاراپ، _ مەلىكە ئوقيا ئېتىش، نەيزە _ قېلىچ ئوينىتىشتا خېلىلا ماھارەت ئىگىللىدى. مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ مەلىكىلەرگە يات بۇ ھەۋىسىنى ياراتمىغان چوڭ خانىش چاندۇرماي تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى. لېكىن، بۇ جاۋاب ئابدۇللاخاننى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇردى. _ شۇنداقمۇ تېخى، ئۇنداق بولسا مەلىكەم بىلەن كېلەر ھەپتە بىللە ئوۋغا چىقاي ماھارىتىنى كۆرۈپ باقسام قانداق بولۇر؟ _ ئەمسە، ۋەدىلىرى ۋەدە _ ھە، خان ئاتا، دېدى مەلىكە مۆھتىرەم چاققانلىق بىلەن. شۇ ئارىدا سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قېشىغا كەلگەن بىكاۋۇلبەگنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى كۇسۇرلىدى. _ ئەمىرلەر ساقلاپ تۇرسۇن، مەن ھازىرلا چىقىمەن، _ دېدى ئابدۇللاخان بىكاۋۇلبەگكە ۋە مەلىكە شەمشىبانۇ ئاغىچىغا قاراپ ئۆزرە ئېيتتى، _ كېلىن ئاغىچا خېنىمغا ككپرەك ەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم. بۈگۈن بىر قانچە ساتقۇن ئەمىرلەرنى جازالاپ رەئىدىيەتكە ئىبرەت قىلدۇرماقچىدىم. مەن ئوردىغا چىقاي. يەنە باشقا كۈنى مۇلاقەتتە بولارمىز. _ خان ئاتام بىلەن بىللە بارسام بولامدۇ؟ _ دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم مېڭىشقا تەمشەلگەن خاننىڭ ئالدىنى توسوپ. _ ئۇ دېگەن تاماشا كۆرىدىغان سورۇن ئەمەس، مەلىكەم، _ دېدى چوڭ خانىش خاننىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا مەلىكىگە قاراپ، _ قەتلىگاھقا قىز بالا بارسا بولمايدۇ. ئۇ يەرگە بېرىپ قورقۇپ كېتىپ ئاغرىپ قالمىسىلا يەنە. _ قورقمايمەن، _ دېدى مەلىكە قەتئىيلىك بىلەن، _ مەن تۇرپاندىمۇ پەدەرىم سەئىدباباخان ئالىيلىرىنىڭ قەتلىگاھىغا ئىشتىراك قىلغانمەن. بىللە بېرىپ خان ئاتامنىڭ ئول ساتقۇنلارنى جازالىغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم بار. قىلىچىدىن قان تامدۇرۇشنى بىلگەن كىشى ئاندىن يۇرت سورىيالايدۇ. شۇنداقمۇ، خان ئاتا؟! مەلىكىنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا سورىغان بۇ سوئالى سۇلتان ئابدۇللاخاننىمۇ، خانىشلارنىمۇ ۋە باشقا سورۇن ئەھلىنىمۇ ھەيران قالدۇردى.
6 ئاستانىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى چوڭقۇر يارلىقنىڭ لېۋىگە جايلاشقان قەتلىگاھ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. چەمبەرچاس باغلانغان سەككىز نەپەر ساتقۇن يارنىڭ لېۋىگە قاتار تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغانىدى. قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان ياساۋۇللار قەدەمدە بىر ياي شەكىللىك سەپ تۈزۈپ دەۋرەپ تۇرغان خەلقنى ئۆتكۈزمەي جازا مەيدانىنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇراتتى. قەتلىگاھنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى بىر گەز ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ ياسالغان شاھانە لاپاسنىڭ سايىسىدە سۇلتان ئابدۇللاخان قەلەمدار _ ئەلەمدار ئەمىرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتلىق ھالەتتە ھەيۋە بىلەن تۇراتتى. بېشىدىكى شاھانە دۇبۇلغىسىنىڭ ئالتۇن قۇببىلىرى قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئۇچىسىدىكى ساۋۇتقا بېزەك ئورنىدا تۇتۇلغان تۈرلۈك جاۋاھىراتلار يۇلتۇزدەك چاقنايتتى. ئالتۇن توقىلىق كەمىرىگە تەڭداشسىز ھوقۇق، كۈچ _ قۇدىرەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئالماس ساپلىق زۇلپىقارى ئېسىقلىق ئىدى. باشقا ئەمىرلەرمۇ جەڭ كىيمى كىيىشىۋالغان بولۇپ، قەتلىگاھ بەئەينى جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قالغانىدى. سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوڭ يېنىدا تۇم قارا ئايغىرغا مىنىۋالغان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىممۇ بېشىغا دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا ساۋۇت كېيىۋالغان بولۇپ، تېخى بايىلا ئابدۇللاخاندىن سوراپ ئېلىۋالغان ئالتۇن ساپلىق خەنجىرىنى كەمىرىگە ئېسىۋالغانىدى. ئۇ ئات ئۈستىدە تولىمۇ جەسۇر كۆرىنەتتى، تۇرپاندىن ئالغاچ كەلگەن ئوقياسىنى يېنىغا ئېسىۋالغان بولۇپ، ساغرىسىغا چۈشۈپ تۇرغان نەقىشلىك كۆن ئوقدانغا لىق ئوق قاچىلانغانىدى. جازا دىۋانىنىڭ ئەمىرى خاننىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ جاكارچىنى خان يارلىقىنى جاكارلاشقا بۇيرۇدى. جاكارچى ئېتىنى دىۋېتىپ جازا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلدى _ دە، مەخسۇس خان يارلىقى سېلىنغان، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە قاپچۇقتىن بىر يۆگەم قەغەزنى ئېلىپ ئوقۇشقا تەييارلاندى. ئۇنىڭغىچە جاكارچىنىڭ ياردەمچىسى قولىدىكى مىس تېۋىلبازنى بىر نەچچە قېتىم چالدى _ دە، كانىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك ۋارقىراپ، خەلقنى تەرتىپگە جۆنىدى. دېڭىزدەك دەۋرەپ تۇرغان ئادەملەر شۇ ھامان تىمتاسلىققا چۆمدى. جاكارچى گېلىنى ئىككى قېتىم قىرىپ، يارلىقنى ئوقۇشقا باشلىدى: _ ئەييۇھە _ نناس! ئەييۇھەنناس! يارلىققا قۇلاق سېلىڭلار ئامۇخاس! ھازىر ئادالىتى نوشىرۋان، ئەل _ رەئىيەتكە پاسىبان، ئەغيارلىرى يەر بىلەن يەكسان دۆلەت پاناھىمىز سۇلتان ئابدۇللاخان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقى جاكارلىنىدۇ. يارلىق: ئاستانىدىكى بارلىق ئۇلۇغ _ ئۇششاق، ئەر _ ئايال ئاۋام رەئىيەتكە، باشقا شەھەر، يۇرت _ قىشلاقلاردىكى پۇقرالارغا يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، ئۇزۇندىن بېرى ئوردىنىڭ تۇزىنى يەپ، ئالىي شاھانە ئىنئاملارغا ئېرىشىپ، سەلتەنىتىمىزدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىۋاتقان سەككىز ئەمىرنىڭ خانغا ئاسىيلىق، سەلتەنەتكە ساتقۇنلۇق قىلىش گۇناھى ئۈچۈن، ئەل _ رەئىيەت ئالدىدا جازالاپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، مال _ مۈلكى ۋە جەددى _ جەمەتى دەخلى _ تەررۇزغا ئۇچرىمايدۇ. بارلىق سەئىدىيە پۇقرالىرى بۇ ئىشتىن قاتتىن ئىبرەت ئالغاي!... جاكارچى گۇناھكار ئەمىرلەرگە قانداق جازا بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى پەرمانىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن جاللاتلار مىرغەزەپنىڭ باشچىلىقىدا ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئاۋۋال مىرزا غەنىبەگ بىلەن مىرزا نەجىببەگنى پورۇقلاپ قايناۋاتقان ياغقا باستى. ئاندىن ئەمىر ئەييۇپبەگ بىلەن مىرزا يامغۇرچىبەگنىڭ كاللىسىنى بىر قېلىچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلىدى. مىرزا خەلىلبەگ بىلەن مىرزا سەيپۇللابەگ دارغا ئېسىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا مىرزا شاھبەگ بىلەن مىرزا نەۋرۇز دىۋان ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلدى. ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان بەگلەر بىردىن تۈۋرۈككە ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ باغلىناتتى _ دە، تاللانغان ئون نەپەر مەرگەن يۈز قەدەم يىراقلىقتىن نۆۋەت بويىچە ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرەتتى. مەرگەنلەر ئاۋۋال مىرزا شاھبەگنىڭ كۆكىرىكىنى نىشانغا ئېلىپ ئوق ئۈزۈشكە باشلىدى. شۇئان سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ تاماش كۆرىۋاتقان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ تىرناقلىرىغا تۈجۈپىلەپ خېنە يېقىلغان نازۇك بارماقلىرى بوينىغا ئېسىۋالغان ئوقياغا يۈگۈردى. مەلىكە دەقىقە ئىچىدە يانى ئوقلىدى _ دە، قېشىدىكى سۇلتان ئابدۇللاخانغا مۇراجىئەت قىلدى. _ خان ئاتام ئىجازەت قىلسا، مەنمۇ بىر تال ئوق ئېتىپ باققان بولسام. خان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ نازۇك بارماقلىرى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان، نەپىس ياسالغان ئوقياغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قويۇپ، رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ ئىجازەت بەردى. _ ئېھتىيات قىلىڭ، مەلىكەم، _ دېدى ئابدۇللاخان يانىڭ كىرىچىنى تارتىۋاتقان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئاگاھلاندۇرۇپ، _ ئوقىڭىز نىشانغا تەگمەي بىگۇناھ رەئىيەتنى زەخمىلەندۈرۈپ قويمىسۇن. مەلىكە ئۆزىنىڭ ئوقيا ئېتىش ماھارىتىگە ئابدۇللاخاننىڭ ئانچە ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقىنى سېزىپ ھەم رەنجىدى، ھەم ماھارىتىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى _ دە، ئاستىنقى لېۋىنى مەھكەم چىشلىگىنىچە ئوقلانغان يانىڭ كىرىچىنى تارتىپ تولۇق ھالەتكە كەلتۈردى _ دە، نىشاننى قارىغا ئېلىپ تۇرۇپ كىرىچنى قويۇۋەتتى. شۇ ھامان تۈۋرۈككە مېخلانغان مىرزا نەۋرۇز دىۋان ئېچىنىشلىق داد _ پەرياد كۆتۈردى. مەلىكىنىڭ ئاتقان ئوقۇ ئۇنىڭ دەل ئوڭ كۆزىگە بېرىپ قادالغانىدى. _ بارىكاللا، مەلىكەم، ھەقىقەتەن مەركەنكەنسىز، _ دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان مەلىكىنىڭ ماھارىتگە ئاپىرىن ئوقۇپ. _ ئاپىرىن! ئاپىرىن! _ كاتتا ماھارەت! باشقا ئەمىرلەرمۇ خانغا ئەگىشىپ مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ماختاپ كېتىشتى. ماختاش سادالىرىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن مەلىكە ھاياجانلانغان ھالدا ئوقداندىن يەنە بىر تال ئوق ئالدى _ دە، ئوقنى ياغا سېلىپ كىرىچنى كۈچەپ تارتقىنىچە مىرزا نەۋرۇز دىۋاننىڭ سول كۆزىنى نىشانغا ئالدى...
داۋامى ھەر كۈنى مۇشۇ تېما ئاستىغا تورىمىز تەرىپىدىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 بەتتىن يوللىنىدۇ،كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئۆز - ئارا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشىنى ھەمدە ھەر كۈنى توردا ئازراقتىن ۋاقىت چىقىرىپ تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
|