رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- <مىليون گۈل>نىڭ ئەڭ يېڭى قىسمى ئېلان قىلىندى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> گۈلىستاندىن -گۈلدەستە -> <مىليون گۈل>نىڭ ئەڭ يېڭى قىسمى ئېلان قىلىندى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

alkuyi.com 2011-06-20 18:13

ھۆرىيەت شىركىتى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى < مىليون گۈل> ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ موھىم بىر قسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل كارتىنا بۇلۇپ ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھىكايە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مەڭگۈلۈك تىما بولغان مىھرى مۇھەببەت . غەزەپ نەپرەت، ئىقتىسادى گۈللىنىشىنى مەخسەت قىلغان ھەر بىر تىرىك جاننىڭ تىرىشىچانلىق كۆرەشلىرى ۋە سۇيقەسىتلىرى، ئاددى ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى لەرزىگە كەلتۇردىغان ياشاش ھەقىقەتلىرى بايان قىلىنغان بۇلۇپ ۋەقەلىك ئەگىرى توقاي .ئوبرازلار خارەكتىر جەھەتتىن بىر بىرىدىن تامامەن پەرىقلىق . موھىت تەسۋىرى رەڭدار بۇلۇپ فىلىم تاماششبىنلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان موھىت ئىچىدىكى مۇرەككەپ تۇرمۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان موھىت ئىچىدە ئوخشىمىغان ھىس تۇيغۇ قايناملىرىغا سۆرەپ كىرىدۇ. ئەقىللىق تاماششبىنلار فىلىمنى كۆرگەندىن كىين ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا قايتىدىن نەزەر سىلىش بىلەن بىرگە ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە جىددى ئويلىنىشقا ئىلھاماندۇرىدۇ .

ئالدىنقى قېتىم ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق <مىليون گۈل>تۇنجى سۈرەتكە ئېلىنىش ھەم باشلىنىش جەريانى ھەققىدە تېما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن<مىليون گۈل> بارلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ قىززىقىدىغان مۇھىم نوقتىلىرىنىڭ بىرى بوپ قالدى.ئەلكۈيى تورى كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى< مىليون گۈل>نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن <مىليون گۈل > ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى تورداشلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بىز بۈگۈن  فىلىم ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى قىسىم ھەققىدىكى بىر قىسىم ماتىرياللارنى بىزگە تەمىنلەپ بىرىشى بىلەن بۇي ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز.

يېقىندا تېلىۋىزىيە تىياتىرى <مىليون گۈل>نىڭ 3- قىسىم ۋە 4-قىسىم رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىپ پۈتۈپ چىقتى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ،بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3- ۋە 4-قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ۋە 3-4-قىسىمدىكى 2مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمنى كەڭ ئەلكۈيىداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. بارلىق تورداشلارنىڭ يېقىندا بازارغا سېلىنماقچى بولغان ئەڭ يېڭى قىسىملارنى كۆرۈشكە ئالدىرىشىنى سورايمىز.



3-4-قىسىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى



باھادىر تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئايالىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنغىنىنى، شۇنداقلا، شىركەتتىكى مەبلەغ ۋە ئىسكىلاتتىكى كۆپ قىسىم ماللارنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكىلىرگە بىلالغا ئەگىشىپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ قىيىنچىلىق ئۆتكەللىرىدىن بىرگە ئۆتۈش توغرىسىدا يوليۇرۇق ۋە چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەزىمەت سەتەڭ ئەختەمنىڭ ئىش-ھەركىتىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ تۇرىدۇ ۋە بەزىدە ئۇنىڭغا ئەسكەرتمە بېرىپ تەھدىت سالىدۇ.سەلىمەمۇ ئەختەمنىڭ بەزى گەپ-سۆزلىرىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالىدۇ.

يۇلتۇز كۈتۈلمىگەن تېلىفون قوبۇل قىلىدۇ ۋە نۇرنىڭ ۋاپاتىدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىدۇ.

ھەسەن ساقچى بىلەن رىشات باھادىرغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ.

ئەزىز سادىقنى مۇھىم مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سادىق ئېنتىرنىت تورىدا كۈشەندىسى ئەختەمنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ ۋە ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ..

باھار تۇيۇقسىز باشقىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ قاتتىق چۆچۈيدۇ ۋە شۆھرەتباي بىلەن ئەزىمەتنى ئىزدەپ بارىدۇ ئۈچەيلەن ئالاقزادىلىك ئىچىدە دەرھال بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسلىھەتلىشىدۇ.

ئابباس قىلمىشلىرىدىن بىلالنىڭ خەۋەر تېپىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ۋە پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن شىركەتكە ئىستىپانامە سونۇپ چىكىنىپ چىقىدۇ.

باھادىرنىڭ يېقىنلىرىدىن قۇدرەت، ياسىنلار كەيىپكە ئۆگىنىۋېلىپ بىر قىسىم كومىدىيىلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.فىلىمنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز ‹‹مىليون گۈل›› فىلىمىنىڭ 3-4-قىسىمىدا بولسۇن. ‹‹مىليون گۈل›› فىلىمى داۋاملىق تۈردە ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىدۇ.


تور بېكىتىمىزنىڭ روخسىتىسىز خالىغانچە باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ

oztekin 2011-06-20 21:52
ئۆزىمىزنىڭ سانا ئەت بويۇملىرىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن ئىشلىتىپتۇ. دېمەك بىزنىڭمۇ دۇنياۋىي داڭلىق ماركىلارغا ئېگە بولۇش ئىمكانىيىتىمىزنىڭ شولىسى نامايەن بوپتۇ.
ئەزمەتلىرىمىز يارايدۇ.
چوقۇم كۆرىمىز.

barkatjan 2011-06-20 22:46
مەن بۇكىنۇنى كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم بۇنداق دىسەم نىمەدەيدىغاندۇ مائاداش دەپ قالماڭلار.  ناھىيىزدىكى دەي دۇكىنغاكىرىپ [مىلىيونگۈل] دىگەن كىنونىڭ پىلاستىنكىسى بارمۇدىسەم.كۆچۇرۇلمىسىنى ئالامسىز ئەسلىسىنىمۇ دىمەسما.ئەسلىسىنى دىسەم 2قىسىم ئەللىك كوي.مىنىڭچە بولسا كۆچۇرۇلمىسىنى ئىلىڭ 5كۇي دىىدى.كۆچۇرۈلمىسىنى ئالايدىسەم ۋىجدان قويمىدى.......ئەسلىسىنى ئالايدىسەم يانچۇق......شۇڭا ئالماي چىقىپكەتتىم............

silver 2011-06-20 23:03
ئاۋۇ قول تېلېفون بىلەن يەنە بىر قەغەز خالتىغا يېزىلغان 植入广告بەكلا ئېنىق چىقىپ قاپتۇ، سەل سەنئەتلىكراق قىلغان بولساڭلار بەك چاندۇرماي ياخشى بولاتتىكەن.

tunji 2011-06-20 23:20
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىbarkatjan يوللىغان 2011-06-20 22:46 غا قارتىلغان  :
مەن بۇكىنۇنى كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم بۇنداق دىسەم نىمەدەيدىغاندۇ مائاداش دەپ قالماڭلار.  ناھىيىزدىكى دەي دۇكىنغاكىرىپ [مىلىيونگۈل] دىگەن كىنونىڭ پىلاستىنكىسى بارمۇدىسەم.كۆچۇرۇلمىسىنى ئالامسىز ئەسلىسىنىمۇ دىمەسما.ئەسلىسىنى دىسەم 2قىسىم ئەللىك كوي.مىنىڭچە بولسا كۆچۇرۇلمىسىنى ئىلىڭ 5كۇي دىىدى.كۆچۇرۈلمىسىنى ئالايدىسەم ۋىجدان قويمىدى.......ئەسلىسىنى ئالايدىسەم يانچۇق......شۇڭا ئالماي چىقىپكەتتىم............



سىز ئۇيغۇرنىڭ بەختى، سىزدىن سۆيۈندۈم...

handanlik 2011-06-21 05:38
مىليون گۇلمۇ تايىنلىقكەن ئۇتكەندە يەكەندىن 5كويغا 2پىلاستىنكا دىيىنى سىتىۋىلىپ ئابلىزئابدۇرشىتقا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىسەم .ھە....... چۇشەندىم.. دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى. ئىسىت شۇنىڭغا تىلفۇن قىلغان 2مۇچەن پۇلۇم.

atax8714 2011-06-21 09:57
مەن بۇ فىلىمنىڭ بازارغا سىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ھەم مەڭگۈ قوللايمەن
پەقەن مۇشۇ ھۆرىيەت شىركىتىلا ئۇيغۇرلار  ئارىسىدا تۇنجى بۇلۇپ كۆپ قىسملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىدى ،
بۇلسا قېرىشنداشلار ھەممىمىز ئۇيغۇرىمىزنىڭ كىنوچىلىقىنى قوللاپ بىرەيلى

ئۈستىنىكى HANDANLIK دىگەن تار قۇرساق مۇنداق دىگىنى
(مىليون گۇلمۇ تايىنلىقكەن ئۇتكەندە يەكەندىن 5كويغا 2پىلاستىنكا دىيىنى سىتىۋىلىپ ئابلىزئابدۇرشىتقا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىسەم .ھە....... چۇشەندىم.. دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى. ئىسىت شۇنىڭغا تىلفۇن قىلغان 2مۇچەن پۇلۇم)

قانداقمۇ بىر قىرىنىدىشىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپ بۇ
ئابلىز ئەپەندىگە دىسەڭ ھە چۈشەندىم دىمەي نىمە دىسە بۇلاتتى  تار قۇرساق
2موچەن پۇلۇم ئىسىت دەپ كىتىپسەن تېخى :ئۇيغۇرۇڭنى قوللاشقا ھىلىغۇ 2 موچەنكەن 200مىڭ كەتسىمۇ ئەرزىيدۇ
2موچەن پۇلۇڭغا ئىچىڭ ئاغىرغان بولسا تىلفۇن قىلمىساڭ بۇلمامدۇ ؟ ياكى ساقچىغانىغا تىلفۇن قىلىپ قانونسىز نەشىر قىلغانلارنى پاش قىلساڭ بولمامدۇ؟ئابلىز ئابدۇرىشىىت ئەپەندىگە دىگىنىڭ بىلەن ھە چۈشەندىم دىمەي سىنى ئىزدەپ بارسا بۇلامتى  ئىسىت  سىنىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ قالغىنىڭ ،،،
بولسا قىېرىنشىم  ئۇيغۇرۇم قوللاشقا مەدەتكە مۇھتاج شۇڭا بىز ھەرۋاقىت قوللاپ تۇرىشىمىز كېرەك

دوپپام 2011-06-21 11:03
ئەگەردە مۇشۇكىنونى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەر ياكى چەتئەلدىكىلەر ئىشلىگەن بولسا بىز توردىن بىر سىنىتمۇ خەجلىمەي كۆرگەن بولساق ئۈستىدىكى باھاسى قىممەتكەن دېگەن گەپلەر،يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەن ئۇنداق بۇنداق دېگەندەك گەپلىرى چىقمىغان بۇلاتتى.ئالدىنقى قېتىم كىنو ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرى مۇشۇ تور بېكەتتە چىقىرىلغاندىن كىيىن (4-5 مىنۇتلۇق جايى چىققان ھە) بىر قىسىم تەكلىپلەر ۋە سۆيۈنۈش سۆزلىرى يېزىلغان كىنو چىقىلغاندىن كىيىن 1-2قىسىم ھەققىدە بەس - مۇنازىرەلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىدى.مانا بۈگۈن 3-4 قىسىمنىڭ ئېلان فىلىمىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز.كۆڭلىمدىكىنى دېسەم مەن مىليون گۈلنى قوللايمەن،ھەمدە ئۆزەم بايقىغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى تېما ئاستىغا ياكى ھۆرىيەت شىركىتىگە بىرىپ تۇرىمەن،پىكىر بىرىش بىزدىن ، قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ،ئەمما خەلقنىڭ قەلبىدىكى كىنو قىلىمىز دەيدىكەن ئۇلارمۇ بۇنى ئويلاشمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.

تىمتاس گۇگۇم دەمدۇق ئىشقىلىپ شۇنداق بىر كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىگىنىنى بىلىمەن،ئەلۋەتتە يەنە باشقىلارمۇ بار،بىراق ھەممىسى ھۆكىمەت مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن،بەزى خاراكتىرگە ئېگە فىلىم ھېسابلىنىدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي شىركەتلىرىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىمى ئىشلىشى مىنىڭ بىلىشىمچە مىليون گۈل شۇ،ئەمما بىز مىليون گۈل ئۈچۈن خوش بۇلىشىمىز ئۇنىڭغا سەمىمىي تەكلىپ پىكىر ۋە ئۈمىدلىرىمىزنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك.
خوش بىر ئىتوت ئىشلەپ ئۇنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىپ بېقىشنى ئويلاپ باقايلى،ئەلۋەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان گەپ،مەيلى سۈرەتكە ئېلىش، مەيلى كىرىشتۈرۈش ياكى ئىقتىساد مەسىلىسى ۋە يەنە تېخنىكا مەسىلىسى دېگەندەك مەسىلىلەردە بىز يەنىلا ئارقىدا شۇنداق بولغان ئىكەن،داۋاملىق دادىل يول ئېچىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
تۇنجى قەدەمنى ئېلىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۈگىنىپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن،ئاشۇ چاغدىكى ھىسياتىمىزنى ئويلاپ باقايلى....توغرا ھۆرىيەت شىركىتى ئاشۇ تۇنجى قەدەمنى ئېلىپ كۆڭلىدە بىز چۇقۇم مىليون گۈلنى ياخشى ئىشلەپ بازارغا سالىمىز دەپ رايۇنىمىزدىكى تالانتلىق ئارتىسلارنى جەم قىلىپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدى،بىزچۇ كىنو باھاسى يۇقىرى،ئېلان بەك سۈپەتسىز دېگەندەك باھالارنى بىرىپ ئۆز كۆڭلىمىزنى خوش ئىتىپ ئولتۇردۇق.بىراق ئاقىلانە ھەمدە ئۆز كۆيەرلىك بىلەن يېزىلغان ئىنكاسلارنى مەن ئۇچراتمىدىم.بىزدە ئۇدۇم ئوخشايدۇ،بىرسىنى سۆكۈشكە ،توردا تىللاپ ھەممە نىمىسىنى يوق قىلىشقا بەك ئۇستىكەنمىز،بىراق دادىل پىكىر ۋە تەكلىپنى جايىدا بىرىشكە ئۇنچە ناقىس ئىكەنمىز.شۇڭا مەن تورداشلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى تىللاش بىلەن،غۇدىراش بىلەن ئەمەس بەلكى ئورۇنلۇق تەكلىپ - پىكىر بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشىنى ، رايۇنىمىزدا بېسىلغان بۇ تۇنجى قەدەمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ياخشى قەدەم بوپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىشىنى شۇنداقلا ھۆرىيەت شىركىتى ۋە بۇ فىلىم قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ بېقشىنى سورايمەن.

تۆۋەندە مەنمۇ ئۆز تەسىراتىمنى ئازراق سۆزلەپ ئۆتىمەن؛

4-ئايلاردىغۇ دەيمەن مەنمۇ مىليون گۈلنىڭ 1-،2-قىسىمنى ھۆرىيەت شىركىتىگە تېلىفۇن بىرىپ سېتىۋالدىم،شىركەت ئۆزى ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ماڭا ئەكىلىپ بەردى،55يۈەن گەرچە ماڭا قىممەت تۇيۇلغان بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۈپ باققۇم كەلدى.بىرىنجى قېتىم كۆرۈپ ئويلىغان ھىسياتىم بولسا ئاساسىي ۋەقەلىك تولۇق بايان قىلىنمىدىمۇ قانداق؟  ئارتۇق بايانلار سەل جىقكەن دېگەندەك تۇيغۇغا كەلدى ، ۋە ئېلانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا مەسىلە بارلىقىنى بايقىدىم،ئەمما بۇ ئېلانلار فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدۇ شۇڭا ئۇنى چىقىرۋېتىش ئىقتىسادى قوللاشتىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن باراۋەر ئەمما بۇ ئېلانلارنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن سەنئەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرغۇلى بۇلىشى مۇمكىن،شۇڭا ھەر بىر ئېلاننىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىلىشى ۋە ئېكراندا كۆرۈلۈش ۋاقتىنى ناھايتى توغرا شۇنداقلا ئەتراپلىق مۆلچەرلەش لازىمكەن دەپ ئويلىدىم.
رولغا چىققان ئەزىمەت باي ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ساقاللىق ھېلىقى ئېلانغا چىقىدىغان ئاداشنىڭ ئوبرازى ماڭا ئەڭ تەبىئىي ۋە ياخشى چىققان دەپ قارىدىم.بىراق كىنونى ئىككى - قىسىم كۆرۈش جەريانىدا ۋەقەلىك ئىچىگە تازا كىرىپ كىتەلمىدىم(بۇ مىنىڭ كىنونى داۋاملىق كۆرۈشۈمگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان نوقتا) شۇڭا داۋاملىق كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىكنى ئويلىشىپ قالدىم،بۇ قېتىم 3- ۋە 4-قىسىمنى مەن داۋاملىق كۆرمەكچى ،ئەگەردە كىنو ۋەقەلىكى مىنى قىززىقتۇرالىسا مەن ئىزچىل ھالدا كۆرۈشكە رازى ئەگەر كۆرۈشكە قىززىقتۇرالمىسا نىمىشقا قىززىقتۇرالمىدى دېگەن ھەقتە بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ۋاقتىنچە چىكىنىپ تۇرماقچى بولدۇم.
يېڭى قىسىم ئېلانى ۋە بىر قىسىم بايانلارنى ئوقۇپ چىقتىم، ۋەقەلىك تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن،يېڭىدىن بىر قىسىم كىشىلەر مەيدانغا كەلگەندەك تۇرىدۇ،ئالدىنقى قىسىمدا كۆرمىگەن بىر قانچە ئادەم پەيدا بوپتۇ،قېنى بۇ قىسىمنى كۆرۈپ باقاي،تەپسىلىي كۆرگەندىن كىيىن زادى قىززىقتىممۇ يوق مۇشۇ ھەقتە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

pakzad 2011-06-21 11:24
بۇ فىلىمنىڭ ھۇجۇتقا چىقىپ خەلىق يۈزى بىلەن كۆرىشگىنىگە تولىمۇ خۇرسەنمەن ،بىر ئىشنى ئويلاش ئاسان لىكىن ھۇجۇتقا چىقىرىش نۇرغۇن مۇشكىلاتلىق جەريان ئەلۋەتتە .بىز كۆرىدىغىنىمىز نەتىجىلا خالاس ،ئارىدىكى مۇشكىلات ۋە جاپالاردىن خەۋەرسىز بىز.ئىشلىرىڭلار ئۇتۇق تىلەيمەن !
تەكلىۋىم :مەن بۇ فىلىمنىڭ 1-،2-قىسلىملىرىنى كۆرگەن . خىلى يىڭىلىق بوپتىكەن ،لىكىن راسىت گەپنى قىلغاندا بۇ فىلىم شەكىل جەھەتتىن تۈرۈكلەرنىڭ "كورىتلار ۋادىسىدىكى پىستىرما"فىلىمىنى دورىماقچى ئوخشايسىلەر ،كىيىنىش ،ماشىنا ،مۇزىكا،ۋەقەلىك تەرەققىياتى خۇددى شۇ فىلىمنى دورىغاندەكلا .ئەپسۇس بىزنىڭ كۆرۈرمەنلىرىمىز تەلەپ قىلىدىغىنى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى سۆزلىنىدىغان ،ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئىتىدىغان مەزمۇنلار ئىدى."مىليون گۈل"دىگەن نامغا قارغاندا مىليۇن كىشىنىڭ قەلىپ ئىزھارى بولۇشى كىرەكقۇ دەيمەن ؟ بايۋەتچىلەرنىڭ ئىقتىساد كۆرىشى خەلىق تۇرمۇشىدىن خىلىلا يىراق تىخى .كۆپ قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋيىمىز ياۋرۇپا دۆلەتلىردىكىدەك  تىخى ئىقتىسادى زىددىيەتلەرگە چۆككىدەك دەرىجىدە ئەمەس .
يەنە بىر تەكلىپ ئىكران ئاستىدىكى ئېلانلارغا سوغۇققان مۇئامىلە قىلساڭلار .ئىمكان بولسا ئېلان قوغلاشماي ،مەزمۇن قوغلاشساق .يەنى سان قۇغلاشماي ،سۇپەت قوغلاشساق .
مىنىڭ بەك كۇلگىم كەلگىنى :بىرەر ئارتىس كىيم ئالماشتۇرسا ،بىرنەرسە ماركىلىك كىيىملىرى .ئىچىملىك ئىچسە .بىرنەرسە ماركىلىق ئىچىملىك دەپ ئېلان  چىقىپ تۇردىكەن .مەن ئالدىنقى قىسىمنى كۆرگەندە مەزمۇنىنى ئەمەس ،مۇشۇ يۇمۇرۇستىك كۆرنىشنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم . لىكىن ئېلانلارنى تېلېۋۇزۇردا تولا كۆرۇپ بەكلا زىرىكتۇق .بۇ ئېلانلار مىنىڭ بىر يىرىمگە تاقاشمىدى .ئومۇمنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۇزۇپ قۇيماقچى خالاس .قۇبۇل قىلغۇدەك يىرى بولسا ئويلىنىپ باقاسىلەر.

ramizani 2011-06-21 19:20
مېنىڭچە ئېلاننىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى، تېخنىكا جەھەتتىن يەنىلا كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىكى بىر باشلىنىش، قوللاپ بېرىشىمىز كېرەك. يۈگۈرەپ قوپۇپلا <<ئاۋاتار>> غا ئوخشاش كىنو ئىشلىگىلى بولمايدۇ_دە، بۇ فېلىم ھازىرقى سەۋىيىمىزگە نىسبەتەن خېلى چوڭ ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بۇمۇ بولمىغان بولسا، شۇ تۇركىيەنىڭ، كورىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ ھىجاراپ ئولتۇراتتىڭىز، بۇرۇنلاردا ياخشى ئىدى، ئۆزىمىزنىڭ خېلى كۆپ كىنولىرى بار ئىدى، ھازىر قويۇپ بەرسە كونىراپ قالدى دەپ كۆرمەيسىز، زامانغا لايىق قىلىپ ئىشلەپ بېرىدىغانغا ھۆرىيەتكە ئوخشاش شىركەتلەت ئوتتۇرىغا چىقمىسا كىم قىلىدۇ ھازىر، شۇڭا قوللايلى، مېنىڭ كۆرۈپ ھېس قىلىشىمچە، سىز ھازىر كۆرىۋاتقان ئاشۇ تۈركىيە فېلىملىرى بىلەن ئانچە چوڭ پەرق يوق، ئاشۇلارنى ئىزدەپ-سوراپ كۆرىسىزغۇ؟ ئەجەبا ئۆزىمىزنىڭ مەتو كورىنىۋاتامدا؟ مېنىڭچە سىز بىر چەتئەللىك بولۇپ، بۇ كىنونى دۆلىتىڭىزگە ئاپىرىپ، قانۇنسىز نەشىر قىلىپ، موچەنگە سېتىپ بەرسە <<ئالامەت كىنوكەن، ئۇيغۇرلارمۇ خېلى تەرەققىي قىپتۇ جۇما>> دەيتتىڭىزغۇ دەيمەن.

تەكلىپىم: بولسا ئېلانلار خىل بولسا، كۆرۈنۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسە ياخشى. ئېلاننى ئېلان ئىكەنلىكى بىلىنمىگۈدەك قىلىپ قىستۇرىۋەتسەڭلار ئەڭ ياخشى. بىر قىسىمدىكى ئېلان سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئېلاننى ئورۇنلاشتۇرۇش تەسكە چۈشەمدۇ قانداق؟


يەنە بىرگە، يۇقىرىدىكى تورداشنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن، مەزمۇن جەھەتتىمۇ سەل يىراقلىق بار.

gunes 2011-06-21 19:40
مەن 1-2قىسمى ئېلىپ كۆرگەن .تەكلىپ ھەمكارلشقۇچىلارنىڭ ئىلاننىنى چىقارماي بولمايدۇ .ئەمما بەزى ئىلانلار يەنى مانگو،مەشرەپ كىيىملىرى ،بارماق دىسكا دىگەن ماركىلار ناھايتى زورلاپ چىقىرلىپتۇ .سەل سەنئەت ،بەدئى نوقتىدا تۇرۇپ ئىلان قستۇرساڭلار

11282 2011-06-21 20:19
مەن تېخى بۇ فىلىمىنى كۈرۈپ باقمىدىم، بۇ تىمىغا قىستۇرما قىلغان كۈرۈنۈشكە قاراپ ئويلىغىنىم شۇ بولدىكى، بىرى ئارتىسلىرىمىز ئۈزىنىڭ تەبئى ئاۋازىنى ئىشلىتپتۇ، ئىلگىرىكىدە ئويغۇر ئارتىسغا ئويغۇر ئارتىسلار ئاۋاز بەرمەپتۇ. بۇ مىنى ئەڭ سۈيۈندۈردى، يەنە بىرى ئىلان جەھەتتە (ماڭا شۇ يەر ئالاھىدە تەسىر قىلىدىمۇ بىلمىدىم) بەكلا دەبدەبلىك بۇپ كىتىپتۇ.
مەن ماشىنىغا قىزىقىمەن، كىيم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، تىلغۇن دىگەنلەرگە قىزىقمايمەن، مىنىڭ ئۈمۈدىم شۇكى، مەن بۇ فىلىمىنى كۆرگەندە ئارتىسلارنىڭ قانداق تېلغۇن ئىشلەتكلەنلىكىنى، قانداق كىيم كىيگەنلىكىنى ماڭا <مەجبۇرى> كۆرسەتمىسە دەيمەن.
ئەلۋەتتە  ئارتىسلىرىمىز ھەيدىگەن ماشىنا ھايىت دەپ بولغۇچە ئۈتۈپ كەتسىمۇ، مەن چۇقۇم ئۇ ماشىنىنىڭ شەكلى، ماركىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، دىمەك ھەر كىم ئۈزى قىزىقىدىغان، دىققەت قلىدىغان نەرسىلەرگە چۇقۇم بىر ئامالنى قىلىپ دىققەت قىلىدۇ.
(دىمەكچى بولغانلىرىمىنى تازا ياخشى ئىپادە قىلىپ بىرەلمىدىممۇ قانداق؟ دىمەكچى مەجبۇرىي كۈرۈنۈش قىلمىسا دىمەكچى ئىدىم )

zial 2011-06-21 21:27
فىلمنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان كىشى ئۈسىتىدىن قىلغان ئەرزىڭلار قانداق بولدى ؟
دەۋىتىڭلار  ،بىز  بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسنى خەۋەر قىلىدۇ دەپ سىللەرنى ساقلاۋاتىمىز .
100000 يۈئەنگە يېقىن دەۋا قىلدىڭلارغۇ دەيمەن سوتقا

arkzada 2011-06-21 22:50
مېنىڭچە. پېلاستىنكا پۇلىنى جىق كۆرۈپ ئالمىساقمۇ مەيلى. لېكىن، فىلىمنى سۆكىدىغان ئىشنى قىلمايلى. فىلىم سۈزۈكلۈك جەھەتتىن ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيدە ئىشلەنگەن. ئاۋاز نەق مەيدان ئاۋازكەن. ئارتىسلارمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ئارتىسلار، كېيىم -كېچەك. گىرىم ھەققى دېگەنلەرگە قانچىلىك ئىقتىساد كېتدۇ. ئوتتۇرىسىدا چىقىدىغان ئېلانلار بەك كۆپكەن دەپ رەنجىسەك تازا ئورۇنلۇق بولمايدۇ. بىر قىسىم شېركەت- كارخانىلارنىڭ نوپۇزلۇق مەھسۇلاتلىرىنى كېنو ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ بېرىپ، ئازراق مەبلەغكە ئېرىشمىسە. ئابلىز ئابدۇرىشىت بارلىق چىقىمغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟

erkem 2011-06-22 12:07
   سىلەرنىڭ كىنو ھەققىدىكى بىلمىڭلار بولمىغاندىكىن ئارتۇق گەپ قىلماڭ ...


سىلەر قوللاپ بەرگەن بولساڭلار ..    پىلاستىنكىنىڭ باھاسى ئۇنچىلار يۇقرى بولماستى ..  55  يۈەنگە چىداپ  پىلاستىنكا ئالمايسىلەر ....   ئالغان بولساڭلار  بۇ گەپنى دىمەيتىڭلار ...


قىنى ھىلقى مىللەتپەرۋەلەر ...     ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىمىساق  بىزنى كىم قوللا .....  

layli 2011-06-22 15:09
ئۆز ماركىمىزنى ئېلان قىلىش مىنىڭچە ياخشى ئىش ،  بۇنى پەقەت ئېلان قاتارىدا كۆرمەي تەشۋىققات ياكى ئۆز كارخانچىللىمىزنى قوللاش دەپ چۈشەنسەك ياخشى بولاتتى ،
  

minig三 2011-06-22 21:07
مەن 1—قىسىم نىمۇ كورمىگان   بولسا ئادىرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا   

qabiljan 2011-06-22 23:14
[quote]بۇ 6قەۋەتتىكىatax8714 يوللىغان 2011-06-21 09:57 غا قارتىلغان :
مەن بۇ فىلىمنىڭ بازارغا سىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ھەم مەڭگۈ قوللايمەن
پەقەن مۇشۇ ھۆرىيەت شىركىتىلا ئۇيغۇرلار  ئارىسىدا تۇنجى بۇلۇپ كۆپ قىسملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىدى ،
بۇلسا قېرىشنداشلار ھەممىمىز ئۇيغۇرىمىزنىڭ كىنوچىلىقىنى قوللاپ بىرەيلى

ئۈستىنىكى HANDANLIK دىگەن تار قۇرساق مۇنداق دىگىنى
.......

سىز بۇ ئىنكاسنى بەك ئاشۇرىۋېتىپسىز.سىزنىڭ بىر ئادەمنى بۇنچىۋالا كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەش ھوقۇقىڭىز يوق.ككرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سىز ئادەتىكى بىر ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى ئەمەس بەلكى ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ خادىمى ياكى چاپانچىسى ئىكەنسىز.بۇ تورداشنىڭ ئابلىز ئابدىرشىتقا ئەھۋال ئىنكاس قىلىشى بۇ شىركەتنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش،قانۇنسىز كۆچۈرۈپ ساتقۇچىلارغا زەربە بېرىش يۈزىسىدىن بولغان.ھەم شۇ نەرسىمۇ ئېنىقكى بۇ تورداش شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركەتنىڭ ئۆزىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ھەققىگە شىركەت ۋەدە قىلغان نەچچە مىڭ يۈئەن  پاش قىلىش  پۇلىغا ئېرىشىشنىمۇ مەقسەت قىلغان.لىكىن ئويلىمىغان يەردىن ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماي ئىنكاس ئاڭلىغۇچى ئېتىبارسىز قارىغان.ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىغىنى ئىككى مو پۇلى ئەمەس بەلكى ئېرىشىشكە تىگىشلىك ھەققە ئېرىشەلمىگەنلىكى.شىركەتلەرمۇ چوڭچىلىق قىلىپ ئۆزىنى قانۇن بىلەن باراۋەر قويۇۋېلىپ‹‹ كىم پاش قىلسا  مۇكاپات بېرىمىز،خىلاپلىق قىلغۇچىنى جازالايمىز،››دىگەندەك ئادەم قورقۇتۇش سۆزلىرىنى فىلىم ئېلانىغا چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك. يەنە بىر تەرەپ ئىنكاس ئاڭلىغۇچى پەقەتلا‹‹ ھە چۈشەندىم›› دەپلا قويماستىن.ئاز پاز سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ ئاندىن‹‹ئىنكاس قىلغىنىڭىزغا،شىركىتىمىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت،›› بىز سىزنى ئىزدەيمىز .دىگەندەك بۇغداي سۆزلىرىنمۇ قىلىپ قويمىغان.شۇڭا سىز بۇنچە قايناپ كەتمەڭ.ئۇنى تار قوساق دىسەك سىزنى قارا قوساق دەيمىزمۇ ئەمدى؟!

arginakun 2011-06-23 04:01
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چىچمىقىمىز " ئاكا مىللەت " قارغاندا ئاسان
لىكىن باشقا ئىش قىلمىقىمىز ھەركىمدىن تەسمىكىن دەيمەن
........................
ناۋاخ تور بەتلەردە بۇ كىنۇنى " گۇاڭگاۋ" قىلغىلى بىر يىلدىن
ئاشتىمىكىن تاڭ... بىر يىلدىن ئىشىپتۇ ...مانا ئىككى قىسىم بازارغا سىلىندى
مانا تۆت قىسىم بازارغا سىلىندى..
ئەمما پىلاستىنكا دۇكانلىرىنى ئىزدىسىڭىز بىر قىسىممۇ يوق، كۆرگەنلەر
بارمىش ياكى خەقنىڭ ئاغزىدىن ياخشى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم
خۇددى ئاۋازى يۇقىرى ئىشەك تۇزچىغا يارىمىغاندەك
...........................

يەنە بىر شەخسى پىكىرىم بولسا بۇ كىنۇدا رول ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى
ناخشىچى ئۇسۇلچى،گىتارچى،دەپچى دىگەندەك...رول ئىلىش،سەنئەت،ئاكتىيورلوقنىڭ
پەرقىمۇ قالمىغلى تۇردى...مۇھەممەتچانروزىسايىتنىڭ دىگىنىدەك ئۇيغۇرلاردا كىنۇ ئىشلىمگەن
مەنلا قالغان ئوخشايمەن، ...كىنۇنى تەڭرىتاغ كىنۇ سىتۇدىيىسى ئىشلىسىمۇ مەيلىتتى
يولباشلىغۇچى
تەڭرىتاغدىن كەلگەن داپچى
تاش ئۈستىدە ئىچىلغان گۈل
تەڭرىتاغ جىددى ھەركەتتە
قار كۆپ ياققان قىش
مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ
....بۇنى ھەقىقى كىنۇ دىگۈلۈك

barkatjan 2011-06-23 10:54
مەنمۇ بۇكىنۇنى تولۇق كۆرمىدىم ئامما قارىسام كۇرىتلا ۋادىسى فىلىمىغا ئوخشۇتىلغاندەك تەسىر بەردى............        
كورتىلار ۋادىسى فىلىمنىڭ بەك قارشى ئىلىنىشىدىكى سەۋەپ 1-بۆلىمىدەتۇركىيە ۋەدۇنيا جاسۇسلۇق تەشكىلاتىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىلىشىش تەسۋىرلەنسە،2-بۆلىمىدە تۇركىيە ھۆكىمىتى بىلەن  تۈركىيە ھەربىيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىلىشەلمەسلىك تەسۋىرلەنگە ......بۇ پۇتكۇل دۇنيا قىززىقىدىغان قىززىق نۇقتىدۇر..........
دۆلىتىمىزدە بارلىق بارلىق تەرەپلەر بىربىرى ھاشاچۈمۈلىسىدەك ئىناق كىشىلەرنى قىززىقتۇرغىدەك
كىنو ئىشلىگىدەك .زىددىيەتۋە تارتىشىش يوق.......
مىنىڭچە يەنىلا كۈچانىڭ سوپۇنى ياخشى دىگەندەك ئىچىنىشلىق مۇھەببەت تىراگىدىيىسى باشتىمابولغان بولسا ھىچ بولمىسا قىزئاياللاربولسىمۇ    كورىيەنىڭ يەنەبىر ھۆبولسام دىگەن كىنوسى چىلىك قىززىقىپ كۆرەر ئىدى دەيمەن........ يەنەكىلىپ چىقىم ئازكىتەتتىكەن مۇھەببەت كىنو لىرىغا................

pakzad 2011-06-23 12:41
گۇلەن ئاكىمىز توغرا دەپتىكەن ،قارغاندا بىزدە ئۇيغۇر ئاشقىنلىقى خىلىلا كۈچلۈككەن ،مەيلى ئۇ خاتا قىلسۇن توغرا قىلسۇن ئۇيغۇر بولغاندىكىن قولىشىمىز كىرەك ھەي ،يۇقىردىكى بۇ قۇرلار مىنى ئويغا سىلىپ قويدى .
مەنچە ھۆرىيەت شىركىتىنىڭمۇ مەقسىتى خەلىقنىڭ كۆپرەك تەكلىپ -پىكىرىنى ئاڭلاش ،سەل بولمىغان يىرىنى تۈزىتىش دەپ ئۆيلىغان ۋە ھىس قىلغىنىمنى يازغان ،لىكىن ھازىر قارسام تەكلىپ بىرىش ئورنىغا چاپان يىپىش بولۇپ كىتىپتۇ .مەن بۇ فىلىمنى سىتىۋالماڭلار دىمەكچى ئەمەسمەن ،55 يوەنلىك سەۋيىدە چىققاندا تازا سىتىۋىلىڭلار.
مەندە يەنە بىر تەسىر قالدۇرغان نوقتا : فىلمدا سۆزلەنگەن بايۋەتچە ھوروھلار ،قول چوماقچىلار دىگەندەكلەرنى كۆرۈپ قارا جەمئىيەت كۆز ئالدىمغا كەلدى .

kokdingiz 2011-06-23 14:16
مەنمۇ ھەم كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم.گەرچە بۇنداق دىسەم ئاشقۇنلىرىمىز تەرىپىدىن دەشنامغا قىلىشىم مۇمكىن،لىكىن دىمەي بولمايدۇ.نىمىشقا دىگەندە بىز دىمەي ئىچىمىزگە يۇتىۋەرسەك بىزدىكى بىرەر مەسىلىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلماي ئەكسىچە ھەممىنى مىللەتچىلىككە سىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈشكەئەزۋەيلەيدىغانغا تىخىمۇ كەڭرى يول ئاچقۇدەكمىز.مىنىڭ كۆرمەسلىكتىكى سەۋەپلىرىم:
1.ئاساسى سەۋاپ:ئىككى قىسىم كىنو55يۈەن،بۇنداق بولغاندا يۈز قىسىم دىيىلگەن بۇ كىنو جەمى55*50=2750يۈەن.مەن شەخسەن قوبۇل قىلالمايمەن.بىز ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپچىلىكى دىھقانلار،2750يۈەن خەجلەپ بۇ كىنونى كۆرۈشنى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەملىكەتتە نەشىر بويۇملارنىڭ ھوقوقى ئاساسەن كاپالەتكە ئىگە ئەمەس،بۇنداق دىسەم "سەن شۇ ساپاسىز،ساختا نەرسىنى سىتىۋىلىپ" دەيدىغاندۇ بەلكى،لىكىن ئەمەلىيەت دىگەن شۇ .لىكىن 2750يۈەن دىگەن بىر ئايلىق پۈتۈن مۇئاش دىگەن گەپ،كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان دىھقانلارنى دىمەيلا قۇيايلى.ئىقتىساددا مىللەتچىلىك ئەمەس بەلكى”ئەرزان،قولايلىق“ئاساسى مىزان.مىنىڭچە ئىككى قىسىم باھاسى15~25يۇەن ئەتراپىدا بولسا قوبۇل قىلالەيمەن. ياكى ھۆرىيەت شىركىتىمۇ جوڭگۇدىكى مىكرو سوفىتتەك ئاساسى كىرىمىنى ھوقۇققا دەخلى-تەرىز ئەرىز-شىكايەت تۆلىمىدىن تاپماقچىمۇ بۇنى بىلمىدىم.
2.
كىنو مەزمۇنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلى تۇرمۇشىدىن چەتنىگەندەك،بىزدە تىخى كىنودا دىيىلگەندەك گورۇھ،كارخانچىلىق تىخى ئومۇمىلاشمىدى.بىز تىخى  ئىقتىسادى ئۇقۇم،كارخانا رىقابىتى دىگەنلەردىن سەل يىراق.چۈنكى بىز مىللى كارخانىلارنى مۇتلەق قوللايمىز،شۇڭا ئاز بىر قىسىملارنى دىمىەەندە كۆپ قىسىم كارخانىلارنىڭ تىخنىكا يىڭىلاش سۈرئىتى بەك ئاستا.خۇددى يۇقىرىدىكى بەزى ئاشقۇن تەرەپدارلارغا ئوخشاش مىللى كارخانىلارنى مۇتلەق قوللاشتىن بۇنى بىلمەك تەس ئەمەس.  

ئايتۇغ 2011-06-23 14:24

<<مىليون گۈل>> فىلىمىنىڭ5-6-قىسىملىرىنى سۆرەتكە ئېلىش باشلاندى

<<مىليون گۈل>> فىلىمىنىڭ3-4-قىسىملىرىنى ئالدىن زاكاس قىلغۇچىلارغا تارقىتىش خىزمىتى باشلاندى.زاكاس قىلغۇچىلارغا فىلىم پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ(پوچتا ھەققىنى شىركىتىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ).ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئالدىن زاكاس قىلغۇچىلارغا شىركەت مەخسۇس خادىملىرىمىز فىلىم پىلاستىنكىسىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
داۋاملىق زاكاس قىلماقچى بولغانلارغا:
زاكاس قىلىش قىززىق لىنىيەسى:8555155-0991.
0991-8197877
توردىن زاكاس قىلىش ئادرىسى: http://www.horiyat.com


نۆۋەتتە 5-6-قىسىملىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ سۆرەتكە ئېلىش خىزمىتى باشلاندى

kozkoz 2011-06-23 21:59
بىز ئۇيغۇر لارنىڭ بۇنداراق كىنو ئىشلىمىكى ئۇنىچە ئاسان ئەمەس ، قانداقلا بولمىسىۇن  ياخشىى پىكىر بىلەن قوللاش كوپىرەك بولىسا تىخىمۇ ياخشى بولاتىتى........  ئەگەر كىنو كورۇشكە ئەرزىيدىغانلا بولسا ئۇنىڭ قىمىمتى پۇلدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ مەزمۇنىدا .        

zamandaxlar 2011-06-23 22:30
مەنمۇ ھەم كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم.گەرچە بۇنداق دىسەم ئاشقۇنلىرىمىز تەرىپىدىن دەشنامغا قىلىشىم مۇمكىن،لىكىن دىمەي بولمايدۇ.نىمىشقا دىگەندە بىز دىمەي ئىچىمىزگە يۇتىۋەرسەك بىزدىكى بىرەر مەسىلىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلماي ئەكسىچە ھەممىنى مىللەتچىلىككە سىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈشكەئەزۋەيلەيدىغانغا تىخىمۇ كەڭرى يول ئاچقۇدەكمىز.مىنىڭ كۆرمەسلىكتىكى سەۋەپلىرىم:
1.ئاساسى سەۋاپ:ئىككى قىسىم كىنو55يۈەن،بۇنداق بولغاندا يۈز قىسىم دىيىلگەن بۇ كىنو جەمى55*50=2750يۈەن.مەن شەخسەن قوبۇل قىلالمايمەن.بىز ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپچىلىكى دىھقانلار،2750يۈەن خەجلەپ بۇ كىنونى كۆرۈشنى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەملىكەتتە نەشىر بويۇملارنىڭ ھوقوقى ئاساسەن كاپالەتكە ئىگە ئەمەس،بۇنداق دىسەم "سەن شۇ ساپاسىز،ساختا نەرسىنى سىتىۋىلىپ" دەيدىغاندۇ بەلكى،لىكىن ئەمەلىيەت دىگەن شۇ .لىكىن 2750يۈەن دىگەن بىر ئايلىق پۈتۈن مۇئاش دىگەن گەپ،كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان دىھقانلارنى دىمەيلا قۇيايلى.ئىقتىساددا مىللەتچىلىك ئەمەس بەلكى”ئەرزان،قولايلىق“ئاساسى مىزان.مىنىڭچە ئىككى قىسىم باھاسى15~25يۇەن ئەتراپىدا بولسا قوبۇل قىلالەيمەن. ياكى ھۆرىيەت شىركىتىمۇ جوڭگۇدىكى مىكرو سوفىتتەك ئاساسى كىرىمىنى ھوقۇققا دەخلى-تەرىز ئەرىز-شىكايەت تۆلىمىدىن تاپماقچىمۇ بۇنى بىلمىدىم.
2.
كىنو مەزمۇنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلى تۇرمۇشىدىن چەتنىگەندەك،بىزدە تىخى كىنودا دىيىلگەندەك گورۇھ،كارخانچىلىق تىخى ئومۇمىلاشمىدى.بىز تىخى  ئىقتىسادى ئۇقۇم،كارخانا رىقابىتى دىگەنلەردىن سەل يىراق.چۈنكى بىز مىللى كارخانىلارنى مۇتلەق قوللايمىز،شۇڭا ئاز بىر قىسىملارنى دىمىەەندە كۆپ قىسىم كارخانىلارنىڭ تىخنىكا يىڭىلاش سۈرئىتى بەك ئاستا.خۇددى يۇقىرىدىكى بەزى ئاشقۇن تەرەپدارلارغا ئوخشاش مىللى كارخانىلارنى مۇتلەق قوللاشتىن بۇنى بىلمەك تەس ئەمەس.  

__________________________________________________________

مىنىڭمۇ قارىشىم يۇقىرىقىدەك .

musapir2 2011-06-24 17:04
مەن تېخى كۆرمىدىم ،پۇرسەت بولسا ئەسلىسىنى ئېلىپ كۆرەرمەن

palwan1 2011-06-24 22:25
مۇشۇكۇنلەردە يېڭىلىقلار كۈپىيىپ كىتىۋاتىدۇ  دىسە،،،،،،      

kadimitax 2011-06-25 13:48
مەنچە بۇ كىنونى تۈركىيە فىلىملىرىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەپتۇ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ياخشى روللارنىڭ تەبىيلىكى باشقا بىر قىسىم شىنجاڭ فلىملىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ، تىلفۇن بىلەن قەغەز سومكىنىڭ ئىلان شەكلىدە سۈرەتكە ئېلىنىشى مىنى سۈيۈدۈردى، ئۇيغۇر ئوغلانىمىز ئابلىز ئابدىرىشىت ئاكا ئۇيغۇر فىلىمچىلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ  تىرىشقايسىلەن، مۇمكىن بولسا ئىجاد شەكىللىك كۈرىنىشلەر كۆپ بولسا ، ھازىر مىلىيۇن گۈلدىن 90% تۈركىيە كىنو پۇرىقى يېغىپ تۇرىۋاتىدۇ، مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھاياتتا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بار، باشقىلارنى دورىغان ئىشمۇ يوق،

yalniz 2011-06-25 20:54
مېنى  ئەپسۇسلاندۇرغىنى ،نىمە  تاۋار  ئىشلەتسە  شۇنىڭ  ماركىسىنى ئېنىقلا قىلىپ  چىقىرىپ  قويۇپتۇ ، ئېلان كىنوسىمۇ بۇ ياكى ،،،  قالغان يەرلىرىدە  چاتاق يوق !

janiwar 2011-06-28 19:03
كۆرۈشكە ئەرىزىيدىغان يېرى، ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى. تېخى مۇكەممەل كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولساممۇ، شۇنى نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يىتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى، ئۇيغۇر كىنوچىلىق سەنئىىتىگە يىڭى بىر ئۇقۇم، يىڭىچە رىقابەت، يىڭىچە دەۋر روھى، يىڭىچە مىللى سەنئەتچىلىك پۇرقى ئىلىپ كېلىشى مۈمكىن. قوللاشقا ئەرزىيدۇ، شۇنداقلا، ئاتالمىش تېلىنى باشقۇرالمايۋاتقانلارنىڭ تېلىغا سۆلگەي چىققاي!!!.

tanha930 2011-06-29 20:15
    مەن تېخى كۆرۈپ باقماپــىمەن، كۆرۈپ بولۇپ بىر نىمە دەي ھە.

jiuxing 2011-06-29 21:36
مەيلى قانداق شەكلىدە ئىشلىسشۈن ئىشقىلىپ كورىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ.... نىڭ ...نىڭ 100 قىسىم، 200 قىسىملىق فىلىملىرىدىن مىڭ ھەسسە، ئون مىڭ ھەسسە ياخشى .... ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن مۇشۇنداق قىسىملىق كىنۇ ئىشلىگۈدەك شىركەتلەرنىڭ چىقىشى ناھايىتى ياخشى ئىش.... كىيىنچە پۇل تاپاقسېرى تېخمۇ ياخشى فىلىملەرنى ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن......
بەزى تورداشلارنىڭ قارشى پىكرىنى قاماشلىغان سۆزلىرىنى مۇنبەرگە سۆرەپ كىرىپ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە سوغۇق سۇ سەپمەي، ھاياجىنىنى بېسىۋېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھازىر 20، 30 كىنونى 2 يۈەنلىك گۇاڭپەنگە قاچىلاپ پۇل تېپىۋاتقانلارمۇ بارغۇ....

kadimitax 2011-06-30 11:06
سەللىنىڭ يوغىنىنى كەيگەن بىلەن كاللا قۇرۇق بولسا بولماس،  سەللىگە تۇشلۇق بىلىم بولسۇن دوسىتلار، سۆز قىلغاندا ئويلۇشۇپراق قىلايلى، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خاتالىقىنى كۆرسىتىش مەنچە خاتا ئەمەس، خۇددى ئىمتىھان ئالغاندا بىراۋنىڭ قەغىزىدىكى جاۋاپلارنى تولدۇرۇپ ئۈتۈپ كەتكەندەكلا بىر ئىش بۇ، دورىمىچىلىق بىلەن مېڭىۋەرسەك ئەسلىمىزنى تاپمىقىمىز تەس، بىز بۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتەيلىكى ھەرگىزمۇ ياخشى كۈرىنىۋالىمىز دەپ خاتانى توغرا كۆرسەتمەيلى،

lokqak 2011-07-01 02:38
مەن بۇ ئېلانىنىمۇ كۆرەلمىدىمغۇ ......   نىمىشقا ئەمدى  . .مىنىڭ كومپىيوتىرىم چاتاقمۇيا  .. . ..

kuwwat 2011-07-01 19:20
كىشلىرمىزدە يىتەرلىك ئقدىساد ھەم شۇنداقلا  مىللى مەدەنىيەت ،ئىگىلىك ئېڭى بولغاندىلا ئاندىن كۈچۈرمىكەچلىك چۇقۇم سەل پەسكويغا چۈشۈدۇ     

baykux1 2011-07-02 01:53
مەن نىمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم. ئىشقىلىپ ئىشلىسە ھەققانى، ئىسلامنى كۇيلەيدىغان كىنولارنى ئىشلىسە دەيمەن، ھەسەننىڭ چۇشى دىگەندەك، نىمە قىلىدۇ ئەتىدىن كەچكىچە ھاراقكەشلەرنىڭ، نەشىخورلارنىڭ ، يانچۇقچى، بۇلاڭچى دىگەندەكلەرنىڭ كېنوسىنى ئىشلەپ. ئاران قۇتۇلساق بۇ ئاق ئىبلىسىتىن، يەنە ياشلىرىمىزنى قايتىدىن قىزىقتۇرامدۇ نىمە بېسىلىپ قالغان ھىسياتلىرىنى غىدىقلاپ بۇ كېنو؟
ۋاي تاڭ. مەنغۇ كۆرمىدىم، كۆرمەيمەن. 55 كوينى بۇنىڭغا خەجلىگۇچە بالامغا ئېنگىلىزچە لوغەت، ياكى قۇرئاننىڭ تەپسىرىسىنى ئېلىپ بىرىپ ئەمەلىي نەرسە ئۇگۇتىمەن، نىمىشقا دىسەڭلار، ئاتا- بۇۋىلىرىمىزىدىن ھىچقايسىسى ناخشا ئېيتىپ شەھەر ئېلىپ باقماپتىكەن، چۇنكى، ئۇ ئىنسان روھىنى خۇنۇكلەشتۇرىدىكەن، ئادەمنىى چۇشكۇنلەشتۇرۋىتىدىكەن.

baykux1 2011-07-02 01:57
  يەنە بىر ئىش، مۇشۇ كېنو دىگەننىڭ جىقلىغىدىن قىزلىرىمىزمۇ بۇزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ غەرىپلىشىپ، ئاڭلىسام ھازىر دىباغا ئەكىرىمەن دىسە ئىچ كىيىممۇ كەيمەي چىقىدىغان قىزلار بار دەمدا، سېلىپ بولغۇچە ۋاقىت كەتمىسۇن دەپ؟ ئىست نەدىن كەلدى شۇ كېنو دىگەن نەرسە، تۇرمۇشنى رەڭگارەڭ قىلىمىش، قىزلارنى رەڭگارەڭ، ئوغۇللارنى ھەررەڭ-سەررەڭ قىلدى مانا. ئۆز بېشىڭلارغا كەلگەندە تۇيىسىلەرغۇ ئاخىر.

nurlan110 2011-07-02 20:57
ئىسىت مۇشۇنداق كاللىسى  قۇرۇق ئىنسانلارنى ....بەك  ئىچىم ئاغرىيدۇ مۇشۇن داق  بەزى بىر لەرگە  تېخى بالىسىمۇ بارئىكەن  ۋاي  ئىسىت ، كۆزنى يۇمىۋېلىپ گەپنى دەۋەرگەن  بىلەن  ئەمەلىلىكى بولسا ھىساپ  ،نوچى  بولسىڭىز   بايقۇش1 ئاكىجان ئاشۇنداق  گەپنى  ساقچى  خانىغا  كىرىپ  دەپ  بېقىڭە قانداق  قىلىدىكەن..... ھازىر  ئسلامى كىنونى كورگۈ چىلەرنىمۇ  چەكلەۋاتسا  شۇنداق كىنو  ئىشلەمىش ...سىز  نىڭ  ھازىر  بالىڭىز بار ئكەن بىڭسىڭىز  بولسا  شۇبالىڭىزنى تۈزۈكرەك  بىر ئادەم  قىلىپ تەربىلەپ  بېقىڭە كەچكىچە  باشقا  قىزلارنىڭ  غەيۋىتىنى قىلماي ،تېخى ئىسلام  قۇرئان كەرىمدىن  چۈشىدىكەن  ،ئۈزى  كۆرمىگەن ئىشنى بىلمەي  تۇرۇپ قالايمىقان  سۆزلەپ قۇسۇر  تېپىش   مەنچە قۇرئان كەرىمدە  يوققۇدەيمەن ھە......؟!!!

koso-woluk 2011-07-03 14:09
بەك ياخشى بوپتۇ جۇمۇ بۇفىلىمنىڭ ئىشلەنگىنى   مۇبارەك بولسۇن...
ئىشەكنىڭ قۇلقىغا دۇتتار چالسىمۇ ئۈزى بىلگەنچە ھاڭراۋىردۇ دەپ توغرا دەپتىكەن
نەدىكى پاينەك باشلارنىڭ ئىش ئۈگتۈپ قۇسۇر تېپىشلىرنى ۋاي قۇۋۇرغام  ھاھاھاھاھا
ئىشقىلىپ  مىنىڭ  دەيدىغنىم  قوللايمەن  ھەراس قوللىغانلارغا  پىلاستىنكا  سوۋغا قىلنامدۇ؟
چاق----چاق   جۇما

koso-woluk 2011-07-03 14:17
كەڭ تورداشلارنىڭ مىنىڭ تىمامدىن  قەتئى  قۇسۇر تاپماسلىقىنى  تېپىپ قالسا  ئۆزبەختىگە
ئولتۇرۇپ  قۇيدىغىننى  قاباھەتلىك  ھالدا ئاگاھلاندۇرمەن  ئاچچىغىم  سەل يامانراق
   مەن بىلەن ئامال بار تەڭ تۇرمىساڭلار  دەيمەن

koso-woluk 2011-07-03 14:23
ھايات تۇلمۇ قىممەتلىك ئۇ ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ ، كىشى ئۆزھاياتىنى شۇنداق
ئۆتكۈزشى كىرەككى يىللارنىڭ مەنسىز ئۈتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن پۇشايمان يىمەيدىغان
تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن يۈركى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن،
ئۈلۈش ئالدىدا.ئۇ  مەن پۈتكۈل ھاياتىمنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشقا بېغىشلىدىم دىيەلەيدىغان
بولسۇن،  

牙库甫 2011-07-04 12:39
مەن قانداقلا بولسۇن 50  كويلۇك تېن كۇرمەن  

baykux1 2011-07-05 02:21
نەقىل
بۇ 37قەۋەتتىكىnurlan110 يوللىغان 2011-07-02 20:57 غا قارتىلغان  :
ئىسىت مۇشۇنداق كاللىسى  قۇرۇق ئىنسانلارنى ....بەك  ئىچىم ئاغرىيدۇ مۇشۇن داق  بەزى بىر لەرگە  تېخى بالىسىمۇ بارئىكەن  ۋاي  ئىسىت ، كۆزنى يۇمىۋېلىپ گەپنى دەۋەرگەن  بىلەن  ئەمەلىلىكى بولسا ھىساپ  ،نوچى  بولسىڭىز   بايقۇش1 ئاكىجان ئاشۇنداق  گەپنى  ساقچى  خانىغا  كىرىپ  دەپ  بېقىڭە قانداق  قىلىدىكەن..... ھازىر  ئسلامى كىنونى كورگۈ چىلەرنىمۇ  چەكلەۋاتسا  شۇنداق كىنو  ئىشلەمىش ...سىز  نىڭ  ھازىر  بالىڭىز بار ئكەن بىڭسىڭىز  بولسا  شۇبالىڭىزنى تۈزۈكرەك  بىر ئادەم  قىلىپ تەربىلەپ  بېقىڭە كەچكىچە  باشقا  قىزلارنىڭ  غەيۋىتىنى قىلماي ،تېخى ئىسلام  قۇرئان كەرىمدىن  چۈشىدىكەن  ،ئۈزى  كۆرمىگەن ئىشنى بىلمەي  تۇرۇپ قالايمىقان  سۆزلەپ قۇسۇر  تېپىش   مەنچە قۇرئان كەرىمدە  يوققۇدەيمەن ھە......؟!!!

  كەچۇرۇڭ، گىپىم سەل ئېشىپ كەتكىننى مەنمۇ بىلىمەن، ئەمما، ھەقنى سۆزلەپ قويدۇم، ھەقىقەت ئاچچىق بولىدۇ،  مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى يوق دەپ سىز ئېيتالامسىز؟ ئاللاھ سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى(مەيلى قان قېرىنداش ۋە ياكى دىنى قېرىنداش بولسۇن) بۇنداق يامان يوللاردىن ساقلىسۇن. بۇنداق گەپلەرنى سىز ئاڭلىمىغان بىلەن مەن ئاڭلىغان. ياخشىسىنى ئىشلىيەلمىگەندىن كىيىن ناچىرىنى ئىشلىمىگۇلۇك، نىمە قىلىدۇ خەخنىڭ پۇلىنى، ۋاختىنى ئېلىپ. ئىسلامدا كېنو كۇرۇڭ دەپتىكەنمۇ سىزنى؟ ھە دىسە ئاق چەككەن، ياشلارنى بۇزۇقچىلىققا باشلايدىغان كىنولار شۇ. ئەمەس دەپ بېقىڭە قېنى؟ بەزىلەر تېخى كورتلار ۋادىسىغا سېلىشتۇرۇپ كىتىپتۇ، رۇس ماڭىدىغان ئادەم بىلەن ئەلەڭلەپ ماڭىدىغان ئادەمنىڭ قىلغان ھەركىتى ئوخشاش چىقاتتىمۇ؟

konajay 2011-07-05 17:08
مىنىڭچە بۇ پىلاستىنكىنىڭ باھاسىنى بەكلام يۇقۇرى قويىۋاپتۇ  .........

11282 2011-07-05 17:21
باھاسى ھەققىدە بىر نەرسە دىمەي، يەنە شۇ دىسەم يەنە شۇ، نەق مەيدان ئاۋازى ئالغانلىقىغا خوشال بولدۇم. دەرۋەقە دىئالوگلاردا سۈنئىيلىك ئېغىر.
چەتئەلىنىڭ كىنولىرىدا 7-8ياشلىق باللارمۇ(ياكى بۇلار پىشقان سەنئەتچىلەرمۇ ئەمدى گىرىم بىلەن شۇنداق قىلامدىكىن دەپمۇ قالىمەن) شۇنداق تەبئىي رولغا چىقىدۇ.
شوڭا مۇشۇ كىنوغا قاتناشقان ئارتىسلار سىنارىيەنى يادىلىۋالغان ھالىتىدە ئۈلۈك سۆزلەپ بەرمەستىن، چىراي ھەركىتى، گەپ سۆزى جەھەتلەردە تەبئى بولغان بولسا، ئۈزىنى <مەن تىلكامىرا ئالىدىدا، سىنارىيەدە مۇنداق دىگەن، گەپ ماۋۇ يەرگە كەلگەندە ئاسمانغا بىر قارايمەن، گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئېغىز ئۇھ تارتىمەن....> دىگەندەك قېلىپلاشقان ھەركەت ئۇرۇنلاشقا ئېسلۋالماي، ئۈزىنى شۇ ۋەقەلىكىدىكى بىر ئادەمدەك، ئۈزى ئۇرۇنلاۋاتقان ئىش ھەركەت ئەمىلى بولۋاتقاندەك  ھىس قىلسا دەيمەن.

بۇنداق دىسەم، دىيىش ئاسان قىلىش تەس دىيىشڭلار مۇمكىن، مەنمۇ ئىككى يىل بۇرۇن  ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيچە سەنئەت ئۆمەك بىلەن 2ئاي تۆۋەنگە چۈشۈپ <ئارتىس> بولغانمەن، بىر قانچە ئىتۇتنى ئەنە شۇنداق تۇيغۇ بىلەن ئۇرۇنلاپ دىھقانلىرىمىزىنىڭ ۋە پىشقەدەم سەنئەتچىلىرىمىزىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. (تاس قالغان ئۇلارنىڭ تەكلىپ  قىلىشى بىلەن كادىرلىقىنى تاشلاپ سەنئەتچى بولغىلى)

pusat37 2011-07-05 22:02
مەنمۇ  دىيارىمىزدا  بۇنۇڭدەك  كۆپ قىسىملىق كىنونڭ  ئىشلەنگەنلىكىنى كۈرۇپ بەك خوش بولدۇم  ،  لىكىن  2قەۋەتتىكى دوستىمىز barkatjan   دىگەندەك  مىنىڭمۇ بۇ كىنونى بەكمۇ كورگۇم باتتى  ، ئەمما  2  يۇئەنلىك ساختا  پىلاستىنكىنى ئېلىپ  دەيچىلەنىڭ ئاشۇ ناچار قىلمىشلىرىغا شىرىك بولغىچە  كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم  ،   بۇ كىنونىڭ  تىلىۋېزىيە ئستانسىلىرىدا  قۇيۇلۇشىنى  بەكمۇ  ئارزۇ قىلاتتىم    ، شىزاڭلىقلارمۇ ئۆزلىرى ئىشلىەگەن  كۆپ قىسىملىق كىنولىرىنى كۇرۇدىكەن   ئاران بىر  كوپ قىسىملىق كىنو ۋۇجۇتقا چىققاندا  بىزلەرمۇ  شۇنداق قىلالىغان بولساق  نىمىدىگەن  ئەھمىيەتلىك بۇلاتتى !!!!!

گۈل 2011-07-07 22:45
بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى بۇ تېمىدا فىلىمنى كۆرمەي تۇرۇپ قارىسىغا باھا بېرىپ قۇسۇر تېپىۋاتقانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىكەن. ئىت قاۋاۋېرىدۇ كارۋان كىتىۋېرىدۇ. قېنى كىم ھۆرىيەت شىركىتىگە بېرىپ بۇ فىلىمنى ئىشلىمەڭلار دىيەلەيدىكىن؟ ئۇلار ئىشلەۋېرىدۇ خالىغانلار كۆرۈۋېرىدۇ، خالىمىغانلار، كۆرەلمىگەنلەر بۇ يەردە قاۋاپلا قېلىۋېرىدۇ خالاس!

sazgu 2011-07-10 00:48
مەنچەبولساھۆريەت كىنوشىركىتنى قوللاشقابۇلدۇ

parixta555 2011-07-10 02:32
  ناچار ئادەتنىڭ ھەممىسى كىنودىن يۇقامىش؟ كىنونىڭ تەسىرى بار ئەمما شۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ قانچىلىك قۇبۇل قىلالاىشىدا. كىنو تىلۋۇزۇر چىقمىغاندىمۇ قاتىللار. مۇناپىقلار يەنە  نەشە چىكىدىغانلار قىماۋازلار ئەزەلدىن بار ئىكەندۇق.  مۇشۇنداق بىر تەرەپلىمە گەپنى ئاڭلىسام ئۆزلىرىنىڭ پىشانىسىنى سىلاپ باقسا دەيمەن.

بۇ قىلىم ناھايتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ. بىر ئايلىق مۇئاشقا كەلسىمۇ ھەممىنى بىر ئايدا ئالمالمايمىزغۇ.  بۇلۇپ بۇلۇپ ئالغاندىن كىيىن ئېغىرمۇ توختىماس. ئازراق غەيرەت قىلىپ ئويغۇرلىرىمىزنى قوللاپ قۇيايلى.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- <مىليون گۈل>نىڭ ئەڭ يېڭى قىسمى ئېلان قىلىندى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.041791 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us