رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulen 2011-06-20 12:12

"ئىللەتلىك ئۇيغۇر" ئەپسانىسى ئامېرىكىدا
-"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار"نىڭ داۋامى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
1.    ئامېرىكىدا كىم  "ئىللەت" لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟
ئۇيغۇردىكى "ئىللەتلەر" نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا  "تەڭرىتاغ" دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن "ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، 'بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن' دەپ سوراپ تۇرىدىكەن" دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى مەندىن سورىمىدى. ئاۋام ياپۇنلارلا ئەمەس، ئالى مەكتەپلەردە پروپېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياپۇنىيەلىكلەردىنمۇ  " مىللىتىمنىڭ مۇنداق نۇقسانى بار" دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ياپۇن پروپېسسورلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە "شەرقى ئاسىيانى تەرەققى قىلدۇرىمىز"  دەپ نىقاپلىنىپ تەيۋەن ۋە شىمالى جۇڭگۇ خەلقىگە قىلغان ئاسمىلاتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقلىرىنى  ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارچە ياپۇنلار جوڭگۇغا زامانىۋىيلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنمىش، ياپۇن تىلىدا مائارىپ يۈرگۈزۈپ خەنزۇلارنىڭ زامانىۋىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە تۈرۈتكە بولغانمىش، پەقەت ئەينى دەۋردە خەنزۇ خەلقى قالاق بولغاچقا بۇ ئىلتىپاتنى چۈشەنمەي، تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىك دەپ ئاتاۋالغانمىش.
"بىزدىكى نۇقسانلار"، "بىزدىكى ئەبگالىق" دېگەندەك تېمىلاردىكى ئەسەرلەر بازارلىق بولغان يىللاردا ئۇيغۇردىكى "ئىللەت" لەرنى تەنقىد قىلغان بىرەيلەن "ئامېرىكىلىقلار 'بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار' دېگەن كىتابنى ئەسايىدىل ئوقۇيدىكەن، ئەيپلىرىنى تۈزۈتىشكە دائىم تەييار تۇرىدىكەن،  ئاپتۇرىنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن" دەپ يازغان ئېدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كىتاپخانىلاردىن ئۇنداق بىر كىتاپنى تاپالمىدىم. "بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار" دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باققان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى ئۇچراتمىدىم. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسى ئىجابى ئېدى.  پەقەت بىر ئۇيغۇرشۇناس پروپېسسور ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىق ستۇدېنتلار ھەققىدىكى  پاراڭدا تاسادىپى "سىلەردىن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتقاندەك مۇئامىلە قىلىنىپ، ئىتىبار قىلىنىپ مەجروھ قىلىنىدۇ، بىزدىن جوڭگۇغا بارغانلار چوڭ كۆرۈلۈپ، چوقۇنۇلۇپ ھاكاۋۇر قىلىۋېتىلىدۇ" دېدى. يەنە بىر مۇئەللىم دەرس ئارىلىقىدا ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەبىئى چوڭ بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبكارىنىڭ مائارىپ تىجارەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھەممە نەرسىنىڭ تىجارەتكە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا سودىگەرلەر پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، ئىنساننىڭ پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىغا ئورتاق بولغان تەبىئى يېتىلىش جەريانىغا سۈنئىي ئارىلىشىۋالىدىكەن. بىر قېتىملىق دالا تامىقىدا بىر ئامېرىكىلىق دېھقان دوستۇم، " بىز ئامېرىكىلىقلار ماشىنىللاشتۇرۇمىز دەپ ئىنساننىڭ ئىجاتكار بىر جۈپ قولىنى ناكار قىلدۇق. ھەممە نەرسە زاۋۇتلاشتۇرۇلۇپ تەبئىي مەھسۇلاتلار ئازلاپ كەتتى. ھۆكۈمەت بىزنى قوغۇدايدۇ دەپ ئۆزىمىزنى قوغۇداش ھوقۇقىمزىنى ساقچىغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. بالىلىرىمزنى مەكتەپكە، ماشىنىمىزنى رىمنۇتچىغا تاشلاپ بېرىپ ئىجاتچانلىقىمىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. " دەپ سۆزلەپ كەتتى. باشقىلار بۇ گەپلەرگە ئانچە قىزىقمىدى. كېيىن ئۇقسام بۇ ئادەمنىڭ ئىكىنزارلىقى تۈگەشكەن بولغاچقا ئاشۇنداق گەپلەرنى قېيداپ تولا دەيدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۈنلىرىمدە شۇنچە دىققەت قىلىپمۇ،  سوراشتۇرۇپمۇ "بىزدە مۇنداق ئىللەتلەر بار" دەپ بوينىغا ئالغان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى كۆرمۈدۈم.
ئامېرىكىدا ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللەتتتىن بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىمۇ، مەمۇرمۇ، مۇئەللىممۇ ئىشقىلىپ جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تېپىلىدۇ. ھەيران قالغىنىم ھىچ بىر كىشى "مىللىتىمدە مۇنداق ئىللەت بار" دېگەن گەپنى دەپ باقمىدى. مەن بىر قىسىم مىللەتلەردىكى "ئىللەتلەر" ھەققىدە بەزىلەردىن ئاڭلىۋالغان ياكى ئوقۇغانلىرىمنى شۇ مىللەت كىشىلىرى ئالدىدا تىلغا ئالغىنىمدا، "بۇنداق ئىش بىزدەك تارىخى ۋە رىيال قىسمەتكە مۇپتىلا ھەرقانداق مىللەتتە بار، بۇنى بىر مىللەتكە خاس كەمچىللىك دېيىشكە بولمايدۇ" دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. بايقىشىمچە مۇستەبىت دۆلەت ئىران، سۈرىيە، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە سىياسىيغا زىيادە سەزگۈلۈك، ئاشقۇن مىللەتچىلىك، تەبىقىچىلىك قاتارلىق "ئىللەت" لەر كۆپ ئۇچرايدىكەن. رۇسسىيە ۋە بۇرۇنقى سوۋېىت ئىمپىرىيىسىگە مەنسۇپ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، قۇلچىلىق، مۇناپىقلىق، پارىخورلۇق، نەيرەڭۋازلىق، ئېرقچىلىق، چوڭ مىللەتچىلىك قاتارلىق كەيپىياتلار ئومۇمىيكەن. ئامېرىكىدا مەن ئۇچراتقان زىيالىلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇلارنى شۇ دۆلەتلەردىكى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ بىر خەلقنىڭ "ئىللەت" لىرى ھىساپلانمايدىكەن. غەيۋەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، مەنمەنچىلىك قاتارلىقلار پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق پىسخىك مەسىلىلەر بولۇپ كونكىرىت بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا "مىللىتىمىزدە ئۇنداق ئىللەت، بۇنداق نۇقسان بار" دېگەن سۆزلەنمىلەرنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىنلا  ئاڭلىدىم.
2.    ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ؟
مەن ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار ماڭا ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە دادلاپ بېرىشتى. كېيىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن " ئۇيغۇرلار راستىنلا شۇنداق ئىللەتلىكمىدۇ؟ سىز مىللىتىڭىزدىكى ئىللەتلەر سەۋەبلىك ئامېرىكىدا باشقىلار ئالدىدا قىسىلدىڭىزمۇ؟" دەپ سوراپ، پاراڭلىشىپ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن چىقىپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاق ياقىلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھىچ قايسىسى ئۇيغۇرنىڭ بىرەر" مىللىي ئىللىتى" سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىققا چۈشۈپ قالماپتۇ.  شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇردا ئىللەتنىڭ كۆپلىكىگە قايىل ئىكەن. ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەتلىك سانايدۇ؟
ئىللەت سانالغان پەزىلەت
بىر كۈنى تاسادىپى "2011-يىللىق ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسى" نىڭ  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرىگە كۆزۈم چۈشتى. سەۋەبى جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپاتى نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسىگە  توغرا كېلىپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نورۇزنى قۇتلاش سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇ خەۋەر چاپلانغان مۇنبەردە بىرەيلەن ھاپلا شاپىلا "زادى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئېڭىمىز يوق. ھىسسىياتىمىزىنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويىمىز. بىر كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى نەزىرگە ئۆزگەرتىپ قويسا بولامدۇ؟" دەپ سۇئال تاشلاپ قاقشاپ كېتىپتۇ.  بۇ خەۋەرگە ئىككى كىشى مەسىلىنى ئۇيغۇرلاردىكى "ئىللەت" كە تارتىپ مولاھىزە قىغاندىن باشقا ھىچ كىم نارازى بولماپتۇ. مەنچە بۇنىڭدا ئەقىل بىلەن ئويلىسا ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتى ئەمەس پەزىلىتى ئەكىس ئېتىدۇ. چۈنكى بايرام كېلىپ بولغىچە سەھنىگە چىقىپ ئۇسۇل ئويناش بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق نورۇز ئەنئەنىمىزدە نورۇز سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنمۇ ئەمەس. ھازىر بىزدىكى بايراملارنى سەنئەت كېچىلىكى بىلەن تەبرىكلەش بېيجىڭدا يىلدا بىر تەشكىللىنىدىغان "چاغاننى تەبىرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى"نىڭ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن شەكلى. ئامېرىكىدا مەيلى مىلاد بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى ياكى دۆلەت بايرىمى بولسۇن ھىچ قايسىسى بايرام تېلۋىزورلاردىكى سەنئەت كۆرىكى بىلەن تەبرىكلەنمەيدۇ. بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئالماشسا ئۇيغۇردىكى "ئىللەت" تىن قاقاشاپ كېتىشى مىللەتنى قارا قويۇق ئىنكار قىلىش خاھىشىنىڭ كىشىلىرىمزىنىڭ كاللىسىغا نەقەردەر چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە ئامېرىكدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام مۇسۇبەتكە توغرا كېلىپ قالغان ۋاقىتتا بايرام بولسىلا تاراڭشىتىپ داپ چېلىپ ئۇسۇل ئويناشنى قويۇپ قېرىندىشىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇشى، شېھىتلەرنى ياد ئېتىشى  پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى. ھېيىت بايرامدا تۇپراق بېشىنى يوقلاش، شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، قۇرئان خەتمە قىلىپ ھاياتنىڭ چېكى، قىممىتى، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى سىر ئەسرارلارغا قۇلاق سېلىش ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇبارەك ئەنئەنە. ئەمەئىيەتتە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئورنىغا نەزىرنىڭ ئالمىشىشى ئەسلى ئۇيغۇر كىملىكىگە يېقىنلاشقانلىقتۇر. بۇ مىسالدىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ "ئىللەت" دەپ قاقشاپ كېتىۋاتقىنى ئەسلى ئۇيغۇردىكى پەزىلەتتۇر. پەزىلەتنىڭ ئىللەت سانىلىشى زىيالىلىرىمىزنىڭ 1993- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەت كۆزەينىكىدە كۆزەتكەنلىكىدىن بولغان. نەتىجىدە كىشىلىرىمىز كۆڭلىدە ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك مىللەت دەپ مۇقۇملاشتۇرۇۋالغان.  
خۇدۇكسىرەشنىڭ سەۋەبلىرى
ۋاشىڭتوندا تۇرىدىغان بىرسىدىن مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ بىر دوستى ۋەتەندىن كەپتۇ. ساھىپخان يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇس دەپ خۇدۇك ئالىدىغان بولغاچقا دوستىنى ھىچكىم بىلەن ئۇچراشتۇرماپتۇ. ھەتتا دوستى كەلگەن كۈنلەردە ئۆيىگە مىھمانمۇ چاقىرماپتۇ. بىر مەھەللىدە بىللە تۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر قوشنىسى بار تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ تىنماپتۇ. مەن ئىچكىرىدە تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ئوغرىمىدۇ، ئاقچىمىدۇ...دەپ گۇمان قىلىشتاتتى. مەن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن "جاسۇسمىدۇ" دەپ گۇمان قىلىشىدىكەن. ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ نۇقسانى دەپ تونۇيدىكەن. ئامېرىكىدەك باشقىلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش قانۇنغا خىلاپ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇققا مەشغۇل دەپ گۇمان قىلغان ۋەتەنداشلىرىنى قانۇنغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلماي توختىماي گۇمان قىلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ جاسۇس ئاتىلىپ قېلىشىدىكى پاكىتلار ئاجايىپ ئاددى. بىرسىنىڭ جاسۇس ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇ كىشىنىڭ رەسىم تارتىشقا ئامراقلىقى، ئەمما تارتقان رەسىملەرنى ئىۋەرتىپ بەرمىگىنى ئىكەن، يەنە بىرسىنىڭ بولسا پات-پات ۋەتەنگە بېرىپ كېلىپ تۇرۇشى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ ئىللىتى دەپ تونۇشى يېڭىلىق ئەمەس، ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ئەمەس. مەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن "قەشقەردە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تارقىلىپ كېتىپتۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىر بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىكەن" دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۇنداق بىر بىرىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان قىلىقلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەئۇدىلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئىرانلىقلاردىمۇ خېلى يايغىنكەن. بىر كۈنى بىر جۈمەدە خاتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختالدى. جۈمەدىن كېيىن بىر پاكىستانلىق خۇتبە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ۋەھمىە يىگۈدەك ھىچ بىر گەپ بولۇنمىغان ئېدى. ئۇنداقتا بۇ پاكىستانلىق نېمىشقا قورقىدۇ؟ چۈنكى ئۇ پاكىستاندىن يېڭى كەلگەن، ئامېرىكىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە كۆنۈپ بولالمىغان ئېدى. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ئەلدە ياشىغان كىشىلەردە ھۆرلۈكتىن خۇدۇكسىرەش، قورقۇش كېسىلى ئومۇمىيۈزلۈك بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى ھەر قانداق ھادىسە ۋە كىشىدىن خۇدۇكسىرىشىدىكەن. يەنە بىر مىسال. 2010-يىلى ئەتىياز ئايلىرىدا مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشتىن كۆپ ۋايىم يىدۇق. ئاخىرىدا مەھەللىدىكى بىر قانچە كىشى ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى نارازىلىق نامايىش قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىشىپتۇ. نامايىش ۋاقتى يېقىنلاشقان كۈنلەردە بۇ ئىشىنى باشقا بىر شىتاتتا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ھەمشىرىمزىگە دەپ بەردىم. "نېمە، نامايىشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ نېمە كارىڭىز، خەق نامايىش قىلسا قىلمامدۇ؟ نېمە قىلىسىز ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ؟ بىر ئىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟" . بىر مۇنچە ۋەھىمىلىك ئەسكەرتىشلەردىن كېيىن نامايىشقا قاتناشماسلىققا قارار بەردىم. ھاياتىمدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ بېقىش ئىستىكىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى خەلقى ئەمەس، ئاللىقاچان ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم خۇدۇكسىرەش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق توسۇپ قويدى. نامايىشقا قاتنىشىپ كۆنمىگەن، نامايىش ئىمكانىيتى بولمىغان موھىتتا چوڭ بولغان كىشىلەر نامايىشتىن خۇدۇكسىرەيدۇ. بۇنداق خۇدۇكسىرەشتىن نامايىش مۇتلەق قانۇنلۇق دۆلەتكە كېلىپ ياشاۋېتىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ بىر دۇنياۋىي ھادىسە بولۇپ  ئۇنى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مىللىتىدىكى ئىللەت دەپ تونۇش ئىلمىيسىزلىكلا ئەمەس، ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئامېرىكىغا ئەمەس، نەگىلا بارسا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ. بۇ "ئىللەت" لەرنىڭ بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىدۇر، يەنە بەزىلىرى بەلگىلىك دەۋردىكى بەلگىلىك شارائىت كەلتۈۈرپ چىقارغان ئىجتىمائى كەيپىيات بولۇپ مىللىتىمىزدىكى "نۇقسان" بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ "ئىللەت" لىرىدىن كەمسىنىش ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى كۆرۈلمەيدىكەن. بەلكىم بۇ ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك ساناشنىڭ ئىجتىمائى سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ئۈندەيدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.  
3.    ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئىللەتلىكمۇ؟
مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت
مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مارگارىت ئىسىملىك بىر پروپېسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ئايال مۇسۇلمانلاردىكى تەسەۋۋۇپ (سوپىلىق) تەرىقىتىنى تەتقىق قىلىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار توپلۇشۇپ ياشايدىغان شەھەرلەرنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئانا تۇپراقلىرىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە ئارتۇچ قاتارلىق بوستانلىقلاردا بىر قانچە ھەپتە ساياھەتتە بولۇپتۇ. پروپېسسورنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولۇپتۇكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە  ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاكىزلىقى، كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىلىقلىقى، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى، قەشقەر ئۇيغۇرلىنىڭ ئىشچانلىقى سېلىشتۇرغۇسىز ئىكەن. مەن ۋەتەندە كۆنگەن خىيالىم بويىچە " ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىللەت بار ئىكەن؟ ئۇيغۇرلار قايسى ئىللەتلىرى سەۋەبلىك خاراپ بولۇشى مۇمكىن؟" دەپ سورۇدۇم.  سۇئالىمغا ئۇ تولىمۇ ھەيران قالدى. " ئىللەت دېگەن شەخستە بولىدۇ، مىللەتتە بولمايدۇ، مىللەتنىڭ خاراپ بولۇشىدىكى بىرىنجى ئامىل ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىش" دەپ جاۋاپ بەردى. مەكتىپىمىزدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيەدە بۇ ئايال غەرپتە ئىستانبولدىن يولغا چىقىپ پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ دىيارىمىزغىچە كەلگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش، پەقەت ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىلا تىرىكچىلىك بامدات بىلەن باشلىنىدىكەن. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە بامداتتىن كېيىن ئاشخانىلاردىن تاماق، دۇككانلاردىن لازىملىقلارنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇ لېكسىيەسىنى خۇلاسىلاپ"ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ سەھەرچى مىللەت. ئۇلار ھاياتنى ئەڭ قىزغىن سۆيىدۇ. شۇڭا دۇنيادا يورۇق تاڭنى ئەڭ تەقەززالىق بىلەن، ئەڭ بالدۇر كۈتىۋالغۇچى مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر" دېدى.
مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان مىللەت
2009 يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەلەر دۇنيانىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتمىغان ئاخبارات قالمىدى. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرى ھەققىدىكى دۇنياۋىي بەس مۇنازىرە ئەمەس، ئامېرىكىدىكى بىر تېلقانىلى تارقاتقان "مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان ئۇيغۇرلار" ناملىق خەۋەر بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئامېرىكىدىكى بىر شىتاتقا بەش ئۇيغۇر ماكانلاشقانىكەن. ئۇلار بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەتداندىن بىر قوتۇر مۈشۈكنى تېپىۋاپتۇ. ئىچى ئاغىرىپ ئۆيىدە بېقىپتۇ. قوتۇرىنى مايلاپ ساقايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ مۈشۈك بىر قورۇدا ياشايدىغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئالتىنجى دوستىغا ئايلىنىپتۇ. ئامېرىكىلىق مۇخبىر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئەڭ قىممەت قوي گۆشىگە ئامراقلىقىنى دەپ كېلىپ " بۇ ئۇيغۇرلار تاماق ئەتسە مۈشۈكنىڭ ھەققىنى قوشۇپ ئالتە كىشىلىك تاماق ئېتىدىكەن، گۆش پۇشۇرسا مۇشۇكنىڭ نىسىۋىسىنى قوشۇپ سالىدىكەن" دەپ تونۇشتۇردى. غەرپلىك مۇخبىرنىڭ ھەيران قالغىنى بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ مۈشۈكنى ھايۋانات دوختۇرخانىسىغا ئاپارمايلا ئۆزلىرى داۋالاپ ساقايتىۋەتكىنى بولۇپتۇ. مۇخبىر يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوي سويۇش، تاماق ئېتىش، تام قوپۇرۇش، يەر تېرىش قاتارلىق غەرپتە مەخسۇس مەكتەپتە ئۆگىتىلىدىغان ھۈنەرلەردىن خەۋەردارلىقىنى تەئەججۈپ ئىچىدە بايان قىلدى. خەۋەرنىڭ تۈگەنجىسىدە مۇخبىر كۆرۈرمەنلەرگە مۇنداق خىتاب قىلدى، " ئامېركىلىقلار قىلىشىنى خالىمايدىغان تۆۋەن كىرىملىك، جاپالىق ئىشنى قىلىپ ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئەمەس مۈشۈكنىڭمۇ ھەققىنى يەۋالمايدۇ، ئىنسانغا ئەمەس ھايۋانغىمۇ ئازار بەرمەيدۇ، كىشىلەرگە ئەمەس ھەرقانداق جانلىققا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزلەرچە ئۇلارنىڭ نىداسىغا دۇنيانىڭ ئۈنسىز قاراپ تۇرۇشى نېمە ئۈچۈن؟"
ئامېرىكىدا تۇرۇرش جەريانىدا مەيلى تەتقىقاتچى زىيالىلار بولسۇن ياكى ئاخباراتچى بولسۇن ھىچ كىمدىن "ئۇيغۇرنىڭ مۇنداق ئىللىتى باركەن" دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ئامېركىلىقلاردىنلا ئەمەس جۇڭگۇدىن كەلمىگەن ھىچ بىر مىللەتتىن ئۇيغۇرنىڭ نۇقسانلىرى ھەققىدە باھالارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت قارىمايدىن كەلگەن بىر قازاق ئايال مەندىن رەنجىپ يېقىن شىتاتتا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلاردىن ئالاقىنى ئۈزدى. بىزنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى "سىلەر ئۇيغۇرلار ناچار خەق بولغاچقا دۆلىتىڭلار يوق!"  دېگىنى بولدى. دېمەك "ئىللەتلىك ئۇيغۇر" ئەپسانىسى ئامېرىكىدا ياكى ئامېركىلىقلاردا ئەمەس، پەقەت جۇڭگۇدا ۋە جۇڭگۇدىن كەلگەنلەردىلا بازارلىق ئىكەن.
تۈگەنجە
يۇقارقى ھىكايەتلەردىن مەلۇمكى ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىك سانىلىشى تاشقى دۇنيادا ھەقىقەت ئەمەس ئەپسانىدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئىللەتلىك سانىشى ئىككى سەۋەبتىن، بىرى ئايرۇپىلانلىقلار بىلەن ھارۋىلىقلارنىڭ رىقابىتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇردىكى مىللىي كەمسىنىش يەنە بىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى سۆكۈپ يازغان ناباپ ئەسەرلىرى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە ئىللەتلىك سانايدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ تېنى يىراق قىرلاردا ياشاۋاتقان بىلەن ھىسسىياتى ۋە تەپەككۇرى يەنىلا چۆچەكچە ۋەيا تۇرپانچە بولىدۇ، يۇرتتىكى  كەچۈرمىشلەرنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرى چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ  قىلىقىدا ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر ھەققىدىكى تونۇشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 1993-يىللاردىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى گېزىت ژورناللارنى قاپلاپ، ناخشا بولۇپ سەھنىلەردە ئوقۇلۇپ، ئۈنلىنتىسى قىلىنىپ ئۆي-ئۆيلەرگىچە تارقىتىلغاچقا ئۇيغۇرنىڭ قەدىمى نەگە يەتسە "ئۇيغۇردا ئىللەت كۆپ" دېگەن ئەپسانە شۇ يەرلەردە ئېقىپ يۈرمەكتە.  ئەمەلىيەتتە، ئۇلار "ئىللەت" دەپ داتلاۋاتقان ھادىسىلەر ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىجتىمائى موھىتتا ياشايدىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولۇپ ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەخسۇس ماركىسى ئەمەس.

silver 2011-06-20 13:05
بۇ يازمىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى ۋوشىڭتۇن توغرىسىدىكى گەپلەردىن كېيىن.

گۈلەن ئەپەندىنىڭ چۆكۈشى ،ئىزدىنىشى ئادەمنىڭ قىزىقىشى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدۇ، كىچىك مىساللار بىلەن چوڭ ئىشلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بارلىقىنى كۆپ ھاللاردا ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. بۇنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرغىنىڭىزغا رەخمەت گۈلەن:-)

11282 2011-06-20 14:34
ئىللەت شەخىسىتە بولىدۇ، مىللەتتە ئەمەس.... مىللەتنىڭ يوقلىشدىكى ئامىل ئانا تىلىنىڭ يوقىتىلىشى......

ھەقىقەتەن ئويلانغۇدەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ، دەرۋەقە ھازىر ھەر قانداق بىر ئىشنى(شەخىسنىڭ ئىدىيسىى، ھەركىتىنىمۇ) مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىقىمىز، ئازراقلا پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق قانداقتۇر بىر خىل ئىدىيدىكى كشىلەر <غەيۋەت، پىتنە، خوشامەتچى..> دىگەندەك <ئىللەت>لىرىمىزىدىن ۋايىم يەپ، ئۆزلىكىدىن ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. نىمە دىگەن بىچارىلىك بۇ

toghrul 2011-06-20 14:59
قېنى بەزى چاغلاردا  « مۇنبەر»دىن ئوت چىقىرۋىتىدىغان، ھەر قېتىم ۋەتەنگە قايىتىپ كەلسە مىللىتىمىزدىن يېڭى يېڭى كېسەللكىنى بايقايدىغان  « جەمىيەتشۇناس ئالىم» لارنىڭ قانداق باشقىچە قاراشلىرى باركىن ،ئاڭلاپ باقايلى .

maxal20 2011-06-20 15:59
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگولۇققا ئوخشىمايدىغان جۇڭگولۇقلار دەپ نامى بار. ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، تىرىشچان، شۇنداقلا پاكىز ئىكەنلىكىنى ئوقۇتقۇچىلىرىم دەسلەپتىلا سۆزلەپ بەرگەنىدى.
ۋاي مىللىتىم، پاھ مىللىتىم دەپ كۆرگەن ھەربىر ئىشنى مىللەت تەقدىرىگە باغلايدىغان تېمىلارغا كۈلۈپلا قويىدىغان بولۇپ قالدىم بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە. مىللەت سۆزى بەك پاخاللىشىپ كەتمىسە بولاتتى.

قازاقىستانلىق بىر ساۋاقدىشىمنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشچانلىقىغا قول قويىدىغانلىقىنى، قازاقىستاندا ئەڭ ئىشچان، ئەڭ گۈللەنگەن رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ پەخىرلىنىپ سۆزلەپ كەتكەنتىم. دەسلەپ كىرگىنىمدە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرالماي قالغاندا، بىر تاجىك مۇئەللىم بۇ ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك شۇنداقلا ئىشچان مىللەتتىن. ئۇلار بەك تىرىشچان دەپ باشقىلارغا تونۇشتۇرغىنىدا شۇنچىلىك ئىپتىخالىق ھېس قىلغانتىم. ئەرەب بالىلار ھازىرغىچە سىلەر ئۇيغۇرلار مەكتەپتە ئاز بولساڭلارمۇ بەك ئۆم ئۆتىسىلەر دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ...

ئىشقىلىپ كۆرسەك، ئىللىتىمىزدىن زىننىتىمىز كۆپ خەق بىز...

nasin 2011-06-20 16:32
مىللەتتە ئەيىپ بولمايدۇ، ئەيىپ شەخستە بولىدۇ.
يۇقىرىقى پىكىرگە مۇتلەق قوشىلىمەن. بۇرۇن ئىچكىرىدىكى بىر  ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدىشىم بىلەن مۇنداق بىر دىيىشىپ قالغانتىم.
ئۇ ساۋاقدىشىم ھەر قانداق بىر ئىش بولسىلا "بىز دىگەن مۇنداق، بىز دىگەن ئانداق" دىگەن گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتى، بىر قېتىم "بىزنىڭ ئاساسىمىز ئاجىز،بىز دىگەن خەنزۇلاردەك ئوقۇيالمايمىز." دىگەندە ئاچچىقىم كىلىپ،" نىمە ئۇ بىز دىگەن،ئوقۇيالمايۋاتقان ئۆزۈڭ،ياخشى ئوقۇيالمىغىنى مەمەت ياكى سەمەت.مانا مەن ياخشى ئوقۇۋاتىمەن، ياخشى ئوقۇۋاتقان باشقا بالىلارمۇ نۇرغۇن، شۇڭا ياخشى ئوقۇيالماي قالساڭلا  "بىز " دەپ يۈرمە، "مەن" دىيىشنى ئۈگەن، مەكتەپتە ھىچكىم مىللەت بويىچە ئوقۇمايدۇ.بولمىسا كاللاڭ بىر رامكىدىن چىقالمايلا ئۆتۈپ كىتىسەن" دىگەندەك مەزمۇندىكى بىر گەپلەرنى قىلغان.

barkatjan 2011-06-20 17:00
مىنىىڭمۇ ئۆزبىك خوشنىلىرىم بار .قاچانلاقارىسا ئۆيىگە مال ئەكەل گەن ھارۋىكەشلەرنى.كۇنلۇك ئشلەمچىلەرنىڭ قىلغان ئىشنى ياراتماي.ۋاي بۇئۇيغۇر دىگەن ئاق ئۇيغۇر دىگەن كۆك. ئانداق مۇنداق دەپ قاخشاپلاكىتىدۇ.گەپ قىلايدىسەم تىخى گەپقىلماي دىسەم تىخى.ھەرقىتىم مۇشۇنداق دىگىننى ئاڭلىسام گەپ قىلىشتىن ئۆزۇمنى ئاران بىسىۋالىمەن....................

bolka 2011-06-20 17:02
گۈلەن ئەپەندىنىڭ نادىر  يازمىسىدىن يەنە بىرىنىڭ ''ئوچاقتىن چىققانلىقىنى'' تاس قاپتىمەن ئۇقماي قالغىلى، چۈنكى ئەلكۈيىدە يېقىندىن بىرى يېڭى يازمىلار بەك ئاز. شۇڭا ئىسسىقىدا ھۇزۇرلىنىۋالدىم، شۇڭا گۈلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەمدى گۈلەن ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىغا كەلسەك ئەلكۈيىدىلا ئەمەس نۇرغۇن مۇنبەرلەردە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىندى، بىراق مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىمۇ نۇرغۇن كىشى ياخشى كىشىلەرگە ھۇقۇم قىلغان. شۇڭا غەيرەتلىك بولۇڭ گۈلەن.ئەلۋەتتە گۈلەن ئەۋلىيا ئەمەس ، بىراق ئۇنىڭ پىكىر ئېقىمى ئاساسى جەھەتتىن توغرا. شۇڭا ئۇنى قوللاش كىرەك.
ئەختەم ئۆمەردىن باشلانغان تەنقىتچىلىك ئەرەپلەرنى،تۈركلەرنى ماختاپ ئۇيغۇرنى دارتمىلاپ ئەيىپلەيدىغان يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالامدىن باشلىنىپ تاكى ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق دىگەن ئەسەرگىچە داۋام قىلدى. بىراق ئۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلاردا چۈشكۈنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى تۇنۇيدىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كىلىدىغان ئوخشايدۇ. تەڭرى شۇنداق كىشىلەرنىڭ يولىنى ئوڭ قىلسۇن.

qarluq 2011-06-20 17:28
ھەربىر ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ مەسىلىسى نوقۇل ئاشۇ توپنىڭ ئىچىدە  ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ توپ پۇت دەسسەپ تۇرغان ئىجتىمائىي، سىياسى ۋە ئىقتىسادىي مۇھىتتىكى مەسىلىدۇر.
مىللەت مىقياسىدا ئىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك باش كۆتۈرۈشى_ تېگى-تېگىدىن ئېيىتقاندا، ئۆز-ئۆزىدىن كەمسىنىش تۇيغۇسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلاردا ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ باش كۆتۈرىشى ئاشۇ خىل ماھىيەتكە نىسپەتەن ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئۈنىم پەيدا قىلغان.
گۈلەن بۇرادەرنىڭ بۇ يازمىسى ئەقىللەرنى يەنىمۇ سەگەكلىككە ئۈندەيدىغان  ۋەزىنگە ئىگە ئىكەن...

noshirwan 2011-06-20 18:44
بۇ يازمىڭىزدا ئالغا سۈرۈلگەن پىكىرنىڭ ئاساسى بار.
بەزى ئاتالمىش «ئىللەت»لەر شۇ ئەل ياشاۋاتقان مۇھىت، تۈزۈلمىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇ مۇھىت، تۈزۈلمىلەر ياخشىلانسا، ئۇنداق «ئىللەت»لەرمۇ يوقاپ بارىدۇ. بەزى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىمەي، قارا-قويۇقلا مىللەتنىڭ ئىللىتى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش مەسئۇلىيەتسىزلىك.
نادىر يازمىلىرىڭىزغا ھەر ۋاقت تەقەززامىز.

abdullahasan 2011-06-20 18:51
بۈگۈن ياخشى ماقالىدىن يەنە  بىرنى كۆردۈم.    

uzaq 2011-06-20 19:56
ئىنىمىز ئابدۇۋەلىنىڭ ماقالىلىرى مېنىڭ قاراشلىرىم بىلەن ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدىكەن. مەن دەپ بولالماي يۈرگەن گەپلەرنى ئىنتايىن جايىدا ۋە قايىل قىلارلىق ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
ئابدۇۋەلى خەت ساندۇقىڭىزنى ماڭا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز، خەت يېزىشىپ تۇرايلى.

turditohti 2011-06-20 20:11
ماقالىدا ناھايتى ئۇرۇنلۇق ھەم ياخشى قاراشلار ئوترىغا قۇيۇلۇپتۇ،مىللەتنىڭ ئىللىتى ئەمىليەتتە شەخسىنىڭ ئىللىتىلىكى راست،بىراق شەخسى مىللەتنى تەشكىل قىلدىغان ئاساسى بىرلىك شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ نوقتىغىمۇ دىققەت قىلغان ئاساستا بەزى ئىللەتلەرنى تۈگۈتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدىمۇ ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مىللەتنى قارا قۇيۇق سۆكۈش ئەمەس قانداق تەربىلەشنى بىلىش بۇ مۇھىم مەسىلە،تەربىيە دىگەن  ياخشى -يامان سېلىشتۇرۇلۇپ،تەرەققى قىلىش يۇلىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر جەرياندۇر.بىز بىرنى تەكىتلەپ،يانا بىرگە سەل قارىساق چۇقۇمكى مىللەت كىشىلىرى ئىچىدە كاۋاك پەيدا بولىدۇ.
سالەمەت بۇلۇڭ گۈلەن ئەپەندى.

biqarabiz 2011-06-20 20:14
ياپۇن پروپېسسورلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە "شەرقى ئاسىيانى تەرەققى قىلدۇرىمىز"  دەپ نىقاپلىنىپ تەيۋەن ۋە شىمالى جۇڭگۇ خەلقىگە قىلغان ئاسمىلاتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقلىرىنى  ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارچە ياپۇنلار جوڭگۇغا زامانىۋىيلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنمىش، ياپۇن تىلىدا مائارىپ يۈرگۈزۈپ خەنزۇلارنىڭ زامانىۋىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە تۈرۈتكە بولغانمىش، پەقەت ئەينى دەۋردە خەنزۇ خەلقى قالاق بولغاچقا بۇ ئىلتىپاتنى چۈشەنمەي، تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىك دەپ ئاتاۋالغانمىش.
ماۋۇ  مۇقام ئەسلىدە كونا مۇقامكەندە

karabeg 2011-06-20 20:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . گۈلەن ئەپەندى.
ئالدى بىلەن ۋەتەنگە ساق سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئەلكۈيىنى كۈندە بىرنەچچە قېتىم يوقلايمەن. قارىسام يېڭى يازمىلىرىڭىز يوق. ئالدىراش بولۇپ كەتكەن چېغى دىدىم، يەنە قارىسام يەنە يوق، نىمە بولغاندۇ دەپ تۇرسام، بۈگۈن يەنە ياخشى بىر سوۋغا تەقدىم ئېتىپسىز. پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق.

borankuxi 2011-06-20 21:52
<<مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ تېنى يىراق قىرلاردا ياشاۋاتقان بىلەن ھىسسىياتى ۋە تەپەككۇرى يەنىلا چۆچەكچە ۋەيا تۇرپانچە بولىدۇ>>
..................
بۇ بىر جۈملىنى چۈشەنمىدىمغۇ؟

alkud1 2011-06-20 22:22
ئۆزىمىزگە قەتئىي ئىشەنگەن ھالدا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيلى،مېنىڭچە بۇ بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىزدا پەقەتلا قىيىپ كېتىشكە بولمايدىغان يول.ئەلۋەتتە ئارتۇقچىلىقلېرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدا،ئاجىزلىقلېرىمىزنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.

taxbalik 2011-06-20 23:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
گۈلەن ئەپەندىم ئالدى بىلەن سىزنىڭ ۋەتەنگە ساق سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن،.
ئۇزۇندىن بىرى ئەلكۈيدە قاچان يېڭى بىر ئەسىرڭىزنى كۆرەرمەن دەپ كۈندە بىرقىتىم چىكىپ بىقىپ بىرنەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك چىقىپ كىتەتىتم ، بۇگۈن  تىپىۋالغاندەك بولدۇم . سىزدەك زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىدا كۆپلەپ چىقىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلمەن . بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزىلق داڭلىقلاردىنىڭ دىگىننىڭ ھەمىسىنى مۇتلەقلەشتۈرۋىتىشكەن ، ئۇلارنىڭ دىگىننىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىزگە ماياك قىلۋىلىشتا ئىكەن ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى ئۈستىدە تەنقىدى ئويلۇنۇپ باقىدىغانلار ئاز ئىكەن ،قىسقىسى بۇرۇن مەنمۇ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاساسەن ياخشى دەپ ئوقۇيتتۇم ... لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس

oomph 2011-06-21 00:18
گۈلەن ئەپەندىنىڭ روھىدىن لۇشۈننىڭ روھىنى كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن ، بىراق لۇشۈن بەك رەھىمسىز تەنقىدچى ئىدى ، توغرا گۈلەن ئەپەندىنى لۇشۈندە رەھىمىسىز تەنقىدچىگە سېلىشتۇرماي ، كىمگە سېلىشتۇراي ؟
توغرا تاپتىم ، گۈلەن ئەپەندى ، بىر مېھرىبان ئانىغا ئوخشايدۇ ، ئۇ بەڭباش ئوغىلىنى ناھايىتى سۆيىدۇ . ئوتتۇرىدا مۆتىدىل تۇرۇپ يېقىملىق گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا سىلىققىنە نەسىھەت قىلىدۇ ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە سەزدۈرمەي كۆرسىتىدۇ.
گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىدىكى ئەڭ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئېقىم شۇكى ئۇنىڭدا  بېكىنمىچىلىك ، مەنمەنچىلىك ، بىر تەرەپلىمىلىك يوق . ئۆزىنى بەك كاتتا ئويلاش تۇيغۇسى يوق .
ئۇنىڭ ماقالە يېزىشى ، پىكىر قىلىشى سەلكىن سوقىۋاتقان يېقىملىق شامالغا ئوخشايدۇ ، كىشىگە ھوزرۇ بېغىشلايدۇ. يۈرەكلەرنى ئازادە قىلىدۇ .
گۈلەندەك پىكىر قىلىدىغان ، گۈلەندەك يازالايدىغان كىشىلەر بەك ئاز .

noshirwan 2011-06-21 00:42
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ تەپەككۇرى ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن،  نېمىلا دېگەن بىلەن جاھان كۆرگەن زىيالىي-دە.
كەمىنە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ باقمىغان. جاھاننى تور ۋە تېلېۋىزوردىلا كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ، شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ يۈرىۋاتىمىز.
كورىيە بىلەن چاۋشيەندە ياشايدىغانلارنىڭ مىللىتى بىر، لېكىن ئىللىتىچۇ؟ ئومۇمىي ساپاسى، ئەھۋالىدا قانچىلىك پەرق باردۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىچۇ؟ بىلمەيدىكەنمەن.

maxal20 2011-06-21 01:12
يازمىنىڭ ئاپتورى ئۈستىدە ئەمەس ئۇنىڭ ئوي پىكىر ۋە مەقسىدى، شۇنداقلا ئەھمىيىتى، ئۆزىمىزنىڭ قارىشى توغرىلىق ئىنكاسلارنىڭ كۆپرەك كۆرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاپتورنى ئۇچۇرۇش مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭ پىكىرلىرىگە يانداش پىكىر قىلسىڭىز ياكى ئاپتورنىڭ قاراشلىرىنى تەھلىل قىلىپ ھەزىم قىلسىڭىز يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا تورداشلاردىن يەنە بىر ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىگە تۇتۇش قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ماختاش ۋە قايتىلاشقا ئەمەس.
ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر...  

holmis 2011-06-21 08:30
     مەن ئەتراپىمغا شۇنداق كۈزىتىپ باقتىم  ئۆزى ئويغۇر تۇرۇپ ، بىر ئويغۇرلار زادى ئۇنداق خەق ،  بىز ئويغۇرلار زادى مۇنداق خەق دىگۈچىلەرننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىر بولسا  ساپاسى  تۆۋەن بىر بولسا ئىنتايىن  مەسئولىيەتسىز كىشىلەر ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم . مەن شۇنداقلارغا ئۇچراپ قالغاندا دائىم « ئويغۇرلارنىڭ ھەممىسى ناچار بولغاندىكىن ئۇنداقتا سەنمۇ ناچار ، ئۆزەڭ ناچار تۇرۇپ باشقىلارنى بىر نىمە دەيدىغانغا نىمە ھەققىڭ » دىگەن سۇئالنى قويىمەن.  

arman03 2011-06-21 10:34
گۈلەن ئەپەندى ھامان شۇنداق نادىر تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىدۇ. زىيالىلارنىڭ گۈلەن ئەپەندىگە ئوخشاش چۇڭقۇرۋە كەڭلىككە ئىگە، رىئالنى، بىزنى ئويغۇتالايدىغان تېمىلاردا ئىزدىنىشىنى چىن تەكلىپ قىلىمەن. چۈنكى زىيالىلاربىزنىڭ باشلامچىلىرىمىز-دە.

gulen 2011-06-21 11:09
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
باھالىرىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر. چالا قالغان ياكى مۇۋاپىق بولمىغان يەرلەر بولسا كۆپرەك دېسەڭلار. چۈنكى دائىم يېزىپ بولۇپ بوغۇزۇمدا قالغان گەپلىرىمنىڭ بەك كۆپلىكىنى ھىس قىلىپ قالىمەن. تورغا يېزىشتىكى مەقسىدىممۇ دوستلار بىلەن ئەسرار بولۇش، باراۋەر يوسۇندا سۆھبەت قۇرۇش ئىھتىياجىدىن. توردا يېزىشىم ئۆزۈمنىڭ ھەر بىرىڭلارغا چەكسىز يېقىنلىقىمنى ھىس قىلدۇرۇرش ئۈچۈن.

dastanpirets 2011-06-21 12:25
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي، تىمامۇ،ئىنكاسلارمۇدىللىرىمنى سۇيۇندۇرۋەتتى.         

hitaf402 2011-06-21 13:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    سىز ئىقتىسادتتا تىخنىكىدا كۇچەيگەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولسىڭىز  ئەلبەتتە سىزنىڭ ئوزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز كۇچىيىدۇ ،،، ۋە بىز نىمە ئۇچۇن ئارقىدا قالدۇق ؟ نىمە ئۇچۇن ئۇنداق بولدوق ، بۇنداق بولدۇق دىگەن سۇئاللار سىزنى قاپسىۋالمايدۇ ؟ سىز مىسال ئالغان ئامرىكىلىقلار ، ياپونلار دەل شۇنداق تىپتىكى مىللەتلەر ، شۇڭا ئۇلار قورقماستىن ئوزىنىڭ تاجاۋۇزىنى بۇ رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ ئاتىيالايدۇ ، تۇمەن مىڭلىغان كىشىنىڭ بېشىغا چىققان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى باش ۋەزىرلىرى تاۋاپ زىيارەت قىلالايدۇ ،، قىسقىسى بىزدىن غايەت زور بايلىق تارتىپ كىتىش بەدىلىگە كەلگەن كىچىككىنە ياردەملەرنىمۇ مۇبالىغىلەشتۇرۇپ بىزنى قۇتقازغۇچىغا ئايلاندۇرۋىتىشى بىلەن ياپونلارنىڭ تاجاۋوزچىلىق قىلىپ تۇرۇپ بۇ رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدى مەخسىتىمىز دىيىشىدە مەلۇم ئوخشىشى بار ،،،
بۇنى بىز بىلىدىغان ئاددى تەمسىل بىلەن چۇشەنسەك :گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سوزلىسۇن :
زامانە زورنىڭ تاماشا كورنىڭ ،،، دىگەن تەمسىللەرنىڭ چوڭايتىلىشى بولسا كىرەك ،،،
كۇچلۇك مىللەتلەر ئەنە شۇنداق يوللۇق بولسۇن يولسۇز بولسۇن مىنىڭ توغرا دەپ تۇرىدۇ ،چۇنكى ئۇلارنى ئوزى ھەققىدە جىددى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغۇدەك بېسىم ، يەنى مىللىتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق يىتەرلىك ئەمەس ، ئۇنىڭغا سىلىشتۇرما ھالدا ئاجىز مىللەتلەر بىز نىمە ئۇچۇن ئارقىدا قالدۇق دىگەندەك سۇئاللارغا كۇمۇلۇپ ياشايدۇ ،، بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ سۇپىتىدە بەزىلەر تەنقىد قىلىدۇ ، بەزىلىرى غەرىپكە ، بەزىلىرى دىنغا ،بەزىلىرى قىرىنداش مىللەتلەرگە ئومۇدىنى باغلايدۇ ،،،،،،، مىنىڭچە بۇ خىل تەنقىدكە بىز توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك ،،،]
سىز ئوتكەندە ئاشقۇنلۇق ھەققىدە بىر تىما يوللىۋىدىڭىز ،، مىنىڭچە مۇۋاپىق تەنقىدلەرگىمۇ قولاقنى يۇپۇرۋىلىشمۇ سىز يوللىغان شۇ ماقالىدىكى ئاشقۇنلۇققا مەنسۇب بولسا كىرەك ،،،

hitaf402 2011-06-21 13:20
بىرى ئايرۇپىلانلىقلار بىلەن ھارۋىلىقلارنىڭ رىقابىتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇردىكى مىللىي كەمسىنىش

مۇشۇ قۇرلاردىكى سوزلەر ماڭا بەك يارىدى ،،،  بۇ رىقابەتتە ئايرۇپىلاندىكىلەرگە بېسىم يوق ، بەلكى ھۇزۇر مەستخۇشلۇق بار ، شۇڭا ئۇلار كەيىپچىلىكتە ھەممە ئىشى توغرىدەك بىلىنىدۇ ،،
بار بېسىم ھارۋىلىقلارغا بولىدۇ ، ئۇلار ھارۋىدا قالغىنىنى ئەجدادىدىن ، ماكاندىن ، زاماندىن ، دىنىدىن ، ئىشقىلىپ ئوزىگە مەنسۇب ھەممە نەرسىدىن ئىزدەپ كورىدۇ ، چۇنكى شۇ شارائىت شۇنداق ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ ،،،  ياخشى بىر تىما بىلەن يۇز كۇرۇشكىنىمگە خۇرسەنمەن ، رەھمەت

adiyat 2011-06-21 14:31
بىرلىرى  بىرلىرىنى  سىسىتىپ  جان  باققان  بولسا

ئەمدى  نۆۋەت  سىلەنىڭكىدەك  تۇرىدۇ  ،  سىلەر  ئۇلارنى  سىسىتىڭلار ...

<< ئەلدىن ئەلگە نەپ>>  دىگەن   شۇمۇ يا؟؟؟

bolka 2011-06-21 14:50
سىز بالىڭىزنى داۋاملىق ساراڭ، قاپاق دەۋەرسىڭىز چوڭۇم ئۇنى بىر كۈنى شۇ ھەلەتتە كۆرەلەيسىز، ئەگەر بالىڭىزنى ئەقىللىق ، ئوماق دىسىڭىز ئۇ چاغدا ئۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ.
شۇڭا ئەختەم ئۆمەردەك ''ئۇيغۇرلار ئۇنداق مەينەت''، يالقۇن رۇزىدەك ''ئۇيغۇرلار مۇنداق ئىتىقاتسىز ''، ئابدۇلقۇددۇستەك ئۇيغۇرلار مۇنداق ئەبگا دىگىلى تۇرساق راستىنلا شۇنداق بولىدۇ.
شۇڭا قولىدا قەلەم بارلار قەلەمگە مەسئۇل بولۇپ بىرنىمە يېزىشى كىرەك ئىدى.

bughra68 2011-06-21 15:47
گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە شۇنى دىمەكچىمەنكى :
ئەختەم ئۆمەر يازغان يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام ناملىق كىتاپقا بولغان قارىشىمنى سۆزلەپ باقاي.ئەختەم ئۆمەر يازغان ئىللەتلىك كېشىلەر دىگەندە ئۆزى ياشاۋاتقان جەميەتنىڭ ،
ئىجتىمائى تۈزۈلمىنىڭ كاساپىتىگە كەتكەن كىشىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ .
تەپسىلىراق ئوقۇساق چەتئەللەردە يۈرگەن موسكىۋا ، ئىستانبول.... قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقەت قىلغان ئۇيغۇرلار ، سەئۇدىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاپتۇرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتساق
نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان ، شۇ دۆلەت پۇقرالىرى قىلالمايدىغان ئشلارنىمۇ قىلالايدىغان ئۇيغۇر باللىرى ئىدى ، بىراق ئۇلار بىزدە ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگەن بالىلار ئىدى .
مېنىڭچە تەنقىدى پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى ناچار تەسىر بېرىشى ناتايىن .
مەن بۇ يەردە گۈلەننىڭ يازمىسىغا قارشى كەيپىياتتا ئەمەس بەلكى ئۆز كۆز قارشىمنى سۆزلىمەكچى . مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان كىشىلىرىمىزگە
چەكسىز رەھمەتلەر بولسۇن .
ئاخىرىدا ئابدۇراخمان ئەبەي ئاكىمىزنىڭ موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار ناملىق ئەسىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇ ئەسەر بىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئوقۇشلۇق بولغۇسى .

hitaf402 2011-06-21 16:57
بۇغرا كوڭلىمدىكىنى ئىيتىپتۇ ،،  مەن دىمەكچى بىز گۇلەن ئاكىنىڭ تېمىسى ئارقىلىق ئۇمۇدلەندۇق ،، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ بىزگە كەم بولسا بولمايدۇ ،، گۇلەن ئاكىنىڭمۇ ئارزۇسى ئاكتىپ بىر كەيپىيات بولسا ، بىر كىشنى بولسىمۇ روھىي چۇشكۇنلىكتىن قۇتۇلۇشقا ياردىمى تەگسە دىگەن بولسا كېرەك ،، ئەمما ئوتكەن بىر تېمىدىن كىيىن ئەختەم ئومەر ھەققىدە بىر ھازا باھالار بوپ ئوتكەندەك ، بۇ ئەسەر بىلەنمۇ مىللىتىمىزنىڭ مەيلى تەنقىد قىلسۇن ماختىسۇن زىيالىلىرى ھەققىدە ھېلى ئۇنى ئۇنداقچى ، بۇنى بۇنداقچى دىيىش ئەسلى ئاپتورنىڭ ئارزۇسىدىن كوپ يىراق
،، بۇ كىشىنىڭ بىزگە تاشلىغان سوزلىرى بىزنى روھىي جەھەتتە ئاكتىپلىققا ، پىكىر جەھەتتە چوڭقۇر قاتلاملارغا ئىشتتىرىشى كىرەككى ، ھەرگىزمۇ بىراۋلارنى چۇكۇرۇش ، سوكۇشكە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك ،،،  بولسا بۇندىن كىيىنكى يازمىلاردا گۇلەن ئاكىنىڭ چوڭ ئىشلارنى ئويلىشىپ ئەنە شۇنداق باشقىلارنى باھالاشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى يازماسلىقىنى ، ئەگىپ ئوتۇپ ئىپادىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ،،،،،

艾力0908 2011-06-21 18:52
ئازمايدىغان كىشى يوق،ماقال تەمسىلنى ئازمايدىغان مىللەت يوق دىسەم قانداق بۇلار؟.
مىللەت ئازمايدۇ،بەلكى ئازغان،تانغان بارىلىق ئەزالىرنى توغرا يولغا سالىدۇ.
مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن بۇدۇنياغا شۇنداق پاك ھالدا كۆز ئاچمىز،قىلچىلكمۇ گۇناھىمىز يۇق .شۇنداق تۇرۇقلۇق شۇ نارسىدىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ بالسى دەپ تۈۋەن كۆرسە سىزگە بىزگە ياخشىمۇ؟
مايمۇننى مايمۇنغا چىقىپۇت دىسەك،بۇنى بەلكىم توغرا چۈشۈنمىز،مايمۇننى يولۋاسقا چىقىپتۇ دىسە بۇ قانداق گەپ ئۈزى،شۇ مايمۇننىڭ سەۋەنلىكى بارىلى مايمۇنلارغا ئاپەت بۇلشى مۈمكىن.
مىللىتى ئۈچۈن جان پىدا قللالايدىغان،مىللىتىنڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھارماي تالماي ئۈگنۈپ مىللەت ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز تۆھپە قۇشقۇچىلار مىللىتىمىزنىڭ تاجىسىدىكى بىباھا گۈھەردۇر.
مىلللىتىن تۋۋەن كۈردىغان،جاسارتىگە ئىشەنمەيدىغان،دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ قاپقان قۇيدىغان،ئاقنى قارا قىلىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ ۋەتەننىڭ مىللەتنىڭ ئەزگۈچىلەر،مىللىتىنى يار لىۋىگە ئىلىپ كەلگۈچلەر بولسا،تۇزنى يەپ تۇزلىقنى چاقدىغان خائىنلاردىن ،مىللەتنىڭ بىشغا كۈن چۈشسە قاراپ تۇردىغان ئەخمەقلەردىن،پۇل مال مەنسەپ ئۈچۈن مىللىتىنىڭ قىننى ئىچۋاتقان قىزىل كۆز ئالۋاستىدىن نىمە پەرقى ،ئۇلار ۋاقتىدا ھۇشنى تاپمىسا مىللتىمىز ئايغى ئاستىدىكى شۇمبۇيادۇر.

yolbaxqi119 2011-06-21 19:08
   «  يىراق قىرلاردىن ئانا يەرلەرگە سالام» دىگەن ئەسەرنى ۋەكىل قىلغان 1990-يىللاردىن كېيىن نەشىر قىلىنغان نۇرغۇن ياخشى تەنقىدىي ئەسەرلەر شۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلگەن ياخشى ئەسەرلەردۇر،بۇ ئەسەرلەر شۇ دەۋرلەردە ياشىغان،بولۇپمۇ 60-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش بىر ئەۋلاتنى تەربىيلەش-يېتەكلەشتە جاھاننى چۈشىنىشىدە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان  رول ئوينىغان،ئەمما يەنە بىر قىسىم بۇ مەزمۇندىكى بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ پۇل تېپىش ياكى نام چىقىرىش ئۈچۈن دورىمىچىلىق خاراكتېرىدىكى كېيىن يېزىلغان ئەسەرلىرى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.گۇلەن ئەپەندىنىڭ :«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا دىگەن ئەسىرىنى ھازىرقى دەۋر شارائىتىغا ماس كەلگەن  ياخشى ئەسەر دەپ قارايمەن.

kanaat 2011-06-21 20:17
تەنقىدلەشكە تېگىشلىكنى تەنقىدلىگۈلۈك ،ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى تۇنۇغاننىڭ زىيىنى يوق پەقەت چېكىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولدى ،ئەختەم ئۆمەرنىڭ ماقالىسنىڭ يامان تەرىپىدىن ئىجابىي تەرەپلىرى كۆپ بولدىغۇ، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە "قوڭامدا ئىشتان بولمىسىمۇ ئېتىم مارجانبۈۋى دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەپ كېتىۋەرسەكمۇ بولماس،"،بەزى كەمچىلىكلەرنى چىرايلىق پەردازلىغان بىلەن ،ھەرقانچە قىلساقمۇ پەردازلىغىلى بولمايدىغان كەمچىلىكلەرنى قانداق قىلىمىز.

oqmasjan 2011-06-21 20:28
رەھمەت !  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسەك مىللىي تۇيغۇمىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن.

naway 2011-06-22 11:38
ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىدە  :   ئىقتىسادى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى- ئالەمدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەردىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇردۇ.  ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ياخشى ھەل قىلىنمىسا ھەر قانداق مۇناسۋەتنى  بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. دەپ قارايدۇ.
    گەرچە بۇ ئىقتىساد شۇناسلارنىڭ پىرىنسىپى،    بىراق شۇنىڭدىن كۆرۇشكە بولدۇكى مەيلى مىللەتنى تىللاپ ئۆزنى لۇشۇن بولۇشىىقا زورلاپ جان باقىدىغان يازغۇچىلار بولسۇن، مەيلى گۇلەن ئەپەندىم بولسۇن ھەممىسنىڭ مەقسىدىنى ئىقتىسادى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن تەھلىك قىلىش تامامەن مۇمكۇن.
             يىلتىزىنى شەخسى مەنپەئەت مەسلىسدىن ئىزلەشكە بولدۇ.   سەخىس مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ سەۋەبى  توپنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقدىندۇر.
شەخىس مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن توپقا تايىندۇ.   توپ بولسا شەخىسكە تايىندۇ.     بۇ يەردە بىز دەۋاتقان توپ ئۇيغۇر توپى،
ئاجىزلىشىپ كەتكەن توپ، بۇ توپنىڭ ھەرخىل مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئىقتىدارى يوق.
شەخىسلەر توپنىڭ ئىچىدە ئۆزنىڭ ھەرخىل ئىھتىياجلىرنى قاندۇرۇشنى ئۇمۇد قىلدۇ.
ئامما ئاجىز توپ ئىچىدە  ئۇنىڭ ئۇمۇدلىرى  كۆپۇككە ئايلىنىپ قالدۇ.
   شۇنىڭ بىلەن شەخىسلەر توپنى كۈچلەندۇرۇش  توپنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم ئۇرۇنغا قويۇش ھىسياتى (ھەتتا ئۆز مەنپەئەتىدىن يۇقۇرى ئۇرۇنغا قويۇش) پەيدا بولىدۇ.
  بۇ خىل ھىسىيات توپتىكى كۆپ قىسىم كىشلەردە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
ئاخىردا توپ كۇچىيدۇ.  گۇلەن ئەپەندى بولسۇن، باشقا يازغۇچىلار بولسۇن ھەممىسى توپ ئۇچۇن خىزمەت قىلىشنى باشلىغانلاردۇر.
           كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ توپقا قىتىلشى، كۈچ چىقىرشى(مەيلى كۆز قارشىنىڭ قانداق بولشىدىن قەدئى نەزەر) ياخشى ئەھۋال.

bargiya 2011-06-22 12:18
ئۇيغۇرنى ھەقىقى سۆيۈشنى يازمىلىرىڭىزدىن بەك بەك ھېس قىلىمەن،ھەر بىر يازمىلىرىڭىزدا چوڭقۇر مەنالارغا يۇشۇرۇنغان سۆيگۈ ھېسلىرى نېرۋىلىرىمنى غىدىقلاپ ئۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان سۆيۈنۈشتە ئەللەيلىنىمەن .
مىللىتىنىڭ ئىززىتىنى قىلالمىغان بەزى ئادەملەر ئىللىتىنى سۆرەپ چىقىدۇ.ئەمىلىيەتتە ئۆزلىرى ئىللەت دەپ ھارغۇچە ئېغىزى تالغۇچە سۆزلىگەن"ئىللەت"لەرنىڭ باشقا مىللەتلەردە تېپىلغۇسىز "پەزىلەت"ئىكەنلىكىنى سېزەلمەي قالىدۇ.مىللەتتىكى "ئىللەت"ۋە "پەزىلەت"نى ئايرىيالمىغان كىشىلەردىن مىللەتكە سۆيگۈ كۈتۈشىمىز مۇمكىنمۇ؟؟
گۈلەن.. يازمىلىرىڭىزدىن ئىنتايىن پاكىز ۋە ئىزدىنىشچان بىر يۈرەكنىڭ سوقۇشلىرىنى تىڭشايمەن!!

adiyat 2011-06-22 13:34
ناۋاينىڭ پىكىرىنى   قوللايمەن!
ئۇ دىگەندەك ۋەزىيەتنىڭ  شەكىللىنىشىنى ئۈمۈد  قىلىمەن.

wolqan321 2011-06-22 20:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
گۇلەن ئاكا ماقاللىرىڭىزنىڭ ھەممىنى يىغىپ بىر ماقالە يازساق بولغىدەك، دىمەكچى بولغانلىرىنى مىغىزلىق قىلپ يەشسەك، ئۇنىڭغا يانداشساق، بەزى قىڭغىر كەتكەن جايلىرىنى تۈزۈتۈپ، يەنە بەزى ئىشىپ كەتكەن جايلىرىنى تەنقىدلەپ دىگەندەك. ئابدۇۋەلى ئاكا سىز يازمىڭىزنى يىزىۋىرىڭ، ئىنشا ئاللاھ مەن يازمىلىرىڭىزنى يىغىپ قامچىنى قۇلۇمغا ئالسام خاپا بولمايدىغانسىز؟

gulen 2011-06-22 23:03
نەقىل
بۇ 38قەۋەتتىكىwolqan321 يوللىغان 2011-06-22 20:06 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
گۇلەن ئاكا ماقاللىرىڭىزنىڭ ھەممىنى يىغىپ بىر ماقالە يازساق بولغىدەك، دىمەكچى بولغانلىرىنى مىغىزلىق قىلپ يەشسەك، ئۇنىڭغا يانداشساق، بەزى قىڭغىر كەتكەن جايلىرىنى تۈزۈتۈپ، يەنە بەزى ئىشىپ كەتكەن جايلىرىنى تەنقىدلەپ دىگەندەك. ئابدۇۋەلى ئاكا سىز يازمىڭىزنى يىزىۋىرىڭ، ئىنشا ئاللاھ مەن يازمىلىرىڭىزنى يىغىپ قامچىنى قۇلۇمغا ئالسام خاپا بولمايدىغانسىز؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بولىدۇ، بولۇپمۇ سىزدەك بالىلار يازسا ياخشى.

hebibulla912 2011-06-23 00:34
ماقالە ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن  ياخشى يېزىلىپتۇ  بىراق ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزگىنىمۇ بىلگەنلىك دانالىق بۇلۇشى مۇمكىن  بىزگە ھازىر ئەلۋەتتە مۇشۇنداق ئۇمىدۋارلىق كەيپىياتى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەرلەر ياقىدۇ بىراق ئۆزىمىزدىكى <ئىللەت>لەرنىمۇ كۆرۆشىمىز كېرەك
بىرىنى دەپ بىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ  ئللەت تەنقىدچىلىكىنىڭ بىزگە ئەپ كەلگىنى چۇشكۇنلۇكتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ كېسىپ ئېيتىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس ھەرھالدا بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىر قىسىم <ئىللەت>لىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تۇرتكە بولدى دەپ قارايمەن
گۇلەن ئەپەندى ئامىركىدا ياشاۋاتقان بولغاچقا بەزەن قاراشلىرىدا ئەمىلىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن  يەنە بىرى تورداشلارنىڭ شەخىس ھەققىدە ئەمەس ئەسەر ھەققىدە كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن  بەزىلەرنىڭ ئىكاسىنى كۆرۆپ شەخىسكە چۇقۇنۇشنىڭ  مۇنبەردە شەككىللىنىپ قېلىشىدىن  ساقلىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن

arginakun 2011-06-23 04:45
بۇ خىل تىمىدىكى مۇلاھىزە
ئەختەم ئۆمەرنىڭ " يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام"دىن باشلانغان
موسكىۋا خىياللىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ھىس قىلىشقا باشلىغان
شىنجاڭ ياشلىرى ،شىنجاڭ مەدەنيىتى دىكى چەتكە چىقىپ باققان ئۇيغۇرلارنىڭ
كۈندىلىك خاتىرلىرىدىن بىز ئۆزىمىزدىكى ئىسىلىق ۋە ناچار ئادەتلەرنى ئىزدەشكا باشلىدوق.
.......................................
80يىللاردا بىيجىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۆرۈمچىگە كەلگەن بىر خەنزۇ يولداش
ئۆرۈمچى كوچىلىرىدائىىگىز پاشنىلىق ئۆتۈكلەرنى كىيىپ،ئىسىل كاستوما كىيىپ پاتروشكىلاپ ماڭغان تىپىك غەرىپچە كىيىم كىچەك كاۋكاز تىپىدىكى كىشىلارنى كۆرۈپ جوڭگۇدىمۇ يەنە
بىر خىل مەدەنيەتتىن ھەيران قاپتىكەن...چۈنكى ئۇچاغلاردا  تىخى بىيجىڭلىقلار تۈگمىسىنى
پوكانغىچە ئىتىدىغان ،جۇڭيىچە چاپاندىن قۇتۇلالمىغنا ئىدى
........................................
خۇداغا شۈكىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ناچار ئىلەتلەرنى جازالايدىغان سىياسى سەھنە
بولمىغان  شارائىتتا ھازىرقى ھالىتىمىزدىن مىڭ شۈكرى قىلساق بولىدۇ ، ناچار ئۆرپە ئادەتنى تۈگىتەيلى دەيمىزيۇ! قولتوقىنىڭ تۈكىنى ئالمايدىغانلارغا، پۇتىنى يۇغان سۇدا يۈزىنى يۇيىدىغانلارغا ،  تاماق يەۋىتىپ ئوسسورۋىتىشنى مەدەنيەت دەپ بىر خىل ئۆرپە -ئادەت
دەپ قارايدىغانلارغا قارىغاندا بىر يەنىلا ئىسىل مىللەت ،ئىسىل خەلىق.

aypare 2011-06-24 00:25
[quote]بۇ 35قەۋەتتىكىnaway يوللىغان 2011-06-22 11:38 غا قارتىلغان  :
ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىدە  :   ئىقتىسادى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى- ئالەمدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەردىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇردۇ.  ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ياخشى ھەل قىلىنمىسا ھەر قانداق مۇناسۋەتنى  بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. دەپ قارايدۇ.
    گەرچە بۇ ئىقتىساد شۇناسلارنىڭ پىرىنسىپى،    بىراق شۇنىڭدىن كۆرۇشكە بولدۇكى مەيلى مىللەتنى تىللاپ ئۆزنى لۇشۇن بولۇشىىقا زورلاپ جان باقىدىغان يازغۇچىلار بولسۇن، مەيلى گۇلەن ئەپەندىم بولسۇن ھەممىسنىڭ مەقسىدىنى ئىقتىسادى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن تەھلىك قىلىش تامامەن مۇمكۇن.
             يىلتىزىنى شەخسى مەنپەئەت مەسلىسدىن ئىزلەشكە بولدۇ.   سەخىس مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ سەۋەبى  توپنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقدىندۇر.
شەخىس مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن توپقا تايىندۇ.   توپ بولسا شەخىسكە تايىندۇ.     بۇ يەردە بىز دەۋاتقان توپ ئۇيغۇر توپى،
ئاجىزلىشىپ كەتكەن توپ، بۇ توپنىڭ ھەرخىل مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئىقتىدارى يوق.
....... تەھلىلىڭىز ناھايىتى جايىدا بولۇپتۇ.شەخسنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا بۇلارنى ھەممە نەرسىدىن كۆرۈپ باقىدۇ.يەنە بىر نەرسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ: سىياسەت كىمنىڭ باي بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلەيدۇ.بۇ ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان.بىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسىدە تولا يادلاپ ھىرىپ كەتكەن ئىقتىسادى ئىچىۋىتىلگەن رايون،بىر قىسىم رايونلار ئاۋۋال بىيىش ...ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئويلىنىپ باقساق ،ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇلىدىغان رايونلار قاتارىغا كىرەلىگەن بولساق ،بىز بۇنداق ئىللەتلىك،بۇنداق ئىللەتلىك دەپ ۋايسىشىپ يۈرمەس ئىدۇق.

kokdingiz 2011-06-24 01:33
مەن شەخسەن ئۇيغۇرۇمنى ئۇنچە ئىللەتلىك دەپ قارىمايمەن،مەن تىخى بىزدىن ئاق كۆڭۈل،خۇشخۇي مىللەتنى كۆرمۈدۈم تىخى.مىللىتىمنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈدۋارمەن~~

تادۇ 2011-06-25 11:28
چۇۋىمىسا ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. بۇنى ئاددىي ۋەلىسىپىت رىمىنۇتچىسىمۇ بىلىدۇ.
ئەيىپلىمەسلىك ئىبارىسىنى ئىشلىتىشتىن بىرقەدەم ئىلگىرى ئىنقلاش ئىبارىسىنىڭ بارلىقىنى بەلكىم كۆپ ئادەم بىلمىسە كىرەك. ئەختەم ئۇمەرنىڭ يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام تىمىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى ناھايتى يۇقىرى.     ئۆزۋاختىدا بىز  خۇسۇسەن مەن سۇ ئىچكەن ئىدىشلارنىڭ بىرسى.  بىرسىمىز بارمىغىم نىجاسەت دەپ كەسسەك،  بىرسىمىز نىجاسەت بىلەن قىتىپ يىسەك   بۇنى بارماقلىرىمىزنى يۇيۇدىغان ئادەم چىقمىسا................ھەي
ياڭاقنىڭمۇ  كۆكى ئاچچىق مىغىزى تاتلىققۇ.

تادۇ 2011-06-25 11:34
قاچانمۇ ئۇگىنەرمىز سەۋەپنى ئۇزىمىزدىن ئىزدەشنى؟

misran5 2011-06-25 16:35
يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقاكەلگەن ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان سالامكەن!سالام يوللىغۇچىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! "ئەيپ سۆزلىگۇچىدە ئەمەس،ئاڭلىغۇچىدا" دەيدىغان ھىكمەت بار بىزدە! مەيلى مللەتنىڭ ئىللىتى توغرىسىدىكى،ۋە ياكى پەزىلەت-خىسلىتى توغرىسىدىكى يازما بولسۇن،مۇددىئا دۇرۇس،يەنىلا ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۇدىن مۇستەسنا ئەمەس!ئەلۋەتتە كىسەلگە ۋاقتىدا،توغرا دىئاگنۇز قويماي تۇرۇپ ياخشى داۋالىغىلى بولمايدۇ!ھەممە ئىنساننىڭ مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئوخشاش بۇلىشى ناتايىن، ھەم مۇمكىن ئەمەس! مۇھىمى مىللىتىگە  مۇھەببەتىنىڭ بۇلۇش-بۇلماسلىقى، بۇ خىل مۇھەببەت ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ! مللەتنىڭ ئىللىتى توغرىسىدىكى يازمىلارمۇ سۇيۇملۇك، چۇنكى ئۇنىڭدىن  مىللەتگە بولغان مۇھەببەت پۇراپ تۇرىدۇ!!

kumarajiwa 2011-06-27 03:58
گۅلەن ئەپەندى،سىز بىر يازمىڭىزدا «ئائىلە يۅكسەك ئاپتونومىيە »دگەن گەپنى ئابدۇقادىر جالالىددىن دېگەن ،دەپ يزىپ قويۇپسىز.ئەسلى بۇ گەپنى يالقۇن روزى دگەنغۇ دەيمەن.

engineer 2011-06-27 05:13
گۇلەن ئەپەندىمنىڭ يەنە بىر يارقىن يازمىسىنى كورگىنىمدىن خوشالمەن.

yulgun112 2011-06-27 10:05
نەقىل
بۇ 6قەۋەتتىكىbarkatjan يوللىغان 2011-06-20 17:00 غا قارتىلغان Re:"ئىللەتلىك ئۇيغۇر" ئەپسانىسى ئامېرىكىدا :
مىنىىڭمۇ ئۆزبىك خوشنىلىرىم بار .قاچانلاقارىسا ئۆيىگە مال ئەكەل گەن ھارۋىكەشلەرنى.كۇنلۇك ئشلەمچىلەرنىڭ قىلغان ئىشنى ياراتماي.ۋاي بۇئۇيغۇر دىگەن ئاق ئۇيغۇر دىگەن كۆك. ئانداق مۇنداق دەپ قاخشاپلاكىتىدۇ.گەپ قىلايدىسەم تىخى گەپقىلماي دىسەم تىخى.ھەرقىتىم مۇشۇنداق دىگىننى ئاڭلىسام گەپ قىلىشتىن ئۆزۇمنى ئاران بىسىۋالىمەن....................

مۇشۇ يازمىنى ئۇيالماي بۇ يەرگە چاپلىغىنىڭىزدىن سىز ئۈچۈن مەن نۇمۇس ھېس كىلىۋاتىمەن. ھەرقانداق بىر شارائىتتا،مەلۇم شەخس تۈپەيلى بىر مىللەتكە ھاقارات قىلغۇچىلارغا، ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمىغان ئادەمدىن  قانداقمۇ شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈمىد قىلغىلى بولسۇن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038691 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us