شىڭگىل فىليەتونلار بەختىيار مەممەتجان
ئۈچ قارىغۇ ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بىلەن ئۈچ كوچىدىن چىقىپ كېلۋاتقان ئۈچ قارىغۇنىڭ ھاسىسلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى .ئۇلار بىر-بىرىنىڭ قارىغۇ ئېكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ،ئۈچ كوچا تۇتىشىدىغان دوقمۇشتا ئولتۇردى ئۈچەيلەن ئۆز-ئارا تونۇشلۇق بېرىشىپ .بىر-بىرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى .ئۈچەيلەنلا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدى .بىرىنچى قارىغۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۈچ يىل ئىلگىرى قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ،بۇ يىللار مابەينىدا دىۋانىچىلىك قىلىپ 7 مىڭ يۈەن توپلىغانلىقىنى دېدى . ئىككىنىچى قارىغۇ ئۆزنىڭ 7 يىل ئىلگىرى قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ،بۇ 7 يىلدا دىۋانىچىلىك قىلىپ 30 مىڭ يۈەن توپىلغانلىقنى دېدى . ئۈچىنچى قارىغۇ ئۆزنىڭ تۇغما قارىغۇ ئىكەنلىكىنى ،دىۋانىچىلىك قىلغان ئوتتۇز يىلدا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل توپلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . بۇ چاغدا بىرنىچى ۋە ئىككىنىچى قارىغۇ ئۆزنىڭ نېمىشقا تۇغما قارىغۇ بولۇپ قالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى . بىرەيلەن بۇ ئۈچەيلەننىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا 100 يۈەن پۇل سەدىقە قىلدى .ئۇلار يۈز يۈەنلىك پۇلنى تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى .ئۇلار ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان بىر پۇڭ پۇلنى تالىشىپ سوقۇشۇپ كەتتى .ئۇلار ھاسىلىرى بىلەن بىر-بىرىنىڭ بېشىنى ياردى ،زوكۇنلۇشۇپ بىر-بىرىنىڭ كېيمنى يىرتتى .ئۇلار سوقۇشۇپ ھارغان چاغدا ،بىرنىچى قارىغۇ ۋە ئىككىنىچى قارىغۇ ئاخىرقى بىر يۈەندىن ۋاز كەچتى . ئۇلار سوقۇشقان بولغاچقا باشلىرى يېرىلىپ ،كېيملىرى يىرتىلىپ تېخمۇ ۋەيرانە ھالەتكە چۈشكەن ئېدى .بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار بىر-بىرىگە قېيداپ ئايرىم-ئايرىم باشلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇردى .بۇلارنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى كۆرگەن كىشلەر ئۇلارغا سەدىقە بەرمەي ئۆتمىدى .ئۇلارنىڭ شۇ بىر كۈندە تاپقان پۇلى ئۇلارنىڭ 15كۈندە تاپقان پۇلىدىن ئېشىپ كەتتى . ئۇلار كېلىشۋىلىپ ھەركۈنى دىۋانىچىلىك قىلىشتىن بۇرۇن بىر-بىرىنىڭ بېشىنى يارىدىغان بولدى .
ئەر-خوتۇن ئەر بىر زىيالى ئېدى .ئۇ ھەممە ئىشنى سەۋەب-نەتىجىگە باغلاپ چۈشەندۈرەتتى .يەنى قۇلاق- بۇرۇن كۆزەينەكىنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ،پۇت كىشلەرنىڭ ئىشتان كېيشى ئۈچۈن تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولغان دەيتتى .ئۇنىڭ ئايالنىڭ تۆھىپىسى ناھايىتى زور ئېدى .1-ئۇنىڭغا بىر بالا تۇغۇپ بەردى 2-ئۇنىڭغا ئىككىنىچى بالىنى تۇغۇپ بەردى 3-ئۇنىڭغا ئۈچىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى 4-ئۇنىڭغا تۆتىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى .5-ئۇنىڭغا بەشىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى .6-ئۇنىڭغا ئالتىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى 7-ئۇنىڭغا يەتتىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى .
كېسەل يوقلاش -گۈل بىلەن نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈۋاپسلەر نەگە ماڭدىڭلار ؟ -تۇغۇت يوقلىغىلى . -كىمنىڭ ؟ -بىزنىڭ باشلىقنىڭ بالىسىنىڭ ئىتى كۈچۈكلەپتىكەن ،شۇنىڭ تۇغۇتىغا .
شوجاڭ ئىشخانىسدا شوجاڭ:ئاخشام خوتۇنۇڭلىنى ئۇرۇپ قوۋۇرغىسىدىن 3 نى ،بىلىكىنى سۇندىرۋېتىپىسلە . ئوقۇتقۇچى : خوتۇن ئاخشام سىلى چاقىرغان يېزا باشلىقىنىڭ سورۇنىغا بارمايمەن دەپ يىغلىغلى قوپقان ،شۇنىڭ بىلەن سىلىدەك باشپاناھ ،ئالەمپاناھىم ئالدىدا بويۇنتاۋلىق قىلغىنى ئۈچۈن تازا سالدىم .بۇنىڭدىن كېيىن بارمايمەن دەپ باقسۇن ،ئۇنداق خوتۇننى ئۆلتۈرۋتىمەن .
ئىت بېقىۋىلىش ئامىرىكىدىكى بىر ئۇنىۋىرستىتدا بىر سەرگەردان ئىت پەيدا بولۇپ قالدى،ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالايلا دىگەن ئېدى .قۇرلۇش لايىھلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرھال ياتاق بېنانىڭ قېىشىغا كىچىك بىر ئىت ئۆيى ياساپ بەردى .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىتقا كېيىم كېچەك لايىھلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋىرستىت بەلگىسى بار مايكىدىن بىرنى لايىھلەپ تىكىپ بەردى .مال دوختۇرلۇق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ۋاكىسنا ئۇرۇپ قويدى .ھەركۈنى بىكار بولۇپ قالغان بالىلار ئۇ ئىتقا يېمەكلىك بېرىپ ئايلاندۇرۇپ كىرەتتى .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇ ئۇنىۋىرستتا ياشىدى .ئىت ئۆلگەندە ئوقۇغۇچىلار كىچىك بىر قەبرە ياساپ ئۇنى دەپنە قىلدى . جوڭگودىكى بىر ئۇنىۋىرسىتىتا بىر سەرگەردان ئىت پەيدا بولۇپ قالدى .ئۇ ئىتنىڭ بۇ يەردىكى تەقدىرى ، 1. ئىت ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى . 2. ئىتقا بىرنەچچە ئاقكۆڭۈل بالىلار يېمەكلىك بېرىپ قويغان بولدى . 3. بىر قانچە بالا ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار ياتاق بېناسىنىڭ قېشىدا بىر كىچىك ئۆي ياساپ بەرمەكچى بولدى .ياتاق بېناسىنىڭ مەسئۇلى ئارقا سەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىدىكى رەھبەرنى ئىزدەشنى ئېيتتى .ئارقا سەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى رەھبەر ئوقۇغۇچىلار خىزمەت باشقارمىسدىكى رەھبەرنى ئىزدەشنى ئېيتتى .ئوقۇغۇچىلار خىزمەت باشقارمىسىدىكى رەھبەر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم شۇجىسىنى ئىزدەشنى ئېيتتى .مۇئاۋىن پارتكوم شۇجىسى باش شۇجىنى ئىزدەشنى ئېيتتى .باش شۇجى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەشنى ئېيتتى ،مەكتەپ مۇدىرى رايونلۇق مائارىپ كومتىدىكى رەھبەرنى ئىزدەشنى ئېيتتى .رايونلۇق مائارىپ مەھكىمىسىدىكى رەھبەر مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىنى ئېيتتى .ئۇ تەستىقىنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئىت ئاللىقاچان ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغان ئېدى .
قىز بېرىش بۇرۇن -ئاتا ئانىسى ياخشى ئادەملەرمىكەن ؟ ھازىر -خىزمىتى ۋە ئۆيى بارمىكەن ؟ كەلگۈسىدە -...................... |