رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەق مەيدان زىيارىتى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەق مەيدان زىيارىتى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

umidwar 2011-06-08 09:45

2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى دەقىقىلىرى <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>نەق مەيدان زىيارىتى
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن 2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مەملىكەت بويىچە  بىر تۇتاش ئوقۇغۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق پەرزەنتلىرىمىزگە ئامەت تىلەيمىز ھەمدە ئالدىمىزدىكى ئىمتىھانلاردا تېخىمۇ يۇقىرى نومۇرلارغا ئېرىشىشىگە،كۆڭۈلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!
 
2011-ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى بۈگۈن (يەنى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى)باشلاندى.
ئېگىلىشىمىزچە، پۈتۈن شىنجاڭدىن 147700 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشقان بولۇپ ،شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش ۋە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>پروگرامما ئىشلەش بۆلۈمىنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تورداشلارنىڭ تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈش،ئۇلارغا تېخىمۇ زور ئىشەنچ ۋە ئىلھام بېغىشلاش مەقسىتىدە، بۇ قېتىمقى ئىمتىھان مەزگىلىدە شىنجاڭ بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەڭ جىق بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بىر قىسىم ئىمتىھان مەيدانلىرىغا بېرىپ ئىمتىھان باشلىنىشتىن بورۇن ۋە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كىينكى دەقىقىلەردە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن بىرگە بولدى ۋە بۇ جەرياندا ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار،ئاتا-ئانىلار ۋە بىر قىسىم رەھبەرلەرنى زىيارەت قىلىپ 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى <<ئەلكۈيى ئېكرانى>> نەق مەيدان زىيارىتى ئىشلەپ دەل ۋاقتىدا ھەممىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.سۆيۈملۈك پەرزەتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۈلىدىغان ھەر بىر ئوتلۇق يۈرەكنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەت فىلىمى ۋە زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز.شۇنداقلا بارلىق ئىمتىھاھان بەرگۈچىلەرگە ئامەت تىلەيمىز!  
 
 


 
زىيارەت جەريانىدا بىز شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ،16-ئوتتۇرا مەكتەپ،20-ئوتتۇرا مەكتەپ،101-ئوتتۇرا مەكتەپ..قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىمتىھان نوقتىلرىىغا بېرىپ نەق مەيدان زىيارىتى ئويۇشتۇردۇق،ئىمتىھانغا كېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بىرىپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەلكۈيى تورىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈش،ئىمتىھانغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئاتا - ئانىلار بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىيات ھەمدە ئىمتىھان ۋە بالىسىغا بولغان پۇزىستىيە ھەققىدە كەڭ - كۇشادە سۆھبەت ئويۇشتۇردۇق.
 

 


بۇ جەريانلاردا ئىمتىھان ئېلىش ۋە باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىدارە - ئورگانلار،رەھبەرلەر بىلەن 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ھەققىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ كەڭ تورداشلارنىڭ  بۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق.
 









 




 


 
 
 
ئەلكۈيى تورىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمىدىن ئېگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 147700 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 13700 نەپەر ئازايغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جەمئىي 24228 نەپەر بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 852 نەپەر ئازايغان، ئەمما ئۈرۈمچى شەھىرى يەنىلا شىنجاڭ رايونىدىكى ئىمتىھان قاتناشقۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىمتىھانغا تېزىملاتقان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 6 دىن 1 ىنى ئىگەللىگەن.
 
ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 20002 نەپەر ، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان مىللىيلار 973 نەپەر، مىللىي تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 3253 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 1748 نەپەر، قازاق تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 309 نەپەر، «قوش تىل» تەجىرىبە سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى 1196 نەپەر ئېكەن.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا جەمئىي 56 ئىمتىھان رايونى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ،مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە جەمئىي 35 ئىمتىھان نۇقتىسى، 992 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان،ئۈرۈمچى شەھىرى يەنىلا ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئىمتىھان نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان،بىز 101-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا  بۇيەردە جەمئىي 62 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۇق.
 
زىيارەت جەريانىدا بايقىشىمىزچە، بۈگۈن (7-ئىيۇن) ۋە ئەتىدىكى ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان كېنىشكىسى ئارقىلىق مەخسۇس بەلگە چاپلانغان كىرا ماشىنىلىرىغا ھەقسىز ئولتۇرسا، قاتناشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوقۇغۇچىلار يەنە تېلىفۇن ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ قويسا بولىدىكەن. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ باش بولۇپ ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، جەمئىي 1200 كىرا ماشىنىسى قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلغان.
 
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ۋە جامائات خەۋپسىزلىك ئەترىتىگە بېرىپ ئەھۋال ئېگىلىشىچىمىزچە، شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى تۆت تۈرلۈك مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ،ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەزگىلىدىكى قاتنىشىنىڭ راۋان بولىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
 
بىرىنچىدىن، بۇ يىل مەركىزى شەھەردە جەمئىي 35 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يول بويىغا يېقىن ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا قارىتا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئىمتىھاندىن ئىلگىرى مەكتەپ ئالدىدا ۋاقىتلىق قاتناشنى چەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرتىپلىك ئىمىتىھان مەيدانىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
 
ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىلار ئىمتىھان نۇقتىسى ياكى يېقىن ئەتىراپتا تېز توختاپ، تېز ئايرىلىدۇ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتىراپىدىكى 200 مېتىر دائىرىدە ۋە ۋاقىتلىق ماشىنا توختاش ئورنى سىزىلمىغان جايلاردا ماشنىلارنىڭ توختىشى چەكلىنىدۇ. ئىمتىھان مەيدانى ئەتىراپىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ يولنى ئىگەللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا كېلىشىگە تەسىر قىلغان ماشىنىلار بىردەك قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
 
ئۈچىنچىدىن، ئەگەر قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا كېلىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئەھۋاللارغا ئۇچراپ ئىمتىھاندا كېچىكسە، قاتناش لىنىيىسىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ساقچىلار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىكەن.
 
تۆتىنچىدىن، ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا، مەركىزى شەھەرنىڭ ساقچى تارماقلىرى قاتناش ساقچىسى، ئالاھىدە ساقچى ۋە ياردەمچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىراپتىكى قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان مەيدانى ئەتىراپىدىكى سىگنال چېلىپ شاۋقۇن پەيدا قىلغان ماشىنىلارمۇ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلىدىكەن.
 ئەلكۈيى تورىمىز كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا، ئەڭ ياخشىسى ئىمتىھانغا بېرىپ-كېلىشى يولىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن يولغا چىقىشىنى، قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن كېچىكىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى، شەخسىي ماشىنىلاردا ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ قويماقچى بولغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاسان قىستاڭچىلىق بولىدىغان يول بۆلەكلىرىدىن ماڭماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
 ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ساقچى تەرەپ شارائىت يار بەرگەن شەرت ئاستىدا، ئىمتىھان مەيدانىغا ماڭغان ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلار، كىرا ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىن مېڭىۋىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.








 




ئىمتىھان مەيدانلىرىغا بېرىپ زىيارەت جەريانىدا ھىس قىلىشىمىزچە،بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولغان،ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلارغا ئىمتىھاننىڭ بېسىم بوپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بالىلىرىغا مەدەت بىرىپ ئىمتىھاننى ياخشى بىرىشىگە ئوبدان مۇھىت ھازىرلاشقا تىرىشقان،ئوقۇغۇچىلارمۇ روھلۇق ھالدا ئىمتىھانغا كىرىپ روھلۇق چىققان،قىيىنچىلىق،سىناق ئالدىدا دادىل قەدەم تاشلاپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى يولىنى يەنىمۇ پارلاق ئېچىشقا تىرىشقان.بو خىل مۇھىت ھەم روھ ئادەمنى تولىمۇ خوش قىلىدۇ،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز  شىركىتىمىز ۋە ئەلكۈيى تورى شۇنداقلا ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن بۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتناشقان بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئالىي مەكتەپ قوينىغا باشلايدىغان بۇ قېتىملىق <<داۋان>>دىن غەلبىلىك ھالدا ئۆتۈپ كىتىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز ھەمدە ئۇلارغا تېنىمسىز ھالدا مەدەت تىلەيمىز،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق داۋاملىق تەمىنلەپ تورداشلارغا ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىمىز توغرىسىدا ۋەدە بىرىمىز شۇنداقلا  تورىمىز نامىدىن كەڭ ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش،مەكتەپ تاللاش ۋە ئوزۇقلىنىش،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا بولغان كۆز قاراش  قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەركىن ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ،ئۆزىنىڭ سەمىمىي مەسلىھەت،تېلەك ،تەلەپ-پىكىرلىرىنى كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلارغا كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز
غەلبە تېرىشقانلارغا مەنسۇپ!
 
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
<<ئەلكۈيى ئېكرانى>>پروگرامما ئىشلەش بۆلۈمى
ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى كوللىگىيەسى
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى

natiwan0909 2011-06-08 10:22
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم .  ئىمتىھان بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن غەلبە،ئامەت تىلەيمەن .....        

asma 2011-06-08 10:30
ئەل كۈيىنىڭ ئەل ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئەل ئۈچۈن باسقان يەنە بىر ئەھمىيەتلىك قەدىمىگە قۇتلۇق بولسۇن! ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاتلاش ئالدىدا تۇرغان بارلىق ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا مەدەت تىلەيمىز.
يېرىم كېچىگىچە توختىمايدىغان يۇقۇرى شاۋقۇنلۇق ئاۋارز ياڭراتقۇلارنى 3 كۈن سەۋرى قىلىپ ئېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېنچ مۇھىتتا تەكرار قىلىشى ۋە تېنچ ئارام ئېلىشىغا ئازراق بولسىمۇ ماسلىشايلى.

sozman 2011-06-08 12:47
ھەي شۇ يىللاردا بىزمۇ شۇنداق داۋانلاردىن ئاشقان ئىدۇق ،شۇ ۋاقىتتا خۇددى ئىمتىھاندىن ئۆتسەم يىڭى بىر ھايات باشلىنىدىغاندەك تۇيغۇلاردا بولاتتم .ئادەم دىگەن ھاياتتا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ سىناقلارنى بىشىدىن كەچۈرىدىكەن  .
ئىمتىھان بىرۋاتقان ئۇكا -سىڭىللىرىمغا  بىردىغان تەكلىۋىم :ھەربىر ئىمتىھان سۇئالىغا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ،قەتئى جاۋاب بىرەلمىگەندە ھىچ بولمىسا شۇ سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك فورمىلار ۋە مەزمۇنلارنى بولسىمۇ يىزىپ ،ئاق قويۇپ چىقىشىتىن ساقلىنىش ،ئارتۇقچە جىددىيلىشىپ بىلدىغان نەرسىلەرنىمۇ يازالماي قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك .
ئىمتىھان تۇگىگەندىن كىيىن جاۋابىڭىزنى بىر نۇسخا كۆچۈرىلىۋلىش ئىمكانىيىتى بولسا يىزىۋالسىڭىز ،ئىمتىھاندىن كىيىن مەكتەپتىن  ئۆلچەملىك جاۋاپ تارقىتىدۇ ،شۇ جاۋابقا سىلىشتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ قانچە نومۇر ئالالايدىغانلىقىڭىزنى مۆلچەرلىۋالسىڭىز . ئارزۇ تولدۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ .
ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنى مۆلچەرلەش  بەكلا موھىم ،نۇمۇرىڭىز مەكتەپ نومۇر چىكى ۋە تۇركۈم نومۇر چىكى سەۋەبلىك نومۇر ئارتۇق بولۇپ ئارزۇ تۆۋەن بولۇش  ياكى ئارزۇ قىلغان مەكتىۋىڭىز سانى توشۇپ كىتىش،سىز تاللىغان مەكتەپ سىزنىڭ 2- ئارزۇيىڭىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلىك چاقىرىق كەلمەسلىكى ياكى تەڭشەشكە قوشۇلغان مەكتەپلەردىن چاقىرىق كىلىشى مۇمكىن ،شۇڭا ئارزۇ تاللاشتا بۇ يىللىق ئالاقىدار يىڭى سىياسەت ،ئالىي مەكتەپ تونۇشتۇرلىشى ۋە  ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۇزۇملىرىنى ياخشى ئىگلىشىڭىز كىرەك ئەلۋەتتە .بۇنداق ماتىرياللار مەكتەپ مەمۇرىيىتى ياكى ئۇرۇمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىغا (يىزا ئىگلىك ئۇنۋىرسىتىتى ينىنىدا)جايلاشقان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى سىرىتقا ئىچىۋىتلگەن قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بارسىڭىز  ،ياكى بولمىسا http://www.xjzs.edu.cn ئارقىلق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىسىڭىز بولىدۇ.ئىمتىھان نەتىجىسىنى ۋە قۇبول قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا مۇشۇ توردا ئېلان قىلنىدۇ .ئاخىردا سىلەرنىڭ بۈگۈنكى بەيگىدىن ئۇقۇشلۇق چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمەن .
مۇبادا ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالمىسىڭىز بەكلا چۈشكىنلىشىپ كەتمەڭ ھەمدە باشقا ساۋاقداشلىرىم نىمە دەپ قالار دەپ روھى بىسىم قىلۋالماڭ .بۇ تېخى سىز ئۇچۇن بۇ ھاياتتا دۇچ كەلگەن تۇنجى چوڭ سىناق ،يەنە نۇرغۇنلىغان سىناقلار ئالدىڭىزدا  .باشقىلار نىمە دىسىمۇ يەنىلا سىز دىگەن سىز. بۇنداق ئەپقاشتى گەپلەر بىلەن باشقا ئادەم بولۇپ قالمايسىز ،سىزگە يەنە پۇرسەت بار ، ئادىل خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز جايىدا تەڭشەيدۇ .مەيۇسلانمەڭ.نۇرغۇن ئامەتلەر سىزنى ساقلاپ تۇرامدۇ تېخى  .

kapsizjan 2011-06-08 13:00
ئالى مەكىتەپىكە چىققاندىن كىيىن ھەققى ئۇگۇنۇشىنىڭ نملكىنى ئاندىن ھس  قىلىسز .شۇڭىلاشىقا ئالى مەكىتەپىكە ئىمتاھان بىرىپ كىرۋالسامىلا ھەممە ئىش تۇگەيىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ .
   مىنىڭ زادى كاللامدىن ئۆتىمەيىدۇ ، باشىلانغۇچ،تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتىقانىدا باللىرى قىلچە چاتىقى بولمىغان ،ھەتتا نەتىجەڭ قانىداقىراق دەپ بىرەر ئىغىر سوراپ قويمىايدىغان ئاتا-ئانلار مۇشۇ ئىمتاھانىدا قىلمىغانلىرى قالمايىدۇ ، باللىرغا يىمىگەننى ئلىپ بەرگۇسى كىلىپ كىتىدۇ ، تخى ئىمتاھان مەيىدانىغا ھەممسى يغلىۋىپ   ئىشك بىقىپ ئولتۇرشىچۇ تخى ...........؟   ئاڭىلسام چەتئەللەردە ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئالى مەكىتەپ ئىمتھاننى نەق مەيىداندىن خەۋەر قىلىپ ئىنتاھىن ھەيىرانلق تۇيغۇسى بىلەن خەۋەر قىلىدكەن .

sozman 2011-06-08 14:06
ئەلۋەتتە چەتئەل ئىمتىھان مائارىپى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشىمايدۇدە ،چەتئەلدە ئالىي مەكتەپلەر ئۆزى ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئۇزى قۇبۇل قىلىدۇ ياكى پۇتۇن قۇبۇل قىلىش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەردە بولىدۇ .دۆلىتىمىزدە ئوقۇغۇچى  سانى كۆپ بولغاچ ، بىر تۇتاش ئىلىنىپ ،بىر تۇتاش نازارەتچىلىك قىلىپ ،مەكتەپلەرگە نومۇر تەرتىۋى بويچە تەقسىملىنىپ ئاندىن قۇبۇل قىلىندۇ ،ئاڭلىسام يىقىندا بىرقىسىم ئىچكىرى ئولكىلەردە دەسلەپكى قەدەمدە ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش  سىناق قىلىنۋىتىپتۇ ، ئاستا -ئاستا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىگىنى ھىساپ بولدىغان ئوخشايدۇ.
بۇ يەردە ئاتا -ئانىلار مەكتەپ ئالدىغا توپلىشىپ باللىرىغا مەدەت بەرمەكچى بولشىۋاتىدۇ ،يەنە بەزىلەر مىنىڭ بالام باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن دىسە كىرەك ،لىكىن ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بولغاندەك قاتناش قستاڭچىلىقى ۋە ئاتا -ئانىلارنىڭ قاتتىق ئىسسقتا ئارتۇقچە ھارغىنلىق  ئەھۋالى كۆرلىۋاتىدۇ .ھازىر ئىمتىھاننى بالىلا ئەمەس ئاتا -ئانىلارمۇ بىرلىكتە بىرۋاتىدۇ .
ئىمكان بولسا ئاتا -ئانىلار باللارغا ئىشىنىپ ئسسىق تاماقلار بىلەن ئۆيىدە ساقلىسا ،ئاستا -ئاستا باللاردىمۇ مۇستەقىل ئىش بىجىرىش ئىقتىدارى يىتىلسە دەيمەن .بالا ھامان ئالىي مەكتەپكە يالغۇز ئوقۇغاندىكىن  .
يەنە بىر تەكلىپ :  ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى ئالدامچىلاردىن  ھەزەر ئەيلىسەك ،مەن پالانى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ پۇلنى ئىلىپ يا ئادەم يوق يا پۇل يۇق .ياكى ساختا چاقىرىق كەلگەن ،يا بولمىسا شەخسى ئاچقان مەكتەپكە(دۆلەت ئىتىراپ قىلمىغان) قۇبۇل قىلىنىپ دىگەندەك   ئەخمەقلەرچە ئالدىنىپ كەتمەڭ.

مۇبارەك 2011-06-08 14:09
يىللار ئىلگىركى مۇشۇ كۈنلەردە بىزلەرمۇ شۇنداق تۇيغۇلاردا بولغان ئىدۇق. قورقۇش، ئەنسرەش، بېسىم، چارچاش... مۇرەككەپ ھېسلار. مېنىڭچە ئەڭ ئالدى بىلەن بىلىمنى پۇختىلاش، ئاندىن ئىمتىھان مەيدانىدا كەيپىياتىنى تەڭشەش بەك مۇھىم. ئەلۋەتتە ئارزۇ تولدۇرۇشتىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك. مەن ئىمتىھان بەرگەن چاغدا ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىن بەكلا خوشال چىققانىدىم، بۇ كېيىنكى پەنلەرنى ياخشى كەيپىياتتا بېرىشىمگە ياخشى تەسىر كۆرسەتكەن. دادام سىرتتا يېشىل چاي كۆتۈرۈپ ساقلاپ تۇرغانىدى، ئاپام ئۆيدە تاماققا تەييارلىق قىلىپ دېگەندەك. ئىشقىلىپ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ روھى بېسىمدا ئۆتكەن مىنۇتلاركەن دەپ قالىمەن ھاززىر ئويلىسام. نەتىجەم ھەم ئۆتكەن مەكتىپىمنى ئۇققان چاغدا بەك يىغلاپ كەتكەنىدىم...

رىياسەتچى قىزنىڭ «چۈشتىن بۇرۇن نېمە پەندىن بېرىدۇ، چۈشتىن كېيىن نېمە پەندىن بېرىدۇ؟» دەپ ھەربىر كىشىدىن سورىشى ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ. ئىسسىقتا بېرىپ نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىشمۇ جاپالىق ئىش، تېخى ئۇنى كىرىشتۈرۈپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇنۇش قىيىن بىر جەريان. ئەجرىڭلارغا رەھمەت. بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى نەتىجىلەر تىلەيمەن، كۆڭلۈڭلاردىكى مەكتەپلەردە بىلىم ئالغايسىلەر.

borayar 2011-06-08 16:36
زىيارەت دېگەننى ماندا قىلسىمۇ بولىدىكەنغۇ... چۇقۇم داڭلىقلارنى زىيارەت قىلىش ۋەزىپە ئەمەستە... مۇشۇنداق قىززىق نۇقتىلارنى نەق مەيداندىن خەۋەر بەرسە، مېنىڭچە تېخىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ قېتىمقىسى ماڭا تولىمۇ ياقتى... ئاخىرىدا بۇيىلقى ئىمتاھان بەرگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا( جۈملىدىن ئۇكامغىمۇ) ئۇتۇق تىلەيمەن، ئاللاھ ئارزۇلىرىغا يەتكۈزگەي~

sada1990 2011-06-08 19:09
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ. ئىمتىھان بىرىۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.ياخشى نەتىجىلەر سىلەرگەيار بولغاي.

asma 2011-06-08 19:10
ئارزۇ تولدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلاندى، ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىمۇ پات يېقىندا باشلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇچۇر توپلاش، ماترىيال تەييارلاشتىن تارتىپ، ئۆزىنى دەڭسەش، ئەتراپلىق ئويلىنىشقىچە بولغان مۇرەككەپ جەريان، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمرىدىكى مۇھىم تاللاش. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى   ئاررزۇ تولدۇرغاندا ئىشلارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ:
1.    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ئوبدان دەڭشەپ مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك.
ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىكى رىقابەت كۈچى، يەنى ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتىتكى ئۇنۋېرسال ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مۇۋاپىق باھالاپ،ئۆتكەن يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئىمتىھان نومىرىنىڭ تاللىغان ئالىي مەكتەپكە ماس كېلىدىغان –كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قەدەر تەجرىبىلىك كېلىدۇ،ئادەتتە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي كۈچىنى سوبۇكتىپ باھالىغاندىن كېيىن، ھەققەتنى ئەمىلىيەتتىتن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە مەكتەپ ۋە كەسپ تاللىشى، قارىغۇلارچە داڭلىق ئالىي مەكتەپ،مودا كەسپ، مەركىزى شەھەرلەرنى تاللىماسىقى كېرەك. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللاش، كەسپ تاللاش خاھىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى،مۇۋاپىق بىر كەسپنى تاللاش ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا پايدىلىق، بىراق جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئايرىم كەسپلەرگە ئېسىلىۋېلىشتىن ساقلنىش كېرەك. مەكتەپ تاللىغاندا ئىگىز شاخقا ئېسىلىۋېلىش، تەۋەككۈلچىلىك قىلىش، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە كۆز تىكىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا بىر نەچچە ئالىي مەكتەپ بىلەنلا چەكىلىنپ قېلىپ، ئورۇن داڭلىق مەكتەپ ۋە كەسپنىلا تەكىتلەپ ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2.    ئارزۇنى قارىسىغا ۋە يېنىكلىك بىلەن تولدۇرۇشتىن ساقلىنىش
ئوقۇغۇچىلار ئارزۇنى قارىسىغا ۋە يېنىكلىك بىلەن تولدۇرسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، بۇ ئاساسلىق تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ئوقۇغۇچىلار ئەمىلىي ئەھۋالىغا زادىلا يېقىن كەلمەيدىغان، قوبۇل قىلىنىشى مۈمكىن بولمايدىغان مەكتەپلەرنى يېنىكلىك بىلەن تاللىسا، باشقا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ،ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى خالىمايدىغان مەكتەپ ياكى كەسپنى تاللىسا قوبۇل قلىنغاندىن كېيىن ئارخىپنى قايتۇرۇش مۈمكىن بولمايدۇ ھەم باشقا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ..ئۈچۈنچى، ئوقۇش ھەققى ئۆرە مەكتەپ ۋە كەسپلەرنى تاللاپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولماي ئوقۇش ھەققىنى تۆلەشكە چىقىش قىلالمىسا  يەنە ئوقۇش ھەققى تۆۋەن مەكتەپلەرنى كەسپلەرنى تاللاش مۈمكىنچىلىكى بولمايدۇ.شۇنداقلا داۋاملىق ئۆگۈنۈش ۋە ئۆزىنى تاكامماللاشتۇرۇشىغا تەسر يېتىدۇ.تۆتۈنچى، سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمەيدىغان مەكتەپ ياكى كەسپنى تاللىسا قوبۇل قىلىنىشى مۈمكىن بولمايدۇ ھەم قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ مەكتەپنىڭ تەكشۈرشىدىن كېيىن شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ،بەشىنچى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوبدان بىلىپ كەتمەيدىغان ئالىي مەكتەپنى تاللىسا ،بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمىسە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ ئوقۇشتىن رايى يېنىپ كەتسە ، ۋاقىت، پۇل ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپلا قالماي كەلگۈسى تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئارخىپى چىقسىمۇ ئالىي مەكتەپ تەرىپىدىن قايتۇرىۋېتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر تاللىغان كەسپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاياقلاشقان، تەقسىماتقا قوشۇلماسلىق؛ ئالاقىدار پەن نەتىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن؛سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە لاياقەتسىز بولغان؛ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى كەسپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان؛ئارزۇدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەن؛سىياسى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان؛يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغان؛ يۇز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشمىغان؛ئوغۇللارنى قوبۇل قىلىش ئاياقلاشقان؛قىزلارنى قوبۇل قىلىش ئاياقلاشقان؛يېشى ئېشىپ كېتىش؛(ھەربىي مەكتەپلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىگەن  كەسپ دەرىجە پەرقى تەرتىۋى، نومۇرى تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت. يۇقۇرقىلار ئارخىپ قايتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ئەھۋاللار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇنى خاتا تولدۇرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سرت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ باشقا كەسپلەرگە تەڭشىشىگە بويسۇنۇش-بويسۇنماسلىق مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. مۇبادا‹ بويسۇنىمەن› دەپ تولدۇرسا  قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ، بىراق ياقتۇرمايدىغان ھەتتا ئوقۇشنى قەتئىي خالىمايدىغان كەسپكە تەڭشەپ قويۇلىشى مۈمكىن.ئەگەر ‹بويسۇنمايمەن›دەپ تولدۇرسا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى تاللىغان كەسپنىلا ئويلىشىدۇ. تاللىغان كەسپنىڭ قوبۇل قىلىش تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئارخىپى قايتۇرىلىدۇ.  ئارزۇ تولدۇرغاندا مەكتەپ ۋە كەسپ تاللىغاندا ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئامىلىنى ئويلىشىشى كېرەك.بىراق ھەدىسىلا  بۇ ئامىلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ.كەسپ تاللىغاندا ئىمكانقەدەر ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ تاللاش كېرەك. ئادەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسپلەر مەلۇم ئىجتىمائىي ئېھتىياج ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بەزى كەسپلەرگە كۆپرەك، بەزى كەسپلەرگە ئازراق قوبۇل قىلىنىدۇ. مۇھىمى ياخشى ئۆگۈنۈش كېرەك.
3.    سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك
ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانى جەھەتتتىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش پىرىنپىسىغا ئەمەل قىلىدۇ.‹جىسمانىي جەھەت› سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپ، دۆلەت بەلگىلىگەن‹ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى› دە ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلمايدىغان كەسپلەر ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشۇغا ماس كەلمەيدىغان كەسپلەر ئېنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نەتىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەدۋىلى ئادەتتە  سالامەتلىك تەكشۈرتۈش  نەتىجىسى ۋە ئالاقىدار ئارزۇ تولدۇرۇش تەكلىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،شۇنداقلا ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان كەسپلەرمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرغاندا چەكلىمە قويۇلغان كەسپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، تەلىيى كېلىپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ شۇ كەسپنى ئۆگۈنۈشكە ۋە شۇ كەسپتىن خىزمەت قىلىشقا ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلمە چىقاردى: يېڭى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەر يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرىشى، قايتا تەكشۈرۈشتە سالامەتلىكى نورمال ئوقۇشقا يار بەرمەيدىغان بولۇپ چىقسا ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئالىي مەكتەپلەر قايتا تەكشۈرۈپ سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش ئەھۋالى ھەر يىلى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن  قوبۇل قىلىنمايدىغان ۋە ئوقۇشقا ماس كەلمەيدىغان كەسپلەرنى تاللاشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
4.    ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشى
ئائىلىسىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈردىكى مەكتەپلەرنى ئالدىن ئويلاشسا بولىدۇ،بىرىنچى ،ئارمىيە، قوراللىق ساقچى مەكتەپلەرنى تاللىغاندا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىغاندىن سرت تۇرمۇش خىراجىتىنىمۇ يېنىدىن چىقارمايدۇ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە ھەربىي مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرنىڭ تەمىنات تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئايدا بەلگىلىك ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تەمىنات تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇكاپات پۇل قاتارلىق تەمىناتلىرىدىنمۇ بەھرىمان بولالايدۇ، بىراق بۇ تۈردىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ناھايىتى يۇقۇرى تەلەپ قويىدۇ،ئىككىنچى ،دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىسا ئوقۇش پۇلى بىەن تۇرمۇش پۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە دۆلەت مۇداپىئە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.ئادەتتە ھەر يىللىق ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى 5000يۈەندىن بولىدۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن  بىۋاستە قىسىمغا تەقسىم قىلىنىپ ئوفىتسىرلىققا تەيىنلىنىدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئىمىتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈكى خېلىلا يەڭگىللەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىمۇ ھەل بولىدۇ، لېكىن تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا يۇقۇرى تەلەپ قويلىدۇ. ئۈچۈنچى، پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى تاللىسا بولىدۇ. پىداگوگىكا مەكتەپلىرىىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ئېلىنمايدۇ، بۇ ئوقۇش خىراجىتىنى تېجەپ، ئىقتىسادى بېسىمنى يەڭگىلىتىشنى ئويلايدىغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تاللاش. تۆتۈنچى، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياكى يۆلىنىشلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پىلاندىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپلەرنى تاللاشقا بولىدۇ.
ئارزۇ تولدۇرۇش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ ۋە كەسپلەرنى تاللاپ، ئارزۇنى سوغۇققانلىق بىلەن تولدۇرۇپ، كۆڭلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن ياخشى شەرت ھازىرلاپ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى پۇختا بېسىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بارلىق ئىنى-سىڭىللارغا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بارلىق ئىنى-سىڭللارغا مەدەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمىز

armanlirim 2011-06-08 19:13
سۆزمەن دېگەندەك بىزنىڭمۇ ئاشۇنداق كۈنلرىىمىز بولغان ، شۇ كۈنلەرنى سېغىنىپ قالدىم،ئىمتىاھاندىن چىقىپلا چورۇقلاپ سۆزلەپ قايسى سوئالغا قانداق جاۋاب يازغانلىقىمىزنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە،ئۆيدىكىلەرگە دەپ كېتەتتۇق،كۈنلەر نېمە دېگەن تېز ھە،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈگۈل ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ جەمىئەت قوينىغا قەدەم تاشلىغىلىمۇ خېلى بوپ قاپتۇ.زىيارەتنى كۆرىۋېتىپ ئۈزەممۇ بىلىپ - بىلمەي ئەينى چاغدىكى ئىمتىھان بەرگەن چاغلىرىمنى ئەسلەپ كىتىپتىمەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەر بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بېشىدىن كەچۈرىدىغان شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان بىر ياخشى شوتا دەپ ھېسابلاشقىمۇ بولىدۇ،ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇشۇنداق بىر <<داۋان>> توغرىسىدا زىيارەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن ھەمدە بىر ياخشى مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلىنىغىن خۇشالمەن.ئەتە بىر كۈن ئىمتىھان بەرگەندىن كىيىن بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاخىرلىشىدۇ،ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر قىيىن تاللاش ئادەمنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ ئەمەسمۇ! ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مەسىلىلەردە ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەم ئۇكىلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئارزۇ تولدۇرۇش ھەققىدە ئۆز تەجرىبىلىرىم ھەم مۇناسىۋەتلىك ماتىرتاللارغا بىرلەشتۈرۈپ مەنمۇ ئىككى ئىلىك سۆزلەشنى لايىق تاپتىم.

ئارزۇ تولدۇرۇش ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنگە ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم
ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدى – كەينىدە نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى مائارىپ تارماقلىرىغا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا، تونۇشلىرىغا يول مېڭىپ ئاۋارە بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنماي قالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئارزۇنى توغرا تولدۇرالمىغانلىقىدا.
بۇلتۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورنىغا بارغانىدىم. ئۇ يەردە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن، لېكىن چاقىرىق ئۇقتۇرۇشى كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى ئۇچراتتىم. ئاتۇشتىن كەلگەن بىر ئايال سۈرۈشتۈرۈش كۆزنىكىدىكى خادىمدىن: ئوغلۇمنىڭ نومۇرى ئالىي مەكتەپ نومۇر چېكىدىن خېلىلا ئاشقان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىنمۇ ئۆتكەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئوغلۇم نېمە ئۈچۈن شاللىنىپ قالىدۇ؟ دەپ زەردە بىلەن سورىدى. خىزمەتچى خادىم: ئاچا، ئوغلىڭىزنىڭ بىرىنچى ئارزۇسىدىكى مەكتەپنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە قويىدىغان تەلىپى بار ئىكەن، ئوغلىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۇ مەكتەپنىڭ تەلىپىگە يەتمىدى، دېدى. بۇلتۇر بىر تونۇشۇمنىڭ بالىسى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتكەنىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ نومۇرى تولۇق كۇرسنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە توشقانىدى، لېكىن ئاخىرىدا ھېچقانداق مەكتەپكە تاللىنالماي، قايتا ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. سەۋەبى ئۇ ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەن، ئالغان نومۇرى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نومۇر چېكىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغان، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەر قوبۇل قىلايلى دېسە، ئارزۇ جەدۋىلىدىكى تەڭشەشكە قوشۇلامسىز دېگەن يەرنى ئاق قويغان، بۇ تەڭشەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىلىپ، ھېچقانداق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان. دېمەك، بۇ ئىككى ئىشتىن ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ خۇددى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
1. ئارزۇ تولدۇرغاندا ئەستايىدىل بولۇڭ
ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشقا خۇددى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپ، كەسىپنى تاللاش كېرەك. مۆلچەر نومۇرىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى قېتىملىق مانېۋىر ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قاراپ توغرا مۆلچەرلەپ، مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىن پايدىلىنىپ توشقۇزۇش كېرەك، بولمىسا نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئارزۇ قىلغان مەكتىپىنىڭ نومۇر چېكىگە يەتمەي قالسا ئوخشاشلا تاللىنالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتىپىدىكى ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك. چۈنكى ھەر بىر جاينىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئوخشاش بولمىغاچقا نومۇر پەرقىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇ رايون بويىچە يۇقىرى نومۇر ئالغانلار باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى توغرا مۆلچەرلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
2. ئارزۇنى ئۇنىۋېرسال تەڭشەشكە، كەسىپ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، بىرىنچى ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا ھە دېگەندىلا داڭلىق مەكتەپلەرنىلا يېزىۋالماي، ئارزۇنى ئۇنىۋېرسال تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، نومۇرى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ تاللاش نومۇر چېكىگە توشماي قالسا، قوبۇل قىلىنماي شاللىنىپ قالىدىغان گەپ. بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلماي، بازار ئېھتىياجىنى قوغلىشىپ، قىزىق نۇقتا كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىۋالىدۇ، مەسىلەن: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، بالىلار تەربىيەسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى، ئايروپىلان مۇلازىملىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپلەرنىڭ شۇ كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كەمچىل، ئەمەلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، تەجرىبىسى يوق. ھەر بىر مەكتەپنىڭ كوزىر كەسپى بولىدۇ، شۇڭا نوقۇل ھالدا داڭلىق مەكتەپ قوغلىشىشتىن ساقلىنىپ، قىزىققان كەسىپنى تاللىغان ياخشى.
3. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىنى ئوبدان ئوقۇپ چۈشىنىپ، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇڭ
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، تۇرمۇش، ئوقۇتۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتىكى كۆزنەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدا تولۇق بار. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قانۇنلۇق شەكلى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى. ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدىكى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى، تەرتىپى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى، چەكلەنگەن شەرتلەر ۋە ئېتىبار بېرىلىدىغان شەرتلەر، شۇ مەكتەپنى بىرىنچى ئارزۇسىغا يازغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تولۇق كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى، سالامەتلىكى، بوي ئېگىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان – چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىش زۆرۈر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئارزۇ تولدۇرۇشتا كومپاس بولالايدۇ.

گۈلەن قاتارلىق تورداشلارنىڭ مۇمكىن بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەم مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا ئاكتىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن،شۇنداقلا مۇشۇ ھەقتە بۇ تېما ئارقىلىق يەنە تورداشلار ھەم بارلىق ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا شۇنى تەكىتلەپ قويۇشنىمۇ لايىق كۆردۈم.ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى كىشىلىك ھايات يولىدىكى بىر قېتىملىق ئۆتكەل،ھەممە ئادەمنىڭ مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس.بەزىلىرىمىز ئەگىپ ئۈتۈپمۇ كىتىشىمىز مۇمكىن.ئۈستىدىكى توردىشىمىز ئېيتقاندەك ھەممە ئادەمنىڭ ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىرى بۇلىدۇ،ئۈمىدنى ئۈزىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىمتىھاننى ئانچە ياخشى بىرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەم مۇشۇ ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئاتا -ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ:
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققاندىن كېيىن، نەچچە يىللىق يۈكنى تاشلىغاندەك ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىمتىھان نومۇرى ۋە نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەزىلىرى ھاياتىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ھېسابلىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن غەمگە پاتىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشقا ھېچ قانداق چىقىش يولى يوقتەك تەقدىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلارىمۇ بۇ ئىشقا ئاقىلانە، توغرا مۇئامىلە قىلماي ئەپسۇسلىنىدۇ. توختىماي بالىسىغا تاپا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا تەقدىرىدىن قايغۇرۇۋاتقان بالا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدىم، ئاتا – ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىدىم، ئىستىقبالىم تۈگىدى، تۈگەشتىم دەپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي، چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك خېلى كۆپ ئوقۇغۇچى بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاتا – ئانىلاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تېپىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى، دەپ قارايدىغان قاراش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە، بولۇپمۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئىستىكى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇنداقلار بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالغانلىقىدىن بەكمۇ قايغۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بەزى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا قارىتا مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى: بۇنىڭدىن ھازىرقى ياشلارنىڭ كەسىپ ۋە ئىستىقبالىنى تاللاشتىكى ئاقىلانىلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىز ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلمايمىز، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ھۈنەر – كەسىپنى تاللاپ ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ قارىماقتا. بىز بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپ ئادەم ھاياتىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
جەمىئەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزدە بازار ئىگىلىكى، ئىختىساسلىقلار بازىرى بەرپا بولدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىم قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئۇلار ئىختىساسلىقلار بازىرىغا يۈزلەندۈرۈلدى. لېكىن بەزىلەر يەنىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى بىردىنبىر چىقىش يولى قىلماقتا، بازار ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش، قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئائىلىسىنىڭ مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئىش تاپالايدىغان كەسىپلەردە ئوقۇشنى كۆپرەك ئويلايدىكەن، ھازىر بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇشنى تاللىشىدىن بىز ئۇلارنىڭ مەسىلىنى مەبلەغ سېلىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا ئېرىشىش نۇقتىسىدىن ئويلاشقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بالىلار رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بىرەر ھۈنەر – كەسىپ تاللاپ ئۆگەنسە ياكى ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ، قايتا ئىمتىھان بېرىپ يۇقىرى نومۇر ئالغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، كەسپىي مەكتەپلەردە ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىنىپ نەتىجە قازانغانلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنگە قايغۇرماي، كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان نىشانلارنى بېكىتىشى، ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلارغا تاپا قىلماي، ئۇلارغا تېخىمۇ باپ كېلىدىغان يول كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،ئاخىرىدا بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىشىنى سورايمەن، ھەم ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا گۈزەل كېلەچەك تېلەيمەن.

zilnur 2011-06-08 21:58
ئەلكۈيى ھەقىقەتەن  يىتىشىپ قاپتۇ. پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئىلىنىدىغان بۇ ئىمتىھاننى ،كەڭ ئاتا -ئانىلار  ۋە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا  خەۋەر  قىلىپ، ئۆزنىڭ چەبدەسلىگىنى  ئەلگەنامايەن قىلىپتۇ.

hanim 2011-06-08 22:14
سىلەرنىڭ جەمىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان تېمىنى تاللىغىنىڭلار بەك ئەھمىيەتلىك بوپتۇ، ھارمىغايسىزلەر.

jiuxing 2011-06-09 19:25
ەەممەيلەەننىڭ نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداشمەن

mutepekkur 2011-06-10 13:05
خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 20002 نەپەر ، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان مىللىيلار 973 نەپەر، مىللىي تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 3253 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 1748 نەپەر، قازاق تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 309 نەپەر، «قوش تىل» تەجىرىبە سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى 1196 نەپەر ئېكەن.

ئۈرۈمچىدىكى ئىمتاھان بېرىدىغان 13 مىللەت ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ سانى 20002 نەپەر ئىكەن.  قالغان 12 مىللەتتىكى مىللىيچە ئىمتاھان بېرىدىغانلار ۋە مىنكاۋخەن مىللىيلارنىڭ ئومۇمىي سانى 4226 نەپەر ئىكەن.

zilnur 2011-06-10 18:55
ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدە خەنسۇلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.

batur0997 2011-06-10 19:07
ئىمتىھاننى شاش بىرىپ چىقىڭلار ئۇكىلىرىم

kalgusi1 2011-06-13 18:45
بۇ زىيارەتقۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بىراق ئاۋۇ رىياسەتچى قىزنىڭ "بالىڭىز ياخشى بېرەلمىسە قانداق تەسەللىي بەرمەكچى " دەپ سورىغىنى نېمىسى؟ ئىمتىھان بەرگەن ئادەم پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىمتىھان بەرسە جىددىيلىشىدىغىنى ئاتا-ئانا تۇرسا، بۇ سوئال بەك ئەخمىقانىلىق بىلەن سورىلىپتۇ.........

kambagal 2011-06-21 14:41
يارايدۇ. مەن ئەلكۇيىگە رەھمەت ئېيتىمەن . يېقىنىڭ ياقى ھەققى قىممىتتى بار ئەسەرلەرنى بىز گە تەمىنلەپ تۇرۋاتىدۇ ، يارايدۇ.

jangqi007 2011-07-01 18:35
مەن پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردىن  شۇنى  ئۆتۈنمەكچىكى  :  سىلەر ئىمتاھاننى ياخشى بىرىپ مىللىتىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇشۇنداق  تالانتلىق ئادەملەرمۇ  بار  ئىكەن ، دىگەنگە ئوخشاش تەسىرلەرنى بېرىشنى سورايمەن .   بارلىق ئوقۇغۇچىلار  خەلقىمىزنىڭ كۆزى ۋە ئۈمىدى سىلەردە قالدى .  تىرىشىڭلار ، ۋە غەيرەت قىلىڭلار    گوۋ گوۋ   .........................

javir 2011-07-02 13:14
ئاۋۇ يەردە  بىر بالاڭزىنى  مۇخبىر قىز زىيارەت قىلاي دەپ ياخشىمۇسىز دىيىشىگە  مىنى (سەيفاڭ ) بىر نىمە دەپ تىزلا كىتىپ قالدى ، تىلى چىققاندا ئۇيغۇرچە ، دادا ، ئاپا ، نان ، دەپ تىلى چىققان بولغۇيتى  بىچارىنىڭ  چىرايىغا قاراپ شۇنداق ئېچىندىم  بىچارە بالاڭزىغا .

vnra 2011-07-06 19:26
   مەنمۇ   شۇ  چاغلارني    ئەسلەپ  قالدم...

ataman-- 2011-07-13 19:25
مىنڭ ئىنىم گەپنى چوڭ چوڭ قىلىپ ئۈتەلمىدى كاساپەت.....  

kukkukum 2011-07-16 04:27
    ئالى مەكتەپ ئىمتاھان بەرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بۇ بىر چوڭ ھەم مۇھىم ئۆتكەل. ھەمدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى يولىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ بۇرلۇش نوقتىسى.
    مەنمۇ مۇشۇ قىيىن ئۆتكەل سىنىقىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. بۇ زىيارەتنى كۆرۈپ ئەينى يىلدىكى ئۆزەمنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ قالدىم.
    تىرىشڭلا، قېرىنداشلىرىم! سىلەر چۇقۇم ئەڭ ياخشىسى بولالايسىلەر!

enqa 2011-07-22 21:24
ياخشى پروگرامما بوپتۇ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ھەقىقىي نەق مەيدان بولغاندەك تۇرىدۇ، ئەلكۈيى تورىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز!

tabaccum 2011-07-23 00:25
بۇ،قېتىمقى،ئالىي،مەكتەپ،ئىنتاھانىغا،قاتناشقان،بارلىق،ئۇيغۇر،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ،ئۇتۇق،،،،،،،،،،،،قازىنىشىغا،تىلەكداشمەن،مىللىتىمىزنىڭ،ئۈمۈدى،سىلەردەك،زىيالى،ياشلاردا،ئەمىسە،كەلگۈسى،،،،ئىستىقبالىمىزنىڭ،تېخىمۇ،پارلاق،بۇلىشى،ئۈچۈن،بىرلىكتە،تىرىشايلى،ھۇررا.......

arkensidik 2011-08-25 08:56
ئىنتاھان بەرگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن!

ajap.dunya 2011-09-02 01:21
نەقىل
بۇ 20قەۋەتتىكىjavir يوللىغان 2011-07-02 13:14 غا قارتىلغان :
ئاۋۇ يەردە  بىر بالاڭزىنى  مۇخبىر قىز زىيارەت قىلاي دەپ ياخشىمۇسىز دىيىشىگە  مىنى (سەيفاڭ ) بىر نىمە دەپ تىزلا كىتىپ قالدى ، تىلى چىققاندا ئۇيغۇرچە ، دادا ، ئاپا ، نان ، دەپ تىلى چىققان بولغۇيتى  بىچارىنىڭ  چىرايىغا قاراپ شۇنداق ئېچىندىم  بىچارە بالاڭزىغا .



راس مەنمۇ ئاۋۇ بىرسىنى زىيارەت قىلاي دەپ . ياخشىمۇسىز دىسە. بىرنىمىلەرنى دەپ كىتىپ
قالغىنىغا بەك ئاچچىقىم كەلدى ،  زىيارەت قىلاي دەپ   ياخشىمۇسىىز دىگەندىكىن سالام قايتۇرۇپ گەپ قىلىپ قويسا نىما بولىدۇ دەيمەن . توۋا.. ھازىر مۇشۇ باللىلارغا نىمە ئاخسالىق دەيمەن...

charun 2011-10-31 17:58
ئەلكۈيى تورىدىكى خىزمەتچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى ياخشى،ئەھمىيەتلىك زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ جاپا چېكىۋاتىدۇ. ھەتتا شىنجاڭ تېلېزىيە ئىستانسىسىمۇ قىلىپ بولالامىغان بەزى ئەھمىيەتلىك زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ ، جۈملىدىن بۇ زىيارەتنى كۆرۈپ مەنمۇ بەك خۇشال بولدۇم

ئەل كۈيىدىكىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېتىمەن. ئۇلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەق مەيدان زىيارىتى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.049105 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us