رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «يۈسۈپ-زۇلەيخا» مۇھەببەت قىسسىسى راستمۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ نەسىر-ئوبزورلار ] -> «يۈسۈپ-زۇلەيخا» مۇھەببەت قىسسىسى راستمۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

uhibbu 2011-06-02 10:53


    «يۈسۈف-زۇلەيخا داستانى» دۇنياۋى تېما، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قېسسىسىنىڭ زامانىمىزدىكى دۇنياۋى ئۈچ چوڭ دىن مۇقەددەس كىتابلىرىدا مۇھىم ھىكايە سۈپىتىدە سۆزلىنىشى، ئەڭ قەدىمىيلىكى،تەقۋادارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەل ۋە تەسىرلىك ۋەقەلىكلىرى بىلەن باشقا بارلىق مۇھەببەت قىسسىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ، يەھۇدى، ئەرەب، تۈركىي، پارىس، ھىندى ۋە ياۋروپا خەلق ئەدەبىياتىدا ھەرخىل ژانىر ۋە ئۇسلۇپتا كۆپلەپ يىزىلغان،سۆزلەنگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان.تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن كۆرە تۈركىيە ئالىمى كور ئوغلىنىڭ «يۈسۈف-زۇلەيخا داستانىنىڭ تۈركىي تىللار ئەدەبىياتىدىكى سىيۇژىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىدا، يالغۇز تۈركىي تىللىق شائىرلاردىنلا 45 كىشى بار ئىكەن‹1›.ئەرەب،پارس،يەھۇدى، ھىندى تىللىرىدىكى ئەسەرلەرنى قوشقاندا يۈزدىن ئىشىپ كىتىشى مۇقەررەر. ھەر قايسى دەۋرلەردىكى قەلەم ساھىبلىرى ئۈلگىلىك ئەسەرلەر، گۈزەل ئىستىلىستىكىق ۋاستىلەر، ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشى ۋە غايىۋانە رومانتىك تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئۆز زامانىسىنىڭ جەمىيەت رىئاللىقىنى يورۇتۇپ بىرىش ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەسۋىرلەشتە بىتەققاس ئىجادىيەت سەمەرىلىرىنى ياراتقان.                 

يۈسۈف-زۇلەيخا داستانىنىڭ بۇنچە كەڭ دائىرىدە ئورتاق تېمىغا ئايلىنىشى گەرچە بىزنى ئۇزۇن تارىخى ماتېرىيال، كەڭ مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى، دىن ۋەئەخلاقشۇناسلىق،چۈش ئىلمى قاتارلىق مول بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتسىمۇ،سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى تۆۋەندە مەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان بىر قانچە مۇھىم ساماۋىي كىتابلار ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىك ئۆزگىرىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئايال باش پىرسۇناژ زۇلەيخا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.                                                                 

     يۈسۈف –زۇلەيخا قېسسسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يۈسۈفنىڭ كېملىكىنى بىلىشكە، دەسلەپكى مەنبەسى بولغان بۇندىن 3400 يىل مۇقەددەم مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «تەۋرات»قا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.                                   

     ساماۋىي كىتابلاردىن «تەۋرات» ۋە «تەۋرات»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىنجىل» ۋە بۇلارنى تەستىق قىلغۇچى«قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىتتىپاقى بىلەن  يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ياقۇپ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇل، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بولسا پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر. دىنىي ۋە تارىخى مەنبەلەردە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن 361 يىل كىيىن تۇغۇلۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشتىن 64 يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ۋە 110يىشىدا ۋاپات بولغان دىيىلىدۇ.‹2› تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يۈسۈف ئەلەيھىسالام قېسسەسى ئالەمنىڭ يارىتىلىشى بابى 37-سۈرىسىدىن تاكى 49-سۈرىگىچە سۆزلىنىدۇ ۋە زۇلەيخا ھەققىدە مەخسۇس ھىكايە بار. «يۈسۈف بىلەن پۇتىفارنىڭ ئايالى» دىگەن 39-سۈرىسى دەل بۇ ھەقتە بولۇپ،مەزمۇنى: 1)ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر يۈسۈفنى مىسىرغا ئەكىلىپ،مىسىر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى - باش ياساۋۇل پۇتىفارغا ساتقانىدى.2)پەرۋەردىگار يۈسۈفكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.3)پۇتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈفكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى. 4)پۇتىفار يۈسۈفتىن رازى بولۇپ، ئۇنى شەخسىي ياردەمچى قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. 5) شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پەرۋەردىگار پۇتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، مال-چارۋىلىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا-قىلدى .6) پۇتىفار ھەممىنى يۈسۈفنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ يىمەك -ئىچمىكىدىن باشقا، ھىچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى. يۈسۈف كىلىشكەن ،چىرايلىق يىگىت ئىدى.7) ئۇزۇن ئۆتمەي ،يۈسۈفكە خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ؛- كەل ، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات!ــ دىدى.8) يۈسۈف رەت قىلىپ:ــ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم بارلىق تەئەللۇقاتىنى مىنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى.مەن بولغاچقا ئۇ ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتۇرمايدۇ.9) بۇ ئائىلىدە مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ھوقۇقلۇق. سىزدىن باشقا ھەممىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز ، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟-دىدى. 10) پۇتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈفنى ئۆزىگە جەلپ قىلسىمۇ،يۈسۈف بىلەن بىر ئورۇندا ياتماق تۈگۈل، بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى. 11) بىر كۈنى يۈسۈف ئۆز ئىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا ئۆيدە باشقا خىزمەتچىلەر يوق ئىدى. 12) پۇتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈفنىڭ تونىغا ئىسلىپ؛ــ كەلگىن، بىر ئورۇندا ياتايلى!ــ دېدى. بىراق يۈسۈف قىچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى،تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى،13) ئۇ يۈسۈفنىڭ تونىنى تاشلاپ قىچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، 14) چۇقان سىلىپ، ئۆي خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا :ــ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىزگە ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇ ھۇجرامغا كىرىپ، نۇمۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋاقىرىدىم. ئۇ مىنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، قىچىپ چىقىپ كەتتى،-دېدى.16) ئۇ يۈسۈفنىڭ تونىنى بەرمەي،ئېرىنىڭ كىلىشىنى كۈتتى.17) ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:ــ سىز ئەكەلگەن ھىلىقى ئىبرانىي قۇل ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت كەلتۈردى. 18) مەن ۋاقىرىدىم، ئۇ تونىنىمۇ ئىلىشغا ئۈلگۈرمەي، قىچىپ چىقىپ كەتتى. 19) يۈسۈفنىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ « سىنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا» دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 20) يۈسۈفنى تۇتۇپ،ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن يۈسۈف ئۇ يەردە قاماقتا قالدى.21) لىكىن، پەرۋەردىگار يۈسۈفكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر –شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا، زىندان بىگى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ،22) زىنداندىكى باشقا گۇناھكارلارنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى.23) يۈسۈف مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان بىگى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار يۈسۈفكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغانىدى.          

 

    ئەنە شۇنىڭ بىلەن پۇتىفارنىڭ ئايالى ۋە يۈسۈف ئارىسىدىكى ھىكايە ئاياغلىشىدۇ. پۇتىفارنىڭ ئايالى پەقەتلا يۈسۈفنىڭ زىندانغا كىرىپ قىلىشىدىكى بىر سەۋەب، خالاس. ئۇنىڭسىزمۇ، ئالەمنىڭ يارىلىشى 41-سۈرە 40-46 ئايەتلەردە يۈسۈف پىرئەۋىن تەرىپىدىن تولىمۇ ئەتىۋارلىنىپ، 30ياشقا كىرمەستە پىرئەۋىندىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى بولغان مەنسەپ – مەرتىۋىگە ئولتۇرغۇزۇپ، زافناز پانەھ دەپ نام بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى باش پوپنىڭ قىزى پوتىفىراھغا ئۆيلەپ قويغانلىقى، يۈسۈفنىڭ ماناسسەھ ۋە ئىفرايىن ئاتلىق ئىككى ئوغۇل پەرزەنتى بولغانلىقى، مىسىرنىڭ يۈسۈف ھۆكۈمرانلىقىدا گۈللەپ ياشنىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. دىمەك، يۈسۈف-زۇلەيخا ھىكايىسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولمىش «تەۋرات»تا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت دىگەن ئۇقۇمغا ئورۇن بىرىلمىگەن، پەقەت پۇتىفارنىڭ ئايالى يەنى كىيىنلەرچە زۇلەيخا دەپ ئىسىم بىرىلگەن ئايالنىڭ يۈسۈفكە بولغان زىنا ئىلتىماسى قىسقىغىنە سۆزلەنگەن، تامام. مەيلى يەھۇدى ئەدەبىياتچىلىرى بولسۇن،مەيلى ئىنجىل تەتقىقاتچىلىرى بولسۇن، پۇتىفارنىڭ ئايالى بىلەن يۈسۈف ئارىسىدا مۇھەببەت بار دەپ ئىيتقىنى يوق.                                                    

 بىز ئۇ ھەققىدە «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل» ۋارىسلىرىدىن ئەنە شۇنچىلىك ئىخچاملاپ ئالالايمىز.ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى بولسا تىخىمۇ تەپسىلىي بايانلار بىلەن تەمىن ئەتكەن « قۇرئان كەرىم» ۋە مۇسۇلمان شەرقىدە يۈسۈف-زۇلەيخاغا ئائىت ئىجادىيەت نەمۇنىلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق بولىدۇ.                                                                         

    «قۇرئان كەرىم» يۈسۈف قىسسىسىنى «ئەڭ گۈزەل قىسسە» دەپ تەرىپلىگەنىكەن، نۇرغۇن تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت سەمەرىلىرىگە ئىلھام بولۇشى مۇقەررەر. « قۇرئان كەرىم»نى مەنبە قىلغان ئەسەرلەرگە  مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن « قۇرئان كەرىم» گە مۇراجەت قىلىشىمىز كىرەك، ئەلۋەتتە! « قۇرئان كەرىم» دە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام 34 قىتىم تىلغا ئىلىنىدۇ، 32 قىتىم سۈرە يۈسۈفتە، بىر قىتىم سۈرە ئەنئام 84-ئايەتتە، يەنە بىر قىتىم سۈرە غافىر 34-ئايەتتە تىلغا ئىلىنىدۇ. ئىنجىل ھىكايىسىدىكى پۇتىفارنىڭ ئايالى گەرچە ئايەتلەردە پۇتىفار ۋە زۇلەيخانىڭ ئىسمى ئېنىق ئىيىتىلمىسىمۇ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تىرناق ئىچىلدە بىرىلگەن تەپسىرىدە زۇلەيخا دەپ قەيت قىلىنىدۇ. بىزنىڭ ئوبىكتىمىز 12-سۈرە يۈسۈفتە بولغىنى ئۈچۈن، تېما تەلىپىگە ئاساسەن« قۇرئان كەرىم» دىكى يۈسۈف ئەلەيھىسسام ۋە زۇلەيخا ھەققىدىكى ئايەتلەردىن نەقىل ئالماقچىمەن.                                 

يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ:«بېرى كەل!»دېدى.يۈسۈف:«خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ (يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ»دېدى.

ئۇ (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفكە (يىقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى. پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بۇلاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق. شۈبھسىزكى يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.  

ئۇلارنىڭ ھەرئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن زۇلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يېرتىۋەتتى ،ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۇلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۇلەيخا):«سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك»دېدى.

يۈسۈف:«ئۇ (يەنى زۇلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى»دېدى.ئۇ (يەنى زۇلەيخانىڭ) ئائىلىسدىكلەر دىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ:«يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا ئۇنىڭ (يەنى زۇلەيخانىڭ) سۆزى راسىت يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان.

يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا ئۇنىڭ (يەنى زۇلەيخانىڭ) سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ راست»دېدى.

ئۇ (يەنى زۇلەيخانىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ:«ئەي ئاياللار جامائەسى! بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر! سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر»دېدى.

 (يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ».                                                

شەھەردىكى بەزى ئاياللار:ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ پادىشاھى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى.

ئۇ (يەنى زۇلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىندىغان) تەكىيە- ياستۇقلارنى تەييارلىدى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۇلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن»دېدى ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ بولۇپ قىلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋىلىشتى. ئۇلار:«(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ااﷲ پاكتۇر بۇ ئادەمزات ئەمەس پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر»دېيىشتى.

ئۇ (يەنى زۇلەيخا):«مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىندۇ چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ»دېدى.

يۈسۈف:«ئى پەرۋەردىگارىم!ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن»دېدى.

پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى.اﷲ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاندىن ئۇلار ( يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بىر مەزگىل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى.

 (ساقى پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ:«ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كىلىڭلار»دېدى.(پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۈسۈفنىڭ يېنىغا بارغاندا يۈسۈف ئەلچىگە : «خۇجاينىڭغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسۋالغان خۇتۇنلارنىڭ ئىشنى(بىلەمدۇ­) سوراپ باققىن»دېدى.

پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ):«سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا ھەقىقىي ئەھۋال قانداق بولغان­»دېدى. ئۇلار:«اﷲ پاكتۇر! يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز»دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى:«ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم يۈسۈف ھەقىقەتەن راسىتچىللاردىن ئىدى»دېدى.

 (يۈسۈف ئېيتتى)«بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسنى قايتۇرۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسنى اﷲنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر».

«مەن ئۆزەمنى ئاقىلىمايمەن:نەفسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغفىرەت قىغۇچىدۇر، ناھايتى مېھرىباندۇر».‹4›

دىققەت قىلساق، سۈرە يۈسۈف 111 ئايەت بولۇپ، جەمئىي 16 ئايەتتە يۈسۈف ۋە زۇلەيخا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا زۇلەيخانىڭ ئىسمى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەسلى تەرجىمىسىدە ئەمەس، بەلكى يالاڭ تىرناق ئىچىدىكى قىسقىچە تەپسىرىدە 11قېتىم ئېنىقلاپ ئىيتىلغان. «تەۋرات»تىكى ۋەقەلىك بىلەن «قۇرئان»دىكى ئايەتلەر ۋەقەلىكىدىن نەزەر سالساق، يۈسۈف ئەزىز مىسرىغا سىتىلغان ۋاقتىدا بىر بالا ئىدى، ئەزىز مىسرى ھەتتا ئۇنى بالا قىلىۋىلىش خىيالىنى ئايالىغا ئىيىتقان. كىيىن ئۇ قۇرامىغا يەتكەندە ئەزىز مىسرىنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك يۈسۈفنى ناپاك تەلىپىگە مەجبۇرلىغان (سۈرە يۈسۈف 21-24 ئايەتلەر). زۇلەيخانىڭ ناپاك تەلىپى رەت قىلىنىپ،يۈسۈف قىچىپ چىققاندا زۇلەيخا دىدەكلىرىنى چاقىرمىغان، بەلكى ئىشىك ئالدىدا زۇلەيخانىڭ ئىرىگە دوقۇرۇشۇپ قالغان. زۇلەيخا يۈسۈفنىڭ تونىنى تۇتۇپ،ئىرىنى كۈتۈپ تۇرغان بولماستىن، بەلكى شۇئان يۈسۈفكە تۆھمەت قىلغان. ئەمما يۈسۈفنىڭ تونى سالدۇرىۋىلىنغان ئەمەس، بەلكى كۆڭلىكى يىرتىلغان ۋە شۇنداقلا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەزىز مىسرى ئائىلىسىدىكى بىرى تەرىپىدىن ئاقلانغانلىقى سۆزلىنىدۇ. كىيىنكى ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم» «تەۋرات» تا بايان قىلىنمىغان تەپسىلاتلارنىمۇ بايان قىلىدۇ. زۇلەيخا ئاياللارنىڭ پىتنىسدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مىھماندارچىلىققا چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈسۈفنى باشلاپ كىرىدۇ. ئاياللار يۈسۈفنىڭ گۈزەللىكىدىن تاڭ قىلىپ،بارماقلىرىنى كىسىۋىلىشقانلىقىنى سەزمەي قالىدۇ،ئاندىن  يۈسۈفنى سۇخەن گەپلەر بىلەن ئۆزىگە تارتىپ ، تەھدىد سۆزلەر ناپاك تەلىپىگە مايىل بولۇشنى ھەيۋە قىلىشىدۇ. تائاخىرىغىچە يۈسۈف ئۇلارنى كەسكىن رەت قىلىپ،ئاياللار پىتنىسىدىن زىنداننى ئەۋزەل كۆرىدۇ، زۇلەيخا يۈسۈفنى زىندانغا تاشلاتقۇزىدۇ. پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بىرىشتىن بۇرۇن يۈسۈف زۇلەيخا ۋە باشقا ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاياللار « يۈسۈفتە گۇناھ يوق، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دەپ گۇۋاھلىق بىرىشىدۇ. ئەنە شۇنىڭ بىلەن زۇلەيخا قايتا تىلغا ئىلىنمايدۇ.

ئىسلام يىتىشتۈرۈپ چىققان ئەڭ بۈيۈك ئىسلام تارىخچىسى ۋە مۇپەسسىر ئەتتەبارىي(839-932) كىتابىدا « زۇلەيخا كەلىمىسى پارسچە بىر ئىسىمدۇر، ئەرەبچە شەكلى بولسا زەلىخا، ئىككىلا خىل ئوقۇسا دۇرۇس... بەزى مەنبەلەردىن كۆرە، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Râîl'  رايىل» دەپ يازغان.( ئەتتەبارى ،بەيرۇت، 1:337 –بەت) ئەمما زۇلەيخانىڭ شەخسىيىتىگە دائىر سۈپەت رولىدىكى سۆز-ئىبارىلەرنى قوللانمىغان.‹5›

ئۇندىن باشقا، يۇقارقى ئايەت ۋە مەزمۇنلارغا ئاساسەن، «قۇرئاندىكى قىسسىلەر» ۋە تۈركىيەلىك شەيىخ ئەھمەد بەھجەدنىڭ «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى» ناملىق ئەسىرىدە يىتەرلىك ئەدەبىي تەپسىرلەر بىرىلگەن. زۇلەيخانىڭ ئىرى پۇتىفار تەۋراتتا باش ياساۋۇل، « قۇرئان كەرىم»21-ئايەتتە مىسىرلىق ئادەم، 30-ئايەتتە ئەزىز، 51-ئايەتتە پادىشاھ دەپ ئاتىلىشى، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ ھۆكۈمدار تەبىقىسدىكى ئەلەمدار ۋەزىرلەدىن، ئەزىز ئۇنىڭ پەخرى ئاتىقى، ئەسلى باش ياساۋۇل بولغان، كيىنچە پادىشاھ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يۈسۈفنى قۇل قىلىپ سىتىۋىلىپ، بالا قىلىۋىلىش خىيالىدا بولىشىدىن يىشىدىن ھالقىغان، شۇڭىمۇ ئاياللىرىغا تاماسى يوق ۋە پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولىشى تەخمىن قىلىنىدۇ. يۈسۈفنىڭ بالا ۋاقتىدا، زۇلەيخانىڭ پۇتىفار ئەمرىدە ئىكەنلىكىدىن، ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ،يۈسۈفكە ناپاك تەلەپ قويغان ۋاقتى  زۇلەيخانىڭ  30 ياشلار چامىسىدىكى ۋاقتىغا تەھقىق قىلىنىدۇ. زۇلەيخاغا ئەخلاقسىز دەپ باھا بىرىشتىن بۇرۇن، ئەينى زامان ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ كۆرسەك، يۈسۈف ياشىغان دەۋر نېمە گۇناھ ئىش بولسۇن، كىشىلەر كۆرمىسە، ئاڭلىمىسىلا قىلىشقا بولىۋىرىدىغان، ھەتتا ئۆزلىرى ئىلاھ دەپ تىۋىنىدىغان بۇتلىرىنىڭمۇ كۆزىنى تىڭىپ قويسىلا، زىناغىمۇ يول ئوچۇق دەپ تونۇلغان، ئەرلىرى ئاياللىرىنى يات ئەرلەردىن قورۇمايدىغان پاسىق بىر جەمىيەت ئىدى. ئەنە شۇنداق جەمىيەتتە  يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلدۈرگەن ھىكمەت (سۈرە يۈسۈف 22-ئايەت) ۋە زامانىسىدىكى ئەڭ كىلىشكەن قەددى-قامەت، قەلبى پاك تەقۋادار يىگىت بولۇش سۈپىتى بىلەن يىگانە ئىدى.‹6› «قۇرئاندىكى قىسسىلەر» 109-110 بەتلەردە زۇلەيخانىڭ زىددىيەتلىك سۆيگۈسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ.

«زۇلەيخا ئۇنىڭغا قارىغانسىرى بۇ يىگىتنىڭ شۇنچە چىرايلىق ۋە زىھنىي كۈچىنىڭ شۇنچە تولۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن زۇلەيخادا ئىشقى-مۇھەببەت پەيدا بولۇپ،ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆرتەشكە باشلىدى... ئۇ ئىچىدە «مەن ئەڭ ياخشىسى بۇ شەھۋانىي نەپسىمدىن كىچىپ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي» دەپ ئويلايتى. بىراق، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھامان يەنە ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەھلىيا بولۇپ كىتەتتى.ئىشقى-مۇھەببەت زۇلەيخانىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى».

بۇندىن بۆلەك، «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى» 158-بەتتە يۈسۈفنىڭ ھۆسنى گۈزەللا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭ كىشى قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلغۇچى ھىكمەتلىك سۆھبەتلىرى، ئىشەنچىلىك، مەرد، راستچىل ۋە مۇلايىملىقىمۇ سۈپەتلىنىپ، زۇلەيخانىڭ ئىشىق سەۋداسىغا چۈشۈش سەۋەبلىرى ئىخچام ھەمدە كۆپ تەرەپتىن كۆرسىتىلىدۇ. دىمەك، يۇقارقى تارىخى ۋە ئەدەبىي تەپسىرلەردە سۈرە يۈسۈفتىكى ۋەقەلىكلەرنى تەپسىرلەشتە زۇلەيخا ھەققىدە ئايەتلەردىن سىرت ئارتۇق سۆز بولمىغان. ھەتتا ئەدەبىي تەپسىرلەردە، زۇلەيخامۇ ئەسلىدىن بۇ ئىشقى-مۇھەببىتىنى توغرا تاپمايدۇ ۋە سەۋر قىلماقچى بولىدۇ. بىراق يۈسۈفنىڭ جامالىنى كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئۆز بارماقلىرىنى كىسىۋالغانلىقىنى سەزمەي قالغۇدەك دەرىجىدە گۈزەللىكى ئالدىدا ئۆزىنى ئۇنتىغان، ئۆز نەپسىگە مەغلۇپ بولغان ئاجىزە زۇلەيخا ئوبرازىنى بايان قىلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»نى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغان يۈسۈف ئەلى«بارلىق مۇسۇلمان خەلىقلەرنىڭ تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىدە يۈسۈف-زۇلەيخا رومانتىكىسى ئەڭ جەلىپ قىلارلىق» دەپ يازغان ‹7›. ھەقىقەتەن مۇسۇلمان شەرقىدە، بولۇپمۇ سوپىستىك ئەدەبىياتتا يۈسۈف-زۇلەيخا ئەنئەنىۋى تىما بولۇپ، زۇلەيخا پاك ۋە ئوتلۇق مۇھەببەتكە ئىگە بىر گۈزەل ئايال دەپ تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن: يۈسۈف-زۇلەيخا ھىكايىسى ئاساس قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىدا ۋە شۇنداقلا تۈركى تىللاردا قايتا-قايتا يىزىلغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ئابدۇراخمان جامى (1414-1492) « يەتتە تەخت » ناملىق شاھانە ئەسىرىگە كىرگۈزگەن يۈسۈف- زۇلەيخا داستانى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن پارس شائىرى ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسىمۇ (932-1021) يازغان بولسىمۇ، ئانچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغانلىرىدىن رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» ناملىق ئەسىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھەزەل يۈز بەتلىك قىسسە، دۇربېك (تەخمىنەن 1450- 1530يىللىرى ياشىغان) 1409–يىزىپ چىققان «يۈسۈف-زۇلەيخا» داستانى بىلەن 1807-يىلى يىزىلغان موللا رەھىم قەلىمىدىكى زور ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»دىكى 56 باب ھەجىمدە يىزىلغان مۇشۇ ئۈچ داستان بىر قەدەر گەۋدىلىك ئەسەرلەر ھىسابلىنىدۇ. ئوردۇ  تىلىدا يىزىلغانلاردىن كەشمىرلىك شائىر مۇھەممەد گامى (1765-1855) مەسنەۋىي ۋە غەزەل شەكلىدە 700 بىيىتلىق  «يۈسۈف –زۇلايخا» ناملىق داستان بار بولۇپ، ئۇ كەشمىر ئەدەبىياتىدا تۇنجى ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان مەسنەۋى، شۇنداقلا كەشمىر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ئەسەرلەردىن ھىسابلىنىدۇ.‹8›

«قىسسەسۇل ئەنبىيا»دا زۇلەيخا ئوبرازىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 202-بەتتە «زۇلەيخامۇ ئاياللار ئارىسىدا تىپىلمىغۇدەك دەرىجىدە ساھىبجامال ئايال ئىدى»، «يۈزى قۇياش ئېردى ۋەلې بىزەۋال، بارچە فۇنۇن بابىدا ساھىب كامال» دىيىش ئارقىلىق، زۇلەيخانى پەنلەر بابىدا كامالەتكە يەتكەن ساھىبجامال دەپ سۈپەتلەيدۇ.  1914-يىلى لوندوندا سوفى ئۇستاز ھەزرىتى ئىنايەتخان «مەنىۋىي ئەركىنلىك» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، لىكسىيەسىنىڭ 3-بۆلۈمىدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلەيخانى رەت قىلىشى ئۇنى ياقتۇرمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى زۇلەيخانىڭ ئېرى بارلىقى، يۈسۈفنىڭ ھەم زۇلەيخاغا كۆڭلى بارلىقى،ئەمما ئاللاھنىڭ بىكىتكەن پەرمانلىرىغا بويسۇنىشى كىرەكلىكى، ئۇلار ئارىسىدا پەقەتلا پاك ۋە ئوتلۇق مۇھەببەت بار، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم ئەمەس ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.‹10›

يىغىپ ئىيىتقاندا، زۇلەيخا ئوبرازى ئەدەبىي ئىجادىيەت سەمەرىلىرىدە ئەسىرلەر بويى رەزىللىكتىن گۈزەللىككە قاراپ مۇكەممەللىشىپ، تولۇقلىنىپ بارغان. ھەر قايسى دەۋر ۋە رايون يازغۇچى-شائىرلىرى ئۆز ئىقتىدارى ۋە دۇنيا قارىشىغا بىقىپ زۇلەيخا ئوبرازىنى بىزىگەن، ئاقلىغان، ھەتتا يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ نامايەندىسى قىلغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋرۇرىدىكى توقۇلما بايانلار خالاس. چۈنكى مەيلى دىننى، مەيلى تارىخى مەنبەلەردە بولسۇن، ھەتتا ئەدەبىي كىتاب مەنبەلىرىدە بولسۇن يۈسۈف- زۇلەيخا مۇھەببەت سەزگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ئاساس بولغۇدەك كۈچلۈك ھۆججەت يوق. ئەكسىنچە يۈسۈف-زۇلەيخا داستانىنى ئىنكار قىلىدىغان كۈچلۈك ئاساسلار تۆۋەندىكىچە :

 

1. «تەۋرات» بەرگەن ئۇچۇرلارغا باققاندا، يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك يۈسۈف پىرئەۋىننىڭ غەمغورلىقىدا، باش پوپنىڭ قىزى بىلەن ئۆي تۇتىدۇ ۋە بالىلىق بولىدۇ.

2. قىسسەسۇل ئەنبىيادا، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتلەر « ھىكايە قىلىپتۇلەركى»، «ھىكايەتتە شۇنداق كەلتۈرۈلەركى»، «شۇنداق رىۋايەت قىلىپتۇرلەركى»، « شۇنداق رىۋايەت قىلۇلاركى»، «رىۋايەت قىلۇلاركى» دەپ باشلىنىشىدىن ئاپتورنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن، خەلق ئارىسىدىكى ئاغزاكى نۇسخىلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئەنە شۇنداق مول ھەجىملىك، تولىمۇ رومانتىك ئاممىباب ئەسەر قىلىپ چىققانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.‹12›

3. سوفىزىم بىلەن يۇغۇرۇلغان زۇلەيخانىڭ ئىشقى-ھەۋەس ئۈچۈن يۈسۈفنى ئۆزىگە چاقىرىشى ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەم يەتتە قىتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كىيىن ئەقلىنى تىپىىشى سوفىزىم قارىشىدىكى مۇھەببەتنىڭ بىر قىسمى ئەمەس‹13›! زۇلەيخانىڭ بۇ قىلمىشى «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئىلىنغانلىقى بەرھەق بولسىمۇ، يۈسۈف ئەلەيھسىسسالامغا زىناغا تەمشىلىش كەبى چوڭ گۇناھنى نىسبەت بىرىشكە بولماس‹14›! جامى بولسا ئاغزاكى كۆچۈپ يۈرگەن رىۋايەتلەرنى كۆپلەپ پىششىقلاپ ئىشلەتكەن. زۇلەيخانىڭ چەككەن ئازابلىرى جامىنىڭ تىلى بويىچە ئىيىتقاندا«لەززەتلىك ئازاب... مۇشەققەت بولمىسا ھاياتنىڭ لەززىتى بولمايدۇ» دىيىش ئارقىلىق ھەققە يىتىش ئۈچۈن ئىشىق يولىدا رىيازەت چەكمەك لازىم دىگەن ئىددىيىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغان.‹15›

4. ئەڭ مۇھىمى، «قۇرئان» دىكى ئايەتلەردىن كۆرە، زۇلەيخا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى يولدىن چىقىرىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن. يۈسۈفنى ئەخلاقتىن، توغرىلىقتىن، ھەقتىن ئازدۇرماق ئۈچۈن زۇلۇم قىلغان ئايالنىڭ ئاخىرىدا يەنە يۈسۈفكە ياتلىق بولىشى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىززەت-شەنىگە زىتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايەت دەلىل ئەتسەك:

 يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر. ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر ،ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.( سۈرە نۇر 26-ئايەت )

بۇ سەۋەبتىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلەيخا بىلەن ئۆيلىنىشى بولماس.‹16› («پاكىستانلىق كاتتا ئالىم ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى، تەفھىمۇل قۇرئان 2:448-بەت» - تۇرگاي نۇرىددىن: زۇلەيخا )

پايدىلانغان كىتابلار :

[ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

 رابغوزى: «قىسسەسۇل ئەنبىيا » ئۇيغۇچە، ئابدۇراخمان جامى: « يۈسۈف-زۇلەيخا» ئىنگىلىزچە

‹1›،‹12›ئەنۋەر مەتسەيدى:« يۈسۈف زۇلەيخانىڭ ئارخىپى»،«بۇلاق» ژورنىلى 2008-يىل 5-سان  

‹2› «قۇرئان كەرىم»، ئۇيغۇرچە ئىزاھات قىسمى 632-633-بەتلەر

‹3›، ‹8› ۋىكىپىدىيا ئىنىسكىلوپىدىيە تورى  

‹4› «قۇرئان كەرىم› 21~53 ئايەتلەر

‹5› تۇرگاي نۇرىددىن: « زۇلەيخا»     تۈركىيە

‹6› «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى» 157-بەت          

‹7› «قۇرئان كەرىم» ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى 594-بەت

‹9› ،‹13› ،‹15› David Beutelداۋىد بىيۇتىل 1997-يىل 14-مارت: «جامىنىڭ يۈسۈف-زۇلەيخاسى» ‹داستان 6-،113-بەتلەر›

‹10› 1914 -يىلى لوندوندا سوفى ئۇستاز ھەزرىتى ئىنايەتخان «مەنىۋىي ئەركىنلىك» تېمىسىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسىنىڭ 3-بۆلۈمى: «يۈسۈف»

‹14› ئابدۇللاھ ئايدەمىر: «ئىسلامىي مەنبەلەردە پەيغەمبەرلەر: ھەزرىتى يۈسۈف» 20-بەت

‹16› تۇرگاي نۇرىددىن:« زۇلەيخا» پاكىستانلىق كاتتا ئالىم ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى: «تەفھىمۇل قۇرئان» 2:448-بەت                           

 

مەنبە: ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالەم.

tiwip 2011-06-02 14:03
ئورۇن ئىلىپ قويدۇم ، ئالدىرىماي ئوقۇپ، تەھلىل قىلاي !

esir 2011-06-02 14:45
ماۋزۇنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

maxal20 2011-06-02 14:48
ئىشقىلىپ بۇ قىسسىنى قىسەسۇل ئەنبىيادا بەك غايىۋىيلاشتۇرىۋەتكەن. ئۆتكەندە ئىشلەنگەن فىلىم توغرىلىق ئېرانلىقلار بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. يۈسۈپ زۇلەيخا فىلمى ئېراندا قاتتىق بىر پەس غۇلغۇلا قوزغاپتىمىش. چۈنكى ئېران ھۆكۈمىتى، شىئەلەر ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سىڭدۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈنمىش.
ئىشقىلىپ ئەڭ ئېنىقى قۇرئاندىكى مەلۇماتلار ئارقىلىپ بىلگەنلىرىمىز يېتەر دەپ ئويلايمەن.  باشقىسىغا تاڭ جۇمۇ.      

maxal20 2011-06-02 14:49
راستلا، ماۋزۇسى بىر قىسملا مەنا بېرىپ قويىدىكەن.

muellip 2011-06-02 15:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىڭىزنىڭ تېمىسىمۇ ئەسلى مۇشۇمىدى ياكى مۇنبەرگە شۇنداق يوللاندىمۇ؟ بۇ ماقالىڭىز نەچچە ۋاقىتتىن كۇتۇپخانىدا تۇرسا ئوقۇماپتىمەن. ئەمدى بۇنى ئەلكۈيى مۇنبىرىدە كۆرۈپ ئەجەپ ھازىرغىچە ئوقۇپ باقماپتىمەن دەپ قالدىم. ئالدىنقى يىلى ئابلىكىم مۇئەللىم "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى" دەرسىدە تۆت سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ "قىسسەسۇل ئەنبىيا" دىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ئوقۇتقان ئىدى. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىپ كەتتۇق. مەن شۇ چاغدا قۇرئاندىكى سۈرە يۈسۈپ بىلەن قىسسەسۇل ئەنبىيادىكى مەزمۇنلاردا خېلى كۆپ پەرق بارلىقىنى بايقىغان ھەم مۇئەللىمدىن بەزى مەسىلىلەرنى سورىسام مۇئەللىم" بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن" دەپلا گەپنى تۈگەتكەن ئىدى. ماقالىڭىزنى بالدۇرراق ئوقۇسام بوپتىكەن ئەسلى. بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم خېلى چوڭقۇرلاشتى. رەھمەت سىزگە.

nimjan 2011-06-02 16:01
قىسسەلەردە سۆزلەنگەن  مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ ئۆزى رېئال شەخسلەرمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەلئېھرامدا قەبرىلىرى بارمىدۇ؟

dastanpirets 2011-06-02 16:48
ماۋزۇنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.سىزكۇرئانگاشەك كەل تۇرۋاتىسىز.
كۇرئان يىتەرلىك تۇر.

kokyal 2011-06-02 16:58
مەن ئۇ كىنونى كۆرمىگەن ئىدىم ، قۇرئاندىكى يىتەرلىك دەپ.

kirani 2011-06-02 17:09
توغرىسىنى ئاللا بىلىدۇ.  . .بەلكىم قۇرئاندىكىسىگە(نۇر سۈرىسىگە) ئاساسلانغاندا سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرىدۇ. . .

uhibbu 2011-06-02 17:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ماۋزۇنى تەھرىرلەي دىسەم ھوقۇقۇم يەتمىدى، ھوقۇقى يەتكەنلەر : يۈسۈپ زۇلەيخا مۇھەببەت قىسسىسى راستمۇ؟ دەپ ئۆزگەرتىپ قويسا.

erkamil 2011-06-02 17:21
بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم، قايىل قىلارلىق بولۇپ ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ھەقىقەتەنمۇ يۈسۈپ زۇلەيخاغا ئائىت مۇھەببەت ۋەقەسى يوق تەپسىردىمۇ بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات يوق. ئەمما تەپسىردە بوتىفارنىڭ پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىگىنى سۆزلەيدۇ.

uhibbu 2011-06-02 17:23
مۇئەللىپكە:
ئابلىكىم مۇئەللىمگە ھازىر قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىزمۇ، ئوخشاشلا قوبۇل قىلىدۇ، ئوبدان مۇئەللىم ئۇ.
يۈسۈپ-زۇلەيخانىڭ كىنوسىغا كەلسەك، كىنوسىنى كۆرۈش پەتىۋا بىلەن چەكلەندى. ئەسلىدىنلا پەيغەمبەرلەر ئوبرازىنى  كىنوغا چىقىرىش تامامەن خاتا. مەن چەكلەنمەستە قىسقارتىلمىسىنى كۆرۈۋاپتىكەنمەن. "قىسسەسۇل ئەنبىيا" غا قارىغاندا ئۇ فىلىم خىلى ياخشى ئىشلەنگىنى ھىسابلىنىدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازىنى خىلى ساقلاپ قالغان. ئەمما قىسسەسۇل ئەنبىيادا بولسا، كىشى ئوقۇغانسىرى تىترەك باسىدۇ.
قسسەسۇل ئەنبىيانىڭ كىرىش سۆزىدىلا: تەۋرات، ئىنجىل، قۇرئان كەرىم ۋە باشقا خەلق ئىغىز ئەدەبىياتىدىن ئىلىنغانلىقى سۆزلەنسىمۇ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇ دىننىي كىتابتەك ھۆرمەتلىك.

taxbalik 2011-06-02 18:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دىمەك يۈسۈپ-زۈلەيھا قىسسى مۇھەببەت قىسسى يوق ئىكەندە . ئۇنداقتا ئۆتكەنكى كىنوسنى يۈسۈپ ئەلەيھى سالامغا قىلىنغان تۆھمەت دەپ چۈشەنسەك  بولدىكىندە ، بۇ جەھەتتە خەۋرى بارلار تەپسىلىلىگرەك چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلا بوپتىكەن !!!

taxbalik 2011-06-02 18:31
بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزلىپتۇ مۇئەللىپنىڭ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە تەشەككۈر
ئاپتۇر بۇ قىسسىنىڭ كىنوسىغا قانداق باھا بىردىكىن ئاڭلاپ باققان بولساق !!!

uhibbu 2011-06-02 18:55
يۈسۈپ-زۇلەيخانىڭ كىنوسىغا كەلسەك، كىنوسىنى كۆرۈش پەتىۋا بىلەن چەكلەندى. ئەسلىدىنلا پەيغەمبەرلەر ئوبرازىنى  كىنوغا چىقىرىش تامامەن خاتا! مەن چەكلەنمەستە قىسقارتىلمىسىنى كۆرۈۋاپتىكەنمەن.
ھىس قىلشىمچە، كىنوسىدا 10-ئەسىردە ئىراندا ياشاپ ئۆتكەن سوپىزىم شائىرى ئابدۇراخمان جامىنىڭ شۇ ھەقتىكى ئەسىرىگە بەكرەك سادىق بولغان. قىسسەسۇل ئەنبىيادىكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى. كىنو بارلىق يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىلىرىدىكى ئەڭ گۈزەل ھىكايىلەرنى ئۆزىدە جۇغلاپ ، تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئەمما ھەقىقەتەن كۆپلىگەن ئىشەنچىسىز مەنبەلەرگىمۇ تايانغان. شۇڭا بىرىلگەن پەتىۋا بويىچە كۆرمىگەن ياخشى.
ھىلىمۇ شۇ كىنونى كۆرۈپلا ، نۇرغۇنلار كىنودىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام رولىغا چىققان ئاداشنىڭ رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىپ يۈرمىدىمۇ؟ ئادەمنى بۇتقا ئايلاندۇرۇش، ئۇلۇغلاش، شىرىكلىككە ئاپىرىش ئەنە شۇنداق كىچىك ئەمەللەردىن باشلىنىدۇ. بىز ئۇنى كىچىك كۆرىمىز، بىزدىن كىيىنكىلەر ئۇلۇغلايدۇ، يەنە كىيىنكىلەر ئاتا بوۋىمىز ئۇلۇغلىغان پەيغەمبەر ئىكەن دەپ شىرىك ئەمەللەرنى قىلىدۇ! "قۇرئان" دا تىلغا ئىلىنغان لات ئۇزرا دىگەن بۇتلارمۇ، ئەسلى ياخشى كىشىلەرنى ئەسلەيمىز دەپ قاتۇرۇلغان بۇتلار، كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۇلارنى ئاللاغا ۋەسىلە قىلىمىز دەپ مۇشرىك بوپ كەتمىدىمۇ؟

gulhana 2011-06-02 19:32
قىسسەسىنى ئوقۇغان ئىدىم . بۇ يەردە كىنوسىنى ھەپتىدە بىر قىسىمدىن بىرىدۇ ، قايسى ۋاقىتتا بىرىدىغانلىقىنى بىلەلمەي كۆرمەپتىمەن .

tiwip 2011-06-02 20:06
   بۇ تىمىدىكى خاتالىقلار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچىتىدۇ .
1-ئابزاسنى ئوقۇدۇم . بۇ ئابزاستا ئاپتۇر بىز ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى "قۇرئان كەرىم"توغرىسىدىكى بەزىبىر بايانلارنى سۆزلەپتۇ .ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، يۇسۇف سۇرىسىدە ، "زۇلەيخا" ناملىق ئايال تىلغا ئىلىنىدۇ .
  يۇسۇف-زۇلەيخا قىسسى ئاپتۇر دىگەندەك دۇنيادىكى ھىچقاندەك بىر  قىسسىگە ئوخشىمايدۇ ، ھەم ئوخشىتىشقىمۇ قۇربىمىز يەتمەيدۇ. چۇنكى بۇ ھەق جانابى ئاللاھنىڭ سۆزى قانداقمۇ ئىنسان سۆزى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولسۇن ؟!  ئاپتۇر بۇ يەردە خۇددى بۇنى تارىخى دەۋىرلەردە ئۆتكەن بىرەر كىشى تەۋەللۇت قىلغاندەك، باشقا  كىلاسسىك ئەسەرلەرگە سىلىشتۇرۇپ ئۇلگۇرۇپتۇ.

  

yabera 2011-06-02 20:15
كىنودا  زۇلەيخا  توۋا  قىلىپ  ، ئاخىرىدا  مۇسۇلمان  بولدىغۇ ؟!  شۇنداقتىمۇ .......  
مەنغۇ  بۇ  كىنونى ئىسلام ئەللىرى  ئىشلىگەندىكىن ، توغرا ، ئىشەنچىلىك ۋەقەلىكلەرنى  ئىشلەتتى . دەپ ئويلىغان .  
   توغرىسىنى  بىلگۈچى بىر ئاللاھ . بۇرۇن بىز  بولمىغاندىكىن شۇ  پەرەزلا قىلىمىز شۇ .....
  

uhibbu 2011-06-02 21:44
تىۋىپ ئەپەندىم، تىمامنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ؟ بولمىسا ئوقۇڭ.
قىنى مۇمكىن بولسا "قۇرئان كەرىم" دىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەمەس، "قۇرئان كەرىم" نىڭ ئۆزىدىن ماڭا زۇلايخانىڭ ئىسمىنى تىپىپ بىرىڭ.

مەن "قۇرئان كەرىم" دىكى ھەقىقىي يۈسۈپ زۇلەيخا قىسسسى بىلەن باشقىلار يازغان ساختا مۇھەببەت قىسسىلىرىنى ئىنكار قىلدىم. دەلىل پاكىتلىرىم تۇرۇپتۇ. سىلىشتۇرغان بولسام قانداق سىلىشتۇردۇم، قانداق خاتالىق بار دەلىل بىلەن كۆرسىتىپ بىرىڭ.

yahxilik 2011-06-02 22:07
ماۋزۇ بەك چوڭ قۇيۇلغان،ئۆزگەرتىلىش  كېرەك...

nimjan 2011-06-02 22:39
نەقىل
بۇ 15قەۋەتتىكىuhibbu يوللىغان 2011-06-02 18:55 غا قارتىلغان  :
يۈسۈپ-زۇلەيخانىڭ كىنوسىغا كەلسەك، كىنوسىنى كۆرۈش پەتىۋا بىلەن چەكلەندى. ئەسلىدىنلا پەيغەمبەرلەر ئوبرازىنى  كىنوغا چىقىرىش تامامەن خاتا! مەن چەكلەنمەستە قىسقارتىلمىسىنى كۆرۈۋاپتىكەنمەن.
ھىس قىلشىمچە، كىنوسىدا 10-ئەسىردە ئىراندا ياشاپ ئۆتكەن سوپىزىم شائىرى ئابدۇراخمان جامىنىڭ شۇ ھەقتىكى ئەسىرىگە بەكرەك سادىق بولغان. قىسسەسۇل ئەنبىيادىكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى. كىنو بارلىق يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىلىرىدىكى ئەڭ گۈزەل ھىكايىلەرنى ئۆزىدە جۇغلاپ ، تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئەمما ھەقىقەتەن كۆپلىگەن ئىشەنچىسىز مەنبەلەرگىمۇ تايانغان. شۇڭا بىرىلگەن پەتىۋا بويىچە كۆرمىگەن ياخشى.
ھىلىمۇ شۇ كىنونى كۆرۈپلا ، نۇرغۇنلار كىنودىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام رولىغا چىققان ئاداشنىڭ رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىپ يۈرمىدىمۇ؟ ئادەمنى بۇتقا ئايلاندۇرۇش، ئۇلۇغلاش، شىرىكلىككە ئاپىرىش ئەنە شۇنداق كىچىك ئەمەللەردىن باشلىنىدۇ. بىز ئۇنى كىچىك كۆرىمىز، بىزدىن كىيىنكىلەر ئۇلۇغلايدۇ، يەنە كىيىنكىلەر ئاتا بوۋىمىز ئۇلۇغلىغان پەيغەمبەر ئىكەن دەپ شىرىك ئەمەللەرنى قىلىدۇ! "قۇرئان" دا تىلغا ئىلىنغان لات ئۇزرا دىگەن بۇتلارمۇ، ئەسلى ياخشى كىشىلەرنى ئەسلەيمىز دەپ قاتۇرۇلغان بۇتلار، كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۇلارنى ئاللاغا ۋەسىلە قىلىمىز دەپ مۇشرىك بوپ كەتمىدىمۇ؟

ئابدۇرەھمان جامىي 10-ئەسردە ئىراندا ياشاپ ئۆتكەنما؟ ئانداغ ئەمەستۇ ؟ مەن بۇ بۈيۈك تاجىك شائىرىنى ھېراتتا 1414-يىلى تۇغۇلۇپ 1492-يىلى ۋاپات بولغان، دەپ بىلەتتىما؟ يەنە تېخى ئۇنىڭ ئۇستازى سەئىدىددىن كاشغەرىي ، دېگەن مەلۇماتنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم!

uhibbu 2011-06-02 22:52
ئابدۇراخمان جامى (1414-1492
تېمىدا توغرا يىزىپ، ئىنكاستا بىپەرۋالىق قىپتىمەن. مەن ناماقۇل.  

tiwip 2011-06-02 22:56
نەقىل
بۇ 19قەۋەتتىكىuhibbu يوللىغان 2011-06-02 21:44 غا قارتىلغان  :
تىۋىپ ئەپەندىم، تىمامنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ؟ بولمىسا ئوقۇڭ.
قىنى مۇمكىن بولسا "قۇرئان كەرىم" دىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەمەس، "قۇرئان كەرىم" نىڭ ئۆزىدىن ماڭا زۇلايخانىڭ ئىسمىنى تىپىپ بىرىڭ.

مەن "قۇرئان كەرىم" دىكى ھەقىقىي يۈسۈپ زۇلەيخا قىسسسى بىلەن باشقىلار يازغان ساختا مۇھەببەت قىسسىلىرىنى ئىنكار قىلدىم. دەلىل پاكىتلىرىم تۇرۇپتۇ. سىلىشتۇرغان بولسام قانداق سىلىشتۇردۇم، قانداق خاتالىق بار دەلىل بىلەن كۆرسىتىپ بىرىڭ.


" ھەر قايسى دەۋرلەردىكى قەلەم ساھىبلىرى ئۈلگىلىك ئەسەرلەر، گۈزەل ئىستىلىستىكىق ۋاستىلەر، ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشى ۋە غايىۋانە رومانتىك تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئۆز زامانىسىنىڭ جەمىيەت رىئاللىقىنى يورۇتۇپ بىرىش ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەسۋىرلەشتە بىتەققاس ئىجادىيەت سەمەرىلىرىنى ياراتقان."

   بۇ جۇملىڭىز بىلەن يۇقارقى ئىنكاسىڭىز بىردەك بولماي قالدى .بىرسىدە مۇئەييەنلەشتۇرگەن بولسىڭىز يەنە بىرسىدە ئىنكار قىلدىڭىز !
خۇش، سىز يەنە بىر خاتالىققا يول قويدىڭىز : "يۇسۈپ" دىگەن بۇ سۆز ، ھەزىرتى "يۇسۈف"ئەلەيھىسالامنىڭ ئىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىسىىز . بىراق ئەرەپ ئىلىپپەسىدە "پ" ھەرپى مەۋجۇد ئەمەس . "ف" ھەرپى مەۋجۇد. شۇڭا "يۇسۈپ"ئەمەس ، "يۇسۈف" دەپ ئىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

uhibbu 2011-06-02 23:35
تىۋىپ ئەپەندىم، يۇقىرىدا دەپتىمەنغۇ، ئۇلار  ئەپسانە رىۋايەت ۋە غايىۋانە رومانتىك تەسەۋۋۇرلار بىلەن يازدى. دىمەك، ئۇ تەسەۋۋۇر بىلەن بارلىققا كەلگەن نەرسە، ھەقىقىي ئەمەس.
مەن "قۇرئان" دىكى سۈرىدىن ئايەتلەرنى نەقىل قىلدىم، تەپسىرلەرنى بايان قىلدىم، ھەم ئۇ غايىۋى تەسەۋۋۇرلارنى ئەشۇ تەپسىرلەرنىڭ ياردىمىدە ئىنكار قىلدىم.
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى سىلىشتۇرۇشنى بىلىپ باقسام دەيمەن.
ئاخىرىدا، مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا ف ھەرپى بىسىلمىغاچ، پ ھەربى بىلەن يازدىم، ئاۋۇ ف نىمۇ سىزدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتتىم. ئەپۇ قىلارسىز.

nimjan 2011-06-02 23:50
بۇنداق بىرمۇ-بىر ئىزاھلىغان بىلەن لۈ بۇۋېيدەك بولۇپ قالىسىز، ئىزاھلاپ-جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈرەلمەيسىز! سوئالنى مۇنبەردىكىلەر ئەمەس، يېتەكچى مۇئەللىمىڭىزنىڭ قويغىنى تۈزۈك!

hebibulla912 2011-06-03 00:41
مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم كىچىك ۋاقىتلىرىمدا (قىسەسۇل ئەنبىيا)دىن ئۇقۇغان
قۇرئان كەرىمدىكىنى تەتبىقلاش ئەڭ توغرا ئۇسۇل . كىنوسىمۇ خېلى ئوبدان ئىشلەنگەندەك

uyghar-0992 2011-06-03 01:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم< uhibbu> ھاجىم ئۇكام!!!!
يازغان ماقالىڭىزغا بىر قانچە تۈرلۈك ئىنكاس يېزىشنى توغرا كۆردۈم...
1-ماقالىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق،چۈشىنىشلىك،دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق بولۇپتۇ.مۇشۇ ماقالىنى يېزىپ توپلاش جەريانىدىكى جاپالىرىڭىزغا ئاللا ئەجىر ئاتا قىلسۇن!
2-پايدىلانغان ماتېرياللىرىڭىز ئىچىدىن كۆپىنچىسىنى ناھايىتى كۆچلۈك بولغان مەنبەلەردىن ئىلىپسىز، ئەمما قىىسسەسۇل ئەنبىيا بۇنىڭ سېرتىىدا،گەرچە بۇ كىتاپنى باشقا دەلىللەر بىلەن ئىنكار قىلغان بولسىڭىزمۇ ، بۇ كىتاپدىن نەقىل ئىلىپ مەيدانغا چېقىرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.چۈنكى بۇ كىتاپ ئەسلىدىنلا بىر دىنى-ھۆججەت قىلىدىغان كىتاپ ئەمەس،توغىرسىنى ئېيتساق بۇ كىتاپ خۇددى بىز كىچىك چىغىمىزدا ئوقۇيدىغان چۆچەك كىتاپلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.شۇڭا بەزى كۇچلۇك بولغان ئۆلىمالار بۇكىتابنى ئوقۇشنى توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ.
3-بەزى تورداشلىرىمىز سىزنىڭكى يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىنۇسىنى كۆرۈش-كۆرمەسلىك توغرىسىدىكى جاۋابىڭىزنى تازا چۇشىنەلمىگەندەك قىلىدۇ،ئەمما جاۋابىڭىز تولىمۇ توغرا بوپتۇ!!!قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتا چۇشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن  يەنىمۇ  كەڭ  دائىرىلىك  چۈشەنچە    بېرىپ  قويېشىڭىزنى سورايمەن.

lawrence 2011-06-03 09:53
  مېنىڭ بىلىشىمچە ئەتراپىمدىكى ۋە  مەن  ئۇقىدىغان نۇرغۇن  ئۇيغۇر  زىيالىي قېرىنداشلىرىمىز  بۇ فىلىمنى  كۆردى  ۋە  دۇنيا  قارىشىغا  بەلگىلىك  يېڭىلىق  ئېلىپ  كەلدى ،  مېنىڭچە  بۇ  فىلىمنىڭ  ئۇيغۇرلارغا  كۆرسەتكەن  ئاكتىپ تەسىرىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك .

ھۆرمەتلىك  مۇئەللىپ ،  بۇ ئىلمىي  ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ ،     ماقالە   " ئىلاھىيەتشۇناسلىق " كەسپىدىن يېزىلغانمۇ  ياكى  " ئەدىبىيات  " كەسپىدىنمۇ ؟ قىزىقىپ  قالدىم ، مالال كۆرمىگەيسىز .

uhibbu 2011-06-03 10:27
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيغار ھاجىمكا ۋە لاۋرەنس
سىلەرنىڭ باھايىڭلارغا رەھمەت!
ماقالە ئەدەبىيات كەسپىدە يىزىلغان. شۇڭا قىسسەسۇل ئەنبىيا ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن نەقىل ئىلىنىپ ئۆتۈلدى، ۋە شۇنىڭدەك شۇ ئەسەرلەردىكى خاتالىقنى كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچىلىك ماتىرىيال مەنبەلىرىگە مۇراجەت قىلىندى.
فىلىم ھەققىدە،  ئايرىم ئىنكاس يوللاي.

uhibbu 2011-06-03 10:28
يۈسۈف-زۇلەيخا


63704-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم كۆپ كۆرىلىۋاتىدۇ، بۇ توغرىدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.


جاۋاب:بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
شىئەلەر (راپىزىلار) يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ھېكايە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلىكىدىن ياشلىق ۋە ياشانغان دەۋرىگىچە بولغان ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان  فىلىم ئىشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىپ يالغاننى ئارىلاشتۇرغاندىن سىرت بۇنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ياشىغان زامانىنى مەۋھۇم تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئاشكارا قىلدى. ئۇلار يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى پىرئەۋنلار زامانىدا قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). پىرئەۋنلارنى مۇۋەھھىدلاردىن (يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلغۇچى) قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). قۇرئاننىڭ ئوچۇق تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ساتقان قىلدى. ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەس. فىلىم ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ۋە پەسكەشلىكنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.
پەيغەمبەر ياكى ساھابىنىڭ شەخسىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىش دىندا (يەنى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە) چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا نۇرغۇن بۇزۇقچىلىق ۋە دىنغا زىت كىلىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بىز رولغا چىققان ئارتىسنىڭ شەخسىيىتىگە ئالاقىدارلىق زور بۇزۇقچىلىقنى كۆرىمىز. پەيغەمبەرنىڭ رولىغا چىققان ئارتىسنىڭ بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت بولغان شەرئى مۇھەببەتنىڭ ئارىسى ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئاقىۋەتتە ئىنسان ئۆزىنى پىتنىگە تاشلايدىغان ئىشلارغا ئۆز پۇتى بىلەن بارىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: پەيغەمبەرلەر، ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ شەكلىدە رولغا چىقىشنىڭ ۋە ئارتىسلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىپ رولغا چىقىپ يەنە بىر تەرەپتىن كافىرلارنىڭ رولىغا چىقىشىنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن:

1-سەھنىدە كۆرسىتىلىدىغىنى ئارتىسنىڭ تەبىئىتىدىكى ياسالما ئىش-ئىز، ساختا، ياغلىمىلىق، ئۆزگەرتىش ياكى سۆزنى زىيادە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆرگۈچىلەرنى مايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىدۇ. بۇ ئارتىسلارنىڭ مەزكۇر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا لايىق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلار باشقىلارغا ياكى ھاياتىنى ئىسلامغا ياردەم بېرىش، جىھاد قىلىش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، سۆزلىرى دەۋەت-تەبلىغدىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبەرلەر، ساھابىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلار نامىدىن سۆز قىلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەس.

2-ئارتىسلار ئاساسەن راست سۆزلىمەيدۇ، ئېسىل-ئىسلام ئەخلاقى بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ، ئۇلار توقۇلما سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، مال-دۇنيا توپلاش ۋە تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ساھابىلار ۋە باشقا پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق قىلىش، يۈز ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ۋە ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە ئوخشىغان كۆرۈنۈشلەر مۇسۇلمانلار قەلبىدە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى يوقىتىشقا ئىلىپ بارىدۇ.

3-ئارتىس ئىككى تەرەپلىمىلىك رول ئالغاندا مەسىلەن: بىر تەرەپتىن پىرئەۋن، ئەبۇ جەھل ۋە باشقىلارنىڭ رولىغا چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقىدۇ.
كافىرلارنىڭ رولىغا چىققانلار خۇددى ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا كۇفىر سۆزىنى سۆزلەيدۇ، پەيغەمبەرلەرنى تىللايدۇ، دەشنام قىلىدۇ، ئۇلارنى يالغانچى، سېھرىگەر ۋە ساراڭ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.
پىرئەۋن، ئەبۇ جەھل قاتارلىقلار بىلەن  پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگ سۆزلەرنى ھېكايە قىلىش يولى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ھېسسىياتى بىلەن ئۇلارنى تۈرلۈك سۈپەتلەر بىلەن بۆھتان قىلىدۇ، بەلكى ئۇلار شۇ ئورۇندا كۇفرى-ئازغۇن سۆزلەرنى قىلىدۇ، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە بەد-بەشىرلىكنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ئورنىنى چۈشۈرگەنلىك بولۇپ، جەمئىيەتتە كۇفرى-بۇزۇقچىلىققا پەرۋا قىلمايدىغان ھالەت شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

4-ئارتىس مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار ئارىسىدىكى دىئالوگنى تارىخ بويىچە ئۇتۇقلۇق ۋە تەسىرلىك ئورۇنلىغان، ئەمەلىي ۋەقەگە ئۇيغۇن توغرا ئىلىپ بارالىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يامانلىق تەرىپى ياخشىلىق تەرىپىنى بېسىپ كېتىدۇ، ئىش شۇنداق بولىدىكەن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى چەكلەش ۋە توسۇش زۆرۈر بولىدۇ.

5-كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆرسىتىپ بەرگەن يوللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئىززەت تېپىپ، ئىسلام غەلىبە قىلغان، تارىخى ۋەقەلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ماڭغان توغرا يولىدا مېڭىشىمىز ۋە ئەقىدىمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇشىمىز كېرەك.

بۇ بىزگە ئويۇن-تاماشا، ھاۋايى-ھەۋەس رىغبىتىنى قاندۇرۇشقا ماڭغاندىن ياخشى ۋە ئالى ھېممەتكە يېتىشكە يېقىن. ئىلگىركى-كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى(3\268-270).
(دېمەك؛ ماھىيەتتە فىلىمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ۋە قىسسە قۇرئاندا بايان قىلىنغاندەك بولماستىن بەلكى بۇرمىلانغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇ مەسىلىگە قەتئى دىققەت قىلىش بىلەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەرلەر ۋە ساھابىلار توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەرنى كۆرمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر تارىخىنى مەنبەسى ساغلام بولغان يازما ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا قوشقان تۆھپىلىرىنى ھاياتىمىزدا ئۆرنەك قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. يۇقىرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن شەرئىي پەتىۋاسى، قېرىندىشىم ئەمدى مەسىلە سىزدە قالدى. ئاللاھتىن قورقسىڭىز ھۆكۈمنى كۆرگەن ھامان مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشتىن دەرھال توختاڭ! ئەگەر كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز، ئاللاھقا كۆپلەپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىڭ! ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە بەندىلىرىگە چەكسىز مېھرىباندۇر. بەندە ئۈچۈن ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىدىن قول يېغىش، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتىنمۇ گۈزەل بىر ئىش بولمىسا كېرەك!-مۇھەررىر-).

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە: http://www.islamhouse.com/p/334129

kakshal 2011-06-03 10:41
تىمىسى ياخشى قويۇلۇپتۇ،

taxbalik 2011-06-03 10:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تىمىڭىزدىن ئەمدى تولۇق مەنا ئالدىم رەھمەت سىزگە، ھازىرقى جەمىيتىمىزدە بەزى بىر مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئەسەر ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىنولار بىرمەزگىىل دەۋىر سۈرگەن مەنمۇ باشتا گۇمان قىلغان لىكىن بىلمىمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك دىققەت قىلماپتىكەنمەن سىزگە يەنە بىرقىتىم رەھمەت ئاللاھ يولدا قىلغان ساۋاپلىق ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللا سىزگە ئەجىر بەرگەي !!! مۇشۇنداق نادىر تىمىللىڭىز مۇنبەردىن ئۈزلۈپ قالمىسۇن ...

gheril 2011-06-03 11:24
  ئەمدى ماۋۇ تېما قىزىغۇدەك.
  بىز بەكمۇ كاتتا ئادەملەر- دە، مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا بەزىدە خاتا مۇلاھىزىلەر  بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،شۇڭا دوستلارنىڭ زېھنىنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ تېمىلارغا بۆلمەي  ئۆزىمىز چۈشۈنەلەيدىغان، ھەل قىلالايدىغان مەسىلىلەرگە قاراتساق، ئۇيغۇردا بىز سۆزلىگۈدەك ئىژتىمائى مەسىلىلەر خېلى تۇرۇپتۇ.

dakyanos 2011-06-03 12:36
ماقالىنىڭ ئۇقۇغانسىرى قايىللىقىم ئىشىپ باردى، بۇنىڭدىكى سەۋەب دەلىل -پاكىتلارنىڭ بىر تەرەپلىمكىدىن، تار تامكىدىن قۇتۇلغانلىقى ۋە تىلنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن. ئەلۋەتتە ماقالىنىڭ ئىشىلتىش ئورنىدىن قارىغاندىمۇ بۇ تەلەپلەردىن يىراق بۇلۇپ قالسا بولمايدۇ.
ئەمما قىسسەسۇل ئەنبىياغا بولغان قاراشلارنىڭ بۇنچىلا پاسسىپ ئىكەنلىكنى ئويلىماپتىمەن. دىنى رىۋايەتلەرنى باش مەنبە قىلغان ئەدەبى ئەسەرگە بولغان مۇئامىلدە بۇلۇش مىنىڭچە قىسسەسۇل ئەنبىياغا بولغان تۇغرا پۇزىتسىيە، ئۇنى ئىنكار قىلىش ئۇقۇماسلىقنى تەشەببۇس قىلش خاتا. بولمىسا گىرىك قىسسىلىرىگە پىششىق ئەمما ئىسلام قىسسىلرىنى بىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ يۇلى ئىچىلغان بۇلىدۇ.

yuluqi 2011-06-03 12:49
فىلىم توغرىسىدا بىرىلگەن ئىنكاسىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم...

koklem 2011-06-03 13:45
ئەسسالامۇئەلايكۇم....
ياخشى يېزىلىپتىكەن...بۇ ماقالىنى تېخى ھەپتە ئىلگىرى ئوقۇغانىدىم.... مۇنبەرگە خېلى تەھرىرلىنىپ يوللىنىپتۇ.....ئەسلى ماقالىدىكى زىلەيخا ئوبرازىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتتىكى ئوبرازى توغرىسىدىكى يەكۈنلەر قىسقىراپ كېتىپتۇ.....شۇ يەكۈنلەرنى ئوقۇپ، بۇلارنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغۇچىغا ئاپىرىن ئېيتقانىدىم...

narjis 2011-06-03 15:53
ئەمەلىيەتتىمۇ كىنو دىگەن چىن بولمايدۇ-دە.

konadarya 2011-06-03 19:51
ئەكىلىڭە ئاكا قۇلىڭىزنى؟ ئىككىمىز بىريولدىكى ئادەملەر ئىكەنمىز مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان سىزنى قوللايمە جۇما تەخەللۇسى  uhiddu ناملىق ئاكىمىزغا يازدىم ئاللا سىزنى ساقسالامەت قىلغاي            

幸福 2011-06-03 22:22
بۇ( قۇرئان كەرىم )ئاللانىڭ بەندىلىرىگە چۈشۈرگەن ساماۋى كىتاۋىدۇر،ئۇنڭىدا ھىچقىانداق شەك يۇق،بۇكىتاپنى تەرجىمە قىلغاندا،ئەسلىى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپتىكەن،سىزنىڭ <<يۈسۈپ-زۇلەيخا>>مۇھەببەت قسسسى راستمۇ؟دىيشڭىزدىكى سەۋەپ نىمە؟سىز قۇرئان كەرىمنى تەرجمە قلغان ئالىم مۇھەممەت سالھ ھەزرەتتىن ۋە ئۇنىڭ بىلمىدىن گۇمان  قلىغۇدەك ،سز زادى قانچىلك ئۇقىدىڭىز؟ قانچىلك بىلىسز؟ ئالىم ۋە تىل تەتققاتچىسى مۇھەممەت سالھنى چۈشىنەمسز؟ئۇنىڭ يازغان ۋە تەرجمە قىلغان ئەسەرلىرنى ئۇقىمغانمۇ؟ھەر قانداق ئش قلسىڭىز ئاخىرنى ئۇيلىنىپ قىلڭ.

uhibbu 2011-06-04 03:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەن سىلەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىڭلار دپ زورلىمايمەن، ئەمما تولۇق ئوقۇپ چىقمىغانلارغا جاۋابمۇ يازمايمەن!

muellip 2011-06-04 03:10
نەقىل
بۇ 39قەۋەتتىكى幸福 يوللىغان 2011-06-03 22:22 غا قارتىلغان  :
بۇ( قۇرئان كەرىم )ئاللانىڭ بەندىلىرىگە چۈشۈرگەن ساماۋى كىتاۋىدۇر،ئۇنڭىدا ھىچقىانداق شەك يۇق،بۇكىتاپنى تەرجىمە قىلغاندا،ئەسلىى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپتىكەن،سىزنىڭ <<يۈسۈپ-زۇلەيخا>>مۇھەببەت قسسسى راستمۇ؟دىيشڭىزدىكى سەۋەپ نىمە؟سىز قۇرئان كەرىمنى تەرجمە قلغان ئالىم مۇھەممەت سالھ ھەزرەتتىن ۋە ئۇنىڭ بىلمىدىن گۇمان  قلىغۇدەك ،سز زادى قانچىلك ئۇقىدىڭىز؟ قانچىلك بىلىسز؟ ئالىم ۋە تىل تەتققاتچىسى مۇھەممەت سالھنى چۈشىنەمسز؟ئۇنىڭ يازغان ۋە تەرجمە قىلغان ئەسەرلىرنى ئۇقىمغانمۇ؟ھەر قانداق ئش قلسىڭىز ئاخىرنى ئۇيلىنىپ قىلڭ.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قارىسام سەل قايناپ قاپسىز. بۇ ئەسەردەقۇرئان كەرىم ۋە  مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان بىرەر قۇرنى ئۇچراتمىدىم. سىز ئاپتوردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپسىز، مەن سىزدىن بىرنەچچە سۇئال سوراي، سىز بۇ ئەسەرنى كۆز يۈگۈرتۈپ ئەمەس تەپەككۇر قىلىپ تولۇق بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ قۇرئان كەرىمدىكى  سۈرە يۈسۈفنى تولۇق بىر ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟  بۇ ئەسەردە مۇھەممەد سالىھ  داموللا ھاجىمنىڭ  بىلىمىدىن گۇمان قىلىنغان قۇرلارنى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟ ئاپتورنىڭ ئىچكى بىلىمىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، ئەمما بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئەمگىكىدىن، ھېچ بولمىدى دېگەندە مۇشۇ ساھەدە پۈتكۈل زوق ئىشتىياق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، قەلبىگە ئاللاھ سۆيگۈسى تولغان بىر قېرىندىشىڭىزنى بايقىيالمىغانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن. بۇ ئەسەردە قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىندى دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭدىكى ھەقىقەت قوغدالدى دېسەك بەكرەك مۇۋاپىق. ھېلىغۇ بۇ ئەسەردە ئاقىۋىتى ئويلىشىلمايلا قىلىپ قويۇلغان ئىش ياكى مۇقەددەس كىتابىمىز ۋە بىرەر نوپۇزلۇق ئىلىمدارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغىنى يوق. ئەمما، شۇ نۇقتا ئايان بولسۇنكى ئىلىمدە نوپۇزغا چوقۇنۇش ئەڭ چوڭ نادانلىق. ھەقىقەت پادىچى سۆزلىسىمۇ ھەقىقەت ئۇنى ئاڭلىماق لازىم، باتىلنى ئالىم سۆزلەپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ...سىزنىڭچە مۇھەممەد سالىھ داموللامنى بۇ قېرىندىشىڭىز سىزچىلىك بىلمەمدىغاندۇ؟ پىكىر بەرگەندە ھېسىياتقا تايىنىپ سۆزلىمەستىن پاكىتلىق سۆزلەشنى ئۆگەنسەك؟! مانا بۇمۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىر بەلگىسى مەنچە.

uhibbu 2011-06-04 03:33
ئەگەر يۈسۈپ-ئەلەيھىسسالام ۋە زۇلەيخا قىسسىسى راستمۇ دىگەندە، ئۇ چاغدا مەن "قۇرئان كەرىم" گە سۇئال قويغان بولىمەن-دە، خاتالىشىمەن. ئاندىن قاينىساڭلار، مەن ناماقۇل.
شۇڭا يۈسۈف-زۇلەيخا مۇھەببەت قىسسىسى راستمۇ دەپ سۇئال قويدۇم، ۋە بۇلارنىڭ قىسسىنىڭ تاكى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ھازىرقى تەرەققىياتىغىچە بىلگەنلىرىمنى بىر-بىرلەپ نەقىل ئىلىپ، قىسسىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردىم. ئاخىرىدا بولسا "قۇرئان" ۋە تەپسىرلەردىن، ئشەنچىلىك مەنبەلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ، يۈسۈف-زۇلەيخا ئارىىسىدا مۇھەببەت، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم. قارشى دەلىلىڭلار بولسا كەلتۈرۈڭلار.

ئومۇمىي ئەسكەرتىش ئەسكەرتىش، مەن بۇ ماقالىنى ئىلاھىيەتشۇناسلىق بويىچە ئەمەس، ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئىلمىي ماقالە قىلىپ يازغان. ئەمما "قۇرئان كەرىم" نى ھۆججەت قىلدىم، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن،بىلىدىغانلار بولسا تەلىم بەرسۇن!  بىراق بىلمەيدىغىنىنىمۇ بىلمەيدىغانلار ئۇخلاپ قالسۇن!

مۇئەللىپكە رەھمەت! مەن ماقالە يازسام، سىز بىر قاراپلا تونۇۋالىسىز دىسە، ئەمما مەن ھازىرغىچە سىزنىڭ قايسى سىڭلىمىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن.

muellip 2011-06-04 04:32
مېنىڭ قايسى ھەمشىرىڭىز  ئىكەنلىكىمنى بىلسىڭىز ئۇنداقتا مېنىڭ پەقەت تېما ۋە ئىنكاس ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مۇنازىرەمگىمۇ، مەزمۇنىغا قارىماستىن "يېقىنلىرىغا يان باستى" دېگەندەك يوغان قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ قالىدۇ.ھالبۇكى، مېنىڭ ئۇنداق چوڭ قالپاقنى كۆتۈرگۈدەك مادارىم يوق. مەن بۇ تېمىغا قىزىقىپ كىردىم، ھەم، بۇ ھەقتە مۇنبەر ئەھلىنىڭ قانداق قاراشلىرى باردۇ، يەنە قانداق يېڭى گەپلەرنى ئاڭلارمەن دەپ،  گەرچە، تېمىنى ئوقۇپ بولساممۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلمىگىنىڭىز ئەۋزەل. تور دۇنياسى  مەن ئۈچۈن مەۋھۈملۈكى بىلەن جەزبدار. ئاللاھ زېھنىڭىزنى  ئوچۇق قىلغاي! ئوقۇشىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي! دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە ئىتىقادى ئۈچۈن تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىڭىزغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتمىغايسىز! سىزگە كەلگەن پۇرسەت ھەر ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ ئۇنى جەزمەن قەدىرلەڭ! ئارىمىزدىن مۇھەممەد سالىھ داموللامدەك ئالىملار تېخىمۇ كۆپ چىققاي! (بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ زىممىڭىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن چىكىڭىزدىن ئىككى تامچە تەر قۇيۇلدىمۇ ؟! )
كۆپلا سۆزلەپ سالدىم، مۇنبەر ئەھلىدىن ئۆزۈر تىلەيمەن!

lover 2011-06-06 12:46
يۈسۈپ زىلەيخا فىلىمىنى كۆرمەسلىك ھەققىدە موللاملار بىلەن ساقچىلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوپ ئوخشاشلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ پىكرى دائىم بىردەك

etikad 2011-06-07 12:14
نەقىل
بۇ 39قەۋەتتىكى幸福 يوللىغان 2011-06-03 22:22 غا قارتىلغان  :
بۇ( قۇرئان كەرىم )ئاللانىڭ بەندىلىرىگە چۈشۈرگەن ساماۋى كىتاۋىدۇر،ئۇنڭىدا ھىچقىانداق شەك يۇق،بۇكىتاپنى تەرجىمە قىلغاندا،ئەسلىى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپتىكەن،سىزنىڭ <<يۈسۈپ-زۇلەيخا>>مۇھەببەت قسسسى راستمۇ؟دىيشڭىزدىكى سەۋەپ نىمە؟سىز قۇرئان كەرىمنى تەرجمە قلغان ئالىم مۇھەممەت سالھ ھەزرەتتىن ۋە ئۇنىڭ بىلمىدىن گۇمان  قلىغۇدەك ،سز زادى قانچىلك ئۇقىدىڭىز؟ قانچىلك بىلىسز؟ ئالىم ۋە تىل تەتققاتچىسى مۇھەممەت سالھنى چۈشىنەمسز؟ئۇنىڭ يازغان ۋە تەرجمە قىلغان ئەسەرلىرنى ئۇقىمغانمۇ؟ھەر قانداق ئش قلسىڭىز ئاخىرنى ئۇيلىنىپ قىلڭ.

ئىنكاس دىگەننى تىمىنى تولۇق ئوقۇپ،بىرەر نۇقساننى تۇتۇۋالساق ئاندىن يازىمىز!تولۇق ئوقۇماي،تولۇق ئوقۇساقمۇ ئىت قوغلىغاندەك ئوقۇپ بولاپلام ھىچنىمىنى چۈشەنمەي قارىسىغىلا ئىنكاس يازساق ئادەم مازلىشىپ قالىدۇ.....

etikad 2011-06-07 12:33
نەقىل
بۇ 44قەۋەتتىكىlover يوللىغان 2011-06-06 12:46 غا قارتىلغان  :
يۈسۈپ زىلەيخا فىلىمىنى كۆرمەسلىك ھەققىدە موللاملار بىلەن ساقچىلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوپ ئوخشاشلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ پىكرى دائىم بىردەك

ماۋۇ ئىنكاس تازا توغرا بولدى.

تادۇ 2011-06-07 14:46
ئىنىقلاش  ناھايتى مۇھىم.  مەن مۇشۇنداق ئىنىقلاش روھىنى قەدىرلەيمەن.ئەسەر يازغۇچىغا سالام بولسۇن.

uyghar-0992 2011-06-08 03:44
السلام  عليك  يا  احب!!!!!
تېمىڭىز  قىززىپ  كېتىپتۇغۇ!!!!ئاللا  رەخمەت  قىلسۇن  يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىمنى   كۆرۈش  توغرىسىدا   سۇنغان  پەتىۋا-جاۋابلىرىڭىز   تولىمۇ  ئەتراپلىق  بوپتۇ ،ئاللا  ئەجرىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن!!!!!!
ئەمما  幸福 قېرىندىشىمىزنىڭ  سىزنىڭ  بۇ  تېمىڭىزغا   تازا  قايىللىقى   يوقتەك  قىلىدۇ،ئەجەبا  بۇ  قېرىندىشىمىز   شىئەمىدۇ؟؟

uyultash 2011-06-08 08:27
مۇشۇ تىمىدا نۇرغۇنلىرمىز ماتىريال كۈردۈق  بۇ بىلىم ئىلىشنىڭ ياخشى تۈرتكىسى.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «يۈسۈپ-زۇلەيخا» مۇھەببەت قىسسىسى راستمۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.051058 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us