رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مەن ئاپامدىن نەپرەتلىنىمەن (ھەقىقىي ئىشلار) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ بەس-بەس مۇنازىرە ] (18) -> مەن ئاپامدىن نەپرەتلىنىمەن (ھەقىقىي ئىشلار) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

دوپپام 2011-05-19 14:21

مەكتەپ ئىچى تورىنى ئارىلاپ ئولتۇرۇپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇن ۋە پۇقرا پروگراممىسىدا بىرىلگەن بىر زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ قالدىم،تولۇق كۆرۈشكە چىداپ بۇلالمىساممۇ چىداپ ئولتۇرۇپ كۆردۈم،بالىنىڭ <<مەن ئانامدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن>>دېگەن گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈرىكىم چىم چىم قىلىپ كەتتى،بۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى،ئارىمىزدا نىمىشقا مۇشۇنداق ئىشلار كۆرىلىدۇ؟ بىزدىكى قايسى ئىشلار كىشىلىرىمىزنى نىمىشقا بۇنچە ۋىجدانسىز بۇلۇپ كىتىدۇ؟

uqkun28 2011-05-19 15:11
بۇ فىلىمىنى ئاخىرىغىچە كۈرۈشكە تاقەت قىلالمىدىم، ئاچچىق غەزەپ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئىت-ئېشەكىنى ئىمىپ چوڭ بولغان ئادەم بېدىكلىرىگە مىڭ لەنەت، ئۇلارغا دەيمەنكى: ھەر قايسىڭنىڭ بارار جايىڭ تاشلار يېقىلغۇ قىلىدىغان دوۋزاق بولسۇن
راسىتىنى دىگەندە قىز-ئاياللارنى، بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان، ئوغۇرلۇققا سالدىغان ئادەم سۈرەتلىك مەخلۇقلارنى تۇتۇپ، ئېتىپ تاشلىسا دەيمەن.

مىنىڭ ئويلايدىغىنىم، ئۇششاق باللارمۇ ساقچىلارنى بىر قاراپلا تۇنۇيدۇ، لىكىن نىمە ئۈچۈن بۇلار ساقچىلاردىن ياردەم سورىمايدىغاندۇ؟  

gulhayat 2011-05-19 15:59
ئىنسان قېلپىدىن چىققان ئەشۇ ئاتا_ئانىلارنى نىمە دەپ تەرىپلەشنى بىلمىدىم.ھەتتا ھايۋان دىگۈممۇ كەلمىدى،چۈنكى ھايۋان چېغىدا ئۈز بالىسىنى ئاسىرايدۇئەمەسمۇ.

sinisoyiman 2011-05-19 16:51
ۋاي خۇدايىم شۇنداق مۇ ئاتا-ئانىلار بار ئىكەن ،،،     

barkatjan 2011-05-19 18:55
بۇنداق ئىشلار ھەقىيقەتەن ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.لىكىنبىزئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلەشۇكى
زادى نىمەئۈچۇنمۇشۇنداق ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئىشلار ئازايماي ئەكىسچە بارغانسىرى كۆپىيدۇ.ئەۋىج ئالدۇ بۇنىڭدىكى مەسلە زادىكىمدە .كىملەردە.بىزمۇنازىرە قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە مانابۇ.......................
مىنىڭچە مەسلەدۆلىتىمىزنىڭ ئامانلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ساقچىلاردا.......ئىشەنمىسىڭىز قاراپبىقىڭ بىرەر ئاشخانىدا ياكى رىستۇراندا تاماق يەۋاتقان ساقچىنى ئۇچراتسىڭىز ئۇنىڭ يىنىدا  بىركۇلىچى...ساقچىلارنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىلىرىغا قاراڭ ئىسىللىقىنى لىكىن بۇمۇبىرەر داڭلىق كۇلىچىنىڭ.ئەگەربىرەر ساقچىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۇم -يىتىمبولسا ساپلاكۇلىچى
ئەگەربىرەركۇلىچى دىن تاياق يەپ ساقچىغاكىرسىڭىز.ساقچىنىڭ قاتتىق سورىقىغا دۇچ كىدىغان ئادەم سىز بولىسىز.ئۇلارنىڭ ساقچىلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ.......بۇنداق ئىشلارنايىمىزدەبەك كۆپ...شۇسەۋەپلىك ياشلار ۋەئۆسمۇرلەرئارىسىدا كۇلىچى .ئوغرى يانچۇقچىلاغا
ھەۋەس قىلىدىغان ئۇلاردەك ھۆكۇمەتتىن ساقچىدىن قانۇندىن قورىقمايدىغان نوچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار ناھايتى كۆپىيىپ كەتتى.ئاتا-ئانىسى سىتىۋەتكەنلەر بولسا قىسمەن ئازسانلىقلاردۇر......كۆپسانلىق ياشلاربولسا.ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ كۇلىغا كىرىدۇ.......مىنىڭچە مۇشۇ سەۋەپمۇ.كۇلىچى بولۇشنىڭ چوڭ سۋەپلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن.............

amina_0997 2011-05-19 19:25
ئاھ خۇدا................نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق قىسمەت بۇ!!!  ئۆز يۈرەك پارىسىنى سېتىشقا قانداقمۇ چىدىغاندۇ؟؟؟      جەمىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ئشلارنىڭ بىردىن-بىر سەۋەپچىسى شۇكى:ھازىر ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقى ئىمان قالمىدى، ئىمان بار دىيىلسىمۇ ئۇ ناھايىتى ئاجىز ئىماندۇر(كىمنىڭ قەلبىدە ھەقىقى ئىمان بار كىمنىڭ قەلبىدە يوق بۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لىكىن راستلا ھازىر قەلبىدە ھەقىقى ئىمانى بارلار بەك ئاز)
،  ئاللاھنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا، ئۆلگەندىن كىيىن بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا- مۇكاپات بىرىلىدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ھەقىقى ئىشەنگەن ئادەم ھەرگىزمۇ ئاللاھنى نارازى قىلمايدۇ....ئەي مىھرىبان ئاللاھ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!!!

yangen 2011-05-19 19:46
ھەي!!!!!!!!!!!!!بەزى چاغلادا ھومىيىپ قويغانننى،بىرەر ئىغىزگەپ قىلىپ قويغاننى تاپالايدىغان، تۇتالايدىغان قانۇن ئاشۇلارنى تازلىيالمايدۇ؟!!!!!!!ئاشۇ  كىچىك بالىلار  ئىچكىردە يالغۇز يۈرسە كارى بولمايۋاتقان ساقچىلارغا لەنەت! شۇلاردىن قىچىپ ياردەم سورسا تۇتۇپ بەرگەن،تۇتۇپ بىردىغان ساقچىلارغا لەنەت!!!!!

uqkun28 2011-05-19 20:38
بەزى ئىنكاسلاردىن بەزى ئىشنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

مەن رىياسەتچى بولغان بولسام، ئاشۇ بىغۇبار ئۆسمۈرلەردىن:< سىلەر خارلاشقا ئۇچۇرىغان شۇ يەردە بۇ يەردىكىگە ئوخشاش ساقچى ئاكاشلار بارمىكەن؟ ئۇلارنى كوچىدا كۆرگەندە مىنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭلار دەپ باقتىىڭىزمۇ؟ > دىگەن سۇئالىنى چۇقۇم سورايتتىم.
ئەگەر ئۇلاردىن  <ھەئە، لىكىن خوجايىننىڭ ئادەملىرى بىردەمدىلا ساقچى ئاكاشنىڭ قۇلىدىن بىزنى ئەپ كەتتى> دىگەن جاۋاپ چىقىپلا قالسا          

ogluk 2011-05-19 21:55
ھاكىميەت  بېشىدا تۇرۋاتقان ھارامتاماقلار  ، بىھارە بالىلار .ئىچكىردە نەچچە يىل خورلۇققا ئۇچۇرسا قۇتقۇزىۋالاي دەپ ئويلاپمۇ قويمايدۇ ؟
لىكىن ئۇلار ھاكىميەت بېشىدا نۇمۇس قىلماي قانداقمۇ ئولتۇردىغاندۇ ؟ يەنە مۇشۇنداق كىشىلارنىڭ قانداق قىلىپ ھاكىميەت بىېشىدا ئولتۇرۋاتالىقانلىقىغا ھەيرانمەن !

gul-qiman 2011-05-19 22:09
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتۇمدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا پراكتىكا قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا بىر زىيارەتكە بىللە چىققان ئىدىم . بىزنىڭ زىيارەت ئوبىكتىمىز 8-9 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا بولۇپ ، بۇ بالىمۇ ئىچكىرىگە سېتىۋىتىلگەن بالا ئىكەن . كېيىن ساقچىلار قايتۇرۇپ كەپتۇ . بىز زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ بالىنىڭ ئەسىلىدە ئۆز تۇغقانلىرى تەرىپىدىن سېتىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدۇق . ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى بەك ناچار ئىكەن . ئەر - ئايال ئىككەيلەن بىر -بىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھورۇن خەقلەر ئىكەنكى ، مەھەللە كومتىتىدىن بۇلارغا نەچچە قېتىم ئىش تېپىپ بەرسىمۇ ئۇلار  ئۆيىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۆزىنى ئاپتاپقا قاقلاپ ئولتۇرۇشقا رازىكى ،باشقىلار تېپىپ بەرگەن ئىشنى قىلمايدىكەن . قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوغلىنى شۇ تۇغقىنىغا <ھۈنەر ئۈگۈتۈپ قويۇش >بەدىلىگە پۇلغا سىتىۋەتكەنلىكىدىن ئەجەبلەنمىسىمۇ بولغۇدەك .  
ئۇ ئوغۇل بالا بەك قورقۇپ كەتكەنمۇ قانداق ، بىز ئىچكىرىدىكى ئىشلارنى سورىساقلا تىترەپ يەردىن ئۈستۈن قارىماي يىغلامسىراپ كەتكەنىدى .بىز ئۇنى دەپ- بۇنى دەپ مىڭ تەسلىكتە بۇ بالىنى  سۆزگە كىرگۈزدۇق .ئۇ بالا  بىزگە ئىچكىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ، قانداق جازالانغانلىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ دەپ بەردى. يۈرەكلىرىمىز ئىچىشىپ كەتتى . بۇ ئاتا - ئانىغا ئىچ - ئىچىمىزدىن لەنەت ئوقۇپ كەتتۇق . شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ يولدىن ماڭغىنىمدا شۇ ئۆيگە بىر قېتىم قاراپ ئۆتىدىغان بولدۇم . ھىلىقى ئوغۇل بالىنىڭ كىچىك تۇرۇپ كۆرگەن كۈنلىرىنى  ، بەدەنلىرىدىكى ھەرخىل جازا يالداملىرىنى  ئويلىغىنىمدا ئىچ - ئىچىمدىن تىترەپ كىتىمەن . ھازىر ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالى قانداق بۇنى بىلمىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئاتا - ئانىسى بۇنىڭدىن كېيىن بالىسغا ئوبدان كۆيۈنۈپ ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتىمىز دېگەندەك  قىلىپقا  چۈشۈپ قالغان قۇرۇق ۋەدىلەرنى بەرگەن ، ھازىر راست شۇنداق قىلىدىمۇ -يوق بۇنىسى نامەلۇم .........
ئۆز باغرىنى يىرىپ چۈشكەن يۈرەك پارىلىرىنى  ئادىمىي ھايۋانلارغا  يەنە ئۆز قولى بىلەن سېتىۋەتكەن ئاشۇنداق <ئانىلار> غا يۇزمىڭ لەنەت !  

aixa 2011-05-19 22:53
بالىلىرىنى سېتىپ پۇلىنى خەجلىگەن ئاشۇ ئاتا-ئانىلارغا مىڭ لەنەت........................ موشۇنداق ئاتا-ئانىلارنى، ئادەم بىدىكلىرىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۇرىۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

dilhux2 2011-05-19 23:00
ئانىنىڭ پاك پەرىشتە سۈپەت سىماسىنى مۇشۇنداق ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مۇناپىقلار بۇلغايدۇ..ئانا بولماي قۇرۇسۇن !

yuluqi 2011-05-20 00:17
جاۋاب بەرگىن ئەي ئىنسان
جاۋاب بەرگىن ئەي ۋىجدان
يىتىملەرنىڭ كۆزىدەك
ھەسرەتلىك كۆز كىمدە بار...

tayanqimbar 2011-05-20 00:41
        <<ئادەم گۆشى يېمىگەنلەر بارمۇ؟بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار>>
                                                                                         -لۇشۈن
        <<ئاپامنى سېغىنمايمەن،پەقەت نەپرەتلىنىمەن.>>نېمىدىگەن ئىچىنىشلىق يۈرەك سۆزى بۇ!دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر جازا ئادەم بىدىكلىرىگە بېرىلىشى كېرەك.
        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكۇم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش چاقىرىقى ھەقىقەتەنمۇ ئاقىلانىلىك.

maxal20 2011-05-20 00:59
لەنەت، لەنەت، لەنەت!!!!          

ۋىجدان ۋىجدان ۋىجدان!!!!

ئىمان ئىمان ئىمان!!!!!!!!!

barkatjan 2011-05-20 01:02
بىزنىڭ بىركۇلىچى خوشنىمىز بار ئىدى بىرقىزىنىڭ يەتتەبالىسى بار.بىركۇنى خوشنىمىزدىن سورىدىم ۋاينىمانداق تۇغىۋىرىدۇ قىزلىرى دىسەم.گەپنى يوشۇرماي ئۇدۇللا دەۋەتتى قانۇندا ھامىلدار ئاياللار يانچۇقچىلىق قىلىپ كىرىپقالسا.2سائەتتىن ئوشۇق تۇتۇپتۇرۇش ھوقۇقى يوقكەن.شۇڭاتۇغقىلى ئازقالغاندا دەرھال ئۆيگەقايتىپ بالسنى تۇغۇپ بولۇپلا.قورسىقىغا دەرھال يەنەبىرنى ئۈندۇرۇپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىچكىرگە ماڭىدىكەن........شۇڭابۇلارنىڭ باللىرى بەك كۆپ.باللىرىنى ژۇغۇشـۇرۇپ بوللالمىغاندىكىن پۇلغا ساتماي قانداق قىلىدۇ ئۇخىەق...........بۇنداق ئىشلار بولۋەگەندىكىن باشقىلار غىمۇ يۇققاندۇ بەلكىم....................

alnigar 2011-05-20 03:18
ئۇھ! مېھىرىبان ئۇلۇغ ئاللاھ چەكسىز شۇكىرى! ئاشۇ پاك ،غۇبارسىز ،سەبىي،نارسىدە بالىلارىغا نېمە كۈن بۇ ؟! كېچىككىنە تۇرۇپ نېمە تارتقۇلۇق،نېمە ئازاپ بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!  بۇ غۇبارسىز سەبىلەرنىڭ ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچار بۇلۇشىدىكى سەۋەپنى كىمدىن ،نېمىدىن ئىزدەيمىز؟!   تاش يۈرەك ،مېھىرسىز ئاتا ئانىلانىڭ سەبىي پەرزەنتلىرنى قارا يىېتىم قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىدن كۆرىمىزمۇ؟ئاشۇ زەھەرگە بولغان خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن، ئۆز يۈرەك پارلىرى ئالدىدىكى  ئانىلىق مەسئۇلىيتى ئانلىق بۇرچىنى ئۇنتۇغان،ئاتا-ئانىلاردىكى ھەر ۋاقىت :پەرزەنتىم،پەرزەنتىم!!!!بالام ،بالام!!! دەپ سۇقىدىغان قېپقىزىل گۆش يۇرەك ئورنىغا ،:پۇل ،پۇل پۇل............!!!دەپ جار سالىدىغان ،پۇلدىن باشقىنى تونىمايدىغان، يۈرىكى قېپقىزىل گۆش ئەمەس،قاپقارا خاڭ تىېشىغا ئايلىنىپ قالغان ،ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان"چەكسىز مېھىرىبانلىقى"دىن كۆرىمىزمۇ؟ياكى، شەكىلدە خەلىق ساقچىسى ،ئەمەليەتتە ،ۋاقتى -سائىتى كەلگەندە ،كىشىلەر ئۇچۇن شۇنداق "سۆيۈملۇك"بولغان ئاشۇ پۇل ئالدىدا ئىختىيارسىز" شەخسي رازۋىچىك"بولۇپ قالدىغان .ھەقىقي خەلىق ساقچىسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۋاتقان،ئاتالمىش "خەلىق ساقچى"لىرىمىزنىڭ ئاشۇ گۇناھسىز،سەبىي غۇنچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زارىغا نىسبەتەن كۆزى كۆرسىمۇ ،كۆڭۆل كۆزى كۆرمەسلىكتەك بىخۇدلىقىدىن كۆرىمىزمۇ؟ياكى جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلى كىشلەرنىڭ بارغانسىرى پۇلغا بولغان ئھتىياجنىڭ ئىشىشى،بارغانسىرى پۇلغا ئامراق بۇلۇپ كىتىشىدىن كۆرىمىزمۇ؟ئاشۇ ئادەم بىدىكلىرىنىڭ يۈرىكىنىڭ رەھىمسىز،قاپقارا ،تاش يارتىلىپ قالغانلىقىدىن كۆرىمىزمۇ؟ۋە ياكى ئاشۇ بىغۇبار،سەبىي بالىلار بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە يارلىپ قالغانمۇ؟؟؟!!!سەۋەپ زادى كىمدە؟؟؟   ھەي! ئۆز باغرىنى يىېرىپ چۇشكەن  پەرزەنتىللىرنى سېتىۋىتىشقا قولى بارغان،يۈرىكى چىدىغان ،ئنسان قىلپىدىن چىققان مەلئىۇنلار سىلەرمۇ ئاتا-ئانىمۇ؟؟؟سىلەرمۇ ئنسانمۇ؟؟؟ سىلەرنىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئاناڭلار پەپىلەپ،ئەزىزلەپ ،ئاتا-ئانىلىق مېھىر -مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليىتى بىلەن چوڭ قىلغان بولغىيتى!!!  ئاشۇ غۇبارسىز سەبىيلەرمۇ ئەينى ۋاقتتىكى سىلەرگە ئوخشاش ئەزىزلەشكە ،ئاتا-ئانىلىق مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاق!!! لېكىن .....لكېن سىلەر ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئورنىغا ،ئۇلارنى قارا يىتىملىك كۇچىسىغا  بىر پارچە ئەسكى قەغەزنى تاشلىغاندەكلا تاشلىدىڭلا،خارلىق كۇچىسىغا جان -جەھلىڭلار بىلەن ئتتەردىڭلار،،،،،،.،.مانا بۇ سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلەرگە بەرگىنىڭلار!!!!!!!!  مىڭلارچە لەنەت بولسۇن سىلەرگە!!!!!  ھازىر قايسى بىر ژۇرنالدىن ئۇقۇغان بىر ھېكايە كۆڭۈل ئىكرانىمدا قايتىدىن نامايەن بولدى:بىر قىز ئىككى ئوغۇل كېچىكىدىن بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولدى،ئۇلار چوڭ بولغىچە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل دوستنىڭ بىرى يەنە بىر ئۇغۇل دوستقا تۇنجى بولۇپ،ئۆزىنىڭ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ھېلىقى قىزنى ناھايتى ياقتۇردىغانلىقىنى ھەم پات ئارىدا ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۇزمەكچى بولغانلىقنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئېيىتىدۇ؛ئاڭلىغان ئوغۇل دۇستىنىڭ پىكىردىن خۇشال بۇلۇپ ،ئۇنى تەبىرىكلەيدۇ؛قىزنى ياقتۇرۇپ قالغان ئوغۇل قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزىدۇ،لېكىن قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر تەرپىدىن رەت قىلىنىدۇ؛چۈنكى ،بۇ ئوغۇل خۇشاللىقىنى تۇنجى بۇلۇپ ئېيىتقان ھېلىقى ئوغۇل دوستى نەچچە كۈن بۇرۇن قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۇپ،ئاتا _ئانىسنىڭ ماقۇللىقنى ئېلىپ بولغانكەن،شۇ مەزەگللەردەشۇ ئەتىراپتا ،مەھەللىدىكى قويلارغا ئارام بەرمەيدىغان بىر نەچچە تۇلكە پەيدا بولۇپ قاپتۇ؛مەھەللىدىكى كىشلەر ئۇ تۇلكىلەرنى تۇتالماي ،تۇلكىلەرنىڭ ئۆز قۇۋمىغا سادىق بۇلۇشىدىن پايدىلانماقچى بوپتۇ ۋە بىر يەردىن تۇلكىنىڭ بىر نەچچە كېچىك باللىرنى تېپىپ كېلىپ ،چوڭ بىر ئورەك كولاپ كېچىك تۇلكە باللىرىنى شۇ يەرگە قۇيۇپ قۇيۇپتۇ،راستنلا ئۇزاق ئۆتمەي كېچىك تۇلكىلەرنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان  بىر تۇلكە ئانا ئنسانلارنىڭ بارلىقىنى،ئۆزىگە خەۋىپ يېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ،كېچىك تۇلكە باللىرنى قۇتقۇزغىلى كېلىدۇ-دە؛قىلچە ئىككىلەنمەي ئورەككە ،تۇلكە باللىرىنىڭ يىنىغا سەكرەپ چۇشىدۇ؛ھەمدە ھوۋلاش ئارقىلىق جۇپتىنى چاقىرىدۇ،ئۇنىڭ جۇپتى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن تىرناقلىرىدا تۇپا تاتلاپ ئورەككە تاشلايدۇ،ئۇنىڭ تىرناقلىرى قېپقىزىل قانغا بۇيلىپ كېتىدۇ،لېكىن توختاپ قالمايدۇ،ئاخرى بولماي ئۇمۇ ئورەككە چۇشىدۇ،جۇپتىنىڭ كەت دەپ ھەۋلىشىغا پەرۋا قىلمايدۇ.ئنسانلار بۇنى كۆرۇپ تۇرىدۇ:شۇ كۇنى پوستا تۇرغان كىشلەر ھېلىقى ئككى ئوغۇل دوستنى ئالدۇرۇپ قۇيۇپ قۇيۇپ مەھەللىگە كۆپرەك ئادەم توۋلىغىلى كېتىدۇ.لېكىن ئوغۇل دوستنىڭ بىرسى،ھېىقى قىزغا ئەلچى كىرەۇزۋالغان يەنە بىر ئوغۇلنى ئادەم يوقلىقدىن پايدىلىنىپ ئورەككە ئتتىرۋىتىدۇ؛....... ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!!

husniya 2011-05-20 07:25
ەسسالامۇ ەلەيكۇم ەزىز قېرىنداشلار

مەن بۇ فىلىمنى كۈۇرۇپ بولغىچە كوزلىرىمدىن ىختىيارسىز ياشلار قويۇلۇپ كەتتى. ۋە ۇز ۇزەمدىن نىمىشقا بۇنداق قىسمەتلەر بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىدۇ دەپ ويلاپ كەتتىم. ىنشااللاھ، كۈچ قۇدىرىتىمنڭ يېتىشىچە مۇشۇ بالىلارغا ازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى، روھى جەھەتتىن تەسەللى بېرىشنى كۇڭلۇمگە پۈكىۋاتىمەن ىنشااللاھ! ۇلارمۇ ۈزىمىزنىڭ بالىسى ەمەسمۇ.

aknur777 2011-05-20 10:38
بالىلارنى قايتۇرۇپ كەپتۇ ،لىكىن ئۇلارنى ساتقان ھايۋانلار بىلەن   بالىلارنى خارلىغان مۇناپىقلا    نىمە ئش قىلۋات قاندۇ!    

taxbalik 2011-05-20 10:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ! بۇنداق ئىمانسىزلارنىڭ قولىدىن ھەربالا كىلىدۇ .بۇندا ئادەمسىمان يىرىتقۇچلارنى مىڭ يىل زىندانغا قامىۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ .لىكىن ھەممىگە قادىر مىھرىبان ئاللا بىز گۇناھكار بەندىلەنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقى ئۈچۈنلام مۇشۇنداق ئىمانسىز مۇناپىق ،پاسىقلار ھەددىدىن ئىشىپ كىتىپ بارىدۇ . ئەگەر بۇلار ئاللاھنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ھەم كۆڭۈللەردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا بۇنداق قىلمايتتى ،بۇ قىلمىسى ئۈچۈ بۇدۇنيادا بەلكىم نەچچە يىل تۈرمىدە ياتار لىكىن ئۇدۇنيا دىكى سوراقتا ئۇنداق ئاسان قۇتۇلالمايدۇ !!!

huxrui 2011-05-20 11:20
مەن بۇ فىلىمنى كۆ رۈپ كۆ زلىرمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى ، بۇ باللار نىمە دىگەن سەبى، ئۇلار تېخى ھىچ ئىش ئۇقمايدىغان نارسىدلەر ئىدى ، ئىزىلگەن سەبى قىزچاقنىڭ ھەممىدىن بەك يۇركى ئىزلىپتۇ، ئۇلار ھەممدىن بەك ئانغا، ئانسىنڭ باغرىغا ھۇھتاج ئىدى ، لېكىن ئۇ سەبئى قىزنىڭ قەلبىدىكى ئۆ چمەس بىر نەپرەت مەڭگۈ، مەڭگۈ بىر داغ پەيدا قىلدۇ- دە.
لەنەت مۇناپىقلار ، لەنەت مۇشۇنداق ھايۋان ئاتا- ئانلار، نىجىس مۇناپىقلار، ئۇلارنىڭمۇ كۆ ردىغان كۈنى بار .

azharbag 2011-05-20 12:27
ئادەم..بىدىكلىرىنى  مۇنداق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەش كىرەك.
1-ياش-ئۇسمۇرلەرنى ۋەسىيلىرىدىن ئايرىۋىتىش جىنايىتى.
2-ياش-ئۇسمۇرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىغا دەخلى -تەرۇز قىلىش جىنايىتى
3-ياش-ئۇسمۇرنىڭ جىسمانى ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز  قىلىش جىنايىتى
4-باشقىلارغا تەھدىد سىلىپ ئۇغۇرلۇققا سىلىش  جىنايىتى
5- جەمىيەت ئامنلىقىغا  دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى،
6..

taldi 2011-05-20 12:31
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىuqkun28 يوللىغان 2011-05-19 15:11 غا قارتىلغان Re:مەن ئاپامدىم نەپرەتلىنىمەن (ھەقىقىي ئىشلار) :
بۇ فىلىمىنى ئاخىرىغىچە كۈرۈشكە تاقەت قىلالمىدىم، ئاچچىق غەزەپ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئىت-ئېشەكىنى ئىمىپ چوڭ بولغان ئادەم بېدىكلىرىگە مىڭ لەنەت، ئۇلارغا دەيمەنكى: ھەر قايسىڭنىڭ بارار جايىڭ تاشلار يېقىلغۇ قىلىدىغان دوۋزاق بولسۇن
راسىتىنى دىگەندە قىز-ئاياللارنى، بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان، ئوغۇرلۇققا سالدىغان ئادەم سۈرەتلىك مەخلۇقلارنى تۇتۇپ، ئېتىپ تاشلىسا دەيمەن.

مىنىڭ ئويلايدىغىنىم، ئۇششاق باللارمۇ ساقچىلارنى بىر قاراپلا تۇنۇيدۇ، لىكىن نىمە ئۈچۈن بۇلار ساقچىلاردىن ياردەم سورىمايدىغاندۇ؟  

ساقچىلارغا دېسە ،ئۇلار يەنە ئاشۇ "خوجايىن'لارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ .ئەلۋەتتە يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار ،يەنى ئاپارغان خوجايىندىن قورقىدۇ ،ياكى ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا سېتىۋەتكەن .
نەچچە قېتىم دۆلەتلىك مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا چىققان ئاشۇ "ئوغرى'بالىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغىنغا ھەيرانمەن ؟ ئەگەر بۇنى تۈزەيمەن دىسە بىردەملىك ئىش .
  ئۇيغۇردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردە بۇندا ھەممە پەسكەش ئىشنى قىلسمۇ ،مۇشۇ كەلگۈسى بولغان بالىلارنى ئاپىرىپ ئوغرىلققا سالىدىغان ،قىزلارنى ئىچىكىردە باشقىلارغا سولاپ بېرىدىغان ئىشلار يوق دېيەرلىك .بىزدە كۆپ چىقىدىغىنى ئەڭ دىققىتىمنى قوزغايدۇ .بىر چاغدا ھوللىۋودنىڭ ھېندىستاندا ئىشلىگەن "نامرات مىليونىر 'دىگەن فېلىمنى كۆرگەن چاغدا ،ھېلىقى ناخشىنى ياخشى ئېيتدىغان كىچىك بالىنىڭ كۆزىگە زەھەرلىك دورا قۇيۇپ قارىغۇ قىلۋەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ،ئاھ ،بۇنى شىنجاڭدىكى ئادەم بېدىكلىرى كۆرۈپ قالمىسا بولاتتى دەپ ئويلاپ كەتكەن ئېدىم .شاڭخەيدە  بىر مەزگىل بىر شىركەتتە ئىشلىگەن چېغىمدا ئاشۇ دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ۋە رەزىل ئىشلارنى قىلدىغانلارنىڭ بۇ يەردە ھاجىم ياكى ھاجىمە ياكى باي بولۇپ ھۆرمەتلنىدىغىنى ئويلىسام ....
  

orbita 2011-05-20 12:45
ئاقسۇدا 13-14 ياشلىق بىر بالا بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم ئۇ بالىنى ئۈيىدىكىلەر كۇلىدىكى بىر تۇققىنىنىڭ يىنىغا ئوغرىلىقنى ئۈگۈنۈشكە يىللىقىنى 5000 يۇئەنگە سۆزلىشىپ شاگىرتلىققا بەرگەن ئىكەن.ئاقسۇدا ئۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ئىكەن.ئاقسۇنىڭ يېڭى ئاۋات دىگەن مەھەللىسىدە بىرەرسىغۇ قىزىنى كۇلىچىلارغا ئەرگە بېرىۋالسا كوچىدا مەيدىسىنى كېرىپ ماڭىدىكەن.كۇلىدا ئوغرىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى سېتىلغان ئەمەس ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېرىۋاتقان ياكى ئاتا ئانىسى ئەۋەتكەن بالىلارمۇ جىق.

gulung 2011-05-20 12:54
<<ئاياللار بىر قۇلىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ>>
ئەسلى ئۇلار بۇ يۈرەك پارىللىرىغا كۇيىنىشى،ئانىلىق مىھرىنى بىرىشى  كېرك ئىدى ئەمما،ئەپسۇس.....

ayaz 2011-05-20 13:35
فىلىمنى كۆرگۈچە شۇنچىلىك ئازاپلاندىم !
قەدىرلىك تورداشلار ھۆكۈمەت بۇ قىتىم بۇ بىتەلەي بالىلارغا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىن بىز بەك رازى . بىراق بالىلارنى قايتۇرۇپ كىلىش بىلەنلا بۇ خىل پاجىئە پۈتىنلەي يوقالمايدۇ . بەلكىم داۋاملىشىشى مۈمكىن . تېخىمۇ كۆپ پاجىئەلەر بارلىققا كىلىشى مۈمكىن .
يۇقارقىللىرى پەقەت  بىز ئاڭلىغان بىر قىسمىلا بولىشى مۈمكىن . يەنە قانداق ئىشلار بولىۋاتىدۇ ؟ باللارنىڭ تەقدىرى قانداق بولىۋاتىدۇ بۇ بىزگەە قاراڭغۇ ! ئىنسانى قىممىتىنى يوقاتقان ئادىمى ھايۋانلار پۇل دىسە ھىچنىمىدىن يانمايدۇ ؟ بەلكىم بەزى كىچىك نارىسىدە قىزلار رەھىمسىزلارچە باشقىلارغا سېتىۋېتىلىشى بەزى ئالۋاستىلارنىڭ قولىدا قونچاق بولۇپ خورلىنىشىمۇ مۈمكىن !  بۇ نى بەلكىم سىز ھىس قىلالىشىڭىز مۈمكىن .
مىنىڭچە بۇنداق ئادەم بىدىكلىرىگە بىرىۋاتقان جانۇنىي جازا بەك يەڭگىل بولۇپ قىلىۋاتىدۇ . باللىرىنىسېتىۋەتكەن نائەھلىلەر قانۇننىڭ جازاسىىنىڭ سىرتىدا تۇرىۋاتىدۇ .
بۇنداقلارنى پۈتىن  جەمىيەت بىرلىكتە جازالىشى كىرەك . مىنىڭچە بۇنداقلارنى ئۆلتۈرىۋېتىش كىرەك !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇنداقلار مىللەت ئىچىدىكى پارازىت قۇرۇت ! پۈتكىل مىللەتنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ . ئەلۋەتتە ساغلام تەرەققى قىلىشتا پارازىتلارنى يوقۇتۇش تولىمۇ زۆرۈر !!!

ayaz 2011-05-20 13:47
ئادەم..بىدىكلىرىنى  مۇنداق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەش كىرەك.
1-ياش-ئۇسمۇرلەرنى ۋەسىيلىرىدىن ئايرىۋىتىش جىنايىتى.
2-ياش-ئۇسمۇرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىغا دەخلى -تەرۇز قىلىش جىنايىتى
3-ياش-ئۇسمۇرنىڭ جىسمانى ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز  قىلىش جىنايىتى
4-باشقىلارغا تەھدىد سىلىپ ئۇغۇرلۇققا سىلىش  جىنايىتى
5- جەمىيەت ئامنلىقىغا  دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى،
6..
سسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسسس.
ئۇندىن باشقا :
7- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنىسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى .
8- خورلاش جىنايىتى .
9- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
   مەن قانۇندا ئوقۇمىغان بىراق شۇنى ئىنىق بىلىمەنكى ئەگەر بۇ مەلئۇنلار ناۋادا ئامىرىكىدا بولغفن بولسا بىرەر 100  خىلدەك جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىپ مۇدەتسىزدىنمۇ ئۇزاق بولغان 3 -4 يۈز يىل كېسىلگەن بولاتتى . بىر ئىككى ئەسىردىمۇ جىنايىتىنى يۇيالمايدىغان پاسىق ئائىلە ئاتىلاتتى .
ئەگەر قانۇن يول قويسىدى بۇنداقلارنى بىر - بىرلەر ئۆز قولۇم بىلەن بىر تەرەپ قىلغفن بولاتتىم .

tamkin35 2011-05-20 19:45
ھارام تاماقتىن بۇلەك نەرسىىگەئوخشاتسا زايا كەتكۇدەك بۇ مەلئۇنلارنى .

kahira 2011-05-20 23:59
يەنە ئادەم ئەمەس مۇناپىق دەپ تىللىساق ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ!!!!!!!!!!!

arkak1234 2011-05-21 01:05
بۇنىڭدا يەنىلا دۆلىمىزنىڭ قانۇن ۋە ئىجتىمائى كاپالەت سېستىمىسدىكى يۇچۇقنى تېگىدىن ئىتىۋىتىش كېرەك
1.قىزنىڭ ئاپىسى خىروئىن چىكەتتىكەن،ئۇ ئاپىنڭ ئەھۋالىنى يەرلىك ھۈكۈمەتتىكى يارىماس لالمىلار چۇقۇم بىلەتتى ،ئۇ خىروئىنغا خۇمار بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ئادەملىك ۋە ئانىلىق سالاھىتى ئەلۋەتتە بولمايدۇ،ئانىسىنى خىروئىن تاشلىتىش(مەجبۇرى)،قىزنى دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ دارىلتامدا تەربىيلەپ چىقىش كىرەك ئىدى.
2.ئىچىكىرىدە بالىلار ئوغرىلىق قىلۋاتقاندا ساقچىلار شۇ جايدىكى خەلىق ئاممىسىغا خىزمەت قىلمىز دەپ ۋەدە بەرگەن خەلىق چاكارلىرى بىرسىىنڭ تېگىدە قالدىمۇ؟
3.قارا جەمىيەت بىلەن ئالاقىسى بار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىنىڭ خىزمىتىنى ئېلىۋىتىش ،قايتا قىېلىنلىق بىلەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇرۇنغا كىرىشىدىن مۇتلەق ساقلىنىدىغان بىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ھەققى ئىجرا قىلىش،بۇ قانۇننى ئىجرا قىلالمىغان يارىماسلارنى ئانىسىنىڭ يېنىغا دەم ئېلىشقا چىىرىۋىتىش كىرەك.......ئاساسى قانۇننى ھۆرمەت قىلايلى

ali88 2011-05-21 12:42
ئۇنداق ئادەملەرنى ئاپا دىيىش ئەمەس ئىسمىنى چاقىرىشقىمۇ نەپرەتلىنىمەن

taranqi 2011-05-21 12:46
شەيتاننىڭ ئازدۇرغانلارغا ئامال يوق !  

kokyal 2011-05-21 13:27
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.

بىر نەچچە يىل بۇرۇن مۇنداق بىر ئىشنى كۆرگەنىدىم. بىر ئىش بىلەن ئۆگزىگە ئىدىم. ئۆينىڭ كەينىدە ئۆستەڭ، ئۇ تەرىپىدە باغچا بار ئىدى. بىر مايمۇن بالىسى مايمۇنلارنىڭ قەپىسىدىن چىقىپ شۇ يەردىكى نەرسىلەرگە ئېسىلىپ ئويناۋاتقان ئىكەن ، شۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم. توساتتىن ھېلىقى مايمۇن بالىسى ياندىكى قەپەسكە چۈشۈپ قالدى. مايمۇن بالىسى سەكرەپ يۈرۈپ ياندىكى قەپەسنىڭ ئۆگزىسىگە بارغان ۋە ئۇ ئۆگزىدىكى تۆشۈكتىن ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ھېلىقى قەپەسنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە تۆگىقۇش بولۇپ ، ئۇ تۆگىقۇشلار مايمۇن بالىسنى قوغلاشقا باشلىدى. مايمۇن بالىسى قاچماقتا، بۇنى كۆرگەن باشقا مايمۇنلار چىرقىراپ ئۆزلىرىنى قەپەسكە ئېتىشقا باشلىدى . باغچىنىڭ ئىچىنى بۇ مايمۇنلارنىڭ  قىيا-چىيا ئاۋازى بىر ئالدى. ئالاھەزەل 10-15 مىنۇتلاردىن كېيىن باغچىنىڭ خادىملىرى بۇ ئاۋازنى ئىشتكەن بولسا كېرەك ھېلىقى مايمۇن بالىسىنى ئۆز قەپىسىگە ئاچىقىپ قويدى. بۇ ۋاقىتتا مايمۇنلارنىڭ ھېلىقى مايمۇن بالىسىنى ئورىۋېلىپ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىنى سىلاشقىنىنى كۆرۈپ قەلبىم لەرزىگە كەلگەن  ۋە ئاشۇ مايمۇنالردىن پەرقلىق ئادەملەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن ئىدىم.

tiltumar 2011-05-21 13:44
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىalnigar يوللىغان 2011-05-20 03:18 غا قارتىلغان Re:مەن ئاپامدىم نەپرەتلىنىمەن (ھەقىقىي ئىشلار) :
ئۇھ! مېھىرىبان ئۇلۇغ ئاللاھ چەكسىز شۇكىرى! ئاشۇ پاك ،غۇبارسىز ،سەبىي،نارسىدە بالىلارىغا نېمە كۈن بۇ ؟! كېچىككىنە تۇرۇپ نېمە تارتقۇلۇق،نېمە ئازاپ بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!  بۇ غۇبارسىز سەبىلەرنىڭ ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچار بۇلۇشىدىكى سەۋەپنى كىمدىن ،نېمىدىن ئىزدەيمىز؟!   تاش يۈرەك ،مېھىرسىز ئاتا ئانىلانىڭ سەبىي پەرزەنتلىرنى قارا يىېتىم قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىدن كۆرىمىزمۇ؟ئاشۇ زەھەرگە بولغان خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن، ئۆز يۈرەك پارلىرى ئالدىدىكى  ئانىلىق مەسئۇلىيتى ئانلىق بۇرچىنى ئۇنتۇغان،ئاتا-ئانىلاردىكى ھەر ۋاقىت :پەرزەنتىم،پەرزەنتىم!!!!بالام ،بالام!!! دەپ سۇقىدىغان قېپقىزىل گۆش يۇرەك ئورنىغا ،:پۇل ،پۇل پۇل............!!!دەپ جار سالىدىغان ،پۇلدىن باشقىنى تونىمايدىغان، يۈرىكى قېپقىزىل گۆش ئەمەس،قاپقارا خاڭ تىېشىغا ئايلىنىپ قالغان ،ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان"چەكسىز مېھىرىبانلىقى"دىن كۆرىمىزمۇ؟ياكى، شەكىلدە خەلىق ساقچىسى ،ئەمەليەتتە ،ۋاقتى -سائىتى كەلگەندە ،كىشىلەر ئۇچۇن شۇنداق "سۆيۈملۇك"بولغان ئاشۇ پۇل ئالدىدا ئىختىيارسىز" شەخسي رازۋىچىك"بولۇپ قالدىغان .ھەقىقي خەلىق ساقچىسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۋاتقان،ئاتالمىش "خەلىق ساقچى"لىرىمىزنىڭ ئاشۇ گۇناھسىز،سەبىي غۇنچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زارىغا نىسبەتەن كۆزى كۆرسىمۇ ،كۆڭۆل كۆزى كۆرمەسلىكتەك بىخۇدلىقىدىن كۆرىمىزمۇ؟ياكى جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلى كىشلەرنىڭ بارغانسىرى پۇلغا بولغان ئھتىياجنىڭ ئىشىشى،بارغانسىرى پۇلغا ئامراق بۇلۇپ كىتىشىدىن كۆرىمىزمۇ؟ئاشۇ ئادەم بىدىكلىرىنىڭ يۈرىكىنىڭ رەھىمسىز،قاپقارا ،تاش يارتىلىپ قالغانلىقىدىن كۆرىمىزمۇ؟ۋە ياكى ئاشۇ بىغۇبار،سەبىي بالىلار بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە يارلىپ قالغانمۇ؟؟؟!!!سەۋەپ زادى كىمدە؟؟؟   ھەي! ئۆز باغرىنى يىېرىپ چۇشكەن  پەرزەنتىللىرنى سېتىۋىتىشقا قولى بارغان،يۈرىكى چىدىغان ،ئنسان قىلپىدىن چىققان مەلئىۇنلار سىلەرمۇ ئاتا-ئانىمۇ؟؟؟سىلەرمۇ ئنسانمۇ؟؟؟ سىلەرنىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئاناڭلار پەپىلەپ،ئەزىزلەپ ،ئاتا-ئانىلىق مېھىر -مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليىتى بىلەن چوڭ قىلغان بولغىيتى!!!  ئاشۇ غۇبارسىز سەبىيلەرمۇ ئەينى ۋاقتتىكى سىلەرگە ئوخشاش ئەزىزلەشكە ،ئاتا-ئانىلىق مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاق!!! لېكىن .....لكېن سىلەر ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئورنىغا ،ئۇلارنى قارا يىتىملىك كۇچىسىغا  بىر پارچە ئەسكى قەغەزنى تاشلىغاندەكلا تاشلىدىڭلا،خارلىق كۇچىسىغا جان -جەھلىڭلار بىلەن ئتتەردىڭلار،،،،،،.،.مانا بۇ سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلەرگە بەرگىنىڭلار!!!!!!!!  مىڭلارچە لەنەت بولسۇن سىلەرگە!!!!!  ھازىر قايسى بىر ژۇرنالدىن ئۇقۇغان بىر ھېكايە كۆڭۈل ئىكرانىمدا قايتىدىن نامايەن بولدى:بىر قىز ئىككى ئوغۇل كېچىكىدىن بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولدى،ئۇلار چوڭ بولغىچە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل دوستنىڭ بىرى يەنە بىر ئۇغۇل دوستقا تۇنجى بولۇپ،ئۆزىنىڭ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ھېلىقى قىزنى ناھايتى ياقتۇردىغانلىقىنى ھەم پات ئارىدا ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۇزمەكچى بولغانلىقنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئېيىتىدۇ؛ئاڭلىغان ئوغۇل دۇستىنىڭ پىكىردىن خۇشال بۇلۇپ ،ئۇنى تەبىرىكلەيدۇ؛قىزنى ياقتۇرۇپ قالغان ئوغۇل قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزىدۇ،لېكىن قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر تەرپىدىن رەت قىلىنىدۇ؛چۈنكى ،بۇ ئوغۇل خۇشاللىقىنى تۇنجى بۇلۇپ ئېيىتقان ھېلىقى ئوغۇل دوستى نەچچە كۈن بۇرۇن قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۇپ،ئاتا _ئانىسنىڭ ماقۇللىقنى ئېلىپ بولغانكەن،شۇ مەزەگللەردەشۇ ئەتىراپتا ،مەھەللىدىكى قويلارغا ئارام بەرمەيدىغان بىر نەچچە تۇلكە پەيدا بولۇپ قاپتۇ؛مەھەللىدىكى كىشلەر ئۇ تۇلكىلەرنى تۇتالماي ،تۇلكىلەرنىڭ ئۆز قۇۋمىغا سادىق بۇلۇشىدىن پايدىلانماقچى بوپتۇ ۋە بىر يەردىن تۇلكىنىڭ بىر نەچچە كېچىك باللىرنى تېپىپ كېلىپ ،چوڭ بىر ئورەك كولاپ كېچىك تۇلكە باللىرىنى شۇ يەرگە قۇيۇپ قۇيۇپتۇ،راستنلا ئۇزاق ئۆتمەي كېچىك تۇلكىلەرنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان  بىر تۇلكە ئانا ئنسانلارنىڭ بارلىقىنى،ئۆزىگە خەۋىپ يېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ،كېچىك تۇلكە باللىرنى قۇتقۇزغىلى كېلىدۇ-دە؛قىلچە ئىككىلەنمەي ئورەككە ،تۇلكە باللىرىنىڭ يىنىغا سەكرەپ چۇشىدۇ؛ھەمدە ھوۋلاش ئارقىلىق جۇپتىنى چاقىرىدۇ،ئۇنىڭ جۇپتى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن تىرناقلىرىدا تۇپا تاتلاپ ئورەككە تاشلايدۇ،ئۇنىڭ تىرناقلىرى قېپقىزىل قانغا بۇيلىپ كېتىدۇ،لېكىن توختاپ قالمايدۇ،ئاخرى بولماي ئۇمۇ ئورەككە چۇشىدۇ،جۇپتىنىڭ كەت دەپ ھەۋلىشىغا پەرۋا قىلمايدۇ.ئنسانلار بۇنى كۆرۇپ تۇرىدۇ:شۇ كۇنى پوستا تۇرغان كىشلەر ھېلىقى ئككى ئوغۇل دوستنى ئالدۇرۇپ قۇيۇپ قۇيۇپ مەھەللىگە كۆپرەك ئادەم توۋلىغىلى كېتىدۇ.لېكىن ئوغۇل دوستنىڭ بىرسى،ھېىقى قىزغا ئەلچى كىرەۇزۋالغان يەنە بىر ئوغۇلنى ئادەم يوقلىقدىن پايدىلىنىپ ئورەككە ئتتىرۋىتىدۇ؛....... ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!!


مەن قايسى كۈنى بىر كىتاپتىن بىر فىلياتۇن ئوقۇغان ئىدىم.
باشقىلارغا سىتىۋىتىلەەن بىر بالىنى باشقىلار مىڭ تەستە  قۇتۇلدۇرۇپ. مۇخبىر بىلەن نەچچە كۈن پويىز، ماشىنا ، موتۇرلاردا ھەتتا پىيادە مىڭىپ بالىنىڭ ئائىلىسىنى تىپىپ بارسا، ئاپىسىنىڭ چىرايىدا پەقەت خوشاللىق ئالامىتى بايقالماپتۇ. مۇخبىرنىڭ - بالىنى نىمىشقا 1000يۈەنگە ساتتىڭىز - دىگەن سوئالىغا
- ئائىلىمىز بەك نامرات ، ئۆيدە 1000كويغا يارىغۇدەك باشقا ساتىدىغان نەرسە بولمىسا - دەپ جاۋاپ بىرىپتىكەن. مۇخبىر كەينىگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. بۇ فىلياتۇننىڭ يىزىلغان ۋاقتىغا قارىسام سىچۇەندىكى چوڭ يەر تەرۋەشنىڭ ئالدىدا  يىزىلغان ئىشكەن.
  تور تاقالمىغان چاغدا ، شەبنەم چايخانىسىدا ئولتۇراتتۇق. دەل سىچۇەننىڭ ۋىنچۇئەندە يەر تەۋرەپ نەچچە كۈن بولغاندىن كىيىن، بۇ تىماتوغىلىق مۇنازىرە قايناپ كەتتى.
"قۇمباسقان شەھەر " دەپ كىردىغان بىر بالا بار ئىدى. كەچكىچە ئىچكىردە يۇرۇيدىغان. شۇ بالا ھاياجانلىنىپ " سىچۈئەندە بالىسىنى سىتىۋىتىغانلار ئەڭ كۆپ. يەنە قىزلىرىنىڭ ھەممىسى پاھىشىلىك قىلىپ جان باقىدۇ. شۇڭا يەر كۆتىرەلمەي مۇشۇنداق قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. يەر تەۋرىگەندە گۇاڭجۇ، بىيجىندىكىلەر خوپ بوپتۇ دەپ بايراقنى يىرىم چۈشۈرۈشكە ئۇنماي، ئويناپ كۈلۈپ يۈردى   "دەپ سۆزلەپ كەتكەن. ئىدى.
مەن بۇ يەردە بالىسىنى سىتىۋەتكەن يەردە يەر تەۋرەيدۇ دىگەندەك  پەتىۋانىمۇ ئوتتۇىغا قويماقچى ئەمەسمەن. لىكىن ئويلاپ باقساق، بالا سىتىش بىزدەك مۇسۇمانغا توغرا كىلەمدۇ؟ بالىسىنى ساتقان ئاشۇ پوقباشلارنىڭ كاللىسىدا نىمە خىيال باردۇ؟ ئاشۇ پۇلنى خەجلەپ قانچىلىك رەھەت كۆرۈپ كىتەر؟ باقالمايدىغان ئادەم ئىۋۇ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا كىرىپ ، ھەقسىز تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيەسىنى قىلدۇرۋىتىپ نىمەقىلسا قىلسا بولامدۇ دەيمەن. بىگۇنا بالىلارنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ قۇيۇپ ، ئۇنى ياقا يۇرتلاردا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسەتكىچە.

atax4042 2011-05-21 14:30
بۇ تېمىنى كۈرۈپ كۆزۈمگە ياش ئىلىشتىن باشقا ھىچ نەرسە دىيەممىدىم
ئاھ خۇدا بىزنىڭ مىللىتىمىزگە زادى نىمە بۇلدى؟

uzuntat 2011-05-21 17:20
بىر ۋاختلاردا ناھىيىمىزدە تىلەمچىلىق قىلغاچ كوچىدا ماڭسا سۆزلەپ يۈرىدىغان بىركىشى بۇلىدىغان شۇ كىشىنىڭ مۇنۇ  سۆزلىرى خىيال ئىكرانىمدىن بىربىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى<<ئادەمنى ئادەم دىمەڭ ،ئىشەكنى ھايۋان دىمەڭ>>،قارىغاندا بىرقىسىم ئادەملەردىن ئىشەكمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ.ئىشەك جېنىدا تەخىيىگە ئىگە بۇلىدۇ.

uzuntat 2011-05-21 17:28
ئاھ خۇدا بۇ جاھان نىمە بوپ كەتتى، بىر قانچە يىل ئالدىدا توردا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەلۇم بىر ۋىلايىتىدە قىزىنىڭ  ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئۇرۇپ ،خورلىغانلىقىنى نەتىجىدە ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم ،مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ پەرزەنىتلىرنى سېتىۋاتقان كۈرۈنۈشلەر،يەنە بۇندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى كۆرەرمىز،ئۇلۇغ سۆزگە نەچچە مىڭ توۋا.ئىچكىرىدىكى سەرگەندان بالىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى بەكلا كىچىكىپ يۇلغا قۇيۇلدى.پارتىيە،ھۆكۈمەت ،قانۇن بولمىسا بىز خەق بىر بىرسىمىزنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يەيمىز،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۆشىدە مانتا تۈگۈپ يەيمىز،بىز مانا مۇشۇنداق مىللەت.

turditohti 2011-05-22 10:12
ھەي!ئىپلاسلار ساڭا بۇنىڭدىن باشقا ئىش تېپىلمىغانمىدۇ،شۇ نارسىدىلەرنىڭ تېپىپ بەرگىنىنى يىگۈچا نىجاسەت يىسەڭمۇ شۇ ھالال ئەمەسمۇ!
بۇنداق قىسمەتلەر يەنە كىملەرنى كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ؟،قاچانمۇ تۈگەر؟

nazi412 2011-05-22 13:04
ئاھ ،،،،،،خۇدا جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار باركەن ...توۋا ،،،توۋا !!!
بۇ فىلىمنى كۆرۇپ ئولتۇرۇپ كۆزلۇرۇمدىن تاراملاپ ياش ئىقىپ كەتتى ،جاھاندا مۇشۇنداق كىچىپ تۇرۇپ جاھاننىڭ قاراڭغۇلىقىغا پىتىپ كەتكەن بىچارە سەبىيلەر كۆز يىشىم ئارقىلىق ئىچ ئاغرىتىشتىن باشقا نىمە ئىش كىلىدۇ ،ئاشۇ سەبىيلەرنى خورلىغان قارا قوللارغا لەنەت بولسۇن ،توغۇپ قويۇن باقالمىغان ئانىلارغا لەنەت بولسۇن ،ئۆز پۇشتىغا ئىگە بولالمىغان دادىلارغا سىلەرمۇ ئەر كىشىمۇ دىگۇم كىلىۋاتىدۇ ،،،،توۋا ،،،بۇ فىلمنى كۆرمىگەن بولسان جەمىيتىمىزدىكى مۇشۇنداق ئىشلاردىمۇ خەۋەرسىز يۇرەركەنمەن ،،،،،بەك كىچىپ تۇرۇپلا تارتقان ئازابلىرىنى ئويلىسام بەكلا ئىچىم سىيرىلىدۇ ،،،ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ سەبىيلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايلا ،،،،،بەتنىيەت ،قارا قوللارنى ،رەھىمسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ جاجىسىنى بەرگەيلا ،،،،،،،،،،،،،،
تىما ئىگىسىە كۆپ رەھمەت ،،جاپا تارتىپسىز !!!!!!!!!!!!!!

hebibulla912 2011-05-22 13:42
بەك ئېچىنىشلىق ئىشكەن ئۇلۇغ ئاللا ھەممەيلەنگە  ئىنساپ بەرسۇن
بالىلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن

kadirlik 2011-05-22 14:37
ئېسىت ،ئېسىت شۇنداق ئېپلاسلارغا بەرگەن گۈناھسىز بالىلار !
ئاتا -ئانا مىش ئۇلار بىر تۇپ ئادەم ئەمەس تاشلاندۇقلار .

salam234 2011-05-22 17:39
ئىسىت  ئادەم دىگەندە ئازراق ۋىجدان دڭگەن نەرسە بولىدىغان  ئەممە ئۇلاردا  قىلچە ئەسەرمۇ يوقكەن ، شۇ  پۇل ئۈچۈن شۇنچىۋالۋالا  رەزىللىك قىلىش كىتەرمۇ؟؟؟؟؟؟  پۇل  شۇمچە ئۇلۇغمۇ؟؟؟؟؟؟        <<سەن ھايۋانمۇ؟؟؟>>

iparhan 2011-05-23 00:35
ئەجەپ تاقىتىم قالمىدى توۋا ، شۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىكەن ھە جاھاندا ،ئادىمىي ھايۋانلاركەن غۇ ئۇلار .

airwolf0207 2011-05-23 11:22
         بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ، فىلىمنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرالمىدىم. جەمئىيەتتە يەنە قانچىلىغان نارسىدە بالىلار نېمە كۈلپەتلەر بىلەن ياشاۋاتقاندۇ-ھە، مەزكۇر فىلىم ئائىلە مەسئۇلىيەت قارىشىمنى يەنە كۈچەيتىىشتە ياخشى رول ئوينىغۇدەك. بىز ئاشۇ رەزىل ئاتا - ئانىلاردىن چوقۇم ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. ئاخىرىدا تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

coffe 2011-05-23 11:58
توۋا ماۋۇ بىر توپ ئەخمەقلەرنى نېمە دېگۈلۈك ئەمدى..........................

ئۇقىزنىڭ ئاپىسىدىن نەپرەتلىنىشىمۇ توغرا . ئۇ ئايالنىڭ تاماكا خۇمارىنى بېسش ئۈچۈن بالىسىنى سېتىۋىتىشىمۇ توغرا . پەقەت بۇ جەمىيەتنىڭ ، قانۇننىڭ ۋە توردا باشقىلارنى تىللاش ئارقىلىق خۇمارىنى باسىدىغان بىر توپ غەيۋەت چىۋىنلىرىنىڭ ئۇلارغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگىنى ئەڭ چوڭ خاتالىق....

شاڭخەيگە بارسام دوسلىرىم پالانى ھاجىمنىڭ ئاشخانىسىغا بىرىپ لەغمەن يەپ كىلەيلى دەيدۇ...
ئۇ يەرگە بارغاندىن بىرەر داڭلىق خەنزۇچە رىستۇرانغا بىرىپ 汉餐  يەپ كىلەيلى ... ئۇزۇن قۇلاقنىڭ گۈشىنى يىسىمۇ نارسىدىلەرنىڭ گۆشىنى يىمىگەندىكىن دېسەم... ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قىلىشدۇ.... مەن بۇ مىللەتكە ۋە جەمىيەتكە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلەلىدىم دېمەي، ئەتىدىن كەچكىچە ئوسۇرۇقنى مىللىيلىككە كۆتۈرۈپ توردا تىللىغانغا ئۇنداق ئادەملەرنىڭ يېنىدىكى چىۋېىنمۇ ئۈركىمەيدۇ.............



      

layli 2011-05-23 12:31
دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ئەڭ پاك مۇھەببەت ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى ئىدى ،
مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسز بىر قىسىم ئانلارنىڭ سەۋەبىدىن جەميەتنىڭ قالايمىقانلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،
قىسقىس بۇ قىزنىڭ تەقدىرىگە بەكلا ئىچىندىم ، بەلكىم ئەر-ئايال ئاجراشماي ، بىر-بىرگە يول قويۇپ ئىناق ئۆتسە بۇنچىلىك ئىچىنىشلىق كىشلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايىغان ئىنسانلار ئازلىغان بولاتتى ،
  

nawa 2011-05-23 15:34
مەنچە بولسا شۇئادەم بېدىكلىرنىڭ ھەممىسىنى  بىر ئۆيگە يىغىپ بېنىزىن چېچىپ كۆيدۈرۈپلۋەتسە.  
   مۇشۇ بىزدىكى ئادەم ساتىدىغان ئىش قاچان چىققان بولغىيتتى.

樱花 2011-05-23 18:44
مەدەنىيەتسىز بىلىمسىزلىكنىڭ ئىشى ھىممىسى!~!~!~توۋا،،،،،ئۇلۇغ ئاللا ھەممە ئاتا ئانىلارنىڭ دىلىغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!~!~!~~بەلىلارنىڭمۇ ھەم!~!~!~

karahan0998 2011-05-23 23:02
نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق ياكى بۇنىڭدىنمۇ بەك خورلانغان قېرىنداشلىرىمىز
ئاخىرى قۇتقۇزۋېلىندى .
جاڭ چۈنشىيەن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت .
ئاشۇ ئادەم بىدىكىلىرىگە ئەڭ ئېغىر جازا بىرلىشىنى ،شۇنداقلا گىزىت -ژۇناللاردا كەڭ تەشۋىق قىلنىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .

uyultax 2011-05-24 01:58
bu  filimni korup   iqim aqqik boldi ,konglum  yerim boldi  axundak  iplas  ata  aniladin ,        adamda   harkandak  kiqik qong ,yahxi yaman,ixlani  klixta  . gurur  ,  wijdan  birinji orunda  turmisa  bolmaydu .     bazan  adamla  watan dap  yaman  ixlani  kildu ,bazan ata anila   parzanit  dap   yaman  ixlanimu  kildigan qaglamu  ba  .  bazanla   baxkilanimu dap  yaman  ixlanimu  kildu ,  bu kixla wahti kalganda sorak klinsa kopliri  kollaydu .  oz  parzantiga  bunadak  yamanlik kildigan adamlani  adam diguli bolmaydu  bulani  bu dunyada  udunyadimu harlnidu , axundak ata anilani  tunuxlri  tukkanliri  sapdaxlri  qukumlam arga  almaslik kerak  qukum qatka kiklip  jazanilixi kerak  dap  karayman   ,  oz  hiyalim.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مەن ئاپامدىن نەپرەتلىنىمەن (ھەقىقىي ئىشلار) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042212 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us