رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulen 2011-05-18 02:02

1. بازارىمىز بىر، مازارىمىز بىر
-نېمىشقا يىغىلىپ قالدۇق؟

ئامېرىكىغا كەلمەستە يازغۇچى مالىك كېۋىرنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇر قىزى ھەققىدە يازغان خاتىرىسىنى ئوقۇغان ئېدىم. بۇ قىز ئەسلى ئۆزبەكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ نىيويوركتىكى قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا كىرخانا ئاچىدىكەندۇق. قىز پاجىيەگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئائىلىسىگە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بېرىپتۇ. باغىرى قان ئاتا ئانا قىزىنىڭ جەسىدىنى نىيويوركتىكى تۈركلەر قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىلىپتۇ. ۋەتەنسىزلىك، ئامالسىزلىق، غېرىپلىقنىڭ ئازاۋېنى بىر ئۆمۈر تارتقان ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ سەرگەردان ئەۋلادى ئانا توپراقنى قۇچاقلاپ ياتالماي يات يەرلەردە قاپتۇ. رەببىمىزگە ھەمىدلەر بولسۇنكى، قانداقلا بولمىسۇن شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ۋەتەندىكى چېغىمداماڭا بۇ گەپ بەك تەسىر قىلغان ئېدى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىگە بولغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جەسىدىمىزگىمۇ ئارامجاي بېرىشى مېنى ھاياجانغا سالغان ئېدى. شۇ چاغلاردا مالايسىيەدىن بىرسى كېلىپ يېنىمدا بىرەر ھەپتە تۇردى. بىزنىڭ باشقا بىر ئاغىنە بالا ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىكى تۈركچە ئامىلغا دىققەت قىلىپتۇ. مەن قارىساممۇ بۇ بۇرادەرنىڭ گېپى بىر قارىسا تۈركىيە تۈركچىسىدەك تەسىر بېرەتتى. سەۋەبىنى سورۇسام مالايسىيەگە ئورۇنلۇشۇپ قالغان بىر تۈرك كىشىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى بۇ تۈرك كىشى بىلەن تۈركىيەدە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇچرۇشۇپ قالدىم. ئالدىغا كەلگەن ئۇيغۇر بالىلرىغا ياخشى مەسلەھەت ۋە مەدەتلەرنى بېرىپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ھەتتا كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، مەسجىدىمىز، ھېيىت بايراملىرىمىز، مەدەنىيىتىمىزدىكى ئورتاقلىق دۇنيانىڭ قايەرىگە بارايلى بىزنى ماگىنىتتەك بىر بىرىمىزگە يېپىشتۇرۇپ تۇراتتى. ئەۋەتتە، سەۋەپ بۇلار ئەمەس. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر قانداق ئورتاقلىق ۋە بىرلىك مائارىپسىز، مەقسەدلىك تەربىيىسىز كۈچلىنەلمەيدۇ.
ۋەتەن سىرتىدىكى ئانا تىل ئوقۇتىشى ھەققىدە ئىزدەنگەن چېغىمدىمۇ ياۋۇرپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيەلەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ شۇ يەرلەردىكى تۈرك مەكتەپلىرى ۋە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) مەركەزلىرىدە تەسىس قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش ئادىتىم بولۇپ قالغانمۇ قانداق تۈركىيەگە بارغاندا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈشنى نىيەت قىلغان ئېدىم. 2005- يىلى تەلىيىمگە تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە تاللاشلاردىن ئۆتۈپ زىيارەتچى تەتقىقاتچى سالاھىيىتىدە ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتىگە ئەۋەتىلدىم. تەكشۈرۈشۈمچە تۈركىيە ئاساس مائارىپىنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار بېرىلىدىكەن. تارىخ دەرسىدىكى مەلۇمات بىر قەدەر تەپسىلى بولۇپ دىيارىمىزنىڭ تارىخى تاكى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيە دەۋلىتى يېقىلغانغا قەدەر ئۆتىلىدىكەن. ئەدەبىيات دەرسلىكىدە "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" تىن پارچىلار ئۆتۈلۈشكە باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ناۋايىغىچە ئۆتۈلىدىكەن. ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋە ھەرقانداق كەسپكە زۆرۈر دەرسلىك بولغان "تۈركچە" (بىزدىكى ئالى مەكتەپ تىل ئەدەبىياتىغا تەڭ كېلىدۇ) دەرسلىككە "دىۋان" دىن پارچىلار ۋە "قۇتادغۇبىلىك" تىن نەمۇنىلەر بېرىلىدىكەن. دېمەك بىر تۈرك ئوقۇغۇچى مەكتەپ يۈزى كۆرگەنلا بولسا ئۇيغۇرلار ۋە دىيارىمىز ھەققىدە مەلۇماتلىق بولماي قالمايدىكەن. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېسىمىزدە قالمىغاندەك ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى ھەممە كىشىنىڭ ئېسىدە قالماسلىقى تەبىئى ئىش. دېمەك، تۈركلەر بىلەن بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەممەلا يېرىدە ھىچ بىر مەنپەئەت ۋە سىياسىنىڭ مەجبۇرلىشى ياكى قىزىقتۇرشىسىز بىر ئاراغا يىغىلىپ قېلىشىمىز، تىرىكلىكىمىزدە بازارىمىزنىڭ، ئۆلسىەك مازارىمىزنىڭ بىر بولۇشى يۇقارقى ئامىللارغا باغلىق ئىكەن.

2. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ئۇيغۇر قىزى
2009- يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا چەتئەلگە يۈزلىنىش تېخىمۇ تەخىرسىز تاللاش بولدىمۇ قانداق ياۋۇرۇپا، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېلىدىغان ئادەم كۆپرەك بولدى. بۇ يەردە كۆپ بولدى، دېگىنىم بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن يىلىغا بىرەر يۈزگىمۇ يەتمىگەن كىشى چەتئەلگە چىققان بولسا ھازىر بۇ سان بىراقلا 150 بولۇپ كەتتى دېگەنلىك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە بەك جىق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇيغۇردەك جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىلا نوپۇسى ئون مىليۇندىن ئاشىدىغان مىللەتكە بۇ سان تولىمۇ ئاز. مۆرىتى كەلگەندە شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چەتئەلگە يەنى ياۋرۇ-ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ يەرلەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن يەنىلا ئاز.  بۇنى باشقا قوشنا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرساق پەۋقۇلاددە ئاز. مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم، ئامېرىكىدا موڭغۇلىيەدىن كەلگەن موڭغۇللار 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 2.9 مىليۇن. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا "چەتئەل قىزغىنلىقى قوزغۇلۇپ كەتتى، چەتئەلگە تەلپۈنۈش ئەۋج ئالدى" دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، شۇ يۈز نەچچە ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولۇپ بىر ئۇيغۇر قىزى قوشنا شىتاتقا ئوقۇشقا كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كۆرۈشتۇق. سىڭلىمىز بىزنى كۆرۈپ بەك ھاجانلاندىمۇ، يا شۇ چاغلار يىغا زارە دەۋرى بولغاچقىمۇ، يىغلىشىپ كەتتۇق. ئۇيغۇرچە تاماق، ئۇيغۇرچە چاخچاق مۇساپىرلىقىمىزنى ۋە غەم غۇسسىلىرىمزنى بىر پەس بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇردى. كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان بىر ئىش ساھىپخانغا قاچا يۇيۇشۇپ بېرىۋاتقان سىڭىلىمىزنىڭ تولۇق خەنزۇچە سۆزلىشى بولدى. داستىخاندا بىللە بولغاندا ئەجەپ كەمسۆز قىزكەن دەپ ئويلىغانتىم. ئەسلى كەمسۆز-كەمزۇۋان ئەمەس خەنزۇۋان ئەمەستۇ؟ ساھىپخان بىلەن قىلىشۋاتقان گەپلەردىن ئۇنچىۋالا كەمسۆزلۈك ئەكىس ئەتمەيتتى. ئىچىمدە خەنزۇۋان قىزدىن ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ساھىپخاندىن ئەپسۇسلاندىم، ماڭا ئۇ كۈنلەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خەنچە سۆزلىشىشى "ئۇيغۇر!، ئۇيغۇر!، ئۇيغۇر!" دەپ بوغۇلغان ئۈنلەر، تۆكۈلگەن ياشلارغا قىلىنغان خىيانەت بولۇپ تۇيۇلماقتا ئېدى.

مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ بىلدىمكى بۇ قىز راستىنلا خەنسۇچە ئوقۇغانىكەن. دادىسى دوختۇر، باي بولغاچقا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىشىگىلا ۋاستىچى شىركەتلەرگە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئامېرىكىغا يولغا ساپتۇ. مەكتەپكە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ ۋەتەن سېغىنچىنى بېسىپ يۈرۈپتۇ. ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىنى بولسا ئىزدەپمۇ قويماپتۇ. بىر تۈرك قىز جوڭگۇدىن بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىزلەپ كىرگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرچىسى راۋان بولمىغاچ ئالاقە قىلالماي قاپتۇ. ئەڭ قىزىق يېرى، تۈرك قىزنىڭ ئېنگىلىزچە " تىلىمىز ئوخشايدۇ، مەدەنىيىتىمىز بىر" دېگىنىگە، "تۈركچە دېگەن تۈركچە، ئۇيغۇرچە دېگەن ئۇيغۇرچە ئىككىسى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ئوخشايدۇ دېسە ئۇيغۇرچە خەنسۇچىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرچىدا نۇرغۇن خەنسۇچە سۆز بار. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار گەپ قىلسا 30% خەنسۇچە قوشۇپ سۆزلەيدۇ" دەپ چۈشەنچە بېرىپتۇ. ماڭا بۇلارنى خەنسۇچىلاپ تەبىئى دەپ بېرىۋاتقان مۇنۇ ئۇيغۇر قىزىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. تۇيۇقسىز ئېسىمگە مەن ئامېرىكىدىكى قايسى بىر شەھەردە ئۇچراتقان قازقاقىستانلىق بىر قازاق قىزىنىڭ "ئۇيغۇرچە بىلەن قازاقچە ئوخشايدۇ" دېگىنىمگە، "ئوخشىمايدۇ، قازاقچە دېگەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى، ئۇيغۇرچە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق" دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئىككى قىزنىڭ ئورتاقلىقى قازاق قىز رۇسچە ئوقۇغان، ئۇيغۇر قىز خەنسۇچە. قازاق قىز قازاقچە ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ سۆزلىيەلمەيدۇ، قازاقچە ناخشا ئوقۇمايدۇ ھەم ئاڭلىمايدۇ. مۇناسىۋەتى ئاساسەن روسلار ۋە رۇس تىللىقلار بىلەن. ئۇيغۇر قىزمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدۇ. ئۇيغۇرچە مۇقام، ناخشا ئاڭلىمايدۇ. پەرقى ئانا تىلغا چولتا قازاقىستانلىق قازاق قىز گۆشلەرنىڭ ھەممىنى ئايرىماي يەيدۇ. ئۇيغۇر قىز ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ بىلىدۇ. قازاق قىز ئىككىنچى ئەۋلات روسزۇۋان، ئۇيغۇر قىز بىرىنچى ئەۋلات خەنزۇۋان. قارىغاندا بۇنداق يات زۇۋاندا ئوقۇغان بىرىنچى ئەۋلات تىلدىن قېلىپ، ئىككىنچى ئەۋلات مۇسۇلمانلىقنىڭ شەكلەن بەلگىسى يىمەكلىك چەكلىمىسىدىنمۇ قالىدىغان گەپ ئوخشايدۇ.

ئارىدا ئۇ سىڭىلىمىز بىلەن ئانچە مۇنچە كۆرۈشۈپ تۇردۇق، پاراڭلاردا مەن جاھىللارچە ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ماڭا بەك بىر ئېچىلىپ گەپ قىلىپ كەتمىدى. بىر مەزگىل ئۆتۈپ بۇ قىزنىڭ شەرقى ساھىلدىكى شەھەرلەرگە كەتكىنىدىن خەۋەر تاپتۇق. (بۇ رايۇنلاردا نوپۇس بىر قەدەر زىچ، ئىش تاپماقمۇ سەل ئاسان) ئارىدىن بىر يىل ئالتە ئايلار ئۆتۈپ بىر كۈنى تۇيۇقسىز تېلىفون قىلىپتۇ. ئۇيغۇرچىسى شۇنداق راۋان. ھەيرانلىقتا قانداق قىلىپ ئانا تىلدا بۇنچە تېز ئىلگىرلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم. دېيىشىچە قىزچاقنىڭ شەرقى ساھىلدا تونۇشلىرى باركەن. ئۇلارنىڭ يارىدىمىدە بىر تۈرك ئاشخانىسىدىن خىزمەت تېپىپتۇ. (ئامېرىكىدا ئاشخانىدا ئىشلەش ئەڭ مودا، پۇلنى جىق تاپقىلى بولىدۇ. سەل چاققانراق بولسا ئاشپەزلىكنىمۇ ئۆگىنىپ بىر ھۈنەرلىك بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىستىن تولۇق قۇتۇلالمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئاشپەزلىك ئەڭ ئاسان ئىش تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ قالدى). ئاشخانىدا ئىشلەش جەريانىدا تۈرك قىزلار بىلەن بىر يىل بىرگە تۇرۇپ تۈركچە ئۆگىنىپتۇ. تۈركچىسى تولۇق چىققاندىن كېيىن بىر ئۇيغۇر ئاچاش بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇيغۇرچىسىنى پۇختىلاپتۇ. ياتاقتا ئۇيغۇرچىغا كىم بىر ئېغىز خەنچە ئارىلاشتۇرسا ئون دوللار جەرىمانە ئالىدىغانغا كېلىشىپتۇ. "تۈركچە بىلسە ئۇيغۇرچە شۇنداق ئاسانكەن، تۈركلەر بىزنى ئۆز مىللىتىدەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. ئاشخانىدا شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىشلەۋاتىمەن. بۇ يىل ئالى مەكتەپكە كىرەي دەپ ھازىرلىق قىلىۋاتىمەن. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئەڭ خوش بولغىنىم تۈركلەرگە يولۇققۇنۇم ۋە ئۇلاردىن تىل ۋە ئىتىقاد ئۆگەنگىنىم بولدى..." دەپ ھاياجانلىق ھىكايىلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلاشتى.

3. "يالغۇز دېيىلسەن"

ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەكتىپىمىزدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا خەت يېزىپ جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغان خەت يازدىم. بىر كۈنگە قالمايلا جاۋاپ خەت كەلدى. مەكتەپكە كەلسەم چوقۇم ئىزدىشىمنى ئېيتىپتۇ. مەن سورۇغان مەكتەپكە دائىر سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ قايتتۇرۇپتۇ. مەكتەپكە كېلىپ باشقا ئىشلار بىلەن ئىزدەپ بولالمىدىم. ئارىدا ئېلخەتلىشىپ كۆرۈشىدىغانغا كېلىشتۇق. دېيىشكەن كۈنى ئولتۇرسام ئىشىك ئالدىمدا تۈركچە پاراڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ كەتتى قارىسام ئىككى تۈرك بالا. شۇ پاراڭلاشقانچە ھەپتە ئاخىرلىرىنى غېرىپلىقتىن خالى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. شۇ يىلى تومۇزدىن كېيىن كۈنلەر مۇسۇبەتتە تولىمۇ تەستە ئۆتتى. تېلىپون يوق، تور يوق، باشتا غەم بار، چىرايلاردا قان يوق. مېڭىپ يۈرگەن بىلەن پۇت-قولدا جان يوق. شۇنداق كۈنلەردە تۈرك دوستلۇرۇم تېخىمۇ بەكرەك ھالىمغا يەتتى. بىر كۈنى باشقا شىتاتتىكى بىر ئۇنۋېرىستىتقا بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۆزگۈر (ئەركىن مەنىسىدە) ماڭا تېلىپون قىلىپتۇ. ئۈچ سائەت ماشىنا ھەيدەپ مېنى ئۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ كەلدى. يېڭى كەلگەن ئىككىلا ئۇيغۇر بۇ ياخشىلىقتىن تەسىرلەندۇق، يېڭى كەلگەن بولغاچ ئىككىلىمىزنىڭ ماشىنىسى يوق ئېدى. ئۇ قارا كۈنلەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تېپىشىپ قانغۇدەك يىغلىشىۋىلىشمۇ ئادەمنى باشقىچە يېنىكلىتەتتى. غەملەر تارالماي تۇرۇپ رامازان كەلدى. ھەپتىسىگە بىر قانچە قېتىم بىللە ئىپتارلاشتۇق. قۇربان ھېيتمۇ كەلدى. بىللە ناماز ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن قولۇمغا بىر خالتىنى تۇتقازدى. ئانىسى تۈركىيەدىن قۇربانلىق گۆشتىن ئەۋەتكەنىكەن. بىللە يەيلى دەپ يېرىمىنى ماڭا ئاتاپتۇ.
ئائىلەم كەلگەندىن كېيىن بېرىش كېلىشىمىز بارغانچە قويۇقلاشتى. بىر كۈنى بالام قەۋزىيىتى تۇتۇپ بىئارام بولۇپ كەتتى. ئەسلى ئۇ كۈنى يىغىلىپ پاراڭلىشىدىغان كۈنىمىز ئېدى. بالامنىڭ سالامەتلىكى يار بەمىگەچكە بارالمايدىغانلىقىمىز دەپ ئۆزرە قويدۇق. بىر قانچىسى بالامنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سوراشتى. ئەتىسى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ تۆت دوستىمىزنىڭ بالىمىزغا ئالغان دورىسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. تۈرك دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە سۆھبەت قىلىپ ئولتۇرۇپ بەزەن ئۆزەمنى قەشقەردىكى مەلۇم مەھەللىدە، خوتەن يا غۇلجىدىكى قايسى بىر كوچىدا مېھمان بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ماڭا ئەڭ ياققان بىر شەكىل تۈرك دوستلارنىڭ سۆھبەتلىرى. بۇ سۆھبەتلەر ھەپتىدە بىر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بىللە يەمەك يەپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھەممىمىز ياقتۇرغان بىر قانچە كىتاپنى مۇلاھىزە قىلغاچ بىللە ئوقۇيمىز. سۆھبەتكە كىچىك بالىلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرى ۋە مۇلاھىزىلىرى يېشىغا ماس سەبىلەرچە بولسىمۇ دىققەت بىلەن ئاڭلايمىز، ۋە يېشىغا مۇناسىپ چۈشەنچە بېرىمىز. بۇنداق سۆھبەت ئاياللارنىڭ ئايرىم بولۇپ ئايالىم شۇ سۆھبەلەردە يۈرۈپ ئىككى ئايغا قالماي تۈركچە ئاڭلاپ چۈشەنگىدەك بولدى. ھازىر سۆھبەتلەردە پىكىر بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتىن بەھىر ئېلىپ دىلىم ئېرىگەندە ھېلىقى قارا كۈنلەردە ئۆزگۈرنىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەيمەن. " قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ. قايغۇدا يىغىمىز تاقىلىپ بولغان ھېلىقى ئىشىك ئۈچۈن بولمىسۇن، غەيرىتىمىز بىلەن ئاللاھ بىزگە ئاچقان ئوچۇق ئىشىكلەرگە يۈزلىنەيلى. بىز شۇ ئىشىكلەردە سېنى ساقلاۋاتىمىز. سەن يالغۇز دېيىلسەن (ئەمەسسەن)"
يېقىندا بىر دوستىمىزنىڭ ئايالى كۆزەيدى. ئايالى دوختۇرخانىدىكى بىر قانچە كۈندە قىزىمىز بىلەن بىر ياشلا پەرقلىنىدىغان چوڭ قىزىنى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ قويدى. خۇددى ئانامنىڭ قەشقەردىكى قوشنىسى ئىشى چىقىپ قالسا نەۋرىسىنى بىزنىڭ ئۆيىگە قويۇپ پۈتۈن كۈن خاتىرىجەم سىرىتتىكى ئىشىنى تۈگۈتۈپ كەلگەندەك. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بۇلار ئۇيغۇرمۇ يا مەن تۈركمۇ، نېمانچە ئوخشاشلىق بۇ!

4. تۈركلۈك پىداكارلىقتۇر

مەكتىپىمىزدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسنى قوشسا قىرىققا ئاران بارىدۇ يا بارمايدۇ. شۇ قىرىققا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بەدىلىگە مەكتىپىمىزدە ھەقسىز تۈركچە دەرس ۋە دىنلار ئارا دىيالوگ پائالىيىتى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ھەقسىز تۈركچە دەرسنىڭ مەۋسۈمدە بىر ئېچىلىدىغان خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشتىم. تۈركچە دەرس بەرگەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈركچىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۆگەتكىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىدا تەييارلاپ كەلگەن دوكىلاتلىرىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرى قىلىشتى. كۆپىنچىسى تەبىئى پەنلەردە ئوقۇيدىغان بۇ بالىلارنىڭ تىل ئۆگىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان مەنتىقىلىق مۇلاھىزىلىرىگە قاراپ ھۆر، دېمۇكراتىك ئەلدە، مەلۇم ھۆكۈمران ئىدولوگىيەگە بېقىنمىغان مائارىپتا ھەقىقى بىلىم ئالغان كىشىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم.
دىنلار ئارا دىيالوگ مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتۇقۇچىلىرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن پائالىيەت. بۇ پائالىيەتكە كۆپىنچە ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ ھەرقايسى مەزھەپ ۋە سۈلۈكلىرىگە مەنسۇپ دىنىي ئۆلىمالار تەكلىپ قىلىنىدۇ. پائالىيەت شەكلى لېكسىيە، مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە شەكلىدە بولىدۇ. ئەسلى بۇددىستلارنىمۇ تەكلىپ قىلماقچى بولغان، ئەمما مەن كەلگەندە ھىچ بۇنداق بىر پۇرسەت بولمىدى. ھەر قېتىمقى  پائالىيەتكە تۈرك قىزلار تۈركچە لەززەتلىك تاتلىقلارنى ۋە پىچىنە پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ تىزىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىملىق پائالىيەت تۈرك مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر كۆرگەزمىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەر جەريانىدا تۈرك تاماقلىرىغا كۆنگەن خېرىدارلارنى ئاساس قىلىپ كانزاس شەھرىدە بىر تۈرك تاماق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. تۈرك دوستلىرىمىز ئەسلى ئايالىمنىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قوشۇپ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئايالىم ئىشلەۋاتقان بولغاچ يېتىشەلمەي قالدۇق. شۇ قېتىمقى ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇدىغان بىر پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغىنىغا ھېلىمۇ بەك ھېچىنىمەن.
بىر قېتىملىق دىنلار دىيالوگىدىن كېيىن مەن بەك ھاجانلىنىپ دوستلۇرۇمغا "مەكتىپىمىزدە ئۈچ تۆت يۈز ئەرەب ئوقۇغۇچى، ئەللىك ئاتمىش ھېندىستان ۋە پاكىستانلىق مۇسۇلمان بار. مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىزنىڭ سانىمىز جىق ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ مۇسۇلمان مىللىتىمىز ۋە دىنىمىزنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىڭلار تېخى باشقا بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن يوق. مەن ئوزەمنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلقىمدىن ۋە سىلەرنىڭ پائالىيىتىڭلارغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. سىلەردىن پەخىرلىنىمەن" دېدىم. "ئەستەغپۇرۇللاھ ئابى، ئەسلى قولۇمىزدا جىق ئىمكانلار بار. قىلايلى دېسەك نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەر بار. شۇ بەزەن نەپسىمىزگە بېرىلىپ ياكى قىلغىنىمىزغا تەمەننا قىلىپ قالىدىكەنمىز. ئاللاھ كىبىردىن، قانائەتتىن ساقلىسۇن. بىز ئەسلى ھازىر قىلغان ئىشىمىزدىن نەچچە يۈز ھەسسە پايدىلىق خىزمەتلەردە بولساق بولاتتى.  ھەپسىلەردە يېتىۋاتقان باغىرلىرىمىزغا ئۆزىمزنى سېلىشتۇرۇشتىن نومۇس قىلىمىز. ئاللاھ باغىشلارسا ئىنسانلىقنىڭ قىممىتى، مۇسۇلمانلىقنىڭ شاراپىتى، ئاللاھ قەلبلىرىمىزگە چاچقان سۆيگۈنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىنسانغا بىلدۈرەلىگەن بولساق ئۆزىمىزنى نەتىجىلىك ھېس قىلغان بولاتتۇق. ئابى مۇسۇلمانلىق پىداكارلىقتۇر. تۈركلۈك مۇسۇلمانلىقتۇر، شۇڭا تۈركلۈك پىداكارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ."

بۇ تېمىنىڭ توردىكى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئەلكۈيى تورى ۋە ئاپتورغا مەنسۇپ،ئاپتور نامىدا يالغاندىن باشقا بېكەتلەرگە تېزىملىتىپ، قالايمىقان يۆتكەشكە بولمايدۇ

nurkizi 2011-05-18 10:56
   بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامى بارمۇ؟ تۇركىيە تۇركلىرى تۇرك دۇنياسىغا باشلامچى بۇلۇپ تۇرك مىللەتلىرىنىڭ بىرلىكلىرى ئۈچۈن مەنىۋى مەنبە بۇلىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.

gulsima 2011-05-18 11:03
ھەممە ئۇيغۇرۇمنى زىمىن قوينىغا ئىلىشقا نىسىپ بولىسۇن بۇ تىمىنى ئوقۇپ بولىغىچە كۈزىمدىن ياش چىكەتتى . كۆز تەگمىسىۇن ئۇيغۇررىمىغا ...

wolqan321 2011-05-18 11:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يىقىندا مىسىردا يىزىلغان 36 توملۇق ئىسلام تارىخى دىگەن كىتابقا قاراخانىلاردەك بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ تارىخىنىڭ كىرگۈزۈلمەسلىكى بەلكىم سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرسا كىرەك. ئەزھەردە دوكتۇرلۇقتا ئوقىۋاتقان بىر دوستۇم بۇ گەپنى قىلغانتى چۈچۈپ كەتتىم، شۈنچە تارىخىنى يازغان ئەرەب ئالىملىرىنىڭ قاراخانىلار ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەسلىكى ياكى ئۇنىڭغا سەل قارىشى مەندە ئەقىدىدىن باشقا ئىنساننى يەنىلا تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسىنىڭ مەدەنىيە ئاساسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر ھىس قىلدۇردى. ئۇ دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئاشا ئۇستازلارنى تىپىپ سۆزلىشىپتۇ، ھەمدە ئۇنى تۈزۈتۈش كىرەكلىك تەكلىپىنى بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن سەلقارىغانلىقلىرىنى ئىقرار قىلىشىپتۇ. ئىنشائاللاھ يەنە بىر نەشىرلىرىدە تۈزۈتۈپ چىقىلار.  

biqarabiz 2011-05-18 13:07
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۇنلەردە بەك ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان بوپ قالدىم دىسە ئەستاغفىرۇللاھ،تېمىڭىزنى ئوقوۋىتىپ ئامىركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار دىگەن تېمىڭىزدا بىر ئەزەربەيجان قىرىندىشىمىزنىڭ دىگەنلىرى ئېسىمگە كېلىپ ئوزەمنى تۇتالماي قالدىم،ھەقىقەتەن قىرىنداش دىگەن قىرىنداشدە،ئاپام دەيتتى يات يىگىچە قىرىنداش ئولگۇچە دەپ ،ئەسلى بۇ دىگىنى چوڭ قىرىنداشلىق ئىكەنلىگى،ھەرگىزمۇ ئائىلىۋى قىرىنداشلىق ئەمەسلىكىنى ،گۇلەن ئەپەندىم تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ رەھمەت،شۇ سىزنىڭ مۇساپىرچىلىقتا سىزگە قىرىنداشلىق مىھرىنى يەتكۇزىۋاتقان تۇرۇك قىرىنداشلىرىمىزغا بىزنىڭ سالامىمىزنى يەتكۇزۇپ قويۇڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلاردىن تۇرۇك قىرىنداشلىرىمىزغا ئاللانىڭ سالامى بولسۇن،

karabeg 2011-05-18 13:39
تىمىلىرىڭىزدىكى ھاياجانلىق قۇرلاردىن باشقا مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغان ئالاھىدە بىر ئىش-سىزنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىڭىزدۇر. دىققىتىمچە سىز تۆۋەندىكى يېڭى سۆزلەرنى ياساپ بولدىڭىز:
1. ئاشقۇنلۇق
2. كەمزۇۋان
3. ياتزۇۋان
4. خەنزۇۋان
5. رۇسزۇۋان
بۇ سۆزلەر ئەدەبى تىلىمىزدا جۈملىدىن سۆز ئالاقىلىرىمىزدا ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ مۇشۇ سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى قانداق ئىپادىلەش كېرەكلىگى قېلىپلاشمىغان ئىدى.  مەسىلەن «خەنزۇۋان» نى «مىنكاۋخەن» دەپ خەنچە ئىپادىلىگەن بولساق، مانا ھازىر باشقا تىلدىكىلەرنى ئىپادىلەيدىغان يېڭى بىر ئۆلچەم بارلىققا كەلدى.

aypatam 2011-05-18 14:35
" قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ. قايغۇدا يىغىمىز تاقىلىپ بولغان ھېلىقى ئىشىك ئۈچۈن بولمىسۇن، غەيرىتىمىز بىلەن ئاللاھ بىزگە ئاچقان ئوچۇق ئىشىكلەرگە يۈزلىنەيلى. بىز شۇ ئىشىكلەردە سېنى ساقلاۋاتىمىز. سەن يالغۇز دېيىلسەن (ئەمەسسەن)"


بەكمۇ  توغرا دەيدۇ .     <<ئاينىڭ   15ى  ئايدىڭ .15ى  قاراڭغۇ ....    ئاللاھ   بىز  
ئۈچۈن  ئاچقان  ئىشىكلەرنى  تاپالمايلا  يۈرمەسمىز  ....

gulqinay 2011-05-18 15:15
نېمىدىگەن تەسىرلىك يېزىلغان ئەسەر بۇ! مەن بۇنى ئوقۇپ ھەقىقەتەنمۇ بەك تەسىرلەندىم، تاس قالدى كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلگىلى! بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ھەمىمىزگە ئاسايىشلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن! شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىققان قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇمىغان بولسام، تۈركلەرنىڭ بىزنى ئۇنچىلىك دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرەركەنمەن!

maxal20 2011-05-18 15:58
قازاق قىز بىلەن سىزنىڭ، ئۇيغۇر قىزى بىلەن تۈرك قىزنىڭ دىئالوگىنى ئاڭلاپ ئەتراپمدىكى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئازراق تىلغا ئېلىش لازىملىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
مەن تۇنجى كۈنى مەكتەپكە كىرگەن كۈنۈم بىر قىز كېلىپ سىز قازاقىستانلىقمۇ دەپ سورىدى، ئاندىن مەن مەن ئۇيغۇر دېدىم. ئۇ سىز بىزنىڭ دۆلەتتىن كەلگەنلەرگە ئوخشايدىكەنسىز دېدى. جاۋابىم بىز بىر تۇرساق، مەن ئۇيغۇر، سىز قازاق، بىز تۈرك دەپلا قويدۇم. لېكىن ئۇندىن كېيىن بۇ قىز بىلەن بولغان ئالاقىمىز خېلى قويۇق بولدى. دەسلەپتە ئېنگىلىزتىلىم ياخشى بولمىغاچ كۆپ سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. مەن يۇرتتا بولسام قازاقچىنى خېلى چۈشىنەتتىم، شۇڭا قازاقچە گەپ قىلىشقا ئۈندىدىم. سۆزلىگەندە چۈشىنىشىم تەسكە توختىدى، چۈشەنمىدىم دېسەم بىز رۇسچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيمىز شۇڭا چۈشىنەلمەسسىز دەپ قويدى... ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سىنىپىمىزغا بىر قىز قوشۇلدى. ئۆزىنى رۇسسىيەلىك دەپ تونۇشتۇرغاچقا ئانچە ئېتىبار بەرمەپتىمەن. بىر كۈنى يەنە بىر دوستۇمغا رەھمەت دېگىنىمدە بۇ سىزنىڭ تىلىڭىزمۇ دەپ سورىدى، ھەئە دېسەم مېنىڭ تىلىمدىمۇ شۇ دېدى. شۇ چاغدا ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ تاتار ئىكەنلىكىنى، لېكىن كىچىكىدىن رۇسسىيەدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى بىلمەيدىغانلىقى، ۋە ئاپىسى بىلەنلا تاتارچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن 3-دەرىجىدە ۋاقتىمدا 2-سىنىپتا ئىكى ئۇيغۇر ئاچىمىز بار ئىدى. ئۇلارنىڭ سىنىپىدا يەنە بىر تۈرۈك قىزمۇ بار. ئۇ قىز ئاسانلىقچە ئېنگىلىزچە سۆزلىمەيتتى ئۇلارغا. داۋاملىق تىلىمىز بىر تۇرسا دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئامال بار ھەممىنى تۈرۈكچىدە ئىپادىلەشكە تىرىشاتتى.
بىر ئۇنىۋېرسىتىتقا ئېكىسكۇرسىيەگە باردۇق. مەكتەپنى تونۇشتۇرۇش فىلىمىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تونۇشتۇرغاندا تۈركىيە بايرىقى چىققاندا ھېلى قىز ھاياجاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تۈركىيە، ئۇ مېنىڭ يۇرتۇم، مېنىڭ دۆلىتىم، قاراڭلار ئاۋۇ مەسچىدكە دەپ سۆزلەپلا كەتتى. شۇ چاغدا دۆلەتكە بولغان سۆيگۈ ۋە ئىپتىخارلىق روھىنىڭ تۈركىيە تۈرۈكلىرىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىن ھېس قىلدىم.
خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر بىر ئىسلام بىر ئۈممەت دېگەن بىر ھەپتلىك پائالىيىتىگە بېرىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ قالدىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگە تۈركىيەنىڭ قىزىل بايرىقى، ئىچى مىللىيچە خابدۇقلىرى بىلەن چىرايلىق كىچىك ئۆي ئالدىمدا تۇراتتى. ھەربىر تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدا تۈركىيەنىڭ بايرىقى...
ئۇ كۈندىكى پائالىيەتتە تۈركىيەنىڭ نومۇر كۆرسىتىش نۆۋىتى يوقكەن. لېكىن ئەزەربەيجان تۈرۈكلىرىنىڭ بىر ئۇسۇلى ماڭا ئۇدۇل كەپتۇ. مەكتەپ بويىچە پەقەت ئىككىلا ئەزەربەيجانلىق بولسىمۇ شۇ كۆرۈك ئۈچۈن تەييارلىنىپتۇ. ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ توۋلاۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتىم. ئەتراپىمدىكى ئەرەبلەر ئەجەبلىنىپ ئۇلار سېنىڭ نېمەڭ دەپ سوراپ كەتتى، جاۋابىم: ئۇلار مېنىڭ بۇرادىرىم، قېرىندىشىم بولدى.
بىزنىڭ كۇرسىمىزنىڭ 70 پىرسەنتى ئەرەب. ئۇلار بۇ يەمەنلىك، بۇ مىسىرلىق، بۇ ئېراقلىق، بىز ئوخشىمايمىز، مەدەنىيىتىمىزدە بەك چوڭ پەرق بار دېگەندەك گەپلەرنى بەك كۆپ قىلىدۇ، لېكىن بىز نامىمىز، ئوخشىمىسىمۇ بىز بىر دەپ ئۆزىمىزدىن پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرىمىز. گەرچە قازاق، تاتار، ياكى قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز ئئۆز تارىخىدىن بەكرەك رۇس تارىخىنى بىلسىمۇ، گەرچە بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز خەنزۇۋان بولسىمۇ لېكىن بىز ئېتراپ قىلىمىز. شۇڭا ئۇيغۇر بولغانلىقىم، تۈرك ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەشتە ئۆز مىللىتىمنى شەرەپ بىلەن تىلغا ئالالايمەن ۋە تونۇشتۇرالايمەن.

كوچىدا بىرەر تۈرۈك ياكى ئۆزبەك، ياكى قازاق ۋە ياكى تاتار بولسۇن، كۆزۈمگە سىڭىش بولغان ھەربىر كۆزگە سالام بېرىش ئادىتىمدۇر...

گۈلەن ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئۆز ھېسلىرىمنى ئازاق سۆزلەپ قويدۇم...

patima_0997 2011-05-18 16:48
مەيلى ئۇيغۇر مەيلى تۈرك بولسۇن ھەممىمىز  ئادەم ئاتابىلەن ھەۋۋائانىنىڭ باللىلىرىمىز.

zilnur 2011-05-18 17:17
گۈلەن ئەپەندى ھەقىقەتەن بىر تىل ئۇستىسى.مەن ھەر قىتىم گۈلەن ئەپەندى يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، شۇنداق زوقلىنپ كىتىمەن.خۇددى ئۆزۈمنى ئامېرىكا جەمئىتىدە تۇرغاندەك ھىس قىلىمەن. گۈلەن ئەپەندى- بىزنىڭ غەرىپ دۆلەتلىرى توغرىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلاغا ئىرشىشىمىزگە كۆۋرۈك بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

lawrence 2011-05-18 18:00
  زۇۋان دىگەن رۇسچە سۆزمۇ ؟ لېكىنغۇ  رۇسچە  سۆزلۈكلەر  ئىچىدە نۇرغۇن تۈركىي  ئېلېمېنتلار مەۋجۇت . ئەمىلىيەتتە ھازىرقى رۇسلار  خۇددى مۇشۇ تۈركىيەلىكلەرگە ئوخشاش  ياۋرو-ئازىيا چېگرىسىدىكى قاتتىق  شالغۇتلاشقان  مىللەت ، ھازىرقى ئومۇمىي  رۇسلارنىڭ  ئىچىدە  30% تۈركىي  ئېلېمېنت ، موسكۋالىقلارنىڭ  ئارىسىدا 50% تاتار  ئېلېمېنتى مەۋجۇت ، بۇلار  تۈركلەرنىڭ  قول ئاستىدا  نۇرغۇن  ئەسىرلەر ياشىغاندە...
   رۇسلار  بىلەن كۆپرەك ئارىلاشسا ئۇلارنىڭمۇ  بەك  ساددا ، ئىنسانپەرۋەر  تەرەپلىرىنى  ھىس  قىلغىلى  بولىدۇ ،  خەنزۇ بىلەنمۇ  شۇ  ،  مەسىلە بىزنىڭ  قەلبىمىزدە...

jahangir786 2011-05-18 21:16
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىpatima_0997 يوللىغان 2011-05-18 16:48 غا قارتىلغان  :
مەيلى ئۇيغۇر مەيلى تۈرك بولسۇن ھەممىمىز  ئادەم ئاتابىلەن ھەۋۋائانىنىڭ باللىلىرىمىز.

لېكىن بۇ تېمىدا دائىرىنى سەل كىچىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ قېرىندىشىم

turditohti 2011-05-18 21:18
ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،ئۆز ئانا تىلنىڭ ئەۋزەللىكى،ۋەتەن سويگۈسى،تۇرۇكلەرنىڭ قېرىداشلىق،مېھرى،ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز دوستىغا بولغان مۇھابىتى قاتارلىقلار ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ،ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن قىممىتىنى نامايەندە قىلىپتۇ،گۈلەن ئەپەندىنىڭ تېخىمۇ ياخش،يېڭى مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى بىز بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ،دۇنيادىكى قېرىداشلىرىمىزنىڭ ھايات-پالىيەتلىرى ۋە مەسىنەت ئادەتلىرى بىلەن بىزنى تۇنۇشتۇرۇپ،قېرىداشلىق مىھرى-مۇھابىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ھەسسە قۇشىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.
سالامەت بۇلۇڭ قېرىدىشىم.

bawdun 2011-05-18 21:57
مەنمۇ بىر تۈرك بالا بىلەن پاراڭلىشىپ قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتسام ، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا سىلەر چوك ئەسلى تۈركلەر دىماسما ، سەپرايىم سەكسەنگە چىققانتى ،، كېيىن بىلسەم ئۇلارنىڭ ئەسكى دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى كۆنا دېگەنلىك بولىدىكەن .. شۇ چاغدىكى ھېسياتىمغا كۈلگۈم كېلىدۇ ..

sergerdan 2011-05-18 22:12
تۈركلەر بىلەن دوس بولسا دوسلۇققا يارايدۇ، مېنڭمۇ يېقىن ئۆتىدىغان تۈرك دوستلىرىم بۇرۇن بەك جىق ئىدى، ھازىر ھەممىسى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا كېتىپ قېلىشتى. ئۇيغۇرلانى بەك چوڭ بىلىدۇ. ئارىسىدا تېخى بىرى بىز ئۇيغۇرلارغا كۈيئوغۇل، لېكىن بالىلىرى تۈركىيە تۈركچىسىدە سۆزلىشىدۇ، ۋەتەنگە قايتقان چېغىدىلا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ قالىدىكەن...
گۈلەن قېرىندىشىم، مۇمكىن بولسا "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار"نىڭ باش بۆلىكىنىڭ تور ئادرېسىنى  يوللىۋەتسىڭىز، مەن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، قالغان ئۇلانما ۋەباشقا تېمىلىرىڭىزنى قويماي ئوقۇپ چىقتىم، قولىڭىز دەرت كۆرمىسىۇن، ئاللاھ خالىسا مەنمۇ پات يېقىندا يىراق قىرلاردىن ئانا ۋەتەنگە سالام يوللىماقچى.

azmat726 2011-05-18 22:37
نەقىل
بۇ 15قەۋەتتىكىsergerdan يوللىغان 2011-05-18 22:12 غا قارتىلغان :
تۈركلەر بىلەن دوس بولسا دوسلۇققا يارايدۇ، مېنڭمۇ يېقىن ئۆتىدىغان تۈرك دوستلىرىم بۇرۇن بەك جىق ئىدى، ھازىر ھەممىسى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا كېتىپ قېلىشتى. ئۇيغۇرلانى بەك چوڭ بىلىدۇ. ئارىسىدا تېخى بىرى بىز ئۇيغۇرلارغا كۈيئوغۇل، لېكىن بالىلىرى تۈركىيە تۈركچىسىدە سۆزلىشىدۇ، ۋەتەنگە قايتقان چېغىدىلا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ قالىدىكەن...
گۈلەن قېرىندىشىم، مۇمكىن بولسا "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار"نىڭ باش بۆلىكىنىڭ تور ئادرېسىنى  يوللىۋەتسىڭىز، مەن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، قالغان ئۇلانما ۋەباشقا تېمىلىرىڭىزنى قويماي ئوقۇپ چىقتىم، قولىڭىز دەرت كۆرمىسىۇن، ئاللاھ خالىسا مەنمۇ پات يېقىندا يىراق قىرلاردىن ئانا ۋەتەنگە سالام يوللىماقچى.

ماۋۇ بىلوگدا بار، كۆرۈپ باققايسىز 
http://jeckblog.com/tag/%da%af%db%87%d9%84%db%95%d9%86/

niranxa 2011-05-18 23:38
تۈركىيەلىكلەر يارايدىكەن جۇما
راۋاج تاپ تۈرۈكلىرىم ، تاتار قازاق ئۇيغۇر تۈۋرۈكلىرىم !!!

barkatjan 2011-05-19 00:55
بەك ياخشى ئەسەر بوپتۇ رەھمەت سىلەرگە....................

qimengul 2011-05-19 01:05
gulen  apandi :
    maktipimizdiki  oygur  oyuxmisiga  hat  yzsam  jawap  bolmidi , digan  kurliringiz  mini   bizdiki illatlarni  oylaxka  kistidi .  biz  hakikitan 
          bir  ixlarga  eransiz  karaydigan  hak  biz .  xu illitimiz  tupayli  ittipaklikimiznimu  taza  gawdilandurup  ketalmaymiz ...
  nimila  bolmisun  qat,alda  axu  turk  kerindaxlerimiz  sizni  geripsundurmaptu.  sizning  ozingiz  korgan  ham  his  kilganleringizni  dawamlik  yezip  turixingizga  madat  tilayman .  kalam  tutkan  kolliringiz  harmisun .  qapkur  kalimingiz  tehimu  kuwwat  tapsun  .

              

laili3 2011-05-19 01:32
ھەر قېتىم گۈلەن ئەپەندىنىڭ بىر تىمىسىنى ئوقۇسام نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايمەن، نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئەنسىرەيمەن، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن سۆيىنىمەن، بىر دوستۇم تۈركىيىگە ياتلىق بولماقچى بولۇپ، ئىككىلىنىپ مەسلىھەت سورىغاندا، چوقۇم شۇ يولنى تاللىغىن، بايلىق، دۇنيا، راھەت ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى ۋەتەندىكى شارائىتىڭ بەلكىم ئۇ يات يەرلەردىن ياخشى، كەلگۈسىدىكى بالىلىرىڭ ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق قىل دەپ مەسلىھەت بەرگەن ئىدىم، بۇ تىمىنى ئوقۇپ توغرا مەسلىھەت بىرىپتىمەن دەپ ئۆزۈمدىن خۇشھال بولدۇم.

yuluqi 2011-05-19 01:45
نادىر تېما.بىر-بىرىدىن سەرخىل ئىنكاسلار...
11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە ئۇيغۇرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم
مەنمۇ تۇرۇكلەرنى بەك ياخشى كۈرىمەن...

nurkizi 2011-05-19 10:03
[quote]بۇ 19قەۋەتتىكىqimengul يوللىغان 2011-05-19 01:05 غا قارتىلغان  :
gulen  apandi :
    maktipimizdiki  oygur  oyuxmisiga  hat  yzsam  jawap  bolmidi , digan  kurliringiz  mini   bizdiki illatlarni  oylaxka  kistidi .  biz  hakikitan 
          bir  ixlarga  eransiz  karaydigan  hak  biz .  xu illitimiz  tupayli  ittipaklikimiznimu  taza  gawdilandurup  ketalmaymiz ...
  nimila  bolmisun  qat,alda  axu  turk  kerindaxlerimiz  sizni  geripsundurmaptu.  sizning  ozingiz  korgan  ham  his  kilganleringizni  dawamlik  yezip  turixingizga  madat  tilayman .  kalam  tutkan  kolliringiz  harmisun .  qapkur  kalimingiz  tehimu  kuwwat  tapsun  .


   گۇلەن ئەپەندىم مۇسۇلمان ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى دەپتۇ،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى دىمەپتۇ بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم،ئەگەر ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلار  شۇ مەكتەپلەردە ئۇيۇشما قۇرغۇدەك كۆپ بولغان بولسا گۇلەن ئەپەندىگە جاۋاپ قايتۇرىدىغى ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولاتتى.  

wolqan321 2011-05-19 17:53
نەقىل
بۇ gulenقەۋەتتىكى 2011-05-18 02:02يوللىغاندىكىگە ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم :
ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەكتىپىمىزدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا خەت يېزىپ جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغان خەت يازدىم. بىر كۈنگە قالمايلا جاۋاپ خەت كەلدى. .......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئابدۇۋەلى ئاكا مىنى ئويغا سالغىنى مۇسۇلمان ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسى جاۋاب قايتۇرماپتۇ، تۈرۈك ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسى جاۋاب قايتۇرۇپتۇ، تۈرۈك ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى تۈرۈك ئوقوغوچىلار مۇسۇلمان ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارىدا يوقمۇ؟ ئەگەر بار بولسا مۇسۇلمان ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا خەت يىزىلغاندا نىمە ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرمىدى دىگەن مەسىلە .

gulen 2011-05-19 20:06
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم
ئىككىسى ئايرىم ئورگان. بىرى يەنە بىرسىگە تەۋە ئەمەس. ئەزالىرىمۇ ئايرىم. ئەرەب ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بار، بۇ سەئۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىن مۇستەقىل...مۇشۇنداق ئۇيۇشمىلار ئىچىدە مەن پائالىيەتلىرىنى كۆرگىنىم تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ھىندى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى. بىزنىڭ مەسجىدىمىز ئۇ ئۇيۇشمىلارغا قارىمايدۇ. ئايرىم ھەيئەت بار. مەكتەپ ئۇيۇشمىلارنىڭ پائالىيىتىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىدۇ ۋە مەدنىيەت تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىقتىساد ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

haliktash 2011-05-19 22:54
ياخشىمۇسىز گۇلەن ئەپەندى! مەن ئەزەلدىن تارتىپ تورغا چىقسام مۇنبەرلام ئارلاپ ئۆز پىكرىمنى قالدۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىدىم. ئەممە يامان خۇيۇم ئەزەلدىن تىما ئىگىسىگە دىققەت قىلمايتىم. ،مەن يىقىندا باشقىلاردىن سىزنىڭ تىمىڭىلىرىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغۇرلۇق گەپ-سۆز ئاڭلىغاندىن كىيىن، تىمىلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئوقۇدۇم. بىلسەم مەن سىزنىڭ نۇرغۇن تىمىلىرڭىزنى ئىنتايىن ياختۇرۇپ بۇرۇنلام ئوقۇغان ئىكەنمەن، لىكىن شۇ بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ، يىقىشلىق تىمىلارنىڭ سىزنىڭ ئىكەنلىكى بىلمەپتىكەن. سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنىڭ ھەر بىرى كىشىگە يېڭى چۈشەنچە بىرىدۇ، ئۈمۈدسىز قەلىبكە ئىشەنىچ بىغىشلايدۇ. ھارمىغايسىز، ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارنى يوللىشىڭىشغا تىلەكداشمەن.......

orbita 2011-05-20 12:34
ئوقۇتقۇچى بولۇش ۋە ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ھىس قىلدىمكى بالىنىڭ قايسى تىلدا مەكتەپ تەربىيىسى قۇبۇل قىلىشى بالىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئۈتەيدىكەن.ئائىلىدە پەرزەنتىمىزگە ھەر قانچە كۆپ تەربىيە قىلساقمۇ ھەر قانچە كۆپ ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ قىلىپ پەرزەنتىمىزگە تەسىرىمىزنى يۇقتۇرماقچى بولساقمۇ قىلغانلىرىمىز قۇشۇمچە بىر ئىش بولۇپ قالىدىكەن.ھەتتاكى بالىنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن،بۇ ئائىلىدە بالىغا باشقا تىلدا سۆزلىگەزمەسلىك ياكى ئۇيغۇرچە تىل يېزىق ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىمەن خەنزۇ سىنىپلىرىدا ئۇقۇۋاتقان بالىلاردا ئۇيغۇرچە ئۇقۇۋاتقان بالىلارغا ئوخشاش جۇشقۇن كەيپىيات يوق،كاللا ئىشلىتىشىمۇ بەك قاتمال.چوڭ ئىشلارنى ئويلاشماي تۇرايلى ئالدىمىزدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا قاراپ باقايلى شىمالدىكى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ھەر بىر سىنىپتا40-50 ئۇقۇغۇچى ئۇقۇيدۇ مۇئەللىم ھەممە بالىغا يىتىشىپ كېتەلەيدۇ دەپ ئويلامسىز ؟خاتالىشىپسىز مۇئەللىم پەقەت سىنىپتىكى يېرىم بالىلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ،ئەگەر بالىڭىزنىڭ ئۇقۇش نەتىجىسى ئوتتۇرا ھالدىن تۆۋەن بولسا بالىڭىزنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.ئۇ چاغدا بالىڭىزنىڭ ئورنى سىنىپنىڭ كەينى تەرىپىگە ئالماشتۇرلۇپ ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.بۇ راس گەپ.ئۆ كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئىشلار. ئۇ چاغدا بالىڭىز يا كى ئۈگۈنۈشتە يوق ياكى ياكى باشقا جەھەتتە يوق بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.دىمەكچىمەن پەرزەنت تەربىيىسىدە نۇرغۇن ئىشلار ئائىلىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.مۇھىت ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

hebibulla912 2011-05-21 12:25
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن بىراق تۇركلەرگە زىيادە ئۇمىدۋار بوپ كەتتۇقمۇ قانداق؟

ezizan 2011-05-22 20:39
تۈركلەرگە زىيادە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكەن ئىش يوق،بەلكى ئۇلار بىلەن ئەمەلى  بولۇۋاتقان دوسلۇق،قېرىنداشلىق ۋە بىر قىسىم ئورتاق ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر سۆزلىنىپتۇ دەپ قارىدىم.

gulen 2011-05-24 01:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار
مەن يازمىلىرىمنى تولۇقلاپ بىر ئۇكىمىزغا ئەۋەتىپ بەردىم.  ئەسلى يازما ئېلان قىلىنغان مۇنبەرگە يوللاي دېسەم يازمىغا جاۋابەن يوللۇنۇپ كەتكەن ئىنكاسلارغا ماس كەلمەي قالىدىكەن. شۇڭا يازمىلىرىمنىڭ تولۇقلانغان قىسمىنى ئوقۇماقچى بولغانلار مۇشۇ يەرگە مەرھەمەت. ئەگەر باشقۇرغۇچىلار "يېڭىسىنى ئىنكاسلارنىڭ ئەينى چاغدا قانداق يېزىلغان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئالماشتۇرىمىز" دەپ ئويلىسا مەن ئەۋەتىپ بەرسەم ياكى مۇشۇ يەردىن كۆچۈرۈپ قويسىمۇ بولىدۇ. http://www.halastan.com/category/gulan

aqhun 2011-05-24 11:07
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى :
يەنە بىر ئېسىل يازمىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم، ئاللا رەھمەت قىلسۇن .

fayiza 2011-05-25 11:40
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى ! ئىسىل تىمىڭىزغا رەھمەت . بالىلار تەربىيىسى توغرىلىق قىزىڭىزنىڭ يەسلىدىكى ئىشلىرىنى يېزىپتىكەنسىز . بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم . تىمىلىرىڭىز بىر بىرسىدىن نادىر بولدى . يەنە مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرارسىز !سىزگە ۋە بارلىق تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھنىڭ سالىمىنى يوللايمەن . شۇ تاپتا تۈركىيەدىكى نەۋرە سىڭلىم يادىمغا كىلىپ قالدى . ئۇنىڭ يېنىدىمۇ سىلەردەك ساپ نىيەتلىك تۈرك قېرىنداشلىرى ھەمدەمدە بۇلۇۋاتقاندىمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .

axih~dilim 2011-05-25 17:46
مەيلى ئۇيغۇر مەيلى تۈرك بولسۇن ھەممىمىز  ئادەم ئاتابىلەن ھەۋۋائانىنىڭ باللىلىرىمىز

almas523 2011-05-26 14:30
  بۇئەسەرنى ۋە تورداشلار نىڭ پىكىر بايانلىرنى ئوقۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى بىلۋالدىم رەخمەت سىلەرگە!~!~!~!~!~!~!

maxuh 2011-05-26 17:21
ئەسسالام گۈلەن ئەپەندىم،يازغان ئەسىرىڭىز چاڭقىغان دىللارغا ئابىھايات ،ئۈمىدسىز قەلىبلەرگە مەدەت بولغۇدەك...قوليازمىلىڭىزدىن "تۈرك"توغرۇلۇق نۇرغۇن ساۋاتلارغا ئىگە بولدۇم،ئاشۇ ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،قەلىمىڭىز ھارمىسۇن!

holababy520 2011-05-28 00:53
مۇسۇلمانلىق پىداكارلىقتۇر. تۈركلۈك مۇسۇلمانلىقتۇر. تۈركلۈك پىداكارلىقتۇر. خىزمەت پىداكارلىقتۇر ....بۇ يولدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.دائىما ئۇلار بىلەن بىرگە   بولۇشقا نەسىپ ئەيلىسۇن.......

gulen 2011-05-28 02:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قوللىغىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر. ئاللاھ خالىسا داۋاملىق يېزىشقا تىرىشىمەن. يازىدىغان تېمىلار بەك جىق لېكىن مەن قايسىنى ئاۋۋال قايسىنى كېيىن يېزىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ جىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىدىكەنمەن. مەن دائىم نېمىنى يېزىش كېرەك، ئەھمىيىتى نېمە، مەن يازالامدىمەن، دېگەنلەرنى كۆپ ئويلاپ ئىككىلىنىپ قالىدىكەنمەن. سالامىڭلارغا جاۋاپ بېرىپ بولالمىدىم، ئەپۇ قىلارسىلەر.

zilnur 2011-05-28 17:53
ئىشقىلىپ سىز نىمە يازسىڭىز ،بىز ئۈچۈن شۇنداق يېڭىلىق تۇيۇلىدۇ. شۇنداق ياختۇرۇپ ئوقۇيمىز.مەن بولسام ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنىدا ئىشلەيدىغان، ئۇيغۇر خەنسۇ ئارلاش باشلانغۇچ  مەكتەپنىڭ، ماتىماتېكا ئوقۇتقۇچىسى.مەن دەرس بەرگەن 6-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىمزىدىكى 11-ئىيۇل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بېرىدۇ. شۇڭا بىز يېنىقدا23-24-ماي  ئوقۇغۇچىلاردىن   تىل-ئەدەبىيات ،خەنسۇچە ماتىماتېكا(  ساپ خەنسۇچە) ئۈچ ئاساسلىق پەندىن مانۋېر ئىمتىھان ئالغان، سىنىپمدا بىرمۇ ئۇقۇغۇچى دەرسىمدىن 60 نومۇر ئالالماپتۇ.باشقا ئىككى پەن نەتىجىسىمۇ  ئانچەياخشى ئەمەسكەن. مەن رايۇنىمىزدىكى باشقا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىسەم ئۇلارنىڭمۇ ئەھۋالى بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن ئوخشاشكەن.30-ماي رايۇنىمىزدا سۈپەت تەھلىلى ئىلىپ بېرىلىدۇ. بىز ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن كەلگەنلەرگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ۋە ئىمتىھان قەغىزىدىكى مەسىللەرنى دۇكىلات قىلىمىز.ئوقۇغۇچىلانىڭ نەتىجىسى تۆۋەن ئىشنى رايۇندىن بىلىدۇ.رايۇندىن مەكتەپلەرنى دەرىجىگە تىزغاچقا نەتىجىنى خاتا مەلۇم قىلىپ ئوقۇغۇچلارنىڭ مۇستەققىل ئىمتىھان بېرىشىگە ئىمكان يارتىلمىدى.ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق ئىزدىنىدۇ.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى نىمە ئۈچۈن ئارقىدا ؟

matu 2011-05-29 23:19
خەقكە بەك ئىشىنىپ كەتمەيلى.

uygar 2011-05-30 03:54
   تۈركلەرنىڭ مىھماندوست مەرتلىكى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ .تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەر بىلەن خۇددى ئۆزىنىڭ يۇرتىدا تۇرۋاتقاندەك بىمالال باردى كەلدى قىلىپ ياشايدۇ .مەن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەندە بەزى سىتۇدىت تۈرك بالىلار نەدىن كەلدىڭ دەپ سورايتتى .مەن ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمنى جوڭگۇنىڭ شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن كەلگەنلىكىمنى ئېيتقىنىمدا ئۇلار :خۇش كەپسەن ،بېشىمىزنىڭ ئۈستىدە يېرىڭلار بار.ئاتا تۇپراقلىرىمىزدىن كەپسەن بۇ يەرمۇ سېنىڭ ۋەتىنىڭ ھېساپلىنىدۇ چۈنكى بىزنىڭ ئاتا بوۋىرىلمىزمۇ شۇ يەرلەردىن مىڭ يىل بۇرۇن كەلگەن دەيتتى .

wapadarim912 2011-05-30 23:56
تۈرك  تۈرك تۈرك دەپ مىڭ دېسەممۇ قانمايمەن ...تۈركلەرگە بەخىت يار بولغاي .

yabera 2011-05-31 01:12
تېمىلىرىڭىزنى  مەنمۇ  بەك   ياخشى  كۇرىمەن .  تېمىڭىز   سەۋەپ  بولغان  مۇلاھىزىلەرنىمۇ  ھەم  شۇنداق .  ئۈزەمدە  ئۇنىڭغا  پىكىر  قاتناشتۇرغىدەك  سەۋىيەنىڭ  يوقلىقىدىن تۇلىمۇ   خىجىلمەن .    تىرىشىۋاتىمەن ، بىراق  بەش  قولنى  بىراقلا  ئېغىزغا  تىققىلى   نۇرغۇن  بىلىملەرنى بىر كۇندە ئۇگۈنۈپ بولغىلى  بولمايدىكەن ....
  ھەر  قېتىم  ئەسەرلىررىڭىزنى  ، ئۇنىڭغا  چۈشكەن  ئىنكاسلارنى  كۆرسەم ، ئۈزەمنىڭ  بىلىدىغانلىرىنىڭ  تۇلىمۇ  تۇلىمۇ ئازلىقىنى  ، ھەتتا  ھىچنىمە  بىلمەيدىغانلىقىمنى ، كاللامنىڭ  كۆپ ئاددىلىقىنى   ھىس قىپ  قالىمەن .
  رەھمەت  سىزگە ! ئاللاھ  ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇقلارنى يار  قىلسۇن !

tarimi 2011-05-31 09:01
ياخشىمۇسىز گۈلەن ئەپەندىم
ئۈزلۈكسىز دائىملىق ھالدا ئەلكۈيىگە ياكى باشقا تور دۇنياسىغا يېزىپ قالدۇرغان يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىغان بولساممۇ  ، ئەمما  بىر ئىككى  ھەپتىدە بىر قېتىم ۋاقىت چىقىرىپ تېمىلىرىڭىزنى  ۋە تېمىلىرىڭىزغا چۈشكەن  ئىنكاسلارنى  ئوقۇپ بېقىۋاتىمەن .
ئەسلى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ نېمىنى چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش  ۋە  قېنىمىزدىكى ئوخشاش  بولغان بوزقۇرت روھى  ئۈچۈن بولسىمۇ ،  ھەرگىز  قارشى تۇردىغان ھالدىكى ئىنكاسنى  يازمىسام  مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن  ئىدى .
ئەمما  يازمىلىرىڭىزنىڭ  تەسىرىدىن  20-30 يىللاردا  تۈركىيەگە  چىقىپ كەتكەن  ۋە  ئوتتۇرا  ئاسىيا  دۆلەتلىرىدىن كىيىن  تۈركىيەگە  كۆچۈپ بارغان  بىرىنجى  ئەۋلاد  كۆچمەنلەر  ۋە  كىيىنكى ئۇلارنىڭ  ئەۋلادلىرىنىڭ  قىرىم  تاتارلىرى ئارقىلىق بارلىققا  كەلگەن  نىھال  ئاتىسىز  ئارقىلىق  تۈركىيەدە راۋاجلانغان ، تۈركلۈك  ئىدىئولوگىيەلىرىگە ئاشىق بولۇپ ئۇلۇغ  تۈرك  روھىغا  قاتتىق  چوقۇنۇپ ،  60- 70  يىللاردا  تۈركىيە ياردەم  قىلىدۇ  رىۋايەتلىرىنى  ياراتقاندىن  كىيىنكى  سەلبىي تەسىرلىك بولغان  مىللەتچىلىكلىرىگە  ئوخشاش  ،  ياتسا قوپسا  ئاھ تۈرك  ، ئاھ  تۈركىيەم  دەيدىغان  سەلبىي  ئىدىئولوگىيەنىڭمۇ  بارلىققا  كېلىشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىساق دىمەكچىمەن .
ئاددى مىسال قىلسام ، مۇستافا كامالنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ  ئىپادىلىرى  ئارىسىدىكى بىرى  بولغان  جورجىي  چېرچىۋادنىڭ  ' يوقالغان  قۇرۇقلۇق  مۇ  '  ھەققىدىكى  كىتابىنى  ئۇلۇغ  تۈرك  روھى  بىلەن  بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى  بۇنىڭ  ئىسپاتى  بولالايدۇ .
بۇمۇ  ئۇيغۇرلار  ئارىسىدا  خېلى  غۇلغۇلا  قوزغىدى ، ئادەم ئەلەيھىسالامدىن  تارتىپ  داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان  پەيغمبەرلەرنى  ياشاش  دەۋرىنى قوشۇپ ھېسابلاپ ماڭغان  تارىخنى بىر ياققا  قايرىپ قويۇپ  ، ئەكىسچە  ئۇلۇغ مىللەتچىلىك  روھى كۈچلۈك ئەكىس ئەتتى .
پەيغەمبەرلەرنىڭ ياشىغان  يىل سانلىرى  بىر  يەرلەردە  قېلىپ ، ئۇيغۇرلار  ، تۈركلەر  تۈمەن  مىڭ يىللىق  تارىخلارنىڭ  شاھىدى  بولغان  بولدى . بۇنى  قىل  سىغقۇسىز  رىۋايەتلەر دەپ كىشلەرنى ئىشەندۈرىۋەتتى . باشق شەكىلدىكى  تۈركلەرگە ئىشىنىشتىن كىلىپ چىققان   سىياسى ۋە ياكى باشقا  شەكىلدىكى  قۇربانلىقلارنى  مۇنبەر  تىنىچلقى  ئۈچۈن  مىسال قىلماي  
شۇڭا  بۇ خىل  ئۇلۇغ  تۈرك  روھىنىڭ  سەلبىي تەسىر بېرىشىىنمۇ  سەل ئويلىشىپ  قويساق .
ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى  تەرىپى  بولىدۇ  ئەمەسمۇ .
دوستانە تۈركمۇ بولىدۇ  .  نەجدات ئەرباقاندەك  ھىلىگەر تۈركمۇ بولىدۇ .
دوستقا بەك يقىنلىشىپ كەتمە ، ئۇ سېنى سېتىۋېتىشى مۇمكىن ، دوستتىن بەك يىراقلىشىپمۇ كەتمە ،
ياتسىراپ ، يىتىم قېلىشىڭ مۇمكىن .

tarimi 2011-05-31 09:41
ئۈستىدىكى ئادەم ئىسمىنى  خاتا  يېزىپ  سالدىم  .  نەجدات ئەرباقان ئەمەس .
تەھرىرلىيەلمىدىم  .
ئەسلى  ئەھمەت نەجداد  سەزەر  ۋە  نەجمەتتىن  ئەرباقاننى  دىمەكچىتىم .

gulen 2011-06-02 04:56
نەقىل
بۇ 42قەۋەتتىكىtarimi يوللىغان 2011-05-31 09:01 غا قارتىلغان  :
ياخشىمۇسىز گۈلەن ئەپەندىم
ئۈزلۈكسىز دائىملىق ھالدا ئەلكۈيىگە ياكى باشقا تور دۇنياسىغا يېزىپ قالدۇرغان يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىغان بولساممۇ  ، ئەمما  بىر ئىككى  ھەپتىدە بىر قېتىم ۋاقىت چىقىرىپ تېمىلىرىڭىزنى  ۋە تېمىلىرىڭىزغا چۈشكەن  ئىنكاسلارنى  ئوقۇپ بېقىۋاتىمەن .
ئەسلى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ نېمىنى چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش  ۋە  قېنىمىزدىكى ئوخشاش  بولغان بوزقۇرت روھى  ئۈچۈن بولسىمۇ ،  ھەرگىز  قارشى تۇردىغان ھالدىكى ئىنكاسنى  يازمىسام  مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن  ئىدى .
ئەمما  يازمىلىرىڭىزنىڭ  تەسىرىدىن  20-30 يىللاردا  تۈركىيەگە  چىقىپ كەتكەن  ۋە  ئوتتۇرا  ئاسىيا  دۆلەتلىرىدىن كىيىن  تۈركىيەگە  كۆچۈپ بارغان  بىرىنجى  ئەۋلاد  كۆچمەنلەر  ۋە  كىيىنكى ئۇلارنىڭ  ئەۋلادلىرىنىڭ  قىرىم  تاتارلىرى ئارقىلىق بارلىققا  كەلگەن  نىھال  ئاتىسىز  ئارقىلىق  تۈركىيەدە راۋاجلانغان ، تۈركلۈك  ئىدىئولوگىيەلىرىگە ئاشىق بولۇپ ئۇلۇغ  تۈرك  روھىغا  قاتتىق  چوقۇنۇپ ،  60- 70  يىللاردا  تۈركىيە ياردەم  قىلىدۇ  رىۋايەتلىرىنى  ياراتقاندىن  كىيىنكى  سەلبىي تەسىرلىك بولغان  مىللەتچىلىكلىرىگە  ئوخشاش  ،  ياتسا قوپسا  ئاھ تۈرك  ، ئاھ  تۈركىيەم  دەيدىغان  سەلبىي  ئىدىئولوگىيەنىڭمۇ  بارلىققا  كېلىشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىساق دىمەكچىمەن .
ئاددى مىسال قىلسام ، مۇستافا كامالنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ  ئىپادىلىرى  ئارىسىدىكى بىرى  بولغان  جورجىي  چېرچىۋادنىڭ  ' يوقالغان  قۇرۇقلۇق  مۇ  '  ھەققىدىكى  كىتابىنى  ئۇلۇغ  تۈرك  روھى  بىلەن  بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى  بۇنىڭ  ئىسپاتى  بولالايدۇ .
.......

مەن بۇلارنى يازغاندا سىز دېگەن ئىدولوگىيەلەرنى پەقەت ئويلاشمىدىم. قېرىنداشنىڭ قېرىندىشىغا يەتكۈزگەن مېھرىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ۋاتىمنىڭ يا بېرىشىچە يازدىم. سىز دېگەن سىياسىيۇنلارغا قىزىقمايمەن. مەن پەقەت تۈركچە پىلىمنى ھىچ بىر ئىدولوگىيەنىڭ تەشۋىقاتىسىز سېتىۋېلىپ كۆرۈۋاتقان دېھقاننىڭ تۇغقىنىغا بولغان سېغىنچىنى يېزىۋاتىمەن. تۈركىزىم ئىدولوگىيىسى ماڭا مىڭ گەز يىراقتا. مەم مىللەتچىلىك ئىدولوگىيەسىگە قىزىقمايمەن، پەقەت ئىنسانى قېرىنداشلىققا مەدىھيە ئوقۇيمەن.

تۈرك دوستلۇرۇمغا ئىنكاسىڭلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەردىم، سالامىڭلاردىن مەمنۇن بولدى. سىلەرگىمۇ سۇئايى سالام ئېيتتى.

dengiz 2011-06-02 11:52
گۈلەن قېرىندىشىم ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى ھېچبىر يازمىڭىزدىن تاپالمىدۇق...ئۇچۇرغا دىققەت قىلىپ قويغان بولسىڭىزكەن.........

osman-eli 2011-06-04 06:26
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم    !     گۇلەن  ياخشىمۇ  سىز    ؟؟؟
يازمىڭىزنى  ئۇقۇپ  ئارىمىزدىكى  ئوخشاشلىقلارنى  ۋە  پەرىقلەرنى ئويلاپ  كوردۇم  ، ئارىمىزدىكى  ئوخشاشلىقلار    :    مۇسۇلمان  ،  ئۇيغۇر   ، ئەر   ،   توي قىلغان  بالىلىق  ،  گىپىڭىزگە  قارىغاندا  ياشمۇ  باراۋەردەك   ،   چەتئەلدە ئوقۇغۇچى  ،   يەنە  تېخى  ئىشلارنى   سەۋەب -  نەتىنجە  مۇناسىۋىتى  بىلەن  تەھلىل  قىلىش    .......    
پەرىقلەر   :   سىز  غەرىبدە  ئۇقۇۋېتىپسىز   ،   مەن  شەرىقتە   ، بەلكىم  ئوقۇۋاتقان  كەسىپمۇ  ئوخشىماسلىق  مۇمكىن    .....
<  مۇھىتنىڭ  تەسىرى  كۇچلۇك  >  دىگەندەك   سىز   تىنىچ  ،  مۇھاببەتلىك  مۇھىت   ئىچىدە  ياشىۋاتقان  بولغاچقا   يازمىڭىز   ئىناقلىق  ،  مېھرى - مۇھاببەت  پۇرىغى  بىلەن  قاپلانغان  ،   سىزنىڭ بۇ  مېھرى  مۇھاببەتكە  يولىقىشىڭىزنى  قان  -  قېرىداشلىقنىڭ  كۇچى  دىگەندىمۇ   ، لىكىن  يازمىدا  تىلغا ئېلىنغان  قازاق قىزى  ۋە   خەنزۇۋان  ئۇيغۇر قىزى  بىلەن   بولغان مۇناسىۋەتتىن  ئەقىدىنىڭ   تولىمۇ   مۇھىم  رولى  بارلىغىنى  كورېۋېلىش  مۇمكىن   .
ئەمدى ماڭا كەلسەك  مەن  سىز  يولۇققاننىڭ    دەل ئەكسىچە  ئوچمەنلىك  ،   ئىتىپاقسىزلىك ،   يەكلەش  ،  پەس  كورۇش  ،  يالغانچىلىق  ،  ئالداش  ......     قاتارلىقلارغا  يولۇققاچقا   بىر نەچچە  تىمىدىكى  يازمامدا   (   ئەپسۇس  بەزى سەۋەبلەردىن  مۇنبەرلەرگە  يوللىيالمىدىم  )  يولۇققان  ھەسەت .......   قاتارلىق   ناچار  ئىللەتلەرنى  ئىبرەت  ئۇچۇن  تىلغا  ئېلىپ  ئوتكەنلىكىمنى  كورېۋېلىش مۇمكىن    .
ئاخىردا  تىلغا  ئېلىش   لازىم   بولغان  بىر  ئىش  ،  يازمىدىن  سىزنىڭ  كەلگۇسىگە  بولغان  ئۇمۇدىڭىزنى  روشەن  كورىۋالغىلى  بولمىسىمۇ   لىكىن  ھاياتقا  بولغان  رازىمەنلىك  ۋە   كەيپىياتىڭىز نىڭ  يۇقىرلىغى ۋە  جۇشقۇنلىغى  ئېنىق  بىلىنىپ  تۇرۇپتۇ   .  
ئەمما  مىنىڭ  يازمامدا  بولسا   كەلگۇسىگە  بولغان  بۇيۇك   ئىشىەنچىم   ئېنىق  نامايەن  بولۇپ تۇرسىمۇ   لىكىن  ئەتراپىمدىكىلەردىن    ئاغرىنىش  ،   كەيپىياتىمنىڭ  ناھايتىمىۇ  توۋەنلىكى   ئۇچۇق  كورلۇپ  تۇرىدۇ     .  
بۇلار   مىنىڭ  مۇساپىرچىلىقتىكى  چولتا  خىياللىمدىن  پارچە   .
   يېزىڭ  !!!    گۇلەم   كوپلەپ  يېزىڭ  !!!  ئىنسانىيەت  خوشاللىغى ئۇچۇن  ھارماي  يېزىشىڭىزنى  ئۇمۇد  قىلىمەن  .    ئىشلىرىڭىز   ئۇتۇقلۇق   بولغاي  !!!

zilnur 2011-06-04 15:52
كۆپچىلىك ،گۈلەن ئەپەندى ئىسمىنى توغرا ئاتاڭلار .

tograk789 2011-06-04 23:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى . يازغان تېمىلىرىڭىزنى قىزىقىپ ۋە سۈيۈنۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمىنىڭىزنىڭ بىرسى مەن بولىمەن ، يازغان تېمىلىرىڭىز مىنى باشقا تورداشلارغا ئوخشاشلا ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ ، سىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ئىنكاسلىرى مىنىڭ كاللامنىڭ نەقەدەر ئاددىيلىقىنى ئسپاتلاپ تەپەككۈر قابىليىتىمنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى سەۋىيەمنىڭ ئىنتايىن چەكلىكلىكىنى ھىس قىلىپ يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يانىدۇ ۋە داۋاملىق ماتىريال كۈرۈشكە ئۈندەيدۇ ، تېمىلىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز !!!
گۈلەن دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بىرەلەسىزمۇ ؟گۈللەن دەپمۇ ئويلاپ باقتىم ، لىكىن بىر ل ھەرىپى كام ...كۆرمەمسىز كاللامنىڭ ئاددىيلىقىنى ...       

biqarabiz 2011-06-05 01:32
نەقىل
بۇ 48قەۋەتتىكىtograk789 يوللىغان 2011-06-04 23:29 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى . يازغان تېمىلىرىڭىزنى قىزىقىپ ۋە سۈيۈنۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمىنىڭىزنىڭ بىرسى مەن بولىمەن ، يازغان تېمىلىرىڭىز مىنى باشقا تورداشلارغا ئوخشاشلا ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ ، سىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ئىنكاسلىرى مىنىڭ كاللامنىڭ نەقەدەر ئاددىيلىقىنى ئسپاتلاپ تەپەككۈر قابىليىتىمنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى سەۋىيەمنىڭ ئىنتايىن چەكلىكلىكىنى ھىس قىلىپ يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يانىدۇ ۋە داۋاملىق ماتىريال كۈرۈشكە ئۈندەيدۇ ، تېمىلىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز !!!
گۈلەن دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بىرەلەسىزمۇ ؟گۈللەن دەپمۇ ئويلاپ باقتىم ، لىكىن بىر ل ھەرىپى كام ...كۆرمەمسىز كاللامنىڭ ئاددىيلىقىنى ...       

فەتھوللا گۇلەن ئەپەندىم تۇركىيەدىكى  ئاتاغلىق دىننى پەيلاسوپ بولوپ،رىم پاپاسى جون پائۇل بىلەن 1998 يىل دىنلار ئارا دىئالوگدا بولغان،بۇ ئادەم بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامنى كۇچەيتىشكە ئالاھىدە كۇچ چىقارغان ئايلىق ژورنال چىقىرىدۇ ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىدىغان،نوپۇزلۇق دىننى ژورنال ھىساپلىنىدۇ،بىلىشىمچە يىزىپ قويدۇمغۇ كوپچىلىك تورداشلار سوراپ كەتتى


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.060095 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us