رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «چۈش تەبىرى»گە ئوقۇلما --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ نەسىر-ئوبزورلار ] -> «چۈش تەبىرى»گە ئوقۇلما [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

taldi 2011-05-17 17:39


چۈش ئانالىزىغا ئوقۇلما

بار ئېكەنۇ يوق ئېكەن ،ئاچ ئېكەنۇ توق ئېكەن ،يېتىم بۇلۇڭدا ،مۈشۈك كاڭدا ئېكەن .شۇ مۈشۈك كەچىلىرى سىرتقا چىقىپ بالىلارغا ھېكايە سۆزلەپ بېرىدىكەن .مەنمۇ بۇ ئوقۇلمنى باشلاشتىن بۇرۇن ،ئاشۇ مۈشۈكنىڭ ھېكايسىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي .
شۇ ۋاقىتلاردا بىر يازغۇچى بىر رومان ۋە پوۋسىتلار توپلىمى چىقىرىپتۇ .ئۇ ئېنسان يوشۇرۇن ئېڭىغا يوشۇرۇن ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى يېزىپتۇ .كىشلەر ئۇنى ئەيبلەپتۇ .بىراق شۇ چاغلاردا ئۇنى ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىق ئېقىمى بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۇنى ئاقلايدىغان ئوبزورچى چىقماپتىكەن .
ئەينى چاغدا پىسخك ئانالىزى ۋە ئۇنى پەيدا قىلغۇچى بولمىش فرىئۇدنىڭ كىتابى تەكلىماكان بويىدىكى كىشلەرنىڭ تىلغا تەرجىمە قىلنماپتىكەن .پەقەت بىر قانچە ئاقكۆڭۈل كىشى  بۇ جەھەتتىن بولسىمۇ خەۋەردار بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ماقالە سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىپ چىقپتىكەن .لېكىن ھازىرغىچە سېگمۇند.فرىئۇدىنىڭ بىرەر پارچە كىتابى مۇپەسسەل تەرجىمە قىلىنىپ تەكلىماكان بويىدىكى كىشلەرگە سۇنۇلماپتۇ .ئەشۇ ماقالىلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپتۇ ،بولۇپمۇ كۆپ قىسملار ئۇنىڭدىكى «جىنسىيەت»دىگەن سۆزنى كۆرۈپ قېلىپ فرىئۇدىمۇ چاغلىق بىر ئادەم ئېكەن دەپ تاس قاپتۇ ئۇ ھايات بولسا ئۇنىڭغا مۇشت ئېتىپ خامىرىنى ئېزىۋەتكىلى .ئۇلارنىڭ دېيشچە ئۇ بولمايدىغان «نېمە»ئىمىش .
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ ،بىراق فرىئۇدىنىڭ بىر پارچە كىتابىمۇ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلنماپتۇ .ئۇنىڭلا ئەمەس ،باشقا نۇرغۇن بىلملەرگە چېتىلىدىغان ئىلملەرمۇ مۇپەسسەل تەرجىمە قىلىنىپ سۇنۇلماپتۇ .ئۇلار بىرسىنى «پەيلاسۇپ»ئەمەس دەيدىكەن ،بىراق ئۇلار ئۇنىڭدەك پەلسەپەگە ئائىت كىتابلارنى تەرجىمە قىلماپتۇ .ئۇلار بودلىر(شاغلى بودلەيغ -فرانسۇزچە ئوقۇلىشى) دەپ بىر فرانسۇز شائىرنىڭ «رەزىل گۈللەر»دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمايلا ،تاھىر ھامۇتنىڭ «غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى»دىگەن كىتابىدىن ئازغىنە پارچىلارنى كۆرۈپ بودلىر ھەققىدە ئاغزدىن كۆپۈك چىققۇچە قايناپ مۇنازىرلىشىپ يېقىلىپ قالىدىكەن ،ئاقىۋەت ئۇلارنى خوتۇنلىرى سۆرەپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كېتدىكەن .ئۇلار كۈندە ئاشۇنداق مۇنازىرىلەرنى قىلىپ ئۆتىدىكەن ،بەزىدە سوقۇشۇپ كېيملىرىنى يىرتىشىپ كېتىدىكەن .ئۇنى يەنە خوتۇنلىرى ياماپ قويىدىكەن .ئۇلار مۇنازىرە قىلىدىكەن ،لېكىن ھېچكممۇ بودلىرنىڭ شېئىرنى تەرجىمە قىلىپ چىقماپتۇ ،ھېچكىممۇ ئۇنىڭ فرانسۇزچە ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقماپتۇ .ھازىرغىچە ئۇلار بۇ توغىرسىدا مۇنازىرە قىلىدىكەن .ئۇلار ھازىر  خوتۇنلىرى ئەتكەن تاماقنى كومپيۇتىر ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ كۇنۇپكا تاختىسى ئۇپراپ كەتكۈچە مۇنازىرە قىلغۇدەك ۋاقتى بولسمۇ ،ھېچكمنىڭ ئۇنى تەرجىمە قىلدىغانغا ۋاقتى يوق ئېكەن .ئۇلارنىڭ ھېس قىلىشچە بىرەر نەرسىنى بىلىپ تىللاشقاننىڭ ۋە ئۇرۇشقاننىڭ ھوزۇرى بىلىپ تىللاشقان ۋە ئۇرۇشقاننىڭ ھۇزۇرىغا يەتمەيدىكەن .ئۇلار  شۇنداق نۇرغۇن نەرسلەرنى بىلمەي چۈشەنمەي تۇرۇپ جاھاندىكى ھەممە ئىشلارنى مۇنازىرە قىلىپ چىقىدىكەن ،لېكىن ئۇلار مۇنازىرە قىلغان نەرسلەر پەرەڭلەر دۇنياسىدا ئاللىقاچان بۇرۇننىڭ بۇرنسىدىكى ئىشلار بولۇپ كېتدىكەن .پەرەڭلەر ناھايىتى تېزلا يېڭى ئېقىملارنى قوبۇل قىلىپ ،كونلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىكەن .
  پەرەڭلەر ھەققىدە سۆزلىمەي ،تەكلىماكاندىكى قەۋىمگە كەلسەك ،ئۇلاردا ھازىرغىچە پەرەڭلەر دۇنياسىدا ئېتراپ قىلنىشقا ئېرىشكەن كىتابلارنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇنى تەرجىمە قىلنماپتۇ .ئۇلار ھازىرغىچە ئاشۇ پەرەڭلەرنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ باقماي قەيەرلەردە چۈشۈپ قالغان ماقالىلەردىكى مەزمۇنلار بويىچە  چۈشەنمەي تۇرۇپ مۇنازىرە قىلدىكەن .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قىيامەت قايىم بولغۇچە ئاشۇنداق بولار ئېمىش .
(سىزنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلماي بەلكى تۆۋەندىكى مەزمۇندا مۇلاھىز قىلىشڭىزنى چىن دىلمىدىن سەمىميلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن .ئەگەر بۇنداق ئېزىپ قالغان ئېنكاسلار بولسا ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆچۈرۈشنى ئۈمىد قىلمەن .چۈنكى مېنىڭ ھەقىقى توختالماقچى بولغىنىم سېگموند.فرىئۇدنىڭ  «چۈش تەبىرى»)

چۈش تەبىرىگە ئوقۇلما


  بىر چاغدا بىر دوستۇم مەندىن  نېمە ئارزۇيۇڭ بار دەپ سورىغان ئېدى .مەن بىر قېتىم ئۆلۈپ تىرىلگەن بولسام ناھايىتى ياخشى بولاتتى دېدىم .
ئۇ يەنە :ئەگەر ساڭا ئىككى تاللاش بولسا ،بىرى پۈتۈن شىياڭگاڭنى بەرسە ،ئىككىنچىسى بايىقى ئارزۇيۇڭنى تاللا دېسە .سەن قايسىنى تاللايتىڭ .
مەن يەنىلا ئۆز قارشىمدا چىڭ تۇردۇم .
ئۇ مېنى ساراڭغا چىقاردى .ئەگەر پۈتۈن شىياڭگاڭ سېنىڭ بولسا ،سەن جاھاندىكى ئەڭ باي ئادەم بولسەن ،سەن ئۆلۈپ تىرىلسەڭ يەنە شۇ سەن بولسىەن .دەپ كۈلدى .
ئۇ كۈلۈپ بولغاندا مەن ئۇنىڭغا بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردىم .
  بىر ئۈچ ياشلىق بالا بولغان ئېكەن .كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەم دوختۇرنىڭ تاپلىشىدىن ئۇ سۈت ئىچىپ ، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېيەلمەيدىكەن .بىر كۈنى بالا بىر چۈش كۆرۈپتۇ ،ئۇ چۈشىدە شۇنداق ھەشەمەتلىك بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ ،جوزىدا مېننەتدارلىق بايرىمىدەك مول غىزالار بار ئېكەن .شۇنداق يوغان بىر تەخسىدە شۇنداق يوغان بىر گۆش بار ئېكەن .پىشقان گۆشنىڭ سۈيى ئېقىپ ،مەززىلىك پۇرىقى ئەتراپقا تاراپتۇ .بىراق تۇيۇقسىزلا ئۇ گۆش غايىب بوپتۇ .
دوستۇم مەندىن سورىدى ؛ئۇنى كىم يەپتۇ ؟
بىر ئادەم بۇ چۈشنى چۈشەندۈرۈپتۇ .ئۇ مۇنداق دەپتۇ ،«چۈشتىكى ئاشۇ يوغان پارچە گۆش كىچىك بالا تەرىپىدىن يېيۋىتىلدى ،چۈنكى ئائىلسىدىكلەر ئۇنىڭ يېمەكلىك يېيشىنى توسىغان بولغاچقا .چۈش بولسمۇ ،ئۇ گۆشنى يېگەن ئادەم ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ،بۇنداق بولغاندا ھېچكىم ئەيبكە ئۇچىرىمايدۇ .
  بۇ چۈشنى ئانالىز قىلغان ئادەم يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلىگەن :«بالىلارنىڭ چۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ،ئۇلار دائىم يوغان ،غايەت زور ،ناھايىتى جىق نەرسىلەرنى چۈشەيدۇ .
-نېمىشقا ؟
چۈنكى بالىلار «يېتەرلىك»ئۇقۇمنى بىلمەيدۇ .ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىلەرگە نىسبەتەن قانمايدۇ .بارا-بارا چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ ئۆلچەمنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ .
دوستۇم گەپ قىلمدى .
مەن ئۇنىڭغا ؛بايىقى ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاش سوئالىڭ ئېسىڭىدىمۇ ؟مەن يەنىلا بىر قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىشنى تاللايمەن،چۈنكى پۈتۈن شىياڭگاڭنى ئىگلەش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئەمەس .ئۇ ئارزۇ ئەمەس ،نەپسانىيەتچىلىك .
دوستۇم بىر ئاز تۇرۇپ مەندىن ؛بالىنىڭ چۈشىنى يەشكەن ئادەم كىم ؟دەپ سورىدى .
-سېگمۇند فرىئۇد .

سىز بىلەمسىز ؟


بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى فرىئۇد ئاۋسىترىيە مولاۋىيە ئۆلكسىدە يەھۇدى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇ «چۈش ئانالىزى»(چۈش تەبىرى)دىگەن بىر كىتابنى يازغان .كىتاب ئىسمدىن نېمە توغۇرلۇق يازغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ .بۇ كىتاب ئەينى چاغدا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ،يېڭى بىر چۈش تەبىرى ئېكەن .
دەسلەپتە ھېچكىم بۇنى مۇلاھىزە قىلمىغان .(چۈنكى ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار يوق ئېكەن ئېدۇق .چاقچاق..... )نېمشقا ،چۈنكى ئەينى چاغدا ئۇنى چۈشەنگۈدەك ئادەم يوق ئېكەن .كېيىن بىرەيلەن ئۇنى ماختاپتۇ ،يەنە باشقىلار ئۇنى ئەيبلەپتۇ .پۈتۈن ياۋروپا ھەتتا شىمالىي ئامىرىكىدىمۇ بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار ھازىرغىچە ئۈزۈلمىدى .
  مەنمۇ بىر قانچە ئادەمدىن «چۈش تەبىرى» كۆرۈپ باققانمۇ دەپ سوراپ باقتىم .
ئا:بىلمەيمەن ،كۆرۈپ باقمىغان
ب:بىلمەيمەن،كۆرۈپ باقمىغان.
س:ئاڭلىغان كۆرۈپ باقمىغان.
-كۆرۈپ بېقىڭ ،بولىدىغان كىتاب .
-مەن كىتاب كۆرەي ،سەن يېرىمنى ئاغدۇرۇپ بەر .
- :ماقۇل
-:ۋاي ،ئۇكام مۇنداق دەپ قويدۇم،چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،مەندە نەدە ئۇنداق ساۋات بولسۇن.
د:چۈشكە ئائىتمۇ ؟كۆرگەندەك قىلمەن .
-ئاساسىي مەزمۇنى نېمە ئېكەن ؟
تىلىنى چايناپ..ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
ې:بىلمەن،كۆردۈم ،بىراق ئانچە ئەمەس .
ئوقۇغانتىم ،ساپ «جىنسيەت »ھەققىدە ئېكەن ،تاشلاپ قويدۇم.
ف:ھە ؟نېمە ؟
مەنمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم .
گ:داگوفەندە تاماق قالمايدۇ ،چاپسان بول.
مەن ساۋاقدىشم بىلەن تاماققا چىقمىدىم .
ج:ئوقۇغان ،چۈشىنمەن .
ئۇ بىر دوكتۇر ئېدى .
مەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ،ئەستايدىل پوزىتسىيدە مۇۋاپىق جاي ۋە مۇۋاپىق ۋاقتىنى تاللاپ يەنە سورىدىم
-ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟
ئا:چۈشەنمەيمەنغۇ...........دەيمەن .
ب:چۈشەنمەيمەن.
س:مەن ئۇيغۇر .
د:مەن مۇسۇلمان .
ف:سەن نېمە قىلماقچى ؟
ج:نېمە ؟
مەن ك دىن سورىمىدىم ،چۈنكى ئۇ مەن ئېدىم .
پىسخك ئۇرۇش فېلمى
بىر چاغلاردا مەن تەنھالىق ئىچىگە چۆمگەن ئېدىم .مەن سۆزلىگەننى باشقىلار چۈشەنمەيدۇ ،باشقىلار سۆزلىگەننى ئاڭلىغۇم كەلمەيدۇ .چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ دۇنياسى ئېدى .ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا مەن تەنھا يۈردۈم .دۇنيانىڭ مەنىسىزلىكىنى بايقىدىم .ئۇنىڭغا مەنە ئاتا قىلىشىم كېرەك ئېدى .ئۆز چۈشكۈنلىكمگە تەسەللىي بېرىشىم كېرەك ئېدى.
شۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ كىتابنى كۈتۈپخانىدا ئۇچىرتىپ قالدىم .
  كىتابنى ئوقۇپ ئوتتۇرىغا كەلگەندە مەن ئىچىگە كىرىپ كەتتىم .چۈنكى بۇ بىر پىسخىك ئۇرۇش فېلمى ئېدى .ھەربىر پىرسوناژ ئۆزۈم ئېدىم .
بىر يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ھەممە كىتابلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ ،ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا ئۆتۈپ كەتتىم .كارل.گۇستاف.جۇڭ دىگەن كىمۇ ئۇ دەپ ئۆزۈمگە ئانچە-مۇنچە ئىشنىپ قوياتتىم .
شۇ چاغلاردا مەن باشقىلارنى كۆزىتىشكە باشلىدىم .ھەم باشقىلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش تەنھالىقىنى بايقىدىم .چۈنكى ھەربىر ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن چۈشنىشكە ئېرىشەلمەيدىكەن .ئېرىشكىنمۇ ھېسداشلىق قىلىش ،ھېچكممۇ ئۆزىدەك ھېسياتتا بولالمايدىكەن .يەنە شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى ھەربىر ئادەم ئۇخلىماي،دەم ئالماي ئۆزى بىلەن چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىدىكەن .نەچچە مىڭلىغان ئۆزى بىلەن نەچچە مىڭلىغان ئۆزى ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشىپ ،بىر-بىرسى بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلدىكەن .
دوستۇم «ئۇرۇش»سۆزىنى ئاڭلاپ كىم غەلبە قىلىدى دەپ سورىدى .
مەن چۈشەندىم .
  بىز قايمۇقماپتۇق.بىز تېخمۇ ياخشى نەرسىنى ئىزلەپ كېلۋىتىپتۇق .
بىز ئسىكەنجىگە چۈشمەپتۇق ،بىز توختىماي تاللاۋىتىپتۇق.
ھەر بىر سېكۇنت ئاشۇنداق ،چۈشتىمۇ ئوخشاش ،توغرا-خاتاسى يوق ،يېڭىش ۋە يېڭىلىش يوق .
بۇ چاغدا مەن كۆپچىلىكتىن ئەستايدىللىق بىلەن :نېمىشقا ؟دەپ سوراپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلمەن .
بۇ دەل ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ باقىدىغان ۋاقىت .
.......................
......................
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنشقا باشلىدىم .شۇنىڭ بىلەن «چۈش تەبىرى»نى قايتا قولۇمغا ئالدىم .باشقا قوشۇمچە ئۇنىڭ پىسخىك ئانالىزى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى كۆردۈم .بۇ جەرياندا فرىئۇدىنىڭ كىتابىدا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم .بىراق بۇ ھەرگىز فرىئۇدىنىڭ شان-شۆھرىتىگە قىلچە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ ،چۈنكى ئۇ مەڭگۈ بۇ جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ سېستىملىق ئانالىز ئېلىپ بارغۇچى .

  تېخى كىرىش قىسمنى يېزىپ بولماپتىمەن ...داۋاملىشۋاتىدۇ
  


taldi 2011-05-17 22:34
  ئەسلىدە فرىئۇد تۆرەمنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋىردىكى پىسخىك ئانالىزنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەپ قوياي دېسەم بۇنىڭغا بەك ۋاقىت كەتكۈدەك ،ئەسلىدە بۇمۇ بىر قىزىقارلىق جەريان ئېدى .شۇنى ئېيتىپ قويۇش كېرەككى ،ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىنغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان "سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ھېچىكىم چۈشەنمىسمۇ بىراق سىزنى ئېتراپ قىلدى .بىراق مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ھېچكىم چۈشەنمىسمۇ ،بىراق مەن ئاغزىغا كەلگۈنىچە تىللاش ۋە ئەيبىلەشلەرگە ئېرىشتىم "
  فرىئۇد ئەينى چاغدا يەھۇدى بولغاچقا ئىرقىي كەمسىتكۈچىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشقا ئۇچىرىغان .ئۇ شۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇغۇللانغان .ئۇ ئۆمىرىدە ئېغىز بوشلۇقى ئوپىراتسىيدىن چوڭ-كىچىك بولۇپ 60 قېتمدىن ئارتۇق قىلغۇزغان .بۇ بىر ياشانغان كىشگە نسىبەتەن قانچىلىك ئازاپلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس .ئۇ شۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ ئۆزنىڭ تەتقىقاتىنى تاشلىمىغان .
  تەقدىر ئاخىرى ئۇنىڭغا كۈلۈپ باققان .ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كىشلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشغا ئېرىشىدۇ .1936-يىلى5-ئاينىڭ 6-كۈنى 80 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇ ئۆزى تۇغۇلغان كۈنىنى باشقىلارنىڭ بەك داغدۇغا قىلۋەتمەسىلىكىنى ئېيتقان بولسمۇ .شۇ كۈنى نۇرغۇنلىغان خەت ،تەبرىك ئاتكىرتكىلىرى تېلگىرامما ،گۈل ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۈزۈلدۈرمەي كەلگەن .بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچە خەت كىشنىڭ دىققىتنى ئالاھىدە تارتىدۇ .
بىرى ئېينىشتىننىڭ خېتى ئېدى .ئۇ خېتنىڭ ئاخىرىدا «.....بىر گۈزەل ھەم ئۇلۇغ چۈش ئىسپاتلانغان چاغدا ،كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ .»
يەنە بىرى بولسا خەتنىڭ ئاخىرىدا 200دىن ئارتۇق ئۇنىڭ بىلەن دەۋىرداش بولغان داڭلىق نام چىقارغان  ئالىم ،سەنئەتكار،يازغۇچى،پىسخولوگنىڭ ئېمزاسى بار خەت .گەرچە كىملەرنىڭ ئېمزاسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ ،پەرەز قىلىش ئارقىلىق پىكاسسۇ،رومىن روللان.دالى .....قاتارلىقلارنىڭ ئېمزاسى باردۇر دەپ قارايمەن .
ۋاھ ،بۇ يەردە ئۆز ھاياجنىمنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم 200دىن ئارتۇق داڭلىق كىشلەرنىڭ ئېمزاسى بار خەت .ئەگەر ماڭا ئۇ پەرەڭ ئالىملاردىن ئاشۇنداق خەت كەلگەن بولسا ئۆلۈپ بەرمىگەن بولساممۇ ،كېسەل بولۇپ قالاتتىم .ئۇنى سېتىپ ئاتا-ئانامنى ھەرەمگە ۋە باشقا جايلارغا ساياھەتكە چىقىرۋەتكەن بولاتتىم .مەن يەنە قېلىپ ئەلكۈيىدە بۇ تېمنى داۋاملاشتۇراتتىم .
  ئىككى ئايدىن كېين نۇرغۇن كىشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن فرىئۇد ۋېنادىن ئايرىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشدۇ (چۈنكى ئەينى چاغدا ناتسىت گىرمانيىسى ئاۋستىرىينى بېسۋلغان ئېدى )فرانسيە ئارقىلىق ئەنگلىيىگە چىقىپ كېتىدۇ .ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاۋستىرىيدىن چىقىپ كېتىشگە ياردەم قىلغانلاردىن ئامىرىكا ئەلباشى ،گىرىتسىيە خانىشى،گىرمانىيە خان جەمەتى ئەزالىرى،ئامىرىكىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئەلچىلىرى ھەم ياۋروپادىكى ھەرقايسى داڭدار شەخسلەر ،ھەتتا ھېتلىرنىڭ يېقىن چوماقچىسى بولغان موسۇلىنىمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە بار ئېدى .ئۇنىڭ ئەنگىلىيگە كېلىشنى ھەممە ئادەم (كۆپ قىسىم كىشلەر)قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى .ئون مىڭ خەتنى چىقىرۋەتسەك .قالغىنىنى ئۆزۈڭلار تەسەۋۋۇر قىلساڭلار بولدى .ۋاھ ،قوي-كالىلار سويۇلۇپ ،داشقازانلار قايناپ ،ھەممە يېڭى كېيمنى كېيىپ شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى قارشى ئالىدۇ .
1939-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇ ئۇلۇغ شەخس ئۆزنىڭ ۋەسىيتى بويىچە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىندۇ .

داۋاملىشۋاتىدۇ .

taldi 2011-05-18 00:31
ئۆتمۈشكە قانداق قاراش كېرەك ؟
بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەر ئويلىشى مۇمكىن ،«ئوخخو ،سەن ئۆتمۈشتىن باشلاپ ئېغىز ئاچماقچىمۇ ؟»بۇ خىل ئويلاۋاتقان تورداشلار سەل ئۆزۈڭلارنى بېسىۋىلىڭلار .ھازىر توردا بىرنەرسە يېزىش بەك تەس بولۇپ كەتتى .ئويلىشىپ يازمىساڭ تېخى بولمايدۇ .مېنىڭ شۇنداق ھېچقانداق تورداشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي بىرنەرسە يېزىش ئويۇم بار ئېدى .ئەپسۇس ،مېنىڭ ساقىلىغا يامىشىۋاتقانلىقمنى بىلىدىغان پېشقەدەملەردىن بەكرەك ،ئۆپكىسى يوق ماڭا ئوخشاش ياشلاردىن قورقىمەن .شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى ،ھەربىر سۆزنى قىلىشتىن بۇرۇن ئامال بار ھەرقايسى ئىلىم ساھىبلىرى ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىرى بويىچە ماڭمىسام بەلكىم «بىر نەرسە »بولۇپ كېتىشىم مۇمكىن ،بولدىلا ،باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن .بولدى ئۆتمۈشتىن ئېغىز ئاچماي .لېكىن چۈش نېمە دىگەنگە ئۆتمۈشتىكلەر قانداق تەبىر بەرگەن بۇنى سۆزلىمىسەم بولمايدۇ .
  چۈش دىگەن نېمە دىگەن سوئالغا ئۆتمۈشتىكى غەربتە ئاساسىي ئېقىم بولسا ،:چۈش مەلۇم بىر بېشارەت .ئەلۋەتتە بۇنى پۈتۈنلەي ئېنكار قىلماقچى ئەمەسمەن .چۈنكى جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىرنېمە دېمەك تەس .ئەينى چاغدا يۈسۈپ پەيغەمبەر مىسىر پىرئەۋىننىڭ چۈشىگە تەبىر بەرگەندە .(مىسر پىرئەۋنىنىڭ چۈشىدە ئالدىدا يەتتە سېمىز كالا ،ئارقىدىن يەتتە ئورۇق كالا كېلىدۇ ،ئاندىن ئورۇق كالىلار سېمىز كالىلارنى يەۋىتىدۇ .بۇنى يۈسۈپ پەيغەمبەر يەتتە يىل توقچىلىق ئاندىن يەتتە يىل مول ھوسۇل بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ ).ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشاش ،چۈش بىر بىشارەت دەپ قارىلىدۇ .شەرقىتمۇ ئوخشاش كۇڭزىچىلارمۇ چۈشنى بىشارەت دەپ قاراپ كەلگەن .
  قەدىمدىكى چۈشكە بېشارەت بېرىشتە غەرب ۋە شەرقتە ئوخشاشلا بېشارەت دەپ قارالغان ،بۇ ھەقتە ئانچە چوڭ پەرق يوق دەپ قارايمەن .ئاساسلىقى ئىككى قاراش بويىچە شەرھىلەنگەن ،بىرىنچىسى بولسا ،« چۈشكە تولۇق تەبىر بېرىش »بۇ ئۇسۇلدا ،چۈشكە نىسبەتەن تولۇق تەبىر بېرىلىدۇ ،يەنى چۈشتىكى بىر قانچە تەپسىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىدىغان مەلۇم بىر ئىشلارغا باغلايدۇ .بۇ ھەقتە يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ مىسر پىرئەۋىنگە يېشىپ بەرگەن چۈشىنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ .(چۈش ئانالىزى دىگەن كىتابنىڭ 1-بابىدا بۇ ھەقتە توختالغان ).
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بولسا «چۈش ئېلمىنتلىرى ئارقىلىق تەبىر بېرىش »بۇ ئۇسۇلدا ھەرقايسى تەپسىلاتلارنى بىر-بىرلەپ يېشىش ئارقىلىق تەبىر بېرىشنى كۆرسىتدۇ .بۇ ھەقتە بىر شەرقچە چۈشنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ .مەسلەن ،مەلۇم بىرەيلەن ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا بىر تاۋۇتنى كۆرىدۇ ،بىراق بىر كىچىك بالا ئۇنى كىرگۈزمەيدۇ . «چۈش ئېلمىنتلىرى ئارقىلىق تەبىر بېرىش »ئۇسۇلىدا ئاۋۋال چۈشنڭ ھەرقايسى دېتاللىرىنى چۇۋۇپ ،ئاندىن بىرلەشتۈرۈپ تەبىر بېرىدۇ .يەنى«سىز ئەمەلدار بولۇپ ئۆسمەكچى ئېكەنسىز .بىراق بىر پېقىر سىزنىڭ بۇ يولىڭىزنى توسۇپ قويىدىكەن »دىگەندەك تەبىر بېرىدۇ .
  يۇقىرىدىكى چۈشكە نىسبەتەن ئىلمى ئۇسۇل بىلەن باھا بەرگەندە ئانچە ئىشەنچىلىك بولمايدۇ ،بىراق فرىئۇدقا نىسبەتەن بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ .ئۇ ئۆزنىڭ كىتابىدا مۇنداق شەرھىلىگەن .
«يۇقىرىدا تونۇشتۇرىلغان ئىككى دائىم قوللىنىدىغان چۈشكە تەبىر بېرىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئېنقكى ئىشەنچىلىك ئەمەس ،ئىلمى نۇقتدىن قارىغاندا « چۈشكە تولۇق تەبىر بېرىش » چەكلىك بولىدۇ ،ھەرگىز كەڭ كۆلەمدە ھەممە چۈشكە نىسبەتەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . «چۈش ئېلمىنتلىرى ئارقىلىق تەبىر بېرىش »ئۇسۇلىدا بولسا «چۈش ئېلمىنتلىرى لۇغىتى» ئىشەنچىلىكمۇ ئەمەس بۇنىڭغا قاراش كېرەك .ئەگەر كىشلەر پەيلاسوپ ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى تەرەپتە تۇرسا بۇنى خام خىيال دەپ قارايدۇ .

xahri~zat 2011-05-18 11:37
داۋامىنى ساقلايمەن، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ھەم كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى ئىچىشقا چوڭ ياردىمى تىگىدىغان، كىشىنى مەنىۋىي ھەم روھىي جەھەتتىن مەلۇم بوشلۇقىنى تۇلدۇرىدىغان تىما ئىكەن.
داۋامىنى يىزىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

matu 2011-05-18 13:50
بۇ ئاغىنىمىزنى تونۇيدىغاندەك قىلىمەن

oguz315 2011-05-18 15:01
چۇش ئالدىن بىشارەت   ئەمما پۇتۇنلەي ئۇنداق ئەمەس    ئادەم چارچىغاندىمۇ  كۆپ چۇش كۆردۇ.

taldi 2011-05-18 15:32
ئەمدى رەسىمى تېمىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن مەن بىرقانچە ئىشقا چۈشەنچە بېرىپ قويماقچىمەن .
1.مەن ھەممىڭلارنىڭ بۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتشىڭلار ئۈچۈن ئەمەس .ئاشۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن .ئەگەر سىز كارل.گۇستاف.جۇڭنىڭ چۈشكە بەرگەن تەبىرىنى ياخشى كۆرسىڭىز ،ئۇنداقتا داۋاملىق ئۆز پوزىتسىيىڭىزدە تۇرۇڭ ھەم بۇ ئوقۇلمغا تەنقىدى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ .ئاندىن ئۆز كۆز قارشىڭىزنى ۋاقتىڭىز بولسا بۇ يەردە ئىزاھلاپ بەرسىڭىز تامامەن قارشى ئالىمەن .
2.بۇ بىر ئوقۇلما يەنى ئاممىبابلاشتۇرۇلغان ئوقۇلما ،ھەرگىز ئىلمى ماقالە ياكى پىسخولوگىيە ماتىرىيالى ئەمەس .شۇڭا مېنىڭ ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەش ھوقۇقۇم بار .خۇددى ھەممە تورداشنىڭ قارشى پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولغاندەك .مېنىڭ قارىشىم بولسا ،مەن كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلمىساممۇ ،لېكىن قەتئىي تۈردە سىزنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقىڭىزنى ياقىلايمەن .

ئەمدى رەسىمى تېمىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن ماۋۇ مەزمۇنلار بىلەن بەدەن قىزىتۋىلىڭ .
يوشۇرۇن ئاڭ دىگەن زادى نېمە ؟
فرىئۇد ئاڭ بىر غايەت زور مۇز تاغقا ئوخشىسا سۇ يۈزىگە چىققان ئاز بىر قسىم بولسا ئاڭلىق ھېسى بىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرغان غايەت زور بىر قىسىم بولسا يوشۇرۇن ئاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئۇ كىشنىڭ ھەربىر ھەركىتىنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىمى ئاڭلىق بىلىشنىڭ ئىچىدە بولسا يەنە قالغان كۆپ قىسمى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ ھەم ئاكتىپ ھالدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ،بىراق بۇنى كىشلەر ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
  ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئادەم يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەرىكىتىنى بىلەلمەيدۇ،بۇ ۋاقىتتا چۈش بولسا يوشۇرۇن ئاڭنى مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى.
  پىسخولوگىيىلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىر بېمارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولى تېخمۇ ئۆتكۈر بولغان بولىدۇ.يوشۇرۇن ئاڭ ئۇنىڭدا ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەش ،قورقۇنچ،مىجەزنىڭ زىيادە ئىتتىك بولۇشىنى كونتىرول قىلالماسلىق ۋەياكى ئۇنىڭدىن ئېغىر بولغان سەۋەبلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ چاغدا ئاڭلىق ھېسى بىلىشنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ۋە ئامالسىزلىقىنى بىلىسز ، يوشۇرۇن ئاڭ بولسا خۇددى غايەت زور بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش ھەممىنى سۈپۈرۈپ يوق قىلالايدۇ.
  يوشۇرۇن ئاڭ ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتمىزنى تەڭشىشىمىزگە غايەت زور پايدىسى بولىدۇ.بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ كۆپتۈرۈپ ئېيتقىنى ئەمەس .ناھايىتى نۇرغۇن ئىلمى تەجىرىبلەر ئاساسىدا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولنىڭ ھەقىقەتەن چوڭلۇقى ئىسپاتلانغان.
  بىر ئادەمنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن ئاساجېئولى (Roberto Assagioli)  نىڭ تۇخۇم شەكىللىك رەسمىلىك چۈشەندۈرىشىدىن پايدىلىنىىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولىنى چۈشەندۈرىمەن.
  ئاساجېئولى(1888-1974)،مول كېلىنكىلىق ئەمەلىيىتى ۋە شەرقنىڭ تەپەككۇرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ غەرب ۋە شەرق بىرلەشكەن پىسخولوگىيە سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .

1.تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
2.ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
3.يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
4.ئاڭ چېگراسى
5.ئاڭ مەركىزى،ئۆزلۈك
6.يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزلۈك،ھەقىقى ئۆزلۈك
7.كوللېكتىپ ئاڭ
(ئەسكەرتىش:ئۈزۈك سىزىق ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان رايونلار كېسىشىدۇ ،مەسلەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىش  تۆۋەن قاتلامدىكى قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىشنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.تەسىرى ئۆز ئارا بولىدۇ.ھەربىر رايون يوغىناش ھەم كىچىكلەش مۇمكىنچىلىكى بار)
1)    تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ (The Lower Unconscious)
تۆۋەن قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىش ماھىيەت،ئۆزىنى ئۇرۇش(بېرىلىش)،قوزغىتىش كۈچى،فىزىئولوگىيىلىك مېخانىكىلىق تەسىر قاتارلىقلانىڭ دۇنياسى .
ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تاشقى ئاڭنىڭ باشقۇرىشىدا بولمايدۇ،بەدەن ئۆزى نەپەسلىنىدۇ،ئاشقازان-ئۈچەي ئۆزى ھەزىم قىلدۇ.يۈرەك ئۆزى سوقىدۇ.ئېممونت  سېستىمىسى سىرتقى باكتىرىيە ۋىروسلارنىڭ بەدەنگە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...بۇ فۇنكىسيىلەرنى تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
گەرچە تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ گەرچە «تۆۋەن»دە بولىسمۇ ئۇ نۇرغۇن ئالىي ھەم مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.
تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بەدەن خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى  ياخشى قىلسا بەدەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان بولىدۇ.بەدەننىڭ كېسەل بولۇشى ئاڭنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلى بولىدۇ.
  تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ يەنە پۈتمەس-تۈگمەس ئەستە ساقلاش ئامبىرى.كىشلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلار ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلىنىدۇ.
ئۇ يەنە شۇنداقلا كىشلەرنىڭ ماھىيەت ۋە رەزىللىكىنىڭ دۇنياسى ،ئېنسانلارنىڭ ئەڭ ئېپتىدائىي ۋە مەدەنىيەتسىز قىسمى،جىنايى ھەرىكەت ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى.
  يوشۇرۇن ئاڭ ئاڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلنمايدىغان ھەم باشقۇرۇلمايدىغان نۇرغۇن تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاسانلا كىشىدە قورقۇنچ،مەجبۇرلاش خارەكتىرىدىكى پىكىر قىلىش،قالايمىقان خىيال قىلىش،خىيالى سېزىم ھەتتا قارابېسىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
  بۇ قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا لوگىكا ۋە ئېدىيە بولمايدۇ،ئەكسىچە كۈچلۈك،ھەركەتچان ھالدا يەرشارىنىڭ مەركىزىدىكى لاۋاغا ئوخشاش توختىماي ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ ھەم كېچە-كۈندۈز دەم ئالمايدۇ.
  فرىئۇدنىڭ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بەزى چاغلاردا «چوڭقۇر قاتلاملىق پىسخولوگىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.فرىئۇد دوستىغا يازغان خېتىدە:«مەن كىشلەرنىڭ يەرئاستى ئۆيىگە قىزىقىمەن»دىگەن.ئەگەر نوقۇل ھالدا تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىقلا ھەممە پىسخىك مەسىلىگە جاۋاب تېپىش يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ.بۇ كېيىنكى روھىي ئانالىز تەرەپدارلىرىنىڭ نېمىشقا فرىئۇدىنىڭ نەزەرىيسىنى توختىماي تولۇقلاپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى،ئېلىمىزدىكى داڭلىق فاڭ دوڭ مى ئەپەندى بۇ جەھەتتە؛«پىسخولوگىيەدە چوڭقۇر قاتلام بولۇشى كېرەك ،ھەم يۇقىرى قاتلام بولۇشى كېرەك»دىگەن.
2) ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ(The Middle Unconscious)
روھىي ئانالىز تەرەپدارلىرى ئالدىنقى ئاڭ (pre-conscious)دەپ ئاتايدۇ.ئادەتتە ئاڭدا ساقلانمايدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتدۇ ،بىز پەقەت ئەسلەش،پىكىر قىلىش،ئېپادىلەش قاتارلىق ھېسى پائالىيەتلەرنى قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.بۇ ماتىرىياللار ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان بولىدۇ.مەسلەن،«سىزنىڭ قول تېلىفون نومۇرىڭىز قانچە؟»،«سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى مۇئەللىمىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟».«سىزنىڭ تۇنجى ئوغۇل دوستڭىز كىم؟»دىگەندەك سوئاللار سورىلىشتىن بۇرۇن ماتىرىيال-ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا بولمايدۇ،ئەكسچە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان بولىدۇ.ئاڭ ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرىسىدا بەك چوڭ ئارلىق بولمايدۇ،تېزلا بىر-بىرىگە ئۆتۈشەلەيدۇ،بەزىدە ھەتتا بىر قايتۇرۇپ سوراش كۇپايە.چوڭقۇر قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا بولسا بۇ ئۇچۇرلارنى قېزىپ چىقماق تەس ،بۇ پىسخولوگىيىلىك داۋالاشتىكى بىر چوڭ جەڭ ئېلان قىلىش.
3)يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ(The Higher Unconscious or Superconscious)
يازغۇچىلار ئۆيگە بېكىنىۋىلىپ يازغۇچىلىق قىلغان ۋاقتىدا ،بەزى چاغلاردا ئېلھامى كېلىپ توختىماي يازىدۇ.يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ ھەيران قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى  يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن تۇتىشىپ ،ئادەتتىكى چاغلاردا كەلمەيدىغان ئېلھام كېلىدۇ.بەزى نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى يوشۇرۇن ئاڭ كۈچىدىن كەلگەن ئېلھامنىڭ كۈچى بىلەن بەزى يېڭى بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1845-يىلى گىرمانىيە خېمىيە ئالىمى خوفمان بېنزولنى بايقىغاندىن كېيىن ،نۇرغۇن خېميە ئالىملىرى كاللا قاتۇرۇپ بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكلىنى تەتقىق قىلىپ بىلەلمىگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسنى بىلىشتىن ۋاز كەچكەن.
ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1865-يىلى قىشتا نەچچە يىل بوشاشماي بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان روسيە خېميە ئالىمى كېكىلى بىر كۈن قېتىرقىنىپ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ تام مەشنىڭ قېشىدا ئۇخلاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بىرىدۇ .چۈشىدە بىر توپ ئاتوملار ھالقىسمان بولۇپ تولغىشىپ ئايلىندۇ ،يەنە بىر قارىسا بىر يىلان ئۆزنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ چۆگىلەيدۇ .
  كېكىلى چاقماق سوققاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ بېنزول قۇرۇلمىسىنىڭ يېپىق شەكىلدىكى ھالقىسمان تۈزلۈشكە نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىنى بايقايدۇ.قىسقىغىنە بىر ئۇخلاشتىن كەلگەن چۈشنىڭ ئېلھامى بىلەن كېكىكلى نۇرغۇن خېميە ئالىملىرى نەچچە يىل كېچە-كۈندۈز تەجىرىبخاندا ئېرىشەلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.بۇنىڭ بىلەن خېمىيە تەتقىقاتىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئېگە بىر ئابىدە بارلىققا كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كېكىلى نوبىل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ.
ئوخشاشلا ئېينىشينىمۇ «نىسبىيلىك نەزەرىيسى» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۇمۇ بىر قېتىملىق ئۇخلاش ئارقىلىق ،چۈشىدە قولىدا بىر دەستە نۇرنى تۇتۇپ نۇر تېزلىكىدە ھەركەت قىلىپ چۈش كۆرىدۇ .ئۇ ئويغىنىپ نەچچە كۈن ئىچىدە «تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسى »نى يېزىپ فىزىكا دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغايدۇ .ئارقىدىن «كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيسى»نى يېزىپ بۇ نەزەرىينى تېخمۇ تولۇقلاپ بېيىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ قالىدۇ.
  يۇقىرىدىكى بىرنەچچە مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋىلشقا بولىدۇكى ،يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئېلھام،ئەقىل،سەزگۈ قاتارلىقلارنىڭ دۇنياسى .
ئەگەر گېپنوز قىلىش جەريانىدا ئەگەر يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن تۇتىشىش ۋە باغلىنىش ھاسىل بولسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مۆجىزىلەر يۈز بىرىپ تېخمۇ ياخشى بولغان پىسخىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. گېپنوز ئارقىلىق يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى ئىجاد قىلىش ،ئىلغار تېخنىكىدىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ،خارەكتىرنىڭ ئۆزگىرىشى،ئۆزىنى ئۇنتىش ئارقىلىق كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاش ،قىممەت قارىشنىڭ ئۆزگىرىشى ،ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش .ئالىيجاناب خارەكتىر ،مۇۋاپپىقيتەتكە يېتىشنىڭ بۇلىقى .
4)ئاڭ چېگىرىسى
  بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق .بىزنىڭ ھەرۋاقىت بىۋاستە ھېس قىلغان نەرسمىز .بىزنىڭ ھېس قىلىش نۇقتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئاڭ چېگىرىسى بەزىدە چوڭىيىپ ،بەزىدە كىچىكلەپ تۇرىدۇ.شۇڭا تۇخۇم شەكىللىك رەسمىدە ئۈزۈك سىزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
5)ئاڭنىڭ مەركىزى –ئۆزلۈك
  ئۆزلۈك ئېڭىمىزنىڭ غولى.ئۆزىمىزنى تونۇشمىزنىڭ مەركىزى.ئاددى قىلىپ ئېيتقان چاغدا «مەن» يەنى «مەن»ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئۆزلۈك.
6) يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزلۈك(ئۆزىدىن ھالقىغان ئۆزلۈك )
ئاڭنىڭ مەركىزى بولغان «مەن»گە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى قاتلامدىكى «مەن» بولسا ھەقىقى «مەن»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.خۇددى نۇرغۇن ئادەملەر بىراۋنىڭ پۇلىنى تېپىۋالغان چاغدا ئۇنىڭ ئېڭىدا ئىككى «مەن»پەيدا بولىدۇ ،بىر «مەن» پۇلنى ئېلىۋىلىپ خەجلەشنى ،يەنە بىر «مەن» پۇلنى ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىدۇ.
  ئادەتتىكى «مەن»بولسا ئاڭ دائىرىسنىڭ مەركىزى ،رېئاللىقتكى خارەكتىرنىڭ مەركىزى.ھەقىقى «مەن» بولسا يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەركىزى.بۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتلام ۋە مەزمۇنى تېخمۇ كەڭ دائىرىدە بولىدۇ.تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى نۇرغۇن كىشلەر رېئاللىقتىكى كىچىك «مەن»ئىچىدە ياشايدۇ.يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھەقىقى«مەن»نى تونۇپ يەتمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كاللىمىزدا يۈز بېرىدىغان پىسخىك ئۆزگىرىش ۋە ياكى باشقا خارەكتىر ئۆزگىرىشى ھەتتا بىزنى مۇۋاپپىقىيەت يولىغا يېتەكلەيدىغنى بىز ئىزچىل تونۇپ يېتەلمەي كېلۋاتقان يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھەققىقى ئۆزلۈك .ئۇ خۇددى كۆرۈنمەس مەشئەلگە ئوخشاش بىزنىڭ ئېدىيە يولىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.بىراق بىز كۆپ ھاللاردا بۇ مەشئەلنى قولىمىزغا ئالالمايمىز.
  گېپنوز قىلىشنىڭ مەقسىتى بولسا يوقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى «مەن»نى قوزغىتىش ئارقىلىق سىزنى تۈرلۈك پىسخىك بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سىزنىڭ كىشلىك قىممەت قارىشى ئۆزگەرتىشىڭىزگە ياردەم بېرىش .
7)كوللېكتىپ ئاڭ
  كوللېكتىپ ئاڭ بولسا شەخستىن ھالقىغان مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى بىلىش .ئەگەر خۇدا،جىن-ئالۋاستى،روھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققدىكى ئاڭ ۋە بۇ ھەقتىكى ھېسى بىلىش.

تاپشۇرۇق :ئودىپۇس كومپىلېكىسى ،فرىئۇدىنىڭ ئۈچ قاتلاملىق ئادىميەت قۇرۇلمىسى .گېپنوز (ئەگەر ئەلكۈيى باشقۇرغۇچىلىرى خالىسا بىر مەيدان گېپنوز قىلىپ ھەم ئۇنىڭ ئاساسىي مېخانىزىمنى چۈشەندۈرۈپ بەرگۈم بار ،مەن دىسەم سەت تۇرىدۇ ،سىلەر دەڭلار ....ھا..ھا..) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوقۇپ كېلىڭلار  .ئاندىن چۈشكە ۋەھشىيلەرچە تەبىر بېرىمىز .يۇقىرىدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ھەققىدە يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ سۆزلەيمەن .ھازىرچە مۇنداق پايدىلىنىپ ھە دەپ قويسڭىز بولدى .ئەگەر بۇ مەزمۇنلاردا سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز بولسا بىرلكىتە ئېلىپ سىزمۇ ئېنكاس سۈپىتدە يۇقىرىدىكى تاپشۇرۇق بويىچە يېزىپ قويسڭىز بولىدۇ .

goodboy 2011-05-18 15:40
ياخشى، بۇ ئوبدان تېما بوپتۇ. فرۇئېد ھەقىەتەنمۇ 20-ئەسىر بلىش تارىخىدا ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگرىش پەيدا قىلغان ئادەم.
تەكلىپىم، ئەمدى سىز فرۇئېدنى تەنقىدلىگەنلەرنىڭمۇ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ. شۇنىڭدا ئوقۇغان نەرسىڭىزنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلشتىن ساقلىنالايسىز.
       بۇنداق دېيشىمدە سەۋەب بار،  ئۇ ھازىرقى زامان جەميىتىدىكى نۇرغۇن سىرلارنى يشىپ بېرگەن مۇھىم مۇتەپپەككۇر. ئەمما، ئۇ بەكمۇ جىق مۇھىم مۇتەپپەككۇرلار ئچىدىكى پەقەت بىرسى، خالاس. ئادەمنىڭ بىر مۇتەپپكۇرگە بولغان قايىللىقى يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەندە، ئۇ ئىديەنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قۇتۇپچى، بىر تەرەپلىمىچى ئادەمگە ئايلىنىدۇ. يەنە كېلىپ، فرۇئېد  دىنسىز؛ "مەدەنيىلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئىزتراپلىرى"، "خام خىيال ھەققىدە" قاتارلىق ئەسەرلرىدە پاكىتلاردىن باشقا جۆيلىگەن يەرمۇ يوق ئەمەس.
      بىزدە ئۇنى تەنقىدي يوسۇندا ئوقۇماي بىراقلا كىرىشىپ كېتىپ زىينىغا ئۇچرىغان ئادەملەرمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر بار.ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم.
     ئۇنىڭدىن باشقا، پىسخك ئانالىزى 20-ئەسىر پسىولوگيسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇھىم پىكىر ئېقىمى؛ ئىككىنچىسى سكىننىر باشقىلچىقىدىكى "ھەرىكەت پسىخولوگيىسى"پىكىر ئېقىمى، ئۈچىنچىسىى ئابراخام ماسلوف باشلاپ بەرگەن "ئىنسانچىلىق پسخولوگيىسى". ھازىر بۇ پىكىر ئېقىملار پسىخولوگىيە ساھەسىدە ئاساسي ئېقىم بولۇشتىن قالدى. ھازىر يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقىنى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئسپاتلاش جەريانىدىن ئۆتكۈزىدىغان "تەجرىبچلىك پىسخولوگيىسى" دۇر. شۇڭا ھازىر فرۇئدنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىنى ئىسپاتلىغىلى، تەجرىبدىن ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ دېگەن قاراشنىڭ تەسىرى چوڭقۇر.
سىزگە ئۈچ تەكلىپ:1. ئۇنى تەنقىدلىگەن بەك مۇھىم مۇتەپپككۇرلار بار. ئۇلارنىڭ قاراشلرىمۇ قالتىس. ئۇلارنىمۇ كۆرۈۋېتىڭ. شۇنىڭدا ئدىيەنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلشىتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    2.ئۇنىڭ ئدىيلىرى بويىچە ئېتيقاندا ئسىلام خام خىيال ۋە جۆيلۈش، ئالدامچىلىق. بۇ تەرپىگە بەكرەك دىققەت قىلىپ تەنقىدي يوسۇندا مۇئامىلە قىلشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
  3. ئۇنىڭ سىناق قىلىنغان بىمارلىرى ھەممسى ياۋۇرپالىق. لېكىن ئۇنىڭ ياۋورپا جەميىتى ئاساس قىلىنغان تەتقىاتىنىڭ ئسىلام جەميىتىگە ۋە باشقا جەمئيەتلەرگە قارا-قويۇق تەدبىقلىغلى بولمايدىغان يېرى جىق. بۇ نۇقتىنى ئويلشىپ كۆرۈڭ.

      كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېخىمۇ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەندە ياكى پشىپ يېتىلگەندە "بىر ھېسابتا فرۇئىدنىڭ كىتابلىرىنىڭ تەرجىمە  قىلىنمىغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ" دەپ ئويلاپمۇ قالسىز.

مىڭ قاڭقىساقمۇ دائىرىسىدىن چىقالمايدىغان بىر ئوربېتا بار. بۇ ئوربىتا بىزگە ئۆزىمىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىمىزنى ھامان ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە "ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ" دېگەن ھېكمەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
جاپا تارتپسىز، تالدى ئەپەندى.

taldi 2011-05-18 16:28
ياخشى يېگىت  نەق گەپنى قىلىدىڭىز .بىراق بۇ يەردە مەن پەقەت فرىئۇدنىڭ "چۈش تەبىرى'دىگەن كىتابى توغۇرلۇق توختىلۋاتىمەن .مېنىڭ پەقەت ئۇنىڭغا يېزىلغان بىر ئاممبابلاشتۇرۇلغان ئوقۇلما .ئۇنىڭ كىتابىدىكى بەزى بىر ئۇقۇملارنى شەرھىلەپ بېرىش .ئۇنىڭغا ئەسەبىي ھالدا قارشى تۇردىغان كىشلەرنىڭ ماقالىسىنمۇ ئوقۇدۇم .مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قاراشلىرىنى شەرھىلەپ بەرمەي تۇرۇپ ،رەت قىلغان كىشلەرنىڭ قاراشلىرىنى سۆزلىسەم بەزى تورداشلار چۈشەنمەسىلكى مۇمكىن .
  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يۈزنەچچە يىل بۇرۇنقى ئىش .ۋاقتى ئۆتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ . يېڭى ئېقىم كونا ئېقىمنى چوقۇم غۇلىتىش كېرەك ،ئۇنداق بولمىغاندا بۇ جەھەتلەردە تەرەققىيات بولمايدۇ .
ئەگەر مۇمكىن بولسا سىزنىڭ مەن بىلەن پاراللىل ھالدا ئۇنىڭغا قارشى پىكىرىدىكى كىشلەرنىڭ ماقالىلىرىنى يوللاپ ماڭغان بولسىڭىز شۇنداق ياخشى بولاتتى .مېنىڭمۇ كۆپ ۋاقتىم يوق ،شۇڭا ۋاقىت چىققاندا پارچە-پارچە ھالدا يوللاپ مېڭۋاتىمەن .خالىسڭىز چىن كۆڭلۈم بىلەن سىزنى تەكلىپ قىلمەن .بۇنداق بولغاندا تورداشلارغا پايدىلىق بولۇپ قالاتتى .سىزنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا يوللاپ بولۇشڭىز مۇھىم ئەمەس .مۇھىمى بىر چۈشەنچىنىڭ ئازىراق بولسمۇ ئايدىڭلىشىشى .
ئىشنىمەن ئەلكۈيىدە مېنى بىر تېپىك بىلەن ئوجۇقتۇرۋەتكۈدەك پىسىخولوگ مۇتەخەسسلىرى بار .ئەسلى مەنمۇ غ غا ت نى قوشۇپ جىم ئولتۇرسام بولاتتى . سىزدەك ۋە باشقا ئامان ئاكىمىزدەك (ئامان ئاكا بۇ تېمىغا يولاپ قوياي دېمەيدۇ ،ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى بۇ يەرگە قوشۇپ قويسا بولاتتى  ) ۋە باشقا پىسخولوگلارنىڭ ئاغزىنى تاتلاپ ئۆزۈممۇ ھەم تورداشلار بىر نەرسە بىلۋالساق دېگەن مەقسەتتىمەن .
  ھەممە ئادەمنىڭ پىسخولوگىيە توغۇرلۇق نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇيدىغانغا ۋاقتى يوق .ئەشۇ نەچچە ئون مىڭلغان پىسخولوگىيە كىتابلىرى ئارسىدا يۈرۈپ نېمنى ئوقۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر قېيىن تاللاش .ئەشۇ ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ئارسىدىن بەزى ئوقۇلمىلارنى سۇنۇپ ئۆزئارا بەھىرلەنسەك بۇمۇ بىر ياخشى ئۆگىنىش .
  

taldi 2011-05-18 17:36
ئاران يازغان نەرسلەرنى يوقىتىپ قويدۇم دېسە ....مەندىمۇ بار .ئەسلى wordقا يازماي .
داۋامى بار

xahri~zat 2011-05-19 11:00
ياخشى ئەسەر داۋاملىشىۋاتىدۇ...ئوي پىكىرمۇ تىمىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئاڭ، سىزىم، تەپەككۇرلار شەخسنىڭ ئۆزىگە باقماي ئالدىغا ھە دەپ ئىنتىلىپ ماڭماقتا...خىياللىرىم ماڭا بۇيسۇنمىغان ھالدا تەپەككۇرۇمنىڭ ئەڭ ئىچكى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلماقتا، نىرۋا سىستىمىلىرىم جىددىي ھالەتتە تىخىمۇ مەركىزى بولغان ئەڭ كىچىك ھالقىلارغا قاراپ يىيىلماقتا...

داۋامىنى ساقلايمەن.

taldi 2011-05-19 11:56
«چۈش تەبىرى»فرىئۇدىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى .ئۇ بۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان چۈشلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ ،چۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلغان ،ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىلىرى غەرب ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .بۇ نەزەرىيلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن
1.    چۈش مەلۇم ئارزۇنىڭ قېنىشىنى ئىزدەشتىن ئېبارەت .بۇ خۇددى سىزنىڭ چۈشىڭىزدە كىچىك تەرەت قىستاپ كەتسە ھاجەت قىلدىغان يەر ئىزدىگەندەك ياكى ئۇسساپ چۈش كۆرسە ئۇسسۇزلۇق ئىزدىگەندەك .ئۇنداقتا يامان چۈشمۇ «ئارزۇنىڭ قېنىشى »مۇ ؟ئۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ .چۈش بىر مۇرەككەپ ھالەتتە ئۆزى قېنىشنى ئىزدىگەن ئىشلارنى بەزىدە ئاشكارە ھالدا ئېپادىلىسە ،بەزىدە نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن يوشۇرۇپ ئىزدەيدۇ .
مەن يېقىندا بىر چۈش كۆرگەن .چۈشۈمدە ئۆزۈمنى باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئىشخانىسدا كۆرۈپتىمەن .ئۇ ئايلانما كومپىيۇتىر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ سەن تۈگەشتىڭ دېگۈدەك .شۇنىڭ بىلەن مەن بىرخىل كەيپىيات بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم .بۇنىڭغا ئون نەچچە يىل بولغان ئېدى .شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ چۈشنى تەھىلىل قىلىشقا باشلىدىم .
  چۈشۈمدىكى ئوبىيكىتلار : مەن ،مۇئەللىم ،چاقلىق ئورۇندۇق
  مەن :مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچۇم ،ئۇ ئاللىقاچان باشقا يەرگە يۆتكلىپ كەتكەن ،ئۇ قانداق بولۇپ چۈشۈمگە كىرىپ قالىدۇ ؟ بۇ چاغدا ماڭا فرىئۇدىنىڭ «بالىلىقتا باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلەردىن پەيدا بولغان چۈش» ھەققىدىكى نەزەرىيسى ئېسىمگە كەلدى .بۇ ھەم يېقىنقى يىللاردىكى «تەجىرىبە پىسخولوگىيسى»دە ئىسپاتلانغان .
  مېڭە پېشانە ئالدى تەرەپتە «سەقەنتۇر رايونى»دەپ بىر رايون بار ،بۇ رايون ئەستە ساقلاش فۇنكىسيسىگە ئېگە .بىراق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يوق .بۇيرۇق كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىچىدىكى ئەسلىملەرنى سىرتقا چىقىرىپ بېرىدۇ .دېمەك بۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان بەزى بىز ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئەسىلمىلەرمۇ بۇ يەردە ساقلانسا ،كېيىن چۈش ياكى قايتا ئەسلەش بىلەن زاھىر بولىدۇ .
  «چۈش تەبىرى»دە مۇنداق بىر ئىش خاتىرلەنگەن «30 ياشلاردىكى بىر كىشى دائىم شىر چۈشەيدىكەن .ھەتتا ئۇنى ئېنىق تەسىۋىرلىيەلەيدىكەن .بىر كۈنى ئۇ بىر ساپال ئويۇنچۇق شىرنى كۆرۈپتۇ .ئاپىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بېرىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقنىڭ بىرى ئېكەن .بىراق بۇ كىشىدە بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەسلىمە قالمىغان .
مەن يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي ،بىر سېنگاللىق يىگىت چۈشىدە دائىم ئاپئاق بىر يەردە تۇرغاندا تۇيۇقىسز بېشىغا بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ چۈشەيدىكەن .ئۇ ئىزچىل بۇ چۈشنى كۆرىدىكەن .ئۇ ئەنسىرەپ باش قىسمىمدا بىر ئۆسمە بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ ،دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسە ،ھېچنىمە يوق بولۇپ چىقىپتۇ .بىر چاغدا ئۇ ئۆيىدىكى ئالبومنى ئېچىپ كۆرۈپ ئۆزنىڭ بالىلىق ۋاقتدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپتۇ .ئۇ بىر پارچە رەسىمدىن ئۆزنىڭ ئالپىس تېغىدا دادىسى بىلەن چۈشكەن بىر پارچە رەسىمى ئۇنىڭ دېققىتنى قوزغاپتۇ .ئۇ رەسىمدىن بۆلەك ھېچنمىنى ئەسلىيەلمەيدىكەن .چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇ ئەمدى 2 ياشقا كىرگەن ئېكەن .ئۇ دادىسىدىن ئۇ چاغدىكى ئەسلىملەرنى سورىغان چاغدا ،دادىسى ئۇنىڭ قولىدىن باشچىلاپ قار بار يەرگە چۈشۈپ بېشنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ،ئاققان قاننىڭ قارلىق يەرنى بىر ئالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ .
بۇ يەردە «مەن»نىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەسلىمە مانا مۇشۇنداق زاھىر بولغان.
ئوقۇتقۇچۇم :ئەسلىدە ئۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ مېجەزى بەك ئوسال ،كېيىن بىر قېتملىق باھالاشتىن ئۆتەلمەي ،مۇئاشى تۇتۇپ قېلندى ،بۇنىڭدا مېنڭ ۋە بىر قانچە سىنپتىكى «كىچىك دوستلار»نىڭ تۆھپىسى بار .بىز ئۇنى باھالىغاندا بىرمۇنچە قاقشاپ يېزىپ قويغان ئېدۇق ،كېيىن ئوقۇتقۇچى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «پەردە ئارقسىدىكى پىلانلىغۇچى»نىڭ مەن ئېكەنلىكمنى باشقا «كىچىك دوستلار»نى ئىقرار قىلدۇرۇپ ئېرىشپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مېنى شۇنداق ئۆچ كۆرۈپ كەتتى .
ئايلانما كومپىتۇتىر ئورۇندۇقى :تورداشلارنىڭ ئېسىدە بارمىكىن ،بىر چاغلاردا بىر ئورۇندۇق پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.چۈشۈمدە مەن ئوقۇتقۇچۇمنى ئاشۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزغىنىم نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

داۋامى بار

xahri~zat 2011-05-19 12:11
تىمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئەمدى باشلىنىپتۇ. قىنى داۋاملىق، ئامال بار تىزرەك يۇللىغان بولسىڭىز، ئاخىرىنى كۆرۈشكە بەكمۇ تەقەززا بولىۋاتىمەن.

taldi 2011-05-19 12:13
ئۇنداقتا قارا بېسىشمۇ "ئارزۇنىڭ قېنىشى'نى ئىزدەشمۇ ؟ فرىئۇد شۇنداق دەپ قارايدۇ .چۈش ھەممە نەرسىنى ئوچۇق ھالدا ئېپادىلىمەي بەزى باغلىنىشلىق بولغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى يوشۇرۇپ قېنىش ئىزدەيدۇ .خۇددى كومپىيۇتىر ئورۇندۇقىدەك .ئەينى چاغدا مەن ئوقۇغان سەھرادىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە نەدىمۇ ئۇنداق ئورۇندۇق بولسۇن ،مەن ئەينى چاغلاردا ئۇنداق ئورۇندۇقنى شىياڭگاڭنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كۆرگەن .كېيىن قاچاندۇ بىر چاغدا توردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مەلۇم بىر شەھەردە سۈپەتسىز ئورۇندۇقنىڭ پارتلاپ كېتش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلكىنى توردا كۆردۈم .ھازىرغىچە بۇ ئىشنى ئويلىسام ئولتۇرغان ئورۇندۇقۇمدىن سەل گۇمان قىلمەن .چۈشۈم ئوقۇتقۇچۇمنى ئاشۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ مېنىڭ قىساسمنى ئېلىپ بەرگەن .

silver 2011-05-20 00:53
خەتكۈچ.

silver 2011-05-21 10:54
شۇنداق قىلىپ توختاپ قالدىما؟ بەك قىزىقىپ ساقلاۋاتقانتىم بولمىسا....فرۇئىدنىڭ 1899 -يىلدا يازغان نەرسىلىرىنى 100 يىلدىن كېيىن ئوقۇساممۇ بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيۇلىدۇ،لېكىن يازمىڭىز "ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى"دەك چىقىۋېتىپتىكەن...داۋامىنى ساقلاي...

  " Dreams are the Royal Road to the Unconscious" دىگەن مۇشۇ گېپىنى بىر چاغلاردا قىزىقىپ ساقلىۋاپتىكەنمەن فرۇئىدنىڭ،يەنە Common Dreams and their Interpretions دەيدىغان بىر نەرسە ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، ھەر بىر سىمۋولغا ئاز دىگەندە 70 تەك نەرسىنى مىسال ئاپتىكەن...لېكىن بۇنى ھازىرقى زاماندىكى بىرسى يازغانغۇ دەيمەن فرۇئىدتىن خېلى كېيىن...

tashnur 2011-05-21 11:26
ئودىپۇس تۈگۈنى (كومپىلىكىسى ) گە قىسمەن جاۋاب يازاي:
يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئودىپۇسنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىق بولماي، ئاپوللۇ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلغاندا، ئەگەر بالىلىق بولساڭ، تۇغۇلغان بالا سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئايالىڭنى ئەمرىگە ئالىدۇ، دەپ بىشارەت ئالىدۇ. ئۇلار بالىلىق بولماي خېلى يۈرىدۇ. لېكىن كېيىن ئايالى يەنىلا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ پۇتىنى چېتىپ چاكارلىرى ئارقىلىق چۆلگە تاشلاتقۇزىۋىتدۇ. لېكىن چاكار ئۇنى چۆلگە تاشلىماي، باشقا بىر پادىشاھلىقنىڭ مېلىنى باقىدىغان مالچىغا بىرىۋىتىپ قايتىدۇ. بۇ مالچى بوۋاقنىڭ پۇتىدىكى ئارغامچىنى ئېلىپ پۇتىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئودىپۇس <<پۇتى ئىششىپ ئاغرىغان بالا >> دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئودىپۇس كېيىن يولدا ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بىر بوۋاينى ئۆلتۈرۋىتىپ، سىفنىكىس تېپىشمىقىنى تاپىدۇ. سىىفنىكىس ئادەم باشلىق شىر تەنلىك، قۇش قاناتلىق غەلىتە مەخلۇق بولۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە تېپىشماق ئېيتىپ تاپالمىغانلارنى ئۆلتۈرەتتىكەن. سىفنىكىس ئۆلگەندىن كېيىن، ئودىپۇس شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بولۇپ، مەرھۇم پادىشاھنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. كېيىن شەھەردە ۋابا تارقاپ كەتكەندە، ئىبادەتخانىدىكى ئاقساقاللار بۇ ۋابانىڭ مەنبەسىنى ئودىپۇستا دەپ تۇرىۋالىدۇ. يەنى ئودىپۇس يولدا دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ، خانىش ئانىسىنى ئەمرىگە ئالغان ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگەن ئودىپۇس كۆزىگە يىڭنە سانچىپ ئەما قىلىپ، شەھەردىن چىقىپ سەرگەردان بولۇپ كېتىدۇ.

yabera 2011-05-22 23:45
ۋاي  ۋاي   ، ئىلىشىپلا  قالدىمغۇ ؟!   قىززىقىپ  كۈرىۋىرىپ  ئەمدى  سەل  كاللام  غەيرىلا ....

aron 2011-05-23 01:07
بەلكىم دوسلارمۇ كۆرگەن بۇلشى مۇمكىن چۈش تەبىرى دىگەن كىتاپتىكى تەبىرلەرگە ئشەنمەڭلا ئۇكىتاپ زەيىپ ھەدىسلەر بىلەن ئوخشاشكەن مەن قايسى بىر ھەدىس تەرجمىسدە  كۆرگەن

silver 2011-05-23 02:05
سىز دەۋاتقان چۈش تەبىرى بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ دەۋاتقىنىدا پەرىق بارغۇ دەيمەن.

taldi 2011-05-23 11:21
يېقندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىپ قالدىم ئەپۇ قىلغايسلەر .سېلۋىر، سىز دىگەن سىمۋول مەنىلەردىن ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق تاپتىم .چۈش تولىمۇ زېرەكلىك بىلەن سىز دىگەن سمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئۆزىنى يوشۇرۇىدۇ .لېكىن ئۇنىڭ بايان قىلغىنى بەزىدە بىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەم ئارزۇ قىلىپ كېلۋاتقان ئىشلار ،بۇ ھەتتا بەدەننىڭ فىزىئولوگىيلىك ئېھتىياجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .(بەلكىم بۇ ئېھتىياجلار يوشۇرۇن ئاڭدا ئەكس ئېتىۋاتقان ئېھتىياجلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )
  قېرىندىشىم ئارون مەن چۈشەندۈرۈۋاتقان كىتاب سىز دىگەن ھەدىستىن كېيىن نەچچە يۈز يىلدىن كېينكى ئاۋستىرىيىدە بارلققا كەلگەن سېگمۇند.فرىئۇدىنىڭ كىتابى .

taldi 2011-05-23 12:43
بەدەن ئېنكاسى پەيدا قىلغان چۈش

   بەزى قاراشلار ئەمەلىيەتتە چۈشنىڭ "بەدەن ئېنكاسىنىڭ مەھسۇلى ھەرگىز تەپەككۇر ياكى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق 'دەپ ئۇنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان .ئۇلار يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنكار قىلىپ'چۈش ئانالىزىنىڭ ساختا ئىلىم-پەن ،يالغانچلىق دېگەن . بۇ قاراشلارغا نىسبەتەن مەن بۇ يەردە ھېچقانداق باھالاش ئېلىپ بېرىشمنىڭ ھاجىتى يوق - ھەقىقەتەن بەزى چۈشلەر بەدەن ئېنكاسى پەيدا قىلغان ،بۇ خىل چۈشلەرنىڭ ئومومىي چۈشلەرنىڭ قانچىلىك نىسبىتىنى ئىگىلەيدۇ ؟ "چۈش تەبىرى'دىگەن كىتابنىڭ 5-باب3-مەزمۇنىدا  فرىئۇد (Mary Whiton Calkins)كولكېنس خانقىزنىڭ ئىستاتىكىسنى تىلغا ئالىدۇ : كولكېنس خانقىز 6 ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزنىڭ ۋە يەنە باشقا بىر تەجىرىبە قىلنغۇچىنىڭ چۈشىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان .مەقسەت دەسلەپكى قەدەمدە چۈش ۋە سىرتقى سېزىم ئەزالىرىنىڭ غىدىقلىشى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەكچى بولغان .ئۇلارنىڭ چۈشى ۋە سىرتقى غىدىقلىنشىتىنىڭ مۇناسىۋىتى %13.2 ۋە%6.7 بولغان .بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ،بۇ نىسبەتنىڭ پەرقى بەك چوڭ ئەمەس .
بەزى چۈشلەر سىرتقى غىدىقلىنىش بىلەن بىرلىشىپ چۈشنى ھاسىل قىلىدۇ .مېنىڭ بىر تونۇشۇم ئامىرىكىدا ئوقۇيدۇ(چىشى جىنسلىق ) .ئۇ ئامىرىكىدا ئۆگىنىش ھەم تۇرمۇش جەريانىدا ئۇچىرىغان بېسىمى ناھايىتى چوڭ بولدى .بۇ چۈش ئۇنىڭ ئەڭ زور بېسىم ھېس قىلغاندا چۈشىگەن چۈشى .بۇنى شەرھىلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ چۈشىنى تەھىلىل قىلىپ باقايلى .
ئۇ كۈنى كەچ سائەت 11لەردە ،ئەتسىى سائەت سەھەر 3 تە ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەڭشەپ قويۇپ ئۇخلايدۇ .
ئەتىسى سەھەر سائەت 3 تە قوڭغۇراقلىق سائەت مۇزىكىغا ئەگىشىپ چۈش كۆرۈشكە باشلايدۇ ..چۈش تولىمۇ قىسقا بولغان .
  ئۇ چۈشىدە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ،ئۆيىدە cd ئاڭلاۋاتقان ھەم ئاۋازىنى ناھايىتى چوڭ قىلۋەتكەن ،بىر چاغدا ئۆيدە بىر ئۆزى تونۇيدىغان يىگىت پەيدا بولغان .(بۇ يېگىتنى خامكېسەك دەپ قويايلى،بولمىسا مۇنبەردىكى بىرەيلەننىڭ ئىسمىغا ئوخشاپ قالمىسۇن ).ئۇ خامكېسەك بىلەن چۈشىدە بىللە ناخشا ئېيتىپ قالايمقان سەكرىگەن .بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى كىرىپ "بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ كەتتىڭ 'دەپ cd نى ئېتىۋەتكەن بۇ چاغدا ئۇنىڭ چۈشىمۇ ئاخىرلاشقان .
بۇ چۈش تولىمۇ ئاددى .بىز تەھلىل قىلىپ باقايلى .
  1.ئۇ بۇ چۈشنى كۆرگەن چاغدا ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالغان (ئۇ تېلفوندا ماڭا بۇرۇن ۋەتەندىكى چاغدا مەن ئۆزۈمنى بېسىم ئىچىدە دەپ ئويلايتتىم .ئۇ يەردىكى بېسملار بۇ يەردىكىگە سېلشتۇرغاندا ئاسمان -زىمىن پەرق قىلىدىكەن دەپ بەرگەن ئېدى ،دېمىسمۇ ئامىرىكىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئىقتىسادتىن ئېبارەت چوڭ بىر مەسىلە بار ).شۇنىڭ بىلەن قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ مۇزىكىسى بىلەن ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندەك بىر چۈشنى كۆرگەن .ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ،ئامىرىكىدا ئوقۇشتىن ۋە ئۇ يەردىكى بېسىم ئىچىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان .چۈش تاللىغان يەر بولسا ئۇنىڭ ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمايدىغان ۋەتەندىكى ئۆيى .
2.نېمىشقا قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ مۇزىكىسى خۇشال رېتمدىكى مۇزىكىغا ئالمىشىپ قالىدۇ .چۈنكى ئۇنىڭ تاللىۋالغان مۇزىكىسى ئۇ ئۇيقۇسىغا قانمىغان چاغدا جىرىڭىشىپ ئۇنىڭ بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .بەزى قوڭغۇراقلىق سائەت مۇزىكىسى ئۇيقۇڭىز قانغان چاغدا سىز كۈلۈمسىرەپ ئويغانغان بىلەن ئۇيقۇ قانمىغان چاغدا بومبا ئاۋازىدەك يېقىمسىز ئاڭلىندۇ . ئۇنىڭ چۈشىدىكى يېقىمسىز مۇزىكىنىڭ يېقملىق مۇزىكىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئۇنىڭدا "كىشنى بىزار قىلىپ ئويغۇتىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەت مۇزىكىسى باشقا بىر يېقىملىق مۇزىكىغا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭ داۋاملىق ئازىراق بولسمۇ ئۇخلاش ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ بەرگەن .
3.گەرچە قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ مۇزىكىسى ئالماشقان بولسمۇ داۋاملىق قويۇلىۋەرگەن .ئەگەر ئۇنى ئۆچىرۋەتسە قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئەھمىيتى قالمايدۇ .يەنى ئۇ ئويغىنالمايدۇ .شۇڭلاشقا چۈشىدىكى ئۇ مۇزىكنىڭ ئاۋازى داۋاملىق يۇقىرلاپ كەتكەن (قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ مۇزىكىسىنى بېسۋەتمىگەن چاغدا ،ئۇنىڭ ئاۋازى داۋاملىق سىزنى ئۇيقۇدىن ئويغانغۇدەك ھالەتكە كەلگۈچە يۇقىرلاپ بارىدۇ ) بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى كىرىپ ئۆچۈرىۋتىدۇ .بۇ يەردە ئۇنىڭ دادىسى نېمە ئۈچۈن چىقىپ قالىدۇ .چۈنكى ۋەتەندىكى چاغدا ئۇ مۇزىكىنى يۇقىرى قويغان چاغدا ،بېئارام بولغان دادىسى ئۇنىڭ مۇزىكا قويغۇچىنى ئېتىۋىتىشنى تەلەپ قىلاتتى .بۇ خىل كۆرۈنۈش بىر نەچچە قېتىم قايتىلانغان .ئەمدى بۇ بېسلىپ قالغان ئەسلىمە ئۇنىڭ چۈشىدە قايتا پەيدا بولۇپ ،چۈشىدە دادىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇزىكىنى ئەتكۈزىۋەتمەكچى بولغان ،ھەم شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە قوڭغۇراقلىق سائەتنى ئۆزى بېسۋەتكەن .بۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۇخلاش ئۈچۈن چۈشىدە يېقملىق مۇزىكا قويغۇچقا ئايلانغان قوڭغۇراقلىق سائەتنى دادام بېسۋەتتى دېگەن باھانە بىلەن ئازىراق ئۇخلىۋىلىشقا پۇرسەت ياراتماقچى بولىدۇ .بىراق ئۇنىڭ ئويغىنىپ كېتىش سەۋەبى بولسا .بىرى ئۇ ئۆزنىڭ ھەركىتىدىن ئويغىنىپ كەتكەن .يەنى سىرتقى غىدىقلىنىشتىن .يەنە بىرى بولسا كۈچلۈك بېشارەت .بۇنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى چاغلاردا سىز قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەڭشەپ قويغان بىلەن ئورنىڭىزدىن تۇرالمايسىز .يەنە ئۇنى بېسۋىتىشىڭىز مۇمكىن .بىراق سىز ئايروپىلانغا چىقىدىغان بولۇپ قالسىڭىزچۇ ؟بۇ چاغدا سىز "قوڭغۇراقلىق سائەت'نى ئويغۇتىسىز .ھەتتا سىز چۈشىڭىزدە ئايروپىلانغا كېچىكىپ چۈش كۆرۈشىڭىز مۇمكىن .مەيلى قانداق بولمسۇن ،ئۇ دوستۇم ئەتە قوڭغۇراقلىق سائەت سايرىغاندا  چوقۇم ئويغىنمەن دەپ ئۆزىگە بېشارەت بەرگەن .بۇيەردە ھەم بېشارەتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .بېشارەتنىڭ كىشلىك تۇرمۇشتا ئوينايدىغان رولىنى غەرب دۇنياسىدىكى كىشلەر ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولدى .زادى بېشارەت يامانمۇ قەتئىي ئېرادە ؟مېنىڭ جاۋابىم بېشارەت .(بۇ يەردىكى بېشارەت سۆزى قانداقتۇ كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا بولغان غايبى بېشارەت ئەمەس .پىسخولوگىيدە قوللىندىغان بېشارەت )
  قەتئىي ئېرادە مەسىلسىدە نۇرغۇن كىشلەر قايمۇقۇپ قالىدۇ .بۇ يەردە مەزمۇن مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتەي .مەسلەن سىزگە كەڭلىكى 20 سانتېمىتىر كېلىدىغان ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان پولات تاختاينى يەرگە قويۇپ بەرسە يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتشىڭىز مۇمكىن .بىراق ئۇنى ئارلىقى 100 مېتىر كېلىدىغان ئىككى ناھايىتى ئېگىز بېنانىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ بەرسىچۇ ؟بۇ يەردە سىز ھەم تاختاي ئۆزگەرمىدى .بىراق قويۇلغان ئورۇن ئۆزگەردى .ئەگەر سىز قەتئىي نېيەت بىلەن ئۆتمەكچى بولسىڭىز ،سىز يېقىلىپ كېتسىز .چۈنكى بۇ يەردە سىز ئۇنىڭدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىزنىڭ كاللىڭىز ئۇنىڭغا قارىتا بىر بېشارەت ياساپ بولغان "مەن تاختايغا قەدەم قويۇپ يېقىلىپ ئۆلۈپ كېتشىم مۇمكىن .ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ ئوتتۇرىغا بارالايمەن ئاندىن يىقىلىپ كېىتشىم مۇمكىن 'بۇنداق ھالەتتە سىزنىڭ مەيلى قانچىلىك قەتئىي ئېرادىڭىز بولۇشتىن قەتينەزەر نەتىجە سىز يېقىلىپ كېتىسز .چۈنكى سىزنى يېقتۋىتدىغىنى سىزنىڭ "تاختايغا قەدەم قويسام ....يېقىلىپ كېتىپ ئۆلۈشۈم مۇمكىن 'ئالدىن بەرگەن بېشارەت خارەكتىرلىك ئويىڭىز .
4.ئۇنىڭ چۈشىدىكى يېگىت "خام كېسەك 'ئەمەلىيەتتە ئۇ مەكتەپتە ئانچە-مۇنچە ئۇچىراپ قالدىغان بىر ئوقۇغۇچى ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باققانمۇ ئەمەس .بەلكىم بۇنى تەھلىل قىلساق ئۇنىڭ شەخسىيتىگە ئۆتۈپ كېتشىمىز مۇمكىن ."خام كېسەك'نى ئانچە بەك تەھلىل قىلمايلى .

داۋامى بار



  

xahri~zat 2011-05-23 14:02
سىزگە كەڭلىكى 20 سانتېمىتىر كېلىدىغان ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان پولات تاختاينى يەرگە قويۇپ بەرسە يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتشىڭىز مۇمكىن .بىراق ئۇنى ئارلىقى 100 مېتىر كېلىدىغان ئىككى ناھايىتى ئېگىز بېنانىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ بەرسىچۇ ؟بۇ يەردە سىز ھەم تاختاي ئۆزگەرمىدى .بىراق قويۇلغان ئورۇن ئۆزگەردى .ئەگەر سىز قەتئىي نېيەت بىلەن ئۆتمەكچى بولسىڭىز ،سىز يېقىلىپ كېتسىز .

بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار، نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ ئالدىن بىشارەت دىگەن مۇشۇ يەردە ئىشلەمدۇ؟...

مەنمۇ ئويلىنىۋاتىمەن، مەن ئويلانغۇچە تىمىڭىزنىڭ داۋامىنىڭ چىقىپ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ياخشى پىكىرلەر ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ...

taldi 2011-05-23 19:05
ئالدىنقى مەزمۇندا چۈش ئارزۇنىڭ قېنۋىلىشىنى ئىزدەش جەريانى دېگەن ئېدۇق .ئۇ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان .
2. چۈش يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئېپادىلىشى بولۇپ ،يوشۇرۇن ئاڭ گەرچە بېسىلىپ تۇرسىمۇ ،لېكىن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ ،ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئالدىنقى ئاڭنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاڭ ساھەسىگە چىقىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ .ئۆز ئارام ئالماقچى بولغان ،لېكىن پۈتۈنلەي ئارام ئالالمىغاندا ،يەنى ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغاندا مۇداپىئەنى بوشىتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن ئاڭ ھەرىكەت قىلىشقا باشلاپ ،چۈش ھالىتىدە ئېپادىلىنىدۇ .چۈشنىڭ پەيدا بولۇشىدا فرىئۇد مۇنداق دىگەن"بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئىشنىمىزكى ،يوشۇرۇن ئاڭ ھالىتىدىكى قوزغىلىش چۈش پەيدا بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئامىلى ،ئۇ چۈشنىڭ شەكىللىنىشگە كېرەكلىك روھىي كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ .يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قوزغىلىشى باشقا تەبئىي ئىقتىدارلارنىڭ قوزغىلىشىغا ئوخشاش،ئۆزنىڭ قېنىشىنى ئىزدەشتىن باشقا ھېچنىمنى كېرەك قىلمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ چۈشنى تەھلىل قىلىشتكى تەجىرىبىلىرىمىزدىن شۇنىسى ئايان بولدىكى ،بۇ دەل بارلىق چۈشلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى .ھەربىر چۈشتە تەبئىي ئىقتىدارنىڭ ئارزۇسى قېنىشقا ئېرىشكەن ھالدا ئېپادىلىنىدۇ .كېچىدىكى پىسخىك پائالىيەتلەر رېئاللىق بىلەن ئاجىرلىپ كەتكەن بولغاچقا ،ئېپتىدائىي مېخانىزىملارغا چېكىنىش ئېمكانىيتى تۇغۇلۇپ،چۈش كۆرگۈچى ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان تەبىئىي ئىقتىدارنىڭ قېنىشىنى خىيالى شەكىلدە باشتىن كەچۈرىدۇ .ئەمما چۈش كۆرگۈچى راستىنلا شۇنداق ئىش يۈز بەرگەندەك بىلىنىدۇ .چۈنكى بۇ تەڭ قەدەملىك چېكىنىش جەريانىدا ،ئىدىيە چۈش ئىچىدە سۈرەتكە ئايلىنىدۇ 'چۈش كۆرگۈچىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرى ئەخلاققا قارشى بولغاچقا ،يوشۇرۇن ئاڭ چۈشتە شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا پەيدا بولىدۇ .چۈشنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ چۈشنىكسىز بولۇشى پەرداز تۈپەيلىدىن شەكىللىندۇ.چۈشتكى كۆرۈنۈشلەر كۆپ قېتىم پەردازلانغان  ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولغاچقا ،پەقەت روھىي ئانالىز ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئۇنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ .فرىئۇد نۇرغۇن بېمارلارنىڭ كېسەللىك يىلتىزىنى ئۇلارنىڭ چۈشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تېپىپ چىققان .
2.فرىئۇدنىڭ قارىشچە ،چۈش بىلەن روھىي كېسەللىك ھالىتى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە .ئۇ چۈش بىلەن روھىي كېسەللىك ھالىتىنىڭ ئوخشاشلا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ پائالىيەت قانۇنىيتىگە ئۇيغۇنتا كېلىدىغانلىقىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان "يوشۇرۇن ئاڭ ئالدىنقى ئاڭدىكى دىققەت قىلنمايدىغان ،سەل قارىلىدىغان ياكى قازناققا كىرگۈزۈۋىتىلگەن ئۇقۇملار بىلەن ئالاقە ئورنىتشىقا ئامراق'بۇ خىل ئۇسۇلدا ھېيلىگەر يوشۇرۇن ئاڭ ئوغرلىقچە ھالدا ئاڭ ساھەسىگە چىقىۋالىدۇ .

silver 2011-05-23 20:43
داۋاملىق قىزىقىپ دىققەت قىلىۋاتىمەن...

يەنە dream of convenience توغرىسىدىمۇ ئويلىغىنىڭىزچە بىر نەرسە دەپ باقسىڭىز... رەخمەت.

taldi 2011-05-24 00:52
\The "dream of convenience" is a dream described by Freud as fulfilling two of a dream's essential functions: satisfying a wish and safeguarding sleep.

He first mentioned this type of dream in a letter to Wilhelm Fliess dated March 4, 1894 (letter 22): A young doctor (Josef Breuer's nephew) is awakened early one morning so that he can go to work at his hospital ward. However, he immediately falls back to sleep and, in his dream, has "a hallucination of a notice-board over a hospital bed with [his] name on it" (p. 213); in the dream the thought comes to him that he does not need to wake up, since he is already in the hospital.

In The Interpretation of Dreams (1900a), Freud twice referred to "Herr Pepi's dream": in chapter 3, where he discussed the fulfillment of wishes in dreams, and in chapter 5, where he mentioned the dream's role as "guardian of sleep" (p. 233). In chapter 3 he gave other examples of what he explicitly called "dreams of convenience": for example, dreaming that he is drinking saves the dreamer the trouble of having to wake up to quench his thirst.

Freud did not especially develop a theory of this type of dream, which only represents a specific type of wish-fulfillment in dreams. In his last mention of this topic in "An Outline of Psycho-Analysis" (1940a), he illustrated this theme by again citing the case of the doctor who can continue to sleep by dreaming that he is already at the hospital, and two other dreams that fulfill wishes, one involving hunger and the other sexual desire. He reminded readers that dreams are in fact compromise formations (between renunciation and satisfaction).

Clinical practice often provides examples of dreams of convenience. Their interpretation cannot be limited to "decoding" the meaning only within a particular category of dreams, because the dream involves the entire dynamic theory (conflicts between the instincts and the defenses
If u couldent understand ,u can google it. ..

patriot 2011-05-24 02:43
ما تېمىنى ساقلىۋاسام بولغۇدەك

silver 2011-05-24 10:36
ھا ھا گۇگۇل قىلىشنى مەنمۇ ئوبدان بىلىمەن ھەم بۇ توغرىسىدىمۇ بىر دەرسلىكتە  ئازراق تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن ، لېكىن تۈزۈك دىققەت قىلماپتىكەنمەن. قارىسام سىز ئۆزىڭىزنىڭ چۈشىنىشلىك مىساللىرى بىلەن ياخشى ئىزاھلاپسىز بەزى نەزىريىۋىلىك ئۇقۇملارنى ، شۇڭا بۇ توغرىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ بىلىشىنى قوشۇپ بىر نەرسە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەمىكىن دەپ ئويلىغانتىم ئۇيغۇر تىلى بىلەن...قارىغاندا مەقسىتىمنى ئېنىق ئۇختۇرالماپتىمەن. سورىي:-)

marwayit 2011-05-24 10:41
  مەن فىروۋىدنىڭ <چۈش تەبىرى> دىگەن كىتاپنى 10 نەچچە يىل بۇرۇن سېتىۋالغان شۇندىن بۇيان دائىم كۆرگەن چۈشلىرىمگە تەدبىقلاپ كېلىۋاتىمەن، مەندە شۇنداق تۇيغۇ بولدى، بۇ كىتاپنىڭ كىشىگە پىسخىكا جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشگە ياردىمى بولىدىكەن...

xahri~zat 2011-05-24 10:56
داۋاملىق...قىزىقىش ئىچىدە بايانلىرىڭىزغا قىزىقىۋاتىمەن، تەپەككۇرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ...ئىشەنسىڭىز قاچان داۋامى چىقار دەپ ساقلاپ ئولتۇرۋاتقىلى خىلى كۈنلەر بولدى.

taldi 2011-05-26 15:44
چوقۇم يوللاشقا ۋەدە بېرىمەن .يېقىندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

oqmasjan 2011-05-27 14:09
چۈش دىگەن ئاللاھنىڭ بىشارىتى سىلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنىڭلار پىسخىكىغا كىرىدۇ.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «چۈش تەبىرى»گە ئوقۇلما --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.061227 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us