رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulen 2011-05-15 22:43

يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق
-"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" نىڭ داۋامى

گۈلەن

بىر كۈنى يەسلىدىن تېلىپون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، "قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسەن! مەنچە بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ سۇئالىغا ئەستايىدىل بولغىنىڭ ياخشى. بالىلار كىچىكىدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە چوڭ بولغىنى ياخشى..." دەپ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. دەسلەپ گەپنى تۈزۈك ئاڭقىرالمىدىم. كېيىن تەپسىلى ئويلاپ باقسام، قىزىمنىڭ "سازاڭ نېمە يەيدۇ؟" دېگەن ئىنگىلىزچە سۇئالىغا بايقىمايلا ئۇيغۇرچە "ئوت" دەپ جاۋاپ بېرىپ ئىشىمنى داۋام قىلغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. قىزىم ئۇيغۇرچە ئوت دېگەن سۆزنى ئوت-يالقۇن دېگەن مەنىدە چۈشىنىۋاپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن قىزىمنىڭ تىلىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇرۇن مەن ئۇنى ئۆيدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرچە گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىۋاتىدۇ دەپ ئىرەڭ قىلمىغانىكەنمەن. يۇقارقى ئىشتىن كېيىن كۈزىتىشكە باشلىدىم. مەسئۇدە يېڭى كەلگەندە تېلۋىزورنى چۈشىنەلمىگەچ بەك كۆرۈپ كەتمەيتتى. ھازىر  تىلۋىزورغا كىرىپلا كېتىدۇ، ھەتتا توردىن بىركىنو تېپىپ بەرسەم ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ باشقا كىنولارنىمۇ قويۇپ سائەتلەپ تۇرمايدۇ. بۇرۇن ئاتا ئانا قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ۋەتەندىكى بۇرادەرلەرگە تېلىپۇن قىلساق سۆزلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئارىدىن ئۈچ -تۆت ئاي ئۆتۈپلا خوش ياقماس بولدى. ھەتتا ئۆزى بۇرۇن ئامراق بىر تاغىسىنىڭ ئىسمىنى قانچە تەكرارلاتساقمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلالمىدى. مەن دەسلەپ بۇنى ئۇزاق كۆرۈشمىگەندىن كېيىن بولغان ياتسىنىشمىكىن دەپتىمەن. دىققەت قىلسام ئۇيغۇرچىنى ھوزۇرلۇنۇپ سۆزلىيەلمىگەچكە ئاڭلاپمۇ خوش بولالمايدىكەن. بىلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزى ئاز بولغاچقا مۇرەككەپرەك سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن. تىل ئورتاقلىقى تۇتۇقلاشقاچقا بۇرۇن بىزدىنمۇ چارە كۆرىدىغان بوۋا-مومىلىرى بىلەن مۇڭداشقىسى كەلمىگەنىكەن. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر دوستىمىز ئەركىلىتىپ بىرمۇنچە گەپ قىلسا، "نېمە دەۋاتىسەن، چۈشىنەلمىدىم. سەن ئىنگىلىزچە بىلمەمسەن؟ يەسلىدە ئوقۇمىغانمۇ سەن كىچىكىڭدە؟" دەپ  سۇئال ياغدۇرۇپتۇ ئىنگىلىزچىلاپ. قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى تەدىرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانغا چۈشتۈم. ئۇيغۇرچىغا بىراقلا زورلاپ كۈچەپ كەتمىدىم، ئەمما قىزىمنى ۋەتەندە ئانا تىلدا تەربىيىلەش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى.  مائارىپنىڭ، تېلۋىزورنىڭ، كىتاپنىڭ ئانا تىلنى بويسۇندۇرۇش سۈرئىتىدىن شۈركىنىپ كەتتىم. بالامنىڭ كەچۈرمىشىدىن قارىغاندا ئانا تىلى تېخى مىڭىسىگە تولۇق ئورۇنلاشمىغان بالىلارغا يەسلىدىن يات تىل ئۆگىتىش بالىنىڭ ئانا تىلدا يېتىلىدىغان تەپەككۇرىنى بىتچىت قىلىپلا قالماي تەلەپپۇز ئورگانلىرىنىمۇ يات تىلنىڭ تەلەپپۇزىغا كۆندۈرۈپ تاشلايدىكەن. ھەتتا ئانا تىلدا بىر قېرىندىشىنىڭ ئىسىمنىمۇ ئەپلەپ تەلەپپۇز قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. بىز ئىزچىل ئۆيدە ئىنگىلىزچە سۆزلىمەيتتۇق ۋە قىزىمغا سۆزلەتكۈزمەيتتۇق، شۇنچە قىلساقمۇ "ئۆي" دىكى ھىساپ "تالا" غا توغرا كەلمىگەن ئوخشايدۇ. بالامنىڭ ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەيدىكەن، ئۇنىڭ دۇنياسى يەسلىدە ئۆگىتىلىۋاتقان يات تىل بىلەن يارىلىشقا باشلاپتۇ.
تېلۋىزوردىن باشقا بالامنىڭ ئانا تىلىنى بۇنچە تېز ئۇپراتقان ئامىلنىڭ يەنە بىرى يەسلى ۋە كىتاپ. يەسلىدە كۈندە بىر قانچە قېتىم مەخسۇس كىتاپ ئوقۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقىمۇ قىزىم كىتاپقا بەك بېرىلىپ كەتتى. چاتاق يېرى يېنىمىزدا ھازىر بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپ يوق، شۇڭا ئىنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىمىز. بىزدەك ئېنگىلىزچىنى قېرىغاندا ئۆگەنگەنلەرگە بالىغا خەقنىڭ تىلىدا ھىكايە ئوقۇپ بېرىش ئەپ كەلمەيدىكەن. ۋەتەندىن ئەكەلگەن ئۇيغۇرچە كىتاپلار بالامغا ئاللىقاچان يادا بولۇپ كەتتى. ئېنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بەرمەي ئامال يوق. قىزىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزنى ئۆلچەملىك ئۆگەنگەچكە بەزىدە مېنىڭ تەلەپپۇزۇمنى چۈشەنمەي سوراپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇمۇ ياخشى بولدى، ئېنگىلىزچىنى ئۆزلۈگۈمدىن ئۆگۈنۈپ خاتا تەلەپپۇز قىلىۋالغان بەزى سۆزلەرنى تۈزۈتىۋالدىم. ھەمدە شۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى قىزىمدىن سوراپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىۋالدىم. يەسلىدە بالىلارغا كىتاپ ئوقۇغاندا بىر ئوقۇتقۇچى كىتاپ ئوقۇسا قالغان ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئارىسىدا  ئولتۇرۇپ بىللە ئاڭلايدىكەن ۋە ۋەقەگە ماس ئاۋاز ۋە ھەركەتلەرنى چىقىرىپ تىياتىر كەيپىياتى يارىتىدىكەن. قىزىمغا بۇ بەك ياراپ كەتكەن بولسا كېرەك، كىتاپ ئوقۇتۇش جەريانىدا مېنى دوراتمىغان ھايۋان قالمىدى. كىتاپ ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى پات پات سۇئال سورايدىكەن ۋە بالىلارنىمۇ سوراشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن. ھەتتا بالىلاردىن كېيىنكى ۋەقەلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى سورايدىكەن. مەن بۇلارنى بىلمىگەچكە قىزىمدىن تولا تەنقىد يەپ كەتتىم. بىر بولسا سۇئال سوراشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم، يەنە بىر بولسا ئويۇن كۆرسىتىشنى. ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىنى پەرەز قىدۇرۇشنى تېخى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بولالمىدىم. بالامغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋېتىپ خىيالىم بالىلىرى خەنسۇچە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كەتتى. شۇ ناتىۋانلارنىڭ بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى، ياكى بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇتۇپ ئاڭلىيالمايدىغانلىقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى. ئۇلارنىڭ خەنسۇچە بىلمىگەنلىكتىن بالىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى چۈشىنەلمەي، تاپشۇرۇقلىرىنى چۈشەندۈرەلمەي قىينىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئېزىلىپ كەتتىم. يات تىلدىكى تەربىيەدە چوڭ بولغان بالىلار مەكتەپتە بىلگەن بىلىملىرىنى ئاتا ئانىسىغا زوق شوقى بىلەن سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۆز بىلىمىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەمنۇن قىلغاندىكى خۇشاللىقتىن بەھىر ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالغان بىلىملىرى كىتاپتىن، ئېشىپ مەكتەپنىڭ قورۇسىدىن چىقالمايدۇ. دەرسخانىدا ئالغان بىلىم ئۆيدە كېرەكسىز، ئېتىزدا پايدىسىز، مەھەللىدە خېرىدارسىز قالىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە بىلىدىغانلىقىنى مەھەللە-كوي، قوشنا-قولۇم بىلمەيدۇ، سورىغان تەقدىردىمۇ يات تىلدا ئوقۇغان بۇ بالىلار چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بىلىم نومۇرغا ۋە تەقدىرنامىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە پەقەت نومۇرى بىلەنلا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى نومۇرى بىلەنلا رازى قىلىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا، قەۋم-قېرىنداشلىرىغا جەمئىيەتنى، تەبىئىيەتنى، ئىنساننىڭ نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمىگەن بۇ بالىلارنىڭ نەتىجىسى، ئىستىقبالى قانچىلىك بولماقچى؟ كېينچە نومۇر ئەمەس پەزىلەت ۋە ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان رىقابەت دۇنياسىدا قانچىلىك رىسىققا ئېرىشمەكچى؟...  بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش دېگەنلىك مېھىر سىڭدۈرۈش دېگەنلىكتۇر، بالىغا مەدەنىيىتىمىزنىغۇ سىڭدۈرۈشكە چارىسىز قالدۇق، ئەمدى مىھرىمىزنىمۇ سىڭدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىزمۇ؟ بوۋىمىز ئەتىۋارلاپ ساقلىغان، غۇرۇرلۇنۇپ ئوقۇغان كىتابنى، ئانىمىز تەۋەرۈك بىلىپ ساقلىغان خاتىرىنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش پۇرسىتىمىز بولمىسا، بىلمىگەننى ئانا تىلدا سوراپ، بىلگەننى ئۆز تىلدا ئۆگىتەلمىسەك بالىمىزنى كىم ئۈچۈن بېقىۋاتقاندىمىز؟ بالامنىڭ "دەدى" دېگەن ئېنگىلىزچە چاقىرىشى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. "دادا دەڭە بىر ئۇيغۇرچە، مەن ئېنگىلىزنىڭ دادىسى ئەمەس!" دېدىم قوپاللا.
قىزىم نېمىشقا سازاڭنى ئوت-يالقۇن يەيدۇ، دەپ چۈشىنىپ قالدى؟ چۈنكى يەسلىدە ئىنگىلىزچە تەربىيە ئالىدىغان قىزىم دۇنيانى شۇ تىلدا تەسۋىرلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. قىزىم ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ئىنگىلىزچىدە بىرگە بىر تەڭدىشى بولغان سۆزلەرنى خاتاسىز ئاڭقىرالايدۇ. كۆپ مەنىلىك، ھىسسىي ۋە كۆچمە مەنىلىك ئىبارىلەرنى مۇجىمەل چۈشىنىپ قالىدۇ، ياكى ئىگىلىيەلمەيدۇ. ھەرقانداق تىلدا بىرگە بىر تەڭدىش تېپىلىدىغان سۆزلەر كۆپىنچە تۇرمۇش سۆزلىرى بولۇپ ئىنساننىڭ روھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ سۆزلەر قايسى تىلدا دېيىلسە مەنە ئالمىشىپ كەتمەيدۇ، خاتا چۈشىنىلمەيدۇ. بىز ئانا تىلىمىزدىكى قىزىمىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، قىزىمىز ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، دېگىنىمىز بىلەن بالىمىز گەپلىرىمىز ئىچىدىكى ئۆزى پىششىق تىلدا مەۋجۇد بولغان ئۇقۇملارنىلا مىڭىسىدە تەرجىمە قىلىپ قوبۇل قىلىۋالىدۇ ۋە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. تەرجىمە قىلالمىغانلىرىنى رەت قىلىدۇ ياكى ئۇنۇتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيتىگە يەنى ئىتىقادى، گۈزەللىك قارىشى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلى...قاتارلىق تەرەپلەرگە دائىر سۆزلەرنى ئادەتتە بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلغىنى بولمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزگە مۇنداق سۆزلەرنى ئۆگەنمەك، سۆزلىمەك تەس بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن شۇ سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىلەرگە ئۇيغۇن ياشاشىنى تەلەپ قىلماق بالىغا ئەقلى ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بىز ئۇيغۇرچە ياشاۋاتقان دۇنياغا كىرىدىغان ئاچقۇچ- ئانا تىلدىن مەھرۇم. قايسى تىلدا ھوزۇر ئالساق شۇ تىلنىڭ شەيدالىرىغا ئايلىنىمىز، شۇ تىل ھەقدارلىرىنىڭ خېرىدارلىرى، سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ قالىمىز. بىزنىڭ خوجايىنلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىز، غۇرۇرىمىز ئانا تىل بىلەن قاشالانغان دۇنيادا تاشلىنىپ قالغان بولىدۇ. بالامنىڭ تىلى ئېنگىلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىك، ئۇنىڭ دۇنياسى ئېنگىلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بالامنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزچە يارالغان دۇنيادا مۇقام بولمايدۇ، مەسجىد بولمايدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئەكسىچە شېكىسپىر، چىركاۋ، جەز مۇزىكىسى، ئامېرىكا ئايدوللىرى-داڭدارلىرى...بولىدۇ. بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئەتلەس، ئاڭلىساقلا ھاياجانغا سالىدىغان تەمبۇر، قانچە كەزسەك ھارمايدىغان بازار- رەستىلەر قىزىمغا بىر قېتىملىق ساياھەت ئۈچۈن قىزىقارلىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. بەزىدە دېمىغىمغا شۇنداق بىر شۇملۇق پۇراپ كېتىدۇ. بالامنىڭ ئامېرىكىدا ئىنگىلىزچە، جۇڭگۇدا خەنسۇچە يارىلىدىغان دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە تونۇم بىلەن مەتۇ كۆرۈنۈپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن.

gulsima 2011-05-16 12:19
مىنىڭ 4 ياشقا كىرگەن نەۋرە سىڭىلم يىزىلىق ئۇيغۇر يەسلىسىدە ئوقىيدۇ . سىڭىلىم بىر كۈنى يشىل ھەم سىرىق رەڭدە كىيىم كىيىۋاپتۇ . بۈگۈن ئەجەپ يىشىل ،سىرىق كىيىم كىيىۋاپسەن ھەم يارشىپتۇ دىسىەم . نىمە گەپ بۇ  يىشىل  سىرىق  دىگەن دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئانىسى خەنزۇچە دەپ بەرسە چۈشەندى .  يەنە بىر قىتىم  ئانىسىنى  ئاپا دەپ چاقىرىۋاتىدۇ . شۇنداق ئاچچىغىم  كىلىپ  ئۇنىڭغا  خاپا بولۇپ ئانا دەپ چاقىر ،يەنە ئاپا دەپ چاقىرساڭ خاپا بولىمەن دىسەم شۇنىڭ بىلەن ئانا دەپ چاقىرىدۇ . يەنە  5 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىنى ئاتا - ئانىسى  مەكتەپ قارىسىنى كۆرسەتمەپتۇ  ئۇ بالىنىڭ ئاغىزىدىن چىققان گەپلىرىگە بىر ئاسپىرانتلىقتائوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا تەڭ كىلەلمەيدۇ .  ئۇ بالىنى ئاتا - ئانىسى بىر قول تەربىلىگەن  بالا ئىكەن  ئۇ بالىدىن باشقىلار گەپ سورسا  مەن ئەقلىمگە كەلسەم مەن مۇشۇنداقكەنمەن جاۋاپ بىردىكەن باشقىلارغا .......ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرمۇ يەسىلى تەربىسى ئالغان ئەمەس  .
بىز ئۇيغۇر قىزلىرى توي قىلىشىنىڭ كويدىدا بولماي كەلگۈسىدە مەن قانداق ئانا بولىمەن شۇنى ئويلىنىپ بىقىپ ئاندىن توي قىلساق قىزلارغا 72 كى ھۈنەرمۇ ئاز كىلىدۇ .

nurkizi 2011-05-17 12:06
     ھەر قېتىم مۇشۇنداق يازمىلارنى ئۇقىسام بالام ئۈچۈن ھېچبىر ئەجىر سىڭدۇرەلمىگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىمەن،بۇرۇنمۇ ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ بالىلارنى ئانا تىلىدا تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىغى تەكىتلىنىدىغان ماقالىلىرىنى ئوقۇسام شۇنداق تۇيغۇغا كىلەتتىم،بالام كىچىگىدىنلا خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇغان لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئانا تىلنىڭ مۇھىملىغىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدىم ھەم ئانا تىلىمىزدىكى ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان ھىس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان سۈزلەرنىڭ مەنىسىنى ،ئىشلىتىلىشىنى قايتا-قايتا ئۈگىتىپ كەلدىم بالام ھازىر ئۇيغۇرچىغا خەنزۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمەيدۇ،بەزىدە مەن تىزلا شۇنداق گەپ قىلىپ سالسام ئانا خۇيزۇدەك گەپ قىلماڭ دەپ تۈزىتىپ قويىدۇ،لېكىن بالىلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە،گەپ سۆزىگە دىققەت قىلىپ ئۇلارنى توغرا يىتەكلەشـتە مەن ھېچنىمە قىلماپتىمەن دىسەممۇ بولىدۇ.بۇنىڭدىن كىيىن بالامغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجراتسام بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم،بىراق شۇ تىرىكچىلىكنىڭ غېمى قاچان تۈگەيدىكىن؟

sunflower2 2011-05-17 12:37
ھەر قىتىم مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرگىنىمدە مەن قانداق ئانا بولارمەن،مىنىڭ ئەشۇ كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرمايدىغان ،ئانا تىلىمىزۋە مىللى تارىخ مەدەنىيەتلىرىمىز ھەققىدە تونۇشى بولمىغان ئەشۇ دوسلۇرۇم قانداقراق ئانا بولار؟؟ دىگەنلەرنى ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە  ئويلاپ كىتىمەن....

husniya 2011-05-17 18:41
گۈلەن ەپەندىم
الدى بىلەن ىملا خاتالىقىمدىن كەچۈرۇم سورايمەن.(يېڭىدىن ۈگىنۋاتاتتىم) سىزنىڭ بالا تەربىيىەسىىىدە چوڭقۇر ىزدەنگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم. ەمما تۈۋەندىكى خۇلاسە سۈزىڭىز مىنى سەل ويلاندۇرۇپ قويدى.
"بالامنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزچە يارالغان دۇنيادا مۇقام بولمايدۇ، مەسجىد بولمايدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئەكسىچە شېكىسپىر، چىركاۋ، جەز مۇزىكىسى، ئامېرىكا ئايدوللىرى-داڭدارلىرى...بولىدۇ."
بۇ سۈزىڭىزنىڭ اساسى يوق ەمەس. بەلكىم سىز دىگەندەك بولىشى مۇمكىن.
بىر جۈمە كۈنى ۈيدىكىلەر مەسجىدكە بارغان ىدۇق.تۈت ياشلىق جىيەنىم اۋاز ياڭراتقۇدىن چىققان قۇتبە سۈزىنى اڭلاپ ېنەىلىسچە"ھەدە، بۇ نىمە شاۋقۇن اۋاز؟" دىۋىدى، مەن ۇيغۇرچە" قىزىم، جىم ولتۇرۇپ اڭلاڭ" دىيەلىدىم پەس اۋازدا. بىر دەمدىن كېيىن بىر موماي نەۋرىسىنى ېلىپ كىرىپ كەلدى، ۋە دەل مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ سومكىسىنى قويدى دە، ىككى راكەت نامازغا تۇردى. ۇ موماينىڭ نەۋرىسى 2-3 ياشلار ەتراپىدا بولۇپ، مۇمىسىغا ەگىشىپ ناماز ۈتەۋاتاتتى. كۈڭلۇمدە، شۇنداق سۇيۈنۇپ كەتتىم بۇ قىزدىن، ۋە جىيەنىمنىڭ بايا دىگەن سۈزىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ، ۇنى پات پات مەسجىدكە ەكىلىپ تۇرۇش كېرەككەن دەپ ويلىدىم.
نىمە دىمەكچى بولغانلىغىمنى چوقۇم ويلاپ يەتتىڭىز.

huxrui 2011-05-17 19:35
مەن بۇ تىمىنى ئۇقۇپ خېلى كۆ پ نەرسىنى ئۆ گەنگەندەك بولدۇم ، ئوغلۇمنى قانداق تەربىلەش مەسلىسدە باش قاتۇرشىمىز كېرەكلىنى بىلگەندەك بولدۇم. مىنىڭ ئوغلۇممۇ خەنزۇ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقدا ئۇقۇيدۇ، بەزى ئويغۇرچە ئاتالغۇلارنى خەنزۇچە تەرجىمە قلىپ بەرگەندىن كېيىن چۈشىندۇ.

engineer 2011-05-18 01:49
گۇلەن ئەپەندىم ئۇتتۇرىغا قويغان مەسىلە چەتئەلدىكى ئاتا-ئانىلار ئومۇميۇزلۇك يولىقىۋاتقان مەسىلە. ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك. مېنىڭمۇ ئۇچ ياشقا كىرگەن ئوغلۇم يەسلىدە ئېنگىلىسچە تىلى چىقىپ بىزنى بەك بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ئانا تىلنى قوغداشقا كوپرەك كۇچ چىقارمىساق بولمىغۇدەك.  

tunji 2011-05-18 02:16
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىhusniya يوللىغان 2011-05-17 18:41 غا قارتىلغان  :
گۈلەن ەپەندىم
الدى بىلەن ىملا خاتالىقىمدىن كەچۈرۇم سورايمەن.(يېڭىدىن ۈگىنۋاتاتتىم) سىزنىڭ بالا تەربىيىەسىىىدە چوڭقۇر ىزدەنگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم. ەمما تۈۋەندىكى خۇلاسە سۈزىڭىز مىنى سەل ويلاندۇرۇپ قويدى.
"بالامنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزچە يارالغان دۇنيادا مۇقام بولمايدۇ، مەسجىد بولمايدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئەكسىچە شېكىسپىر، چىركاۋ، جەز مۇزىكىسى، ئامېرىكا ئايدوللىرى-داڭدارلىرى...بولىدۇ."
بۇ سۈزىڭىزنىڭ اساسى يوق ەمەس. بەلكىم سىز دىگەندەك بولىشى مۇمكىن.
بىر جۈمە كۈنى ۈيدىكىلەر مەسجىدكە بارغان ىدۇق.تۈت ياشلىق جىيەنىم اۋاز ياڭراتقۇدىن چىققان قۇتبە سۈزىنى اڭلاپ ېنەىلىسچە"ھەدە، بۇ نىمە شاۋقۇن اۋاز؟" دىۋىدى، مەن ۇيغۇرچە" قىزىم، جىم ولتۇرۇپ اڭلاڭ" دىيەلىدىم پەس اۋازدا. بىر دەمدىن كېيىن بىر موماي نەۋرىسىنى ېلىپ كىرىپ كەلدى، ۋە دەل مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ سومكىسىنى قويدى دە، ىككى راكەت نامازغا تۇردى. ۇ موماينىڭ نەۋرىسى 2-3 ياشلار ەتراپىدا بولۇپ، مۇمىسىغا ەگىشىپ ناماز ۈتەۋاتاتتى. كۈڭلۇمدە، شۇنداق سۇيۈنۇپ كەتتىم بۇ قىزدىن، ۋە جىيەنىمنىڭ بايا دىگەن سۈزىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ، ۇنى پات پات مەسجىدكە ەكىلىپ تۇرۇش كېرەككەن دەپ ويلىدىم.
.......


جەننەت ئانىنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا، دېمەك ئاتا-ئانا بالىنى قانداق تەربىيەلىسە شۇنداق بولىدۇ

vmid219 2011-05-18 02:19
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بىركۈنى ئوكۇل ئۇرغۇزغىلى دوختۇرخانىغا كىرسەم، بىزنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىمىز  قىزىنى دوختۇرخانىغا ئەكىرىپتۇ، قىزى ئۇيغۇرچە دېگەننى چورت بىلمەيدىكەن،مۇئەللىمغۇ مىنكاۋخەنتى.  بىردەمدىن كېيىن، يەنە بىر مۇئەللىم"قىزىڭىزنىڭ خەنزۇچە تىلى چىقىپتۇ،ھە'دېسە، تارىخ مۇئەللىم"ھە ئە'دەپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ كەتكەن، توۋا دەپ قالغانتىم مەن. ئۇ قىز ھەتتا"دادا'نىمۇ دىيەلمەي'با با'دەپ چاقىرسا،مۇئەللىممۇ'دادا دەڭ قىزىم'دېمەي، تەڭ خەنزۇچە سۆزلەۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدە ھالىمىز بۇ تۇرسا، چەتئەللەردىكى بالىلاردىن ئاغرىنغۇلۇقمۇ ئەمدى؟ ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
  مېنىڭ بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ئوغلۇم "ئا"دەپ ئۆگەتسەم،"ئەي'دەپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ، بىزغۇ دۆلەت ئىچىدە،ئۇيغۇر جىق يەردە ياشايمىز بولمىسا يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ ئانچە-مۇنچە دىيىشىپ قويغان ئېگلىزچە گەپلىرىمىز بالىغا تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ دەپ،ھازىر تىپىك ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان بوپ كەتتۇق.

lawrence 2011-05-18 10:59
   بىزنىڭ خوشنىلارنىڭ ئوغلى بۇ يىل 15 ياش، ئاتا- ئانىسى ئوغلىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە مەكتەپكە  بەرمەي خەنزۇچە  مەكتەپكە  بەرگەن ، ھەي مۇشۇ  بالىسى  قانداق  بولار  دىگەنتىم ، يىللارنىڭ  ئۆتىشى  بىلەن  مەن  بۇ  بالىنىڭ  ئېغىزىدىن  كۆرۈشكەن ياكى  ئاغىنىلىرى  بىلەن ئويناپ  يۈرگەن  ۋاقىتلىرىدا بىرەر  ئېغىز  خەنزۇچە  گەپ  ئاڭلاپ  باقمىدىم ، ئۇيغۇرچىنى  بەك  ئۆلچەملىك  سۆزلەيدۇ ، ئۇ ئوقۇيدىغان  تولۇقسىز  3- يىللىق پۈتتۈرۈش  يىللىغىدا 800گە يېقىن ئوقۇغۇچى  ئوقۇيدىكەن ، ئۇلار  بۇ  بالىسىغا  كىچىكىدىن  ئېنگىلىسچە ئۈگىتىپ  يۈرەتتى ، كېيىن  تەتىل  ۋاقىتلىرى  ئۈرۈمچىدىكى  ئاتلان دىگەن تىل  تەربىيەلەش  مەركىزىگە ئاپىرىپ  بېرىپ  يۈردى ، ھازىر ئېنگىلىس  تىلىنى  راۋان سۆزلەيدىكەن ، مەكتىۋىدىكى چەتئەللىك  ئوقۇتقۇچى  بىلەن  راۋان  سۆزلىشەلەيدىغان بىردىن -بىر ئوقۇغۇچى  ئىمىش ، ئېنگىلىس  تىلى  نەتىجىسىمۇ  ئىزچىل  ھالدا  800بالىنىڭ ئىچىدە 1- بولۇپ  كېلىۋېتىپتۇ ، خەنزۇچە تىلى ئەدىبىياتى نەتىجىسى سىنىپى  بويىچە  2- ئىكەن ، باشقا  پەنلەرنى  قوشقاندا ئۇنۋېرسال  نەتىجىسى 800بالىنىڭ  ئىچىدە 100-نىڭ  ئىچىدە ئوقۇيدىكەن ، گەرچە  ئەڭ  ئالدىنقى  قاتاردا ئوقۇمىسىمۇ  لېكىن بۇ 3 خىل  تىلدا خۇددى  ھەممىسى  ئانا  تىلىدەك  سۆزلەيدىكەن ئۇ دەرستىن  سىرت گىتتار ئۈگىنىدىكەن، ئۇنىڭ  دىيىشىچە ئەگەر پۈتۈن  زېھنىنى ئۈگىنىشكىلا  ئۇرسا  چوقۇم  مەكتىۋى بويىچە  ئەڭ  ئالدىنقى  قاتاردا  ئوقىيالايدىكەن ، لېكىن  ئۇنىڭ  دىيىشىچە ئادەم  ئۈگىنىشتىن باشقا  ھەرخىل  نەرسىلەرنىمۇ  ۋاقىت  چىقىرىپ  ئۈگىنىپ  قويىشى كېرەك  ئىكەن .
  بۇ  بالىنىڭ  ئاتا- ئانىسى  تەقۋادار كىشىلەر  بولغاچقا  ئوتتۇرا  مەكتەپكە  چىققاندا دىنىي بىلىملەرنى  ئۆيىدە ئۈگىنىپ  ھازىر  5ۋاقىت  ناماز  ئۆتەيدىكەن ، ساۋاقداشلىرى  ئارىسىدا  تاماكا چېكىشنى  ئۈگەنگەن  ياكى  باشقا  خىل  ياخشى  ئەمەس  ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان بالىلارغا تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  يېقىنلىشىپ  ناچار  ئىللەتلىرىنى  تۈزىتىۋېلىشىغا  ياردەم  قىلىدىكەن . بۇ  بالا  ئادەتتە ئەدەپ- ئەخلاقلىق  بولغاچقا ، ئادەتتە  مەكتىۋىدىكى ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلىرى  بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزارا قول ئېلىشىپ  كۆرىشىدىغان  بولغاچقا ، ئالدى  بىلەن  سىنىپىدىكى  خەنزۇ  ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن  قول  ئېلىشىپ  كۆرۈشۈشنى  ئۈگىنىپتۇ ، بارا-بارا ھازىر شۇ يىللىقتىكى  خەنزۇ  بالىلىرى  ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلىرىغا  ئوخشاش  قول  ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۇسۇلىنى  ئومۇمىلاشتۇرۇپتۇ...
  بۇ خوشنىمىزنىڭ  بالىسى ئېنگىلىس  تىلىدا ياخشى  بولغاچقا تولۇق  ئوتتۇرىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئەنگىلىيەنىڭ A-LEWEL دىپلومىنى  ئېلىش مەكتىۋىدە 3 يىل ئوقۇپ  كېيىنكى  ئالى مەكتەپ ئوقۇشىنى  بىۋاستە  چەتئەلدە  ئوقارمىش، ئۇ مۇشۇ  تەتىلدىن  باشلاپ  ئەرەپ تىلىنى  ئۈگىنىشكە باشلايدىكەن ... ئىنشائاللا بۇ  بالىنىڭ  ئارزۇسىغا  يېتىشىنى تىلەيمەن .

   دىمەك ، پەرزەنت تەربىيەلەش  ئاتا- ئانا  تۇتقان  دۇنيا قاراش، قىممەت  قاراش  بىلەن بىۋاستە  زىچ  مۇناسىۋەتلىك  ئىكەن . ئاتا- ئانا  قانداق  بولسا 85% پەرزەنت ئاساسىي  جەھەتتىن  شۇنداق  بولۇپ  چىقىشى  مۈمكىن ، چۈنكى  365 كۈن  پەرزەنت  مۇھىتىدا ئەڭ  مۇھىم  ئۈلگە بولىدىغىنى شۇ  ئاتا- ئانا  ئەمەسمۇ...

0998waris 2011-05-18 14:23
شەھەرلەردە ،يېزىلاردا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەمدىلا تىلى چىقىش ئالدىدىكى بالىلىرىغا  خوشلاشماقچى بولغان ئادىمىگە قارىتىپ بالام بەي-بەي دە دىگەنلىرىنى پات-پات ئۇچىرتپ قالىمەن.بۇنداق چاغدا شۇنداق ئاتا-ئانىلارغا كايىغىم كىلىپ كىتىدۇ.چەتئەللەردە،غەيرى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بۇئەھۋاللارنى يات مىللەتلەر نىڭ تەسىرىگە ئۇچراش،ئاسمىلاتسىيە سەۋبىدىن دىسەكمۇ  يىزلاردا تۇلۇق ئۇيغۇر مۇھىتى ،شارئىتى ئاستىدا ياشايدىغان كىشىلەر تۇپى ئارىسىدىمۇ يۇقارقى ئەھۋاللار  مەۋجۇت.بۇنى نادانلىق ،بىلىمسىزلىك، ئىتىقاتسىزلىق ياتلارنى چوڭ كۈرۇش پىسخىكىسى  سەۋەبىدىن دەپ چۇشىنىشكە بۇلىدۇ.
گۇلەن  ئەپەندىم ئوتۇرغا قويغان مەسلىنى ھەربىر ئۇيغۇر بولغۇچى جىددى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.

tayanqimbar 2011-05-18 14:50
        بالىلارنىڭ كۆپ تىللىق بولۇشقا قەدەم تاشلىشى قوللاشقا تېگىشلىك ئىش،ئەمما،ئانا تىلىدىن تېنىپ كېتىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى دائىرىسىدىكى مەسىلە.

gulqinay 2011-05-18 15:36
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى قاچان چىقار؟ مەن ئوقۇشقا بەكلا تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن. دېمىسىمۇ ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى مەكتەپ بالىلىرىغۇ مەيلى، ھەتتا يېشى چوڭىيىپ قالغان بەزى ئاتا-ئانىلار مەمنۇنلۇق ئىلىكىدە خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ يۈرۈيدىكەن. ئۇلارنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلىنىپ كېتىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى ياخشى ئىش دەپ ئويلامدىكىنە!

Murat 2011-05-18 17:03
گۈلەن ئەپەندىنىڭ ھەر بىر يازمىسىنى ئوقۇسام كاللامدا نۇرغۇن سوئال ۋە ئەنسىرەشلەر پەيدا بولىدۇ.....قوش تىل مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىشى بىلەن،ھازىرقى كىچىك باللىلارنىڭ تەپەككۇر يولى،چۈشىنىش ئىقتىدارى ھەممىسى ئەبجەشلىشىپ كەتتى،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار تېخىمۇ يامانلىققا قاراپ يۈزلىنىشى ئېنىق...ئاتا-ئانا بولغۇچى ھوشيار تۇرۇپ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالمىسا،كەلگۈسىدە شۇ بالىلارمۇ ئاتا-ئانا بولىدۇ....ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان باللىلارنىڭ قانداق ھالەتتە بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن قورقىمەن...............

tiltumar 2011-05-18 17:08
بىزنىڭ بىنادا مىنى قۇشقاندا ئىككى ئۇيغۇر بار. 2-قەۋەتتىكى خوشنام ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلماقچى بولغان. ئەتىسى چۈشكە يىقىن بىنانىڭ ئالدىدا بىر توپ خەنزۇلار ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىشىپ كەتكەندەك بولدى. دەرىزىدىن بىشىمنى چىقىرىپ قارىسام ، خوشنامنىڭ  ئۆيىگە كەلگەن  ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ باللىرى ئىكەن. ھەممىسى خەنزۇچە ئوقىغان باللار بولغاچقا،شۇنداق چۇقۇرشۇپ كىتىپتۇ.
بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىقى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇردىغان مەھەلىلەردىكى تويلارغا سىلىشتۇرغاندا ، بۇ توينىڭ بىرنىمىسىنىڭ كەملىگى ئاز بولۇپ  قالغاندەك، ما بالىلارنىڭ..............

sabira111 2011-05-18 22:21
مۇنبەردىكى تىما ئىگىسى گۇلەن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت. باشقا قىرىنداشلارمۇ شۇنداق ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپسىلەر ،مەن ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەردىكى گۇلەن ئەپەندىمنىڭ تىمىسى ۋە ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئىنكاسلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، بۇ تىمىنى كۆرۇپ مىنىڭمۇ بىرنەچچە ئىغىز سۆز قىستۇرۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ.مەنمۇبىر پەرزەنت تەربىيسى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرسى،مىنىڭچە كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئۇلارنىڭ كىلەچىكىنى كۆرۇپ يىتىش ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى بولمىش ئاتا-ئانىلارغا نامەلۇم بولمىسا كىرەك ئەلۋەتتە.   توغرا! ئۇلارغا زامانىۋىلىق ۋە ئىلغار مەدەنىيەت ئۇگۇتۇلىۋاتىدۇ! ئۇلار زامانغا لايىق ياراملىق ئەۋلات قىلىپ يىتىشتۈرۈلۈپ قاتارغا قوشۇلماقتا. كۆپلەپ مەدەنى بىلىم بىرىلىپ ئۇلارنىڭ قورسىقى بىلىمگە شۇ قەدەر توشۇپ كەتتىكى  ، ھەتتاكى بىچارە ئانىلارنىڭ  ،ئاتىلارنىڭ بىر ئىغىز نەسىھەتىنى ئاڭلاشقا بوشلۇق يوق.! بالىلىرىمىز ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جان بىقىشنى ئەمەس ،  ئاتا ئانىلارغا <<نو !!>>دىيىشنى ،گەرپچە تاماقخانىلاردا تاماق قىممەت باھالىق تاماقلارنى يىيىشنى،پادىچى ئىشتان كىيىشنى،ئىنگىلىسلاردىن ئالبىرت.ئىينىشتىيىننى ئەمەس تولغىما ئۇسۇل چولپانلىرى ۋە ناخشا چولپانلىرىنى (قايسى كۈنى توردا  8-9 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ <<ۋاكا-ۋاكا>>دەپ بىر ناخشىنى تولۇق تىكىستى بىلەن دوراپ ئوقۇغان كۆرۇنىشىنى كۆرگەن ئىدىم.) دوراشنى ئۈگەندى. يەنە قايسى  تىللارنى ئۈگۈنۈپ قايسى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلاركىن ؟ بۇنىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. تەكلىماكاننىڭ تۆرىدىكى نارەسىدە يەسلى بالىلىرىمۇ مۇئەللىمنى <<لاۋشى>>دەپ چاقىرىدۇ.بىرقىتىم يىراق يىزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدىم ئۇلارنىڭ 6ياشلىق بالىسى  كىتاپتىكى سۇرەتلەرنى قارىسىغا توغرا بولمىغان تەلەپپۇز بىلەن خەنزۇچە ئوقۇغىلى تۇردى ،مەن ئۇنىڭغا خاتا ئوقۇدۇڭ ، ئۇنداق ئەمەس مانا مۇنداق دەيسەن دىسەم ئۇ ماڭا بىزنىڭ لاۋشى شۇنداق ئۇگەتكەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مىنىڭ4 ياشقا كىرگەن  ئوغلۇم ئۇيغۇرچەژۇرنالدىن بىرنى ئىلىپ ئوقۇپ بىرىۋىدى ئۇ بالا بۇ قانداق كىتاپ ؟ سەن قانداق مەكتەپتە ئوقۇيسەن ؟....؟   دىگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى . بۇ توغرىسىدىكى مىساللارنى دەيدىغان بولساق بۇنداق  مىساللار نۇرغۇن .قىسقىسى ،پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان  ئاتا-ئانىلار  بىز ھەرۋاقىت بالىلىرىمىزغا بولغان تەربىيىنى توختىتىپ قويمىساق ۋە ئۇلارغا مەكتەپتىن ئۇگۇنەلمەيدىغان بىلىملەرنى ئائىلىدە چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلىسەك قەتئى بوشاشتۇرۇپ قۇيمىساق بولغۇدەك .گۇلەن ئەپەندىنىڭ بۇتىمىسى بىزنى بۇھەقتە يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر ئويلاندۇرغۇسى .

laili3 2011-05-19 01:16
بۇ ھەر بىر ئاتا-ئانىلا ئەمەس، ھەر بىر ئۇيغۇر ئويلىنىشقا، كۈچ سەرپ قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە، نادانلىق ،بىلىمسىزلىك، ئىتىقاتسىزلىق، ياتلارنى چوڭ كۈرۇش پىسخىكىسى سەۋەبىدىن ئۆز تىلىدىن تېنىپ كىتىۋاتقانلار قانچىلىك، ھازىر دىيارىمىزدا خەنزۇۋان ياكى خەنزۇتىلى سەۋىيىسى يۇقىرى بولغانلارنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان بولىۋاتىدۇ، ھەر قانچە يۇقىرى بىلىمىڭىز بولغان بىلەن خەنزۇچە بىلمىسىڭىز  ھىچنىمىگە ھىساپ ئەمەس دەپ قارىلىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەن ياخشى، كىيىن نان تېپىپ يىيىشى ئاسان بولىدۇ دىگەن كۆز قاراش مەۋجۇت، جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشى شۇ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئاكامنىڭ قىزى بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە، ئۇلار ئەزەلدىن بالىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، مەن جىيەن قىزىمغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ئەپلەپ ئوقۇيالايدۇ، ھەم ئاددى سۆزلەرنى يازالايدۇ، بىراق مەكتەپتە ئۆگىنىۋاتقان نەرسىلىرى خەنزۇچە بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ،  ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەنمۇ خەنزۇچە پاراڭلىشىدۇ، ئاڭلاپلا قالسام خاپا بولىمەن، ئانا تىل دىگەن نىمە؟  ئانا تىل دىگەن ئانىدەكلا مۇھىم، ئۇيغۇرچە بىلمىسىڭىز، سىز قانداقمۇ ئۇيغۇر قىزى ھىسابلىنىسىز؟ سىز خەنزۇ قىزىمۇ يە؟ دەپ سوراپ قويىمەن، ئاستا-ئاستا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىۋاتىمەن، بىراق گۈلەن ئەپەندى دىگەندەك سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى بەك كۈچلۈك بولىدىكەن، ئۇ تەسىرلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا تەجرىبەممۇ يوق، تاپشۇرۇقلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەتتىكى كۈنلەردە ئۇنى ئۇيغۇرچە ئۆگەن دىيەلمەيمەن، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن كىچىك قىزچاققا مەكتەپتىكى تاپشۇرۇقلارنىڭ بېسىمىمۇ ئېغىر كېلىدىكەن، تاپشۇرۇق ئىشلەپ كەچ سائەت 10، 11 لەردە ئاران ئۇخلايدۇ، ئەتىگەندە تېخى كۆزىنى ئاچالمايۋاتقان، ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزىمىزگە ئېچىنىمەن، بىز نىمىگە ھىساب، بىزنىڭ بىزدىن كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى كەلگۈسى نىمە بولار؟ ئامرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ تەقدىرى راستىنلا بىزنىڭ كىيىنكى تەقدىرىمىز بولۇپ قالارمۇ؟ ئاللاھ ئىگەم مەدەت بەرگەيسەن، توغرا يولغا باشلىغايسەن!

laili3 2011-05-19 01:25
ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان، بىلىملىك بىر خىزمەتدىشىمنىڭ قىزى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ  ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىدى، ئۇ خىزمەتدىشىم :"پۇل خەجلەپ، يول مېڭىپ بولسىمۇ، قىزىمنى شىخەنزىگە ئۆتكۈزىمەن، ئۇ يەردە ئوقۇسا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى ئاسان بولىدۇ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆلۈكى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ياخشى" دەيدۇ، ئەمدىلا 12ياشقا كىرگەن قىزبالا، بىر ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان بىلىملىك ئۇيغۇرۇمنىڭ سۆزى شۇ تۇرسا.... ھەي قالغىنىغا نىمە دەي، كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئانىسى بولىدىغان بىر قىز بالىنىڭ يىتىلىش باسقۇچى، يول كۆرسىتىشكە، ئانا تەربىيىسىگە ئەڭ مۇھتاج چاغلىرىنىڭ بىر ئەركەك، بىر ئاتالمىش بىلىملىك، ئەقىللىق دادا خەقلەرگە تاپشۇرماقچى بولۇۋاتسا قالغانلارغا نىمە دەي!

mehrigiya 2011-05-19 20:31
ظانا تىلىمىزنىڭ  ظذلذغلىغى ، مذقەددەسلىگى ەەر بىرىمىزنىڭ يادىدا تذرذشى،يذرذكىگە ظورنىشى  كىرەك . ظاپتورنىڭ ظذيغذرذم ظذچذن قىلغان ظەجىر -ظەمگەكلىرىگە ظىگىمىز كاتتا ظەجىرلەر بىرەر .
ظاپتورغا ظذزذن ظأمذر ؤە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .

kuwwat 2011-05-23 19:09
ھازىر  بىز ئاتا-ئانا ،كەلگۈسىدە باللىرىمىز ئاتا -ئانا ،پارلاق كەلگۈسنىڭ ئاساسى بۈگۈندە
شۇڭلاشقا ئۆزىمىزدىن باشلاپ ،ئالدىن كۈرەرلىك بىلەن سەبى ئاق ۋاراقلارغا پىلانلىق خەت يازايلى!!!!!! مەسئۇلىيتىمىز ئېغىر.

dilara95518 2011-05-27 15:13
بۇتېما ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن،ئوقۇۋىتىپ كەلگۈسىدە قانداق ئانا بولۇش ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.

xamal903 2011-05-28 18:33
گۈلەن ئەپەندى بۇ تىمىنى بەك ياخشى يېزىپسىز .مەن بىر ئۇيغۇر قىزى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن سىزگە ئاپىرىن  ئېيتىمەن. بارلىك ئۇيغۇر ئاتا ئانىلا سىزدەك بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگۈنۈشىگە تەخىرسىز مۇئامىلە قىلالىغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە!بۇنىڭدىن نەچچە ئاي بۇرۇن خوتەندە مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بولغان مۇنۇ ئىش مىنى بەك گاڭگىرىتىپ تەئەججۈپلۈپلەندۈرۈپ  قويغانىدى،سىزنىڭ بۇئەسىرىڭىز ماڭا خلى ئىشەنچ ئاتا قىلدى. بۇ مۇنداق .ئىش :مەن كىسەل يوقلاش ئۈچۈن بۇ دوىتۇرخانىغا    كىرگىنىمدە بۇ كىسەلخانىدا تۇغقانلادىن باشقا بىرلا بىمار بار ئىكەن قارىماققا شۇنداق بىلىملىك، ئۇچۇق - يۇرۇق كۆرىنىدىغان بۇ بىمار مەندىن نىمىش قىلىدىغانلىقىمنى سوراپ ئوقۇۋاتقانلىقىمنى  ئېيتسام ئۆزىنىڭمۇ بىر قىزىنىڭ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى خەنزۇ تىلىنى ناھايىتى راۋان  خەنزۇدەك سۆزلەيدىغىنىنى ئېيتتى..مەن  نەچچە ۋاقىتتىن بىرى جەمىيەتتىكى  خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغانلىقىغادىىققەت قىلىپ كىلىۋاتقاچقا ئۇنىڭدىن«قىزىڭىز ئۇيغۇر تىلى بىلەمدۇ ؟«دەپ سورىدىم.بۇ ئاكاش پەرۋاسىزلا «ئۇيغۇر تىلىنى خىزمەتكە چىقىپ ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ.ھازىر ئانچە -مۇنچە سۆزلىيەلىگەندىكىن بولدى« دىمەسمۇ بۇ ماڭا شۇنداق ئاچچىق ھاقارەتتەك بىلىنىپ ئارقىدىنلا «ئاكا كىيىن تىلى قېتىپ ياشقا چوڭ بوپ قالسا قانداق ئۆگىنەلە،ئۆگەنسىمۇ بەك كىچىكىپ كەتمەمدۇ؟«دىيىشىمگىلا چىرايى تۈرۈلۈپ ئاچچىقلانغىلى تۇردى.مەن ئارتۇقچە گەپنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى سىزىپ تۇغقىنىمدىن گەپ سورسش باھانىسىدە گەپنى بۇرىۋالدىم.ئەمما مەكتەپ كىلىپمۇ كاللامدىن ئۆتمىدى .ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار ،ئاتا - ئاناڭلار سىلەرگە تەۋەررۈك قىلىپ ئۆگەتكەن ئانا تىلنى پەرزەنتىڭلەرگە ئۆگەتمەي پەرۋاسىز يۈرۈشتىن ئۇيالمامسىلەر؟

orhun_erkisi 2011-06-05 01:19
باش قېتىقلىق...
ئانا تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەۋلات سېتىش يولىغا قىستاۋاتىدۇ.
تىلىمىز ئۆتمە-تۆشۈك، يارا-يېغىر، ئالا-بۇلىماچ. ئاستا-ئاستا بىر بۇلۇڭغا تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. تىل توپىنىڭ دىئامىتىرى بوغۇن-بوغۇن كىچىكلەپ ، ئېنىرگىيەسى خوراپ تۈگەۋاتىدۇ...مىللەت ئەزالىرى قۇتۇپلىشىۋاتىدۇ...
تىلدىن ئايرىلساق ئالتە كۈندە باشقا ھەممىدىن ئايرىلىمىز! ئەمما قانداق قىلىمىز؟ تىلنىڭ ئىگىلىرى قېنى؟!
<<كونترول  يۈز تاختىسى>> دەپ قويساق ئۇيغۇرچە بولدى، كىم ئىشلەتتى؟ بۇرۇن <<شىيۇجىڭجۇيى>> ئىدى، ھازىر <<رېۋىزىئونىزىم>> ئىمىش. بەزىلەرچە خەنزۇچىنى خەتمۇ-خەت تەرجىمە قىلىپ قويسا ياكى يەنە باشقا بىر نىمىچە قىلىپ قويسا تىل ساپلاشقان بولارمىش ۋە مىش!
كۆتە قاسقاننى! بۇنداق رەسمىيەتكە قىلغان پوق تەرجىمىنى 10مىليون ئىنساننىڭ تىلىغا تىقىشما! مىللەتنى تېخىمۇ گاچا قىلىشما!
ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ، مەنىسىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، تىل-تاڭلايلىرىنى زورلىماي تۇرۇپ سۆزلىيەلمىگەن تىلنى ھىچكىم ئىشلەتمەيدۇ!!!
بۇ تىلنىڭ ئېگىسى يوق!
مىلللەت پەن-تېخنىكا تېمىلىرىنى، ئىنسانلىقنىڭ ۋە دۇنيانىڭ يېڭىلىقلىرىنى ئۆز تىلىدا راھەت پاراڭلىشالمىغىچەچوقۇم يات تىلغا مۇراجەت قىلىدۇ.

menekxa 2011-06-09 15:37
بۇ تېما ھەرقانداق ئوقغانلىكى ئادەمنى ئويغا سالدىغان ياخشى تېما ئىكەن. راسىت،ھازىر جەمئىيتىمىزدە بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ، بىز گە دائىم بۇنداق ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇردۇ. ئاكامنىڭ ئوغلى ئەسلىدە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيتى بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن ئاكامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ بالسىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكىۋەتتى، ئاكامغا قانداقسىغا بۇنداق قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭ دەپ سۇرسام "بۇلار دۇست تۇتسىمۇ شۇ مىللەتتىن دۇست تۇتدىكەن، چۈش كۆرسىمۇ شۇلارنى چۈشەيدىكەن،مىجەزىمۇ شۇلارنى تارتىپ قالدىكەن، ئەدەپ-قائىدە ،سالام-سائەتلەردىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ شۇڭا مەكتەپ ئالماشتۇردۇم، بالسىنى مەن بىلەن تەڭ مەكتەپ ئالماشتۇرغاندىن قىرىق نەچچىمىز بار كەنمىز" دىدى. جىيەنىم ئۇيغۇرچە مايمۇن دىگىنى بىلەن مايمۇننىڭ قانداق ھايۋان ياكى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنمۇ بىلمەيتتى تاكى خەنزۇچىسغا بىرەرسىمىز دەپ بەرمىگچە ھازىر خېلىلام يىتشىپ قالدى، ئىنىمدىن ئىماننىڭ پۇچقىنمۇ تاپقىلى بولمايدۇ،ھەي..........
ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يەككە- يىگانە مىھىر-شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھ ھەرقانداق بەندىسنىڭ كۆڭلىگە ئىمان، ئىنساپ بەرسۇن!!!

hayrana 2011-06-11 18:29
بۇ ھەققەتەن مۇنازىرلىشش قىممىتى بار ياخشى تىما ئىكەن ،بۇ مەسلىنى جەميەتكە ئتتىرىپ قويۇش بلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇنىڭغا چوقۇم يەنە كەلگۈسىدە جەمئيەتكە ياخشى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەيدىغان ئوغۇللا ۋە قىزلا ھازىردىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلشى كىرەك ، ئوغۇللا مەسئۇلىيەت ئېڭنى يۇقرى كۆتۈرشى ، ھەممىدىن موھمى قىزلا جەمئيەتتكى تۈگمەس ئويۇن تاماششالارنى يولدا قىلىپ ، ئەزقاتمايدىغان ئولتۇرۇشلادىن ۋاز كىچىپ ، ھازىردىن تارتىپ ئۆزنى تەربىلىشى ، ئانا بولىشقا ساپا ھازىرلشى كىرەك دھپ ئويلايمەن.

sarsan12 2011-06-12 00:17
ئۇز تىلىغا ئۇز ئاتا -ئانا تەربىسىگە نىمە يەتسۇن ، ئاتا -ئانا بالىۋاقىسىغا ھەرگىزمۇ يامان ئىشلارنى ئۇگەتمەيدۇ ئەلۋەتتە.........

abduley 2011-06-12 01:42
بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئاتا-ئانام پەقەت مېنىلا ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇتۇپ باشقا بىر ئىنىم، ئىككى سىڭلىمنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتقان. دادام ئۆيدە داۋاملىق "ئۇ خەقلەر (خەنلەر)نىڭ تىلىدىن باشقا نېمىسىنى ئۆگەنمەيسىلەر!" دەپ تەنبىھ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار باشقا ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقىغان بالىلارغا ئوخشىمايدىغان مىجەزدە يېتىشىپ چىقتى. ئاتا-ئانام ھازىر ئۇلارنى ئىلگىرى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇپ سالغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. ئەمما پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق. ئىنىم 3 قېتىم توي قىلدى. ھازىرقى ئايالى تەقۋادار، ئائىلىسى يامان ئەمەس. يەنە بىر 32 ياشلىق مىنكاۋخەن سىڭلىم مۇھىم بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلىدۇ. نۇرغۇن لايىقلار چىققان بولسىمۇ، "مەڭگۈ توي قىلماي مۇشۇنداق ئۆتىمەن" دەپ بويتاقلىق يولىنى تاللىۋالدى. ئۆيدىكىلەر تويغا بىر ئاز زورلىغاندەك گەپ قىلسا، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە ئىككى كۈن ئۆيگە كەلمەي، ئاتا-ئانامنى ئەنسىرىتپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ گېپىنى گەپ قىلدى. ئانام دادام ھازىر "بۇ قىزىمىز توي قىلمىسا قىلمىسۇن" دەپ كارى يوق.
يەنە بىر 28 ياشلىق ئەڭ كىچىك سىڭلىم توي قىلغىلى يىگىرمە بەش كۈن بولدى، كىيوغلىمىزمۇ يامان ئەمەس يىگىت ئىدى. ئەمما سىڭلىم ھېلىتتىن ئاجرىشىشىنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ.
زادى مۇشۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ سالغانلار غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قالىدىكەن. پەندىيات!

lazna 2011-06-13 12:57
قىزىم ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپتە ،ئۇيغۇر مۇئەللىمدە ئۇقۇدى ،كىيىن چوڭ بولسا باشقىلار خەنزۇچە پاراڭلاشسا قىزىم ئۇيغۇرچە سۆزلىسە .................ھەي............. قانداق قىغىلۇق بۇ ئىشلارنى......................

sapdel 2011-06-16 16:22
تىل  توغرىسىدا ئېتقاندا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى نۇرغۇنلىرىمىز ئانا تىلدا ئوقۇغان بولساقمۇ ئەمما سۆزلەشكەندە بولسا ئوخشاشلا خەنزۇ تىلىنى ئارلاشتۇرۇپ دەيمىز.مەسىلەن: يان تېلفوننى  شوۋجى ؛ ئېن پى ئۈچنى بولسا ئېنپى سەن  دىگەندەك!

sahran 2011-06-30 18:31
نەقىل
بۇ 22قەۋەتتىكىorhun_erkisi يوللىغان 2011-06-05 01:19 غا قارتىلغان  :
باش قېتىقلىق...
ئانا تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەۋلات سېتىش يولىغا قىستاۋاتىدۇ.
تىلىمىز ئۆتمە-تۆشۈك، يارا-يېغىر، ئالا-بۇلىماچ. ئاستا-ئاستا بىر بۇلۇڭغا تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. تىل توپىنىڭ دىئامىتىرى بوغۇن-بوغۇن كىچىكلەپ ، ئېنىرگىيەسى خوراپ تۈگەۋاتىدۇ...مىللەت ئەزالىرى قۇتۇپلىشىۋاتىدۇ...
تىلدىن ئايرىلساق ئالتە كۈندە باشقا ھەممىدىن ئايرىلىمىز! ئەمما قانداق قىلىمىز؟ تىلنىڭ ئىگىلىرى قېنى؟!
<<كونترول  يۈز تاختىسى>> دەپ قويساق ئۇيغۇرچە بولدى، كىم ئىشلەتتى؟ بۇرۇن <<شىيۇجىڭجۇيى>> ئىدى، ھازىر <<رېۋىزىئونىزىم>> ئىمىش. بەزىلەرچە خەنزۇچىنى خەتمۇ-خەت تەرجىمە قىلىپ قويسا ياكى يەنە باشقا بىر نىمىچە قىلىپ قويسا تىل ساپلاشقان بولارمىش ۋە مىش!
.......


ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى، control panel نى تىزگىن تاختا دەپ تەرجىمە قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارمۇ بار
نەشر ھوقۇقى كۆپچىلىككە تەۋە، خاھلىغان كىشى كومپيۇتېرغا ئورنىتىپ ئىشلەتسە بولىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرى بار ئەمما ئىشلىتىدىغانغا ئادەم يوق.
https://www.documentfoundation.org/
http://www.ubuntu.com/

tiger312 2011-07-04 16:50
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بەك ئويلاندىم،مىنىڭچە بىز نوقۇل ھالدا بالىنىڭ ئانا تىلنى ياخشى ئۈگۈنەلىشى ياكى ئۈگۈنەلمەسلىكىنى شۇ ياشاۋاتقان مۇھىتقا ياكى ماكتەپكە ئارتىپ قويساق بولمايدۇ،ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ بۆشىكى ئائىلە،ئەڭ ياخشى تىل ئۇستازى ئاتا-ئانا،بىز ئادەتتە ئائىلىدە ئۇيغۇر تىلى ئىبارىللىرىنى توغرا مۇكەممەل ئىشلەتسەك،تارىخ،مەدىنىيەت،ئۆرپ-ئادەت،دىن،پەنگە ئائىت ئاتالغۇلارنى بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە كۆپ سۆزلىسەك،بالىنىڭ تىل قابىلىيىتى ياخشى يىتىلىپ چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن،بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.
شەيئىلەر قانۇنىيىتىنى،مەسىللىلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ تەكتىگە يەتكىلى،ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولۇدۇ،تارىختىن تارتىپ ھازىرغىچە چىققان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ 99.999% ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ئىگەللىگەن ھەم ئانا تىلدا ئەسەرلەرنى يازغان.

kuttikin 2011-07-05 13:11
ھازىر بانكىدىكى ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىمۇ يۈزدە توقسان پىرسەنت ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچە يىزىق ئىشلىتىدۇ  ~!

zarhux 2011-07-07 13:37
  مەن    گەرچە  تېخى   توي  قىلمىغان  بولساممۇ  لىكىن   شۇنى  ئېنىق  ھېس  قىلىپ  يەتتىم  ..   خەنزۇ  مەكتەپتە  ئوقۇغان  ئۇيغۇر  بالىلارنىڭ   نوقۇل  ئۇيغۇر  مەدەنىيىتىگە   يات   بولۇپ  كىتىشىمۇ  ناتايىن  ، ئۇيغۇر  مەكتەپتە   ئوقۇغان   ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  (  بەزى  ئاتا  ئانىلارنىڭ  نەزىرىدىكىدەك  )    كەلگۈسىدە  جېنىنى  باقالماسلىقىمۇ  ناتايىن ، مىنىڭچە    گەپ  يەنىلا  ئائىلە  تەربىيىسىدە  ۋە  ئاتا  - ئانىلارنىڭ  بالا  تەربىيىلەش  ئۇسۇلىدا  . بىزنىڭ  ئۆيدە    ھەممىمىز   ئۇيغۇر  مەكتەپتە  ئوقۇغان   ،  لىكىن   يارىماس  بولۇپ  قالمىدۇق  . جاننىمۇ  ھەر  ھالدا  بېقىپ  كىتىۋاتىمىز  .  لىكىن   بىر  تۇغقىنىمىزنىڭ  قىزى   بولىدىغان  ، ھەي  مەنغۇ  ئۇنىڭ  بىلەن   ئانچە  پاراڭلىشىپ  كەتمەيمەن .    لىكىن   چوڭ  بولدىمۇ  ياكى  يەنىلا  كىچىك  بالىمۇ  ئۆزىمۇ  بىلمىسە  كېرەك     ،   ئاتا  ئانىسىمۇ  قىزى  نىمە  دېسە   ھە   دەپ  ئەكىلىتىپ ...  
       ئىشقىلىپ  ئۇلارنىڭ  ئۆيىگە   بېرىشنىمۇ  خالىمايمەن  . تېلېۋىزۇرنى    مېھمانلاردىن   تارتىنماي  ئولتۇرۇپ  تالىشىپ  كۆرىدۇ  دىسە  . . .    خەنزۇچە   قاناللاردىكى  مۇھەببەت  فىلىملىرىنى  . . ..    ھەي  . . ..  
        مەنمۇ    توي  قىلىپ  بىر  كۈنلەردە  دادا  بۇلارمەن ،  لىكىن   .  . .   جاھانننىڭ  ئىشلىرى   بەك  مۇرەككەپكەن   . .. .    ھەممىمىز  بۇ  نۇقتىغا   بەك   دىققەت  قىلايلى   ،.. . ..  

@karwan 2011-07-07 14:46
    ھەر بىر مىللەت بالىلىرى ئۆز ئانا تىل مۇھىتىدا تەربىيىلەنسە مىللەت ئىزباسارى بولۇپ چىقىدۇ،ئەگەر يات مىللەت مۇھىتىدا تەربىيىلەنسە بارلىق سۆز-ھەركىتى،تەپەككۇرى،ھېسسىياتى شۇ مىللەتكە مايىل بولىدۇ،ھازىرقى خەنزۇ تىلى يەسلىسىدىكى بالىلارمۇ مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە چوڭ بولىدۇ.ئۇلاردا مىللەت تۇيغۇسى كامچىل بولىدۇ.

alpacino 2011-07-08 20:57
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىgulsima يوللىغان 2011-05-16 12:19 غا قارتىلغان  :
مىنىڭ 4 ياشقا كىرگەن نەۋرە سىڭىلم يىزىلىق ئۇيغۇر يەسلىسىدە ئوقىيدۇ . سىڭىلىم بىر كۈنى يشىل ھەم سىرىق رەڭدە كىيىم كىيىۋاپتۇ . بۈگۈن ئەجەپ يىشىل ،سىرىق كىيىم كىيىۋاپسەن ھەم يارشىپتۇ دىسىەم . نىمە گەپ بۇ  يىشىل  سىرىق  دىگەن دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئانىسى خەنزۇچە دەپ بەرسە چۈشەندى .  يەنە بىر قىتىم  ئانىسىنى  ئاپا دەپ چاقىرىۋاتىدۇ . شۇنداق ئاچچىغىم  كىلىپ  ئۇنىڭغا  خاپا بولۇپ ئانا دەپ چاقىر ،يەنە ئاپا دەپ چاقىرساڭ خاپا بولىمەن دىسەم شۇنىڭ بىلەن ئانا دەپ چاقىرىدۇ . يەنە  5 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىنى ئاتا - ئانىسى  مەكتەپ قارىسىنى كۆرسەتمەپتۇ  ئۇ بالىنىڭ ئاغىزىدىن چىققان گەپلىرىگە بىر ئاسپىرانتلىقتائوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا تەڭ كىلەلمەيدۇ .  ئۇ بالىنى ئاتا - ئانىسى بىر قول تەربىلىگەن  بالا ئىكەن  ئۇ بالىدىن باشقىلار گەپ سورسا  مەن ئەقلىمگە كەلسەم مەن مۇشۇنداقكەنمەن جاۋاپ بىردىكەن باشقىلارغا .......ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرمۇ يەسىلى تەربىسى ئالغان ئەمەس  .
بىز ئۇيغۇر قىزلىرى توي قىلىشىنىڭ كويدىدا بولماي كەلگۈسىدە مەن قانداق ئانا بولىمەن شۇنى ئويلىنىپ بىقىپ ئاندىن توي قىلساق قىزلارغا 72 كى ھۈنەرمۇ ئاز كىلىدۇ .



ئاپا  دىگەن گەپنىڭ  خاپا  بولغۇدەك نەرى باكىن بىلۋالغان بولساق ..؟  بالىسىغا  سېرىق ، يېىشىل رەڭلەرنى ئۆز  ئانا  تىلىدا  بىلدۈرمىگەن ئانىىسغا خاپا بولماپسىز ، ئانا  دىمەي ئاپا  دىگەن كىچىك بالىغا  خاپا بولغىنىڭىز  قىززىق .

kalgen 2011-07-17 20:15
ئانا تىل دىسە يۇرۇگۇم جىغىلدايدۇ. مەن كىچىك ۋاقتىمدا<ئوتتۇرا مەكتەپكىچە>قازاق تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان ئىدىم . چوڭ بولغان مۇھىتىممۇ ھەم شۇ ،ئۇيغۇرلار بەك ئاز ئولتۇراقلاشقان
جاي ئىدى. تىللىرىم ئەبجەش چىكىشقا باشلىغان ئىدى. مەكتەپتە تىلىم قازاقلاردىن بەك راۋان ئىدى. مەن ئۇيغۇر دىسەم ئىشەنمەيتتى.  ئويدىكىلەر گەپ قىلسا چۇشەنمەيتىم. تىخى بۇلار
نىمە .ئۇچۇن مەن چۇشۇنىدىغان تىلدا سۆزلەشمەيدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم.دادام دايىم سىز دىگەن ئۇيغۇر  نىمە ئۈچۈن ئۆزتىلىڭىزنى چۇشەنمەيسىز دەپ رەنجيتى.داۋاملىق نىمەئۈچۈن
بىزنىڭمۇ  قازاقلارنىڭ كىدەك داڭلىق كىشىللىرىمىز يوق ئۇيغۇرلار شۇنچە ناچار مىللەتمۇ دەيتتىم.
نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنى چۇشەنمەيتىم . دادام مۇشۇ سەۋەپلىك 20نەچچە كىلومىتىر يىراقلققتىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپكە يوتتكىۋەتتى .بۇ ناھيمىزدىكى بىردىن -بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى. بۇ دەل تۇلۇقسىز 1-يىللىقنىڭ  2-مەۋسىمى ئىدى، سىنىپقا بۆلىنىپ كىرگىنىمدە خەنزۇتىلى دەرىسى ئۆتىلىۋىتىپتىكەن . بۇ مۇئەللىممۇ يىڭى ئىكىنەنتۇق مىنىڭ يىڭى
ئۇقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتى . ئۇ مەندىن بۇ سۆزگە جۇملە تۇزڭ دىسە نىمە دەيدىغاندۇ
دەپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم . مۇئەللىم مىنى قاتتىق تەنقىتلىگەن ئىدى. ....................................
مانا بۇ ئۇيغۇر تۇرۇپ مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراپ كەتكەن مەن ئىدىم .
خەيىر ھازىر كۆپ ياخشى  مىللتىمدىن پەخىرلىنىمەن.

muyunqur 2011-07-26 18:26
ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مللەت باشقىلار ئالدىدا قۇل مللەت.
ئانا تلىنى ئۇنتۇش جىنايەت ،ئانا تىلنىڭ ئورنىغا باشقا تىلنى دەسسىتىش ئانا تىلغا قىلىنغان جىنايەت،ئەنئەنىدن ياتلىشىش ئەڭ  بۇرۇن باش كىيىمنى تاشلاشتىن باشلىندۇ......  

xahzade 2011-08-04 19:05
ئوقىۋاتقانلا شۇنچە كۆپ بولسىمۇ  بىلىم ئالىدىغانلا يەنىلا ئاز ياكى تەجرىبىسىز!

uyghuraaa 2011-08-05 16:22
قىزىم يەسلىدە بەزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرسەك ئاندىن كېيىن چۈشىنىدۇ.

atilla3 2011-08-09 20:07
  كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، لېكىن ئانا تىلنى ئۇنتۇش،جىنايەت !!!!!!!

karakaxtexi 2011-08-16 21:01
راس كۇڭۇلدىكىدەك سوزلەرنى ئېيتىپسىز مەنمۇ ئوغلۇمنىڭ ماتىماتىكىسنى چۇشەندۇرۇشتە بەك قىنىلىپ كىتىۋاتىمەن ئوزيېزىقىمىزدا بولغان بولسا دەپ ئويلاپكىتىمەن رەھمەت سىزگە

jevlanim 2011-08-17 17:33
بالىلارنىڭ ،ئانا تىلىدىن تېنىپ كېتىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى دائىرىسىدىكى مەسىلە.

jisakqi 2011-08-18 04:16
بالىنىڭ ساپاسىنى ئاتا -ئانىنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ(نورمال مۇھىتتا)،شۇڭا ئاتا -ئانىلار نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۆزىنى تەربىيەت قىلىشتۇر.ھازىر خېلى سالماقتىكى ھامىلار پەرزەنت تەربىيەسىنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويىۋاتىدۇ،بۇ بالىغا قىلىنغان چوڭ خىيانەتتۇر.خېلى كۆپ كىشىلەردىن پەرزەنت تەربىيەس ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى كورگەنلىگىنى سورىسام ،"مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىش "تىن باشقا تۇزۇكرەك جاۋاپ ئالالمىدىم(ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن).

tarimwadisi 2011-08-19 03:21
قارا تەنلىكتىن بىر زۇڭتۇڭ چىققان ئۇيغۇردىن دولەت رەئىسى چىققارمىكىن دىسەم تورداشلىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۇپ بۇ ئويلىرىممۇ كۇپۇككە ئايلاندە دىسە؟!!!

0mar 2011-08-20 23:26
مەن بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا ئاچچىقىم كىلىدۇ ، نىمىشقا دىسىڭىز ئۇلا ئۆز  بالىرى بىلەن خەنسوچە پاراڭلىدىپ بالىسىنى ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەۋەتمەمدا .

salkinay 2011-08-23 22:34
بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەنمۇ ئۆتكەندە بولۇنغان ئىشنى دەپ بەرگىم كەلدى،قىزىم بىلەن ئوغلۇمنى بىز تۇرۋاتقان يەردە ئۇيغۇرچە مەكتەپ بولمىغانلىقتىن،دۆلەت تىلى مەكتىۋىگە بەردۇق،ئۇلارنى ئانا تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈم،ئانا تىلدىن ساۋادىنى چىقاردىم،ھەتتا ھەبدىيەكنىمۇ تۈگەتكۈزدۇم،ئۇلار  خېلى يامان ئەمەس ئۈگۈنىپمۇ قالدى،،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەن باللىرىمدىن؛
__باللىرىم،ئۇيغۇر تىلى ئاسانمىكەن ياكى، خەنزۇ تىلىمۇ ؟،-دەپ سورىدىم.ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس،ئۇلار دىدەكلا:
___بۇ ئۇيغۇر تىلى بەكلا تەسكەن،يەنىلا خەنزۇ تىلى ئاسانكەن دەپ جاۋاپ بېرىشتى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى، دىمەك بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ئۆزۈمدىكەن،باللىرىمنى يەسلى  ۋاقتىدىلا ئانا تىلنى چۈشەندۈرمىگىنىمدىن  بولدى دەپ قارايمەن.

ümüt68 2011-08-25 06:46
مېنىڭمۇ ئۈچ بالام بار. يىراق شەھەردە ياشايمىز. ئۇلارغا كىتاپ ئوقۇشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ھېرىپ كەتتىم. ئەمما پەقەت كىچىك قىزىملا ئوقۇيدۇ. ھەييي. دېمەك، نەزىرىيە بەك ئاسان ئىكەن. دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن.

buhra1023 2011-08-29 14:44
باللىرىنى خەنزۇچەمەكتەپكەبەرگەن ئاتا-ئانىلار،باللىرىنىڭ ئاناتىلىغاكۈچەپ قويسىكىن....

ablimit3858 2011-09-04 19:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈلەن ئەپەندىم،ۋەتەندىن سىزگە سالاملار بولسۇن.مەن بىر ئۇقۇتقۇچى.مائارىپنى چۈشىنىمەن.سىز چەتئەلدە تۇرۇپ بۇ خىل ئەھۋالدا قاپسىز.ئۇماق پەرزەنتىڭىز سىز ،بىز خالىمىغان "ئىنگىلىزچە"دۇنياغا قاراپ مېڭىپتۇ.ۋەتەندە بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ،مىنىڭ بالاممۇ  "ئۇيغۇرچە مەدەنىيەت،مۇسۇلمانچە ئىتىقاد يوق دۇنياغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ" مەن ئۈزۈمنىڭ بالىسىنى تۇسۇشنى ئويلىدىم.

tatleh 2011-09-05 17:37
مىنىڭمۇ ئىككى نەۋرە سىڭىللىرىم دەسلىپىدە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئۇيغۇر مەكتەپ قوش تىل سىنىپىغا يۆتكەپ ئاچىققان ، كۆپ پايدىسى بولدى ،
ئۆزەمدىن  قىزىمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن ، ئۇمۇ يەسلىدە يۇقارقى تورداشلىرىمنىڭ پەرزەنتلىرىدەك كۈنلەرگە دۇچار بۇلارمۇ ؟


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.041211 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us