makandax يوللىغان ۋاقتى 2010-9-22 15:13 
مەنمۇ بىر كەلىمە سۆز قىلىپ قوياي ، جۇڭگۇنىڭ ئاۋىئاماتك ...
90 يىللارنىڭ كىيىنكى يېرمىدا جوڭگۇنىڭ ھەربىي ئىشلىرى دەيدىغان بىر يۇرنالىدا شۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم.
ئۇ زاماندا جوڭگۇ تەرەپ ھەربىي ئالىملىرى بىر خىل ئۇچقۇنى پېلانلاپتۇ، ئۇنىڭدىكى پېلاننى كۆرسىڭىز شۇ يۇرنالدا دىيىلىشىچە خېلى چوڭ دۆلەتلەرمۇ قورقۇنچتا قاپتىكەن. چۈنكى ئۇ ئۇچقۇنىڭ ئېلغارلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەنتۇق، راداردىن قاچالايدىكەن. ھېچقانداق رادارغا چۈشمەيدىكەن، موھىتقا ماسلىشىپ رەڭ ئۆزگەرتىپ يوشۇرنالايدىكەن. يەر يۈزىدىكى ۋە ھاۋادىكى ھەرقانداق ئالاقىلىشىش سىستىمىسىغا كاشلا پەيدا قىلالايىكەن. تىك چۈشۈپ تىك كۆتۇرۇلىدىكەن. تىز سۈرئەتتە كىتىۋاتقانداق موتۇرنى ئۆچۈرۈپ ۋە قايتا قوزغۇتالايدىكەن. ئەزەلدىن ھېچقانداق ئۇچقۇدا بولمىغان ئارقا خوت بار ئىكەن. يەنى ئۈچۈپ كىتىۋىتىپ توختاپلا. بېشىنى بۇرۇماستىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئارقىغا ئۈچالايدىكەن. . . . سىنارەت قويۇپ بىرىش، بۇزغۇنچىلىق كۈچى، يوشۇرنۇش كۈچى، كاشلا پەيدا قىلىش كۈچى، يېقىلغۇ سەرپىياتى دىگەندەكلەردە ئادەم ئەقلىي يەتكۈسۈزكەن. چەتئەللىكلەر نەچچە يىل سەرىپ قىلىپ جاسۇسلىرى ئارقىلىق ھېلىقى پېلاننى ئوغۇرلىتىپ مۇتەخەسىسلەرنى ئىشقا سىلىپ قارسا، قەغەز يۈزىدىكى پېلان شۇنداق ئۆلچەملىك، ھەم قىلاي دىسە ئەمەلىي قىلغىلى بولدىغان لاھىيە ئىكەن. چەتئەللەر قورقۇپتۇ.
كىيىن بىر قىتىملىق ھەربىي ئاۋئاتسىيە كورگەرزمىسىدە، جوڭگۇ بۇ ئايرۇپلاننى ئوتتۇرغا چىقىرىپتۇ. سىتىۋالغۇچى دۆلەت مەخسۇس ئۇچقۇچىلارنى تەربىيلەپ بۇ ئايرۇپلاننى قوزغۇتۇپ ئاسمانغا چىققاندىن كىيىن تاس قاپتۇ سالامەت قايتىپ چۈشەلمىگىلى، سەۋەبىي ئېلغارلىقىدىن ئەمەس بەلكى بۇ ئايرۇپلانىنىڭ ئادەتتىكى F16 چىلىكمۇ ئىختىدارى بولمىغانلىقى ئىكەن.
بۇ خەۋەرنى شۇ ۋاقىتتا دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ يۇرنىلغا بېسىپتىكەن. بولمىسا شۇ يىللاردىكى يۇرنالنى كۆرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.