- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 100
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 105
- تىزىملاتقان
- 2014-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-6-1
- UID
- 59085
- يازما
- 100
- تېما
- 54
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 105
- تىزىملاتقان
- 2014-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-6-1
- توردا
- 173 سائەت
|
چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (4)
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىلاۋە: مەن ئالدىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» توغرىسىدىكى ماقالىنىڭ ئۈچىنچىسىنى پۈتتۈرەلمەي قالدىم. شۇڭا بۈگۈن مەزكۇر ماقالىنى يوللاپ تۇردۇم. قېرىنداشلاردىن توغرا چۈشىنىشنى ئۆتىنىمەن.
مەن بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنى باشلىغاندىن بۇيان، مەن تەكلىپنامە ئەۋەتكەن قېرىنداشلار ئاساسەن مېنىڭ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ بەردى، ھەمدە ھازىرمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلار چەت ئەلدىكى مەن ئانچە بىلمەيدىغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلارنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ، مېنىڭ ئىشىمغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىدىكى قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش، كەلگۈسىدە قايسى يۆنىلىشكە مېڭىش، ۋە ھازىردىن باشلاپ قايسى ئىشلارنى قىلىش ھەققىدە قاتتىق ئىزدىنىۋاتقان، ھەمدە پىلان ۋە نىشان تۈزۈۋاتقان ئۇكىلار ئىنتايىن كۆپ. ئۆزىنىڭ ئەھۋالى مەن تونۇشتۇرغان قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلاردىن بىر نەچچە يۈز، ھەتتا بىر نەچچە مىڭ ئۇكىلار بار بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ ئۇكىلار مەن تونۇشتۇرغان قېرىنداشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنىڭ بىر يېڭى يولىنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، چەت ئەلدىكى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار ئايرىم ۋە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپلا، پەقەت ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن يوللار ۋە ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا ناھايىتى ساۋابلىق ۋە ناھايىتى ئۇلۇغ ئىشتىن بىرنى قىلغان بولىدۇ.
مەن ئۆزۈمنىڭ «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» دېگەن ماقالىسىدە تونۇشتۇرغان سۈپەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت [1]:
(1) ۋىجدان ياكى ئىنساپ: سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز سىزنىڭ ئەخلاقىي كومپاسىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئاسراڭ، ئۇنى ئىشلىتىڭ، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ.
(2) باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ياكى ئىچ ئاغرىتىش: باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۆز ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىچە باشقىلارغا ئىئانە ۋە ياردەم قىلىڭ، ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ھەممە ئىشلاردا ۋە ھەممە ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈڭ، نامايان قىلىڭ، ۋە ئىسپاتلاڭ.
(3) باشقىلارنىڭ ھالىغا ياكى دەردىگە يېتىش، ياكى باشقىلارنى ئويلاش: باشقىلارنى چۈشىنىدىغان بولۇڭ. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئازايتىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ.
«كىشىلىك خاراكتېر» دېگىنىمىز بىر نېيترال سۆز بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئاساسلىق سۈپەتلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەپ بېرىدۇ [2]. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى بار بولىدۇ. مەسىلەن، گىتلېرنىڭ بىر خىل كىشىلىك خاراكتېرى بار، ماندېلا ۋە گەندىنىڭمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بىز بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەخلاقىي سۈپەتلىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەسىلەن، ياخشى ئادەم، يامان ئادەم، ئىشەنگىلى بولىدىغان ئادەم، ۋە باشقىلار قول قويىدىغان ئادەم قاتارلىقلار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 3 سۈپەت بىر ياخشى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى شەرھلەپ بېرىدىغان سۈپەتلەردۇر.
ھېچ قانداق بىر ئادەم بىر خىل ياخشى خاراكتېر بىلەن تۇغۇلغان بولمايدۇ. يەنى، ياخشى خاراكتېر ئاتا-بوۋىلاردىن ئىرسىيەت قالغان بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇ بىرلا ئۇلۇغۋار ئىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. بىر ئادەمدە ياخشى خاراكتېرنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى ئۇنىڭدىكى ياخشى نىيەت ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قارىشىدا ئاڭلىق ھالدا چىڭ تۇرۇپ قىلغان ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۆز ماقالەمدە «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» نى، ھەمدە «ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى» [3] نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەن چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن ئاشۇ «سۈپەت» لەر ۋە ئاشۇ «تۈۋرۈك» لەرگە بىر قېتىم ئوبدان قاراپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ بىر مەركىزىي پىرىنسىپى باشقىلارغا ياردەم قىلىش. بۇ ھەقتە قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ناھايىتى ئېنىق بايانلار بار [4]. يەنى، بىزنىڭ دىنىمىزدا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئاللاھقا سەجدە قىلىش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىزنىڭ دىنىمىزدا باشقىلارغا ياردەم قىلغان كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانىڭ ھەر ئىككىسىدە ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھاجىتى چۈشكەن باشقا كىشىلەرگە ياردەم قىلىش بىر خىل تاللاش بولماستىن، ئۇ بىر خىل دىنىي مەجبۇرىيەتتۇر.
مەن مەزكۇر كاتېگورىيەدىكى 1-ماقالەمدە «چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» مۇنداق 3 شەرتنىڭ بىرىنى قانائەتلەندۈرگەن كىشىلەر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم: (1) چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. (2) چەت ئەلدە ئىشلەپ، بىر مۇھىم كەسپىي خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن. (3) چەت ئەلدە ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا كەسپىي جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرچە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇش ئىشىدا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز بولسىڭىز، مەن سىزگە يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ئۈستىدە بىر قېتىم كەسكىن ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ بىر ساۋابلىق ئىش قىلىش پۇرسىتى. شۇنداقلا ئۇ باشقا بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز قىممىتىڭىزنى نامايان قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك رازىمەنلىك ۋە زور خۇشاللىققا ئىگە بولالايدىغان پۇرسەت. ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە، مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇكىلار نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە بىر قېتىم قاراپ چىقىڭ. ئۇ ئىنكاسلار مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاستىدا بېرىلگەن ئۇلانمىلاردا بار.
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئۇلار ئۈچۈن پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم [5]. ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى ئۇلارغا يول باشلاپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم قارارلارنى ئېلىشىدا، ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز بەختىنى تېپىۋېلىشىدا ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ياشلار ئۈلگىلەردىن مەدەت ئالىدۇ، ھەمدە يېشى چوڭايغانسېرى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قانداق ياشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۈلگىلەرنىڭ ئىزىدىن ئۆزلىرىگە يول تاپىدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى ئۈلگە بولۇشقا شەرتى توشىدىغان قېرىنداشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى، ياكى بولمىسا باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۇلارنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. يۇرت ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرى بار. باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭمۇ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار. مەن چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياردەم قىلىش، ۋە ئاللاھ يولىدا بىر ساۋابلىق ئىش قىلىش يۈزىسىدىن ماڭا داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بۇ قېتىم يەنە ئىككى نەپەر يېڭى قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەن تونۇشتۇرغان 18- ۋە 19-قېرىندىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئىنىمىز دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور-ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، خارۋارد ۋە MIT قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ. مەن تونۇشتۇرىدىغان 2-كىشى سىڭلىمىز دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز بولۇپ، ئۇ ھازىر «ئامېرىكا يېمەكلىكلەر ۋە دورىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» دا «ئانالىزچى مۇتەخەسسىس» بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى بارلىق يېمەكلىكلەر ۋە دورىلار پەقەت مۇشۇ ئىدارىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىدارە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىدارىلەر ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. مۇشۇ ئىدارىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بىر دورىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دورىگەرلىك شىركەتلىرى بىر قانچە مىليارد دوللاردىن 20 مىليارد دوللارغىچە پۇل سەرپ قىلىدۇ. سىڭلىمىز ئەركىنئاينىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ ئامېرىكىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى بىر يالغۇز ئانا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بىر تەرەپتىن بالا بېقىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ تاماملىغان. مەن بۇ 2 نەپەر ئۇكىمىزدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.
ئەمدى مەن ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن.
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر (ئامېرىكا)
1-رەسىم: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر
ئىنىمىز ئابلىز ئابدۇقادىر (ئىنگلىزچە «Abulizi Abudukadier» دەپ يېزىلىدۇ) 1981-يىلى غۇلجا شەھىرىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1998-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، ھەمدە ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ئابلىز ئۇكىمىز ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سېمىزلىك ۋە دىئابىت كېسىلى (قەنت سىيىش كېسىلى) نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەك كۆپ ئىكەنلىكى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭمۇ دىئابىت كېسىلى بار بولغانلىقتىن، ئۇ دىئابىت كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاشقا ئالاھىدە قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق تىرىشىپ، 2008-يىلى ياپونىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى (Kyoto University) نىڭ ئىچكى كېسەللەر ۋە دىئابىت تەتقىقات-داۋالاش بۆلۈمىگە دوكتورلۇق ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىندى، ھەمدە شۇ يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەتقىقات قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. تەتقىقات جەريانىدا مۇھىم يېڭى بايقاشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، شۇلارنى مەزمۇن قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئامېرىكا دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ «دىئابىت» (Diabetes) دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلىدا، ھەمدە ياۋروپا دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ ئىنگلىزچە «Diabetologia» دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ژۇرناللار دىئابىت كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىنىمىز ئابلىز دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا يەنە ياپونىيە، كورېيە، جۇڭگو، گېرمانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئېچىلغان دىئابىت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەردى. شۇنداقلا بىر قېتىم ياپونىيە دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ «خەلقئارا ياش تەتقىقاتچىلار نەمۇنىلىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىنىمىز ئابلىز ئابدۇقادىر ئەنە شۇنداق پەۋقۇلئاددە ياخشى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن 2013-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئىلمىي تەتقىقاتقا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇ كەسپىي جەھەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دىئابىت ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ قىزىققان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا «نېمە ئۈچۈن سېمىز ئادەملەر ۋە جىگىرىنى ماي قاپلىۋالغان ئادەملەردە ئىنسۇلىننىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) ئىدى. شۇڭلاشقا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ساھەدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بىر پىروفېسسور بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ بۆلۈمىدە دوكتور-ئاشتى بولۇش ئىلتىماسىنى ئاشۇ پىروفېسسورغا سۇندى. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ 2013-يىلى 10-ئايدا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا «دوكتور-ئاشتى» بولۇپ كىردى. يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن قىسقىغىنا بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىككىنى تاماملاپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى 2015-يىلى ئامېرىكا دىئابىت جەمئىيىتى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەلقئارالىق دىئابىت ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا دوكلات قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارغا مۇنداق يۈرەك سۆزلىرى بار: «بىلىم ئېلىش بىر ناھايىتىمۇ جاپالىق جەريان. ئەمما ئۇ ھەقىقەتنى تونۇشتىكى ئەڭ ياخشى يول. شۇڭا قۇرئان كەرىمىدە تۇنجى بولۇپ ‹ئوقۇ› دېگەن ئايەت نازىل بولغان. شۇنداقلا قۇرئاندا ‹بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزنىڭ پەرقى قاراڭغۇلۇق بىلەن كۈندۈزگە ئوخشايدۇ›، دېيىلگەن. مەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئىنى-سىڭىللارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، ھەر ۋاقىت قاتتىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ ئاشۇ ئىنى-سىڭىللار بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا بىللە تىرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭچە ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېزىتقۇ ياكى شەيتان ئۈمىدسىزلىك. ئۇ بىزدەك بىر شانلىق تارىخقا ئىگە ۋە بىر ئۇلۇغ دىنغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ. مەن ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا دىئابىت كېسىلىنى داۋالاش ياكى ئوزۇقلىنىش جەھەتتە مەسلىھەت سوراشنى ئىستەيدىغانلار بار بولسا، ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. مەن ئۆزۈم ئىزدىنىش ۋە ئىشخانامدىكى باشقا دىئابىت كېسىلى دوختۇرلىرىدىن سوراش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىشنى خالايمەن. ئاشۇنداق قېرىنداشلار ماڭا abduumar26@gmail.com ياكى abudukadier.abulizi@yale.edu ئارقىلىق ئېلخەت يازسا بولىدۇ.»
دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز
2-رەسىم: دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ۋە ئۇنىڭ قىزى
سىڭلىمىز ئەركىنئاي ئابلىز 1976-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلارنى تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە 2 يىل دەرس ئالدى.
ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىسى بىلەن «GRE» دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. سىڭلىمىز ئەركىنئاي قاتتىق تىرىشىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجە بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، 2001-يىلى نيۇ يورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئاپىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋالاش تېخنىكىلىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە باشلىدى. شۇ جەرياندا راك كېسەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ، فىزىكا كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا، كەسىپ ئۆزگەرتتى.
سىڭلىمىز ئەركىنئاي جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئومېدىتسىنا (Biomedicine) ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ جەرياندا راك كېسىلىنى دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتەلەيدىغان تەننەرخى ئەرزان، رادىئاتسىيىدىن خالىي ئوپتىكىلىق ئەسۋاب لايىھىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندى. دەسلەپكى 3 يىللىق ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ لايىھىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. ئەركىنئاي بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بىر تەرەپتىن 3 ياشلىق قىزىغا يالغۇز ئانا بولۇپ، ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن رېستورانلاردا ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە قايتا ئىزدەندى. ھامان بىر كۈنى نەتىجە يارىتىشقا قەتئىي ئىرادە باغلىدى. ھەمدە ئىنگلىزچە «Photodynamic Therapy» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن مېڭە راكىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن داۋالاش توغرىسىدا بىر يېڭى تەتقىقاتنى باشلىدى. ئادەتتە بۇ ئۇسۇل پەقەت تېرە راكى (skin cancer) نى داۋالاشقا ئىشلىتىلەتتى. چۈنكى ئۇ مەلۇم چاستوتىدىكى نۇر بىلەن دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش تېخنىكىسى بولۇپ، نۇر بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا تېشىپ كىرەلمەيدۇ. ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبە ئەسلىھەلىرى چەكلىك بولغاچقا، ئەركىنئاي ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (US FDA) نىڭ تەبىئىي-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تەتقىقاتنى شۇ يەردىكى تەجرىبىخانىدا ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى ياراتتى. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيادىكى ھەممە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان ئورۇن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىلىرى ئەڭ يېڭى ئەسۋابلار، دورىلار، ۋە تېخنىكىلار بىلەن قوراللانغان. ئەركىنئاي شۇ يەردە ئىنگلىزچە «Nano-particle assisted Photodynamic therapy» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە راكىنى 90% داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنى بايان قىلىپ يازغان ئىلمىي ماقالىسى كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زور ئەتىۋارغا ۋە تەسىرگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئەنە شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
3-رەسىم: ئەركىنئاي ئابلىز دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان كۈنىدىكى بىر كۆرۈنۈش.
«Nano-particle assisted Photodynamic therapy» دېگەن ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە، چوڭ-كىچىكلىكى نانومېتىر بىلەن ئۆلچىنىدىغان «نانو-زەررىچىلەر» راك بار ئورۇنغا ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان نۇر بىلەن فوتو-دىنامىك (photodynamic) دورىلىرىنى ئاكتىپلاندۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەركىنئاينىڭ يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا شۇ ئىدارىدە قېلىپ دوكتور-ئاشتى بولۇپ ئىشلەشنى تەكلىپ قىلدى. دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، شۇندىن باشلاپ ئاشۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشتى. ھەمدە مەرىلەند ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان ئىنگلىزچە «Neural Electrode Raliability» دەپ ئاتىلىدىغان تېما ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ تەتقىقاتقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئەركىنئاي ئۇرۇشتا يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالغانلارغا ئىشلىتىلىدىغان «Neural Electrode» نىڭ مېڭىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ھەمدە ئەڭ يېڭى تىپلىق ئوپتىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابلىرى (Two Photon Microscopy, Optical Coherence Tomography) بىلەن ئېلېكتىرود (Electrode) نىڭ ئەتراپىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
4-رەسىم: دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز بىر خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا.
ئەركىنئاي يەنە دوكتورلۇق ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋە دوكتور-ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia) شتاتىدىكى ستراتفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Stratford University) تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە دەرسلىرىنى ئۆتىدىغان «قوشۇمچە پىروفېسسور» (Adjunct Professor) بولۇپ ئىشلىدى، ۋە ھەر مەۋسۇملۇق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى.
ھازىر دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لازېر نۇرى ئارقىلىق كۆز ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە بىر «ئانالىزچى مۇتەخەسسىس» (Analyst) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز مۇنداق دەيدۇ: «بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئىقتىسادىي بېسىمنى يېڭىش، ھەمدە قىزىمنى ساغلام پسىخىكا بىلەن تەربىيىلەپ چوڭ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم. لېكىن ‹ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئادەمنى قۇدرىتى يەتمىگەن ئىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ› دېگەن سۆزگە چەكسىز ئىشەندىم. تەتقىقات جەريانىدا بولسا ‹ئاللاھ ھەممە كېسەلنى شىپاسى بىلەن يارىتىدۇ› دېگەن سۆزگە چەكسىز ئىشەندىم. باشقىلار ‹ياق، بولمايدۇ› دېگەن جاۋابقا ئاسانلىقچە بولدى قىلمىدىم. ئەتراپىمدا ماڭا مەدەت بېرىدىغان، ۋە مېنى قوللايدىغان دوستلىرىمنىڭ بولغىنى ماڭا زور ئىشەنچ بېغىشلىدى.»
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە)
Journals:
[1]Tetrahydrobiopterin has a glucose-lowering effect by suppressing hepatic gluconeogenesis in an endothelial nitric oxide synthase-dependent manner in diabetic mice. Abulizi Abudukadier, Yoshihito Fujita, Akio Obara, Akiko Ohashi, Toru Fukushima, Yuichi Sato, Masahito Ogura, Yasuhiko Nakamura, Shimpei Fujimoto, Masaya Hosokawa, Hiroyuki Hasegawa, and Nobuya Inagaki (Diabetes. 2013 Sep;62(9):3033-43.).
[2] Hepatic Acetyl CoA Links Adipose Tissue Inflammation to Hepatic Insulin Resistance and Type 2 Diabetes. Perry RJ, Camporez JP, Kursawe R, Titchenell PM, Zhang D, Perry CJ, Jurczak MJ, Abudukadier A, Han MS, Zhang XM, Ruan HB, Yang X, Caprio S, Kaech SM, Sul HS, Birnbaum MJ, Davis RJ, Cline GW, Petersen KF, Shulman GI. (Cell. 2015 Feb 12;160(4):745-58).
[3] Metformin suppresses hepatic gluconeogenesis and lowers fasting blood glucose levels through reactive nitrogen species in mice. Y. Fujita & M. Hosokawa & S. Fujimoto & E. Mukai &A. Abudukadier & A. Obara & M. Ogura & Y. Nakamura &K. Toyoda & K. Nagashima & Y. Seino & N. Inagaki (Diabetologia (2010) 53:1472-1481).
[4] A Mouse Model of Tetrahydrobiopterin Deficiency Induces Insulin Resistance and Progression of Diabetes. Abudukadier, A., Fujita, Y., Obara, A., Ohashi, A., Fukushima, T., Sato, Y., Nakamura, Y., Yamane, S., Ogura, M., Hosokawa, M., Hasegawa, H., Inagaki,N. (Under submission).
[5] Inhibition of Serotonin Receptor 2A Improves Glucose Homeostasis in High Fat Diet-fed Mice. Abulizi Abudukadier, João-Paulo G. Camporez, Max C. Petersen, Michael J. Jurczak, Gerald I. Shulman (manuscript under preparation).
[6] DEPTOR-related mTOR suppression is involved in metformin's anti-cancer action in human liver cancer cells. Akio Obara; Yoshihito Fujita; Abulizi Abudukadier; Toru Fukushima; Yasuo Oguri; Masahito Ogura; Shin-ichi Harashima; Masaya Hosokawa; Nobuya. Inagaki (under submission BBRC).
Conferences:
[7] Inhibition of Serotonin Receptor 2A Improves Glucose Homeostasis in High Fat Diet-fed Mice. Abulizi Abudukadier, João-Paulo G. Camporez, Max C. Petersen, Michael J. Jurczak, Gerald I. Shulman 75th ADA annual meeting.
[8] The endothelial nitric oxide synthase (eNOS) cofactor tetrahydrobiopterin (BH4) suppresses hepatic gluconeogenesis. Abudukadier A ,Fujita Y, Fujimoto S, Mukai E, Obara A, Ogura M, NakamuraY, ToyodaK, Nagashima K, and Inagaki N 54th Annual Meeting of the Japan Diabetes Society.
[9] Metformin suppresses hepatic gluconeogenesis and lowers fasting blood glucose levels through reactive nitrogen species in mice. Abudukadier A,Fujita Y, Hosokawa M, Fujimoto S, Mukai E, Obara A, Ogura M, Nakamura Y, Toyoda K, Nagashima K, Seino Y, and Inagaki N 3th Scientific Meeting of the Asian Association for the Study of Diabetes.
[10] The endothelial nitric oxide synthase (eNOS) cofactor tetrahydrobiopterin (BH4) suppresses hepatic gluconeogenesis and lowers fasting blood glucose levels. Abudukadier, A, Fujita Y, Obara A, Hosokawa M, Shimpei Fujimoto, Toru Fukushima, Yuichi Sato, Masahito Ogura, Yasuhiko Nakamura, and Nobuya Inagaki 47th EASD Annual Meeting.
[11] Deficiency of tetrahydrobiopterin induces insulin resistance and progression of diabetes. Abudukadier A, Fujita Y, Obara A, Ohashi A, Fukushima T, Sato Y, Nakamura Y, Yamane S, Ogura M, Hosokawa M, Hasegawa H, Inagaki N. 48th EASD Annual Meeting.
[12] Metformin attenuates protesome 26S activity and exerts tumor-suppressing effect in human heapatoma cells. A.Obara, Y.Fujita, A. Abudukadier, T.Fukushima, M.Hosokawa, N.Inagaki 48th EASD Annual Meeting.
[13] Deficiency of tetrahydrobiopterin induces insulin resistance and progression of diabetes. Abudukadier, A. Fujita, Y. Obara, A. Ohashi, A. Fukushima, T. Sato, Y. Nakamura, Y. Yamane, S. Ogura, M. Hosokawa, M. Hasegawa, H. Inagaki,N. 9th International Diabetes Federation Western Pacific Region Congress / 4th Scientific Meeting of the Asian Association for the Study of Diabetes.
[14] Tetrahydrobiopterin (BH4) Activates AMPK and Suppresses Hepatic Gluconeogenesis through eNOS-Dependent Pathway. Yoshihito Fujita, Abulizi Abudukadier, Akio Obara, Masaya Hosokawa, Shimpei Fujimoto, Toru Fukushima, Yuichi Sato, Masahito Ogura, Yasuhiko Nakamura, Nubuya Inagaki. 71ADA annual meeting.
دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال ۋە ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە):
[1] Restaino S., Abliz E., Wachrathit K., Shah S.B, Krauthamer V., Biomechanical and functional response of rat sciatic nerve to joint rotation following cuff electrode implantation. Journal of Neuro Engineering and Rehabiitation. April, 2014
[2] Hammer D., Abliz E., Lozzi A., Agrawal A., Greenbaum N., Krauthamer V., and Welle C.G., Longitudinal vascular changes from window preparation and electrode implantation in mouse motor cortex measured with speckle variance optical coherence angiography, Biomedical Optics Express, 2014
[3] Hammer D.X ,Lozzi A., Abliz E.,Agrawal A.,., Krauthamer V., and Welle C.G Daniel X. Hammer, Andrea Lozzi, Erkinay Abliz, Noah Greenbaum, Kevin P. Turner, T. Joshua Pfefer, Anant Agrawal, Victor Krauthamer, and Cristin G. Welle. Optical coherence microscopy of mouse cortical vasculature surrounding implanted electrodes. Photonics West conference Proceedings, February,2014
[4] Abliz E., Restaino S., Wachrathit K., Shah S., Krauthamer V., Use of CT imaging to evaluate effects of nerve stretch in rat sciatic nerve after cuff electrode implantation.
[5] Abliz E., Kim D., Zhang W., Agrawal A., Hammer D.X., Krauthamer V., and Welle C.G., In vivo Two Photon Microscopy imaging of neural and vascular morphology near an implanted neural electrode. IEEE EMBS Neural Engineering Conference, San Diego, CA, November 7, 2013.
[6] Abliz E., Kim D., Welle C.G., Civillico E.F., Krauthamer V., Neurovascular Imaging as Biomarker for Neural Implant Reliability. Uniformed Health Sciences University of Health Sceinces NeuroScience Program 22nd Annual Open House and Poster Session. Bethesda, MD, Oct 25, 2012.
[7] Abliz E., Restaino S., Wachrathit K., Shah S., Krauthamer V., Acute Functional and Anatomical Changes Created by Increased Nerve Stretch after Nerve Cuff Implantation. Uniformed Health Sciences University of Health Sciences Neuroscience Program 21nd Annual Open House and Poster Session. Bethesda, MD, Dec 1st, 2011.
[8] Abliz E., Collins, J.E., Friedberg J.S., Kumar A., Bell H, and Tata D.B., Novel applications of diagnostic X-rays in activating photo-agents through X-ray induced visible luminescence from rare-earth particles: An in-vitro study. August, 2011. Journal of X-ray Technology).
[9] Abliz E., Collins, J.E., Friedberg J.S., Kumar A, Bell H, Waynant R.W., and Tata, D.B. Novel applications of diagnostic X-rays in activating photo-agents through X-ray induced visible luminescence from rare-earth particles: An in-vitro study. Bio photonics and Immune Responses V. Conf. #7565, Feb.2011.
[10] Abliz E., Tata D., Waynant, R., Collins J., Friedberg J., Kumar A., Bell, H. Novel Application of rare earth particles in activating photodynamic agents through X-Ray Induced Visible Fluorescence: An In Vitro Study. Basic science section: The cutting-edge in optical diagnostic and therapeutic of tissues and cells at the annual ASLMS conference, Phoenix , AZ , April 16, 2010.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] بىلىمخۇمار: «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى»
[2] What Is Character?
<http://whatwillmatter.com/2014/0 ... -what-is-character/>
[3] بىلىمخۇمار: «ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى»
<http://bbs.izdinix.com/thread-62250-1-1.html>
[4] Helping Others: A Core Principle of Islam
<http://insideislam.wisc.edu/2012 ... principle-of-islam/>
[5] The Importance of Role Models
<http://www.healthguidance.org/en ... of-Role-Models.html>
«چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» ھەققىدىكى بۇرۇنقى ماقالىلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى:
مەن ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەزكۇر كاتېگورىيە ئىچىدە بۇرۇن ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ تور ئادرېسلىرىنى بۇ يەرگە يېزىپ قويدۇم. مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ ماقالىلىرىنى جەمئىي 5 ئۇيغۇرچە تور چىقىرىۋاتقان بولۇپ (ئۆزۈمنىڭ <www.meripet.com> دېگەن تور بېتىنى ھېسابلىمىغاندا)، ئەسلىدە ماقالىلەرنىڭ باشقا تورلاردىكى ئادرېسلىرىنىمۇ يېزىپ قويغان بولسام ئادىل ئىش قىلغان بولاتتىم. ئەمما ئۇنداق قىلىشقا بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا يېتىشىپ بولالمىدىم. شۇڭلاشقا «ئىزدىنىش» تىن باشقا تورلارنىڭ باشقۇرغۇچى ئۇكىلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.
[1] تۆمۈر پالتاش، ئاينۇر ئابدۇرازاق ۋە مۇھەممەتجان ئابدۇللا (2014-12-12، 1-3)
<http://bbs.izdinix.com/thread-61200-1-1.html>
[2] مەخمۇت ئابلا ۋە نۇرنىسا قۇربان (2014-12-19، 4-5)
<http://bbs.izdinix.com/thread-61336-1-1.html>
[3] ئەكبەر شېرىپ ۋە مىرشاد ئابدۇرېھىم (2014-12-26، 6-7)
<http://bbs.izdinix.com/thread-61490-1-1.html>
[4] ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىلگەن ئىككى قېرىندىشىمىز (2015-1-2، 8-9، كېيىن قايتا چىقىرىلىدۇ)
<http://bbs.izdinix.com/thread-61626-1-1.html>
[5] شاكىر شەمشى ۋە ئەركىن ئابدۇۋايىت (2015-2-13، 10-11)
<http://bbs.izdinix.com/thread-62355-1-1.html>
[6] ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى، غاپپار پەتتار ۋە مۇقەددەس قۇربان (2015-2-27، 12-14)
<http://bbs.izdinix.com/thread-62589-1-1.html>
[7] ئىلياس قاسىم، دىلشات ئابلا ۋە ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق (2015-3-13، 15-17)
<http://bbs.izdinix.com/thread-62798-1-1.html>
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
|
|