- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7
- تىزىملاتقان
- 2015-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-16
- UID
- 64938
- يازما
- 7
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7
- تىزىملاتقان
- 2015-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-16
- توردا
- 7 سائەت
|
ھىمىت ئىمىن
مەن توغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بوۋامنى پەرىشتىلەر ئۇدۇنياغا ئەكىتىپتىكەن. مەن بوۋامنىڭ سىماسىنى ئەتراپىمدىكى مۇيسىپىتلارنىڭ تەسۋىرى ئارقىلىقلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن. ئۇلارنىڭ دىيىشچە بوۋام يۇرتىمىزدا چۆچەك سۆزلەشكە ناھىيتى ماھىر بولۇپ نۇرغۇن بالىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ياشاپتىكەن. مەن بوۋامنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشتىن بەكراق سۆزلىگەن چۆچىكىنى تولاراق خىيال قىلاتتىم.
بۈگۈن كېچە چۈشۈمدە بوۋامنى كۆرۈپتىمەن،ئۇ ئاپپئاق ماتادىن كىيىم كىيۋالغان بولۇپ چىرايدىن ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ ئاچقۇزمىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك نۇر چاقناپ تۇراتتى.بوۋامنىڭ چىرايىنى كۆرەلمەيتىم،ئەمما تەمبۇر ئاۋازىدەك زىل ئاۋازدىن چىقىۋاتقان، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان چۆچىكىنى ناھىيتى ئېنىق ئاڭلاۋاتاتتىم.بۇ چۆچەك ئۆزىگە مىنى قاتتىق ئەسىر قىلىۋالغاچقا بۇنى قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
ناھىيتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى قەدىمي كۈسەن دىيارىدا بىر شاھزادە ئوردىغا سۈت ئەكىرىپ سېتىپ جېنىنى جان ئىتىدىغان ناھىيتى نامرات بىر چارۋىچىنىڭ قىزىنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ.پادىشاھ بۇنى نومۇس ھىساپلاپ شاھزادە بىلەن قىزنىڭ ‹‹بېشىنىڭ باش ،ئايىقىنىڭ تاش›› بولۇشىغا قەتئى قوشۇلماپتۇ. شاھزادىنىڭ ئەقلى،قىزنىڭ جۈرئىتى بىلەن بۇ ئىككى ‹‹تەنتەك››كۈسەن دىيارىدىن باش ئېلىپ ئۆزىگە ۋە كىشلەرگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان شەرقىي جەنۇپ تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇلار 15 كۈن ئەتراپىدا جاپالىق يول ماڭغاندىن كىيىن بۆك-باراقسان توغراقلىق ئىچىدە جۇش ئۇرۇپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ،قارشى قىرغىققا كۆز يەتمەيدىغان غايەت زور بىر دەريا ئېقىنىغا كىلىپ دەريادىن ئۆتۈشكە كۆزى يەتمىگەندىن كىيىن قەدەملىرىنى توختۇتۇشقا مەجبۇر بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ دەريا بويىدا ماكانلىشىشنى قارار قىلىپتۇ.شاھزادە تەبئى ھالدا ئوۋچىغا،قىز بولسا ياۋايى ھايۋان، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈشى ۋە ئۇرۇقىدىن ماھىرلىق بىلەن ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى تەييارلىيالايدىغان چىۋەر بىر ئايالغا ئايلىنىپتۇ.
بىر كۈنى قىز يىرتىلىپ كەتكەن كىيىملەرنى سۆڭەك ۋە يۇڭدىن ياسىۋالغان يىپ يىڭنىسى ئارقىلىق ياماۋېتىپ كىيىمنىڭ يانچۇقىدىن ئۈچ تال بۇغداي دېنىنى بايقاپتۇ. كەچتە شاھزادە ئوۋدىن قايتىپ كىلىپ ئالقىنىدا ئۈچتال بۇغداي دېنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالغان ئايالىنى كۆرۈپ ئايالىنىڭ نىمە خىياللارنى قىلىۋاتقانلىقىنى پەملىگەن بولسىمۇ ئەمما دىگىنندىن يانمايدىغان شاھ دادىسىنى دەرھال كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ گەپ قىلمايلا ئايالىنىڭ قۇلىدىكى بۇغداينى ئېلىپلا گەمىنىڭ ئالدىغا تېرىپ تۆپىسىگە شاخ-شۇمبا تاشلاپ قويۇپتۇ.
ئايلار،يىلار ئۈتۈپتۇ،ئەر -خوتۇن ۋە يەتتە بالا ئۆمۈر بويى يەپ تۈگەتكۈسىز بۇ بو بوغدايلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش زور بىر مەسىلىگە ئايلىنىپتۇ.ئۇنى ئويلاپ ،بۇنى ئويلاپ ئاخىرى بۇ بۇغدايلارنى توغراق كامىرىغا تۆكۈپ ساقلاشقا بىرلىككە كىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى يىغىۋالغان بۇغدايلارنى توغراق كامىرىغا تۆكىۋىرىپتۇ.
بىر كۈنى شاھزادە كامىرىغا بوغداي تۆكۈلگەن بىر قانچە توغراقلارنىڭ تەپچىرەپ قالغىننى كۆرۈپتۇ. ئۇ يېقىن بېرىپ قارىغان ئىكەن تەپچىرەپ چىقىۋاتقىنى ناھىيتى خۇشپۇراق بىر خىل سۇيۇقلۇق بولۇپ ،ئۇنى ئازراق تېتىپ باققان ئىكەن چۈچۈمەل تەم ئۇنى ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق جەلىپ قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن تەپچىرەۋاتقان سۇيۇقلۇققا ئالقىننى تۇتۇپ يىغىپ ئىچكىلى باشلاپتۇ.بىر ھازادىن كىيىن شاھزادىنىڭ كۆڭلى خۇش كەيىپ بولۇپ كۆزىگە ئالەم چۆرگىلەۋاتقاندەك بۇلۇپ ماڭالماي قاپتۇ-دە،توغراق تۈۋىدىلا ئۇخلاپ قاپتۇ.شۇندىن باشلاپ بۇشاھزادە بۇ ئىچىملىككە ئەسىر بولۇپ ئۇسۇزلۇقىنى مۇشۇ ئىچىملىكتىن قاندۇردىغان بولۇپتۇ.مانا بۇ ئىنسانلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ ھەر كويلارغا سالىدىغان شاراپ ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولغان ئورنىمىش.
‹‹ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار›› دەپ بېكار ئېيتىلمىغان ئىكەن. بىر نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كىيىن شاھزادە باللىرى ئۈچۈن بولسىمۇ ئادىمىزاتنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يىتىپتۇ-دە،سوۋغات ھىسابىدا ئاپىرىش ئۈچۈن تېرە تۇلۇملارغا شاراپلارنى قاچىلاپ ئەسلى كەلگەن يۆنۈلۈش بويىچە ئاتا-ئانىسىنى نىشانلاپ يولغا چىقىپتۇ.ئۆزى توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتتىكى ھىچبىر كىشى ساقاللىرى ئۆسۈپ مىسرەڭگە ئايلىنىپ كەتكەن تېرىسىدىن بۇ ئادەمنىڭ شاھزادە ئىكەنلىگىنى زادىلا تونۇيالماپتۇ.ئەكەلگەن شاراپلارنى ‹‹تۇنجى كۆرۈشۈش ›› شەرپى ئۈچۈن ئۇلارغا سوۋغا قىلىۋىتىپ كىيىن يەنە كېلىدىغانلىقىدىن شەپە بىرىپ قايتىپ كىتىپتۇ.كىيىنكى قېتىم بالا چاقىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ،نۇرغۇن شاراپ سوۋغىللىرى بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپتۇ.پادىشاھ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپ سۇرۈشتە قىلمايلا شاھزادە ۋە نەۋرىللىرىنى نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئىسسىق باغرى ئارقىلىق ناھىيتى قىزغىن قارشى ئېلىپتۇ.ئۇزاق قالمايلا پادىشاھ تاجۇ تەختىنى شاھزادىگە مىراس قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپتۇ.
يېڭى پادىشاھ ئەقلىنى مۇجەسسەملەپ پاك دىيانەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەچكە ناھىيتى تىزلا نامى يىراق يېقىنغا تارقاپ بارچە ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپتۇ.قىلىچ،نەيزىلەرنىڭ زورلۇق كۈچىگە تايانمىسىمۇ تەرەپ تەرەپتىن ئۆزلىكىدىن ئەل بولغان قەۋىملەرنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ تەخىت سەلتەنەتى غايەت زور دەرىجىدە كېڭىيىپ زىمىنى كۈن پاتماس زىمىنغا ئايلىنىپتۇ.
بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرانچى شاھزادىسى ئاتىسىغا ئۆزىنىڭ تەسەۋۇپىدىكى زىمىنلارنى ئايلىنىپ كۆرۈپ كىلىش تەكلىپىنى بىرىپتۇ.بۇ دانالارچە تەكلىپ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ناھىيتى يېقىپتۇ.نەچچە ئايلىق زور تەييارلىق ۋە داغدۇغا بىلەن ئۇزۇن ھەم مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.باغۇ-بوستانلىقلاردىن، تاغۇ –دەريالاردىن،دەشت-چۆللەردىن ئۆتۈپ ئىككى يىل ماڭغاندىن كىيىن پادىشاھنىڭ قەدىمى تەسەۋۇپ زىمىننڭ چىگىرسى ‹‹رىم›› دىگەن شەھەرگە بېرىپ توختاپتۇ.بۇ شەھەردىكى كاتتا قارشى ئېلىشلارغا مۇيەسسەر بولغان پادىشاھ بىر نەچچە ئاي ئارام ئالغاندىن كىيىن قايتىشنى قارار قىلىپتۇ ۋە نۇرغۇن جاپا –مۇشەققەت ئارقىلىق كۈسەن دىيارىغا قايتىپ كىلىپتۇ.پادىشاھ بىلەن ھەمسەپەر بولغانلاردىن كىشلەر بۇ زىمىننىڭ قانچىلىك چوڭلىغىنى سورغان سۇئالىغا ‹‹بىزنىڭ زىمىنىمىز دەريادىن تاكى رىمغىچە›› ئىكەن، دىگەن جاۋاپقا ئىرىشپتۇ.كىيىنچى بۇ سۆز قىسقىراپ ھازىرقى ‹‹تارىم›› دىگەن سۆزگە يىغىنچاقلانغانمىش...
ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى چۇشلۈرۈمنى مەجبۇرى ئۈزۈلگەن قوغۇن ساپىقىدەك ئۈزۈپ قويدى.مەن بۇ چۇشلۈرۈمنىڭ بۇگۈنگىچە ئۇلۇنىشىنى خالايتىم.
|
|