- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2015-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- UID
- 65119
- يازما
- 3
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2015-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- توردا
- 4 سائەت
|
كەسىپىم بويىچە سۆزلىسەم تۇركىيەدەكى خەلىقلەرنىڭ ۋەتەنداشلىقى ئاجىز ،ئۇلار دۆلىتىم قانداقراق بولىشى كىرەك ،قانداق قىلسام دۆلەتكە پايىدىلىق ،سايلام ھوقۇقۇمنى قانداق ئشلىتىشىم ئەمەس بەزىدە ھىسياتقا تايىنىپ دۆلەتكە زىيانلىق ئشلارنى قىلىپ قالىدۇ ،سايلامغا «سايلامغا قاتناشماق ئۇچۈن»لا قاتنىشىپ قويىدۇ......(ھەممىسى ئەمەس ئەلۋەتتە )،قايسى پارتىيدىكىلەر بولسۇن ھەممىسى ۋەتەن ئۇچۈن دەپ تۇرۇپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە تىشىغا چىقىپ بەزەنلىرى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئۇرۇپ چىقىپ دۆلەتكە يەنى ۋەتىنىگە زىيان سالىدۇ ،قارشى پارتىيگە سۇيقەسىت پىلانلاپ قالىدۇ ،بىلىپ بىلـمەي مەقسىتىدىن قىيىپ كىتىدۇ .
خۇددى باشتا ئاللا دەپ يولغا چىققان بەزى مۇسۇلـمانلارنڭ بىر يەرگە كەلگەندە ئاساسى نىشاندىن چەتنەپ كىتىپ مەزھەپ ،گورۇھ ئايرىپ ،«بىگۇناە جانغا زامىن بولـماڭلار،قىساس ئلىڭلار ئەمما كەچۇرۋتسەڭلار ئەڭ ياخشى »دەپ ئنسانغا مىھىر مۇھەببەت ئۇگىتىۋاتسا ،ئشىپ تىشىپ ئۆزىگە ئوخشاش شاھادەت ئيىتقانلارنى «ياق ،سەن مۇسۇلـمان ئەمەس »دەپ ،ئاللاھنىڭ رولىنى ئلىپ(ئەستۇغفۇرۇللاە ۋە نەئۇزىبىللا ) ھۆكۈم بىرىپ ئۆلتۇرگەنلىكى ،كىمنىڭ كىم بولغىنىغا ئۇنىڭ تاشقى قىياپەتى ۋە يا بەزى گەپ ئش ھەركەتلىرىگە ئاساسەنلا باھا بىرىپ ،بىلىپ بىلـمەي سەن دوزاخ سەن جەننەت دىيۋىتىدىغان ،بىر ئادەمنىڭ ئۆلگىچە بولغان ئارلىقتا «كىم بولۇش ھەققىدە » پۇرسىتىنىڭ بارلىقى ،ئاللا خالىسا ئۇنىڭ ھەر زامان مۇسۇلـمان بولۇش ئمكانىيتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ ئالدىراپلا باشقىلار ئۇستىدە بىر نەرسىلەرنى دەپ سالىدىغان ،جەمىيەتتە ئتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان كىشلەرگە ئوخشاش.........ئەمىلىيەتتە فىتنە قاتىللىقتىن يامان دەيدۇ دىنىمىز .
تۇركىيە تارىخىغا قارىساق كامال (ئاتا تۈرك دىمەيمەن چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئاتام ئەمەس ۋە مۇستافا دىمەيمەن چۈنكى ئۇ ئۆزى بۇنداق بىر ئسىمنى ياخشى كۆرمىگەن ۋە كىيىن قۇللانمىغان ،بەزى ئمزالىرىغا ۋە تارىخقا قاراڭ )ھەممە ھوقۇقنى قولىغا ئىلۋالغان ۋە بەزىدە دىمىكۇراتىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۇچۇن ،باشقا پارتىيەلەرنىڭ قۇرلىشىغا رۇخسەت قىلسا ،ئارقىدىنلا يەنە قالدۇرۋەتكەن .ئۆلگىچە بولغان ئارلىقتا تۇركىيەنىڭ مۇتلەق سۇلتانلىق دەرىجىسىدە ھۆكۈم سۇرگەن ،شەخىسكە چوقۇنۇش (كامالغا چوقۇنۇش )ئىدىيسىنى كۇچلەندۇرگەن . ئۆلگەندىن كىيىن ،ئۇنىڭ پارتىيسى پۈتكۈل ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئىلۋالغان ،60.يىللارغا كەلگەندە ھەقىقى سايلام بىلەن تەختكە چىققان ئادنان مەندەرس ئلگىركى تۈركچە ئەزان ،سەللە ،مەسچىت قاتارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ ،فاتخ مەسچىتىنى مۇزىيدىن ناماز ئوقۇشقا ئچۋەتكەن ۋە ئقتساد جەھەتتىن ئسلاھات ئلىپ بىرىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى باشلىغاندا كامال يولىدىكى ئەسكەرلەر سياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ئۇنى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ ،بىر مۇنچە باھانەلەر بىلەن دارغائسىپ ئۆلتۇرۋەتكەن ،شۇ چاغدا تۈركىيەنىڭ ئقتىسادى كورىيە بىلەن تەڭ ھەتتا ئالدىدا بولۇپ،ئۇ مالـمانچىلىقتا بىراقلا چىكىنىپ كەتكەن (يۇتۇپتن تۇركىيەدىكى سىياسى ئۆزگىرىشكە قارالسۇن ).ھەربىيلەر 80.يىللاردا يەنە ئۆزگىرىش قىلىپ ھوقۇقنى قو لىغا ئلۋالغان ،90.يىللاردا تۈركىيەنىڭ ئقتىسادىنى گۇللەندۇرۇشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ،سىياسى جەھەتتىن ئسلاھات ئلىپ بارغان تۇرغۇت ئۆزەل تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان (زەھەرلەنگەن دەپ ئۆتكەندە جەسىدىنى تەكشۈردى ،شۇنداقراقمىش،جەسىتى بۇگۇنگە قەدەر چۇرىمىگەچكە ،بەزى دىن ئالىملىرى ئۇنى شىھىد بولۇپتۇ دىگەنتى ،يۇتۇپقا قاراڭ . )،ئۇنىڭدىن كىيىن تەخىتكە چىققان ئسلامچى ،ئسلام ئتتىپاقىنىڭ قۇرلىشىغا ئالاھىدە ئەجىر بەرگەن نەجمىددىن ئەرباكاننى بىر ئشلارنى باھانە قىلىپلا زولاپ چۇشۇرۋەتتى .ئارقىدىن ياغلىق ئاتقانلارنى تۇت تۇت بولۇپ كەتتى .ھازىر تەخىتتىكى ئەردوغان ئەسلىندە ئسلامچى نەجمىدىننىڭ پارتىيسىىدىن ئىدى، كىيىن ھازىرقى ئادالەت ۋە دىموكراسىيە (ئاك )پارتىيسىنى قۇردى. تۇنجى سايلامدا جامائەتنىڭ (تۇركىيەدىكى دىنى گۇرۇپ )نىڭ جىق قوللىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا تەختكە چىقتى ۋە يەنە سىياسى ئۆزگىرشنى پىلانلىغان ھەربىيلەرنى تۇتۇپ ،تۇركىيە قۇرۇلغاندىن (1923)تارتىپ ھەربىيلەرنىڭ دۆلەت ئشىغا ئارلىشىشىغا تۇنجى بولۇپ خاتىمە بەردى ،ئادەتتە دۆلەتنى مەمۇرلار ئىدارە قىلىدۇ ،ئەسكەرلەر باشقۇرغان دۆلەت قالايمىقان ،دىموكراسي يوق ،خەلىقنى قورقۇتۇپ ،تەھتىت سىلىپ باشقۇرىدۇ .....دەپ قارىلىدۇ ،ئقتىسادىمۇ ياخشى بولـمايدۇ ،چۈنكى ئقتىساد مۇتەخەسىسلەرنىڭ قولىغا ئەمەس ئەسكەرلەرنىڭ تاپانچىسىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ئۇچۇن .بۇنىڭ ئۇچۇنمۇ ياۋرۇپا بىرلىكى ئەسكەر دۆلەتنى باھانە قىلىپ تۇركىيەنىڭ ئەزا بولىشى ھەققىدە بەك سۆزلەشكىلى ئۇنمىغان .ئەردوغان تەختكى چىققاندىن كىيىن ،ئقتىدارىنى ئشقا سىلىپ (كەسپى :ئقتىساد)،قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ،پۇل پاخاللىقى ئغىر ،خەلىقئارادا ئسمىمۇ تۇزۇك ئاڭلانمايدىغان تۇركىيەنى بىراقلا دۇنيادىكى ئقتىساتتا 17گە ئەكەلدى .تۇركىيە ئون يىللاردىن بىرى تۇيۇقسىز بىيىپ كەتكەچكە ،يىللاردىن بىرى نامراتچىلىقتا قالغان خەلىقىڭ ئۇ دەۋىرلەردە يىتىلدۇرۋالغان ئادەمنىڭ ئچىنى ئاغرىتىدىغان بەزى ئادەتلىرىنى بەزى خەلق تاشلىغىنى يوق ،بۇنى تۇركيەدە تۇرۋاتقانلار بىلىدۇ ۋە يەنىلام ئۇيغۇردا بەرىكەت بار ،ئۇيغۇرلار مەرت ،قولى ئوچۇق ،ئاغىنداچىلىقى بار دەپ ئۆتۇپ كىتىدۇ .ئەردوغانغا ئۆچلەرمۇ بار ،ئەمما ئۇىڭ قىلغان ئشلىرى كۆزگە كۆرنەرلىك بولغاچقا ،قوللايدىغانلارمۇ خىلى كۆپ،مۇنداق قارىسام كامالىزىمچىلار ،بەزى تۇرك مىللەتچىلىرى ۋە ماركىزىمچىلار ئۇنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىكەن ،ئبادىتىنى جايىدا قىلىدىغانلار بەك سۆيۇپ كەتمىسىمۇ تىللاپ كەتمەيدىكەن .تۇركىيەنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى خالىمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ،يىللاردىن بىرى تۇركىيەنى بوش قويمىغانلىقىنى،ھەر تۇرلۇك باھانىلەر بىلەن دۆلەت ئچىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشغىنىنى ،كىتابلارنى ،خەۋەرلەرنى جىق ئوقۇيدىغان ،تەپەككۇر قىلىشنى ياخشى كۆردىغانلار دوسىتلار كۆرۈپ يىتەلەيدۇ ،ئەردوغانغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ بۇ «قالايمىقانلاشتۇرۇش » ھەركىتىنىڭ بەك ئشقا ئاشمىغانلىقى ئادەمنى ھەر تۈرلۈك ئويغا سالـماي قويمايدۇ.مەن بۇنى ئاللاھنىڭ تۇركلەرگە ۋە ئسلامغا بولغان رەھمىتى دەپ چۇشەندىم . |
|