- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 121
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 121
- تىزىملاتقان
- 2014-10-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-29
- UID
- 62260
- يازما
- 121
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 121
- تىزىملاتقان
- 2014-10-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-29
- توردا
- 51 سائەت
|
مەرھابا نورۇز ،مەرھابا باھار
(نەسىر)
مەرھابا نورۇزۇم ،مەرھابا ،
باھارىمنى ئېلىپ كەلدىڭ سەن .
يۈرەكلەرگە لىقلاپ تولدۇرۇپ ،
مېھرلەرنى سېلىپ كەلدىڭ سەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەلكۈيى تورىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ،باھارنىڭ ئىللىقلىقىدا ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يازغۇچى دوسلار ،ئۇستازلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالامىمنى ،ۋە ھۆرمىتىمنى يوللايمەن .
نورۇز دىمەك ، باھار دىمەك ،يىل بېشى دىمەك . ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە خۇددى پۈتۈن كائىنات مۇشۇ كاتتا بايرام_ نورۇزنى تەبرىكلەۋاتقاندەك ،پۈتۈن ئەل يۇرت خۇشاللىققا چۆمىدۇ ،چۈنكى نورۇز ئۆزى بىلەن تەڭ يەنە قەلىبلەرگە ۋە زېمىنلارغا ئىللىقلىق شۇنداقلا تەبىئەتكە يېڭى ھاياتلىقنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ .
شۇنداق، زېمىستان شاھىنىڭ قىزى قار مەلىكىنىڭ ئېغىر يوتقانلىرى ئاستىدىن ئۇيقىلىرىنى تۈگىتىپ سىرتتىكى ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ مەلىكىسى بىلەن خوشلىشىپ باشلىرىنى كۆتىرىشىپ تەبىئەتكە ئۆزىنى تونۇشتۇرىۋاتقان بۇغداي مايسىلىرىمۇ ،تەبىئەتكە قايتىدىن جانلىقلىق ،ھاياتلىقنى تونۇتىۋاتقان قۇرت- قوڭغۇزلارمۇ ،ئىللىق شامالدا لەرزان ئىغاڭشىۋاتقان دەل-دەرەخلەرمۇ ،بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن پارلاپ چىقىپ پۈتۈن ئەتراپقا سېخىلىق بىلەن ئىللىق نۇرلىرىنى چېچىۋاتقان قۇياش بوۋايمۇ ،شاخلارغا ئەركىلەپ قونۇپ كائىناتنىڭ قايتىدىن گۈزەللىشىۋاتقىنىغا قاراپ خۇشال –خۇرام نورۇزنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىۋاتقان قۇشلارمۇ ئىشقىلىپ ھاياتلىققا ئىنتىلىۋاتقان ھەر بىر جانلىقنىڭ باھارنى ،نورۇزنى كۈيلىگىنىنى كۆردۈم .
ئېرىقلارغا شىلدىرلاپ كەلگەن سۇنى كۆرگەن مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ئېقىننى بويلاپ ،بەسلىشىپ يۈگرەپ كېتىشى ،خۇددى ئاشۇ سۇ ئۇلارنى باشلاپ يېڭى بىر مەنزىلگە باشلاپ ئاپىرىدىغاندەك . چىرايلىقىننە كۆينەكلىرىنى كىيىپ چاچلىرىنى تال تال ئۆرۈپ ،چاقچاق قىلىشىپ ،چېلەكلىرىگە سۇ ئېلىۋاتقان قىزلار ،ئۇلارنىڭ بويلىرى مەجنۇنتاللارنى قىزغاندۇرسا ،تەبىئەتنى خۇش قىلاتتى ،قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازى يىگىتلەرنى ئۇيقۇدىن ئويغۇتۇپ سەگەكلەشتۈرەتتى.ئىشچان دېھقانلارنىڭ تۈگىمەس دېھقان ناخشىلىرى ئېتىز – ئېرىقلاردا ،مەھەللە كويلاردا قايتىدىن ياڭراشقا باشلىدى ،پۈتۈن ئەتراپ خۇشپۇراق جىگدە چېچىكىنىڭ پۇرىقى بىلەن تولغان ، نەلەردىندۇر كاككۇك ،ھۆپۈپلەرنىڭ ،سەھەرلەردە خۇش ئاۋاز قۇشقاچلارنىڭ يېقىملىق سايرىغان ،ۋىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .بۇنڭىغا قوشۇلۇپ سۆگەتلەرنىڭ چىۋىقىنى ئات قىلىپ مىنىپ ،ھەر خىل قىلىقلارنى چىقىرىپ قوغلىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ شوخ چۇقىراشقان ئاۋازى . بۇلارنى كۆرگەن ھەر بىر ئىنسان چوقۇم ئۆزىنى جەننەت كەبى بىر ماكاندا ياشاۋاتقابدەك ھېس قىلىدۇ. ئادەمگە ھەممىدىن بەك ھۇزۇر بېغىشلايدىغىنى شۇكى باھارنىڭ ئىللىق ،ئىزغىرىن شاماللىرى يۈزىمىزنى سىيپاپ ئۆتكەندە ئىللىق بىر خىل مېھىرنى ،يەنى ئانىمىزنىڭ مېھرىنى ھېس قىلىمىز ،شامالنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمىزدىن ئۆتكەندە بولسا تەبىئەتنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى جانلاندۇرىدىغان رىتىملىق ،مۇڭلۇق بىر ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز .
تەبىئەت مانا مۇشۇنداق ئەڭ گۈزەل مەنزىرلەر ئىچىدە ،دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مۇزىكا ئەتىرتىنى بويسۇندۇرغىدەك مۇڭلىرى بىلەن ،ئەڭ گۈزەل فوتو – سۈرەت ئەسىرىنى بېسىپ چۈشكىدەك مەنزىرلىرى بىلەن بىزگە زېمىستاننىڭ قىيناشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ، مۇزلىرىنى ئېرىتىپ ،خۇددى قاقشال دەرەخلەر باھارنىڭ كېلىشى بىلەن قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىپ كۆكلىگەندەك شېرىن ھېس تۇيغۇلار ئىچىدە قەلىبلەرنى ئىللىتىپ ئاجايىپ بىر تۈگىمەس سوۋغىلارنى ئاتا قىلدى .
نورۇز – بىزگە بېرىلگەن سوۋغىلار ئىچىدىكى ئەڭ كاتتىسى ، نورۇز بولسا تەبىئەتنىڭ بايرىمى ،تەبىئەتنى سۆيۈپ كەلگەن ،ئىللىق تەبىئەتنىڭ كاتتا سوۋغىلىرىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ بايرىمى ،بۇ بىر تەبىئەت بەزمىسى ،چۈنكى بۇ كۈندە پۈتۈن يۇرتتا تەبىئەتكە بولغان سۆيۈنۈشلەر ،تەشەككۈرلەر ھەر بىر يۈرەكنىڭ قات- قاتلىرىدىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ ،قەلىبلەر يايرايدۇ ،پۈتۈن كائىنات كۈلىدۇ ،كەلگىن باھار ،سېنى پۈتۈن دۇنيا كۈتىۋاتىدۇ ،كەلگىن باھارىم دەپ چاقىرۋاتىدۇ ،كەلگىن نورۇز ، سوۋغىلىرىڭ ئىچىدە كۈلىۋاتقان قەلىبلەر سېنىڭ قەدەملىرىڭگە ئىنتىزار بولىۋاتىدۇ ،ئاڭلاۋاتامسەن يىراق –يىراقلاردىن كەلگەن ئاۋازلارنى : كەلگىن نورۇز ،مەرھابا باھار ،مەرھابا نورۇز ..
|
|