كۆرۈش: 3136|ئىنكاس: 6

دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پوتبولچى (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
60615
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2014-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-10
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 16:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                         دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى
                                                                                    
                                                                    ئادىلجان بىجەن
  تۈنۈگۈن
  كىچىك ۋاقتىمدا دادام مىنى يىتەكلەپ توپ ئوينىتاتتى.مەن بىلەن بىرگە توپ تىپەتتى.ئۇ چاغدا دادام مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ئىدى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ دادامدەك پۇتبولنى قالتىس ئوينايمەن دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.دادام مەن ئۇچراتقان تۇنجى پۇتبولچى،تۇنجى تىرىنىر ئىدى.
  ئازراق چوڭ بولۇپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە پۇتبول ئوينۇدۇم.دادام مىنىڭ بىردىن بىر كۆرۈرمىنىم ئىدى.ئەڭ ياخشى قوللۇغۇچۇم ئىدى.ھەر قىتىم پوتبول،پۇتبول ئايىغىنى،پۇتبول كىيىمىنى دادام ماڭا سوۋغا قىلاتتى.كەچكىچە توپ ئويناپ كىيىملىرىمنى مەينەت قىلىۋىتىپ ئانامدىن تىل ئاڭلىغىنىمدا دادام ئوتتۇرىغا چۈشۈپ گۇناھنى ئۈستىگە ئالاتتى.ئۆيىمىزگە تىلۋىزور سىتىۋىلىپ دادام مەن بىلەن بىرگە پۇتبول كۆرەتتى.بەزىدە ئانامنىڭ سەنئەت  پوراگىرىمىسى كۆرىدىغان پۇرسىتىنى تالىشىپ مەن بىلەن بىرگە پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرگەچ ماڭا پوتبول مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسى،داڭلىق پۇتبولچىلار،داڭلىق پوتبول كوماندىلىرى،كوماندىلار توغرىسىدا سۆزلەپ بىرەتتى.دادام مەن ئۇچراتقان تۇنجى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.پۇتبول بىلىمى جەھەتتىن مەن ئۈچۈن يىگانە شەخىس ئىدى.
بىراق چوڭ بولدۇم.ئاتامنىڭ سەۋىيسىنىڭ چاغلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.باشلانغۇچتىكى مۇئەللىم مىنىڭ پۇتبولغا ئامراق ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ مەندىن<<سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پۇتبولچى كىم>>دىسە<<دادام >>جاۋاپ بىلەن سىنىپتا ساۋاقداشلىرىم،مۇئەللىمنىڭ كۈلكىسىگە ،مەسخىرىسىگە قالدىم.بارا_بارا ئۆز ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ دادامنىڭ ئەڭ مۇنەۋەۋر پوتبولچىلىق سىماسى خرەلىششىگە اشلىدى.
چوڭ بۇلىۋەردىمدوستلۇرۇم بىلەن چوڭ كىچىك مۇسابىقىلەردە توپ ئوينۇدۇم.يىڭىش_يىڭىلىشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش بولغان بۇ مۇسابىقىدە يىڭىلىپ قالغىنىمدا سوغۇق نەزەر،ئاچچىق تەنقىد،تۈگىمەس تاپە تەنىلەرنى ئاڭلاپ كەلدىم.يىڭىۋالغاندىكى خۇشاللىقنى دوسلۇرۇم بىلەن بىرگە بەھرىمان بولۇپ،يىڭىلغاندىكى ئاچچىقمنى ئۆيدىن چىقاردىم.
چوڭ بولىۋەردىم.دادامنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنىڭ بەك كونا نەرسىلەر ئىكەنلىكنى ھىس قىلدىم.ئەمدى پۇتبولنى ئابروي،ھۆرمەت ئۈچۈن گەپنىڭ ئۇچىقى قىز دوستۇم ئۈچۈن تىپىدىغان بولدۇم.ئۇنىڭ ماختىشى ئۈچۈن ئوينايدىغان بولدۇم.ئاتامنىڭ پۇتبول بىلەن بولغان مۇناسىتىنى ئۇنتۇپلا كەتتىم.
ئاتامنىڭ ماڭا ئۆگۆنىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ ،مىنى پۇتبولغا ئەسەبىي ھالدا بىرىلمەسلىكى توغرىسىدىكى نەسىھىتى مەن ئۈچۈن ئەڭ ھوڭ توسالغۇ بىلىندى.شۇنىڭ بىلەن دادامنى پوتبول بىلەن قارىمۇ قارىشى قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم.ھەتتا دادامنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئاتىلىق ئوبرازىمۇ سۇسلىشىپ كەتتى.چىشىمنى چىشلەپ دادامغا بولغان نەپرەت ئۈچۈن ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم.گەرچە كەسپىي پۇتبولچىغا ئايلىنالمىغان بولساممۇ بىراق پوتبولنى تاشلاپ قويمۇدۇم.

بۈگۈن
يىللار ئۆتۈپ كەتتى.دادام بوۋايغا،ئانام مومايغا،مەن ياش يىگىتكە ئايلاندىم.دادام قىرىغىنىغا باقماي مەن بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرىشكە تەكلىپ قىلاتتى.ئانامنىڭ قارىشىچە بۇ ئالجىغانلىق ئىدى.مەن ئۈچۈنمۇ بۇ بىر ئاقىلانە تاللاش ئەمەس ئىدى.مەن يەنىلا دوسلۇرۇم بىلەن بىللە ئازراق دو تىكىشىپ ئويناشنى،مۇسابىقە مەزگىلىدە  كەچتە ئۆيگە كىرمەسلىكنى تاللىدىم.
كىيىن مەنمۇ بىر ئائىلە قۇرىۋالدىم.بالاممۇ تۇغۇلدى.شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈمدە سىزنىڭ كونا كالىڭىز بىلەن بالامنى قانداقمۇ تەربىيلەي دەپ ئويلىغانىدىم.كاللامدا دادامنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئۇزاق ئۆتمەي دادام كىسەل بىلەن ئالەماىن ئۆتتى.بىز يىغا-زار ئىچىدە دادامنى يەرلىككە قويدۇق.قىرقىدىن كىيىن دادامنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ساقلايدىغان كونا ساندۇققا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.قىزىقىش ئىچىدە ئۇ ساندۇقنى ئاچتىم.ساندۇقتىن كونا بىر خاتىرە بار ئىدى.ختىرىنى ئاچقىنىمدا ئۇنىڭ دادامنىڭ بۇرۇنقى كۈندىلىك خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.تۇيۇقسىز خاتىرىدىن بىر پارچە رەسىم چۈشۈپ كەتتى.رەسىمدە قولىدا پۇتبول كۆتىىۋالغان،پوتبول كىيىمى ،پۇتبول ئايىغى كىيىۋالغان،چىرايىدا ھىيتلىق ئالغاندەك كۈلكە يىغىۋاتقان كىچىك بىر بالىنىڭ سۈرىتى ئىدى.ئۇ مىنىڭ رەسىمىم ئىدى.خاتىرىنىڭ رەسىم قىستۇرۇلغان بىتىنى ئاچتىم.مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى.:بۈگۈن ئوغلۇمغا تۇنجى قىتىم پۇتبول ۋە پۇتبول كىيمى ئىلىپ بەردىم ئۇ كۈلكىسىنى باسالمىدى.گەرچە پۇتبولنى ياخشى كۆرمىسەممۇ لىكىن ئوغلۇم ئۈچۈن بۇنىڭدىن كىيىن پۇتبولنى تاللىدىم....>>تۇيۇقسىز ئاتامنىڭ سىماسى كۆز ئادىمدا ھازىر بولدى.توپ ئويناۋاتقان دادىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئۆزى ئانچە قىزىقمايدىغان پوتبول ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دىمەي يۈگىرەۋاتقىنى كۆز ئالدىمدمغا كەلدى.
قولۇمدىكى رەسىمنىڭ چاڭ توزاڭلىرىنى كۆز ياشلىرىم سۈرىتىۋاتتاتتى.
ئوغلۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپ شۇنى ئويلاپ قالدىم.باشلانغۇچتىكى مۇئاللىم يەنە شۇ سۇئالنى قايتا تەكرىرلىغان بولسا مەنمۇ جاۋابىمنى تەكرەرلىغان بولاتتىم.چوقۇم تەكرارلايتىم.
مەن توپ ئوينىغاندا ھىچكىم مەن ئۈچۈن ئەمەس توپ ئۈچۈن خۇشال بولىدىكەن.پەقەت دادام بۇنىڭ سىرتىدا.
ھىچكىم مىنىڭ پۇتبول كىيىمىنى كىيگەن ھالىتىمنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتىكەن(بەدەن شەكلىممۇ ئانچە چىرايلىق ئەمەس ئىدى).پەقەت داداملا بۇنىڭ سىرتىدا.
داداملا پەقەت داداملا توپتىن ئەمەس مەندىن ھۇزىرلىنىدىكەن.ئەسلى كىچىكىمدە ئويلىغىنىم توغرا ئىكەن.دادام ھەقىقىي پۇتبولچى،ھەقىقي تىرىنىر ئىكەن.دادام ماڭا توپ ئويناشنى ئۆگەتمەپتۇ.مۇھەببەت ئۆگىتىپتۇ.دادامنىڭ مەن بىللە ئوينىغىنى توپلا ئەمەس ئاتا مىھرىنىڭ مۇجەسسىمى ئىكەن.

ئەتە
دادا بولدۇم.ئوغلۇممۇ چوڭ بۇلىۋاتىدۇ.مەن ئامراق كومپىيوتىرنى ئۆچىرۋەتتىم.بازادىن پوتبول سىتىۋىلىپ ئوغلۇمغا بەردىم.ئوغلۇم پوتبولنى ئەينى يىللاردامەن خۇش بولغاندەك.ئوغلۇمنى رەسىمگە تارتىم .ئۇ دەل كىچىك ۋاقتىمدىكى مەن ئىدىم.تۇيۇقسىز بالامغا بىر تىرىنىرنىڭ لازىملىقىنى ھىسقىلىپ ئوغلۇم بىلەن پوتبولنى قوغلاپ يۈگۈردۈم.دادامغا ئوخشاش يۈگۈردۈم.يۈگىرەۋاتىمەن.دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرىنىرغا،ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىغا  ئايلىنىش ئۈچۈن،خۇددى دادامدەك...توپ يورغىلاۋاتىدۇ،ياق يەرشارى ئايلىنىۋاتىدۇ...بىز ئۈچۈن ئايلىنىۋاتىدۇ.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى
2012 يىللىق ئوقۇغۇچىسى

UID
45022
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-6
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 14:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىن ئىكەنلىكىڭىز بىكار ئەمەسكەن ....

UID
50152
يازما
51
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-20
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 22:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   تونۇشۇپ قويايلى...     كەسىپداش بولغاندىكىن....

UID
11177
يازما
286
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1816
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-28
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 04:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن خىنۆم ئامما يامان ئوبدان يېزىپلا جۇما ما ئەسەرنى،  قوللىرىغا دەت كەلمىسۇن ياقتۇردۇم .

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بەك بەخىتلىك !

UID
2683
يازما
309
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
9761
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-13
توردا
86 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 13:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسپىي يازغۇچى دېگەن يەنىلا كەسپىي يازغۇچى بولدىكەن ،،يازغانلىرىرىمۇ باشقىچە چىقىدىكەن مانا ~~
تىرىشىڭ ~~


UID
8174
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2010-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-25
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 17:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز رەخمەت سىزگە ،جاپا تارتىپسىز.

UID
61007
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2014-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 19:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز رەخمەت سىزگە  .            يەنىمۇ تىرشىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش