- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 8
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-27
- UID
- 59859
- يازما
- 8
- تېما
- 8
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-27
- توردا
- 12 سائەت
|
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئوتتۇز ئۈچ جۈملىلىك ساۋات
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبىرى، ئاتالغۇلۇق ئۇقۇم دائىرىسى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئەڭ قىسقا ۋە مېغىزلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي خان، ئاتالغۇ.
تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئىچىدە، تىل – يېزىق تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ئاشۇ ئۇزاق تارىخىي جەريان بويىچە، ئادەتتە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى» (ياكى «چاغداش ئۇيغۇر تىلى») دېگەن ئۈچ باسقۇچلۇق بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تىلشۇناسلىقنىڭ ئىنچىكە قائىدىلىرى بويىچە ئېيتقاندا، مەزكۇر ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچ تۈرى ئۆز ئالدىغا روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېگىنىمىز، ئادەتتە، ئۇيغۇر يۇرتى چاغاتاي خانلار ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ. يازما ئەسەرلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئېيتساق، ناسىرىددىن رابغۇزىي مىلادىيە 1310- يىلى قەلەمگە ئالغان «قىسەسۇل ئەنبىيائى رابغوزىي» (رابغوزىي بايان قىلغان پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسەلەر) دىن تارتىپ، 1953- يىلى چاغداش ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى تۈزۈلۈپ، ئېلان قىلىنغانغا قەدەر ئارىلىقتا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەر سانىلىدۇ.
تىپىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا راۋاجلىنىش بىلەن بىر چاغدا، قۇرئاننىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىدىن ۋە ئۇيغۇردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان قېرىنداش پارس مىللىتىنىڭ تىلىدىن نۇرغۇنلىغان سۆز – ئىبارىلەرنى، تۇراقلىق تەركىبلەرنى، فولكلورىستىك ئادەت سۆزلىرى بولغان پۈتۈن-پۈتۈن جۈملىلەرنى ۋە بىرمۇنچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
ئەڭ ئېنىق گەپ بىلەن ئېيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېمەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ تىلى دېمەكتۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى شۇ قەدەر سېھىرلىك ۋە شۇ قەدەر جازىبىدار قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭدىن باشقا، ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارغا «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» كەبى ياراشقان، ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئۇقۇم كۈچى ئارقىلىق ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە جىلۋىلەندۈرگەن بىباھا ئۇيغۇر تىلىدۇر.
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى خەلقئارادا. «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتايدۇ. خەلقئارا سەھنىلەردە دېيىلىۋاتقان چاغاتاي تىلى خەلقئارالىق تىل بولۇپ، ئۇنى تارىختا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل مىللەتلەردىن ئوزبەك مىللىتى، قازاق مىللىتى، قىرغىز مىللىتى ۋە ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىكى تۈرك مىللىتى قاتارلىقلارمۇ ئىشلەتكەن. ئەمما، ھەرقانچە يوغان دەرەخنىڭمۇ بىر تۈپ يىلتىزى، ھەر قانچە ئۇزۇن دەريانىڭمۇ بىر باش مەنبەسى بولىدۇ. مەزكۇر خەلقئارالىق چاغاتاي تىلىنىڭ يىلتىزى ۋە كېلىش مەنبەسى ھەققىدە، جاھان تۈركولوگلىرى ئارىسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە ئالىم شەمسىددىن سامىي ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىناۋەتلىك ئەسىرى «قامۇسۇل ئەئلام» دا: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، بۇلارنىڭ تىلى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى. چاغاتاي خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ‹چاغاتاي تىلى› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان» دېگەن («قامۇسۇل ئەئلام» نىڭ 3- توم، 1876- بېتىگە قاراڭ). مانا بۇ چاغاتاي تىلىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، يەنى قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بېرىلگەن ئەڭ ئېنىق ۋە ئەڭ لىللاھ تەبىر. دېمەك، چاغاتاي تىلىنىڭ ئەسلىي، ئۇنىڭ قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكى ئەزەلدىن ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىدۇر!
مەزكۇر چاغاتاي تىلىنى خەلقئارادىكى تۈرك، ئوزبەك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر ئۆز تەۋە-تەئەللۇقاتى ئاساسىدا ۋە ئۆز دۆلەتلىرى مۇھىتىدا، «چاغاتاي تۈركچىسى»، «قەدىمقى ئوزبەك تىلى» دەپمۇ ئاتاپ ئىشلىتىدۇكى، بىزنىڭ ئۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتىشىمىزمۇ مانا شۇنداق زۆرۈرىيەتلىك ئايرىمىلىق ۋە خاس مۇھىت ئېتىبارى بىلەن بولغان ئەمەلىي، ئىلمىي ۋە ئاقىل ئاتاش ھېسابلىنىدۇ، ئەلبەتتە.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دېگەن ئاتالغۇدىكى «چاغاتاي» كەلىمىسىنى «موڭغۇل پادىشاھنىڭ ئىسمى ئىكەن» دەپ يەكلەپ، چىقىرىپ تاشلاش ئاقىللىق بولمايدۇ. چۈنكى، چاغاتاي خانمۇ خۇددى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان، تارىختا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان تۆھپىكار پادىشاھىمىزدۇر.
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش بىلىمسىزلىك بولىدۇ. چۈنكى، تارىخ بىلىمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، 14- ئەسىرنى دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر ئىلىم ئەھلى «يېقىنقى زامان» دېمەيدۇ.
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى «يېقىنقى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش تارىخ چېكى جەھەتتە مەۋھۇم، ئۇقۇم جەھەتتە تۇتۇق ۋە تۇتۇرۇقسىز بولۇپ قالىدۇكى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامان چېكىنى ئېنىق قىلىشتا، «چاغاتاي» نامىدىنمۇ مۇۋاپىق، مۇناسىپ ۋە ئەۋزەل كەلىمە يوقتۇر.
«‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى› دېگەن ئاتالغۇدىكى ‹چاغاتاي›نى يوقىتىمەن» دەپ زېھىن ۋە ئەمگەك ئىسراپچىلقى قىلغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزدىكى ۋە خەلقىمىزدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ساۋاتسىزلىقىنى يوقىتىش ئەۋزەل ۋە ئەلادۇر.
چۈنكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇسۇلمانچە كىشى ئىسىملىرىدىن تارتىپ، فولكلورىستىك ئادەت، ئەل جامائەتلىك ئولتۇرۇش-قوپۇش، سالام-سىھھەت سۆزلىرىگىچە بولغان پۈتكۈل ئىسلامىي كەلىمىلەرنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقىلا تولۇق ئىزاھلاپ، توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى بىلىملىرىنىڭ ئۇل- ئاساسىدۇر.
شۇنداق، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ۋە «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر باش بەلگە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى، ھېلىھەم زوق – شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنىۋاتقان ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ تىلى بولغانلىقى، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا، نىسبەتەن زور سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر يېزىلغان شاراپەتلىك تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي قىممەت، رېئال ئەھمىيەت ۋە ئىقباللىق زۆرۈرىيەتكە ئىگىدۇر.
(«چاغاتاي تىلى» (1986-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (2007-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مېغىزلىق بايان» (2012-يىل) قاتارلىق كىتابلار ئاساسىدا ھازىرلاندى)
2014-يىل 20- مارت، نەۋروز ئەرپىسى.
|
|