شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى تورى بىرلىشىپ پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئىشلىگەن <<شىنجاڭغا مۇھاببەت>› تېمىسىدىكى مەخسۇس چاتما زىيارەت فىلىم(2) جۇڭگو تۈركى تىللار تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىرى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مىللەتشۇناسلىق جەمئىيتى ئالتايشۇناسلىق جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پرورېسسور لېتىپ توختى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى ئۇيغۇر تىل -ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارۇز بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت 
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ۋە بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ توردىكى مەنىۋى تۇرمۇشىڭلارغا يېڭىچە مەنا، بەخت - ئامەت،باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا زور مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.
بۈگۈن بىز ئۆز ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيتى ۋە ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بىر ئۆمۈر ھاياتىنى سەرپ قىلغان،توختىماي ئۇيغۇرتىل تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان مائارىپ سېپىدىكى ھارمان ئۇستازىمىز لېتىپ توختى ۋە ئەركىن ئارۇز بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ھوزۇرۇڭلارغا سونۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز.
لېتىپ توختى -ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ھەم ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان پروفىسسور،پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ۋە دوكتۇر يىتەكچىسى،ئۇنىڭ ئالتايشۇناسلىققا ئائىت نۇرغۇن تەتقىقاتلىرى تىلشۇناسلىقتا تارىخى ئەھمىيەتلىك رول ئوينىغان،لېتىپ توختى ھازىر دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى باھالاش گۇرۇپىسىنىڭ مۇتەخخەسىسى،جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىرى،جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىلشۇناسلىق جەمئىيتى ئالتايشۇناسلىق جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كىلىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى ئۇيغۇرتىل ئەدەبىياتى فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى،دوتسېنت ئەركىن ئارۇز تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى ھەم ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،بۇ جەھەتتىكى خەلقئارالىق تەتتقىقاتنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى،ئەركىن ئارۇزغا ئوخشاش ئىلىم ساھەسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم ،تىل تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقات قىلىشى نەتىجىسىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيتى تېخىمۇ جۇلالانماقتا.
لېتىپ توختى ۋە ئەركىن ئارۇز بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت فىلىمى تولۇق قىسمى
(قوش چەكسىڭىز پۈتۈن ئېكران قويۇلىدۇ،ناۋادا IPAD,IPHONEلاردا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ خەتنى چىكىش ئارقىلىق كۆرسىڭىز بۇلىدۇ) ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ 
مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگۇ مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى ئالتايشۇناسلىق تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفىسور، دوكتۇر ئاسپىرانىتلار يىتەكچىسى لېتىپ توختى سۆھبەت ئۈستىدە
شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى تورى بېيجىڭغا بېرىپ ئىشلەۋاتقان بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگو تۈركى تىللار تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىرى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مىللەتشۇناسلىق جەمئىيتى ئالتايشۇناسلىق جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،پروفىسسور، دوكتۇر ئاسپىرانىتلار يىتەكچىسى لېتىپ توختى ۋە دوتسېنت، ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى ئەركىن ئارىز مۇئەللىملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
رىياسەتچى ئۈمىد غەنى مېھمانلارنى ئۇلارنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى، بالىلىقىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق پىراگىراممىغا باشلىدى. پىراگىرامما مۆھتىرەم تىلشۇناسىمىز لېتىپ توختى مۇئەللىمنىڭ: « تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر مىللەتنىڭ ماددى، مەنىۋى بايلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى.» دېگەن سۆزلىرى بىلەن رەسمىي باشلىنىپ كەتتى.
رىياسەتچى بىلەن ئىككى مۆھتىرەم ئۇستاز ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ھاياتى، نېمە سەۋەبتىن پايتەخىتكە كەلگەنلىكى، قايسى كۈچ ئۇلارنى 40 نەچچە يىلدىن بېرى تېنىمسىز مۇشۇ ساھەگە ئۆزنىڭ يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات پىلانى توغرسىدا ئەتراپلىق سۆھبەتتە بولدى.
پىروگىرامما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەلكۈيى مۇخبىرلىرى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئوقۇغۇچىدىن بۈگۈنكى زىيارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قانداق تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكا-ھەدىلىرىگە قانداق يۈرەك سۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « بۈگۈن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى جۈملىدىن ئانا تىلىمىزنى تەتقىق قىلىش، قىدىرىش بېيىتىش ئۈچۈن 40 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇزلۈكسىز مۇشۇ ساھەگە ئۆزنىڭ يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرۋاتقان تىلشۇناسلىرىمىزدىن لېتىپ توختى ۋە ئەركىن ئارىز مۇئەللىملەرنى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىراگىراممىسىنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە بۇ زالدا كۆرگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن مۇشۇ دەمدىكى ھېسياتىمنى شەۋقى بوۋىمىزنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا يىغىنچاقلىغۇم كېلىۋاتدۇ.
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كىلۇر...[1]
مۇشۇ پۇرسەتتە بەش يىلدىن بېرى بىز ئۈچۈن جۈملىدىن كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن، ئۆزلىكىنى، كىملىكىنى تونۇش، ئەجداتلىرىنىڭ قىممەتلىك يازمىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغىللىنىش دەرىجىسىگە ئىگە قىلغان، يىلتىزىمنى تونۇتقان، شۇنداقلا گۈزەل كلاسىك ئەسەرلىرىمىزدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۈگەتكەن، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىمغا چىن كۆڭلىمدىن سەمىمىي تەشۈككۈرۈمنى بىلدۈرمەن. ئۇلارنىڭ مىللەت ئۈچۈن تىنغان ھەربىر نەپسىنىڭ مەڭگۈ داۋام ئىتىشىنى، ئىجادىيەت ئۈچۈن تەۋرەتكەن قەلەم ئىزلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى، ئانا تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن ماڭغان ھەر بىر قەدەم ئىزىدىن ئەڭ گۈزەل، ئەڭ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...دىگەنگە ئوخشاش كۆڭۈل سۆزلىرى نەق مەيداندىكى نۇرغۇن تاماششىبىنلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەندى.قېنى سىزمۇ ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ ئىككى ئوغلانىمىزنىڭ بايانلىرىغا ، كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ ھەمدە ئۇلارغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئىنكاسلىرىڭىزدا قالدۇرۇڭ.

قوشۇمچە: بېيجىڭدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى زىيارەتلىرىمىز ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەرلەرنى تۆۋەندىكى بايانلاردىن كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.
شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى تورى بىرلىشىپ پايتەختىمىز بېيجىڭدا <<شىنجاڭغا مۇھاببەت>› تېمىسىدىكى مەخسۇس چاتما زىيارەت فىلىم بۈگۈندىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى ئايقەمەر ئېلى تىيەنئەنمېن خەلق سارىيى ئالدىدا زىيارەت ئۈستىدە 
شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئۈمىد غېنى بېيجىڭدا زىيارەت ئۈستىدە
(قوش چەكسىڭىز پۈتۈن ئېكران قويۇلىدۇ،ناۋادا IPAD,IPHONEلاردا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ خەتنى چىكىش ئارقىلىق كۆرسىڭىز بۇلىدۇ) ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە پىلانلىشى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى (XJTV-2) چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش ئىشخانىسى ھەمدە ئەلكۈيى تورى ئالاھىدە ھەمكارلىشىپ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلەش مەقسىتىدە 20 كۈنگە يېقىن پايتەختىمىز بېيجىڭدا مەخسۇس چاتما زىيارەت فىلىم ئىشلەش خىزمىتىدە بولۇپ،5-ئاينىڭ 6-كۈنى غەلبىلىك ھالدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،زىيارەت فىلىملەر جىددىي كىرىشتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويوپ،بۈگۈندىن باشلاپ ،ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى،شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىدا 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ ھەر شەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6دىن 51مىنۇت ئۆتكەندە ھەپتىدە يېڭى بىر سان زىيارەت فىلىم قويۇلۇشقا باشلايدۇ .تور ۋە تېلېۋېزىيەدە ھەر ھەپتىدە بېيجىڭدا ئىشلەنگەن يېڭى بىر سان زىيارەت فىلىم ئېلان قىلىنىدۇ.
 بۇ قېتىم شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ بېيجىڭدا ياشاپ خىزمەت،ئۈگىنىش ۋە باشقا ساھەلەردە تېرىشىپ نەتىجە يارىتىپ،خەلقىمىزگە ئۈلگە بولۇش روھى ئالاھىدە ياخشى بولغان كىشىلەرنى كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسى،ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش خىزمىتى تۇنجى قېتىملىق ئەھمىيەتلىك خىزمەت بولۇپ،بۇ قېتىملىق فىلىم ئىشلەش خىزمىتىگە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى سۈبھى ئەخمەت، كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى،رىياسەتچىسى ئۈمىد غېنى ، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش،تۈر ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەلىمجان ھەسەن ، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ تېخنىك يىتەكچىسى نۇرەخمەت ئىمىن ، ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار،ئەلكۈيى تورىنىڭ رىياسەتچىسى ئايقەمەر،ئوپىراتورلاردىن ئەزىز پەرھات،شۆھرەت ئەرمىدىن ،ئابدۇقادىر، مۇخبىر يۇلتۇز ئەخمەت،مەرھابا ئابلىز قاتارلىقلار بېيجىڭغا بېرىپ مەخسۇس زىيارەت فىلىم ئىشلەش خىزمىتىدە بولدى.

رەسىمدە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى توردىن بېيجىڭغا فىلىم ئىشلەش خىزمىتىگە بارغان 10 نەپەر خىزمەتچىلەردىن بىر كۆرۈنۈش 
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك پايتەختىمىز بېيجىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادى،مەدەنىيەت مەركىزى ..بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرمۇش رېتىمى ئىنتايىن تېز،رىقابەت ناھايتى كەسكىن ،مەيلى ئۈگىنىش، مەيلى تۇرمۇش،مەيلى خىزمەت بولسۇن بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئادەملەردىن زور بەدەل ۋە تېرىشچانلىق،جاپاغا چىداش روھى تەلەپ قىلىدىغان چوڭ شەھەر،شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى تورىدىن تەشكىللەنگەن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بېيجىڭغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن بېيجىڭغا بولغان چۈشەنچىسى،بېيجىڭدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر خەۋەردار بولدۇق.

شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى سۈبھى ئەخمەت بېيجىڭدىكى خىزمەتلەرگە يىتەكچلىك قىلماقتا

شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش،تۈر ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەلىمجان ھەسەن سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنىڭ يىتەكچىلىك قىلماقتا
بۇ قېتىملىق پايتەختتىكى شىنجاڭلىقلار ناملىق چاتما زىيارەت فىلىملەرنىڭ ئوبىكىيتلىرى مېھرىبان ئاتا-ئانىسى، ئەزىز قېرىنداشلىرىنى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىگە قالدۇرپ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى،مىللىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۈچۈن تېنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئالىم-مۇتەخخەسىسلەر، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدى بولمىش ئىز باسارلارنى تەربىلەشتەك مۇقەددەس ۋە جاپالىق ۋەزىپىگە بېغىشلاۋاتقان ھارماس باغۋەنلەر، ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرۇش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان سەنئەتكارلار،ھالال ئەجرىگە تايىنىپ ئوزۇن يىللاردىن بويان تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كارخانىچىلار ھەمدە جاپاغا چىداش روھى،سۇنماس قەددى-قامىتى بىلەن ئۈزلىكسىز تېرىشىپ ئىلىم-پەننىڭ چوققىلىرىغا يامىشىۋاتقان سىتودنېتلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ،ئۇلارنى زىيارەت قىلىش،مەخسۇس تېلېۋېزىيە،تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ جەريانلاردا ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن جاپا-مۇشەققەتلىك جەريانلارنى بىرلىكتە ئاڭلاپ چىقىش، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇش شۇنداقلا دىيارىمىز خەلقىگە روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھام بىرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.
بېيجىڭغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بىر تەرەپتىن زىيارەت فىلىم سۈرەتكە ئالدىغان مەيدان ھازىرلاشقا تەييارلىق قىلىش يەنە بىر تەرەپتىن بولسا زىيارەت ئوبىكىيتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش،يېڭىدىن زىيارەت قىلىشقا تىگىشلىك ئۈلگىلىك كىشىلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردۇق.ئېگىلىشىمىزچە بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان،ئۇقىۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ،پايتەختىمىز بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7مىڭدىن ئاشىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا نوپۇس تەۋەلىكى دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشقان،خىزمەت ،ئۈگىنىش،تۇرمۇش مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەختتە تۇرىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەسكەن،مانا مۇشۇنداق ئادەملەر ئىچىدىن خەلقىمىزگە ئۈلگە بولغۇدەك كىشىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاللاپ چىقىش،ئۇلار بىلەن سۆھبەتتىن بورۇن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ،تونۇشۇپ چىقىش ۋە تېلېۋېزىيە سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىپ زىيارەت قىلىشتەك جەريانلار يېزىش ئاسان بولغان بىلەن ھەقىقىي روياپقا چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،شۇڭا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىز يۈكسەك بورچ ۋە نىشاننى قەلبىمىزگە تىكلەپ تۇرۇپ بۇ جەرياندىكى خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردۇق.

شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش،تۈر ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەلىمجان ھەسەن ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار خىزمەت ئۈستىدە قىسقىغىنا 20 كۈندە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا توغۇلغان،ئۆز تېرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە گەرچە پايتەختىمىز بېيجىڭدا تۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.ۋاقىت قىسقا ،شارائىت تولۇق بولمىغاچقا ئۈسكۈنە، شارائىت ، ۋاقىت مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلىش مەقسىتىدە زىيارەت فىلىملەر بەزىدە بېيجىڭ ۋاقتى يېرىم كىچىگە داۋاملاشتى.زىيارەت فىلىم ئىشلەشتەئورۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى،مەركىزىي تور تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلى يېقىندىن ياردەمدە بولدى ۋە زىيارەت قىلىش مەيدانى ھازىرلاپ بەردى.
 بۇ قېتىمقى زىيارەتلەردە جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ ‹‹شىخې››تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرېستېتى پەن - تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى،دورا تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى،دوكتۇر يىتەكچىسى،گۇۋۋۇيەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئالىم-مۇتەخخەسىس زەپەر ئابلىز، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى بېيجىڭ يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ،جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر دوكتۇر ، دوكتۇر ئاشتى كۆرەش ئىبراھىم، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگۇ مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى ئالتايشۇناسلىق تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفىسور، دوكتۇر ئاسپىرانىتلار يىتەكچىسى لېتىپ توختى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى ئەركىن ئارىز ، دىيارىمىزدىلا ئەمەس جۇڭگودىمۇ زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن مەركىزىي مىللەتلەر ناخشاش ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى، داڭلىق ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتى مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئابدۇللا ، جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىقبال، بېيجىڭ دىشۈيفەن دوختۇرخانىسى ئۇمۇرتقا كېسەللىكلەر تاشقى بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى ئىلشات مۇھەممەت، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىنىڭ فېروفىسسور مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا ، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى تەكرار مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ فېروفىسسورى، مىللەتشۇناسلىق كەسپى دوكتۇرى ئابدۇغېنى دوكتور، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىسى ئابدورۇسۇل ئابدۇرېھىم ،مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،دوكتۇر دولقۇن قادىر،جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەك ھەسسىدارلىق شىركىتى مائارىپ تەربىيلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم، جۇڭگو مېڭيا ئىستىراخۇانىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋاكالەتچىسى ماھىرە ئابلىز ، بېيجىڭ باي غوجام تائام مەدەنىيتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن تۇرسۇن، جۇڭخۇا گورۇھى جۇڭخۇا ئوغۇتى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىدىن دوكتۇر ئەلى تۇراق،گوللاندىيە خان جەمەتى شېل نېفىت شىركىتىنىڭ جۇڭگودا تورۇشلۇق باش ئورگىنىنىڭ نىفىت ئېنژىنىرى مۇتەللىپ مۇھەممەت بېيجىڭ تىل ئۇنىۋرېستېتى ئۇيغۇرچە ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنى ئابدۇرېشىت غوپۇر قاتارلىق 22 كىشى بىلەن ئون نەچچە سان مەخسۇس زىيارەت فىلىم سۈرەتكە ئېلىندى.بۇ زىيارەتلەر 5-ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلى كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسى ۋە ئەلكۈيى تورىدا تارقىتىلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ.





بېيجىڭدىكى خىزمەتلىرىمىزگە كۆپ ياردەمدە بولغان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ۋىجدات مىجىت ۋە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى سۈبھى ئەخمەت بىلەن بىرگە

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن پايتەختتىكى كىشىلىرىمىز ئوخشىمىغان ساھەلەردىن تاللاپ چىقىلغان كىشىلەر بىلەن ،زىيارەت نەق مەيدانى تولىمۇ جۇشقۇنلۇققا ۋە ھەر بىر ساندا ئۆزگىچە يېڭىلىققا ئاساس بولدى،زىيارەت مەزمۇنى ،ئىلىم-پەن،تەرەققىيات،ئۆزلۈك،كىملىك،مىللىي مەدەنىيەت،ئانا تىل،تېرىشچانلىق،تىجارەتتىكى يېڭىچە ئەندىزە،جاپاغا چىداش روھى ۋە مۇۋەپپەقىيەت،تىببىي ساھە،سەنئەت ساھەسى،ئوقۇغۇچىلار،تاراتقۇلار قاتارلىق ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا سۆزلىنىپ،كۆرۈرمەنلەرگە ئىلھام ، مەدەت بولۇش روھى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.زىيارەت فىلىم نەق مەيدان تاماششىبىنلىرى سۈپىتىدە مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ،مەركىزىي تور تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلىي قاتارلىق بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن باشقا يەنە پايتەخىتىكى ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى،زىيارەت نەق مەيدانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر ساندىكى زىيارەت ئوبىكلىتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېۋېزىيە سۆھبىتىدىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىنى بايان قىلىپ،تېلېۋېزىيە ۋە تور ئېكرانلىرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگۈچىلەر ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئارزۇلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

 قىسقىغىنا 20 كۈندە گەرچە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىشقا ،پايتەختتىكى باشقا شىنجاڭدىن كەلگەن تۆپە يارىتىۋاتقان ئوغۇل -قىزلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ ھەمكارلىشىپ باسقان بۇ تۇنجى قەدىمىي ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا غەلبە بىلەن تاماملاندى،بېيجىڭدىن قايتىش سەپىرىدە بىز ئارقىمىزغا قارىغىنىمىزدا بۇ يەردە ياشىماقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى،ئەمما پايتەختتە ياشاۋاتقان،ئۈلگە بولىۋاتقان،ئىزچىل تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ھەرساھەدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ئالقىشقا ،مەدەتكە ،تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق.بۈگۈن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،پايتەختتىكى فىلىملىرىمىزنىڭ تېزراق خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشى ئۈچۈن دەممۇ ئالماستىن پروگراممىلار جىددىي كىرىشتۈرۈلۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.ئەلكۈيى تورى بۇ ھەقتىكى چاتما زىيارەت فىلىمى قويۇلۇشتىن بورۇن ‹شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى ۋە ئەلكۈيى تورى بېيجىڭدا› ناملىق مەخسۇس زىيارەت فىلىمنى بىر قانچە كۈنگىچە توردا ئېلان قىلىپ بارلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ.

چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش،تۈر ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەلىمجان ھەسەن ۋە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ تېخنىك يىتەكچىسى نۇرەخمەت ئىمىن خىزمەت ئۈستىدە


شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى2-قانىلىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى سۈبھى ئەخمەتچوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش،تۈر ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەلىمجان ھەسەن خىزمەت ئۈستىدە


ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار خىزمەت ئۈستىدە
 شىنجاڭ تېلېېۋېزىيە ئىستانسىسىدىن شەھرەت ئەرمىدىن خىزمەت ئۈستىدە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ تېخنىك يىتەكچىسى نۇرەخمەت خىزمەت ئۈستىدە 


شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى سۈبھى ئەخمەت ۋە مەركىزىي تور تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلىدىن خەمىت سۈرەتكە ئېلىش ئۈيىدە 





ئاخىرىدا بىز شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىىس ۋە ئەلكۈيى تورىغا ۋاكالىتەن پايتەختكە فىلىم ئىشلىش ئۈچۈن بارغان بارلىق كەسىپداشلار،خىزمەتداشلارغا چوڭقۇر سالام يوللايمىز ۋە بۇ جەريانلاردا بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن،خىزمەتلىرىمىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە،ئىدارە-جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە ، كەڭ دوست-بۇرادەرلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز،بارلىق تورداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت فىلىملىرىمىزنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ،تۇنجى قېتىم بېسىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك قەدەمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي،ھەرقايسى جايلاردىكى ئۈلگىلىك كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىشىنى ھەمدە ئۆز تېرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن شانلىق تۆھپىلەرنى يارىتىپ كىلىۋاتقان پەخىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئامەت،تۇرمۇشىغا خوشاللىق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن: شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى(XJTV-2) ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى( باھار ئېيىنىڭ 6-كۈنى) |