- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2014-4-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-25
- UID
- 58894
- يازما
- 2
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2014-4-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-25
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى
تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولماقتا،مەكتەپلەردە،تىل ئۆگىنىش كۇرۇسلىرىدا دېگەندەك.بىراق بىراق شارائىتلارنىڭ تولۇق بولماسلىقى سەۋەبلىك كۆپىنچىمىزگە ئۇنداق پۇرسەتلەر بولمايدۇ،بۇنىڭلىق بىلەنلا تىل ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچسىڭىز ھەقىقەتەن ئىرادىڭىزنىڭ چىڭ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
خوش ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى.
بۈگۈن سىلەرگە ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە ياردىمى كۆپ بولىدىغان بىر قاتار نادىر يانفون ئەپلىرىنى ئېلىپ كەلدىم،تېلىفون بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز بولۇپ قالماقتا،شۇنداق بولغانىكەن تېلىفونلارغا ئويۇن قاچىلاپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىن مۇشۇنداق پايدىلىق نەرسىلەرنى قاچىلاپ بىلىم ئالغان ياخشى،شۇنداق ئەمەسمۇ؟
1-يوۋداۋ لۇغىتى有道词典
چۈشەندۈرۈلىشى:خەنزۇتىلى-ئېنگىلىز تىلى،خەنزۇتىلى-ياپون تىلى،خەنزۇتىلى-كورىيە تىلى،خەنزۇتىلى-فىرانسوزتىلى قاتارلىق تىللار بويىچە سۆزلۈك ئاختۇرۇش،جۈملە تەرجىمە قىلىش،خام سۆز ساقلاشتەك بىر يۈرۈش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.ئېنگىلىزچە سۆزلۈكلەرنى ئامېرىكا،ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدا ئايرىم-ئايرىم تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلەيدۇ.
چۈشۈرۈڭ
2-يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى(4قىسىم)新概念英语
چۈشەندۈرلىشى:بۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلىنىڭ 4 قىسىم كىتابىنىڭ سۆزلۈك،تېكست،مەشىق،گىرامماتىكا قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ ئەپتە ناھايىتى ئىخچام ئۇرۇنلاشقانلىقىنى كۆرىسىز،تېكىستنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ،كىتابنى ئېلىپ يۈرۈش سەل ئەپسىز،بۇ ئەپ كىتابنىڭ ئورنىنى تامامەن ئالالايدۇ،ئەلۋەتتە قانداق پايدىلىنىشىڭىزغا باغلىق.
چۈشۈرۈڭ
3-سۆزلۈك يادلاش开心词场
چۈشەندۈرۈلىشى:بۇ ئەپ بەكلا ياخشى تۈزۈلگەن ئەپ بولۇپ،سۆزلۈك يادلاش ئۈچۈن بۇ ئەپنى ئىشلەتسىڭىز ئىشىنىمەنكى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز،ئۆزىڭىز خالىغان كىتابلارنى بارلىق سۆزلۈكلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنەلەيسىز،ئاۋۋال ئۆگىنىسىز،ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن سىزدىن سىناڭ ئالىدۇ،ھەركۈنى سىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا سىزنى سۆزلۈك يادلاش ئۈچۈن ئەسكەرتىدۇ،يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى(4قىسىم)نىڭمۇ بارلىق سۆزلۈكلىرى بار.
چۈشۈرۈڭ
4-كۈندە بىر جۈملە沪江每日一句
چۈشەندۈرلىشى:ئىقتىدارىڭىزغا قاراپ جۈملە يادلايسىز،سەۋىيەرىڭىز سەل تۆۋەنرەك بولسا ئاسانراق جۈملىلەرنى تاللاپ قويسىڭىز،ھەركۈنى سىزگە بىر جۈملە تەۋسەيە قىلىدۇ،ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن جۈملىنى پارچىلانغان ھالەتتە سىزنىڭ قۇراشتۇرىشىڭىز ئۈچۈن بېرىدۇ،مۇشۇ ئارقىلىق جۈملە تۈزۈشنىمۇ ئۆگىنەلەيسىز.
چۈشۈرۈڭ
مەنبە:http://www.uyorla.com/forum.php?mod=viewthread&tid=166
تىل ئۆگىنىش توغىرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرمەكچە بولسىڭىز ئۆرلە ئۇيغۇر مۇنبىرى گە مەرھەمەت.
http://www.uyorla.com/forum.php |
|