تۈركىيەنىڭ مۇھاببەت ناخشا پادىشاھى دەپ نام ئالغان داڭلىق ناخشىچى رافەت ئەل رومان بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت 
رافەت ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت سۆھبەتتە ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ھەممىڭلار بىلەن يېڭىلىقلار ئارقىلىق دەرقەم يۈز كۈرۈشۈپ تۇرىۋاتقانلىقىمىز تورىمىزنىڭ ئارزۇسى ۋە خوشاللىقى ،ئەلۋەتتە ئەلكۈيى تورىنىڭ مەزمۇنلىرى تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ئازدۇر-كۆپتۇر يېڭىلىقلارنى ئاتا قىلالىسا بىزنىڭ بېشىمىزمۇ ئاسمانغا يەتكەندەك بولىدۇ. بۈگۈن بىز بارچە تورداشلارغا ‹‹تۈركىيە مۇھاببەت ناخشا شاھى›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان رافەت ئەل رومان ھەققىدە سۆھبەتنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز.
(قوش چەكسىڭىز پۈتۈن ئېكران قويۇلىدۇ،ناۋادا IPAD,IPHONEلاردا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ خەتنى چىكىش ئارقىلىق كۆرسىڭىز بۇلىدۇ) ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى ئۆگۈنلۈككە شىنجاڭ خەلق سارىيىدا رافەت ئەل رومان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى ، جۇڭگو ۋە تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەدەنىي،سىياسىي،ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈنسېرى قۇيۇقلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە كۈلتۈر فېستىۋالى،سەنئەت كونسېرتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ كەلدى.جۈملىدىن دىيارىمىز سەنئەتكارلىرىمۇ تۈركىيەدە ئويۇن قويۇش بىلەن بىرگە تۈركىيەدىن كەلگەن دۇنياۋى داڭلىق ناخشا چولپانلىرىنى كۈتىۋىلىش شەرىپىگە نائىل بولدى. تۈركىيە داڭلىق پوپ ناخشىچىسى رافەت ئەل رومانمۇ ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 2014-يىلى ھۇد 5-كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى شەھىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھاياجانلىق سەپىرىنى باشلىدى.رافەت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ ئەلكۈيى مۇخبىرىغا سىرلىق يىپەك يولى شەھىرىدە كۈتۈلمىگەن مېھماندوستلۇق ۋە قىزغىنلىقنىڭ ئۆزىنى ئىللىق قوينىغا ئالغانلىقىنى،بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى،شۇنداقلا ياۋروپا ۋە تۈركىيەگە ئوخشىمايدىغان گۈزەل قار مەنزىرىسىنى ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىكىنى ھاياجان ئىلكىدە بايان قىلدى.رافەتنى كۈتىۋىلىش زىياپىتىگە يەنە شىرئەلى ئەلتىكىن قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ رافەتلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ باشقا كونسېرت گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالىرىمۇ خەلقىمىزنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن ئېكرامىيىتىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇنىڭدىن سىرت رافەت بىلەن بىرگە كەلگەن فەئات ئەزۇمۇ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.رافەت فەئاتنى تونۇشتۇرۇپ ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق كونسېرتتا ئۆزىنىڭ مۇھىم ھەمراھى بولىدىغانلىقىنى ۋە چېھرى ئىللىق ئەزۇنىڭ بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق كونسېرت جىياڭئاۋەن ئويۇن قويۇش شىركىتى،شىنجاڭ تېلىگراف ئىدارىسى بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان،شىنجاڭ ئەسرا ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى،مىسران قېزىلىرى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشى بىلەن روياپقا چىققان بولۇپ نۆۋەتتە كونسېرت بېلىتى سېتىلىش مىقدارى ئىنتايىن تېز بولماقتا.بېلەت سانى ئاز قالغان.بۇنىڭدىن سىرت كونسېرت ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئالاھىدە بېلەت سېتىۋالغان كىشىلەر ئۈچۈن رافەت بىلەن بىرگە تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىش ھەمدە ئەركىن شەكىلدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.ئەگەر ئۆزىڭىز ناخشىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان رومانتىك ناخشا شاھىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا قىزىقسىڭىز ئەلكۈيى سەھىپىمىزگە داۋاملىق دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ۋە تۈركىيە مۇھاببەت ناخشا پادىشاھى رافەت ئەل رومان


رافەت ئەل روماننىڭ مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۇنىڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى، ناخشىچى قىز



رافەت ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا تۈركىيە ناخشا پادىشاھى رافەت ئەل رومان كېچىلىكى ئېلانى
1970-يىلى ئائىلىسى گېرمانىيەگە ئىشچى بولۇپ كەتكىنىدە رافەت تېخى كىچىككىنە بالا ئىدى ۋە يەتتە يېشىغىچە ئۇزۇنكۆۋرۈك ئۆمەربەي يېزىسىدا چوڭ ئانىسىنىڭ قېشىدا چوڭ بولدى.بىرىنجى سىنىپنى يېزىدىكى مەكتەپتە پۈتتۈرگەندىن كېيىن گېرمانىيىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى ۋە كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىنى گېرمانىيىدە داۋاملاشتۇردى.بۇ جەرياندا ئۇ ناخشا تېكىستى يېزىپ كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى ،دۇنياغا داڭلىق چولپان بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنى كىشىلەرنىڭ سۆيۈنىشىگە مۇيەسسەر قىلغان يەنە بىر ئىش بولسا ئۆزى تۇرغان مەھەللىنىڭ مەسچىدىگە مۇئەززىنلىك قىلىشى بولغانىدى.1988-يىلى رافەت تۇنجى قېتىملىق سەھنە خىزمىتى ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ 1992-يىلى Saarlaendischer Rundfunk رادىئو شىركىتى تەرىپىدىن گېرمانىيەدىكى «يىللىق ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلىق شەخس»بولۇپ باھالانغانىدى.1994-يىلى فرانكفۇرت كۈلتۈر فىستىۋالىدا مىدىيا ئارتىست ئاۋارد-مېدىيا سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش شەرىپىگە نائىل بولدى.رافەت 1995-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۇنجى قېتىم ئۆز ئالبۇمىنى بازارغا سالدى،«ياشلىق كۆز يېشى»ناملىق بۇ ئالبۇم ئەينى ۋاقىتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق سېتىلغان ۋە رافەت ئەل رومان ئىسمى كىشىلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
 1997-يىلى «ئەڭ گۈزەل كۈنلەر سېنىڭ بولسۇن»ناملىق ئىككىنجى ئالبۇمىنى چىقارغان،1988-يىلى ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئورۇندالغان ناخشا پىلاستىنكىسى ياۋروپا بازىرىغىمۇ يۈرۈش قىلغان.1988-يىلى كەمال سۇنال،مەتىن ئاكپىنار قاتارلىق داڭلىق ئاكتىيورلار بىلەن بىرگە پروپاگاندا(تەشۋىقات)ناملىق فىلىمگە رولغا چىققان.1999-يىلى «ھايات-ئاچچىق»ناملىق ئۈچىنجى ئالبۇمىنى چىقىرىپ تۈركىيە تارىخىدا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
 2000-يىلى ئۇ مەخمەت ئەلى ئەربىل بىلەن «2000-يىللىق ياۋروپا چېمپىيون لوڭقىسى مۇسابىقىسى»نىڭ تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى مارشى ئۈچۈن يازغان «بىر توپ يەنە»ناملىق ناخشىسىنى پۈتكۈل پۇتبول مەيدانلىرىدا ياڭرىتىپ تۈركىيە مىللىي كوماندىسىنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى،ئوخشاش بىر يىلدا ئۇ يەنە «تار مەيداندا قىسقا پاسلىشىش»ناملىق كىنو فىلىمىگە باش رولغا چىقتى.بۇنىڭدىن سىرت رافەت ئەل روماننىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى ئۆزى رېژىسسورلۇق ۋە سېنارىستلىق قىلغان فىلىم ئىشلەپ چىقىش.رافەت ئەل رومانى 2002-يىلى 5-ئالبۇمى «5 NR ئاشىق»ناملىق ئالبۇمىنى مەستانىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى،ئىككى يىلدىن كېيىن چىقارغان يەنە بىر ئالبۇمى «سۈرگۈن» 730مىڭلىق سېتىلىش رېكورتىنى ياراتتى ۋە 2004-يىلىدىكى تۈركىيە بويىچە ئەڭ داڭق قازانغان ئالبۇملارنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
 2005-يىلى بازارغا سېلىنغان «قەلبىمنىڭ سۇلتانى»ناملىق يەتتىنجى ئالبۇم تۇنجى بازارغا سېلىنغان ھەپتىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئالبۇملار سېتىلىش تىزىملىكىدە 1-رەتتىن ئورۇن ئالدى.2006-يىلى يېڭىدىن نەشىردىن چىقرىلغان ئالبۇمى «كۆڭۈل يارىسى»بىلەن ئۆز مۇۋەپپىقىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان رافەت ئەل رومان مۈياپ ئورگىنى تەرىپىدىن «ئالتۇن مۇكاپات»قا تەۋسىيە قىلىندى.2008-يىلى «بىر رومان كەبى»ناملىق پىلاستىنكىسىدىكى «ئاشقى ۋەيرانە»ناملىق ناخشىسى ئېنتىرنىت رەسمى تورىدىن 1مىليون 270مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى.شۇ يىلى ئۇ «كرال تېلىۋىزىيە قانىلى مۇزىكا مۇكاپاتى»نىڭ «يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشىچىسى»بولۇپ باھالاندى.

 2011-يىلى رافەت «سۆيگۈگە ۋاقىت بەر»ناملىق ئالبۇمىنى بازارغا سېلىپ ناخشا مەستانىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ھەيرانلىقىنى قوزغىدى.رافەت ئەل رومان 1968-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.يەتتە يېشىغىچە مومىسى بىلەن ئۇزۇنكۆۋرۈك ئۆمەربەي يېزىسىدا تۇرغان.17يېشىدا Midnight Entertaintmentفىلىم شىركىتىدە بەدەن مودېللىقىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان.1987-يىلى كۆپ قىسىملىق فىلىم «دەفەندەر»دە باش رولغا چىقىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ كىنوچىلىقتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىدۇ.ئۇنىڭ «ياشلىق كۆز يېشى»ناملىق ئالبۇمى بىر مىليوندىن ئارتۇق سېتىلىش رېكورتى يارىتىپ تۈركىيە ناخشا مۇزىكا ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
كېچىلىك نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ ھەمدە بۇ كۆرۈنۈشلەر تۈركىيە ،ئاسىيا،ياۋرۇپادا مەخسۇس پىلاستىنكا سۈپىتىدە تارقىتىلىدۇ.نەق مەيداندا بېلەت نومۇرىغا ئاساسەن چەك تارتىپ ئىككى نەپەر تەلەيلىك كۆرۈرمەن تاللىنىپ ،جۇڭگو شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيتى خەلقئارا ساياھەت چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 14 كۈنلۈك تۈركىيە ھەقسىز ساياھىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.نۆۋەتتە بېلەت سانى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ،ئويۇنغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان تورداشلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىغا تىلەكداشمىز.
بېلەت سېتىۋېلىش تېلىفۇن نومۇرى: 0991-8555525 كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
|