كۆرۈش: 1413|ئىنكاس: 3

شىرئەلىجان 20 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ فوشەن كوماندىسىنى يەڭدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50247
يازما
40
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2013-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-24
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 05:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  29- ئايلانما باسقۇچىدىكى مۇسابىقىسى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلىپ بېرىلدى، بۇ باھار بايرىمىدىن كىيىن ئىلىپ بىرىلغان تۈنجى مەيدان مۇسابىقە بۇلۇپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا فوشەن ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن  مۇسابىقە ئىلىپ  باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا 20 دىن كۆپ نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى ئۇلار 109-101 نەتىجە بىلەن فوشەن ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بۇلۇش ھالىتىگە خاتىمە بىرىش بىلەن بىرگە ئالدىدىن پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى.  نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 22 مەيدان غەلبە قىلىش 7 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 22 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 20 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 21 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 9 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 12 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 11 نۇمۇر ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 6 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
فوشەن كوماندىسىدىن رېن جۈنۋېي 16 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شى خۇڭفېي 17 نومۇر، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جىڭ جۈن 13 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شۈي گوچىڭ 13 نومۇر ئالدى، توماس 28 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 7- فېۋرال داۋاملىق ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4227
يازما
856
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19908
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
توردا
265 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 21:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى يالغۇزلا يېڭىۋاپتۇ-دە

UID
26978
يازما
76
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
76
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:10:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجان،ياشاپ كەت ئۇكام! ھەر ھالدا ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز پەيدا بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ،ئاللاھدىن بۇنداق تۇلپارلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەيمەن.

UID
58438
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2014-2-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 00:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى زاڭلىق قىلغۇچە ئۆزىمىز نەخ مەيدانغا چۇپ باقمايلىمۇ، ئۇلارغا مەدەت تىلسەك بولدۇ بىز، تېىخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرشىڭىزگە تىلەكداشمەن. غەيرەت قىلىڭ كىلەچەك كۆز ئالدىڭىزدا .......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش