كۆرۈش: 3106|ئىنكاس: 12

«بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى»مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
14103
يازما
51
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
111
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-12
توردا
128 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 19:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى




      ئەلكۈيى تورى ھوت 1-كۈنى خەۋىرى:  تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى (شەنبە، پۈتۈن كۈن) شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

      بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يىغىن رەئىسلىگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوقۇش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى ۋە مۇدىرى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەھمىدى ئۈستىگە ئالدى ۋە رىياسەتچىلىكنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "بىر كىتاب بىر ئالەم" پروگرامىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات ئەپەندىم قىلدى.شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى ،تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيدانغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىن ھەققىدە خەۋەر ئىشلىدى.

      بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ماقالە ئوقۇغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىجىت لىتىپ، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇۋەلى مۇقىيت ۋە مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار بىرىنچى گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ چۈشتىن بۇرۇن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى

مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىجىت لىتىپ، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇۋەلى مۇقىيت ۋە مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدە

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەكلىپلىك رەئىسى ئىمىن ئەھمىدى

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەكلىپلىك رەئىسى ئىمىن ئەھمىدى تەبرىك سۆزى قىلماقتا


مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىجىت لىتىپ  "دەۋرىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا بىر نەزەر" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا

غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇۋەلى مۇقىيت "ئائىلە مەدەنىيىتىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر- كۇتۇبخانا، نەسەپنامە ۋە ۋەسىيەتنامە" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا

مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى يالقۇن روزى "ئائىلە مەدەنىيىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۈپ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا

بىرىنچى گۇرۇپپا ئىلمىي ماقالەلىرىنى ئوقۇپ بپلغاندىن كېيىن سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىسى سۇئال سورىماقتا

مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىسى سۇئال سورىماقتا

مۇتەخەسسىس سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە

مۇتەخەسسىس سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە

بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرىنى  ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پەلسەپە پەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابلاجان ئەزىز مۇتەخەسسىسلەرگە سوغا تەقدىم قىلدى






سائەت 12:15 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن چۈشتىن بۇرۇنلۇق پائالىيەت ئاياقلاشتى.

  چۈشتىن كېيىنلىك پائالىيەت سائەت 1:30 دا باشلاندى.چۈشتىن كېيىنلىك پائالىيەتتە، شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەركىن ھاشىم، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىددىن ۋە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى قاتارلىقلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى


شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەركىن ھاشىم، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ئابدۇقادىر جالالىددىن ۋە دوكتۇر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدە

شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭخۇا ئەرلىك شۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى ئەركىن ھاشىم "بۈيۈك مەۋجۇدىيەت- جىنسىيەت ئاساسلىرى، جىنسىيەت پىسخىكىسى، جىنسىي ساغلاملىق ساۋاتلىرى" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا


شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىددىن،(ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىۋى بۇيىچە ئېلىندى) "ئائىلىدە تىل تەربىيەسى" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى" ئائىلە مائارىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك زىيالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولى" ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا

ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ بپلغاندىن كېيىن سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى


مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىسى سۇئال سورىماقتا


مۇتەخەسسىس سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە

مۇتەخەسسىس سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە


سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى تۈگىگەندىن كېيىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر قىسىم ئەزىز مېھمانلىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.


ئامېركا ھاۋاي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىم ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلماقتا


دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پسخولوگ باھارگۈل ئوسمان خانىم ئۆز تەسراتىنى سۆزلىمەكتە

ئىززەت كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىززەت خانىم ئۆز تەسراتىنى سۆزلىمەكتە


       ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى تۈگىگەندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پەلسەپە پەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابلاجان ئەزىز مۇتەخەسسىسلەرگە سوغا تەقدىم قىلدى.




ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پەلسەپە پەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابلاجان ئەزىز بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەكلىپلىك يىغىن رەئىسى ئىمىن ئەھمىدى ۋە تەكلىپلىك رىياسەتچىسى كۈرەش بارات ئەپەندىلەرگە سوغا تەقدىم قىلدى.






بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيەت-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى


ئازات سۇلتان ئەپەندىم مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى بىلەن بىللە


بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى


مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى



مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى


مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى


مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى


مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى


مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى


ئاخىرىدا يەنە، بىلكۈچ كۇتۇبىانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئابلاجان ئەزىز بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىنى قوللىغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە، ئالىم - مۇتەخەسسىسلەرگە، يوللارنىڭ يىراق بولۇشى ۋە ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي بۇ پائالىيەتكە قەدەم-تەشرىپ قىلغان بارلىق ئەزىز مېھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە يىغىننىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە سۆز قىلدى.




ئاخىردا يەنە، بىلكۈچ كۇتۇبىانىسىنىڭ تەكلىپلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئىجرائىي تەشكىللىگۈچىسى مەرزىيە ئابدۇللا خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ھەمدەمدە بولغان بارلىق خادىملارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.



شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6:30 لاردا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىمقى تۇنجى قېتىملىق "بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاياقلاشتى.


ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى






بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تەششكىللەش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىغا قاتناشقان خادىملار

       بىز بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم ئەتكەن ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە بۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا يولنى يىراق ۋە ھاۋانى سوغۇق كۆرمەي بۇ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ئەزىز مېھمانلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەت تىلەيمىز. ھەمدە، بۇ قېتىمقى  تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


كامالىي ئېھتىرام بىلەن:

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئەلكۈيى تور بېكىتى

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
58143
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2014-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 23:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيتى›› مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سىنغا ئىلىنغان بۇلسا تىخىمۇ ياخشى بۇلاركەن.

UID
57974
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2014-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 11:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  سىنغا ئېلىنغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن، مەن ئاران دېگەندە بۇ پالالىيەتكە قاتناشقاندا

UID
10525
يازما
571
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
3781
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-21
توردا
296 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 17:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !
   يالقۇن روزىنىڭ « ئائىلە مەدەنىيىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۈپ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ » دىگەن ماۋۇ تېمىسى ماڭا خۇددى تەتۈر بولۇپ قالغاندەكلا تۇيۇلدى ،  ئەسلى  « ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى ئائىلە مەدەنىيىتىنى بەلگىلەيدۇ » بولىشى كېرەكتەكلا ...

باھا سۆز

mim  ئائىلىدىكىلەرنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ دېگەندەك مەنىدە  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 17:17:55
mim  ئائىلىدىكىلەرنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ دېگەندەك مەنىدە  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 17:17:54
mim  سىز چۈشەنمەپسىز . بىر ياخشى ئائىلىنىڭ قائىدە يوسۇنلىرى شۇ ئائىلىدىكىلەرنى  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 17:17:22

UID
43120
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-7
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 20:31:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!!!!

UID
43120
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-7
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 20:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!!!!

UID
58143
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2014-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 22:31:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى ئائىلە مەدەنيىتىنى بەلگىلەيدۇ›› دىگىنىڭىزدە سىز قايسى مەدەنيەتنى كۈزدە تۇتقىنىڭىزنى بىلەمسىز ؟  ‹‹ئائىلە مەدەنيىتى››دىگەن مىنىڭچە بىر مىللەتنىڭ مىللى مەدەنيىتىنى تۈپ ئاساس قىلغان ھالدا زامان ۋە ماكاندا ئەكىس ئىتىشىمىكىن . بەزىلەرنىڭ غەرىبنىڭ مەدەنيىتىنى ئىلغاركەن دەپ ئۈز ئائىلىسگە كۈچۈرۈشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟ بۇ ‹‹ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى ئائىلە مەدەنيىتىنى بەلگىلەيدۇ›› غا چۈشەمدۇ قانداق؟ بىر مىللەتنىڭ مەدەنيىتى مۇنداقلا پەيدا بۇلغان ئەمەس. مۈرتىدە بىر مىللەتنىڭ مەدەنيىتى شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلشى مۇمكىن. شۇڭا‹‹ئائىلە مەدەنيىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ››...

UID
12768
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
55
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 16:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەرتىپلىك، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ يېقىشلىق لېكسىيىنى زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم سۆزلەمدىكىن دەيمەن. بىر يىللاردا مەن ئۇنىڭ ئېنگلىزچە نۇتۇقىغىمۇ قاتناشقان.ئۇنىڭ لېكسيىلىرىدە خەلقئارا ئۆلچەم ئەكىس ئەتكەن، ئۇچۇر مىقدارى بەك كۆپ، سەۋىيە يۇقىرى. قىيىن بىلىملەرنى ئادىيلاشتۇرۇشتا ئۇنىڭ تۆھپىسى بەك زور.
بولسا زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ لېكيىسىسىنمۇ تورغا يوللىساڭلار. بىر چاغلاردا ئەلكۈيىدە زۇلپىقار مۇئەللىم مۇنازىرەگە قاتنىشىدىغان چاغدا كەيپيىات بەك قىزغىن ئىدى. ئۈمىدۋار ئەپەندى زۇلپىقار مۇئەللىمنى بىر ئامال قىلىپ مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىپ بىر چاغلاردىكى قىزغىن كەيپيياتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولاتتى.
بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنى لېكسيىگە تەكلىپ قىلسا، مەن  قانچە قىممەت بولسىمۇ بېرىپ قاتىنشىمەن.

UID
58406
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2014-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 16:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە قاتناشقان ، ئويلىغىنمدىنمۇ  بەك بەك ياخشى بولدى،بۇ قېتىملىق لېكسىينى سىنغا ئالدى، بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ تور بېتىدىن كۆرەلەيمىزغۇ دەيمەن ..............

UID
58143
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2014-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 00:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىرىسىنى يۇللاپ بەرگەن بۇلسىڭىز، سىنغا ئالغىنىنى بىر كۈرسەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش