كۆرۈش: 2502|ئىنكاس: 12

يەۋاتقان نانغا كۇپرىلىق قىلىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7483
يازما
60
تېما
10
نادىر
1
جۇغلانما
695
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-2
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىش (كۇفرانى نېمەت قىلىش) نان يېگەندە نان ياققۇچىنى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق، ھاۋا، قۇياش، بۇلۇت، شامال ۋە دېڭىزلارنىڭ مۇكەممەل خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بىر لوقما نېمەتنىڭ قولىمىزغا كېلىشى ئۈچۈن ھەممە نەرسىنىڭ ئىلاھىي قانۇنىيەتكە ۋە بۇيرۇققا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانلىق، ئاللاھنىڭ مۈلكىدە، ئۇ بەخش ئەتكەن نېمەتلەر بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويغانلىق، ھەر نەپەس ئېلىشىمىزدا، ھەر لوقمىنى ئاغزىمىزغا سالغاندا ھەددى-ھېسابسىز پەرىشتىلەرنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن ئوقۇمىغانلىق، ئۇنىڭ مۈلكىدىكى نېمەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاقىۋەتتە يەنە ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىق، گۇناھلاردا ھەددىدىن ئاشقانلىق.
كۇفرانى نېمەت قىلىش ئاللاھ بەرگەن ساقلىق، ساغلاملىقنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلىك، كۈچىنى، ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلارغا ياكى يامان يوللارغا سەرپ قىلغانلىق، كۆرۈۋاتقان ئىككى كۆزى، ئاڭلاۋاتقان ئىككى قۇلىقى، تۇتۇۋاتقان ئىككى قولى، مېڭىۋاتقان ئىككى پۇتى ۋە پىكىر قىلىۋاتقان كاللىسىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەساددپىي مەيدانغا كەلگەن دەپ قارىغانلىق ياكى ئاللاھ ياراتقان دەپ قارىسىمۇ، بۇ نېمەتنى تونۇماي، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلماي، ئىنساپسىزلارچە ياشىغانلىق ۋە بۇ غاپىللىققا كۆنۈپ قالغانلىق.
كۇفرانى نېمەت قىلىش تاغۇ تاش، دەل-دەرەخلەرگە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى نەقىشلەنگەن بىر ماكاندا تۇغۇلۇشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىك، ھەر غېرىچ تۇپرىقىغا مىڭلارچە شەھىدنىڭ قانى، مىڭلارچە غازىنىڭ ئۇستىخانلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن مۇقەددەس بىر دىياردا ياشاشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ رەھمەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقتۇر.
كۇفرانى نېمەت قىلىش ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى قىلغان، دۇنياغا دىن، ئەخلاق، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن، ئىنسان ھەقلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن، ئىنسانلارغا ئادالەت ۋە سائادەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمىنى بىلدۈرگەن پەيەمبەرر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك، مۇبارەك سۈننىتىگە(يولىغا) ئەگەشمىگەنلىك، ئىنسانلارغا ئەبەدىي سائادەت ئاچقۇچىنى بەرگەن، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىداا تەڭپۇڭلۇق ساقلايدىغان قۇرئاننى ئوۇقۇماي، ئۇنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالمىغانلىق، ھەقنى تاشلاپ باتىلغا ئېسىلغانلىق، ياراتقۇچىغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلمىغانلىق، بەندىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق.
«تۇزكورلۇق» مەنىسىدە كەلگەن «كۇفرانى نېمەت»تىكى  «كۇفرى» سۆزى ھەقنى بۇرمىلاش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، ياخشىلىق قىلغاننى بىلمەسلىك دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. شۈكۈر بولسا ئۇنىڭ قارشى مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ھەقنى بىلىش، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش، قىلغان ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش، نېمەت بەرگۈچىنى ياد ئېتىپ، بەندىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر.
ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ، قىلغان ياخشىلىقلارنى بىر دەمدە ئۇنتۇپ قالىدىغان، خەقتىن دائىم ياخشىلىق ۋە ياردەم تىلەپ، خەققە ھېچ ياخشىلىق قىلمايدىغان ئادەم تۇزكور دېيىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ھەقىقەتەن بىر نەرسە يېگەن ياكى ئىچكەندە ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىدىغان بەندىسىدىن خۇرسەن بولىدۇ، دېگەن.
ئاددىيسى، تاماق يېگەندە تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئورۇنلاپ ئاندىن ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىمىز:
1.تاماقنىڭ ھالالدىن كەلگەن بولۇشى ھەم خۇرۇچلىرىنىڭ ھالالدىن بولۇشى؛
2. تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دەپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىش؛
3. كۆپچىلىكنىڭ تاماققا تەڭ كېلىشى؛
4. تاماقتىن كېيىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش.
شۇڭا ھالال-ھارامنى ئايرىماي، قايسى ئادەملەرنىڭ ئۇ تاماقنى ئەتكەنلىكىگە قارىماي، نېمەتنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالغا شۈكۈر قىلماي، پەقەت شۈكۈر دەپلا ئۇ تاماقنى يەپ قوپۇپ كېتىش بىلەن ئۇ تاماقنىڭ شۈكرانىسى ئادا بولمايدۇ.
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلاردىن قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چىقاردى، شۈكۈر قىلسۇن دەپ سىلەرگە قۇلاق، كۆز ۋە قەلب ئاتا قىلدى. (سۈرە نەھل، 78-ئايەت)
ئېرىشكەن نېمەتنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشمۇ شۈكۈر قىلغانغا ھېساب. (ئەبن ئابدىلبەر قەتادەدىن مۇرسەلەن رىۋايەت قىلغان)
نېمەتنى يەپ شۈكرى قىلغۇچى سەۋر قىلغان روزىدارغا ئوخشايدۇ. (تىرمىزى)
قىيامەت كۈنى " ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيتقانلار ئورنىدىن تۇرسۇن!" دەپ چاقىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئادەم ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇلارغا بىر بايراق قادىلىدۇ، ئۇلار شۇ ھالدا جەننەتكە كىرىدۇ.  بۇنىڭ ئاڭلىغانلار:
-ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيتقانلار كىملەر؟-دەپ سورىدى.
-ئاللاھقا ھەر قانداق ئەھۋالدا شۈكۈر ئېيتقۇچىلار،-دەپ جاۋاب بەردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. (تەبەرانى)

(تۈركچە «چوڭ گۇناھلارنىڭ دىنىي ۋە ئىلمىي چۈشەندۈرۈلۈشى» ناملىق كىتابتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3401
يازما
305
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2135
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 11:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارلىرمىزدا ھارام يىمەكلىكلەر نىڭ بازىرى ئىتتىك بولىۋاتىدۇ بۇنى سەزمەيۋاتىمىز ،زاۋاۇتلادا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرۋەتۇرمۇش بۇيۇملىرنىڭ تەركىۋىدە ئاساسەن سۆڭەك يىلمى(چوشقا سۆڭكى ۋە باشقا ناتوغرا يوللا بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلانىڭ سۆڭەك يىلمى)بار

UID
4532
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
574
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 13:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ مىللى ماركىدىكى مەھسۇلاتلىرىمىزمۇ ئىچكىرىدە ئىشلىنىپ،ئۇيغۇرچە تون كەيدۈرۈلۈپ،ھالال خېتى يېزىلىپ بىزنىڭ ئىستىمالىمىزغا كىرىۋاتىدۇ،بۇلارغا ئەمدى نىمە دىگۈلۈك؟ ھەتتا بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھارامدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا مەھۇلارلارنى ھارام دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھالال-ھاراملىغىغىمۇ ئېنىق بىر نىمە دىگىلى بولمايدىغان مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ سېتىۋاتىدۇ،ھازىر ئۆيدە ئەتكەن تاماقلاردىن باشقىسىنى خاتىرجەم يىگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى،شۇنداقتىمۇ اللەنىڭ ھارامدىن يانىدىغان ئەقىل ئاتا قىلغىنىغا مىڭ شۈكرى!

UID
6054
يازما
333
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7447
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-28
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 11:41:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھلى مۇسۇلمان شۇكرى قانا'ەتچان بولىشى ئاللاھ بۇيرىغان ئەمەللەرنى قىلىشى ياندۇرغاندىن يېنىشى  باشقىلارغا بەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ رازىلىغى ئۇچۇن بولىشى   بىر قولى بىلەن بەرگەن نەرسىنى يەنە بىر قولى تۇيمىسۇن دىگەن گەپ بارتى . ئېرىشكەن نېمەتنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشمۇ شۈكۈر قىلغانغا ھېساب. (ئەبن ئابدىلبەر قەتادەدىن مۇرسەلەن رىۋايەت قىلغان) ئەمما بىر كىسىملار2نان تاپسا بىرىنى داپ چالدىغانلارمۇ يوق ئەمەس...شۇكرى اللە!

UID
56259
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2013-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-23
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 12:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھالال  رىزىق يىيىش بىزلەرنىڭ ئىبادىتىمىزنى  تىخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ.

تىرىشچان ئەزا

بىسمىللاھىر رەھ

UID
6392
يازما
158
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1059
تىزىملاتقان
2010-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
توردا
216 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 21:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ!
    تولىمۇ ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇ، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...

UID
57873
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
44
تىزىملاتقان
2014-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-31
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 11:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى    تېما   ئىكەن  رەھمەت    .    تولىمۇ   ئەپسۇس   بۇنداق   مەنپەئەتلىك    تېمىلارنى    كۈرىدىغانلار   ھىكايە    كۈرىدىغانلاردىن   ئازكەن.

UID
12215
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-21
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 12:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن ،ھازىر ئەتراپىمىزدا ئالدىغا كەلگەننى خېتىنى كۆرۈپلا يەۋىردىغان ،كېلىش مەنبەسى توغىرسىدا ئويلانمايدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى .كىچىك بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكەرنى يېيشى كىشى ئەپسۇسلاندۇردۇ.بۇنىڭدا چوقۇم ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ،باللىرىغا كچىك چېغىدىن باشلاپ تەربيەنى كۈچەيتىشى ،مەكتەپلەردە مۇناسىۋەتلىك  تەربيەنى كۈچەيتىپ ئىلىپ بېرىشى كېرەك .

UID
12215
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-21
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 12:58:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن ،ھازىر ئەتراپىمىزدا ئالدىغا كەلگەننى خېتىنى كۆرۈپلا يەۋىردىغان ،كېلىش مەنبەسى توغىرسىدا ئويلانمايدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى .كىچىك بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكەرنى يېيشى كىشى ئەپسۇسلاندۇردۇ.بۇنىڭدا چوقۇم ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ،باللىرىغا كچىك چېغىدىن باشلاپ تەربيەنى كۈچەيتىشى ،مەكتەپلەردە مۇناسىۋەتلىك  تەربيەنى كۈچەيتىپ ئىلىپ بېرىشى كېرەك .

UID
4425
يازما
29
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-13
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 18:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ! مۇشۇ ئەخلەت يېمەكلىكنى يەۋاتقان كىچىك بالىلارغا نىسپەتەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن ،،،بۇلۇپمۇ مەكتەپ ئالدىدىكى،،،بىر مەزگىل ئوڭشالغان،،بىراق يەنە بەزى كىچىك ناھىيىلەردە بۇ ئەھۋال بار .....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش