ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى ئەلكۈيى ۋىدىئوسى ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلىندى 
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ئاخىرقى ئاي بولغان كۆنەك ئېيىنىڭ بېشىدا ھەرقايسىڭلار بىلەن يەنە دەرقەمدە يۆز كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز،بارلىق تورداشلارنىڭ بۇ بىر ئايدا يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ،كىلەر يىللىق يېڭى پىلانلارنى ئوبدان تۈزۈپ،كەلگۈسى پىلانلىرىنى ياخشى باشلىۋېلىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندا بىر قانچە يىللاردىن بويان ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان سەنئىتىنىڭ سەركەدىسى ،ئۇستاز ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خەلقىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي مىۋىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ناخشىلىرىدىن تەشكىل تاپقان چوڭ تىپتىكى كېچىلىكى بىلەن كۈتىۋېلىۋاتقان ئىدى،ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا 2013-يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا «ئالتۇن توغراق »ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2013يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى ئۈرۈمچىدە ئىنتايىن داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن،بۇ كېچىلىكتە مەيلى موزىكا بولسۇن ياكى ناخشا بولسۇن ھەممىسى نەق مەيدان ئورۇندالغان بولۇپ، دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكى ھېسابلىناتتى،بۇ كېچىلىكتە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىلىرىنى خەلقىمىزگە نەق مەيداندا ئورۇنلاپ كېچىلىكنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى،
بىراق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە يىراقلاردىن قاتنىشالمىغان،ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىمۇ مىليونلىغان تاماششىبىن كېچىلىكنىڭ پىلاستىنكىسىغا ئىنتىزار بولغان ئىدى.ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە 2014-يىللىق ئابدۇللا سەھنىسى يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى باشلىنىش ئالدىدا بىر يىل بورۇنقى ئەنە شۇ يېڭى مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان «ئالتۇن توغراق »ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2013يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى پىلاستىنكىسى رەسمىي ھالدا كىرىشتۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىپ ،مۇشۇ بىر قانچە كۈنگىچە كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
ئەلكۈيى تورى تورداشلارغا بۇ قېتىملىق كېچىلىك پىلاستىنكىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ، تارقىتىلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كېچىلىك پىلاستىنكىسىنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان قىسمىنى ۋە خەلقىم بار ناملىق يېڭى ناخشىنىڭ ئەڭ سۆزۈك ھالەتتىكى ۋىدىئو شەكلىنى كەڭ تورداشلارغا سوۋغات سۈپىتىدە ئېلان قىلدۇق.
ئەلكۈيى تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ فىلىم كېچىلىك پىلاستىنكىسىدىن كېسىپ ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ(قوش چەكسىڭىز پۈتۈن ئېكران قويۇلىدۇ) يانفۇندا كۆرىدىغانلار بۇ يەرنى بېسىپ فىلىمنى كۆرۈڭ http://v.youku.com/v_show/id_XNjQyODI0NjA0.html
ئارقىمىزغا يېنىپ بۇ يىل ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇ قېتىملىق كېچىلىكنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يېڭى يىللىق سوۋغات سۈپىتىدە جاپالىق مەشىق قىلىپ ، كەڭ تاماششىبىنلارغا ھەقىقىي نەق مەيداندا ئورۇنلانغان ناخشىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش،ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي ناخشىلىرىنى ئاڭلارمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ قېتىملىق كېچىلىك ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ھەقىقىي سەركەردە ناخشا چولپىنىغا لايىق ماھارەتلىرى،ناخشا ئېيتىشتىكى يۇقىرى سەۋىيەسى ،ئابدۇللا ئانسامبىلىدىكى بارلىق مۇزىكانتلارنىڭ نەق مەيداندا مۇزىكا چېلىش قابىلىيتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىنتايىن غەلبىلىك ھالدا مەيدانغا چىقتى.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ناخشا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە كېچىلىككە تاماششىبىن بولۇپ كىرگەن نۇرغۇن كىىشلەرنىڭ يۈرىكى لەرزىگە كەلدى.ھاياجاندا كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىدى،ۋەتىنىم سەن ئانام،خەلقىم بار،ئاتام ..قاتارلىق ھەرخىل يېڭى ناخشىلىرى تاماششىبىنلارنى قىقاس چوقانلارغا،ئۈزۈلمەس چاۋاكلارغا،مۇڭ تۆكۈلىدىغان يىغىلارغا،خۇشاللىقلارغا باشلىسا،ھەر بىر ناخشا ئارىسىدىكى ئارلىقتا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قىززىق پاراڭلىرى تاماشىبىنلارنى كۈلكە -چاقچاق دۇنياسىغا باشلىدى.ھاياجانلىق مىنۇتلار،ھەقىقىي ئاۋاز،ھەقىقىي مۇزىكا بىلەن ئورۇندالغان نەق مەيدان ناخشىلار كىېچىلىك قاتناشقۇچىلىرىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا قايىللىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.ئەينى يىللاردا مودا بولغان زىلالە،بىرگە ئوينايلى ،مەجنۇنتال،بىزنىڭ ناخشىمىز قاتارلىق ناخشىلارنىڭ يېڭىدىن ئاكورتلاشتۇرۇلغان،مۇزىكىسىز ئوقۇلغان ھالەتتىكى نۇسخىلىرىنى تاماششىبىنلار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن بەس-بەستە بىرگە ئورۇنلىدى.قىسقىغىنا ئىككى يېرىم سائەتلىك ناخشا كېچىلىكىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن نۇرغۇن قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان ئىدى. 










كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2013-يىلى كۆنەك 2-كۈنى (شەھىرى ئۈرۈمچى) |