- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 626
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11887
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-20
- UID
- 6825
- يازما
- 626
- تېما
- 55
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11887
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-20
- توردا
- 484 سائەت
|
بېغىشلاش بولمىسا،تەربىيەمۇ، مائارىپمۇ بولمايدۇ
تۇردى توختى
مەن ئۈزەم بىر ئۇقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،‹‹سۆيۈش››،‹‹روھىنى بېغىشلاش››دىگەن سوزلەرگە بەك چۇقۇنىمەن.ئەمىليەتتە بۇ سوزلەرنى ئۇلۇغلاشتا باشقا چوڭ سەۋەپمۇ يوق،لىكىن بۇ سوزلەر ‹‹مائارىپ››،‹‹ئۇقۇتقۇچى››،‹‹ئۇقۇغۇچى››،‹‹تەربىيە››...دىگەن سوزلەر بىلەن بىرلىشىپ كەلگەندە ماڭا تېخىمۇ سويۈملۈك،تېخىمۇ مەنىسى چۇڭقۇر ئاڭلىنىدۇ.
سويۈش،روھىنى ئاتا قىلىش دىگەن سوزسلەرنىڭ ئادەتتىكى مەنىسى بولسا ئۈزىنىڭ ئۇبىكتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ،ئۈزىنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش دىگەنلىك بۇلىشى مۇمكىن،بۇلۇپمۇ مەن شۇنداق قاراشتا.
سۆيۈش ۋە روھىنى ئاتا قىلىشنى نەتىچىلەندۈرسەك-ئۇنىڭدىن ‹‹بېغىشلاش››دىگەن نەتىچە كىلىپ چىقىشى مۇمكىن،بېغىشلاش دىگەن بۇ سوزنىڭ مەنىسى بولسا بىرىنىڭ يەنە بىرسىگە، ماددى ۋە مەنىۋى (روھى ۋە جىسمانى)جەھەتلەردىن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشى بۇلۇپ،بۇ شەخسىيەتسىز بۇلۇدۇ.ئەگەر بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئالىجاناپلىقنىڭ ئىچىگە شەخسى مۇدىئىا ئارلاشقان بولسا بۇ سوزنىڭ نەتىچىسى ‹‹پاسسىقلىق››بىلەن نەتىچىلىنىشى مۇمكىن.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا بېغىشلاش ئادىمىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى بۇلۇپ،مىننەتسىز ئاتا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۋېلىش تەس ئەمەسكى دۇنيا مىھرى-مۇھاببەت بىلەن بىلەن گۈزەل،بۇ گۈزەللىك دەل بېغىشلاشتىن كەلگەن،شۇنىڭ ئۈچۈن بېغىشلاش گۈزەللىكنى يارتىدۇ،گۈزەللىكنى رەڭگا-رەڭ قىلىپ تېخىمۇ ئىجدىمائىلاشتۇرۇدۇ.بۇ يەردىكى سۆيۈش بىلەن روھىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن بېغىشلاش ئاخىرقى ھىساپتا كىشىلەر بىلەن كىشىلار،كىشىلەر بىلەن تەبىيەت دۇنياسى ئوترىسىدىكى ئىناق،ئىجىل ياشاش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتلىك تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇدۇ.ئەگەر دۇنيەنى بېغىشلاش ئەمەس نەپسانىيەتچىلىك،شەخسىيەتچىلىك بېسىپ كەتسە،دۇنيا گۈزەللىگىنى يۇقۇتۇپ،تەبىيەت ئىنسانىيەتتىن‹‹ئۆچ ››ئالدىغان ‹‹قىيەمەت كۈنى››باشلىنىدۇ...
بېغىشلاش دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بۇلۇپ،ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى چوڭ-كىچىك بارلىق مۇناسىۋەتلەردە ئۈزىنىڭ ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ روھ ۋە تەن گۈزەللىگى مائارىپ ساھىسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى،شۇ ئاساستا پۈتكۈل جەمىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ،جەمىيەتنىڭ توختاۋسىز تەرەققى قىلىشىدا ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك.
سۆيۈش بولمىسا-مىھرى-مۇھاببەت بولمايدۇ،مىھرى مۇھاببەت بولمىسا روھىنى ئاتا قىلىش بولمايدۇ،روھنى ئاتا قىلىش بولمىسا بېغىشلاش(ماددى ،مەنىۋى جەھەتتىن)بولمايدۇ،بېغىشلاش بولمىسائىنسانلارنىڭ قەدرى-قىممىتى بولمايدۇ...ئىنسانىنىڭ قەدرى-قىممەتى بولمىسا ئىنسانىيەت دۇنياسى خۇنۈكلىشىپ ئەسلى قانۇنىيەتىنى يوقىتىدۇ،قانۇنىيەتىنى يوقاتقان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئاساسلىق تەربىيە بازىسى بولغان مائارىپ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ،مائارىپ مۇناسىۋەتلىرى شەككىللىنەلمىگەن قوۋمنىڭ تەربىيە سېسىتمىسى بارللىققا كىلىشى مۇمكىن ئەمەس...
يۇقارقى نوقتىنى يىغىنچاقلىساق بېغىشلاش بولمىسا مائارىپمۇ،تەربىيەمۇ بولمايدۇ،بېغىشلاشتىن ئايرىلىپ مەۋجۇت بولغان تەربىيە شەكلى ساختا تەربىيە شەكلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن بېغىشلاشنى مائارىپ سېسىتمىسى،بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتى بىۋاستە شەكىللىنىدىغان مەكتەپلەر تەلىم تەربىيە جەريانىدا ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بېغىشلاش روھىنى مەكتەپلەردە مەنىسىنى تاپقۇزۇپ،ئۇقۇغۇچىلارغا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۆپرەك ئۈگىتىمىز دەيدىكەنمىز-ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچى،مائارىپ،كەڭ خەلق ئاممىسى قاتارلىقلار ئۈزىنىڭ مەسئۇليىتىنى، مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ،جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تۆھپە قۇشۇشى لازىم.
1.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بېغىشلاش روھى
ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىلەپلا قالماي يەنە پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ تەربىلەنىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە يادۇرۇلۇق رولنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر بولغانلىغى ئۈچۈن، جەمىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىر بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىدە بېغىشلاش ساپساسىنى يىتلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.ئۇقۇتقۇچىلار بۇنداق ساپانى ھازىرلاشتا تۈۋەندىكى نوقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ئۇقۇغىچىلارغا ھەقىقى كۈيۈنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،ئۇقۇغۇچىلاردا كۈيۈنىشنى ھىسى قىلدۇرۇش ۋە يىتىلدۈرۈش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن:
1)ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىنى كەسىپكە بېغىشلىشى لازىم
كەسىپكە بېغىشلاش مۇنداق ئۈچ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،بىرى ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۇيۈش،ئىككىنچىسى ئۈزى ئۈگەنگەن كەسىپنى قىزغىن سۇيۇش،ئۈچۈنچىسى كەسپىي ئەخلاققا قەتتئى رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت.
(1)ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۈيۈش-ھەرقانداق كىشى ئۇقۇتقۇچى بولىمەن دەيدىكەن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ھەم شەرەپلىك ھەم جاپالىق بۇ كەسىپكە ئۈزىنى بېغىشلىيالايدىغان روھنى يىتىلدۈرۈشتىن باشقا يەنە نىمە ئۈچۈن مۇشۇ خىزمەتكە ئۈزىنى بېغىشلىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بىر نىشان بۇلۇش كېرەك،قارغۇلارچە بېغىشلاش بولسا بېغىشلاشنىڭ ئئەكسى بۇلۇپ،قارغۇلارچە بېغىشلىغاندا ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن نەتىچىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بېغىشلاشتىمۇ كىم ئۈچۈن؟ نىمە ئۈچۈن؟ئۆزىنى ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بېغىشلىغانلىغىنى بىلىش ماھىيەتتە ئىلمىي،ئاقىلانە بېغىشلاش بۇلۇپ،ئۈزىگە بەلگۈلۈك يىتىش نىشانى بىكىتكەندە، تېخىمۇ تىرشىپ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاداققىچا تىرشىپ،بەلگۈلۈك نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.بۇ ئۇقۇتقۇچى بولدىغان ئادەم تەييارلاشقا تىگىشلىك ئەڭ يۈكسەك پەزىلەت بۇلۇپ،بۇ ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر ياخشى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ چىقىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.ئۇقۇتقۇچىلىقنى قىزغىن سويمىگەن ھەرقانداق تالانت ئىگىسىمۇ مەڭگۈ ياخشى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقالمايدۇ.
(2)ئۆز كەسپىنى قىزغىن سويۇش-كەسپىنى قىزغىن سۇيۇش دىگەندە ئۇقۇتقۇچى ئۈزى بىرىۋاتقان دەرسىنىڭ نەزىريە سېسىتمىسىنى ياخشى بىلىپلا قالماي يەنە ئۇ نەزىيەۋى بىلىملەرنى تۇرمۇشلاشتۇرۇش،ئەمىليەتكە باغلاش ۋە كۆچۈرمىلەشتۈرۈش(بېشىدىن ئۆتكۈزۈش)،ئابىستىراكىتنى نەرسىلەرنى كونكىرىتلاشتۈرۇش،قىيىن مەزمۇنلارنى ئاددىلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايدىغان بولىشى كېرەك.ھەرقانداق بىر ئۇقۇتقۇچى ئۆز كەپىدە ئالغا ئىلگىرلەيمەن دەيدىكەن يۇقارقى نىشاننى بويلاپ،تەرەەققى قىلىشى لازىم.ئەگەر سىز ئەخلاقى جەھەتتىن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان پەزىلەتكە ئىگە بۇلۇپ،كەسپىي جەھەتتە بەلگۈلۈك سەۋىيە ياراتالمىسىڭىز سىزنىڭ ئورنىڭىز بولمايلا قالماي،مەكتەپ ۋە ئۇقۇغۇچى ئۈچۈنمۇ سىزنىڭ لازىمىڭىز يوق.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرۈۋېلىش كېرەككى سىز بىر ياراملىق،بارلىغىڭىزنى ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا بېغىشلايدىغان ئۇقۇتقۇچى بولىمەن دەيدىكەنسىز چۇقۇم ئۆز كەسپىڭىزدە بەلگۈلۈك سەۋىيە يارتىشىڭىز كېرەك.
(3)ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۇيۇشتە يەنە ئۇقۇتقۇچىلار ئالدىنقى ئىككى تەرەپتىكى ئىقدىدارنى يىتىلدۈرگەندىن سىرت يەنە ئۈزىنىڭ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىكى جەھەتتىكى پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.ئۇقۇتقۇچى ئئادەم تەربىلەشتىن ئىبارەت مۇشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەن ئۈزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلگۈلۈك رۇلىنى بىر مىنىۇتمۇ ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلىغى لازىم.ئۇقۇتقۇچى ئەخلاقى جەھەتتىن چىركلەشسە ئۇنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتا ھىچقانداق رۇلى ۋە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.بۇنداق ئادەملەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى كۈشەندە،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخلاقى جەھەتتىن چىرىكلەشكەن ھەرقانداق ئۇقۇتقۇچى(مەيلى ئۇ كەسىپتە زور بىلىمگە ئىگە بولسىمۇ) مەكتەپلەردىلا بولىدىكەن ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىن كۆپ بولۇپ،نۇرغۇن ياشلارنىڭ قەلبىنى زەھەرلەيدۇ.
يۇقارقى ئۈچ نوقتىنى بىرى-بىرىگە باغلاپ چۈشىنىدىغان بولساق بىر ئۈقۇتقۇچى بولغانغان ئادەم ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۇيۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ھەم قابۇليەتلىك ھەم ئەخلاقلىق بۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى تەڭ ھازىرلاپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىشى كېرەك.
2.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بېغىشلاش روھى
ئۇقۇغۇچىلار مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيەدىكى يەنە بىر ئاساسلىق گەۋدە بۇلۇپ،بۇلارنىڭ مائارىپ ۋە تەلىم تەربىيەگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسىمۇ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھۇم ئامىللارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۇقۇغۇچىلادا مەكتەپنى،ئۇقۇتقۇچىنى،ئىلىم-پەننى قىزغىن سويىدىغان ۋە ئۇلارغا چىن دىلىدىن ئۈزىنى بېغىشلايدىغان ئىدىيەۋى ھىسىيات بولسا چۇقۇمكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ،مىللەتنىڭ ساپاسى ئۆسىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا مىللى مائارىپنىڭ،باشقىچا قىلىپ ئېيتقاندا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ تەرەققىيادىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇقۇغۇچىلاردا مەكتەپنى ،ئۇقۇتقۇچىلانى،ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيىدىغان ئىدىيەۋى ھىسىياتنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بېغىشلاش رۆھىنى قوزغىتىشتىكى ئاساسلىق ئامىل.
ئۇقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا بېغىشلاش روھىنى يىتىلدۈرۈپ،جەمىيەتكە تۆھپە قۇشۇپ،ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ؟بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلاردا تۈۋەندىكىدەك سويۈش روھى بولۇشى لازىم.
1)ئۇقۇغۇچىلار چۇقۇم مەكتەپنى سويىدىغان ئىدىيەۋى ئاڭغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك.مەكتەپنى سۆيۈش ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،مەكتەپ ھاياتىدىن ۋە ئۈزى ئۇقۇۋاتقان مەكتەپتىن سويىنىدىغان بىر خىل ئىدىيەۋى ھىسىيات بۇلۇپ،بۇنداق ئىدىيەۋى ھىسىيات ئۇقۇغۇچىلاردا شەكىللەنسە ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن زىركىمەيدىغان،مەكتەپتىن خۇشاللىق تاپالايدىغان بولىدۇ- دە،مەكتەپ ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارتىش ئۈچۈن تىرشىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپلىرىمىز نەزىريە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈپ،ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا تىرشىشى،مول ئىجدىمائى پالىيەتلەرنى تەشكىللەپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى تۇرمۇشىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇشى كېەك.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى رەڭگارەڭ،قايناق كەيپىياتقا ئىگە بولسا،ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن خۇشاللىق،بىخەتەرلىك،ئازادىلىك ھىس قىلسا ئۇقۇغۇچىلاردا مەكتەپنى سۆيۈش،مەكتەپكە ئىشىنىش تۇيغۇسى پەيدا بۇلۇدۇ-دە ئۇقۇغۇچىلار روھىنى مەكتەپكە بېغىشلاپ،نەتىجە يارتىش ئۈچۈن تىرشىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن خۇشاللىق تاپالماي بۇرۇقتۇملۇق ھىس قىلسا تەبئىكى ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن بىزار بولىدۇ.بۇنداق بىزارلىق تەبئى ھالدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنى سۆيۈش روھىنى سۇسلاشتۇرۇپ،ئۈزىنى بېغىشلاش روھىنى نابۇت قىلىدۇ.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنىڭ مۇھىم گەۋدىسى بولغان ئۇقۇغۇچىلاردا مەكتەپكە نىسپەتەن بېغىشلاش روھى بولمىسا تەلىم-تەربىيەدىن ۋە ئۇقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلاردا ئاشۇ خىل ئاتا قىلىش روھىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى،ئۇقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپ ئارقىلىق كەلگۈسىنى ياترتىشىنى بىلىشى لازىم.
2)ئۇقۇغۇچىلاردا ئۇقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەم ئۇلانى سويىدىغان روھ بولىشى كېرەك.
ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا بۇ ئئاساسى گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۇقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.چۇنكى بۇ ئىككى ئاساسى گەۋدە مەسىلىسى ياخشى ھەل بولمىسا ئئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ جەرياننى تەشكىللىگىلى بولمايدۇ ،تەشكىللۇدۇق دىگەندىمۇ چۇقۇم ئۇنىڭ نەتىچىسى ياخشى بولمايدۇ.بۇ ئىككى ئاساسى گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۇقۇتقۇچىنىڭ بېغىشلاش روھى يادۇرۇلۇق رول ئوينىسىمۇ يەنە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىنى سويۈش،ئۇقۇتقۇچىغا ئىشىنىش،ئۇقۇتقۇچىغا ئۈزىنى تاپشۇرۇش قاتارىق ئۇقۇغۇچىلاردىكى ئىدىيەۋى ھالەتكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلارغا قانۇنى جەھەتتىن ھۆرمەت قىلمىسىمۇ ،ئەخلاق نوقتىسىدىن چۇقۇم ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىشى لازىم.بۇنداق دىيىشتە بىرىنچىدىن:بىزدە كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،ئىككىنچىدىن شاگىرتلار ئۇستازلىرىدنى ھۆرمەتلاش......،قاتارلىق دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەخلاق-ئىدىقادىمز بار.بۇ ياشلارنىڭ ئۇقۇتقۇچى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشتىكى ئاساسى پىرىنسىپلار ھىساپلىنىدۇ.
يۇقارقىلادىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلۇدىكى ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلىرىنى سۆكيۇپ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ،ئۇگۈنىشتىن ئىبارەت قابۇليەتنى ھەرۆەتلەندۈردىغان ھەركەت قوزغاتقۇچىسىغا ئۈزىنى،ۋۇجۇۇدىنى بېغىشلىسا چۇقۇمكى مائارىپ ۋە مەكتەپلەردە چۇشقۇن،كۆپ تەرەپلىمىلىك رەڭگارەڭ مەكتەپ ھاياتى مەيدانغا كىلىپ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى كۈتۈرۈلۇپ،ياش ئەۋلاتلىرىمىز كەلگۈسىدە پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە ئۇقۇغۇچى،ئۇقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلمەيدىغان مۇناسىۋەت شەكىللىنىپ قالسا،شۇ مىللەتتىكى ئادىمىلىك پەزىلەتلىرىگە ئېغىر خىرىسلارنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
3)يەنە بىر نوقتىدىن تەھلىل قىلغاندا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جەمىيەتكە تۆھپە قۇشۇش،قۇشالماسلىغى ،جەمىيەتتە ھالال ياشاش،ياشالماسلىغى...قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى شۇ ياشنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى تەرىپىندىن بەلگىلەنگەن،ئېلىمىزنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىقدىساسى ئەھۋالى سىتاستىكىلانغان دوكىلاتىدا ئۇقۇش تارىخى بىلەن يىللىق كىرىم ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولغان.بۇ نوقتا بىزنى ،مىللەتنى شۇنداق چاقىرىققا ئۈندىۋاتىدىكى –دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇراي دىسەڭ مائارىپقا،ئىقدىساسلىقلارغا تايان! بۇنىڭدىن جەمىيەتكە تۆھپە قۇشۇش دەررجىسىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيە بىلەنمۇ ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈدۇ.بۇ ھال مائارىپىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىغى،شۇڭا مائارىپقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۈزىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى نۇرلۇق يول ، ئىكەنلىگىنى بىلىپ،پۇزۇتسىيە تۇتۇشىنىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇدۇ.ئەمىليەتتە جەمىيەتكە تۆھپە قوشقانلىقمۇ مائارىپنى قوللاپ،مائارىپقا ئۈزىنى بېغىشلىغانلىقتۇر.
3.كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بېغىشلاش روھى
خەلىق ئاممىسىنىڭ روھىنى مائارىپقا بېغىشلىشى-ماھىيەتتە خەلىق ئاممىسىنىڭ مائارىپنى قوللىشى،مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئېڭى،مائارىپنىڭ خەلىق تۇرمۇشىدىكى ئورنى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.بۇلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورننىڭ شەكىللىنىشى ماھىيەتتە خەلىقنىڭ مائارىپنى سۆيگەنلىگىنىڭ ئىپادىسى،بۇنداق سۇيۇشمۇ ماھىيەتتە ‹‹بېغىشلاش››نىڭ يەنە بىر خىل رەۋىشتە ئىپادىلىنىشى بۇلۇپ،ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتىساق بۇ جەمىيەتنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ. يۇقارقى ئۈچ تەرەپتىكى مەزمۇننىڭ قانداق رەۋىشتە ئىپادىلىنىشى مائارىپنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇدۇ. كونكىرىتنى قىلىپ ئېيتقاندا،خەلىق ئاممىسىنىڭ مائارىپقا روھىنى ئاتا قىلىشى(بېغىشلىشىى) تۈۋەندىكى تەرەپلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
1)خەلىق ئاممىسىنىڭ مائارىپنى قوللىشى
خەلىق ئاممىسىنىڭ مائارىپنى قوللىشىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بۇلۇپ،ئۇ ئىقدىسادى،ئىجدىمائى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.خەلىق مائارىپنى ئىقدىسادى جەھەتتىن قوللىسۇن ۋە ياكى ئىجدىمائى جەھەتلەردىن قوللىغان بولسۇن بۇ ئۇلارنىڭ مائارىپقا بولغان تەلپۈنۇش،مائارىپ بىلەن ھەركىتىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئۈزىنىڭ ئاخىرقى چىقىش نوقتىسىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تۇنىغانلىغىنىڭ،ھىس قىلغانلىغىنىڭ ئىپادىسى.بۇنداق تۇنۇش ۋە ھىس قىلىش ماھىيەتتە ‹‹سۈيۈش››،‹‹قۇربان بىرىش›› بۇلۇپ سۇيۇش بىلەن قۇربان بىرىش بېغىشلاشنىڭ ئەمىليەتكە ئايلانغانلىغىنىڭ مەسئۇلى.بۇنداق رىيانلىقنىڭ مەيدانغا كىلىشى بىز بۇ ماقالىدا دىگەندەك ئۇنداقمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.بۇنى رىيانلىققا ئايلاندۇرۇشتا نەچچە ئەۋلات كىشىلىرىمىزنىڭ جاپالىق تىرشىشىغا تۇغرا كېلىدۇ.بىز ھازىرقى ئەۋلاتلار بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ يۇكسەك پەللىنىڭ ‹‹تۇنۇش››(ئاڭ يىتىلدۈرش،ئاڭنى رىيانلىققا تەتبىقلاش)ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئوتەلىسەكمۇ مىنىڭچە مائارىپنى ئۇمۇمى يۈزلۇك قوللاش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان بۇلىمىز.
ئاڭنىڭ پەيدا بۇلۇشى بىلەن ئاڭنىڭ ئەمىليەتكە ئايلىنىشىدا ،مىنىڭچە خېلى زور جەريان بۇلۇشى مۇمكىن.ئەڭنىڭ پەيدا بۇلۇشى ياكى باشقىچە ئېيتقاندا نىيەتنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئاڭنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىدىكى زور بوسۈش خارەكتىرلىك سەكرەش بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنى بۇ يەردە كونكۇرىتنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساقمۇ ئەژداتلىرىمىز ناھايتى ئىخچام قىلىپ،بۇنى ھەقىقەت دەرجىسىگە كۈتۈرۈپ‹‹نىيەت قىلساڭ،ئىشنىڭ يېرىمى پۈتەر››دىگەن ھىكمەتنى بىزگە قالدۇرغان.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن خەلقىمىزدە مائارىپنى قوللاش ئېڭى پەيدا بولسا ئۇلاردا ‹‹سۆيۈش››،‹‹بېغىشلاش››ئۇرىغى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا سۈيۈشنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلغان بۇلۇدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە ۆەڭ خەلىق ئاممىسىدا مائارىپنى سۈيۈش ئېڭى تۇغۇلۇشنىڭ ئورنىغا مائارىپتىن ياتلىشىش،ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇش ئېڭى پەيدا بولسا مائارىپ ۋە تەربىيە دىگەن ئۇقۇملارنىڭ مەۋجۇتلىغىدىن سوز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس-ئەلۋەتتە.
ئەمدى ئاڭ مەسىلىسى پەيدا بولغاندا بىز نىمە ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟مىنىڭچە ئاڭ مەسىلىسى پەيدا بۇلۇپ،ئۇ ھەركەتكە ئايلىنالمىسا بۇنداق ئاڭنىڭ پەيدا بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى.بۇنداق دىيشىمىزدىكى سەۋەپ بىز مائارىپنى سويىمىز دەپ قۇرۇق شۇئار تۇۋىلاپ،مائارىپ قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ئىشلار بىلەن شۇغۇللانساق،ياكى بىزدە مائارىپ ئېڭى بار دەپ قۇرۇق سولەت بۇلۇپ يۇرىۋەرسەك مىللەتنىڭ،مائارىپنىڭ تەقدىرى ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاڭ مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۇرگەندە چۇقۇم ئۇنى ھەركەت بىلەن بىرلەشتۇرۇپ،ئاڭنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم.مۇشۇ ھەركەتنىڭ ئۈزى ‹‹سويۇش››نىڭ ‹‹بېېغىشلاش›› قا ئايلىنىۋاتقانلىغىنىڭ مەسئۇلى.
2)مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇشمائارىپنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇش بولسا سۆيۈشنىڭ بېغىشلاشقا ئايلىنىۋاتقىنىڭ بىرىنچى دېلىلى ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى مائارىپنىڭ شۇنداقلا تەربىيەنىڭ ئۇمۇمىيۇزلۇكلۈك خارەكتىرىدىن قارىغاندا بىز پۈتكۈل مىللەتنىڭ پەن مەدىنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلىسەك ئۇنىڭدىن كىيىن پۈتۈن مىللەت ئۇمۇمى گەۋدىسى بۇيۇچە مائارىپنى سويىدىغان،مائارىپقا چۇقىنىدىغان(پەن-مەدىنىيەتكە)،مائارىپقا ئۈزىنىڭ بارلىغىنى بېغىشلىيالايدىغان ياخشى ئىجدىمائى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرا ئىشنى ئۈزىدىن باشلىشى لازىم.ئۈزىدىن باشلاش دىگەندە ئەڭ ئاۋال ئاتانا بولغۇچىلار ئۈزىگە ۋە پەرزەنتىلىرىگە مەسئۇل بۇلۇشى كېرەك.مۇشۇنداق بۇرۇچ تۇيغۇسى ھەر بىر ئادەمدە شەكىللەنسە بۇنىڭ مائارىپنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇشتا غايەت زور قۇدرەتلىك رۇلى بۇلۇپ،مائارىپنىڭ ئىژدىمائىلىشىش دەرجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۈتۈرۈلگە بۇلاتتى(مەن بۇ يەردە قانۇننىڭ رۇلىنى يوققا چىقىرىش ۋە سەل چاغلاش مەقسىدىدە بۇ سوزنى قىلغىنىم يوق،دىمەكچى بولغۇنۇم يۈكسەك ئاڭ شەكىللەنسە ئىشلارنى رۇياپقا چىقىرىش بىز ئويلىغاندىنمۇ ئاسانراق ھەم ئۈنىمى يۇقىرىراق بولاتتى دىمەكچى).مائارىپنىڭ ئىجدىمائىلىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بۇلۇشى ماھىيەتتە خەلىق ئاممىسىنىڭ مائارىپقا روھىنى بېغىشلىشىدىكى بىر مىۋە ھىساپلىنىدۇ.ماھىيەتتە بۇنداق ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى غايەت زور بايلىق ھىساپلىنىدۇ.
بۇ بايلىقنى قانداق قىلغاندا ئىقدىسات(كاپىتال)غا ئايلاندۇرغىلى بۇلۇدۇ؟
3)مائارىپنىڭ خەلىق تۇرمۇشىدىكى تەسىرى
مائارىپ مەسىلىسى تىگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا سۈپەت،ساپس مەسىلىسى بۇلۇپ بۇ يەردە دىيقلىۋاتقان سۈپەت،ساپا دىگەن ئۇقۇملار ئىنسانلارنىڭ بىلىش دەرجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئولچەم سۈپىتىدە قۇللۇنۇپ كىلىۋاتقان ئۇقۇملار.ئىنسانلارنىڭ بىلىش دەرجىسى دىگەندە ئۇ-ئەقىلى بىلىش،ئەخلاقى بىلىش دەرىجىسىگە قارتىلغان بۇلۇپ،ئەقلى بىلىش دەرىجىسى ئىقدىسادى مۇناسىۋەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئۇقۇم.شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىمىز ئىقدىسادى قۇرلۇشىنىڭ باش لاھيىلىگۈچىسى يولداش دىڭ شىياۋ پىڭ‹‹پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى››دىگەن مەشھۇر سوزنى ئوترىغا قويغان.دىڭ شىياۋپىڭنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغان ئادىلاشتۇرۇپ دىگەندە ئېقىل ئىقدىسادى بايلىق ياراتقۇچى بىرىنچى ئامىل بۇلۇپ،ئەمگەكچىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بۇ‹‹ پۇل››غا ئىرشىشتىكى بىردىن بىر يول(بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم ئادەملەر جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىققا ئىگە بۇلۇش كېرەك،بۇ كاپالەت بولمىسا ‹‹پۇل››غا ئىرشىشى مۇمكىنچىلىگىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يەردە شۇنداق دىيىشكە بولدىكى كىشىلەر ئۈزىنىڭ پەن-مەدىنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ‹‹ئەقىل››نى ‹‹پۇل››غا ئايلاندۈرۈشنى بىلسە،ئۈزىنىڭ ئىقدىسادى كىرمى بىلەن مەدىنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئوڭ تاناسىپلىق خۇسۇسىيەتتە بولدىغانلىغىنى چۈشىنىپ يەتسە بۇمۇ كىشىلىرىمىزنىڭ مائارىپقا ئۈزىنى بېغىشلا مائارىپ ئارقىلىق دولاەتنى،مىللەتنى ئۈزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن قوشقان توھپىسى بۇلۇپ،بۇ سويۇشنىڭ بېغىشلاشقا،ئەمىليەتكە،رىيانلىققا ئايلانغانلىغىنىڭ جانلىق مىسالى ھىساپلىنىدۇ.
كىشىلەر بەدەل تۈلىگەن ئىكەن چۇقۇم نەپكە ئىرشىشى كېرەك بۇ كىشلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەقەللى قايدە.ئەگەر بىزنىڭ كىشىلىرىمىز بەدەللا تۇلەپ،مۇنداقچە دىگەندە تىرشىپ ئۈگۈنۈپ،نەزىريەنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرالمىسا ،ئېقىل نەزىريە باقۇچىدا تۇرۇپ قېلىپ،ئىقدىسادى ئامىلغا ئايلىنالمىسا بۇنداق قۇرۇق نەرسىدىن زىرىكىش پەيدا بۇلۇدۇ-دە سۈيۈشمۇ،بېغىشلاشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.بۇندا مۇمكىنچىلىكى يوق مائارىپ شاكلى بار مېغىزى يوق مائارىپقا ئايلىنىپ قېلىپ،ئۇمۇملاشتۇرۇش ئىشىنى رۇياپقا چىقىرىشمۇ مۇمكىنى بولمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا بېغىشلاش ھەرقانداق ئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىپ،رىياللىققا ئئايلىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرسى شۇڭاكىشىلار ‹‹سويۇش››نى قۇيش نۇرىغا،باھار يامغۇرىغا،گۈزەل –بىپايان يايلاققا،تۇزىماس گۈلگە ئوخشىتىدۇ مەن بۇ يەردە ‹‹بېغىشلاش››نى قۇياش نۇرىنى،باھار يامغۇرنى،گۈزەل-بىپايان يايلاقنى،تۈزىماس گۈلنى ئاپىردە قىلغان گۈزەل تەبىيەت دۇنياسىغا ئوخشىتىمەن.بۇ گۈزەل تەبىيەت دۇنياسى بولمىسا سويۇشمۇ بولمايدۇ،بۇ گۈزەل ماكان بولمىسا ھىچقانداق نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە كىسىپ ئېيتىيالايمەنكى بېغىشلاش بولمىسا ،تەربىيەمۇ،مائارىپمۇ بولمايدۇ.
(ئۆز يازمام)
|
|