كۆرۈش: 841|ئىنكاس: 5

قاتار چاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49496
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-13
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 16:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر بەلكىم بۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئوقۇپلا مەلۇم بىر نەرسىنى ھىس قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئادەملىرىمىزنىڭمۇ قەدەملىرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىنمۇ ئالدىن بولىۋاتىدۇ. ئىستىمالىمىزنىڭ سەۋىيەسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، ئىھتىياجىمىزنى ھازىر قاندۇرۇپ بولالىغىدەك جەمئىيەت قالمىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. قايسى بىر كۈنى يۇرتىدېشىمنىڭ تىلفۇندا دىگەن بىر قىسىم سۆزلىرى مىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سېلىپ قويدى.
   يۇرتىدېشىمنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ ئايالى ھەربىر ئايدا ئىككى ئۈچ چايغا بارىدىكەن، چاينىڭ باھانىسى بىلەن ئۆي ئىشلىرى ۋە شۇ ئۇماق باللىرىغا بولغان ئانىلىق بۇرچىنىڭ يۇقۇلۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى ئېيىتىپ ئاز بولمىغان كۆڭۈلسىزلىكنىڭ چىققانلىقى دېدى. مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم، ھازىرقى ئانىللىرىمىزغا نىمە بولدى؟ ئەجبا سىلەرنىڭ خىيالىڭلاردا شۇ تۈگمەس چايلار ، ئولتۇرۇشلار شۇ ئىلدىكى ئىناقلىقتىن مۇھىممىدۇ؟ شۇ بالىلارنىڭ تاتلىك كۈلۈشلىرىدىنمۇ چوڭ بەخىتنى سىز شۇ ھەرخىل ئولتۇرۇشتىكى تېتىقسىز چاقچاقلار، قىلىقسىز ئىشلار ئىچىدىن تاپالامدىغانسىلەر، ھەي ئانىلار بۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ دەپ شۇنداق خىتاب قىلغىم كىلىدۇ.  ھەربىر چايدىن قايىتقاندىن كىيىن مەلۇم نەرسىلەرنى باھانە قىلىپ ئۆز ئۆيلىرىگە قايىتماي ھەر قايسى مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىدىن چىقىۋاتقان ھەرخىل ئاۋازلارغا جۈر بولۇپ كەتكەن بۇ مىللىتىمىز قىزلىرىنىڭ ئويلايدىغىنى زادى نىمە؟
  
   ئەلۋەتتە، ھازىرقى مۇشۇ ئەۋىج ئېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى پەقەت ئانىلارلا ئەمەستۇر. بەلكىم شۇ يىگىتلىرىمىز ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەن شۇنداق پەيىتلەردە ھەقىقىي بىر ئەركەكتەك ئىش قىلىپ كىتەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىندۇر. ئەرلىرىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاياللىرىمىزدىكى بىزەڭلىكنىڭ ، قاشاڭلىقىنىڭ سەۋەبىمىۇ ياكى بىزنىڭ ئۆزىمىزدىكى سەۋەبمۇ ؟
   ھەر ئايدا ئالىدىغان شۇ مۇئاشنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئولتۇرۇش بىلەن تۈگىتىپ ، ئۆي ئىچىدىكى جىدەلنىڭ باشلامچىسى بولغان شۇ چايلارنى تاشلىساق، شۇ ئەرزىمەس ئولتۇرۇشلارغا ئىسراپ قىلىۋاتقان خىراجىتىمىزنى باللىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن سالساق بۇنىڭ پايدىسى سىلەرچە قانچىلىك بولار ؟  كونىلاردا مۇنداق بىر سۆزلەر بولىدىغان بالىلارغا سېلىنغان مەبلەغ دۇنيادىكى تۈگمەيدىغان بايلىقتۇر. بەلكىم بۇ سۆز شۇنداق بىر ئىسىمدە قالغاندۇر ۋە ياكى خاتا ۋە ياكى توغرىدۇر. لىكىن باللىرىمىزغا سېلىنغان مەبلىغىمىز بىلەن شۇ قاتار چايلارغا، سورۇنلارغا ۋە ھەرقايسى مېھمانخانا ئىگىللىرىگە قوشىۋاتقان پايلىرىمىزدىن كۆپ بولىۋاتامدىغاندۇ ؟  بۇ چايلاردىن مېھرىڭىزنى ئۈزەلمىدىڭىزمۇ ياكى شۇ يەردىكى خۇشاللىق ئائىلىڭىزدىكى خۇشاللىققا يەتمەمدىكەن؟ ......... سۆزلىسەم نۇرغۇن سۆزلەر بار،مەقسىتىم شۇ ئىشلاردىن قول ئۈزۈشنىڭ  يولىنى تۇتقانلارغا ئاپىرىن ، قەدەم باسقانلارغا نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن. ئائىلدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى ئەركىنلىككە شۇ ئائىلدىكى خۇشاللىقنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
    دىسكوخانا ئايرىمخانىللىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلارغا قۇلاق سالدىڭىزما؟  قاراڭ ئاۋۇ چوكان ئۆزىنىڭ قاملاشقان شۇ خام سىمىز بەدەنلىرىدىن پەخىرلىنىپ ئۆز ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىپ دەۋاتقان سۆزلىرىگە قاراڭ.  ئاۋۇ سەتەڭنى كۆردىڭىزمۇ ئۇنىڭ زىلۋا شۇ بەدەنلىرىگە چۈشىۋاتقان سۇئاللارنىڭ تېتىقسىزلىقىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز بەلكىم قۇسىۋەتكەن بولار ئىدىڭىز ... سىزنىڭ بالىڭىز بارمۇ؟  ...  ئۆزىڭىز يالغۇزتۇغدىڭىزما ؟ .... توۋا، مانا مۇشۇنداق تېتىقسىزلىق ئىچىدىن تاپىدىغان قانداق خۇشاللقتۇ؟
  
      بۇ ماۋزۇنى مۇشۇنداق قۇيۇپ داۋامىنى چىقىدىغان  تۈگمەيدىغان بۇ ھىسلارنىڭ قۇرلىرىنى داۋاملىق تىزىدىغان تىما قىلدىم. نىشانىمنى چەشەنسىڭىز ھەقىقىي بىر پىكىرلەرنى يېزىڭ. بەلكىم يالقۇ روزى ئاكىمىزنىڭ قىلغان شۇ تەنقىدلىرىنى قۇبۇل قىلمىغانغا ئوخشاش ، مۇشۇ ھەقىقىي يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنى سۆككەن كىشىللىرىمىزنى ھاقارەت قىلىشىڭز مۇمكىن، لىكىن مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، بىلگىنىمنى سۆزلەيمەي، پەقەت پاكىتسىز ئەمەس، ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىپ سۆزلەيمەن. سۆكۈش ئەمەس بەلكى ئازراق ئىتراپ قىلدۇرۇشتۇر مەقسىتىم.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5242
يازما
99
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1899
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 00:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنشنى ئەجەپمۇ ئاچمىدى.

UID
2073
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-26
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 12:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تىما يوللىغۇچى بۇ تىمىنى سىز يازغان ئوخشىمامسىز قارغاندا؟  بۇ تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئازراق بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى -ھە ؟
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=14020   ماۋۇ مۇنبەردىكى قەشقەرجان سىز بۇلامسىز ياكى ؟

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1410
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43144
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-8
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 02:43:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست  شۇ قاتار چايلاردا  بوپ كېتىپ بارىمىز،،،،،بۇ تېمىنى ئۇقۇپ بەك خىجللىق ھېس قىپ قالدىم ،،،

UID
49888
يازما
32
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-27
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 14:05:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      يوللىغۇچىنىڭ   ئەجرىگە   رەھمەت   ،   راست   شۇ   قاتار   چايغا   سەرىپ   قىلغان   ۋاقىتنى   باللىرىمزغا  ،  ياكى   ئاتا   ئانىلىرىمزغا    سەرىپ   قىلساق   ھە   ،   مەنغۇ   ئەزەلدىنلا   بەك   ئوچ   كورىمەن   بۇ   چاينى  ،  بىز   ئۇنچىلىك  چاي   ئويناپ   ۋاقتىمىزنى   ،  پۇلىمزنى ،   ئىسراپ   قىلغۇدەك   شۇ   دەرىجىدە   ھەر   جەھەتتىن   يېتىشىپ   كەتكەن  بولساق   ،  بىچارە   يوقسۇللارغا   ياكى   ياخشى  ئۇقۇپ   ئائىلىستىكى   قىيىنچىلق   تۇپەيلى   ئۇقۇيالمايۋاتقانلرغا   ياردەم   قىلساق   كوڭلىمىز   چاي   ئوينىغاندىنمۇ  بەكراق  خۇشال  بولارمىدى   ھە   ..............

UID
51382
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 09:57:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قاتار چايدا ھەر خىل نەرسىلەرنى يەپ ئەقلى ئىمانى بۇلغانغان ئانىلارنىڭ تەربىيەلىگەن پەرزەنتلىرى قانداق بولماقچى؟؟؟؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش