پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 95 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 0

كاۋابچىنىڭ ھۇجرىسى(ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
654 سەر
تىللا
539 دانە
تۆھپە
466 سەر
شۆھرەت
537 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 16:54:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كاۋابچىنىڭ ھۇجرىسى(ھېكايە)




سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم  بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان.

ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى، تېنىدىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنىڭ پۇرىقى تارىدى.  ئۇلار ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، ئۇلار بىلەن زىنا قىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دوزاخ ئوتى ھەر بىر كۈچەيگەندە زىناخور ئەر-ئاياللارنىڭ قىيا-چىيا قىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

بۇ شەھەرنىڭ داڭلىق بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. بۇ يەردىن 300 مېتىر شەرققە ماڭغاندا ھاجەتخانىلىرى پۇراپ تۇرىدىغان مەينەت ئارقا كوچا، بۇ كوچىدا  بىر قېرى خەنزۇنىڭ كونا ئۆيى بار، بۇ قېرىنىڭ باشقا ئىشى يوق، تار ھويلىسىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرىدۇ. زېرىكىپ كەتسە تالاغا چىقىپ قېرى ئۈلپەتلىرى بىلەن ماجاڭ ئوينايدۇ.  ئۇ بۇرۇن كۆمۈرخانا قىلغان ئۆيىنى بىر كاۋابچىغا ئىجارىگە بەرگەن. بۇ كاۋابچى پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشكىنىدىن خۇشال. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يالغۇز ئوغلى باشقا شەھەرگە پۇل تاپقىلى كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا  ئىشلەمچى ئايالدىن بىرنى قارىتىپ قويغانىدى. كاۋاپچىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە چىرايلىق بىر دۇتاردىن بۆلەك كۆزگە چىلىققۇدەك بىساتى يوق ئىدى، ئەبجەق كارىۋىتى قاتتىقراق ئولتۇرسا سۇنۇپ چۈشىدىغاندەك قىيسىيىپ تۇراتتى، كىر يوتقانلىرىدا مايقۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى. بىر بۇلۇڭدىكى پاكار جوزىدا گۆش پارچىلايدىغان دۇش ۋە پىچاق، پىچاق چاقلىغۇچ، داس، كورا، زىرە، لازا قۇتىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھەممە نەرسىسى مايلىشىپ، بىر قەۋەت توپا بېسىپ كەتكەنىدى.  

كەچقۇرۇن كاۋاپچىلىقىنى تۈگىتىپ، پۇلىنى چۆنتەككە سالغان كاۋابچى چۆپقەتلىرىنى تېپىپ، پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايتتى. ئانچە تەلىيى كەلمەيتتى، كۆپ ئۇتتۇرىۋېتىشتىن قورقۇپ جىق پۇل تىكمەيتتى، كېچە 12 گە يېقىن ھۇجرىسىنى تېپىۋالاتتى. ئەتىسى چۈشكىچە قوپماي ياتاتتى. قاچان ئويغانسا شۇ چاغدا قوپۇپ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-پۇلا يۇيۇپ، گۆش ئالغىلى باراتتى، بۇرۇن ياخشى گۆش قالمايدۇ دەپ سەھەردە بېرىپ ئالاتتى، كېيىن «بۇ خەقلەر پوقلۇق ئۈچەي بولسىمۇ يەۋېرىدىكەن» دەپ چۈشتە بارىدىغان بولدى، بېرىپ بىر ھازا باھا تالىشىپ ئەرزان يېرىدىن ئالاتتى، ئەمما ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ لاتىدەك گۆشلەرنى ئۇششاق پارچىلاپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ بولالماي قىينىلاتتى، ئاچچىقىدا ئىش خوشياقمىغاندا دۇتتىرىنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق پەدىلەرگە چېلىپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى:

روزىلەم دەيمۇ سېنى
قوزىلەم دەيمۇ سېنى
باغدا باققان پاقلىنىم دەپ
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى...
...

ناخشا ئۇنىڭغا بىر ئىشلارنى ئەسلىتەتتى، مۇڭلاندۇراتتى، يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ پۇچۇلايتتى، بۇنىڭدىن چىققان دەرت-ئەلەم ئىسلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشتۇراتتى. بىر چاغلاردا ئۇ مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ نوچىسى، سورۇننىڭ گۈلى ئىدى. ئەمدى مۇشۇ دۇتتىرىنى قۇچاقلاپ كۇلىچى، كاۋابچى بولۇپ قالدى.  تويلاردا تۆردە ئولتۇرۇپ، شەپكىسىنى قىڭغىر كىيىپ، شوخ پەدىلەرگە چالغاندا تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىگە مەنىلىك باققان قىزلار باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتتى. تالاي كېچىلەر ئۇخلاتمىغان شۇ ئايگۇلنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كەتتى، تەلەپ قويدى، ئېرىشەلمىدى، ئېرىشەلمىسىمۇ مەيلىدى، ياخشى گەپ ئاڭلىيالمىدى، قىزنىڭ گېپى ئاخىرقى گېپى ئېغىر كەلدى:  ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ...قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ.  

ئۇ ئۆزىنى بىلدى، ئۆزىنى دەڭسىدى، نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان، كۆپ بالىجانلىق ئۆيدىن ئايرىلدى، دۇتتىرىنى قويۇپ قويسا بالىسىدىن ئايرىلغان ئاتىسى شۇ ئاچچىقىدا بۇ «يوغان چۆمۈچ»نى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ھېچ بولمىسا بۇ سازنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چېقىپ ئېلىشىغا سېتىۋىتەرمەن دەپ ئويلىغانىدى، ساتالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، ئۇنىڭغا بىردىنبىر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، تاتلىق غايە، ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدىغان نەرسە مۇشۇ ساز ئىدى، ئۇنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى مەھەللىدىكى قىزلار ۋە ئايگۇل ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دەيتتى، كەتكىنى كەتتى، شوخ ياشا، قولۇڭنى بەر ماڭا، مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بول...دەپ جاراڭلايتتى.

ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ باققۇسى كەلدى، كىچىكىدە ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكەندىمۇ ئۇ سۇنىڭ ئەڭ قاينام، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە بېرىشقا ئامراق ئىدى، قاراملىقتىن ھۇزۇرلىناتتى.

كۇلىنىڭ ئەڭ چوش شەھىرىگە كېلىپ، يەنىلا ئاشخانىدا ئىشلىدى. ئىچەرمەنلەر، چېكەرمەنلەر، ھاماقەت بىلەرمەنلەر، ۋالاقتەگكۈرلەر، قارغىشتتەگكۈرلەر، نەپسى بالا پاھشىۋازلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، كۆرمىگەننى كۆردى، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدى، قىلمىغاننى قىلدى، ئەمما جاننى سېلىپ بېرىدىغان چاتاق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمىدى، بۇنىڭغىمۇ شۇ قەدىناس دۇتتىرى سەۋەب بولدى، دۇتتار ئۇنى يەنىلا ھاياتلىققا، گۈزەللىككە، ئۈمىدكە باشلاپ تۇراتتى. ئۇ دۇتتىرىنى مەستلەردىن، ئۆلگۈسى كەلگەنلەردىن قانچە ئاۋايلىغانچە، ئۆزىنىمۇ شۇنچە ئاۋايلىدى. بۇنداق قالايمىقان، ئەنسىز كۈنلەردىن ئۇ پەقەت ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلالايتتى، ئاشخانىدا قۇلدەك ئىشلەۋېرىشتىنمۇ زېرىككەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر كاۋابچىلىقنى تېپىۋالدى.



ئۇ دۇتتىرىنى تەبىئىي تالانتى، ماھارىتى بىلەن شۇندااق كەلتۈرۈپ چالاتتىكى، ئۆزىدىن ئۆزى مۇڭلىنىپ مەست بولۇپ كېتەتتى. ئەپسۇس بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىنسان يوق ئىدى. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايتتى، ئىشلەمچى ئايال ئۇ مۇزىكىنى قەتئىي چۈشەنمەيتتى.

ئۇ چېلىپ-چېلىپ ھېرىپ، دۇتتىرىنى يۆلەپ قويۇپ، يەنە كاۋاب ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما ئىشلەش قەتئىي خوشياقمىدى. سازغا يارالغان نازۇك، چىۋەر قوللىرى زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈش بىلەن زايە كەتسە بولمايتتى، ئىمكانىيىتى بولسا سەھنىلەردە دۇتتار چېلىپ چىقسا بولاتتى، ئەمما كۆمۈلۈپ قالدى، بۇ يەردە گۆش بىلەن ياغ پۇراپ ئولتۇرماي چارىسى يوق. ئۇ ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ تاماكا چەكتى. ئىشلەمچى ئايالمۇ قىلىدىغان ئىشى يوق تالاغا قاراپ بىكار ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كاللىسىغا خيال كەلدى: ئاخشام تەلىيى كېلىپ ئازراق ئۇتقانىدى، قىماردا ئۇتقان پۇلنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، مۇشۇ پۇلنى ئاشۇ خوتۇنغا بېرىپ ئىشلەتسە بولماسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېخنىك كەتمەيدۇ، قارا گۆش بىلەن ماينى پاتاڭغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەرسە بولىۋېرىدۇ ئىشلەمچى ئايال پۇل بېرىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دېدى، كاۋاب ئۆتكۈزۈشنى بىر دەمدە ئۆگىنىۋالدى، قولى چاققان ئىدى، بىر زىخ ئۆتكۈزسە بەش پۇڭ ئالاتتى. بۇ پۇل ئوبدان خوش يېقىپ قالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ كاۋابچى دېمىسىمۇ ئۆزى ئىزدەپ سوراپ كىرىپ قىلىدىغان بولدى. كاۋابچى گەرچە ئازراق پۇلدىن زىيان تارتسىمۇ، راھەتكە چىقىپ قالدى، سودىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، قىماردىمۇ پات-پات ئۇتۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ تەتەينىڭ ئايىغى ياراشتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ئايالغا دىققەت قىلدى، 30 نەچچە ياشلاردىكى تولغان جۇۋان ئىدى، نامراتلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقىلا  كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى، ياسىنىپ چىقىدىغان بولسا بەلكىم ئاشۇ فاڭدۇڭ قېرىنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا» دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ دىققەت قىلماي يۈرگەن گەپ.  ئەمدى بۇ خوتۇن قانداق بولۇپ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى؟ پايدا-مەنپەئەتمۇ؟ ئاددىي  كىيىملەر ئىچىدىكى بەدىنىمۇ؟ كاۋابچى ئۆزىمۇ ئۇقالمىدى، ئۇنىڭغا بارغانسېرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، كوچىغا چىقىپ كىرسە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى، ھەتتا كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنى خوش قىلىۋىتەتتى. بۇ كىيىملەرنى كىيىپ كاۋابچىنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ چىققان ئىشلەمچى ئايال ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتاتتى.

    بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۇخلاپ قوپقان كاۋابچى ھويلىغا چىقىشىغا قېرىنىڭ ئۆيىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ كەتتى، ئاندىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ئىشلەمچى ئايال ئىشىكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ، كاۋابچىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى فاڭدۇڭ قېرى ئېچىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئايال ئۇنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. «ئوبدان ياساندۇرۇپ قويسام، قېرىغا ئوبدان ياراپتۇ-دە!» دەپ ئويلىدى كاۋابچى ئەلەم بىلەن، ئاندىن بۇرۇلۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئاچچىق كۈلدى، ئاندىن تۇرۇپلا ئۆزىگە كايىدى: « نېمىگە تېرىكىمەن؟ مېنىڭ خوتۇنۇممىدى ئۇ؟ نېمىگە چىدىماي كېتىمەن؟».

  بىر دەمدىن كېيىن ئىشلەمچى ئايال خىجىللىق ئىلكىدە ئىش سوراپ كىردى، كاۋابچى چۈپەيلىك قىلماي ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ بېرىپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى ماجاڭ ئوينىغىلى تالاغا ماڭغانىدى، كاۋابچىغا قاراپ غەلىتە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى. ھۇجرىسىغا يېنىپ كىردى. ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئايال ساغرىسىغا پاكار ئورۇندۇقنى قويۇۋېلىپ، يۇمشاق گۆش، مايلارنى مايلىشىپ كەتكەن زىخقا چاققانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كاۋابچى ئۇنىڭ چاترىقىغا قاراپ سالدى، ئايالنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى كىچىككىنە يىرتىلىپ كەتكەنىدى. نومۇس، نومۇس...   كاۋابچى كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە بىر مىنۇتچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نىيىتىنى بۇزدى، كەينىدىن قۇچاقلاپ كارىۋىتىغا ئەكىلىپ باستى؛ بىر ھازا تىپىرلاشتىن كېيىن كارىۋات سۇنۇپ چۈشتى، ئايال قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، جىمىپ قالدى.

  ئۇ ھوشىدىن كەتكەندەك ياتقان ئايالنى ۋە ھۇجرىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ھويلىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈننىڭ جۈمە ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ، گۇناھىدىن ئىچى سىقىلدى. ئەمدى بېرىپ تۇڭگان مەسچىتىدە يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇمىسا مەڭگۈ گۇناھكار بولۇپ قالىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئالدىراپ مەسچىتكە ماڭدى. مەسچىتتە ئۇنىڭدەك يۇيۇنىدىغان كاۋابچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر ھازا ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاران بىرسىگە كىرەلىدى، ئەمدى يۇيۇنۇپ تۇرۇشىغا مەسچىت باشقۇرىدىغان ئاقساقال« چاققان بول» دەپ توۋلاپ، ئەرۋاھىنى ئۇچۇردى. ئۇ ئالدىراپ غۇسلى قىلىپ، مۇنچىدىن چىقتى، نامازغا ئارانلا ئۈلگۈردى. نامازدىن چىقىپ ئاي-يىللاپ كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن سالام-سائەت قىلىشتى. بىر سائەتتىن كېيىن ھۇجرىسىنى تېپىپ، ئىچىدىكى ۋەيرانە ھالەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، ئەڭ مۇھىمى نەچچە ۋاقىتتىن كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن دۇتتارى ئۇرۇپ- دەسسىلىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەنىدى.
مەنبە: ئىزدىنىش تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇرزىبا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-15 17:00  

بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 20:14, Processed in 0.320803 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش