ئاياللار ئۆزى تاپىدىغان كېسەللەر
بەزى ئاياللار كېسەلنى ئۆزى تاپىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋاللاردىن ئەندىشە قىلىش بىلەن بىللە، ئىلمىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مودا قوغلاش بەدىلىگە ساغلاملىقنى قۇربان قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئورۇقلايمەن دەپ تاپقان كېسەل: ئورۇقلاش يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قىزىق پاراڭ بوپ قالدى، ئەمما ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن بىئارام بولغان، ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئالاقىدار تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا، ھەيز توختاش، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، چاچ چۈشۈش، نېرۋا خارەكتىرلىك ئىشتىھاسىزلىق، ئەسەبىيلىشىش، ئاشقازان ساڭگىلاش، جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
لىپتىك تاقاشتىن تاپقان كېسەللەر: لېپتىكنى مۇۋاپىق تاقىسا، كۆكرەكنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەدەن گۈزەللىكىگە پايدىلىق ئىكەن، ئەمما، لېپتىكنى بەك ئۇزاق ۋاقىت تاقىسا، بولۇپمۇ ئۇخلايدىغان چاغدا ئېلىۋەتمىسە، كۆكرەك لىمفاسىنىڭ ئايلىنىشى، قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كۆكرەك كېسەللىكى، ھەتتا كۆكرەك راكىغا گىرىپتار بولۇش پۈرسىتىنى كۆپەيتىدىكەن.
سۈرتۈشتىن تاپقان كېسەل: كۆپلىگەن ئاياللار ئادەتتىكى تازلىق قەغىزىدە چىنە- قاچا، مېۋە- چېۋە ياكى يۈزىنى سۈرتىدۇ، بۇ تازلىققا رىئايە قىلمىغانلىق. چۈنكى كۆپلىگەن تازلىق قەغەزلىرى ئۈزۈل- كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغاچقا، ئۇنىڭدا نۇرغۇن باكتېرىيىلەر ساقلىنىدۇ. ئۇنى ھەرگىز دېزىنفېكسىيە قىلىنغان قول(ياغلىق) سۈرتۈش قەغىزى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر تازلىق قەغىزىدە دائىم يۈزىڭىزنى سۈرتسىڭىز، يۈزىڭىزگە دانىخورەك چىقىشى مۆمكىن.
چېكىشتىن تاپقان كېسەل: بەزى ئاياللار تاماكا چەكسە ئورۇقلايدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەليەتتە، تاماكا چەككەندە ئورۇقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىگە كېسەل تېپىۋېلىشى، ھەتتا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىشى مۆمكىن.
ئىچىشتىن تاپقان كېسەل: ئىسپىرتنىڭ بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرۈش رولى بولغاچقا، بەزى ئاياللار ھاراق ئىچىش ئارقىلىق ماينى چۈشۈرۈپ ئورۇقلاشقا ئۇرىنىدۇ، ئەمما ھاراق ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ كۆپ مىقتاردا ئاجىرىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تەركىبىدە شېكىرى، مېيى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر كۆپ يىيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېمىز ئاياللار تېخىمۇ سەمىرىيدۇ.
مەنبە: قىز ئاياللارغا 200 مەسلىھەت نامىلىق كىتاپ
|