قايسى بىر چاغ سىڭىپ كىردى بىزلەرگە ، DJ دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇقۇمى . يۇقامدىكىن دەيمەن بىزگە بەك تىزلا ، باشقىلارنىڭ ‹ مەدەنىيەت › يۇقۇمى .
بەلنى تولغاپ ، باش لىڭىشتىش ئاساسلىق ، شەرتى ئىكەن بۇ يىڭىلىق DJ نىڭ . كۈندۈزلىرى ئارام ئېلىپ ئۇخلىسا ، قىززىپ كىتەر شاھى بولۇپ كىچىنىڭ .
ۋاي تۇنۇگۇن تەكلىپ بىلەن يول ئېلىپ ، بارار بولدۇم بىر قاتار چاي نۆۋەتكە . ئۇ يەردىكى چاقىرىلغان مىھمانلار ، لايىق ئىدى بىر كىشىلىك ھۆرمەتكە .
شۈنچە رەڭدار كۆركەم ئىدى قورۇما ، كەلتۈرۈلگەن داستىخانغا يىيىشكە . قۇلاق گاستۇر ئەمما سورۇن - ئەلئارا ، ئاڭلىماق تەس ، قالدۇرۇلغان دىيىشكە .
كەلگەن ئىدى ئالدىمىزغا لىقمۇ - لىق ، دىدۇق ، يىدۇق ئۈستەل يۈزى بەكمۇ مول . جار سالىدۇ تىترەپ تۇرۇپ ياڭراتقۇ ، ئولتۇردۇق ھەم ئۆزىمىزنى قىلىپ گول .
قېنى ئۇسسۇل ، تەكلىپ ئەتتى بىراۋلار ، بوپتۇ مەيلى : چۈشتۈم ئارا مەيدانغا . ئەتراپىمدا كۆز يۈگۈرتۈپ تۇرغانغا ، نوقتا بولدۇم بەلكىم كۆزى ، ھەيرانغا .
مەشرەپ دەيىتتى ئوينا سورۇن سىنىڭكى ، دۇتتار ، غىجەك ، داپ ، راۋاپتىن نەزمىگە . بولۇپ قالدىم شۇ سورۇندا ئەكىسچە ، ئوخشىتىلىپ ‹ كىسەل چىۋىن › ئەزمىگە .
ئادەم جىقمۇ ياكى سەھنە كىچىكمۇ ؟ پاتمايدىكەن بىز ئوينىغان ئۇسسۇللار . ‹ قولۇڭ تەگدى ، يىغىپ ئوينا پۇتۇڭنى › ، بولدى پەيدا ھەرخىل ، تۇيغۇ قۇسۇرلار .
ئارقىدىنلا جاراڭلىدى گۆپۈلدەپ ، DJ دەيدۇ قىسقىغىنا ئىسمىنى . خۇشاللىق دەپ دەسسىگەنلەر ئۇنىڭغا ، بىلىپ ، بىلمەي قىينايدىكەن جىسمىنى .
‹ ئۇھ › ئۇ كىمدۇ دىدىم ئۆزۈم - ئۆزۈمگە ، سىياقىدىن ‹ ئۇيغۇر قىزى › بىلىنەر . بىراق ئۇنىڭ شوخ DJ نى ئوينىشى ، كىم ، كىملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئىلىنەر .
ئۇچىسدا زەرچە ئەتلەس كۆينىكى ، پارقىرايدۇ رەڭلىك چىراق نۇرىدا . بىر خىل تونۇش پۇراق كىلەر ئۇنىڭدىن ، ھەر بىر گۈلى ، ھەربىر يولى قۇرىدا .
زاڭىقىغا چۈشكەن چېچى ئۇ قىزنىڭ ، بىر چۇۋۇلۇپ ، بىر تۈزىلىپ يايرايدۇ . كۆينەكلىرى ھەم ماسلىشىپ DJ غا ، قالايمىقان لەپەڭىشىپ ھارمايدۇ .
ئىززەت ئىدى ئۇ كۆينىكى قىزچاققا ، ئۇ سورۇنغا كىيدىمۇ يا بىلمەستىن . ھەي مەيلىدى كىيسىغۇ ئۇ يارىشار ، ئوينىدى ئۇ كۆينەكتىن ئەيمىنمەستىن .
تەرلەپ ، پىشىپ ھۆل بولۇپتۇ يۈز - كۆزى ، بىر چاغلاردا DJ دىنمۇ توختىدى . ئەتلەس بىلەن ئويناشلىرى تولغىما ، خۇددى توكۇر بولغان توزغا ئوخشىدى .
داۋاملاشتى سورۇن ئەنە ئاشۇنداق ، بىردە ئۇسسۇل ، بىردە DJ مۇزىكا . ئوينايدىكەن ئارىمايلا چوڭ - كىچىك ، ئاچا - سىڭىل ، ئاغىنە ، ئاكا - ئۇكا .
‹ ئەتلەس كۆينەك يارالمىغان DJ غا ، بىلىپ قويۇڭ › دىدىم ئاستا ئۇنىڭغا . دىدى قىزمۇ ‹ ئەمسە چىمەن دوپپىچۇ ؟ قاراق ئەنە نىمە دەيسىز بۇنىڭغا › ؟
راسىت دىگەندەك قاراپ باقسام بار ئىكەن ، نەچچە يىگىت ، نەچچە ئەرنىڭ بېشىدا . دوپپا كىيىپ شۇنداق ئويناپ يۈرگىنى ، ماس كەلمەيىتتى ھەرگىز مۇنۇ يېشىدا .
تەنبىھ يىدىم تەربىيەمگە قىزچاقتىن ، چۈشتۈم ئاستا ئۆزگىرىپلا پەسكويغا . كىچىك ئىشتى ئەسلى مۇنداق ئىش دىگەن ، بىراق سالار ۋاختى كەلسە چوڭ ئويغا .
ئەتلەس كۆينەك لەپەڭشىگەچ DJ غا ، يازدىم بۇنى تىما قىلىپ مۇنبەرگە . مازاق ئەتمەڭ بۇنى كۆرگەن ئوقۇرمەن ، چالا ساۋات مەن نائۇستا شىرلارغا› .
بىر ئادەمنىڭ ئۆزگەرگىنى كۆرۈنمەس ، ئۇنى كۆرگەن نەچچەيلەنلا ئۇقىدۇ . تۈزەلمىسە بىرى ئەگەر ۋاختىدا ، بىرى ئونغا ، ئونى مىڭغا يۇقىدۇ .
قەلبىمىزدە گۈللىتەيلى ئەخلاقنى ، جىسمىمىزدا چاقنىسۇن ھەم ئەنئەنە . قەدىرلىسەك مۇشۇ ئالتۇن چاغلارنى ، قەدىرلىنىپ ئۆتەرمىز بىزمۇ يەنە .
ئويلىنايلى مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ، بۇنداق كىچىك ، كىچىك ، كىچىك ئىشلارنى . سالالمىساق كۆزىمىزدىن ھەي ، نەزەر ، ئەتە - ئۆگۈن كۆرۈرمىز نىمىشلارنى ؟ . . .
دىمەكچى بولغان كىچىككىنە مەقسىدىمنى بىر مۇنچە قاپىيەلەرگە قاش ئاتقۇزۇپ ، بىر مۇنچە بوغۇملارغا بوغدۇرۇپ ئاران دىگەندە مۈشۈنچىلىك ئەپلەشتۈرەلىدىم . شۇڭا كەم - كوسا جايلىرى بولسا ئاكتىپلىق بىلەن تولۇقلاپ قويساڭلار قارشى ئالىمەن ، ئەمما تىمىنى ماڭا باغلىۋىلىپ ۋە ياكى باشقا بىر ئىشلارغا چېتىشتۇرۇپ ئىنكاس قالدۇرماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !
مەنبە : رىئاللىقتىكى كۆرگەن ، بىلگەنلىرىم ، تەسىراتلىرىمدىن |