كىشىلىك ھايات توغرىسىدا
بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتمەك خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇرنىنى ئۆزگەرتمەككە ئوخشاشلا مۈشكۈل ئىكەن. چۈكى بىرى چىراينىڭ مەرگىزىگە جايلاشقان، يەنەبىرى خۇلۇقنىڭ مەرگىزىگە. __ھېنرى.جامېس ئىنسانىيەت گويا دېڭىزدىكى لەيلىمە بەلگىگە ئوخشايدۇ، دېڭىز دولقۇنلىرى ھەرقانچە دەھشەتلىك بولسىمۇ ئۇنى چۆكتۈرېۋىتەلمەيدۇ. __سورىئو
ھاياتلىقتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەللىگى ئەمەس، بەلكى ئاچچىق-چۈچۈكلىگىدۇر. __خاردى ھاياتتىكى ئەڭ زور ئىلھام__ ئەخمەقنىڭمۇ چىچەنلىشىپ قالىدىغان ۋاقتىنىڭ بولىدىغانلىغىنى بىلىشتە. __چۇرچېل ئەڭ زور شەرەپ مەڭگۈ مەغلۇپ بولماسلىقتا ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشتا. __گېلىسىم
ئادەم ئۆزىنى جەمئىيەتكە ئاتا قىلغىنىدىلا، رىئاللىقتىكى قىسقا ھەم خەۋپلىك ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تېپىپ چىقالايدۇ. __ئېينىشتىيىن كۈلپەت__ھاياتنىڭ ئۇستازى. __بالزاك كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىنتايىن موھىم. ئەگەر تۇنجى قەدىمىڭ خاتا بېسىلسا، كىيىنكى قەدەملىرىڭمۇ خاتا بولىدۇ. __ نەن خۈەيجىن
ئومومىيلىقتىن ئىنسانىيەتنى چۈشەنمەك، كونكىرتنىلىقتىن بىر ئادەمنى چۈشەنمەكتىن ئاسانراق. __لاروشفوك ئەھمىيەتسىز ياشاش، ئەجەلسىز ئۆلۈش بىلەن باراۋەر. __رومىن.روللان ھاياتنىڭ گۈزەللىگى شۇيەردىكى، جىسمىڭ قەبرىگە مەھكۇم بولغاندىمۇ، ياراتقان بارىلىق تۆھپىللىرىڭنىڭ كىشىلەر قەلبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالاۋاتقانلىغىدا. __ئوستروۋىسكى
ھايات ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: ئۆتمۈش بىرچۈش، كەلگۈسى بىرئۈمىد. __خورنون ھايات ئىنتايىن قىسقا، ئەمما ئۇ پەسكەشلىك بىلەن ئۆتىدىكەن، ناھايىتى ئۇزىراپ كىتىدۇ. __شېكىپىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل بولغىنى ئۇنىڭ بىرەر نىمىگە ئىرىشكەنلىگىدە ئەمەس، بەلكى ئىرىشكىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىدە. __ۋىلد
ئۆلۈكلەرنى ئۆلۈكلەر دەپنە قىلسۇن، بىز ھايات ئىكەنمىز ياشىشىمىز، بەلكى تېخىمۇ بەخىتلىك ياشىشىمىز كىرەك. __لېۋ.تولېستوي
سۆيۈشنى بىلمىگەن ئادەم تۇرمۇشنى چۈشۈنەلمەيدۇ. __گورچ ئەگەر سەن يوقسۇللۇغىڭدىن ئەيىپلىمەك بولساڭ، تۇرمۇشۇڭنى ئەمەس ئۆزۈڭنى ئەيىپلە. __رېئاك
پۇختا ۋە ئىھتىياتچانلىق قىزلاردىكى ئەڭ ئالى پاراسەتتۇر. __چارلوتتى.بىرونتى يۈزلىرىڭدىكى قورۇق ئەسلىدىكى كۈلكىللىرىڭنىڭ ساڭا بەرگەن سوۋغىتىدۇر. __ماك.تۋايىن
مەنبە « خاتىرەمدىكى جۇغلانمىلار » دىن
|