پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3024 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 09:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قاراقاش ناھيىسى مائارىپنى ھەرقايسى  يېزا بازارلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ .مائارىپ بىرخىل ھالەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىز چاپچىپ تۇرغان تايلاق بولساقمۇ،جەمىئەت سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلگىنىڭنى ئايىما،بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما.

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن قىممەتلىك.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆز كۆرگۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر.

  • زەپەر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي ئۈگۈنۈش باشلاندى.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىشى يۇرتىداسۇلتان بولغىچە،ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇدۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يىشى بىلەنمۇ تولغان.

  • tursunjan ئۈلۈشكۈن 17:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر مىنىڭ تىمامنىلا ئۆچرەشكە ئامراق بوپ قاپتۇ

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىدىن ئۈگەن، ياماندىن يىرگەن

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاياللار بۇزۇلسا ھاياسىزلىشىدۇ، ئەرلەر بۇزۇلسا ۋاپاسىزلىشىدۇ.

  • ilghar 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەنلىك،ئىنسانغا كېرەكتۇر ئامان .

كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 7

زاۋۇتى يوق مىللەت قانداق كۈنگە قېلىشقا تېگىشلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

32

دوست

3368

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
21
قىزغىنلىق
964 سەر
تىللا
130 دانە
تۆھپە
510 سەر
شۆھرەت
533 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاۋۇتى يوق مىللەت قانداق كۈنگە قېلىشقا تېگىشلىك؟

بۇ 2013- يىل.
20 مىليوندىن ئارتۇق نوپوسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئىچكى ئىستېمال مىقدارى، ئوتتۇرىچە ئىستېمال سەۋىيەسىگە نىسبەتەن، زادى قانچىلىك زاۋۇتلارنى قۇرۇش تەننەرخ كۆتۈرىدۇ؟ قايسى قۇرۇلۇشلار تەننەرخ كۆتۈرمەيدۇ؟
قانداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرىمىز بولسا ئاندىن نورمال ئەھۋال بولغان بولىدۇ؟ ھېچ بولمىسا ئەڭ ئەقەللىي ئەھۋال بولغان بولىدۇ؟
يانچۇقىمىزدا باشقىلارنىڭ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىنى سېتىۋىلىشقا پۇل بولسىلا ھەممە ئەھۋال نورمال بولغان ھېساپلىنامدۇ؟

ئىستاتىستىكىلاشقا ئېنىق سان يوق، شۇنداق بولسىمۇ ئاددىي، لېكىن ئېچىمىزنى ئاچچىق قىلىشقا يېتىدىغان مىساللارنى ئالايلى:
ھەممىمىز ئاياق كېيىۋاتىمىز: تەخمىنەن ۋە ئاز دېگەندىمۇ 10 مىليون ئادەم (ئايىغى چىققان بوۋاقلاردىن باشلاپ ئۆلەي دىگەنلەرگىچە..) يىلدا بىر جۈپ ئاياق ئالىدۇ، بۇ ئاياغلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تۈۋەن ھېساپلانغاندىمۇ (بالىلارنىڭ 40، چوڭلارنىڭ 160 تىن، ياش نىسبىتى كىرگۈزۈلگەندە) 110يۈەن بولىدۇ، دەيلى، يىللىق كىرىمنىڭ ئۆزىلا: 10 مىليون جۈپ ئاياغ×110 يۈەن = بىر مىليارد 100 مىليون يۈەن بولىدۇ!

تىرناق ئالغۇچ: 20 مىليون كىشىنى ھەر بىر ئائىلىدە 4 جان ياشاۋاتىدۇ، دەپ ئالساق، ئۈچ يىلدا بىر تىرناق ئالغۇچ سېتىۋالدى، 4 يۈەندىن 10 يۈەنلىككىچە، ئوتتۇرىچە باھاسى 7 يۈەن بولدى، دېگەندىمۇ: بۇ مەزمۇن ئىلقۇت تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5 مىليون ئائىلە×7 يۈەن= 35 مىليون يۈەن، بۇنى ئۈچ يىلغا بۆلسەك، يىلغا 11 مىليون يۈەن بولىدۇ!

چايدان: ھەر بىر ئائىلىدە ئىككىدىن بەشكىچە چايدان بولىدۇ، بوپتۇ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئىككى چايدان دەپ تۇرايلى، بۇ چايدانلار، ئەگەر سۇلياۋ بولسا، بەشىنچى يىلى قېپى كاردىن چىقىدۇ، باھاسى 12~15 يۈەن، ئەگەر مېتال قاپلىق بولسا، 10 يىلدىن 15 يىلغىچە تۇتقىلى بولىدۇ، داتلىشىپ سەتلىشىدىغىنى بولمىسىلا، باھاسى 30~120 يۈەن دەپ تۇرايلى. يەنە شۇ 5 مىليون ئائىلە بار دېگەن ھېساپ بويىچە، ھەر بەش يىلدا بىر چايدان ئالىدۇ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن (مېتالدىن بىر، سۇلياۋدىن بىر بويىچە) 35 يۈەن بولىدۇمۇ دەيلى:
بۇ مەزمۇن ئىلقۇت تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


5 مىليون×35 يۈەن = 175 مىليون يۈەن بولىدۇ، بۇنى بەش يىلغا بۆلسەك، ھەر يىلىغا 35 مىليون يۈەنلىك كىرىم بولىدۇ!

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە قايسى خىل تاۋارلارنى ئىستاتىستىكىلاشقا بولار؟ سىز ئىستاتىستىكىلاپ باقتىڭىزمۇ؟ باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكىسىغا قىزىقامسىز؟ قېنى ئەمىسە دىققتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

ئۇقۇتقۇچى،ئۇستازلار -بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

433

تېما

19

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4985 سەر
تىللا
1362 دانە
تۆھپە
4293 سەر
شۆھرەت
3530 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالساق بولغۇدەك بۇ ئىنچىكە ھىساۋاتلارنى رەخمەت سىزگە ئەزىز جان
ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي ئۈگۈنۈش باشلاندى.

43

تېما

14

دوست

4110

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
977 سەر
تىللا
197 دانە
تۆھپە
937 سەر
شۆھرەت
672 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن. 1900-يىللاردىلا ئاكا -ئۇكا مۇسابايۇفلار گېرمانىيەدىن كالا ھارۋىسىدا زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇپ ئەكىلىپ ،ئەكەلگۈچە  100 نەچچە يەرگە كۆۋرۈك سېلىپ تاغدەك جاپالارنى يېڭىپتىكەن .  ھازىرقى بايلىرىمىزدا شۇنىڭ يېرىمىدەك ئىرادە بولغان بولسا ، مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرى ئىشسىز قالمىغان بولاتتى !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

38

تېما

20

دوست

2236

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
482 سەر
تىللا
164 دانە
تۆھپە
474 سەر
شۆھرەت
448 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقارقى سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن.
مېنىڭچە زاۋۇتى يوق مىللەت بىر ئۆمۈر ئىشلەپ،تاپقان پۇلى بىلەن زاۋۇت قۇرغان مىللەتنى بېقىشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلسۇن؟
توۋا! تۆنۈگۈندىن بېرى ئەجەپ نەس باسىتيا مېنى؟

191

تېما

41

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4270 سەر
تىللا
706 دانە
تۆھپە
5614 سەر
شۆھرەت
3342 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى ئەپەندىم ىلەن تورچى ئەپەندىم ناھايتى توغرا ئېيتىدۇ   بۇرۇن مىللىتىمىزدىن چىققان كارخانىچىلار يوق بولغاچقا  باشقىلار ئىشلەچىقىرىپ بەرگەن ئاتالمىش «ھالال » يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ ئىمانىمىزنى بۇلغاپ كەلگەن ئىدۇق دىمەك   زاۋۇتى يوق مىللەت ئىقتىسادى جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى روھى جەھەتتىنمۇ زىيان تارتىدۇ .
رەھمەت .

183

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2241 سەر
تىللا
521 دانە
تۆھپە
4238 سەر
شۆھرەت
2129 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز.     رەھمەت  سىزگە.
مەرھابا يېڭى يىل

87

تېما

18

دوست

6210

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1473 سەر
تىللا
364 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1140 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۇنلەرمۇ ئوڭشىلىپ قالار، بىزدىكى سودىگەرلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى سەل تار، ئىدىيدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى ئەتراپىدىكىلەردىن ياخشىراق كىيىندۇرۇش، ياخشىراق يىدۇرۇشتىن نىرىغا ئۆتەلەيدىغانلىرى ئاز. كۆپ قىسىم سودىگەرلەر سودا قىلىپ، ئاز-تولا پۇل تاپقاندىن كىيىن ،ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنى سىلىپ، كاتتا، ئالىي دەرىجىلىك ماشىنلاردا ئولتۇرۇپ جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ. ئۇلاردا سىز يۇقىرىدا ئىيتقان ئەھۋاللارنى ئويلاپ كۆرۇپ «بىرەر ئىش قىلسام بولاتتى »دەپ ئويلىيالايدىغان كاللا يوق. ئەڭ ئاددىيسى بىز ئۇيغۇرلاردا «سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى» ،«سودىگەرلەر جەمىئىيتى» دىگەندەك سودىگەرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى بىريەرگە ئۇيۇشتۇرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار يوق. ئەگەر مۇشۇنداق تەشكىلاتلار بارلىققا كەلسە،سودىگەرلىرىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيسى ئۆسسە بىزلەرنىڭمۇ زاۋۇتىمىز باربولىدۇ ئەلۋەتتە.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

0

تېما

0

دوست

103

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
15 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
37 سەر
شۆھرەت
23 سەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىلىرىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۇندۇم،ئەقلىنى جايىدا ئىشلىتەلەيدىغانلار چوقوم تۈگەپ قالمايدۇ،......
بىلىمسىز ياش، سايدىكى تاش.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-1-19 04:37, Processed in 0.231165 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش