قىزچاق، ئېسىڭىزدە بولسۇن!
مۇھەببەتلىشىش داۋامىدا يىگىتلەرنىڭ قىزلارنىڭ كۆزىگە قارايدىغانلىقى، نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ بىرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، لىكىن شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق، چۈنكى مەيلى قىز تەرەپ، ياكى ئوغۇل تەرەپ بولسۇن مەڭگۈ شۇ يۇسۇندا ئۆتۈپ كىتىشى ناتايىن. 1.دائىم ئايرىلىپ كىتىشنى باھانە قىلىپ قارشى تەرەپنى سىنىماڭ. چۈنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى بۇ سىناق كىيىنكى تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن توساق بولۇپ قالىدۇ. 2.ئەرلەر ھەرگىزمۇ سىزنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ھوقوقىنى سىزگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتى بىرىڭ. 3.قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بولغان سۆيگىسىگە ئىشىنىپ ئۇچىرشىشقا چىققاندا كىچىكىشنى ئادەت قىلىۋالماڭ، چۈنكى بۇ ئادىتىڭىز قارشى تەرەپتە: «تۇرمۇشتىمۇ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئوخشايدۇ» دىگەن تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. 4.كاللىڭىزدا قىزغىن مۇھاببەتنىڭمۇ مەزگىللك بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىڭىز كىرەك. 5.ھەرخىل ئۇسۇل ياكى ھەيلە-نەيرەڭ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماڭ، ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۈگىنىۋىلىشىڭىز كىرەك. 6.بىر نەچچە يىگىت قوغلىشىپ قويسا، ئۆزىڭىزنىڭ سىھرى كۈچىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ، مەغرۇرلۇق ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. 7.قارشى تەرەپنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىدىن سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىققا ئىسپات ئىزدەپ يۇرمەڭ. بۇ ۋاقىت ئاۋارىچىلىكى، خالاس. چۈنكى ئەرلەر ئاياللارنى ھەرگىزمۇ پۈتۈن زىھنى بىلەن ئويلاپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭسىزمۇ باش قاتۇرىدىغان، ئويلايدىغانلىرى كۆپ، ئەڭ مۇھىمى مۇھەببىتىڭىزنى رىئاللىققا بوي سۇندۇرۇڭ. 8.قارشى تەرەپ بىر ئىشنى مۇلاھىزە قىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ خىيالىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويماڭ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. 9.غورۇرىغا تىگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى ئازاپلىماڭ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس يارا پەيدا قىلىىدۇ. ئەلۋەتتە يارا ساقايسىمۇ ئۇنىڭ ئىزى قالغانغا ئوخشاش، مەيلى ئۇ سىزنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرسىمۇ ھامان قەلبىدە شۇ يارىنىڭ ئىزى ساقلىنىپ قالىدۇ. 10.قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا سىرلىق قىياپىتىڭىزنى مەڭگۈ ساقلاڭ، چۈنكى بۇ ھالىتىڭىز قارشى تەرەپنى ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ.
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇھەببەت ماگىنىت مەيدانىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئارغامچا ئەمەس.
مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى»
|