بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 17:46
مەن كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق
مەن كىتابقا ئامراق ، كىتاپ جازىسى ئالدىدا تۇرغان ۋاقتلىرىمدا ئالدىمدا كەڭ دۇنيا ، پايانسىز دېڭىز ، چەكسىز ئالەم تۇرغانسدەك ھېس قىلىمەن . لىيبەييۇي مەن كىچىكىمدىنلا ئاتا ئانامنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى ئۆزەمنىڭ قىزىقىشىمدىنمۇ ئىشقىلىپ ، كىتاپ ئوقۇشقا ئامراقكەنمەن ، كىتابنى قولۇمغا ئالسام ھەممىنى ئۇنۇتغان ھالدا كىتاپتىكى ئۆزەم ياخشى كۆرگەن پىرسۈناژنىڭ رولىدا ئاشۇ ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتەتتىم . ھەم ئاشۇ شەخىسنىڭ ئىش - ھەركەتلىرىنى دوراپ باقاتتىم ، مەن ئاڭلاپ باقمىغان ، كۆرۈپ باقمىغان ، شەخسلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھېسىياتلىرىغا چۆمۈپ ئۆزەمنى بىپايان كەڭ زېمىندا لەيلەۋاتقانداق ئۇلار بىلەن چۈشىنىكسىز بىر يېڭى دۇنيانى يېشىش ئۈچۈن ئىنتىلەتتىم . كىتابنى ئوقۇغانسېرى بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى ھېس قىلاتتىم -دە ، ئاشۇ بىلمەيدىغانلىترىمنى بىلىشكە ئالدىرايتتىم . « بۇ ئالتۇن قەسىر »دىن خىزمەت ، ئۆگىنىش ، ۋە كىشىلىك تۇمۇشۇمدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ ئىزدەيتتىم ھەم ئىزدىگەنسىرى ئۆزەمنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلاتتىم . كىتاپ مېنىڭ ئەقىل - پاراسىتىمگە ۋە كۆڭلۈمگە ئىلھام بەخش ئېتىپ ، داغدام يولنى كۆرسىتىپ بېرەتتى . قەلبىمنى پاكلاپ ماڭا نۇر ئاتا قىلىپ، قەلبىمنى پاكلىق نۇرلىرى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ ھايات يولۇمنى يورۇتاتتى . كىتاپ مېنىڭ ھايات يولۇمدا ماڭا ھەمرا بولۇپ ، مېنى ھاياتلىق مۇساپامدە يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمىدى ،مېنى بىمەنە ئولتۇرۇشلاردىن قۇتۇلدۇردى ھەم كېسەللىرىمگە داۋا بولدى . مەن ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنەتتتىم . ھەم ئۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەللكىنى ھېس قىلاتتىم . قىسقىسى ئۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇم ، خالىس مەسلىھەتچىمگە ئايلانغان ئىدى ،مەن ئۇنىڭدىن خوشاللىق تاپاتتىم ئۇنىڭدىن ھۆزۇرلىناتتىم ھەم مەنىۋى دۇنيايىمنى بېىيىتاتتىم مەن ئۇنىڭدىن تۇرمۇشقا يۈزلىنىشنى ، ئادەملەرنى ھەم ئۆزۈمنى سۆيۈشنى ، دۇنياغا ۋە ئادەملەرگە مېھرى مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى . ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساممۇ ۋاز كەچمەسلىكنى ، مىللىتىمنىڭ تارىخ ، بۈگۈنى ،ۋە كەلگۈسىنى ھەم ئاجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئىسىل ئەخلاقى - پەزىلەتلىرىنى ،مىللىتىمنى سۆيۈشنى ھەم قەدىرلەشنى بىلدۇردى . مانا مېنىڭ ھايات مۇساپامدا كىتاپ ماڭا ھەمرا بولۇپ ، مەن كىتاپقا ئاشىق بولۇپ ئۆتتۈم . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى كىتاپلارغا ھەمرا بولماقتىمەن . بۇ مەۋھۈم دۇنيادىكى كىتاپلار شۇنداق كۆپ بولسىمۇ ئەمما مېنى قانائەتلەندۇرەلمەيتتى . مۇنبەرداشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسەم دىللىرىم يايراپ كېتىپ ئۇنى ئوقۇشقا ئالدىرايتتىم . ھەم ئۇلاردىن نىمىدۇر ئىزدەيتتىم ئەمما تاپالمايتتىم . مەن زادى نىمىنى ئىزدەيمەن ؟ زادى نىمىنى تاپماقچىمەن؟ بۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇم كەلمەيتتى . ئويلاپ باقسام مىللىتىمنىڭ ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان كىرزىسلىرنى قانداق ھەل قىلىشنى ، تىلىمىزنى قانداق قوغداش ، پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەش توغرىسىدكى ماقاللارنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلىمەن . بۇلارنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ،ئەمما بۇ توغرىسىدىكى ماتىرياللار ناھايتى كەمچىل بولماقتا ئىدى. مۇنبەرداشلارمۇ بۇ توغرىسىدا ھېچ قانداق سادا چىقمايتتى . بەلكىم ھەممىسى ئىچىدە بىلىپ تۇرسىمۇ مۇنبەرگە يوللاشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان بولۇشى مۈمكىن . مەن كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق . ئەمدىلىكتە مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ قالدىم . چۈنكى مۇنبەرمۇ بىر كىتابكەن ئەمەسمۇ .
ئۈزمەيمەن كىتابنى يېنىمدىن ھەرگەز ، ئالىمەن ئۇ بەرگەن بىلىمدىن لەزىز . دەر مېنى كىشىلەر كىتاب خۇمارى ، راست، كىتاب مەن ئۈچۈن جېنىمدىن ئەزىز !
( باتۇر روزى ) مۇنبەرداشلارغا سوۋغا : كىتاپ پۇتۇن دۇنيانىڭ ئوزۇقى ، تۇرمۇشتا كىتابى بولمىسا ،زېمىندا قۇياش بولمىغانغا ئوخشاش : ئەقىل ئىگىسىدە كىتاب بولمىسا ، قۇشتا قانات بولمىغانغا ئوخشاش . شىكىسپىر
|