خوتەن قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆرۈمە چاچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆرۈمە چاچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ رەت-رەت تىزىلغان چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆردى، يەرگە يەتكۈدەك ئۇزۇن چاچ، بېشىغا كىيگەن چىمەن دوپپا بىلەن كۈلكە چاقناپ تۇرغان ھۆسنى چىرايى ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. تۇنجى قېتىملىق ئۆرۈمە چاچ مۇسابىقىسى بولغاچقا، نۇرۇن ئادەم ۋە ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ شۇجىسى چېڭشىياخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلاردا چاچنى ئۇزۇن ئۆرۈمە قىلىپ، گۈزەللىكنى نامايەن قىلدىغان ياخشى ئەنئەنە بار، ئۇيغۇر قىزلىرى كىچىكىدىن ئانىسىنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە چاچ ئۆرۈشنى ئۆگىنىدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەڭ چىرايلىق ئۆرۈمە چاچلىرىنى ھەر مىللەت دوستلىرىمىغا ۋە دۇنياغا نامايەن قىلماقچى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاراقاش ناھىيسىدىكى 16 يېزا-بازاردىن 700-800 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىن 200 نەپەر مۇنەۋۋەرلىرى تاللاپ چىقىلىپ، بۈگۈنكى ئۆرۈمە چاچ مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت 8-قېتىملىق خوتەن قاشتېشى مەدىنيەت،ساياھەت بايرىمى - قولدا ئىشلەنگەن قوي يۇڭى گېلەم كۆرگەزمىسى پائالىيتىنىڭ بىرى بۆلىكى ئىكەن.



مەنبە: چولپانلار تورى |