بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 13:13
يوقلىما قىلىندۇ، تېز كىرىڭلار !!! ( مۇكاپاتلىق )
 ئەمدى شۇ مۇنبەرداشلار مەن مەكتەپتە يوقلىما قىلىپ كۆنۇپ قاپتىمەن ، بۇنى ھەر قايسىڭلار توغرا چۈشىنەرسىلەر . تەتىلگە چىققىلىمۇ ھەپتە بوپتۇ ، بۇ ھەپتە كۈن ئىچىدە يوقلىما قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولمىغاندىكىن ئىچىم پۇشۇپ قالدى . ھېېلىقى بىر گەپ بارغۇ « كۆيگەندىن كۆنگەن يامان » دەپ، ھە شۇ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. قوللىرىم قىچىشىپلا تۇرىۋاتىدۇ . يەنە كېلىپ بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى مۇنبەردىكى يېڭى ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە كىرىشى ياخشى بولىۋاتقان بىلەن بىر قىسىم پىشقەدەم ئەزالىرىمىز مۇنبەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ، مۇنبەرگە سەۋەپسىز كەلمەيدىغان بولىۋالدى ، بۇ ئەزالارنى تېپىپ كېلىشكە مۇنبىرىمىزنىڭ رازۋىتچىكى 007 ئەپەندىمنى ئىزدەشكە ئەۋەرتكەن ئىدۇق . ئەمما ئۇمۇ ئىز دىرەكسىز يوقالدى . بۇنىڭغا مىسالەن گەپ قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ . خوشنىمىز شۇنداق دەيدىغان « مېنىڭ بالىلىرىم بەك ئويۇنچى بولغاچقا ئۆيگە كىرگەن بالىلارنى ئۇزاتقاچ ئۆزىمۇ تەڭلا ئۇزاپ كېتىدۇ ، سىرتقا چىقىپ كەتسە ئۆيگە قايتىپ كېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ » قارىغاندا بۇ ئەزالىرىمىزمۇ ھەم 007 ئەپەندىممۇ شۇنداق ئويۇنچىلاردىن ئوخشايدۇ .بوپتۇ بۇلارمۇ ئويۇنغا قانغاندا « ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار » دىگەندەك قايتىپ كېلەر . ئۇنداق بولسا يوقلمىنى باشلايمىز . يوقلىما جەريانىدا ئەزالار تۆۋەندىكى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولىدۇ : 1 › يوقلىمىغا ۋاقتىدا كىرىپ ئۆزىنى مەلۈم قىلغانلارغا مۇكاپات بېرىلىدۇ . بۇ مۇكاپاتنى ئەسلى ئادمىن ئەپەندىمنى تارقىتىپ بەرسۇنمىكىن دىگەن ، ئەمما ئويلاپ باقسام ئۇ ئالدىراشلىقنى باھانا قىلىپ ، مۇكاپاتنى نىسى قويمىسۇن . بولدىلا ئۆزەملا تارقىتىپ بېرەي . 2 › يوقلىمىغا ئۈلگۈرۈپ كىلىمەن دەپ ئالدىراشلىقتا بىر يەرلىرىڭلارنى يارلاندۇرۇپ قويماڭلار ، شۇڭا بالدۇرراق مېڭىڭلار ،ئەگەر يارلىنىپ قالساڭلارمۇ بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار ، مۇنبىرىمىزنىڭ دوختۇرى مەرىپەت خانىم ئۆزى بىر قوللۇق داۋالاشقا مەسئۇل بولىدۇ . ۋاقتىدا كىرگەنلەرنى ئاغرىتمايلا داۋالاپ قويىدۇ ، ئەمما كىچىكىپ قالغانلارنىزە... دەردىنى ئۆزەڭلەر تارتارسىلەر، بۇنىڭغا مەن ئارلىشالمايمەن . 3 › يوقلىمىغا كىرىش جەريانىدا كۆڭۈلسىز ئەھۋاللارغا يوللۇققان بولساڭلار ، بۇنىڭغىمۇ ئامال تېپىپ قويدۇق. پەرى خانىم ئۆزگىچە يۇمۇرلىرى بىلەن سىلەرگە خوشاللىق بېغىشلايدۇ ، خاتىرجەم كىرىۋىرىڭلار . 4 › ئەمدى يوقلىمىغا ئۈلگۈرەلمەي ياكى مېنى يوق ، كېچىكتى قىلىپسىز دەپ مەندىن خاپا بولغۇچىلار سىرداش ئەپەندىمنىڭ يېنىغا بارساڭلار بولىدۇ . ئۇ سىلەرگە دوستلارچە مەسلىھەت بېرىپ، سىلەر بىلەن سىردىشىپ ، كۆڭلۇڭلارنى ئېلىپ قويىدۇ . 5 › مۇنبەرگە سەۋەپسىز كىرمىگەن مۇنبەرداشلارنى مۇنبىرىمىزنىڭ ساقچى باشلىقى ئەسرار ئەپەندى ئۆزى بىر قوللۇق بىر تەرەپ قىلىدۇ . قانداق جازا بېرىشىدىن قەتئىنەزەر ھېچقايسىمىز بۇنىڭغا ئارلىشالمايمىز ،شۇڭا ۋاقتىدا كىرىڭلار . ئەمدى مۇشۇلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يوقلىمىغا كىرمىسەڭلار، مۇنبىرىمىزنىڭ تەنتەك قىزىقچىسى تۇرسۇنجان مەن يېرىم كۈن مۇنبەرگە كىرمىگەنگە ، مۇنبىرىمىزدىكى تورچى ، ئەلخۇش ، دىلكەش، سىرداش قاتارلىق بىر قانچەيلەننى باشلاپ چىقىپ، مېنى ئىزدەپ شېئىر بىلەن كۆمۇپ قويغاندەك ، سىلەرنىمۇ شېئىر ي ،يۇمۇرلار بىلەن كۆمۈپ قويسا ، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ دىققەت قىلىڭلار ھەم تېز كىرىڭلار .
قېنى ئەمىسە يوقلىما باشلاندى ، يوقلىمىغا بالدۇر كىرگەنلەرگە مۇكاپاتمۇ كۆپ بېرىلىدۇ ، تېز كىرىڭلار !!! قېنى قاراپ باقايچۇ ،يوقلىمىغا كىم بالدۇر كىرىدىكىن؟؟؟
يوقلىمىغا كىرگەنلەرگە سوۋغا
|