Word دا تىز فورمۇلا كىرگۈزۈش ھۈنىرى
Word يۇمشاق دېتالى يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇ يەنە سۈرەت، جەدىۋەل، گىرافىك قاتارلىقلارنىمۇ قوشۇمچە بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بىز Word دا نەتىجە جەدۋىلى ئىشلىگەن چېغىمىزدا فورمۇلا كىرگۈزۈشنىڭ Excel دىكىدەك قولايلىق ئەمەسلىكى تۈپەيلىدىن، ھەممە كاتەكچىگە ئايرىم- ئايرىم فورمۇلا قىستۇرۇش ئاۋارىچىلىقىغا دۇچ كېلىمىز. بۇ خىل ئەھۋالدا Word تا تېز فورمۇلا قىستۇرغىلى بولىدىغان مۇنداق بىر ئەپچىل ئۇسۇل بار. تۆۋەندىكى نەتىجە جەدۋىلىنى مىسالغا ئېلىپ باقايلى: بىز ئاۋۋال بىرىنچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى فورمۇلا قىستۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھېساپلىۋالىمىز. ئاندىن چىققان نەتىجە 240 نى ئاستىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجە چىقىرىش كاتەكچىسىگە كۆچۈرىمىز. كۆچۈرۈپ بولغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ F9 كونۇپكىسىنى باسىمىز . شۇنىڭ بىلەن Word يۇمشاق دېتالى ئاستىدىكى كاتەكچىلەردىكى نەتىجىلەرنى قايتىدىن ھېساپلاپ، توغرا نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. باشقا فورمۇلالارنىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تېز كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
|