پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 2

مۇنداق خانىملىرىمىزنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار![ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
16
قىزغىنلىق
289 سەر
تىللا
417 دانە
تۆھپە
192 سەر
شۆھرەت
69 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 18:48:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاس.......تاس........تاس.........بىر غېرىچ پاشنىلىق ئاياغنى كېيىپ ، ئۆھۆ ! دەپ قويسىلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك تار ئىشتانلارنى قىرلاپ ، ئىڭىشسە مەيدىسى ،تىك ماڭسا بىلى ئېچىلىپ قالغۇدەك مايكىلارنى كېيىپ ، ئەتلەس رەڭ چاچلىق مودا مۇئەللىم يەنە سېغىزنى ئۆچى بار ئادەمدەك سەت ماچىلدىتىپ چايناپ ئالدىراپ سىنىپقا ماڭدى ، سىنىپقا كىرىپ يوقلىما دەپتەرنى ئۇستەل ئۇستىگە پاققىدە ئېتىپ :
    - سىنىپ باشلىقى ، تۇرە ئورنىڭدىن !
ئوردەكتەك چىقىدىغان ئاۋازىنى يەنە كاكىراتتى :
    - گەپ قىلە شۇم ، بۇگۇن كىم دەرىسكە كەلمىدى ؟
    - مۇ.......مۇئەللىم يەنە شۇ ئالىم بىلەن مىھرگىياھ يوق ،ـ دىدى سىنىپ باشلىقى .
    -نىمە ؟يەنە شۇلار يوقما خەپ ،،،،،خەپ ، بولدى ئولتۇرە كۆزۇمگە سەت كۆرەنمەي !
    - ھەي ، ئۈگۈنۇش باشلىقى ئېيتە ، بالىلار تۆنۆگۈنكى دەرىسلەرنى تەكرار قىلدىمۇ يوق ؟
    - قىززىقكەنسىز مۇئەللىم ،مەن يە ئۇلارنىڭ ئاپسى بولمىسام يە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمىسام تەكرار قىلدىمۇ - قىلمىدىمۇ مەن نەدىن بىلەي ؟ دېدى غۇرا قاپاق ، پىستە كۆز ئۈگىنىش ھەيئىتى .
مودا مۇئەللىم بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يەنە چېچىلىشقا باشلىدى :
    - نىمە ماڭا ئاتىكاچلىق قىلدۇ ماۋۇ توڭ سويما ، مەن كىم ؟ مەن سېنىڭ مۇئەللىمىڭ ! مەن بۇ شۇملارنى ياخشى تەييارلىق قىلىپ كەلسۇن دەپ ساڭا تاپىلىغاندىن كىيىن ھېسابنى سەندىن ئالماي كىمدىن ئالمەن ؟!
    - ئەمسە ئۇلاردىن سوراپ باقسىڭىز بولمىدۇ ؟
    - ۋاي ئولتۇرە سەت مايماق ! سەن دېمسەڭمۇ ئۆزۇم بىلەتتىم .
    - ئابدۇسالام تۇرە ! سەن تۇنۈگۈنكى دەرىسنى تەكرار قىلدىڭمۇ ؟
    - كەچۇ.......كەچۇرۇڭ مۇئەللىم ئۈيىمىزدىكى كالا تۇغۇپتىكەنتۇق ، شۇڭا ...
    - توۋا .....توۋا ،،،،،،كالا تۇغسا سەن دەرس تەكرارلىمامسەن ؟
    - شۇ ...مۇئەللىم ، دادامغا ياردەملىشىپ كالىنى تۇغدۇردۇم .
    - ھە ، ئەمسە ئولتۇر ، چوڭلارغا ياردەم قىلغانلىقىڭ ئۇچۇن نۇمۇرۇڭ 50 .
    - ئەزىز سەن تۇرە، سەن تەكرار قىلدىڭمۇ ؟
    - مۇئەللىم ، تۇنۈگۈن ئۆيدە توك توختاپ كېتىپ تەكرار قىلالمىغان .
    - ھۇ دۆت كالۋا ، توك توختاپ كەتسە شام يېقىپ تەكرار قىلساڭ بولمامدۇ ؟ رۇمانتىك ئولتۇرۇپ .
    - جېنىم مۇئەللىم مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى ، لېكىن ئاپام شامدا دەرىس تەكرار قىلساڭ كۆزۇڭگە زىيىنى بار دېگەن ، شۇڭا ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ..
    - سەن ياغاچ قۇلاق قاچاندىن بېرى ئاپاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بۇلۇپ قالدىڭ ؟
    - شۇ ئاپپاق مۇئەللىم سىز بىزگە چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ياخشى دېگەندىن بېرى .
    - ھە ئەمسە ياخشى ئولتۇر، نۇمۇرۇڭ 60.
    - نەفىسە تۇرە سەن !
    - مۇئەللىم نىمىش ؟
    - دەرىسنى تەكرار قىلىپ كەلدىڭمۇ ؟
    - قاچانقى دەرىسنى دەيسىز مۇئەللىم ؟
    - تۇنۈگۈنكى .
    - ھە ، ياق .
    - نىمىشقا ؟
    - تۆنۆگۈن ئاپام يېڭى كېيىپ ئېلىپ بېرەي دېگەن مۇئەللىم ،شۇڭا كوچا ئايلىنىپ دەرس تەكرار قىلىشقا ۋاقتىم يەتمىدى .
    - نېمە ؟
    - شۇ مۇئەللىم تۈنۈگۇن سىز دەرسكە كىيىپ كىرگەن پادىچىلار شىمى بىلەن ئاق مايكىڭىز سىزگە بەك يارىشىپتىكەن ، شۇڭا مەنمۇ سېتىۋالاي دەپ ئاپام بىلەن تۆت سائەت بازار چۆرگىلەپ تەستە تاپتۇق ، قاراڭ مانا ، ماڭىمۇ ياراشقاندۇ ؟
    - ۋاي نەفىسە تۆنۆگۈنكى كېيىم راستىنلا ماڭا شۇنداق يارىشىپتىمۇ ؟
    - ۋاي راس ئوماق مۇئەللىم .
    - ھە ئولتۇرۇڭ، سىز راس گەپ قىلغانلىقىڭىز ئۇچۇن سىزگە 100 نۇمۇر ، ھەممىڭلار نەفىسەدىن ياخشى ئۆگۈنۇڭلار ھە ؟
مودا مۇئەللىم شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ، سىنىپ ئىشكى چېكىلىپ مىھرىگىياھ بىلەن ئالىم كېرىپ كەلدى .
مىھرىگىياھ بىلەن ئالىم قول تۇتۇشقان ، ھالدا :
    - سالام مۇئەللىم ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ! - دەپ ۋاقىرىدى .
    - ھۇ نۇمۇس قىلمايدىغان پوقباشلار ، سىنىپقا قول تۇتۇشۇپ كىرگىنىنى تېخى ، بۇ ھەرقايسىڭنىڭ بابا سەيناسى ئەمەس ، مەكتەپ !
ئالىم مودا مۇئەللىمگە ئاليىپ تۇرۇپ :
    - سالام مۇئەللىم بۇنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز ھە ؟
    - بۇ......بۇ نىمە دىگىنىڭ ئالىم ؟
    - ھىچنىمە دىگىنىم ئەمەس ، شۇ سىزنى دوراپ مودا بۇلۇپ باقتۇق مۇئەللىم ، سىزمۇ بىزنىڭ تەنتەربىيە مۇئەللىم راشىت بىلەن كۇندە مەكتەپكە قول تۇتۇشۇپ كىرىسىزغۇ .
   ـ سەن،،،،،،
   ـ ھە مەن ئالىم ، مۇئەللىم .
   ـ سېنىڭ بۇنداق دېيىش سالايىتىڭ يوق ، سەن ئوقۇغۇچى بولغاندىن كېيىن ياخشى ئوقۇ ، مودا قوغلاشماي .
   ـ راس دەيسىز مۇئەللىم ، مەن ياخشى ئوقسام بۇلاتتى ، لىكىن سىز كۇندە سېغىز چايناپ، تار پادىچىلار ئىشتىنى قىرلاپ كېيىپ ، ئەتىر دېگەننى بۇلىشىغا چېچىپ ھەرلەرنى ئەتراپىڭىزغا ئوۋلاشتۇرۇپ ،ئالدى چېچىڭىزنى بايراقچە ، كەينى چېچىڭىزنى ئەتلەسچە بۇياپ يۇرسىڭىز سىزنى دوراپ مودا يۇرگىمىز كېلىدىكەن .
   ـ ئاغزىڭنى يۇم !
   ـ سىز ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ مۇئەللىم ، بىز مەكتەپكە بىلىم ئالغىلى ، تەربىيە كۆرگىلى ، كەلگۇسى ياراملىق ئەۋلات بولغىلى كېلىمىز  ،ھەرگىزمۇ سىزدىن سەت گەپ ئاڭلىغىلى ، سىزنىڭ مودا مېڭىشلىرىڭىزنى كۆرگىلى ، ئاسىم مۇدىردەك پوق قۇرساقلارنىڭ تاماكا چېكىپ ، مەسلىكتە قىڭغىر مېڭىشلىرىنى ، ئايال مۇئەللىملەرنىڭ مەكتەپتە چاچلىشىپ سوقۇشقىنى ئەمەس !
ئالىم گېپىنى دەپ بۇلىشىغا سېنىپتىن ھو........ھو.........دەپ ۋاقىرغان قىقاس -چوقانلار كۆتۇرۇلدى ، مودا مۇئەللىم يىغلىغنچە سېنىپتىن يۇگۇرگەن پېتى چىقىپ كەتتى ، شۇ كەتكەنچە ئۇ بۇ مەكتەپتىن ئۈن - تۈنسىز يوقالدى .
كىيىنكى ياش ئۈسمۇرلەر مودىغا مۇھتاج ئەمەس ، ئىلىم -مەرىپەتكە ، بىلىمگە ، ساپاغا ،ئىتپاقلىققا ،ئىناقلىققا ،تىنىچ بەختىيار تۇرمۇشقا مۇھتاج .


مەنبە :http://tirkesh.cn/thread-13-1-1.html
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
admin + 14 + 10 + 4بارىكاللا! تېخىمۇ تېر.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 14 تىللا + 10 تۆھپە + 4  باھا خاتىرىسى

ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2839 سەر
تىللا
2940 دانە
تۆھپە
2171 سەر
شۆھرەت
2594 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 18:52:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ساندىكى خانىملار ئائىلىدە ياخشى ئايال(ئانا)، خىزمەت ئورنىدا ئىلغار خىزمەتچى، جەمئىيەتتە ياخشى پۇخرا بۇلۇپ ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. لېكىن جەمئىيىتىمىزدە يۇقارقىدە ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، بالىلارغا مەسئۇل بولمايدىغان ئاياللارمۇ بار.. شۇنداق كىيىنكى ياش ئۈسمۇرلەر مودىغا مۇھتاج ئەمەس ، ئىلىم -مەرىپەتكە ، بىلىمگە ، ساپاغا ،ئىتپاقلىققا ،ئىناقلىققا ،تىنىچ بەختىيار تۇرمۇشقا مۇھتاج .
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
644 سەر
تىللا
562 دانە
تۆھپە
345 سەر
شۆھرەت
35 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 19:00:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ بېغىمىزدىكى مۇھىم بىر سەلبى كەيپىياتنى ئۆتكۈر قامچىلاپسىز.....دىمىسىمۇ ھازىرقى بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلاردا زادىلا مائارىپ...ئەنئەنە..قارىشى دېگەن نەرسىلەر يوق...كۈن ئۆتسىلا بولدى.....نادىر تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تەشنامەن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 01:59, Processed in 0.429976 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش