پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 85 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 493|ئىنكاس: 11

قىزچاق مەكتەپ مۇدىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ بويىدا قالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
0
قىزغىنلىق
644 سەر
تىللا
562 دانە
تۆھپە
345 سەر
شۆھرەت
35 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 17:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1305623480_94833.jpg

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ئەنكاڭ شەھىرى شىچۈەن ناھىيىسى 3-تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ شاۋنىڭ، تۇيۇقسىز ئەۋرەت قىسمىدىن قان كېلىپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش كېسەللىك ئالامىتى بايقالغان.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر ئايدىن بۇيان جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازاب چەككەن ۋۇ شاۋنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى يوققا چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ يانفۇنىنى «بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى» ــــ يېشى 50 تىن ئاشقان دەرس بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىسىغا تاپشۇردى. ۋۇ شاۋ بۇ «مۇئەللىم بوۋىسى» غا، ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە، ئۆزىنىڭ نوپۇس رويخېتىنى ئېلىپ، مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئامالسىز ئۆزىنىڭ ئاجىز تېنى بىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ 51 ياشلىق مۇدىرى لى خۇەيسوڭنىڭ جىنسىي تەلىپىنى قوبۇل قىلغان.  بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تېنى كوللاپس بولۇپ، روھىي زەئىپلەشكەن.
ئۇ بارلىق ھېسياتى ۋە ئۆچ ئېلىش ئۈمىدىنى بېغىشلىغان بالىسىمۇ ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ۋاقىتتا، بۇ 14 ياشلىق قىزنىڭ ھاياتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا مادارى قالمىدى، ئۇ ۋەسىيەتنامە يېزىپ قويۇپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، قانۇن ئارقىلىق قەلبىدىكى ئاشۇ « ئالۋاستى» نى جازالاشنى تاللىدى.
3-ماي، ج خ تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە لى خۇەيسوڭغا بىر تەرپە قىلىنغىچە كېلىپىلگە بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بەردى؛ شىچۈەن ناھىيەلىك ئىنتىزام كومىتېتى، ناھىيەلىك رېۋىزىيە ئىدارىسى، مائارىپ تەنتەربىيە ئىدارىسى 5-ماي لى خۇەيسوڭنى پارتىيىلىكلىكتىن قوغلاپ چىقىرىپ، مەمۇرىي ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ قارارىنى چىقارغان.
شۇ جايدىكى بەزى كىشىلەر قىياس قىلىپ، ۋۇ شاۋ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ ئاغزاكى ئىقرارىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچى-ئۇستاز مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان، دېيىشتى.
بىراق ئويلىمغان يەردىن بۇ قىزچاق قارا چىقىرىپ، يەنە تاقەت قىلىپ سۈكۈت قىلىشقا چىداپ تۇرالماي، ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىق دوكلاتىدا چىڭ تۇرغان، ھەمدە ئۇ ئۆزىنى بېسىپ ئازابلاۋاتقان بارلىق سىرلارنى سىرتقا ئاشكارلاشنى تاللىغان.

مەن ئاشۇ سەتچىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى دەيمەن

«بىر ئاي ئىچىدە مۇدىرنىڭ كەينى-كەنىدىن باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان» 14 ياشلىق قىز ۋۇ شاۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ، قەلبى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب بىلەن تولۇپ كەتتى؛ «بويىدىن ئاجراپ كېتىپ يېرىم ئايدىن كېيىن» ئۇ ئازاب ئىچىگە غەرىق بولدى، ئۇنىڭدا جەمئىيتكە يۈزلەنگىدەك غەيرەت قالمىغان ئىدى.
7-ماي، بۇ تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچى، يەنە بىر قېتىم ئۆزى تۇرۇۋاتقان كىچىك ناھىيە بازىرىدىن قېچىپ، چىنلىڭ تېغىغا كېلىپ مەقسەتسىز يالغۇز ئايلىنىپ يۈرۈپ، نوپۇسىمۇ ئېنىق بولمىغان تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە، توپتوغرا ئىككى كۈن يوشۇرۇندى.
ئۇرۇق-تۇققان دوستلىرى ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش، ۋۇشاۋ قايتا-قايتا ئويلىشىپ، ئاخىرى ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئاي، ئاشۇ ئەسلەشنى خالىمايدىغان 30 كېچە-كۈندۈزنى سىرتقا ئاشكارلاشنى تاللىدى.
شۇ كۈنى كەچ سائەت 9 دا، ۋۇشاۋ ئاخىرى مۇخبىرغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، قارارىنى بايان قىلدى: «مەن ئويلىنىپ بولدۇم، سىز بىلەن كۆرۈشىمەن». مۇخبىر تېزلىكتە ماشىنا بىلەن 10 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى، چىنلىڭنىڭ ئىچكىرسىدىكى كۆرىشىدىغان جايغايېتىپ باردى.
يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، قارا كۆزەينەك تاقىغان قىزچاق ئۇزۇن سايىسىنى ئەگشتۈرۈپ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چىقىپ كەلدى، ئۇ غۇۋا يالغۇز كوچا چىرىقى ئاستىدا توختىدى. ئۆزئارا سالاھىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، قىزچاق مۇخبىرغا،ئۆزىنىڭ ۋۇ شاۋ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
شىچۈەنلىك شوپۇر ۋۇ شاۋدىن: «بۇنداق كەچتە تاغ يولىدا يالغۇز مېڭىشتىن قورۇقمامسىز؟ مەن يالغۇز مېڭىشقا پېتىنالمايمەن» دەپ سورىدى. ۋۇ شاۋ كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب بەردى: «مەن ھازىر ھېچنىمىدىن قورۇقمايمەن».
ئۇ مۇخبىرغا قاراپ، قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى: «مەن ۋۇ شاۋ شۇ، مەن بارلىق سەتچىلىكنى ئېيتىپ بېرىمەن» . كېيىن، ئۇ ئۆزىنى مېھمانخانىغا سۇلىۋېلىپ، مۇخبىرغا ئەھۋال بايان قىلىنغان 13 بەتلىك خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچراش جەريانىنى، ھەمدە مەكتەپ مۇدىرى لى خۇەيسوڭ ئوبرازىنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىگە سالغانجاراھەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

يېڭى يۆتكۈلۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نوپۇسى يوق

مېنىڭ ئىسمىم ۋۇ شاۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، ھازىر شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى شىچۈەن ناھىيىسىدىكى 3-ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇيمەن. ھازىر مەن لى مۇدىر (شىچۈەن 3-ئوتتۇرا مەكتىپى مۇدىرى) نىڭ ئالداپ ئىپپەت-نومۇسىمىغا تەگكەنلكىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىمەن:
مەن 2009-يىلى 9-ئايدا قوشنا ئۆلكىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتىن شىچۈەن ناھىيەسىدىكى 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكۈلۈك كەلدىم، چۈنكى بۇ جايدا مېنىڭ نوپۇس رويخېتىم بولمىغاچقا، مەكتەپتىن بىر پارچە ئىسپات چىقىرىپ بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ يىل 3-ئايدا مەن لى مۇدىردىن ياردەم سورىدىم، لى مۇدىر ماڭا ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشكە قوشۇلدى.
14 ياشلىق ۋۇ شاۋنىڭ ئۆيى ئەنكاڭ شەھىرىنىڭ مەلۇم ناھىيىەسىنىڭ مەلۇم كەنتىدە، ئائىلە ئەھۋالى نامرات بولغانلىقتىن دادىسى توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنى باشلاپ يېزىدىكىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، قوشنا ئۆلكىدىكى مەلۇم كۆمۈر كانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلغان. ھەمدە جاپا تارتىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ بىراق ئىشلار كۈتكىنىدەك بولمىغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ دېھقان ئوغلى ئاخىرى چىقىپ، شۇ جايدىكى بىر بويتاق ياشانغان ئادەمگە ئاسراندى ئوغۇل بولغان.
بۇ ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار يەنە بىر قىزى ـــ ۋۇ شاۋنى كۈتۈۋالغان.
ۋۇ شاۋنىڭ نوپۇسى يوق، بىراق ئۇنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى، ئادەتتىكى نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئۈچۈنچى، ئەڭ ناچار نەتىجىسىمۇ مەكتەپ بويىچە 31-ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋۇ شاۋنىڭ مۇخبىرغا دەپ بېرىشىچە، ئۇ «ياخشى نەتىجە» ئارقىلىق ئۆزىنى دەرىسخانىدا ساقلاپ قالغان، بولمىسا ھەر قانداق مەكتەپ ئۇنىڭ «قارا نوپۇس» ئىكەنلىكىنى بىلسىلا، ئۇنى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىدىكەن. «ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، بۇلار ماڭا قانداق نەتىجە بەردى! مەن ئۆزۈمنىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ، ياشاپ نىمە ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن».
مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن، ۋۇ شاۋنىڭ چىرايى شادلىنىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆزىگە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.  بۇ قىزچاق 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان: «ئوقۇش باشلاندى، مەن سىنىپ ئۆرلىدىم ـــ تۇلۇقسىز 3-يىللىققا چىقتىم. ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتىدۇ، ۋاقىت ئاتقان ئوق. بىز چوڭ بولدۇق، ئاستا-ئاستا ئالغا ئىلگىرلىمەكتە بىز.
ۋۇ شاۋ بەش ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسى ئېغىر كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇ نامىرات دېھقان ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئايالىغا قانچىلىك جاپا تارتسۇن بالىلارنى چوقۇم مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى تاپىلايدۇ. ئايالى يالغۇز جاپا چېكىپ، بالىلىرىنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى دادىسى ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ كونا كەسپىنى قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋۇشاۋ بىردىنبىر دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى بولۇپ قالىدۇ.
بىراق ۋۇ شاۋنىڭ نوپۇسى يوق، شىچۈەن ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېزرەك نوپۇس ئىسپاتى ئېلىشى تەلەپ قىلىندى، بولمىسا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمايتتى، چۈنكى ئىمتھانغا تىزىملىتىشتىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى بىر مەسىلە ئىدى. تۇنۇشى ياردەم قىلىدىغان بولدى، ۋۇ شاۋنىڭ نوپۇسىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى، بىراق ئۇنىڭ ئوقىۋاتقان مەكتىپىدىن ئىسپات ئېلىشقا توغرا كەلدى. ھەمدە ئوقۇشسىز قېلىپ مەكتەپتىن ئايرىلسا، ئىسپات ئۆزلىكىدىن بىكار بولىدىغانلىقى، ئەسكەرتىلدى.

«مەن ئۇنى دادامدەك كۈرەتتىم»

شۇ كۈنى ۋۇ شاۋ مكتەپكە بېرىپ لى مۇدىرغا ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە نوپۇسى يوق بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلي سۆزلەپ بەردىم. مەقسەتسىزلا  مەن ئۇنىڭ QQ نۇمىرىنى بىلىۋالدىم، كېينچە بىز توردا ئەھۋال سورىشىپ تۇردۇق. باشتا ئاندا-مۇندا ھال ئەھۋال سوراشقان بولساق ئاستا-ئاستا سۆزىمىز كۆپەيدى، مەنمۇ ئۇنى ئۆزمىمنىڭ دوستى دەپ بىلدىم، ئۇ مېنىڭ ھۆرمەتلىشىمگە ئەرزىيتتى (بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى).
بىر قېتىملىق پاراڭلىشىشتا، مەن ئۆزۈمنىڭ سەي قورۇشنى بىلمەيدىغانلىقىمنى دېدىم. لى مۇدىر ئۆزىنىڭ ئۇستىلىقىنى ئۆزىنى ئۇستاز تۇتۇشىمنى ئېيتتى، مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قوشۇلدۇم. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى پاراڭلاشقاندا، ئۇ مېنى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆيىگە بېرىپ سەي قورۇشنى ئۆگۈنۈشكە تەكلىپ قىلدى.

سەي قورۇشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە قوندۇم

3-ئاينىڭ 26-كۈنى ھەپتىنىڭ ئاخىرى مەن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ، تېلىفۇندا تورغا چىقتىم، ئۇمۇ توردا بار ئىدى، مەن قائىدە ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ قويدۇ، ئۇ ماڭا سەي قورۇشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆيىگە بېرىشىمىنى ئېيتتى، مەن قوشۇلدۇم. 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت ئۈچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم، ئۆيگە كىرىپ ئۆيىنىڭ قالايمىقانلىقىنى كۆرۈپ يىغىشتۇرماقچى بولدۇم، كېيىن ئۇ ئازراق ئىش بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولدى، مېنىڭ ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ساقلاپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى.
ئۇ چىقىپ كېتىپ ئىككى سائەتلەردىن كېيىن كىردى، تەخمىنەن سائەت بەش بولغاندا قايتىپ كەلدى. مەن كېتىشنى ئېيتسام، ئۇ تاماق يەپ كېتىشكە تۇتىۋالدى،مەن ئامالىسز قېپ قالدىم.
ئۇ سەي ئەكىرىپ ماڭا سەي قورۇشنى ئۆگەتتى، بىراق ئەتكەن تاماق ئانچە ئوخشىمىغان ئىدى.
تاماقتىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قاچىلارنى يۇيۇپ بەردى، لى مۇدىر كىتابخانىسىدا كومپىيوتېردىن قارتا ئوينىدى، مېنىڭ ساقلاپ تۇرۇشىمنى ئېيتتى. ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، مەن كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب كۆرگەچ لى مۇدىرنىڭ ئاپىرىپ قويۇشىنى كۈتتۈم. سائەت سەككىز بولاي دىگەندە مەن ئۆزۈم ماشىنا توسۇپ كېتىشنى ئېيتتى، ئۇ بۇنىڭ  ھاجىتى يوق مەن بىر قېتىم ئويناپ بولۇپلا ئاپىرىپ قويۇمەن دەپ تۇرىۋالدى. مەن يەنە ساقلاشقا باشلىدىم، كىم بىلسۇن شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئويۇنغا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنى چاقىرىپ كېتىمەن دېيەلمىدىم، شۇنداق قىلىپ سائەت 10 بولدى، مەن ئۆيگە قايتىشنى ئېيتتىم. ئۇ بەك كەچ بولۇپ كەتتى، مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ دېدى. كەچ بوپ كەتتى، يەنە كېلىپ ئاچقۇچ ئېلىۋالماپتىمەن، ئۆيدىكىلەرگە نىمە دەيمەن، ئامالسىز ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدۇم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
286 سەر
تىللا
412 دانە
تۆھپە
189 سەر
شۆھرەت
66 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 19:42:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئاخىرى باردەك كىلىدۇ
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
644 سەر
تىللا
562 دانە
تۆھپە
345 سەر
شۆھرەت
35 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 21:09:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ئەتە...................ە يوللايمەن...

Rank: 1

قىزغىنلىق
1 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
1 سەر
شۆھرەت
0 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-26 10:07:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئاخىرى باردەك قىلامدۇ - نېمە ؟؟؟

Rank: 2

قىزغىنلىق
30 سەر
تىللا
64 دانە
تۆھپە
13 سەر
شۆھرەت
-10 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 00:38:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق قىلمىسىلا بومامتا !

Rank: 2

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
59 دانە
تۆھپە
31 سەر
شۆھرەت
33 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 23:53:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ئوقۇسام بولاتتى ...

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
222 سەر
تىللا
276 دانە
تۆھپە
176 سەر
شۆھرەت
51 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش قوغدىغۇچىسىOffice ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 21:39:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sargardan يوللىغان ۋاقتى  2011-6-25 21:09
ئاخىرىنى ئەتە...................ە يوللايمەن...

داۋامى قېنى ؟ تېخى ئەتە بولمىدىما؟ ياسىنجــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــان ئۇنداق قىلماي يوللايلى.

Rank: 1

قىزغىنلىق
6 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
6 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-14 23:38:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2401 سەر
تىللا
2188 دانە
تۆھپە
1818 سەر
شۆھرەت
1973 سەر

ئاتامانتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 07:10:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋمى نېمى بولماقچىدى شۇ قىز باسقۇنچىلىققا  ئۇچرايدۇ دە شۇ كىچىسى !.....
مۇشۇنداق ئۇقۇتقۇچى تونىغا ئورنىۋالغان ھايۋانلار بىزنىڭ نامىمىزنى تۆكۈپ بولدى زادى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
325 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
223 سەر
شۆھرەت
106 سەر

مۇنبەر باشلىقىمائارىپچىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 15:11:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ! ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە. دىگەن شۇدە...
ئەتە ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-28 18:19, Processed in 0.287430 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش