پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3024 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 09:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قاراقاش ناھيىسى مائارىپنى ھەرقايسى  يېزا بازارلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ .مائارىپ بىرخىل ھالەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىز چاپچىپ تۇرغان تايلاق بولساقمۇ،جەمىئەت سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلگىنىڭنى ئايىما،بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما.

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن قىممەتلىك.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆز كۆرگۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر.

  • زەپەر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي ئۈگۈنۈش باشلاندى.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىشى يۇرتىداسۇلتان بولغىچە،ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇدۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يىشى بىلەنمۇ تولغان.

  • tursunjan ئۈلۈشكۈن 17:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر مىنىڭ تىمامنىلا ئۆچرەشكە ئامراق بوپ قاپتۇ

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىدىن ئۈگەن، ياماندىن يىرگەن

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاياللار بۇزۇلسا ھاياسىزلىشىدۇ، ئەرلەر بۇزۇلسا ۋاپاسىزلىشىدۇ.

  • ilghar 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەنلىك،ئىنسانغا كېرەكتۇر ئامان .

كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 1

2012-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئال تەھلىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

2

دوست

1523

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

يوقلىما
47
قىزغىنلىق
191 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
925 سەر
شۆھرەت
102 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 20:56:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئال تەھلىل دوكلاتى
2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى 212-يىلى12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرىدا ئېچىلغان ئىدى ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئەلى غۇجاخۇن 2012-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالىنىڭ تەھلىل دوكلاتىنى قىلدى ، مەن بۇ دوكىلاتنىڭ دىتالى ۋە دىتالدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئېلىپ تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى پايدىلىنىشقا قۇلايلىق بولسۇن دەپ  يوللىدىم ، پايدىلىنارسىلەر .
بەلكىم ئەلى غۇجاخۇن مۇئەللىممۇ ئۆزى بىۋاستە يوللاشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ، مەن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇراق كۆرسۇن دېگەن ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن يوللىدىم .

2012-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالىنىڭ تەھلىل دوكلاتى
ئەلى غۇجاخۇن  
سۇئالنى تونۇشتۇرۇش:
2012-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى
بۇ قېتىمقى تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى» ۋە «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان ئىزاھاتى»نىڭ تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە دەرسلىكى زۆرۈر دەرسلىك 1~5-گىچە ۋە تاللانما دەرسلىك ۋە 2-، 3-، 5-كىتاب ئاساس قىلىنغان. شۇنداقلا رايونىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.
1. ‹‹دەرس ئۆلچىمى››ۋە «ئىزاھات»نىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھانغا قويغان تەلىپى
ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشتا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹دەرس ئۆلچىمى›› گە ئاساسلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئومۇمىي تەربىيىلىنىش ئەھۋالى، ئاساسىي بىلىم جۇغلانمىسى، قوللىنىش قابىلىيىتى، ئېستېتىك قابىلىيىتى ۋە ئىزدىنىش قابىلىيىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك سىناپ-باھالاش ئاساس قىلىنىدۇ. ئىمتىھان سوئالىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيەت، ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە توغرا قىممەت قارىشىنى سىناش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.
2. ئىمتىھان سوئالىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە تەھلىل
1) بۇ ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشتا ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە قوللىنىش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر، ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ماقالە-ئەسەرلىرى ، كلاسسىك ئەسەرلەر، ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ئوخشاش بولمىغان نىسبەت ۋە تەلەپ بويىچە سوئال چىقىرىلغان.  
    2) ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇغلاش ۋە بېرىكتۈرۈش، تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش، مۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش، قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش، بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى سىناپ-تەكشۈرۈش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىقى بەش قاتلام ئىمتىھان سوئالىدا قىيىنلىقى ئوخشاش بولمىغان سوئاللارنى لايىھىلەش ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
    3) بۇ ئىمتىھاندا ئوبيېكتىپ (تاللاش سوئالى) سوئال، بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى، كۆنۈكمە ئىشلەش سوئالى، تەھلىل قىلىش سوئالى، تاللاپ جاۋاب يېزىش سوئالى ۋە يېزىقچىلىق سوئالىدىن ئىبارەت سوئال تىپلىرى قوللىنىلغان
4) بۇ ئىمتىھان سوئالى 150 نومۇرلۇق بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى 150 مېنۇت.
رەسىم
  

بىلىم ۋە ماھارەت - ئەستە ساقلاش ، بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئاساسى بىلىملەر
23+22+4+4+3=56، ﹪37.3
ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيەسى ۋە قىممەت قارىشى - تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش ، قانداق قاراشتا بولۇش،ئونۋېرسال ئىقتىدارنى سىناش
55+39=94 نومۇر، ﹪ 62.7

سوئاللار ھەققىدە تەھلىل: 1.بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تىلىغا دائىر سوئاللىرىنى لايىھىلىگەندە، ئاساس بىلىمنى بىلىم سۈپىتىدىلا تاشلاشتىن، بىلىمنى تۇرمۇشلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشتۇرۇشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشىگە ئىگە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن.2. كۆنۈكمە ۋە تەھلىل قىلىش سوئاللىرى ئېچىۋېتىشچانلىققا، ئىجادىيلىققا ئىگە، جانلىق لايىھىلەنگەن .3.بىر قىسىم سوئاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىجادىي تەسەۋۋۇرىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن. 4. يېزىقچىلىق تېما ماتېرىيالى كۆپ قىرلىق، تۇرمۇشتىكى كۆپلىگەن ئىش-ۋەقەلەرگە تۇتىشىدىغان ئۇسۇلدا بېرىلگەن.  
مەسىلە ۋە تەكلىپ:
1. بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىكى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە قارىغاندا:
1) ئوبيېكتىپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە، ئاساسەن 10 دىن 20 گىچە نومۇر ئالغان بولۇپ، 20 دىن 30 گىچە نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىيەلمىگەن.
2) سۇبيېكتىپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە 75 تىن 100 نومۇرغىچە نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپرەك بولغان. تەھلىل قىلىش سوئاللىرىدا دېگەندەك نومۇر ئالالمىغان.
3).ئومۇمىي نەتىجىدىن قارىغاندا 100دىن 110 غىچە نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار جىقراق،120دىن 140 قىچە نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولمىغان.
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا:
(1) ئۇلارنىڭ ئاساسىي بىلىم جۇغلانمىسى تېخى راۋۇرۇس دېگەندەك چوڭقۇر، پۇختا، يېتەرلىك بولمىغان.  
  (2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى لوگىكىلىق يىغىنچاقلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغان.  
(3) شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن توغرا قىممەت قارىشى ئاساسىدا ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشتا قىينالغان.
(4) ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە دېگەندەك سىستېمىلىق جاۋاب بېرەلمىگەن.
(5) ماقالە-ئەسەر يازغاندا، ماقالە-ئەسەرنىڭ ژانىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغان. شۇڭا ماقالە-ئەسەر يازغاندا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ژانىردا يازماي، باشقا ژانىرلاردا يازغان.
(6) يېڭى، جانلىق، ئىجادىي ۋە ئۆزگىچە ماۋزۇلارنى قويالمىغان.
(7) تېنىش بەلگىلەر تولۇق، جايىدا قويۇلمىغان، خەتنىڭ سۈپىتى دېگەندەك تەلەپكە يەتمەيدۇ.
ئومۇمىي يەكۈن:بۇندىن كېيىنكى تەكرار ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي بىلىم جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىشى ۋە پۇختىلىشى، مۇستەقىل ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، ئىجادىي تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشى، ئۇنىۋېرسال قوللىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى، يېزىقچىلىق ماھارىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنى ئېنىق ئىگىلىۋېلىشى لازىم.
تولۇق 3-يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇشى ھەققىدە
تولۇق 3-يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر:1.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش1)تاپشۇرۇقنى بېرىش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش ۋە ئۇنى باھالاش(يېزىقچىلىق ۋە مەشىق)2)قەرەلىك تۈردە مېنىڭ غايەم،مەن كەلگۈسۈمنى قانداق لايھەلەيمەن...دېگەن مەزمۇنلاردا كىچىك پارچىلارنى يازدۇرۇش ۋە سىنىپتا باھالاش(روھى بايلىق،مەزمۇن،ئىپادىلەش،خەت،ئىملا،تىنىش-بەلگىسى قاتارلىق نۇقتىلاردىن چىقىپ باھالاش)3)بالىلارغا مەخسۇس بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاب،ياخشى ماقالە،ئۈنۈملۈك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ تۇرۇش ۋە بىر قىسىملىرىنى سىنىپتا ئوقۇش،باھالاش
4)ھەر سائەتتە بىر ئوقۇغۇچىغا يان دوسكا ياكى ئالدى دوسكىغا ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆز يازدۇرۇش،سالامدىن كېيىن كوللىكتىپ ئوقۇش.5)ئارىلاپ سىنىپتا مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش6)ئۈگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئەستە ساقلاشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە سىنىپتا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش.7)ئۈگەنگەن بىلىملەرنى جەدۋەللەشتۈرۈش،سېستىملاشتۇرۇشقا يېتەكلەش،تېكىست مەزمۇنىغا پىششىق بولۇش.(ئۇيغۇر تىلى،تېكىستلەر،كىلاسسىك ئەسەرلەر)
8)كىچىك سىناقلارنى ئېلىش،تەقلىدى سۇئاللارنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنى باھالاش،ئومومىي كېسەلنى تېپىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى نۇقتىلاردا ئاجىزلىقىغا قاراپ،ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا ئۆگىنەلمىدى،ئەمەس،مەن نىمە ئۈچۈن ئۆگىتەلمىدىم،ئوقۇتالمىدىم،دېگەن شەكىلدە پىكىر قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتى ھەققىدە ئويلىنىش،كەسىپداشلىرى بىلەن،قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىش،ئاخىرىدا قايتا تولۇقلاش.
9)ئايرىم يېتەكلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش،قىيىن نۇقتىلار بويىنچە يېتەكلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش.

10)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە باشتىن ئاخىر شەرەپ قازىنىش،ئۇتۇق قازىنىش،ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ھىس قىلىش پۇرسىتى بېرىشنى ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىك.
2.ئوقۇغۇچىلاردا ھاياتلىق ھەققىدە توغرا قىممەت قاراش تۇرغۇزۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش،بىزگە تەكرار تۇيۇلغان نەرسىلەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېڭى،بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ ئىپادىلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش.تەپسىلى،چىرايلىق،توغرا بولۇشقا دىققەت قىلىش. 3.ئىمتىھاننى ئادەم ئەمەس،ئۇنىڭ ھەركەت ئادىتى ۋە تەپەككۇر ئادىتى بېرىدۇ.

0

تېما

0

دوست

42

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
7 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
6 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 13:03:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-1-19 04:42, Processed in 0.242875 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش