پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3024 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 09:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قاراقاش ناھيىسى مائارىپنى ھەرقايسى  يېزا بازارلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ .مائارىپ بىرخىل ھالەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىز چاپچىپ تۇرغان تايلاق بولساقمۇ،جەمىئەت سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلگىنىڭنى ئايىما،بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما.

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن قىممەتلىك.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆز كۆرگۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر.

  • زەپەر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي ئۈگۈنۈش باشلاندى.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىشى يۇرتىداسۇلتان بولغىچە،ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇدۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يىشى بىلەنمۇ تولغان.

  • tursunjan ئۈلۈشكۈن 17:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر مىنىڭ تىمامنىلا ئۆچرەشكە ئامراق بوپ قاپتۇ

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىدىن ئۈگەن، ياماندىن يىرگەن

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاياللار بۇزۇلسا ھاياسىزلىشىدۇ، ئەرلەر بۇزۇلسا ۋاپاسىزلىشىدۇ.

  • ilghar 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەنلىك،ئىنسانغا كېرەكتۇر ئامان .

كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 6

2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان ئىزاھاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

2

دوست

1523

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

يوقلىما
47
قىزغىنلىق
191 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
925 سەر
شۆھرەت
102 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان ئىزاھاتى
2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئابدۇكېيۇم مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەن 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان ئىزاھاتىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى بۇ تېمىدىكى دىتالدىن ئېلىپ چاپلىدىم ، پايدىلىنىش قىممىتى بولسا ھەممىز خۇش بولاتتۇق .  

I سوئال چىقىرىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە  
1. «تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى»گە ئاساسلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىنىش قابىلىيىتى، ئىستېتىك قابىلىيىتى ۋە ئىزدىنىش قابىلىيىتىنى سىناش   
2.تىل –ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ۋە تىل - ئەدەبىيات  ئۇنۋېرسال ساپاسىنى سىناش ؛ «بىلىم ۋە قابىلىيەت» ، «ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى»نى ئۇنىۋېرىسال باھالاش.  
3) قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش: D  
①سۆزلەرنى ئۆز جايىدا قوللىنىش، تەلەپ بويىچە جۈملە تۈزەلەيدىغان بولۇش، تۇراقلىق  تەركىپلەردىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلىش.  
②خاتا جۈملىلەرنى تەلەپ بويىچە تۈزىتەلەيدىغان بولۇش.  
③ئىخچام جۈملىلەرنى كېڭەيتىش، مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ئىخچاملاش ، تەقلىدى جۈملىلەرنى تۈزەلەيدىغان بولۇش.  
④تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش  ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ، قوللىنالايدىغان بولۇش.  
2.ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە قوللىنىش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر  
1) جۇغلاش ۋە بېرىكتۈرۈش: A  
①ئەسەر ۋە ئاپتورغا ئائىت ئۇچۇرلارنى جۇغلاپ بېرىكتۈرۈش.  
②ئەسەرلەردىكى ھالقىلىق سۆز - جۈملىلەرنىڭ مەنىسنى چۈشىنىپ، بېرىكتۈرەلىگەن بولۇش.  
③ئەسەرنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى ۋە گۇمانتار ئىدىيەسىنى جۇغلاپ ۋە يەكۈنلەپ چىقالىغان بولۇش.  
④ئۆگەنگەن ئەسەرلەرگە ئاساسەن شۇ ژانىرغا ئائىت تۈپكى نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى جۇغلاپ ئىگىلىگەن بولۇش.  
2) تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش:B  
①بەدىئىي ۋە ئىستېتىك زوق ئالالايدىغان بولۇش ھەمدە مەسىلىلەرگە توغرا باھا بېرەلەيدىغان بولۇش.  
②قوللىنىش تۈرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى، پاكىت ۋە كۆرۈنۈشلىرىدىن زوقلىنىش.  
③ئاپتورنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيىسى ۋە كۆزقارىشىغا  ياندىشالايدىغان بولۇش.  
④ئەسەردىكى ھېسسىيات،پوزىتسىيە،قىممەت قارىشىنى توغرا باھالاپ چىقالايدىغان بولۇش.  
⑤ئەسەر ۋە پارچىلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ گۇمانى،كۆزقارىشىنى ۋە ئىجادىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇش.  
3) مۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش: C  
①ئەسەر مەزمۇنى ۋە ھېسسىيات خاھىشىنى مۇلاھىزە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش.  
②ئەسەردىكى مول ئىچكى مەزمۇننى چۈشىنىش  
③قوللىنىش خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەردە ماتىرىيال مەنبەسى بىلەن چىنلىقى، پاكىت بىلەن كۆز قاراشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئەسەرنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرىش .  
④ئەدەبىي ئەسەرلەردە يازغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى، دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى، ئىجتىمائىي تەسىرى.   
⑤ئەسەرلەرگە ئائىت نەزەرىيىۋى چۈشەنچىلىرنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بېرش.  
3. ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ماقالە-ئەسەرلىرى  
   1) مۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش: C  
① ھەرقانداق ژانىردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى مەنە قاتلىمىنى چۈشىنىش.  
② ئەسەرنىڭ ياكى پارچىنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنى،كۆز قاراش بىلەن ماتىرىيالنىڭ مۇناسىۋىتى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق باغلىنىشنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش ۋە چۈشىنەلەيدىغان بولۇش.  
2)تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش : B  
① ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئوبراز،تىل ۋە ئىپادىلەش ماھارىتىدىن زوقلىنىش ھەم ئۇنى توغرا باھالاپ چىقالايدىغان بولۇش.  
② ئەسەرلەرگە باھا بېرەلەيدىغان،كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇش.   
③ ئاپتورنىڭ نۇقتىينەزىرى ۋە پوزۇتسىيەسىنى چۈشىنىش ئاساسىدا ئۇنىڭدىن زوقلىنىپ باھالىيالايدىغان .  
4. كلاسسىك ئەسەرلەر  
1) جۇغلاش ۋە بېرىكتۈرۈش: A   
①كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ھەر قايسى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جۇغلىيالىغان ۋە بېرىكتۈرەلىگەن بولۇش.  
②كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە ئەدىپلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بېرىكتۈرۈپ ئەستە ساقلاش.  
③نۇقتىلىق پارچە-كۇپلىتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى  ئەستە ساقلىيالىغان بولۇش.  
2)تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش: B  
①كلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئوبراز،تىل،ئىپادىلەش ماھارىتىدىن زوق ئالالايدىغان ، مۇھىم نوقتىنى يىغىنچاقلىيىلايدىغان بولۇش.  
②كلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئىدىيەۋى – ھېسسيات ۋە گۇمانىتار نوقتىلارنى يىغىنچاقلاپ چىقالايدىغان بولۇش.  
③كلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئاپتورنىڭ ھېسسىيات،پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىنى باھالىيالايدىغان ، ئۇنىڭدىن بەلگىلىك  ھاسىلات ئالالىغان بولۇش.  
3)مۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش: C      
①ئوقۇش ۋە ھوزۇرلىنىش بۆلىكىدىكى كلاسسىك ئەسەرلەرنى مەزمۇن ۋە بەدىئيلىك جەھەتتىن چۈشىنىش.  
②كلاسسىك ئەسەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش.  
③ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتىكى رولىنى مۇلاھىزە قىلالايدىغان بولۇش.  
④نۇقتىلىق پارچە-كۇپلېتلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېشىپ بېرەلەيدىغان بولۇش.  
5.ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش  
      يېزىقچىلىق ۋە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش؛ بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.  
1)قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش: D  
①ژانىرنى بېكىتەلەيدىغان،يازالايدىغان بولۇش.  
②مەسىلىلەردىن ماھىيەتنى كۆرەلىگەن بولۇش.  
③ئىندىۋىدۇئال ۋە ئىجادىي ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش.  
④تۇرمۇش خام ماتىرىياللىرىنى توپلاش ۋە كېڭەيتىش   
⑤ھەرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىپادىلىگەن بولۇش.  
2)بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش: E  
①ماتىرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن چىنلىقنى بايقاش.  
②ئىپادىلەشتە يېڭىلىق يارىتىش كىچىك ئىشلاردىن ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى بايقىيالىغان بولۇش.  
③كۆز قارىشى چوڭقۇر،ئىلمىي بولۇش.  
④ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش تېمىلىرىغا قاتناشقان ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا بەلگىلىك  ھاسىلاتلارغا ئىگە بولغان بولۇش.  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرى ئاساس دەرىجە ۋە ئالاھىدە دەرىجە بويىچە باھالىنىدۇ.  
1) ئاساس دەرىجە:  
2) ئالاھىدە دەرىجە:  
تاللاپ جاۋاپ بېرىدىغان سوئاللار  
1. ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە نەزەريىۋى بىلىملەر:   
1)  تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش: B   
مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق سۆز-جۈملىلەردىن زوقلىنىش، ئەسەر  ئىدىيەسىدىن خۇلاسە چىقىش؛ ئەسەردىكى قىممەت قارىشى ۋە گۈزەللىك قارىشىدىن زوق ئېلىپ ، باھالاش.  
(2مۇلاھىزە ۋە چۈشۇنىش:   C   
ژانىرى، ئالاھىدىلىكى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش؛ تېما، ئىدىيە ۋە قۇرۇلمىسىنى چۇشىنىش.  
3) بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش: E   
ئەسەرنى خاسلىقى بويىچە  ئوخشىمىغان نۇقتىدىن باھالاش.  
  قوللىنىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر ۋە   قوللىنىش تىپىدىكى بىلىملەر  
1) تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش : B  
ئەسەردىكى ئۇچۇرلارنى تاللاپ ، رەتلەش؛ تىل ئالاھىدىلىكى ، قۇرۇلمىسى ، ئەسەر ئىدىيەسىدىن  تەسىراتقا ئىگە بولۇش ۋە باھالاش؛ ئەسەرنىڭ خاسلىقىدىن زوقلىنىش.   
2) مۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش : C  
ئەسەر ئىدىيەسىنى چۈشىنىش ۋە باھالاش؛ ئەسەرنىڭ قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى مۇلاھىزە قىلىش .   
3) بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش : E  
ئوخشىمىغان نوقتىدىن ئەسەر ئىدىيەسىنى قېزىپ چىقىش ؛ ئەسەردىكى بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇش .  

3. سوئاللار ئىجادىي، جانلىق ۋە ئېچىۋېتىش خاراكتىرىدىكى سوئاللارغا يۈزلىنىدۇ.  
Ⅱ ئىمتىھانغا قويۇلىدىغان ئىقتىدار تەلىپى  

.Aجۇغلاش ۋە بېرىكتۈرۈش:  
.Bتەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش:  
.Cمۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش:  
.Dقوللىنىش ۋە كېڭەيتىش:  
.Eبايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش:  
ئىمتىھان سوئالىدا A%20، BۋەC%40، D ۋە E%40 ئەتراپىدا نومۇرنى ئىگىلەيدۇ.   
Ⅲ  ئىمتىھان مەزمۇنى  
1. ئۇيغۇر تىلى   
1) جۇغلاش ۋە بىرىكتۈرۈش: A  
ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىسىغا ئائىت بارلىق قائىدە-قانۇنىيەتلىرى  جۇغلاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ ئىگىلىگەن بولۇش .  
2) مۇلاھىزە  ۋە چۈشىنىش: C   
①فونېتىكىلىق قائىدىلەر، فونېتىكىلىق ھادىسىلەرنى ئايرىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش .  
②سۆز مەنىسى، سۆزلەرنىڭ مەنە جەھەتتىكى پەرقلىرى مۇلاھىزە قىلالايدىغان ۋە ئايرىپ بېرە لەيدىغان بولۇش.  
③سۆز تۈركۇملىرى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەت – ئالاھىدىلىكىنى  چۈشىنىش ۋە ئايرىپ بېرەلەيدىغان بولۇش.  
④سىنتاكسىسلىق قائىدىلەرنى چۈشىنىش.
Ⅳسوئال شەكلى ۋە سوئال قۇرۇلمىسى   
ئىمتىھان سوئالى 150نومۇرلۇق بولۇپ، ۋاقتى 150 مىنۇت. سوئال قەغىزى ئىمتىھان قەغىزى Ⅰ ۋە ئىمتىھان قەغىزى Ⅱدەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.  
ئىمتىھان قەغىزى Ⅰ(جاۋابى تاللىنىدىغان سوئاللار) 33-30 نومۇر ئەتراپىدا. ئىمتىھان قەغىزى Ⅱ دىكى سوئاللارنىڭ جاۋابى جاۋاب يېزىش كارتىسىغا بىۋاستە يېزىلىدۇ. جەمئىي 117~ 120نومۇر ئەتراپىدا.  
ئىمتىھان سوئالىدا چوقۇم جاۋاب بىرىدىغان سوئاللار 130 نومۇرلۇق بولىدۇ؛ تاللاپ جاۋاب بىرىدىغان سوئاللار قىسمىدا، نورمىدىن ئارتۇق سوئال بېرىش، ئىمتىھان بەرگۈچى تاللاپ بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلى قوللىنىلىدۇ. يەنى 20 نومۇرلۇقتىن ئىككى چوڭ سوئال چىقىرىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار بۇ ئككى تۈردىكى سوئالدىن تاللاپ پەقەت  بىرىگىلا جاۋاپ بېرىدۇ.  
2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالىنىڭ قىيىن-ئاسانلىق نىسبىتى 1:2:7 نىسبەت بۇيىچە بولىدۇ. يەنى قىيىن سوئال تەخمىنەن %70، ئوتتۇرىھال سوئال تەخمىنەن %20، ئاسان سوئال %10 ئەتراپىدا بولىدۇ.  
ئىمتىھاندا پايدىلىنىش دائىرىسى  
(1) 2008 - يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تۈزۈپ، نەشر قىلىپ تارقاتقان تىل-ئەدەبىيات«زۆرۈر دەرسلىك»(1-،2-،3-،4-،5-كىتاب)نىڭ «ئوقۇش ۋە ھوزۇرلىنىش» بۈلىكىدىكى ئوقۇش تېكىستلىرىدىن باشقا بارلىق مەزمۇنلار؛ «ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش»، «ئۇيغۇرتىلى»، ۋە «ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش » تېمىسىدىكى بارلىق مەزمۇنلار.  
(2) تىل-ئەدەبىيات «تاللانما دەرسلىك»لەردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر تۈرى بىلەن قوللىنىش تۈرىدىكى ماقالىلەرگە موناسىۋەتلىك دەرستىن سىرتقى ماقالە ئەسەرلەر.  
(3) تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ قۇراللىق خاراكتېرى بىلەن گۇمانىتارلىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش، تەھلىل قىلپ ئومۇملاشتورۇش ئىقتىدارىنى شۇنداقلا  ئۇلارنىڭ قوللىنىش قابىلىيىتى ، ئىزدىنىش قابىلىيىتى  ۋە ئىستېتىك قابىلىيىتىنى سىناشقا موناسىۋەتلىك ماقالە-ئەسەرلەر.  
(4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدىغان، تەلىم- تەربىيە خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ھەرخىل ماتىرياللار.   
5) ئۇلارنىڭ ساغلام، توغرا قىممەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولالايدىغان ماتىرىياللار.  
كۆپچىلىككە رەخمەت!  
2012.12.18

123

تېما

62

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
4705 سەر
تىللا
586 دانە
تۆھپە
5336 سەر
شۆھرەت
3267 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:22:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 12:25  

ياخشىمۇ سىز mamatjan74  ئەپەندىم؟
تېمىڭىز بەك ياخشى تېما بولۇپتۇ ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بىر قېتىملىق مانۋىر بولۇپ ، پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى تېمىكەن بارلىق كەسىپداشلار نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىزگە .
   جاپا چركىپسىز ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

0

تېما

0

دوست

42

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
7 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
6 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 16:10:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز بەك ياخشى تېما بولۇپتۇ ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بىر قېتىملىق مانۋىر بولۇپ ، پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى تېمىكەن بارلىق كەسىپداشلار نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىزگە .

40

تېما

2

دوست

1523

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
191 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
925 سەر
شۆھرەت
102 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 17:07:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزۈت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە قەرزدار .

183

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2241 سەر
تىللا
521 دانە
تۆھپە
4238 سەر
شۆھرەت
2129 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 18:02:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بىر قېتىملىق مانۋىر  بولغۇدەك
مەرھابا يېڭى يىل

43

تېما

14

دوست

4110

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
977 سەر
تىللا
197 دانە
تۆھپە
937 سەر
شۆھرەت
672 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن . تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ مۇشۇنداق ماتىرىيالى ئۇچراپ قالسا  ئايىمىغايسىز !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

40

تېما

2

دوست

1523

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
191 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
925 سەر
شۆھرەت
102 سەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ مۇشۇنداق ماتىرىيالى چىقماسمىكىن دەيمەن . تولۇقسىزدا ئىچكىرىگە بالا يەتكۈزۈش مۇھىم تۇرسا ، تىل-ئەدەبىيات تەكرارغا ئائىت بۇنداق ئىزاھات ۋە لىكسىيەلەر تۈزۈلۈپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنامدۇ دەيسىز ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-1-19 04:48, Processed in 0.265598 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش